مارسەل پروست
مارسەل پروست (1871-1922) فرانسىيەنىڭ داڭلىق رومانچىسى، ماقالە ۋە ئەدەبىي تەتقىقاتچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى 7-توملۇق «غايىپ بولغان زاماننىڭ ئىزىدىن» ناملىق رومانلار توپلىمىدۇر. مەزكۇر رومانلار دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن مودېرنىست ئەدەبىياتنىڭ نەمۇنىچىلىرىدۇر. ئۇش بۇ رومانلاردا يازغۇچى ئىچكى مونولوگ، ئاڭ ئېقىمى ۋە پىسخولوگىيىلىك تەھلىل ئۇسۇللىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئەسەرلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ۋاقىت ۋە خاتىرە بولۇپ،ئۇ «ئىختىيارسىز ئەسلەش» ئۇقۇمى بىلەن داڭ چىقارغان.ئىنسان پىسخولوگىيەسى ۋە جەمئىيەتنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۇزىتىپ، تەپسىلى ۋە نازۇك بىر تىل بىلەن ئىپادىلىگەن. تۇزگەن جۈملىلىرى مۇرەككەپ، ئۇزۇن ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ئوقۇرمەنلەردىن سەۋرچان بولۇشنى ۋە دىققەت بىلەن ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ ۋەجىدىن مارسەل پروستنىڭ ئەسەرلىرنى ئوقۇش ئۇنچىلىك ئاساسن ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «غايىپ بولغان زاماننىڭ ئىزىدىن» ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىمدىكى رومانلىرىنى ئوقۇش، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەم ئەدەبىي ھەۋىسىگە، ھەم ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى:
1. ۋاقىتقا بولغان قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ: چۈنكى پروستنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېمىسى «ۋاقىت» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆتمۈشنىڭ ھازىرنىڭ ئىچىدە قانداق قايتا جانلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال بولسا، ئوقۇرمەندە ئۆزىنىڭ كەچمىشىگە باشقىچە بىر كۆز بىلەن قاراش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ.
2. ئىنچىكە كۆزىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ: يازغۇچى ئادەم ھەرىكەتلىرىنى، ئىجتىمائىي قاتلاملارنى ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى ناھايىتى تەپسىلى تەھلىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، ئوقۇرمەننىڭ ئەتراپتىكى ئادەملەرنى ۋە دۇنيانى تېخىمۇ دىققەتچان ۋە ھېسداشلىق بىلەن كۆزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
3. سەۋر – تاقەت ۋە چوڭقۇر ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرىدۇ: پروستنىڭ جۈملىلىرى ئۇزۇن، ئايلىنىپ كېتىدىغان ۋە كۆپ قاتلاملىق مەنىلەرگە تولغان بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر، ئوقۇرمەنگە تېز سەرپ قىلىش ئەدىتىگە قارشى تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ؛ سەۋر بىلەن ئوقۇشنى، ئويلىنىپ ھەزىم قىلىش قابىلىيىتىنى كۆچەيتىدۇ.
4. تىل ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىنى كۈچەيتىدۇ: ئەدەبىي جەھەتتىن پروستنىڭ تىلى ناھايىتى كۈچلۈك؛ مېتافورلار، تەسۋىرلەر ۋە رىتىم جەھەتتە باي بىر تەجىربە تەقدىم قىلىدۇ. بۇ، تىل سەزگۈسىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئېستېتىك ھەۋەسنى تېخىمۇ نازۇكلاشتۇرىدۇ.
5. ئۆزلۈك ئاڭنى كۈچەيتىدۇ: پروستنىڭ پېرسوناژلىرى كۆپىنچە ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سەپەر قىلىدۇ. بۇ خىل ئىچكى كۆزىتىش ھالىتى ئوقۇرمەندە ھەم ئوخشايدىغان بىر خىل چۈشىنىش پەيدا قىلىدۇ؛ ھەم ئۆتمۈش، ھېس-تۇيغۇ ۋە مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ يەتتە توملۇق روماننى ئوقۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، ئەمما بۇ قىيىنچىلىقتىن ھالقىغان ئوقۇرمەن، پەقەت بىر روماننىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دائىر يېڭى بىر تىلنىمۇ بايقىغان بولۇشى مۇمكىن.
