You Are Here: Home » تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەمتېلى تەۋپىق فوندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەۋپىق فوندىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى:

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ باردى. ئاخىرقى 10 ئايدىن بېرى تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن ئائىلىسىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينالماقتا.

تۈركىيەدە ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن، ياتاق ۋە تۇرمۇش راسخۇتىنى ھەل قىلالمىغان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەۋجۇت. ھەتتا ئاپتۇبۇسقا چىققۇدەك ۋە تاماق يىگۈدەك پۇلى قالمىغان ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. تۈركىيە نوپۇسنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىش تېپىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخۇتلىرىنى ئۆز قابىلىيەتلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمۇ قېيىن بولماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دەل نامرات، ئەمما ئوقۇشتا ئەلاچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، مەمتىلى تەۋپىق فوندىنى 2012 – يىلىدىن باشلاپ رەسمىي تەسىس قىلدى.
مەمتىلى تەۋپىق فوندى ئىشلىتىلىش ساھەسى: ئوقۇشى ئەلا ئەمما ئائىلە ئىقتىسادى نامىرات بولغان ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
مەمتىلى تەۋپىق فوندى ياردىمىگە ئېرىشىش شەرتى: ئوقۇشى ئەلا، ئەخلاقى ياخشى ۋە ئائىلە ئىقتىسادى نامىرات بولغان بولىشى.
ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەلۇم بىر ساھەدە پايدىلىق بولغان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قىلالايدىغان ئىشلار ھەققىدىكى پىلان – لاھىيەسى ۋە ئۇنى ئۇرۇنلاش جەريانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەۋپىق فوندىغا ياردەم قىلغۇچىلار ئۆزلىرى تەلەپ قىلمىغۇچە كىملىكى ئاشكارىلانمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەرگەن ياردىمى نەگە قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەر ۋاقىت ياردەم بەرگۈچىگە تەپسىلاتى ۋە ئىسپاتى بىلەن ۋاقتىدا بىلدۈرىلىدۇ.
ياردەم قىلىش ئىمكانى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكادېمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىئانە قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى:

1. ئىئانە ۋە بانكا ھېسابى


تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە تۈركىيە دۆلىتىگە رەسمىي ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، مىللىتىمىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي روھىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى شەخسى مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈدىغان ياراملىق ئىختىساس ئىگىللىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت قېيىن، ئۇزۇن مەزگىللىك، مۈشكۈل ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بىرسى سۈپتىدە قىلىپ كەلمەكتە.

مەمتىلى تەۋپىقنىڭ مائارىپ مەشئىلىنى تۈركىيەدە ياندۇرۇش مەقسىتىدە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قانچە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئوقۇشتا ئەلا ۋە مىللىي روھى كۈچلۈك بولغان ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تەرىپىدىن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2014-، 2015–، 2016-، 2017-، ۋە 2018- ئوقۇش يىللىرىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىھتىياجلىق بولغان 17 باكلاۋۇر، 31 ماگىستىر ۋە 14 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، جەمىئىي 62 ئوقۇغۇچىغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، يەنە 7 ماگېىستىر ۋە 23 باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 30 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئايلىق 250 لىرادىن بىر يىللىق تەۋپىق ئوقۇش ياردىمى تارقىتىلىپ بېرىلمەكتە.

2018- 2020-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا جەمىئىي تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچى سانى 73 ۋە تەۋپىق ئوقۇش ياردىمى (ئايلىق 250 لىرادىن) ئالغان ئوقۇغۇچى سانى 80 بولۇپ، جەمىئىي 153 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشتى.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن 2014–يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مەۋسۇمى بويىچە يىلدا 9 ئاي ئوقۇش مۇكاپاتى ئالدى. بۇ بەش يىلدا تارقىتىلغان تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن 148 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا يەتتى.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ باردى. ئاخىرقى بىر يېرىم يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن ئائىلىسىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينالماقتا.

