You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 223

ئۈمىد بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا ئۇيغۇرنىڭ ياشاش پەلسەپىسى

( ھەبىبۇللا ئابلىمىت ) »مەن ھاياتىمدا مۇنداق بىر پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ كەلدىم: ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييار تۇر؛ ئەڭ ياخشىسىنى كۈت؛ نېمە كەلسە، شۇنى قوبۇل قىل.» ھەننا ئارېندت (Hannah Arendt) ئىنسان ھاياتىدا ئۈمىد بىلەن ئەندىشە، ئارزۇ بىلەن رېئاللىق دائىم تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۆز كىملىكىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى قەدىرلەيدىغان ئۇيغۇر ئۈچۈن، ھاياتقا بولغان بۇ خىل پەلسەپىۋى پوزىتسىيەنىڭ ئ ...

Read more ›

دېڭىز دېگەن نېمە؟ مۇھەببەت دېگەن نېمە؟

دېڭىز دېگەن نېمە؟ مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ تۈگىمەس بوشلۇقلاردا دولقۇنلىنىپ، ئۇلۇغ ھەرىكەتلەرنىڭ سىرىنى باغرىغا يوشۇرغان، تاشقىن بىلەن يېنىشنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي نەپەس ئېلىۋاتقان، ئۇيقۇدىكى بىر بەدەنمۇ؟ ياكى ئۇ، بىزگە شۇنچە يېقىن كېلىدىغان، قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان قۇمساھىل ئۈستىدە كۆك بىر يۈرەك بولۇپ سوقىدىغان، سۇلارنىڭ ھاۋاغا ئايلىنىپ، ئاق كۆپۈكلەر بولۇپ پىچىرلايدىغان شۇ سېھىرلىك مەنزىرىمۇ؟ مۇھەببەت دېگەن ب ...

Read more ›

پەلسەپە — ئەركىنلىككە ئېلىپ بارىدىغان پىكىر يولى.

  ئاپتور: ھەبىبۇللا ئابلىمىت بىز ئۇيغۇرلار پەلسەپىگە سۇ بىلەن نانغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق. سۇ تەننىڭ ھاياتى ئۈچۈن قانچىلىك زۆرۈر بولسا، پىكىرنىڭ ھاياتى ئۈچۈن, پەلسەپەمۇ شۇنچىلىك زۆرۈردۇر. نان تەننى قۇۋۋەتلىسە، پەلسەپە ئىنساننىڭ روھىنى ۋە پىكىرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان پەقەت ياشاش بىلەنلا ئىنسان بولمايدۇ؛ ئۇ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قەدىرىيىتىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسى ...

Read more ›

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان ھەققىدە ئەدەبىي ئوبزور

ھەبىبۇللا ئابلىمىت «ھاياتتىن سورا» رومانى تەسىرلىك، چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە ۋە ئوقۇرمەننى روھىي جەھەتتىن لەرزىگە سالىدىغان ئەسەردۇر. ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى بەزى جايلاردا ئاسان ئەمەس؛ چۈنكى رومان پەقەت بىر ۋەقەنى بايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى قاراڭغۇ قاتلاملارغا، ئازاب، گۇناھ، يالغۇزلۇق ۋە مەۋجۇتلۇق سوئاللىرىغا باشلاپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسەر ئەدەبىي ۋە ئىنسانىي كۈچى بىلەن ئوقۇرمەندە ...

Read more ›

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (15)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئاكامنىڭ مەركىزى شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان ئاغىنىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇرتىغا تەتىلگە كەلگەن مەزگىل بولغاچقا، سېنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەممسى دېگۇدەك كەپتۇ، چوڭ كوچا ۋە تار كوچىلار دەمنە مۇراسىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ماشىنلىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈن جۈمە كۈنى بولغاچقا سېنىڭ مېيىت نامىزىڭنى يېنىمىزدىكى مەسچىتە جۈ ...

Read more ›

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top