• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ھەقىقى مۇھەببەت – “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر- 11

ھەقىقى مۇھەببەت – “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر- 11

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سۆيگۇنۇم جانىمسەن مۇھەببىتىم يانا،

بىر قەدەمچىلىك تۇپراق بوپتىمەن ساڭا.

مەزھەبىم ئاشىق، سەندىن كۆردۇم ئالەمنى،

سەنسەن ئەلبەت جان كۆزۇم بىر ماڭا قارغىنا !

بىرسى مۇھەببىتىنىڭ ئىشىكىنى چەكىپتۇ،

مۇھەببىتى: “ئىشىكتىكى كىم؟ جاۋاپ بەر” دەپتۇ.

“مەن” دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.  “مەن” دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان مۇھەببىتى مۇنداق دەپتۇ:

“ماڭ كەت!  ھازىر ۋاختى ئەمەس. بۇ يەرگە پىشقان كۆڭۇل كېرەك، خام ئەمەس.

چۈنكى سەندە بارلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار. ساڭا ئوتتىن باشقا ياخشى بىر يەر يوق.

خاملىقتىن قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن، ئايرىلىش ئوتىدا كۆيۇشۇڭ كېرەك.” دەپتۇ.

ئۇ بىچارە كېتىپتۇ. بىر يىل پىقىراپ يۇرۇپتۇ. مۇھەببىتىنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ بولۇپ كۆيۇپتۇ.

ئايرىلىش ئوتىدا كۆيۇپ-پىشقاندىن كېيىن، مۇھەببىتىنىڭ دىيارىغا قايتىپ كەپتۇ.

بىر كۈنى ئاغزىمدىن خاتا بىر سۆز چىقىپ كەتمىسۇن يەنە دەپ قورقۇ، ئەندىشە ۋە ئەدەپ ئىچىدە سۆيگۇسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ.

ئۆيدىن”كىم؟” دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.

ئاۋازنى ئاڭلىغان يىگىت:”بۇ ئاۋاز سېنىڭ ھوزۇرىڭدىندۇر” دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

مۇھەببىتى:” كەل، ئىچەرىگە كىر. چۈنكى بۇ يەرگە ئىككىلىك پاتمايدۇ.

ھەي مېنىڭ ھالىمغا ئوخشايدىغان، كەل.  باغچىدىكى گۈل بىلەن تىكەندەك ئايرىملىقىمىز يوق. بىز بىر بولغان يىپتەك” دەپتۇ.

ھېكمەتلەر:

يىڭنىدىن ئىككىگە ئايرىلغان يىپ ئۆتمەيدۇ. يىڭنېنىڭ تۆشۇگى يالغۇز بىر.

يىپ بىلەن يىڭنېنىڭ بىر مۇناسىۋېتى بار.

تەڭرى:”تۆگە يىڭنېنىڭ تۆشۇگىدىن ئۆتمىگىچە جەننەتكە كىرەلمەس” دەپ بۇيرىدى.

پەرھىز ۋە ئەمەللىرى بولغان تەغدىردىمۇ، تۆگىنىڭ جىسمى قانداقمۇ يىڭنېنىڭ شۇنداق كىچىك تۆشىگىدىن ئۆتەلەيدۇ؟ بۇ پەقەت تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەر ئىمكانسىز ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

ھەر ئىمكانسىزلىقنى ئۇنىڭ قۇدرىتى مۇمكىن قىلىدۇ. ھەر خۇيسىزنى غەزىپى بىلەن ئىتائەتكار قىلىدۇ.

شەكىلسىز ۋە كۆرۇلمىگەن يوقلۇق، ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق بولۇشقا مەجبۇر.

مەيلى ئىككى پۇتلۇق، مەيلى تۆت پۇتلۇق، ئاياقداش بولغان كىتەر.

ئىككى تىللىق قايچىدەك بولغان، ئەمما بىللە كىتەر.

كۆڭۇل كۆكسىمىز سىرىمىزنىڭ غەزىنىسىدۇر. چۈنكى،”مۇمىن، مۇمىننىڭ ئەينەكى”.

يىگىتلەر پادىشاھنىڭ سولدا تۇرىدۇ. چۈنكى يۇرەك سول تەرەپتە.

ئالىملار پادىشاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە. چۈنكى خەت يازغان ئوڭ قولدۇر.

سوپىلارنىڭ يېرى ئالدىدا، چۈنكى ئۇلارنىڭ جانى ۋە قەلبى بىر ئەينەكتۇر.

ھېكمەت سۇرېتىنىڭ ئۇ ئەينەكتىن كۆرۇنۇشى ئۈچۈن، كۆڭۇللەر زىكىر ۋە پىكىرلەر جۇلالانغان بولۇشى لازىم.

ئەينەكمۇ يارىتىلىشى ئېسىل بولغان گۈزەل تۇغۇلغاننىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇشىنى ئىستەيدۇ.

گۈزەل يۇز ئەينەككە ئاشىقتۇر. جاننىڭ جۇلاسى كۆڭۇللەرنىڭ تاكۋاسىدۇر.

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش