You Are Here: Home » خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى 2019-يىلى 9-نويابىر كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىنىڭ 3-ماددا (3) تارمىقىغا ئاساسەن خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى قۇرۇشقا قارار قىلدى. ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى.
خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى بەلگىلىمىسىنىڭ 2-بۆلۈم 5-ماددىسىدا ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى:
خىتاينىڭ تارىخى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىدىكى ئورنى، تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق بىلىملەرگە ھەسسە قوشۇش، خىزمەت ۋە تەتقىقاتلارنى يېقىندىن تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەتقىقاتلار ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ توغرا يېتەكلىنىشىگە ياردەمچى بولۇش.
تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، تارىخىي ۋە كۈلتۈر ئاساسىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن خىتايغا ئالاقىدار ساغلام، مۇناسىپ ۋە مۇقىم دۆلەت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشىگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھۆرمىتىنىڭ ئېشىشىغا خىزمەت قىلىش . تۈركىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى خىتاي بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىقلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز مەنپەئەتىگە يېتەكلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇش. بۇ مەزمۇنلاردا دوكلات تەييارلاش، مۇتەخەسسىس يېتىشتۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش.
ئىنستىتۇتنىڭ قارمىقىدا 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان دائىمىي ھەيئەت، تۈرلۈك ئاكادېمىيە ئورۇنلىرىدىن ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15كىشىلىك بىلىم كېڭەش ھەيئىتى ۋە 5 كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى بار.
دائىمىي ھەيئەتلەر:
ماددا 11 – (1) دائىمىي ھەيئەت؛ مۇدىرنىڭ تەۋسىيىسى، رەئىسنىڭ تەستىقى، ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ.
(2) دائىمىي ھەيئەت مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.
بۇ ماددىغا ئاساسەن ئىنىستىتۇت دائىمىي ھەيئەتلىرى:

ئىنىستىتۇت يىتەكچىسى: پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

1) دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (مۇدىر)
2) دوكتور شەۋكەت ناسىر (مۇئاۋىن مۇدىر)
3) دوكتور گۈلزادەم تەڭرىتاغلى
4) دوكتور نىمەت قەشقەرى
5) ئابدۇلھەمىد قاراخان
كېڭەش ھەيئىتى – بىلىم ھەيئىتى
ماددا 13-(1) كېڭەش-بىلىم ھەيئىتى ئەزالىرى؛ ئاكادېمىيىنىڭ ياكى ئۆزلىرى خالىغاندا باشقا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىنستىتۇتنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت، شەخسىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان يەرلىك ياكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. كېڭەش ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بەش ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇدىر كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.
(2) كېڭەش ھەيئىتى؛ نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم ، زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.
بىلىم ھەيئىتى:
دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى تەبىئىي ھالدا بىلىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى بولىدۇ.

بىلىم ھەيئەتلىرى پات ئارىدا ئىلان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى بەلگىلىمىسى

بىرىنچى بۆلۈم

مەقسەت، دائىرە، ئاساس ۋە ئاتالغۇلار

مەقسەت
ماددا 1–(1) بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەقسىتى؛ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، پائالىيەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا، باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە، خىزمەت شەكلىگە ئالاقىدار ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنى تۈزۈش.

دائىرە
ماددا 2-(1) بۇ بەلگىلىمە؛ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، پائالىيەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا، باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە، خىزمەت شەكلىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساس 
ماددا 3-(1) بۇ بەلگىلىمە؛ 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى 2547-نومۇرلۇق ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 7-ماددا بىرىنچى پاراگراف (d) تارماق (2) نومۇرلۇق كىچىك تارمىقى بىلەن 14-ماددىسىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

ئاتالغۇلار
ماددا 4-(1) بۇ بەلگىلىمىدە يېزىلغان
1) رەئىس: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسىنى،
2) كېڭەش ھەيئىتى:  ئىنستىتۇتنىڭ كېڭەش ھەيئىتىنى،
3) ئىنستىتۇت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنى،
4) مۇدىر:  ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرىنى،
5) ئاكادېمىيە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى،
6) ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى،
7) دائىمىي ھەيئەت: ئىنستىتۇتنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى،
كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم

ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى، ئاساسى ۋە پائالىيەت دائىرىسى

ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى
خىتاينىڭ تارىخى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىدىكى ئورنى، تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق بىلىملەرگە ھەسسە قوشۇش، خىزمەت ۋە تەتقىقاتلارنى يېقىندىن تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەتقىقاتلار ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ توغرا يېتەكلىنىشىگە ياردەمچى بولۇش.
تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، تارىخىي ۋە كۈلتۈر ئاساسىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن خىتايغا ئالاقىدار ساغلام، مۇناسىپ ۋە مۇقىم دۆلەت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشىگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھۆرمىتىنىڭ ئېشىشىغا خىزمەت قىلىش . تۈركىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى خىتاي بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىقلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز مەنپەئەتىگە يېتەكلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇش. بۇ مەزمۇنلاردا دوكلات تەييارلاش، مۇتەخەسسىس يېتىشتۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش.
ئاساسلىرى
ماددا 6-(1) ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردە ساغلام ۋە تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزۈش، ھەمكارلىقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن قارشى تەرەپ ھەققىدە پىكىرگە ئىگە بولۇش، پىكىرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بولسا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش كېرەك.
(2) تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ كونا مۇناسىۋەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى بۇلار تارىخىي قوشنىدۇر. شۇڭا تۈرك-خىتاي ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتتە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش تارىختىن بۇيان ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
خىتاي بۇرۇندىن بۇ مەسىلىگە ياخشى تەييارلىق قىلغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ھەرقانداق شارائىتتا تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى بار بولغان.
تۈركىيىگە نىسبەتەن بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكى كۆرۈلمەكتە.

