You Are Here: Home » ئومۇمى » مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھەققىدە

مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھەققىدە

Comments (2)

  • كەتمەنباي

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ داستاننى باش بەتكە چىقىرىپ قويۇڭلار:

    سۈزۈك سەپەر

    ‹داستان›

    ئادىل تۇنىياز

    (1)

    مەنمۇ، چۈشمۇ ئاپتوبۇستىكى؟
    بىر دەۋرمۇ ئايلىنىۋاتقان
    بىر غېرىبلىق قۇياشى ياكى؟
    ئايلانماقتا ماشىنا چاقى
    سېھىرگەرگە، قۇيۇنغا، نۇرغا،
    قارا رەڭدىن دۈگىلەك قوڭۇرغا،
    قارا يولدىن كەڭ ئىدىيىگە.
    قۇرۇقدالغان كاللام بىر لەھزە
    توختاپ قالغان روھۇم بىر دەۋر،
    يىل بىلەن يىل تەكرار پارىلداپ
    بېسىپ كىرگەن سانسىز ئاي -كۈنلەر
    قەتلى قىلىپ، قورقۇتۇپ، ئالداپ،
    مىنۇتلارنىڭ قىزىل ئىزلىرى
    ئىزدۇر گويا ۋۇجۇدۇمدىكى.
    خوش ئۈرۈمچى
    شەھەرلەر سىرتىدىكى تەنھا شەھەر
    تەنھالىقى تىل، ۋاقىت، مەرمەر.
    ئۇچۇۋاتقان تىلى دەل-دەرەخلەر،
    كۆچۈۋاتقان قۇم ۋاقىت چۆلى.
    تەشۋىشلەرنىڭ باش ئايىغى يوق
    ماڭار دېڭىز قالدۇرماي ئىز.
    پەقەتلا بىز،
    پەقەتلا بىز قۇرۇق قول، سەرسان
    يوقتۇر باشقا بارار جايىمىز.
    ئاياللار قىرغاق تەنھالىق دېڭىز
    يوقتۇر باشقا بارار جايىمىز…

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top