تۈركىيەدە ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن، ياتاق ۋە تۇرمۇش راسخۇتىنى ھەل قىلالمىغان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەۋجۇت. ھەتتا ئاپتۇبۇسقا چىققۇدەك ۋە تاماق يىگۈدەك پۇلى قالمىغان ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. تۈركىيە نوپۇسنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىش تېپىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخۇتلىرىنى ئۆز قابىلىيەتلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمۇ قېيىن بولماقتا.

تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەل قىلىش ئاكادېمىيەنىڭ نۆۋەتتىكى جىددى ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولىۋاتىدۇ.

ئاكادېمىيە مالىيەسىدە قولدىن ماددىي ياردەم مۇمكىن قەدەر قوبۇل قىلىنماي، پۈتۈن كىرىم چىقىم بانكا ھېساباتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، مالىيە نازارەتچىلىكى جەھەتتىن قېلىپلاشقان بولغاچقا، قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مالىيەدە ھىچبىر مەسىلە كۆرۈلمىدى.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەسىس قىلغان مەمتىلى تەۋپىق فوندىغا تۆۋەندىكى ئىككى خىل شەكىلدىن قايسىسنى مۇۋاپىق كۆرسە ياردەم قىلىپ، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ خاتىرىجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مۇمكىن قەدەر ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن:

– ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن، 2018- ئوقۇش يىلىدا، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1) چوقۇم تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى
2) ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگانىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى
3) مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:
1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى Tevfik-Bursu-Başvuru-Formu
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
6. قىسقىچە تەرجىمىھالى
7. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش – تەتقىقات نىشانى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرى (نىيەت-مەكتۇبى)
8. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)
9. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر قابىلىيىتى كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)
10. ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىۋاستە ياردەم تۈرىدە ئايلىق مۇكاپات سوممىسى:

دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي تەخمىنەن 100 دوللار (تەخمىنەن 1950 تۈرك لىراسى)
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي تەخمىنەن 80 دوللار (تەخمىنەن 1550 تۈرك لىراسى)
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي تەخمىنەن 60 دوللار (تەخمىنەن 1250 تۈرك لىراسى)

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋاستىلىك ياردەم تۈرى ئايلىق مۇكاپات سوممىسى:

دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى 1950 لىرا
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى 1550 لىرا
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى 1250 لىرا

بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى مۇددىتى: يىلدا ئەڭ ئاز 8 ئاي

بۇرۇن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى يىلى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com
يانفۇن: 05306677851

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىستاتىسكىسى

يىل        ماگېستىر      دوكتۇر       باكلاۋۇر

2014        5             2              –

2015        8             2              –

2016        4             5              3

2017        5             1              4

2018        9             4              10

2019        10           5              5

جەمىئىي     41           19            22             جەمىئىي ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچى 82 دۇر.

2014-، 2015–، 2016-، 2017-، 2018- ۋە 2019-ئوقۇش يىللىرىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىھتىياجلىق بولغان 22 باكلاۋۇر، 41 ماگىستىر ۋە 19 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، جەمىئىي 82 ئوقۇغۇچىغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، يەنە 7 ماگېىستىر ۋە 23 باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 30 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئايلىق 250 لىرادىن بىر يىللىق تەۋپىق ئوقۇش ياردىمى تارقىتىلىپ بېرىلدى.

2018-يىلى جەمىئىي تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئوقۇغۇچى سانى 33 ۋە تەۋپىق ئوقۇش ياردىمى (ئايلىق 250 لىرادىن) ئالغان ئوقۇغۇچى سانى 30 بولۇپ، جەمىئىي 63 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشتى.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇش ياردەم تۈرى تۆۋەندىكىدەك ئىككى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1) بىۋاستە ياردەم تۈرى

بىر ئائىلە ياكى بىر قانچە ئائىلە بىرلىشىپ بىر ئوقۇغۇچىنى يىللىق ئوقۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش تۈرى

مۇھاجىرەتتىكى ئىقتىسادى ياخشى بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر ئائىلە ياكى بىر قانچە ئائىلە بىرلىشىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر باكلاۋۇر، ماگېستىر ياكى دوكتور ئوقۇغۇچىسىنى ئوقۇتۇشتا يىللىق ياردەمدە بولۇشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يىلدا بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردەم مۇددىتى مۇمكىن بولسا 12 ئاي، بولمىسا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 8 ئاي ياردەم بېرىلىسە، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ بىۋاستە ياردەم تۈرىدە، ئوقۇش ياردىمىگە ئېھتىياجى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېرەكلىك زۆرۈر ماتېرىياللىرى بىلەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ياردەم قىلغۇچى ئائىلە بىلەن ياردەمگە مۇھتاج ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىۋاستە ئۇچرۇشالايدۇ ۋە كېرەكلىك ياردەم دەل جايىغا بارغان بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بىۋاستە ياردەم تۈرىدە ياردەم بەرگۈچى ئائىلە بىلەن ياردەمگە ئالغۇچى ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ياردەم يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىغا ئاكادېمىيە ئۆزى نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ياردەم قىلغۇچى ئائىلىلەر ئوقۇغۇچىدىن ئوقۇش ئىسپاتى، دەرس نەتىجىسى ۋە تېلىفۇن نۇمۇرىدىن باشقا ئارتۇق ئۇچۇر تەلەپ قىلماسلىقى ۋە ياردەم يەتكۈزگەندە ئارتۇق تەلەپلەردە بولماسلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. ياردەم ئالغۇچى ئوقۇغۇچى بۇ جەرياندا ھەرقانداق بىنۇرمال ئەھۋالدىن ئاكادېمىيەنى خەۋەردار قىلىشى زۆرۈر.

بىر ئائىلە ياكى بىر قانچە ئائىلە بىرلىشىپ بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش تۈرىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ئايدا بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردىمى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىۋاستە ياردەم تۈرىدە ئايلىق مۇكاپات سوممىسى:
دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي تەخمىنەن 100 دوللار (تەخمىنەن 1950 تۈرك لىراسى)
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي تەخمىنەن 80 دوللار (تەخمىنەن 1550 تۈرك لىراسى)
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي تەخمىنەن 60 دوللار (تەخمىنەن 1250 تۈرك لىراسى)

ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغۇچى ئۇيغۇر ئائىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن يۇقارىقى ياردەم مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالاقە ئۇچۇرلىرى

Uyghur Academy

 Mobile Phone: +905306677851 يانفۇن

 E-mail: uyghurakademy@gmail.com ئېلخەت

Web: www.akademiye.org ئورگان تورى

 Address: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul / TURKEY ئادرىس

2) ۋاستىلىك ياردەم تۈرى

ھەر ئاي داۋاملىق بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى خالىغان مىقداردا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ياردەمدە بولسا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم بانكا ھېسابى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ باشقا پائالىيەت چىقىملىرى ئۈچۈن بۇ ھېساب قەتئىي ئىشلىتىلمەيدۇ. ياردەم بەرگۈچىلەرگە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىلىش ئەھۋالىدىن دەلىل ئىسپاتلىرى بىلەن دوكىلات بېرىلمەكتە.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋاستىلىك ياردەم تۈرىدە ئايلىق مۇكاپات سوممىسى:
دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى 1950 لىرا
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى 1550 لىرا
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى 1250 لىرا

مۇكاپات مۇددىتى: 8 ئاي (كۈز ۋە باھار ئوقۇش مەۋسۇمى)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى ئىئانە بانكا ھىسابى ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تۈرك لىراسى بانكا ھىساباتى

(تۈركىيە ۋەقىپلەر بانكىسى) VakıfBank

Hesap Sahibi: Uygur Akademisi Vakfı

TL Hesap No: 00158007313320086

160001500158007313320086 IBAN NO: TR

Balgat Şube Kodu: S00402


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top