You Are Here: Home » ئومۇمى » ئاكا-ئۇكا موسابايۇپلار روھىدىن ھازىرقى مىللى كارخانىچىلىرىمىزغا بىر نەزەر – مىجىت لېتىپ (لېكسىيە)

ئاكا-ئۇكا موسابايۇپلار روھىدىن ھازىرقى مىللى كارخانىچىلىرىمىزغا بىر نەزەر – مىجىت لېتىپ (لېكسىيە)

1603502yuuzd05f6n26bn6

 

مىجىت لېتىپ

 

–   ئاكا-ئۇكا موسابايۇپلار روھىدىن ھازىرقى مىللى كارخانىچىلىرىمىزغا بىر نەزەر

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قانىلى: http://www.youtube.com/watch?v=NrkKwHpCCYM&list=PLABUhtscwu6H7cRe8HrbpdkddtfM4dQnh

 

 http://v.youku.com/v_show/id_XNDk3MjIwNjE2.html

 

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا كەڭ جامائەتچىلىككە 3-قېتىملىق لېكسىيە بېرىلىدۇ.

 

لېكسىيە تېمىسى: ئاكا-ئۇكا موسابايۇپلار روھىدىن ھازىرقى مىللى كارخانىچىلىرىمىزغا بىر نەزەر

 

لېكسىيە بەرگۈچى: جامائەت ئەربابى، داڭلىق كارخانىچى ۋە ئادۋۇكات، شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى ياجىفېڭ سودا سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە باش دېرىكتورى مىجىت لېتىپ ئەپەندىم

 

رىياسەتچى: ئەزىزى

 

ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

 

ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى

 

ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى  شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى

مىجىت لېتىپنىڭ تەرجىمھالى

        مىجىت لېتىپ 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1960-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەب ۋە 5- ئوتتۇرا مەكتەبتە ئوقۇغان. 1970-يىلى تولى ناھىيەسىگە قايتا تەربىيلىنىشكە چۈشكەن. 1971-يىلى 3-ئايدا تولى ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا سېخ مۇدىرى ۋە زاۋۇت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1980- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئېلىكترون تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلگەن. 1982-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئۈگرە چۆپ زاۋۇتىغا يۆتكىلىپ سېخ مۇدىرى، تېخنىكا بۆلۈم باشلىقى، سېتىش-سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا  مەسئۇل مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ۋە زاۋۇت باشلىقى بولغان. 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى ۋە شاڭگاڭ پېيخۇۋا مائارىپ پوندى جەمئىيىتىنىڭ كۇرسىدا چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان. 2000-يىلى مەزكۇر كارخانا ئىسلاھ قىلىنىپ پۇقراۋى كارخانىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسلىك ۋە باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2001-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ ئونىۋېرستېتىنىڭ چوڭلار مائارىپى جۇڭگو ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق 1996-يىلى مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەن ۋە 1997-يىلى كەسپى ئادۋۇكاتلىق كېنىسكىسىنى ئالغان. مىجىت لېتىپ ئەپەندىم ھازىر شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى ياجىفېڭ سودا سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە باش دېرىكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ.

http://www.bilkuch.com/uy/index.php/Kutupxanimizxewerliri/2013/04-12/9.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top