پائالىيەت دائىرىسى
ماددا 7-(1) ئىنستىتۇت 5-ماددىدا كۆرسەتكەن مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ:
1) خىزمەت مەزمۇنىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى قىلىش. بۇلارنى تۈركچە ۋە باشقا تىللاردا نەشىر قىلىش ئارقىلىق مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى جامائەت پىكرىگە سۇنۇش.
2) مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق سۈپەتتىكى لېكسىيە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش.
3) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئاساسلانغان كۇرس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
4) ئىنستىتۇتنىڭ تارمىقىدا قۇرۇلغان بۆلۈملەر ۋاستىسى بىلەن لايىھەلەر تۈزۈپ ئىجرا قىلىش.
5) ئىنستىتۇتقا ئالاقىدار مەزگىللىك مەتبۇئاتلارنى تەييارلاش.
6) ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاكادېمىيە تارماقلىرى ياردىمىدە 5-ماددىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلاردا تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىش.
7) ئېھتىياجغا ئاساسەن دۆلەت ۋە شەخسىي ئىدارە-ئورگانلارغا مەسلىھەت خىزمىتى بېرىش.
8) مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق سەۋىيىدە، باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن دۆلەت ۋە شەخسىي ئىدارە ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىش.
9) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش.

ئۈچىنچى بۆلۈم

ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى

ماددا 8-(1) ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1) مۇدىر
2) دائىمىي ھەيئەت
3) كېڭەش ھەيئەت

مۇدىر
ماددا 9-(1) مۇدىر؛ رەئىسنىڭ تەكلىپى، ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئىتىنىڭ تەستىقلىشىدا دائىمىي ھەيئەتتىكى ئەسلىي ئەزالاردىن ۋە ئالاھىدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئەزالار ئىچىدىن ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. مۇددىتى توشقان مۇدىرنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قايتىدىن تەيىنلەشكە بولىدۇ. مۇدىرغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇدىر ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. مۇدىر ياردەمچىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ ئۈچ يىل بولىدۇ. مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندا، مۇدىر ياردەمچىسىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئاخىرلىشىدۇ. مۇدىر ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدا بولمىغان ئەھۋاللاردا مۇدىر ياردەمچىسى مۇدىرغا ۋاكالەتچى بولىدۇ. مۇدىرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالتە ئاي ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يېڭى بىر مۇدىر تەيىنلىنىدۇ.

مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 10-(1) مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار يىللىق پائالىيەت پىلانىنى تەييارلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
2)  ئىنستىتۇتقا ۋەكىللىك قىلىش، دائىمىي ھەيئەت ۋە كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىش.
3) ئىنستىتۇت قارمىقىدىكى بۆلۈملەر ئارىسىدا ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك ئېلىپ بېرىش.
4) مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە تەتقىقاتلارنى قىلىش.
5) ئىنستىتۇت ۋە ئىنستىتۇتقا قاراشلىق بۆلۈملەرنىڭ يىللىق پائالىيەت دوكلاتىنى تەييارلاپ سۇنۇش.

دائىمىي ھەيئەت
ماددا 11 – (1) دائىمىي ھەيئەت؛ مۇدىرنىڭ تەۋسىيىسى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئايرىلغان ياكى ئالتە ئايدىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت سىرتىدا ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلەرنىڭ ئورنىغا قالغان مۇددەتنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ئەزا تەيىنلىنىدۇ.
(2) دائىمىي ھەيئەت، مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.

دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 12-(1) دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇت پىلانىنى تەييارلاش، ئېھتىياجغا ئاساسەن تۈزۈتۈش ۋە مۇدىرغا سۇنۇش.
2) ئىنستىتۇت لايىھە ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى قۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى باھالاش.
3) كۇرس، پراكتىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پروگراممىلاردا ۋەزىپىلەندۈرۈلىدىغان، ئىنستىتۇت پائالىيەت دائىرىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلاردا ھەمكارلىشىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت تارماقلىرى، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق كىشى، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئىگىلەپ مۇدىرغا سۇنۇش.
4) ئىنستىتۇتنىڭ يىللىق خىزمەت دوكىلاتىنى تەييارلاپ مۇدىرغا سۇنۇش.

كېڭەش ھەيئىتى 
ماددا 13-(1) كېڭەش-بىلىم ھەيئىتى ئەزالىرى؛ ئاكادېمىيىنىڭ ياكى ئۆزلىرى خالىغاندا باشقا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىنستىتۇتنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت، شەخسىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان يەرلىك ياكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. كېڭەش ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بەش ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىنتەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇدىر كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.
(2)  كېڭەش ھەيئىتى؛ نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم، زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.

كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 14-(1) كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇت خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان تەكشۈرۈشلەرنى مۇدىرغا يەتكۈزۈش.
2) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرى دائىرىسىدە پىكىر-تەلەپلىرىنى مۇدىرغا سۇنۇش.

تۆتىنچى بۆلۈم

باشقا ۋە ئاخىرقى ھۆكۈملەر

ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللار
ماددا 15-(1) بۇ بەلگىلىمىدە ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللاردا، ئالاقىدار باشقا قانۇن ھۆكۈملىرى ۋە دائىمىي ھەيئەت قارارلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

يولغا قويۇلۇش
ماددا 16-(1) بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يۈرگۈزۈش
ماددا 17-(1) بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈملىرىنى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى يۈرگۈزىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top