جۇمھۇرىيەت روھى
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت
12-نويابىر مىللىي داۋا ۋە كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام مەنبەسى، يولىمىزنىڭ مەشئىلى، سىياسىي تارىخىمىزنىڭ ئونتولوگىيىلىك ۋە ئېپىستېمولوگىيىلىك بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان ئىككى جۇمھۇىيەتىمىزنىڭ تەۋەللۇت كۈنى. خەلقىمىز ھۆررىيەت ۋە مۇستەقىللىق ئىستەك، تەلەپ ۋە ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان كۈن. ئەجداتلىرىمىز ”قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ“ قۇرغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ روھىنى ياشىتىش ۋە جانلاندۇرۇش مىللىي داۋامىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرلەش ۋە قۇتلۇقلاش ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ۋەزىپىسى.
1933 – يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋە 1944-يىلى 11 – ئاينىڭ 12- كۈنى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت گېئو-سىياسىي ۋە گېئو-ستراتېگىيىلىك سەۋەپلەر، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلى ئۇزۇن ياشىيالمىغان ياكى ياشىتىلمىغان بولسمۇ، دۆلەت گرىبى، دۆلەت بايرىقى (ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق) ۋە دۆلەت گېمىدىن ئىبارەت مۇستەقىللىق سىمىۋوللىرىنى ۋە جۇمھۇرىيەت ئېڭىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى داۋامىز ۋە مىللىي كۈرىشىمىز مۇشۇ مىراس ئاساىدا داۋاملاشماقتا. بىز بۇ قۇتلۇق كۈننى خاتىرلىگەندە، ئەلۋەتتە ئەركىنلىك ئۈچۈن، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ۋە جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن سۇدەك قان تۆكۈپ ئەزىز جانلىرىنى بېغىشلىغان ئەجداتلىرىمىزنى، قەھرىمانلىرىمىزنى، جەننەت ماكان شېھىتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
ئەجداتلىرىمىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ مەجۇدىيىتى، ئەركىنلىكى ۋە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە شان-شەرەپ ئىگىسى بولۇپ ياشىشى ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىنى تاللىۋالغان ئىدى. ئەپسۇسكى، يېقىنقى سىياسىي تارىخمىزدا سىياسىيونلىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز، شائىرلىرىمىز ۋە زىيالىي ئالىملىرىمىز خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ، خىتاي ھاكىميىتىنىڭ، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ تەبىىتى ۋە خاراكتېرىنى تونۇپ يېتىشكە ئۈلگىرەلمەي چىرايلىق ۋەدىلىرىگە، ئىچى بوش ساختە تەلەپپۇزلىرىغا ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ ئېغىر مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولدى. لۇتپۇللا مۇتەلىپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىبرەتلىك ئۆرنەكلەرنىڭ بىرى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ”جۇڭگو“، ”جۇڭگو“ دەپ شېئىر يازغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلالمىدى. نىمشېھىتنىڭ بېيجىڭدىكى ”دىلبىرى“ شائىرغا رەھىم قىلىپ قويمىدى. ”بۈيۈك جۇڭگو“، ”يېڭى جۇڭگو گۈلىستانى“ شائىرلىرىمىزغا زىندان، خەلقىمىزغە جەھەننەم بولدى. ”جان ئانام، جانان ئانام جۇڭگو“ دېگەنلەرگىمۇ كومپارتىيە پىسەنت قىلىپ قويمىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ”ئاپتونومىيە“ دېۋىدى ئۆمۈر بويى قاماققا مەھكۇم بولدى. ئۆزلىرىنى ”ئۇيغۇر“ ياكى ”مۇسۇلمان“ دېگەنلىكى ئۈچۈن مىليونلىغان خەلقىمىز بۈگۈن لاگىرلاردا، تۈرمىلەردە ئازاپ چېكىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
ھەممىگە مەلۇمكى، خىتاينىڭ قۇرغۇچىسى سۇن جوڭشەن مانجۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپ خىتاينى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىرقچى شۇئار بىلەن سىياسىي سەھنىگە چىققاندىن كېيىن خيتايدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىپ بۈيۈك بىر مىللىي دۆلەت (Nation State) بەرپا قىلىش پروجېكتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مىللەت (Nation) نى خىتايلاردىن ئىبارەت دەپ قوبۇل قىلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ماۋجۇدىيەتىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى. خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى سۇن جوڭشەننىڭ مۇشۇ ئىرقچى چۈشەنچىسى ۋە نىشانى بويىچە بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ سىياسەت ھېچبىر ۋاقىت ئۆزگەرمىدى. شىجىنپىڭ 2016-يىلى سۇن جوڭشەننىڭ 150-تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە خىتاي كومۇنسىتلىرىنى سۇن جوڭشەننىڭ ”ئەڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى“، ”ئەڭ سادىق مىراسچىلىرى“ دەيدۇ. بۇ خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئۇنىڭ يولىغا، جۈملىدىن ئاسىمىلاتسىيە نەزەرىيەسىگە ھازىرمۇ سادىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى گومىنداڭ بولسۇن، مەيل گونچەنداڭ بولسۇن ئاسىمىلاتسىيە خاراكتېرلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى خەلقئارالىق ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنىڭ تەققازاسىغا قاراپ پراگماتىك ۋە پوپۈلىست بىر شەكىلدە تەتبىقلىغان، ئەينى ۋاقىتتا خەلقىمىزنى ”مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى“، ”مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى“، ”مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكى“ دېگەندەك كىشىنى جەلپ قىلىدىغان چىرايلىق تەلەپپۇزلار بىلەن ئالدىغان بولسا، بەزىدە ”مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى“، ”مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقى“ دېگەندەك تەلەپپۇزلار بىلەن خەلقىمىزنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش نىيىتىنى يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان نوپۇس، مەدەنىي-مائارىپ ۋە دىن سىياسىتى خىتاينىڭ ھەقىقىي نىيەت ۋە مەقسىتىنى ئاشىكارلاپ تۇرسىمۇ، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ ھەقىقەتنى كۆرەلمىدۇق ياكى كۆرۈشنى خالىمىدۇق.
ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقۇقى خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىقى ئىدى. ئاسىمىلاتسىيەنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيەنى بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمىدۇق. بەزىلىرىمىز خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا ئىشىنىپ بۇ ئاپتونومىيەنى قوبۇل قىلغان بولساق، بەزىلىرىمىز ئاپتونومىيە نىشان ئەمەس، ۋاستە دېگەن چۈشەنچە بىلەن بۇنى مۇستەقىللىق نىشانىغا يېتىشتىكى بىر قەدەم ۋە ئارا باسقۇچ دەپ قارىدۇق. خىتايلار بىزنى، بىز ئۆزىمىزنى ئالداپ ئۆتتۇق. مانا بۈگۈن خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى پۈتۈنلەي ئاشىكارلاندى. خىتاينىڭ پۈتۈن سىياسەتلىرىنىڭ سۇن جوڭشەننىڭ پروجېكتى بويىچە پلانلىق، سېستىمىلىق، باسقۇچلۇق، كۆپ تەرەپلىمىلىك، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەتبىقلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. ھازىرقى ئاتالمىش ”تەربىيەلەش مەركەزلىرى“ بولغان جازا لاگىرلىرىمۇ مانا مۇشۇ رەزىل سىياسەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىدى. خىتاينىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى سەكراتقا چۈشكەندە چۈشىنىشكە باشلىغان نىمشېھىت ”پېقىرنىڭ ئىقرارى“ ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:
پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قاخشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەن-يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قان شوراپ چاقتى-زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاق-قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
* * * * *
بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزاردىن بۇلبۇللىرى،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەزگە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى،
ۋەتەنسىز بولدى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىم-يېتىمە تۇللىرى،
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىژدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
* * * * *
ۋاھ… ئەجەپ قۇش ئۇۋىسىدا شۇم يىلان ”مېھمانىكەن“،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەرەز پىنھانىكەن،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۇق ھىلىگەر دەۋرانىكەن،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن؟!…
زەپمۇ پاتتى بۇغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك.
ھالبۇكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان زىھنىيەت ۋە ئىرادە بۇ نەتىجە ۋە ئاقىۋەتنى ئاللىقاچان ھېساپلىغان ۋە يا ئىستىقلال يا ئۆلۈم دېگەن شۇئار بىلەن يولغا چىققان ئىدى. لېكىن جەمئىيەتتە مەپكۇرە بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغانلىقى، ئەينى چاغدىكى دۇنيا سىياسىي سېستىمىسىنى، كۈچ مەركەزلىرىنى، خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ئانالىز قىلالمىغانلىقى، سىياسەت تىلىنى، دىپلوماتىيەنىڭ ئىنچىكىلىكلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن جەڭ مايدانىدا غەلبە قازانغان بولسىمۇ، ئۈستەل بېشىدا مەغلۇپ بولغان ئىدى. خەلقىمىز بۇنىڭلىق بىلەن ئەركىنلىكتىن، مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن يانمىدى، 72 يىلدىن بېرى ھەر خىل شەكىل، ئۇسۇل ۋە يوللار بىلەن كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. 1990- يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بارىندا، 1997-يىلى 2- ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجىدا ۋە 2009 – يىلى 7- ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە بۇ ئىرادىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايەن قىلدى.
ھازىر شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى خەلقئارالىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە تېخنولوگيىلىك تەرەققىياتىنىڭ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ بېسىمىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. يېڭى دۇنيا تەرتىپى شەكىللىنىپ بولمىغان داۋالغۇش ئىچىدىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەغدىرى ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھالقىلىق مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى توغرا يولغا يېتەكلەش، بۇ داۋانى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۇشيار بولۇشقا، خەلقئارالىق ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشىنىشكە، پۇرسەت ۋە ئىمكانلاردىن تولۇق ۋە ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشقا، كۈچ مەركەزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆلچەم ۋە تەڭپۇڭلۇقنى كۆزىتىشكە، يېڭى سىياسىي تەلەپپۇزلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەپلىرىنى ئىنچىكىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ يېڭى تارىخىي باسقۇچتا ئوخشاش خاتالارنى تەكرارلىماسلىققا تىرىشىشىمىز، مىللىي مەپكۇرىنى تۇرغۇزۇپ ئورتاق روھ، ئورتاق ھىسسىيات، ئورتاق ئەقىل، ئورتاق نىشان، ئورتاق ھەرىكەت بىلەن كۈرەشنى داۋاملشتۇرۇشىمىز كېرەك.
ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. جۇمھۇرىيەت ئېڭى ۋە جۇمھۇرىيەت روھىنى ياش ئەۋلاتلارغا سىڭدۈرۈش نۆۋەتتىكى مىللى ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىل جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىسىگە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېسىشى، تەشكىلاتلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن بىرلىكتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، جۇمھۇرىيەت روھنى جانلاندۇررۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەرگە، مىللەتلەرگە ۋە جەمئىيەتلەرگە تونۇشتۇرغان بولىمىز.
مەن پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەيمەن. جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلىرىمىز ۋە شېھىتلىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن.
2021-يىلى 12-نويابىر، پىراگ