• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » پاڭنىڭ كېسەل يوقلىشى – “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر(14)

پاڭنىڭ كېسەل يوقلىشى – “مەسنەۋى”دىن دۇردانىلەر(14)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


(تەرجىمە:ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

بىر پاڭ قوشنىسىنىڭ ئېغىر ئاغرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپتۇ.
پاڭ كېسەل قوشنىسىنى يوقلاپ قويۇشنى ئۆزىنىڭ ئىنسانى بۇرچى، ئادىمىيلىك ۋە ئىنسان پەزىلىتىنىڭ نامايەندىسى دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما، ئۇ ئەقلىدىن مۇنداق ئويلارنى ئۆتكۈزۈپتۇ:

“مەن بىر قۇلىقى ئاڭلىماس پاڭ تۇرسام، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قانداقمۇ ئاڭلىيالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشنام ئېغىر ئاغرىق تۇرسا، ئاغرىق كىشىنىڭ ئاۋازىمۇ ئاستا چىقىدۇ. بولۇپتۇ نە ئامال، يوقلاپ قوياي. ئۇ گەپ قىلغاندا لەۋلىرىنىڭ مىدىرلاشلىرىغا قاراپ، نېمە دەۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلارمەن ۋە يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىپ ئىش قىلسام خاتالاشمايمەن. مەن ئۇنىڭغا “ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ قوشنام” دېسەم. ئۇ ماڭا “خۇداغا يۈزمىڭ شۈكرى. ياخشى تۇردۇم” دەيدۇ ھەرقاچان. ئاندىن كېيىن نېمىلەرنى يەپ-ئىچىۋاتقانلىغىنى سورىسام. ئۇ ماڭا چوقۇم “پۇرچاق شورپىسى ۋە ياكى شەربەت” ئىچكەنلىكىنى دەيدۇ. مەن ئۇنىڭغا “ئاش بولسۇن!” دەيمەن ۋە قايسى تېۋىپقا داۋالىتىۋاتقانلىغىنى سورىسام، ئەلۋەتتە ئۇ ئوقۇمۇشلۇق، تەربىيە كۆرگەن كىشى بولغاندىكىن تەمتىرىمەيلا “پالان-پوكۇن” دەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا “ئۇ تېۋىپنىڭ قولى شىپالىق، ئايىغى ئۇلۇغ، داۋالىمايدىغان كېسىلى يوق. مەنمۇ ئۇ تېۋىپقا كۆرۈنگەن. بەكمۇ ئېسىل ئادەم. قەدىمى تەككەن يەردىن كېسەل قاچىدۇ، مەقسەت-مۇرادى ئەمەلگە ئاشىدۇ” دەيمەن.”

پاڭ ئەنە ئاشۇنداق خىياللارنى، پىلانلارنى، سورايدىغان سوئال ۋە جاۋابلارنى تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن كېسەل قوشنىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرىپتۇ.

سالامدىن كېيىن، پاڭ ئۆزى تەييارلىق قىلىۋالغان بويىچە:

“ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ قوشنام دەپ سوراپتۇ.

ئاغرىق قوشنىسى:”ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

پاڭ ئىچىدە، “ھەرھالدا ياخشى” دەۋاتىدۇ ھەرقاچان دەپ ئويلاپتۇ – دە. دەرھال
“بەك ئوبدان بولۇپتۇ، ئەلھەمدۇلىللا” دەپتۇ. ئاندىن ئۇلاپلا “نېمىلەر يەپ-ئىچىۋاتىسەن؟” دەپ سوراپتۇ.

ناھايىتى تىرىككەن قوشنىسى:”زەھەر” دەپتۇ.

پاڭ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، ئۇ چوقۇم:”پۇرچاق شورپىسى ياكى ئاق ئاش…” دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: “ئاش بولسۇن. شىپا بولسۇن.”

ئاخىرىدا يەنە “قايسى تېۋىپ داۋالاۋاتىدۇ؟” دەپ سوراپتۇ.

جىلە بولۇپ جان-پېنى چىققان ئاغرىق قوشنىسى:”ئەزرائىلغا” دەپتۇ.

