• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » بەدەن ۋە روھ – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر -21

بەدەن ۋە روھ – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر -21

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

قاغىلارنى قىش مەۋسۇمىدا ھاياجان باسېدۇ.
بۇلبۇللار مەيداندىن چىكىنىپ ئۇنېنى باسېدۇ.

بەدەن بىلەن روھ ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
بەدەن ئۆز گۈزەللىكىگە، پارلاقلىقىغا ئىشىنىپ، مەغرۇر ھالدا مۇنداق دەپتۇ:
“مەن سەندىن تېخىمۇ ئەتىۋارلىق. قاراپ باق ماڭا، ھەممە كىشى ماڭا قىزىقىدۇ ۋە مېنى ياخشى كۆرىدۇ.”

روھ بولسا بەدەنگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
“ھەي چۈپرەندە! سەن كىمتىڭ؟ مەن سەندىن ئايرىلىپ باقاي، ئۇ ۋاقىت كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن.
سىن ياخشى كۆرگەنلەر ساڭا گۆر كولايدۇ. ئىككى كۈنمۇ سېنى ساقلىمايدۇ. چۈنكى سەن چىرىپ سېسىيسەن. سېنىڭدىن چىققان سېسىقچىلىققا ھېچكىم چىدىماي، ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى ئېتىدۇ. سېنى ئۆز ۋاقتىدا ۋاي دەپ باشلىرىدا كۆتۈرگەنلەر، بۇ سېسىق بەدەندىن تىز قۇتۇلۇش ئۈچۈن سېنى توپنىڭ ئاستىغا كۆمىدۇ. سەن ئۇ چاغدا قۇرۇت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىسەن.”

ھېكمەتلەر:

روھ بولسا ئىلىم ۋە ئەقىلگە دوست بولدى. بۇنىڭ تۈركچىسى، ئەرەبچىسى يوق.

كۆڭۈل ئەينىكى پاك-پاكىز بولسا، ئۇنىڭدا سۇدىن، تۇپراقتىن باشقا سۈرەتلەر كۆرۈنىدۇ.

مەن گۈزەل بولسام، بۇنى ئۇ ئېھسان ئەيلىدى.
سەت بولسام شەيتان مېنى مەسخىرە ئەيلىدى.

ئېنىقكى گۈزەلنى ئىستەر، گۈزەللەر گۈزەلگە نېسىپ بولۇر،
ھەر جىنس جىنسىنى ئىستەر، ئىسسىق ئىسسىقنى، سوغۇق سوغۇقنى.

ئەي قۇياش! سەن گۈل باغچىسىدىن ئەمدى ئايرىلىپ، يەر ئاستىنى يورۇتقىن.
مەرىپەت قۇياشى پاتمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقىل، روھ ۋە قەلبتىن چىققان.
بەدەننىڭ ھېسسىي زۇلمەت غىزاسىغا ئەسىر،
روھلارنىڭ تۇيغۇسىغا قۇياشنىڭ ئۆزى ئوزۇق.

بەختلىك بىر بالا تۇغۇلمىغۇچە قان تاتلىق بىر سۈتكە ئايلانمايدۇ.
باقى نۇر، رەزىل دۇنيادىكى پاك سۈت، قان دەريالىرىنىڭ يېقىنلىرىدا. بۇ يەرلەردە بىر قەدەمنى خاتا باسساڭ، ئەسكىلىكلەر ئارىلىشىپ ساپ سۈت قانغا ئايلىنىدۇ.
خىيالىدا ھىلال ئاينى كۆرۈش

گۈل باغچىسى بولمىسا، بۇلبۇلغا جۇشقۇنلۇق كەلمەس،
ئەگەر قۇياش پاتمىسا، بۇلبۇلنىڭ ئۇيقۇسى زىنھار كەلمەس.
ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا، بىرقانچە مۆتىۋەر روزا ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى تاغقا چىقىپتۇ. ئۇلار تاكى روزا ئېيىدا كۆرۈنىدىغان ھىلال ئاينىڭ چىقىشىنى ساقلاپ، تاغدا تۇرۇپ قاپمۇ. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى: “ۋاي ئەنە، مەن ھېلالنى كۆردۈم” دەپتۇ ۋە تاغدىن چۈشۈپ ھەزرىتى ئۆمەرگىمۇ ھىلال ئاينى كۆرگەنلىكىنى ئىزھار قىلىپتۇ. ۋە لېكىن ئۆمەر ئۇ ھېلالنى كۆرمەپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:

“ئۇ ئاي، سېنىڭ خىيالىڭدۇر. پۈتۈن كۆك ئاسمان ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرسا، ئەجەب مەن ئۇ پارلاق ھىلال ئاينى كۆرمىدىم؟ قولۇڭنىڭ ھۆللەپ قېشىڭنى سىلا، ئاندىن قايتىلاپ كۆككە قارا!”

ئادەم ھۆل قولى بىلەن قېشىنى سۈرتۈپ نەمدەپتۇ، ئاندىن كېيىن قايتا ئاسمانغا قارىغان ئىكەن. ھىلال ئاي كۆزىگە كۆرۈنمەپتۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر يەنە مۇنداق دەپتۇ:
“شۈبھىسىزكى قاشلىرىڭدىن بىر قىل، ساڭا ئوقيادىن ئېتىلغان ئوق بولۇپتۇ. ئۇ قىل كۆزۈڭنى توسۇپ تۇرسا،
سەن ئۇنى ھىلال چاغلاپسەن “

ھېكمەتلەر:

بىر ئەگىر قىل كۆك ئاسماننىڭ پەردىسى بولسا، پۈتۈن ئەزايىڭ ئەگىر بولسا، ئۇ چاغدا ھالىڭ قانداق بولار؟

ھەممە نەرسەڭلارنى، توغرا نەرسىلەرگە ئۇدۇل توغرىلاڭلار.
توغرىلارنىڭ نۇرلىرى بار يەرلەرنى ۋەتەن دەپ بىلىڭلار.
كۆزدە غەپلەت قىلى بولدىمۇ، گۆھەرمۇ تاشتەك كۆرۈنىدۇ.

ھەرقانداق بىر ئادەم توغرا يولدا ماڭمىغانلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچىسە ھەمدە ئۇلار بىلەن دوست بولسا، ئىشلىرى خاتا بولۇپ، ئەقلى ئادىشىپ كېتىدۇ. چىن دوستلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى تىكەنلەر گۈللەرگە دۈشمەندۇر.

ئالىم ئۇيقۇدا شۈبھىسىز بىدار(ھوشيار)دۇر. ۋاي ئىسىت ئۇ نادان، بىلىمسىزلەر بىلەن دوست بولغان بىدارلارغا.
ئەقىل بىلەن ئەقىلنىڭ دوستلۇقىغا ئەسكى ئىش بىلەن ئەسكى سۆز توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئەقىل، باشقا بىر ئەقىل بىلەن بىرلەشسە كۈچلىنىدۇ. تېخىمۇ نۇرلىنىپ، يول تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
نەپسى باشقا بىر نەپسى بىلەن قوشۇلسا تېخىمۇ قاراڭغۇ بولىدۇ. يول كۆرۈلمەيدۇ.

ئەي ئوۋچى! سېنىڭ دوستۇڭ كۆزدۇر. ئۇنى ياخشى ئاسرا.
تىل سۈپۈرگىسى بىلەن كۆزگە توپا چاچما.

ياخشى ياخشىنىڭ ئەينىكىدۇر.
دوست، دائىم جاننىڭ ئەينىكىدۇر. دىققەت قىل، نەپسىڭ ئۇنى بۇلغىمىسۇن.
كۆزۈڭ ئوچۇق تۇرۇپ كۆڭلۈڭ خوش بولمىسا، بىلگىنكى قەلب كۆزۈڭ يۇمۇق دېگەن گەپ، ئۇنى ئاچ.

دۇنيادا نۇرغۇن ئەسكى خۇيلار شۆپۈكتەك گېلىڭگە چاپلىشىپ قالىدۇ. ئۇ شۆپۈك گېلىڭدە شۇنچە يىللار قالىدۇ. ئۇ شۆپۈكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ، نام-شۆھرەت، مەنسەپ ۋە مال-دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. بۇلار خۇددى شۆپۈككە ئوخشايدۇ. ئۇ ساڭا باقى ئەمەس. ئۇ گېلىڭدىلا بولىدىكەن، ئابىھايات ئىچىشىڭگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

ئادەم ئەلەيھىسسالام نەپسىنىڭ كەينىگە كېرىپ بىر قەدەمنى خاتا باستى. مۇشۇ سەۋەبتىن جەننەت جۇدالىقى بوينىغا تاقاق بولدى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن قاچتى. بىرىنىڭ سەۋەبىدىن قانچە ۋاقىت زار يىغلىدى.
گەرچە ئۇنىڭ گۇناھى بىر قىلچىلىك ئىدى. ئەمما، ئىككى كۆزدە كۆرۈنگەن قىلدى. ئادەم، ھەق نۇرىنىڭ كۆزى بولغان ئىدى. كۆزدىكى بىر قىل، چوڭ داغ پەيدا قىلغانتى.

يېگانىلىك كوچىسىدا سەن زۆھرە يۇلتۇزدەك. سۆيۈملۈكىنىڭ سايىسىدە بىر قۇياشتەك.
ئىستىقامەتتە تۇرۇپ، كۆزۈڭنى يۇمغاندا بۇنى جان دوست ئۆگىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش