• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا – ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد

سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا – ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد

ئانا

سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا

 

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد

 

 

رەنجىمىگىن ئانا مېنىڭدىن،

بۇلالمىدىم يېنىڭدا سېنىڭ.

پۇت-قولۇڭنىڭ مادارى كېتىپ،

ئاجىزلىغان ۋاقتىدا تېنىڭ.

 

ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ ،

دىمىقىمغا ھېدلىرىڭ كېلەر.

سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا،

ئانا ۋەتەن بۈيۈك نەقەدەر!

 

ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقە،

قۇم ئاقىدۇ تەننىڭ ئىچىدە.

چۈشلىرىمنى تۇقۇيسەن ئانا،

ئەسلىمىگە تولغان كېچىدە.

 

تۇنۇمايمەن قۇياش ئاينىمۇ،

مەن ياشىغان ناتۇنۇش ئەلدە.

ئانا ۋەتەن دېگەن بۇ سۆزنى،

چۈشەنمەيدۇ ھېچكىم بۇ يەردە.

 

قەرىزىم يوق بىركىمگە مېنىڭ،

قەرىزدارمەن پەقەت ۋەتەنگە.

نامىزىڭدا دۇئا قىل ھەردەم،

تەلىيى يوق بەخىتسىز ئەلگە.

 

بەختى قارا ئەلنىڭ پەرزەنتى،

يايرىيالماس ئىچىدىن كۈلۈپ.

ئەي بەخىتلىك يەرنىڭ ئەرلىرى،

كۈلكەلڭلاردىن بېرىڭلار سېتىپ.

 

ئىزىمىز بار ئىدى تارىخنىڭ،

نۇر چاقنىغان تۇنجى بېتىدە.

قاغىش تەككەن قارا زاماندا،

ئۈشۈك تەگدى ئەلنىڭ بەختىگە.

 

كۆك ئاسمانغا تىكىلىپ ئانا،

ئاي، يۇلتۇزنى كۆرۈپ ھاردىڭمۇ؟

ئاسمانلىرىم ئايسىز بولسىمۇ،

كۆز نۇرۇم بار ئۇندا مېنىڭمۇ!

 

رەنجىمىگىن مېنىڭدىن ئانا،

‘ بارالمىدىم يېنىڭغا يوقلاپ،

ئەل ئۈمىدى سېنىڭ ئۈمىدىڭ،

يۈرۈكىمگە قالدى ئۇ ئورناپ.

 

-2010يىلى-12ئاينىڭ -5كۈنى ستوكھولىم.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top