• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » «ياقۇپ بەگ ئەلچىسىنىڭ ئوسمانلى سۇلتانىغا يازغان خېتى» ھەققىدە

«ياقۇپ بەگ ئەلچىسىنىڭ ئوسمانلى سۇلتانىغا يازغان خېتى» ھەققىدە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Yakuphanئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىكى سىياسىي تارىخى، بولۇپمۇ رۇسىيە-قەشقەرىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە قەشقەرىيە-بېرتانىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان قىزىقارلىق تېما سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنماقتا. بۇ مەسىلىلەر بويىچە يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم رۇسىيە تارىخچىلىرى چار رۇسىيە ئارخىپلىرى بويىچە يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئېلان قىلماقتا. قەشقەرىيە ھەققىدە 19-ئەسىردە قەشقەرگە بارغان چار رۇسىيە ئەلچىسى كۇروپاتكىن مەخسۇس كىتاب يازغان ئىدى.

رۇسىيەنىڭ، مەخسۇس ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتىشەھەر دۆلىتىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا ئائىت رۇسىيە دۆلەت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان تارىخىي ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىر ۋاسىلىيېۋ يېقىندا ياقۇپ بەگنىڭ ئەلچىسى سەيىد ياقۇپ خان تۆرىنىڭ ئوسمانلى سۇلتانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا يوللىغان قەشقەرىيەنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكتور ۋاسىلىيېۋ رۇسىيەنىڭ «مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا» تورىدا «ئىستانبۇلدىكى قەشقەر ئەلچىسىنىڭ سۇلتانغا يوللىغان چىننىڭ ھۇجۇمى ۋە ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ يوقىلىشىغا ئائىت دوكلاتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، كونا ئوسمانلىچە يېزىلغان مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ترانسكرىپسىيەسى ۋە رۇسچە تەرجىمىسىنى تونۇشتۇردى شۇنىڭدەك ئەلچى سەيىد ياقۇپ خاننىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ياقۇپ بەگنىڭ ئەنگىلىيە، رۇسىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە ئەلچىلىك خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرغان ۋەكىلى سەيىد ياقۇپ خان تۆرە 1879-يىلى ئىستانبۇلدا ئوسمانلى سۇلتانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى ھەم جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ «ئىچكى زىددىيەت ۋە ئۆز-ئارا ئۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. سەيىد ياقۇپ خان ئوسمانلى سۇلتانىغا يازغان دوكلاتىدا «ياقۇپ خان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەختىگە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەك قۇلى ۋارىسلىق قىلدى، بىراق خوتەن ۋالىسى نىياز ھېكىم بەگ قىيىن ۋەزىيەتنى كۆرگەندىن كېيىن، خوتەننى مۇستەقىل ئىدارە قىلىش پۇرسىتى كەلدى دەپ بىلىپ، ئىسيان كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېيىن تۇرپان ۋالىيسى ھاكىم خان تۆرە ئىسيان كۆتۈردى، بەك قۇلى بۇ ئىسيانلارنى باستۇردى» دەپ يازغان. ئارقىدىن، سەيىد ياقۇپ خان يەنە خاقانى چىننىڭ ئۈرۈمچىگە ۋە باشقا جايلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يازغان ھەمدە قەشقەرىيەگە ھۇجۇم قىلغان خاقانى چىن قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكەر سانىنى 80 مىڭ دەپ ئاتايدۇ.

قەشقەرىيىگە ھۇجۇم قىلغان مانجۇ-چىڭ قوشۇنىنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار بار بولۇپ، خىتاي تارىخچىلىرى ئارىسىدا 70-80 مىڭ دېگەن سانلىق مەلۇمات بار. رۇس ئالىملىرى ئارىسىدا 60-70 مىڭ دېگەن ئۇچۇرمۇ مەۋجۇت. ئەمما ئۇيغۇر تارىخچىسى داۋۇت ئىسىيېف بولسا 90 مىڭ دېگەن سانلىق مەلۇماتنى ئىشلەتكەن. ھەتتا بەزىلەر 90 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

سەيىد ياقۇپ خان يەنە قەشقەرىيەنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ 24 ئۆلكىسى بارلىقى، نوپۇسىنىڭ بەش مىليون ئىكەنلىكىنى، زېمىنىنىڭ ناھايىتى باي ۋە مۇنبەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇ، دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، چىڭ قوشۇنلىرىنى قەشقەرىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ، بېسىم قىلىشىنى سورىغان. ئۇ بۇ ھەقتە : «قەشقەر ئەمىرى سۇلتاننىڭ نامىدا قۇتبى ئوقۇدى ۋە ئۇنىڭ نامىدا پۇل قۇيدۇردى. قەشقەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ، شۇڭا ئالىيلىرى خاقانى چىن ئىمپېراتورىنى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان ۋە خاقانى چىن ھاكىمىيىتىگە قايتا ھۇجۇم قىلىشقا يول قويمايدىغانلىقنى چۈشەندۈرگەن بولسىلا» دەپ يازغان.

دوكتور ۋاسىلىيېۋنىڭ ئېنىقلىشىچە، نېمە سەۋەبتىندۇر، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بۇ تەلەپكە جاۋاب بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، سەيىد ياقۇپ خان تۆرە ئەسلى تاشكەنتلىك بولۇپ، ئۇ 1823-يىلى تۇغۇلغان، 1865-يىلى قوقان خانلىقىنىڭ ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىدى. ئۇ، ئوسمانلى خانىدانلىقىدىن قوقان خانلىقى بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ياردەم سورىغان.

سەيىد ياقۇپ خان 1869-يىلىدىن كېيىن ياقۇپ بەگ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ياقۇپ بەگ بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ 1872-يىلى ياقۇب بەگ تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن ھەمدە قەشقەرىيە بىلەن ئوسمانلى ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىگناتېف ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى بىر قاتار پائالىيەتلىرى ۋە مەقسىتىنى ئېنىقلاپ تۇرغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانلى سۇلتانىغا بەيئەت قىلىشى ۋە ئوسمانلىنىڭ قەشقەرىيەگە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى، شۇنىڭدەك بېرتانىيەنىڭ قەشقەرىيە بىلەن تۈزگەن شەرتنامىلىرى ۋە ھەربىي ياردەملىرىنى دائىم ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك ھېس قىلغان.

رۇسىيە ئەلچىسى بۇ ھەقتە مەخپىي ئۇچۇر توپلاپ، سانكىت-پېتېربۇرگتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گورچاكوف ۋە ئىمپېراتور ئالېكساندىر ئىككىنچىگە يوللاپ تۇرغان. ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە ئەڭ ئەندىشە قىلغىنى ياقۇپ بەگنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى ئىدى.

تارىخىي مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، سەيىد ياقۇپ خان پىشقان دىپلومات بولۇپ، ئۇ 1873-يىلى، ياقۇپ بەگنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە پېتېربۇرگدا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيەنىڭ يەتتەشەھەر دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. كورېيە تارىخچىسى كىم خوڭدۇڭنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتى ھەققىدىكى كىتابىدا يېزىشىچە، ئۇ، 1877-يىلى، لوندوندا زىيارەتتە بولۇپ، بېرىتانىيە تەرەپ بىلەن ئۇچراشتى، ئۇ ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ لوندوندىكى ئەلچىسى گو سۇڭتاۋ بىلەنمۇ ئۇچرىشىشقا ھەرىكەت قىلغان ئىدى. ئۇ، بۇ جەرياندا لوندوننىڭ ئارىغا چۈشۈپ، ياقۇپ بەگ ھۆكۈمىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئىدى.

ئاپتۇرى: ئۈمىدۋار

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش