You Are Here: Home » ئاكادېمىيە ئەزالىقى

ئاكادېمىيە ئەزالىقى

Ezaliqئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئەزالىقى ھەققىدە: 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى – ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق بولغان مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى مەقسەد قىلغان، ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنى ئويغۇر تەتقىقات ئېنىستىتوتىغا ئايلاندۇرۇش، ئاخىرىدا بۇ ئويغۇر تەتقىقات ئېنىستىتوتىنى تەتقىقاتچى تەربىيلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان قانۇنلۇق بىر ئىلمىي ئۇيغۇر تەتقىقاتى جەمىئىيىتىدۇر.

ئاكادېمىيە ئۆز مەقسەد ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئالىي بىلىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن، ئاكادېمىيە چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىلار (ئۇيغۇر باكلاۋۇر، ماگىستىر ۋە دوكتۇرلار) نى ئەزا بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئەزا بولغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئەزالىقى تامامەن مەخپى تۇتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى رۇخسەتسىز ھېچقانداق يەردە ئېلان قىلىنمايدۇ (خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئېلان قىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن چوقۇم ئاشۇ كىشىنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ).

ئاكادېمىيەگە ئەزا بولغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى كۈچى بارلار كۈچىنى، ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى ۋە پۇلى بارلار پۇلىنى سەرىپ قىلىش مەجبۇرىيەتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئىلىم – پەن ئارقىلىق مىللىي ئويغۇنۇش، مىللىي روھنى ئويغۇتۇپ، مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئارقىلىق، تەكرار كۈچلۈك بىر مىللەت بولۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىرى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ:

1. ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىقى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلار ئىچىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان سەرخىل 27 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئومۇرۇتقىسى – «ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى» 2017 – يىلى 11 – نويابىر ئىتىبارى بىلەن رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تېرىشچانلىق كۆرسۈتۈش نەتىجىسىدە، بۇ كېڭەشنى قۇرۇپ چىقتى. ئاكادېمىيە كېينكى ۋاقىتلاردا كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە ۋە ئۇنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەزا سانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەيئەت تىزىملىكلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخىرى رەئىسى ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا كېڭەش رەئىسى بولىدۇ. سابىق پەخىرى رەئىس ۋە سابىق رەئىسلەر كېڭەش دانىشمەنلىرى بولىدۇ. ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا كېڭەش ئىجرائىيە رەئىسى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇھىم قارار ۋە پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشىدە مەسلىھەت قىلىنىدۇ.

2. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاكادېمىيەگە ۋاكالىتەن ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

3. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ساھەلەردە نوقتىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

4. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئومۇمىي سايلىمىغا قاتنىشىپ، سايلامنىڭ دېمۇكراتىك ۋە ئادىل بولۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئائىلىچە بىر ھەپتىلىك كېڭەش كامپىغا  قېتىلىپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ ۋە كەلگۈسى ئۈچ يىللىق پائالىيەت ۋە خىزمەت لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

5. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن، يىللىق كېڭەش ئەزالىق بەدەل پۇلى تۆلەيدۇ. بۇ بەدەل پۇلى ئاكادېمىيەنىڭ ئىدارى ئىشلىرى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى رەئىسى

دوكتور رىشات ئابباس بورھان

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى دانىشمەنلىرى

دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئىجرائىيە رەئىسى

ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىقى

ئاكادېمىيە، مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان ۋە ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى» گە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شەرتى توشقان ئۇيغۇر زىيالىلار تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىق جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئاكادېمىيە ئېلخېتىگە يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىق جەدىۋېلى Word

ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىق بەدەل پۇلى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى:

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىسترالىيە ۋە ياپۇنىيە: ئايلىق 20 دوللار، يىللىق 240 دوللار

ياۋرۇپا: ئايلىق 20 ياۋرۇ، يىللىق 240 ياۋرۇ

تۈركىيە: ئايلىق 60 لىرا، يىللىق 700 لىرا

ئوتتۇرا ئاسىيا: ئايلىق 3 دوللار، يىللىق 36 دوللار

باشقا دۆلەتلەر: ئايلىق 20 دوللار، يىللىق 240 دوللار

ئاكادېمىيە ئېلخەت ئادرىسى: bilgi@akademiye.org

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالاقە ئۇچۇرلىرى

Uyghur Academy

 Mobile Phone: +905306677851, +905063845639 يانفۇن

 E-mail: bilgi@akademiye.org ئېلخەت

Web: www.akademiye.org ئورگان تورى

 Address: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul / TURKEY ئادرىس

2. ئاكادېمىيە ئەزالىقى

ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، ئاكادېمىيەگە ئەزالىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئاكادېمىيەنىڭ كۆزلىگەن مەقسەد ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنىڭ دائىمىي بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلارنى تايانچ بازىسى قىلىپ خىزمەت قىلىدۇ.

ئەگەر سىزمۇ بۇ تۈرگە تەۋە بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئاكادېمىيە ئەزالىق جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئاكادېمىيە ئېلخېتىگە يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىق جەدىۋېلى Word

ئاكادېمىيە ئېلخەت ئادرىسى: bilgi@akademiye.org

ئاكادېمىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى:

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىسترالىيە ۋە ياپۇنىيە: ئايلىق 10 دوللار، يىللىق 120 دوللار

ياۋرۇپا: ئايلىق 10 ياۋرۇ، يىللىق 120 ياۋرۇ

تۈركىيە: ئايلىق 60 لىرا، يىللىق 700 لىرا

ئوتتۇرا ئاسىيا: ئايلىق 2 دوللار، يىللىق 24 دوللار

باشقا دۆلەتلەر: ئايلىق 10 دوللار، يىللىق 120 دوللار

3. ئاكادېمىيە كاندىدات ئەزالىقى

ئاكادېمىيەگە ئەزالىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئاكادېمىيەنىڭ ئېلىپ بارغان ئەمەلىي خىزمەتلىرىنى كۆزۈتۈش ۋە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق، ئويۇشۇپ بىرلىكتە ئىش قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىدۇ.

ئەگەر سىزمۇ بۇ تۈرگە تەۋە بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئاكادېمىيە كاندىدات ئەزالىق جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئاكادېمىيە ئېلخېتىگە يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كاندىدات ئەزالىق جەدىۋېلى Word

ئاكادېمىيە ئېلخەت ئادرىسى: bilgi@akademiye.org

ئاكادېمىيە كاندىدات ئەزالىق بەدەل پۇلى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى:

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىسترالىيە ۋە ياپۇنىيە: ئايلىق 10 دوللار، يىللىق 120 دوللار

ياۋرۇپا: ئايلىق 10 ياۋرۇ، يىللىق 120 ياۋرۇ

تۈركىيە: ئايلىق 35 لىرا، يىللىق 400 لىرا

ئوتتۇرا ئاسىيا: ئايلىق 2 دوللار، يىللىق 24 دوللار

باشقا دۆلەتلەر: ئايلىق 10 دوللار، يىللىق 120 دوللار

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر زىيالىلاردىن ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئاكادېمىيەگە ئەزا بۇلۇشقا مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئەزالىققا تەۋسىيە قىلىشىنى ۋە ئاكادېمىيەنىڭ مەقسەد ۋە نىشانىغا يېتىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىڭىسىنى قوشىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىدۇ.

ئاكادېمىيە ۋەكىلى

ئاكادېمىيە تارمىقى بولمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيەگە ئەزا بولۇپ ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلاردىن ئاكادېمىيە ۋەكىلى تۈزۈمى مەۋجۇت بولۇپ، ئاكادېمىيە ۋەكىلى ئۆزى تورۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇندا ئاكادېمىيەگە تولۇق ۋەكىللىك ھۇقۇقىغا ئىگەدۇر. ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇندا ئاكادېمىيە ئەزالىق رەسمىيەتلىرى، ئەزالىق بەدەل پۇلى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىلمىي پائالىيەتلەرنى باش بولۇپ ئويۇشتۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top