پاڭ ” ھەرھالدا بىر تېۋىپنىڭ ئىسمىنى دېدى” دەپ ئويلاپ، قوشنىسىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بېرىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان ياخشى كۆڭلى بىلەن:
“ئايىغى يارىشىدۇ ئۇنىڭ. پات ئارىدا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسەن. خوش بول، كۆڭلۈڭنى راھەت تۇت” دەپتۇ ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىدىن راھەتلىنىپ، خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ.
كېسەلنىڭ كۆڭلى پاڭنىڭ سۆزلىرىڭدىن ئاچچىققا تولۇپتۇ. ئەمما، پاڭ “ياخشىلىق قىلدىم” دەپ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. پاڭ:”ئاغرىق قوشنام بىلەن پاراڭلىشىپ، قوشنىدارچىلىق ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم” دەپ خوش بولۇپتۇ. ھالبۇكى ئۆچۈك ئوتنى پۈۋلەپ، كېسەلنىڭ زەردىسىنى قاينىتىپتۇ. پاڭنىڭ ياخشى دەپ ئويلىغان قىياسى سەۋەبىدىن، ئون يىللىق قوشنىدارچىلىق ھاۋاغا ئۇچۇپتۇ.

ھېكمەتلەر:

كېسەلدىن ھال سوراش، تەسەللى ئۈچۈن.
رەسمىيەت ئۈچۈنلا قىلىنغان تەسەللى كېسەلگە دۈشمەن.
ئىبادەت قىلىۋاتقان كۈرمىڭ ئىنسان بار. ئەمما، ساداقەت بولمىسا ساۋابى يوق.
ھېس قۇلىقىڭ سۆزنى ئاڭلىيالىسىمۇ، ئەمما، غايىپكە ئائىت بولغان قۇلىقىڭ پاڭ.
يانغان ئوتتىن ھەزەر ئەيلە. گۇناھ ئۇنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.
قىياس بىلەن ھەقنىڭ ھۇزۇرىغا چىققان مەخلۇق شەيتاندۇر.
شەيتان:”ئوت، تۇپراقتىن تېخىمۇ ياخشىدۇر. مېن ئوتتىن يارالغان. ئادەم بولسا ھەق توپىدىن پەيدا بولغان” دەيدۇ. تەڭرى:” بۇ يەردە نەسىل، ئىرق داۋاسى يوق. مۇھىمى پەزىلەت، تەقۋا ۋە ئەدەپتۇر” دېدى.
ئەسكىلىكتىن ساقلانغان پاك روھ ھەممىدىن ئۇلۇغ.
تۇپراقتىن يارىتىلغاننىڭ يۈزى ئايدەك. ئوتتىن يارىتىلغاننىڭ يۈزى قاپ-قارا.
قۇشنىڭ ئاۋازىنى دورىغان بىلەن مەنىسىنى ھېچ چۈشەنمەيسەن.
سۈپەتلىرىنى قىياسلاپ، خىيالى نەرسىنى ھەقىقىي ھېسابلىما.

قەيەردە مەي ئىچسەڭ، شۇ يەردە قال! مەست چىقساڭ تالاغا، بالىلارنىڭ مەسخىرىسى ۋە ئويۇنچۇقى بولۇپ قالىسەن. ھەق مەسلىكىنى ھەممە ئادەم چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار گۆدەك بالىلارغا ئوخشايدۇ.

روھ ۋە پەرىشتىلەر تەڭرىگە قاراپ ئۆرلىسە، كۆك ئاسمانمۇ تىترەيدۇ.
نام، ئابرۇينىڭ كەيپى خىيالدۇر،
ئىسمىنى بىلسەڭ، ئىسمىنى قويغاننى تاپ.
ئەينەكنى سۈرت، ئۇنىڭدا پاك بارلىقنى كۆر.
ئەمەلگە ئاشىدۇ” دەيمەن.”

پاڭ ئەنە ئاشۇنداق خىياللارنى، پىلانلارنى، سورايدىغان سوئال ۋە جاۋابلارنى تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن كېسەل قوشنىسىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرىپتۇ.

سالامدىن كېيىن، پاڭ ئۆزى تەييارلىق قىلىۋالغان بويىچە:

“ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ قوشنام دەپ سوراپتۇ.

ئاغرىق قوشنىسى:”ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

پاڭ ئىچىدە، “ھەرھالدا ياخشى” دەۋاتىدۇ ھەرقاچان دەپ ئويلاپتۇ – دە. دەرھال
“بەك ئوبدان بولۇپتۇ، ئەلھەمدۇلىللا” دەپتۇ. ئاندىن ئۇلاپلا “نېمىلەر يەپ-ئىچىۋاتىسەن؟” دەپ سوراپتۇ.

ناھايىتى تىرىككەن قوشنىسى:”زەھەر” دەپتۇ.

پاڭ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، ئۇ چوقۇم:”پۇرچاق شورپىسى ياكى ئاق ئاش…” دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: “ئاش بولسۇن. شىپا بولسۇن.”

ئاخىرىدا يەنە “قايسى تېۋىپ داۋالاۋاتىدۇ؟” دەپ سوراپتۇ.

جىلە بولۇپ جان-پېنى چىققان ئاغرىق قوشنىسى:”ئەزرائىلغا” دەپتۇ.

پاڭ ” ھەرھالدا بىر تېۋىپنىڭ ئىسمىنى دېدى” دەپ ئويلاپ، قوشنىسىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بېرىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان ياخشى كۆڭلى بىلەن:
“ئايىغى يارىشىدۇ ئۇنىڭ. پات ئارىدا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسەن. خوش بول، كۆڭلۈڭنى راھەت تۇت” دەپتۇ ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىدىن راھەتلىنىپ، خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ.
كېسەلنىڭ كۆڭلى پاڭنىڭ سۆزلىرىڭدىن ئاچچىققا تولۇپتۇ. ئەمما، پاڭ “ياخشىلىق قىلدىم” دەپ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. پاڭ:”ئاغرىق قوشنام بىلەن پاراڭلىشىپ، قوشنىدارچىلىق ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم” دەپ خوش بولۇپتۇ. ھالبۇكى ئۆچكەن ئوتنى پۈۋلەپ، كېسەلنىڭ زەردىسىنى قاينىتىپتۇ. پاڭنىڭ ياخشى دەپ ئويلىغان قىياسى سەۋەبىدىن، ئون يىللىق قوشنىدارچىلىق ھاۋاغا ئۇچۇپتۇ.

ھېكمەتلەر:

كېسەلدىن ھال سوراش، تەسەللى ئۈچۈن.
رەسمىيەت ئۈچۈنلا قىلىنغان تەسەللى كېسەلگە دۈشمەن.
ئىبادەت قىلىۋاتقان كۈرمىڭ ئىنسان بار. ئەمما، ساداقەت بولمىسا ساۋابى يوق.
ھېس قۇلىقىڭ سۆزنى ئاڭلىيالىسىمۇ، ئەمما، غايىپكە ئائىت بولغان قۇلىقىڭ پاڭ.
يانغان ئوتتىن ھەزەر ئەيلە. گۇناھ ئۇنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.
قىياس بىلەن ھەقنىڭ ھۇزۇرىغا چىققان مەخلۇق شەيتاندۇر.
شەيتان:”ئوت، تۇپراقتىن تېخىمۇ ياخشىدۇر. مەن ئوتتىن يارالغان. ئادەم بولسا سېغىز توپىدىن پەيدا بولغان” دەيدۇ. تەڭرى:” بۇ يەردە نەسىل، ئىرق داۋاسى يوق. مۇھىمى پەزىلەت، تەقۋا ۋە ئەدەپتۇر” دېدى.
ئەسكىلىكتىن ساقلانغان پاك روھ ھەممىدىن ئۇلۇغ.
تۇپراقتىن يارىتىلغانىڭ يۈزى ئايدەك. ئوتتىن يارىتىلغاننىڭ يۈزى قاپ-قارا.
قۇشنىڭ ئاۋازىنى دورىغان بىلەن مەنىسىنى ھېچ چۈشەنمەيسەن.
سۈپەتلىرىنى قىياسلاپ، خىيالى نەرسىنى ھەقىقىي ھېسابلىما.

قەيەردە مەي ئىچسەڭ، شۇ يەردە قال! مەست چىقساڭ تالاغا، بالىلارنىڭ مەسخىرىسى ۋە ئويۇنچۇقى بولۇپ قالىسەن. ھەق مەسلىكىنى ھەممە ئادەم چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار گۆدەك بالىلارغا ئوخشايدۇ.

روھ ۋە پەرىشتىلەر تەڭرىگە قاراپ ئۆرلىسە، كۆك ئاسمانمۇ تىترەيدۇ.
نام، ئابرۇينىڭ كەيپى خىيالدۇر،
ئىسمىنى بىلسەڭ، ئىسمىنى قويغاننى تاپ.
ئەينەكنى سۈرت، ئۇنىڭدا پاك بارلىقنى كۆر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش