You Are Here: Home » ئاكادېمىيە ھەققىدە

ئاكادېمىيە ھەققىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان توققۇز ئۇيغۇر زىيالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان، ھەم شۇنداقلا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ يۈزلەرچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان پىداكار ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان  بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.

ئاكادېمىيەنىڭ بۇرچى

ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

ئاكادېمىيەنىڭ نىشانى

مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەركىن ۋە دېمۇگراتىك مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

ئاكادېمىيە تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلغاندىن بېرى، تۈركىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن بۇلۇپ، جەمئىي 20 دۆلەتتىن يۈزلەرچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزاسى، ئاكادېمىيە ئەزاسى، ئاكادېمىيە كاندىدات ئەزاسى ۋە ئاكادېمىيە ۋەكىلى بولۇپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مائارىپى ۋە مىللىي ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلمىي بىر ئورگانغا ئايلاندى.

2010-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىلىرىدە، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بەش قېتىملىق دېمۇگراتىك يۈشۈرۈن ئاۋازدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلاملىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى كەم تەرەپلەر تۇلۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنكىدەك مۇھاجىرەتتە تەسىرى كۈچلۈك ۋە تەشكىلىي خىزمەتلىرى سىستېمىلاشقان بىر «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى» – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بارلىققا كەلدى.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىس ۋە دائىمىي ھەيئەتلەر

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى، قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 30 ئەتراپىدىكى ھەيئەت ئەزالىرى توردا يىغىلىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئاكادېمىيە رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزدى. ئاكادېمىيە رەئىسلىكىگە ئىككى كىشى ئۆزلىرىنى نامىزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. سايلام نەتىجىسىدە، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن ئىتىبارەن دۇنيادىكى بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كونكرىت خىزمەتلەر ئۈچۈن مەركىزى ئاكادېمىيە ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ چىقتى.


ھەر قايسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىس ۋە ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالار

* * * * *

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش رەئىسى

دوكتۇر رىشاد ئابباس

(تېببى دۇرا ئالىي تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 11 – دېكابىردىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە داۋام …

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرى

ئاكادېمىيە رەئىسى: دوكتور رىشات ئابباس (ئامېرىكا)

باش مەسلىھەتچى: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە)

ئىجرائىيە رەئىسى: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)

باش كاتىب: ئابدۇلھەمىد قاراخان (تۈركىيە)

تۈر مەسئۇلى: ئۇيغۇرىيە خانىم (ئامېرىكا)

فوندى مەسئۇلى: دوكتور ئەسقەر ھىمىت (كانادا)

ياشلار مەسئۇلى: دوكتور بارات ئاچىنۇق (ئەنگلىيە)

تەپتىش: دوكتور مەمەت ئېمىن (ئامېرىكا)


* * * * *

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپى رەئىسى

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

(تۈركولوگىيە ۋە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 19 – ئىيۇندىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

كېڭەش رەئىسى: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئاكادېمىيە ۋەخپى رەئىسى: دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

مۇئاۋىن رەئىسلەر: دوكتور مەغپىرەت كامال ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان

باش كاتىپ: دوكتور شەۋكەت ناسىر

مالىيە مەسئۇلى: دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول

دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقىرى، دوكتور ئالى ئەخمەتبەيئوغلۇ

باش نازارەتچى: پروفېسسور دوكتور ھابىپ تۈركەر

نازارەتچىلەر: دوكتور مەغپىرەت ئابدۇۋەلى بوزلار، دوكتور گۈلزادەم تەڭرىتاغلى، دوكتور ئابلەت ئۇيغار ۋە خالمۇرات ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپى خىزمەت بۆلۈملىرى: ئاكادېمىك تەتقىقات بۆلۈمى، تەرجىمە – تەھرىر بۆلۈمى، ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بۆلۈمى، مېدىيا-تاراتقۇ بۆلۈمى، ئىدارە ئىشلار ۋە مالىيە بۆلۈمى


* * * * *

2-نۆۋەتلىق ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

دوكتور ئابلېز ئابدۇقادىر

(تىببىي پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2020 – يىلى 25 – مايدىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر، مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن، باش كاتىپ: رۈشەن ئابباس، مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى: دوختور مەمەت ئېمىن، مېدىيا – تاراتقۇ ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇستاپا ئاقسۇ، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور ئەركىن ئابلىز، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ، دوكتور گۈلنار ئەزىز ۋە دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا


* * * * *

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسلەر

تۇنجى نۆۋەتلىق ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت

(فىزىكا پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2018 – يىلى 10 – نويابىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شىۋىتسارىيە)، مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)، باش كاتىب: زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋىتسىيە)، باش نازارەتچىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)، مالىيە مەسئۇلى: دوكتور قەيسەر ئابدۇقادىر (شىۋىتسارىيە)، تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇھەممەتئېلى نىياز (گىرمانىيە)، باشقا ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (فىرانسىيە)، غەييۇر قۇربان (گىرمانىيە)، ئۆمەرجان جامال (شىۋىتسىيە)، ئەلى ئەمەت (بىلگىيە)، ئادىل چىنار (گوللاندىيە)، ئۆمەرجان ئىمىن (گىرمانىيە)، ھەبىبۇللاھ ئابلىمىت (گىرمانىيە)، ئايشە مۇسا (نۇرۋىگىيە)


* * * * *

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسلەر

تۇنجى نۆۋەتلىق ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

دوكتور ئىلھامجان سابىت

(تىببى پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2019 – يىلى 8 – دېكابىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئىلھامجان سابىت، مۇئاۋىن رەئىس: شۆھرەت يۈسۈپ، باش كاتىب: دوكتور دىلىيار بارات، دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: سەلىمە كامال، پەرىزات غەيرەت، مەلىكىزات ئەخمەت (يېڭى زىللاندىيە) ۋە ئادەم ئىلھام

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور ئىلىياس قاسىم، دوكتور نىجات ئىمىن، بەختىيار بارات، بەختىيار بۆرە، دىلشات ئابدۇۋەلى، نۇرگۇل ساۋۇت، مەستۇرە بۆرە، گۈلشەن زۇنۇن، مەلىكىزات غەيرەت، رەيھان رۇزىھاجى ۋە يۇلتۇز تېيىپجان


* * * * *

تۇنجى نۆۋەتلىق ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى

(ئەدەبىيات پەنلىرى پىروفېسسورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2020 – يىلى 9 – سىنتەبىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

ياۋرۇ – ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى (قازاقىستان)

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (قىرغىزىستان)

باش كاتىب: دوتسېنت دوكتور ئالىيەم باستوۋا (قازاقىستان)

ئىجتىمائىي مۇدىر: دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىمۇۋا (قازاقىستان)

باش مەسلىھەتچى: پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان)

نازارەتچىلەر: دوكتور رىفات باۋۇدۇنوۋ (قازاقىستان)، دوكتور رەھمەتجان يۈسۈپوۋ (قازاقىستان)

ھەيئەت ئەزالار:

قازاقىستاندىن پىروفېسسور رۈشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە زەينەپ ئىسلاموۋ

قىرغىزىستاندىن پىروفېسسور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، دوكتور نەرگىز باۋۇدۇنوۋ، گۈزەل ئابدۇللايېۋا، رېھىمجان ئۇيغۇر

ئۆزبەكىستاندىن دوكتور ئا. بارائېۋ

رۇسىيەدىن پىروفېسسور ئا. باسىلىيېۋ


* * * * *

تۇنجى نۆۋەتلىق كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

دوكتور ئەسقەر ھىمىت

(بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 24 – سىنتەبىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئەسقەر ھىمىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئابلېكىم مۇتەللىپ

باش كاتىب: ئابلىز تۆلەند (ئېنژېنىر)

باش تەپتىش: دوكتور رازىيە مەھمۇد

تەپتىش: دوكتور مەمەتجان قۇربان

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ئابدۇرېھىم رەجەپ، تۇرسۇن توختى ۋە دىلنۇر ئەنۋەر


* * * * *

تۇنجى نۆۋەتلىق ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان

(پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 11 – دېكابىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەۋلان باييۈز

باش كاتىب: دوكتور ئىسمائىل ئىلىك

ۋە باشقا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 4 دائىمىي ھەيئەت ئەزا


ئاكادېمىيەنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى

1) ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

2) ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

3) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

4) ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

5) ئاكادېمىيە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى

6) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمىتى

7) ئاكادېمىيە تورى ۋە تور كۈتۈپخانىسى خىزمىتى

8) ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرى

9) ئاكادېمىيە ئىلمىي سۆھبەتلىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق ئورگانلار

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى

خىتاينىڭ تارىخى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىدىكى ئورنى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا بولىدىغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى مەقسەد قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى 2019-يىلى 9-نويابىر كۈنىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىنىڭ 3-ماددا (3) تارمىقىغا ئاساسەن ئاكادېمىيەگە باغلىق خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى قۇردى. ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى.

مەزكۇر ئىنىستىتۇت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى

قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكا ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلات ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ باش قوشىشى بىلەن 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكىدە «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى.

مەزكۇر ئىنىستىتۇت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياۋرۇ-ئاسىيا، كانادا ۋە ياپۇنىيە تارماقلىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيەنىڭ تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى

2018 – يىلى 20 – ماي يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6:00 دە، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگتوندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا، قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، دوكتور ئەركىن ئابلېز يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئەركىن ئابلېز نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 9 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك 2 يىللىق مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتۈگەن ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئەركىن ئابلىز،

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن،

باش كاتىپ: رۈشەن ئابباس،

مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى: دوختور مەمەت ئېمىن،

مېدىيا – تاراتقۇ ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇستاپا ئاقسۇ،

دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ۋە مۇھەممەت بۇغرا

2020-يىلى 25-ماي كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر امېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن،

باش كاتىپ: رۈشەن ئابباس،

مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى: دوكتور مەمەت ئىمىن،

مېدىيا – تاراتقۇ ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇستاپا ئاقسۇ،

دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور مايسەم مۇتەللىپ، دوكتور ئەركىن ئابلىز، دوكتور گۈلنار ئەزىز ۋە دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا

2018 – يىلى 25 – ماي جۈمە كۈنى جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا مىيۇنخىندا ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى“ رەسمىي قۇرۇلدى.

د ۇ ق ساھىپخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ”شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى“ تۈگىشىگە ئۇلىنىپلا، مىيۇنخىندىكى تۈركىيە دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاكادېمىيە ياۋرۇپا تارمىقىدا قۇرغۇچى ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالىدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، شىۋىتسارىيەدىن دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 18 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شىۋىتسارىيە)،

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)،

باش كاتىب: بارات ئاچىنوق (ئەنگىلىيە)،

باش نازارەتچىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)،

مالىيە مەسئۇلى: دوكتور قەيسەر ئابدۇقادىر (شىۋىتسارىيە)،

تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇھەممەتئېلى نىياز (گىرمانىيە)،

باشقا ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (فىرانسىيە)، غەييۇر قۇربان (گىرمانىيە)، ئۆمەرجان جامال (شىۋىتسىيە)، ئەلى ئەمەت (بىلگىيە)، ئادىل چىنار (گوللاندىيە)، ئۆمەرجان ئىمىن (گىرمانىيە)، ھەبىبۇللاھ ئابلىمىت (گىرمانىيە)، ئايشە مۇسا (نۇرۋىگىيە)


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى

2019 – يىلى 08 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سىدنى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە، ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى ئابۇرىندىكى گاللىپولى مەسچىتى Gallipoli Mosque نىڭ ئابۇرىن جېيمىز Auburn James يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى، ئادىلەيىد ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىي قاتناشتى.

قۇرۇلۇش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن 14 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالار ئارسىدا يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەسمى قۇرۇلدى.

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئىلھامجان سابىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور نىجات ئىمىن (يېڭى زىللاندىيە)

باش كاتىب: مەلىكىزات ئەخمەت (يېڭى زىللاندىيە)

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: سەلىمە كامال، پەرىزات غەيرەت، دوكتور دىلىيار بارات ۋە ئادەم ئىلھام

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرى: دوكتور ئىلىياس قاسىم، دوكتور نىجات ئىمىن، بەختىيار بارات، بەختىيار بۆرە، دىلشات ئابدۇۋەلى، نۇرگۇل ساۋۇت، مەستۇرە بۆرە، گۈلشەن زۇنۇن، مەلىكىزات غەيرەت، رەيھان رۇزىھاجى ۋە يۇلتۇز تېيىپجان


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇئاسىيا تارمىقى

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2020-يىلى 09-ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن “ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى” رەسمىي قۇرۇلدى.

ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدىكى قۇرغۇچى ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالىدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 17 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

«ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئالغان 17 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتلەر تۆۋەندىكىچە:

رەئىس: پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى (قازاقىستان)

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (قىرغىزىستان)

باش كاتىب: دوتسېنت دوكتور ئالىيەم باستوۋا (قازاقىستان)

ئىجتىمائىي مۇدىر: دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىمۇۋا (قازاقىستان)

باش مەسلىھەتچى: پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان)

نازارەتچىلەر: دوكتور رىفات باۋۇدۇنوۋ (قازاقىستان)، دوكتور رەھمەتجان يۈسۈپوۋ (قازاقىستان)

ھەيئەت ئەزالار:

قازاقىستاندىن پىروفېسسور رۈشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە زەينەپ ئىسلاموۋ

قىرغىزىستاندىن پىروفېسسور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، دوكتور نەرگىز باۋۇدۇنوۋ، گۈزەل ئابدۇللايېۋا، رېھىمجان ئۇيغۇر

ئۆزبەكىستاندىن دوكتور ئا. بارائېۋ

رۇسىيەدىن پىروفېسسور ئا. باسىلىيېۋ

ئالمۇتادا قۇرۇلغان «ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى»، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى. 2021 – يىلى 24 – سىنتەبىر جۈمە كۈنى تورونتو ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 دا كانادادىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىشى ۋە ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ نازارىتىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى» قۇرۇلدى.

25-سىنتەبىر شەنبە كۈنى تورونتو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى تورونتودىكى «ئۇيغۇر مەسچىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە جاكارلاندى.

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن 7 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالار ئارسىدا دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدى. سايلام نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

رەئىس: دوكتور ئەسقەر ھىمىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئابلېكىم مۇتەللىپ

باش كاتىب: ئابلىز تۆلەند (ئېنژېنىر)

باش تەپتىش: دوكتور رازىيە مەھمۇد

تەپتىش: دوكتور مەمەتجان قۇربان

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ئابدۇرېھىم رەجەپ، تۇرسۇن توختى ۋە دىلنۇر ئەنۋەر

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن مەلۇمات ئالالايسىز: https://www.akademiye.org/ug/?p=2746

تورونتودىكى «ئۇيغۇر مەسچىتى» ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تورونتودا قۇرۇلۇشى كانادادىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاكادېمىيەنىڭ كانادادىكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە مىللەت ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى»، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.


ياپۇنىيە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى. 2021 – يىلى 11 – دېكابىر كۈنى توكيو ۋاقتى كەچ سائەت 06:00 دا ياپۇنىيەدىكى 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىشى ۋە ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ يىتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى» قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى 7 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالاردىن تەركىپ تاپتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى ھەيئەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

رەئىس: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەۋلان باييۈز

باش كاتىب: دوكتور ئىسمائىل ئىلىك

ۋە باشقا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 4 دائىمىي ھەيئەت ئەزا

ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن مەلۇمات ئالالايسىز: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ تەرجىمىھالى

ياپۇنىيەنىڭ توكيو شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى»، ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ۋاشىڭگتۇندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى»، مىيۇنخىندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى»، سىدنىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى»، تورونتودا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كانادا تارمىقى»، ئالمۇتادا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇئاسىيا تارمىقى» ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىقتىسادى قېيىن شارائىتتا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھېچبىر تەشكىلات ۋە دۆلەتتىن ياردەم ئالمايمۇ يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلارنىڭ بىرلىكتە ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى ۋە پۇلى بارلار پۇلىنى چىقىرىپ مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ ئۇلۇغ ۋە ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇدىيىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ دەپ ئايرىماي ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەر قايسى دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىلاتلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ھەر بىر تەشكىلاتتىن رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىبتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى «ئاكادېمىيە مەركىزى كومىتېتى» دە ئەزا بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مۇھىم ئىشلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى مەسلىھەت ۋە كېڭەش ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيەلەر ئۆز ئىچىدە قارار ئېلىپ ئىش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدە خىزمەت قىلغان پەخىرى رەئىس ۋە رەئىسلەر

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن پەخىرى رەئىسلەر

* * * * *

Erkin Sidiq

 دوكتۇر ئەركىن سىدىق

تۇنجى نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى

(ئالىي ئوپتىك فىزىكا ئېنژىنىرى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2009 – يىلى 9 – سىنتەبىردىن 2013 – يىلى 21 – سىنتەبىرگىچە

* * * * *

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ

2- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى

(ھۈجەيرە ۋە گىن ئالىي تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2013 – يىلى 21 – سىنتەبىردىن 2015 – يىلى 10 – ئۆكتەبىرگىچە

* * * * *

 دوكتۇر رىشاد ئابباس

3- ۋە 4- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى

(تېببى دورا ئالىي تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2015 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردىن 2021 – يىلى 11 – دېكابىرغىچە

* * * * *


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسلەر

* * * * *

Karahan

 ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرغۇچى رەئىسى

(يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2009 – يىلى 9 – سىنتەبىردىن 2010 – يىلى 9 – مايغىچە

* * * * *

Alimjan

 پىروفىسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

تۇنجى نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

(تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2010 – يىلى 9 – مايدىن 2012 – يىلى 18 – نويابىرغىچە

* * * * *

Ablet Turan

دوكتۇر ئابلەت تۇران

2- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

(يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2012 – يىلى 18 – نويابىردىن 2015 – يىلى 23 – ئاۋغۇستغىچە

* * * * *

ئابدۇلھەمىد قاراخان

3- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

(يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2015 – يىلى 23 – ئاۋغۇسىتتىن 2018 – يىلى 24 – ئاۋغۇسىتغىچە

Alimjan

 پىروفىسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

4- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

(تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2018 – يىلى 24 – ئاۋغۇسىتتىن 2021 – يىلى 19 – ئىيۇنغىچە

* * * * *

دوكتور ئەركىن ئابلىز

تۇنجى نۆۋەتلىق ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى

(تىببىي پەنلەر دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2018 – يىلى 20 – مايدىن 2020 – يىلى 25 – مايغىچە

* * * * *


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزىنىڭ 2018-يىلى 24-ئاۋغۇستتا ئېلىپ بېرىلغان 4-قېتىملىق دېمۇگراتىك سايلىمىدا، يەتتە كىشىلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئىتى، يەتتە كىشىلىك زاپاس دائىمىي ھەيئىتى، ئۈچ كىشىلىك دائىمىي نازارەت ھەيئىتى، ئۈچ كىشىلىك زاپاس دائىمىي نازارەت ھەيئىتى بولۇپ، جەمئىي 20 كىشى رەسمىي ۋەزىپە ئېلىپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاكادېمىيەنىڭ مەقسەد ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا.

ئاكادېمىيە يول خەرىتىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆزىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ئەزا ۋە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇستەھكەملىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىشلەش يولىدا تەۋرەنمەي خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە يول خەرىتىسى قىلىپ بىكىتتى.

مىللىي ئېڭى تىكلەنمىگەن ۋە پەن – مائارىپى تەرەققىي قىلمىغان مىللەت  مەڭگۈ يۈكسىلەلمەيدۇ ۋە يوق بۇلۇشقا مەھكۇمدۇر! ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە پەن-مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلار مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ بىرلىكتە تىرىشقاندىلا، مىللىي ئېڭى يۈكسەك، پەن-مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان ۋە تارىخ سەھنىسىدە قايتىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچلۈك ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرەلەيمىز!

بۇ سەپتە سىزنىڭمۇ ئورنىڭىز ۋە ۋەزىپىڭىز بار، ئەمدى يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ ئاكادېمىيەگە ئەزا بولۇپ سېپىمىزگە قېتىلىڭ …

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەت ئىىشخانىسى ئىستانبۇلنىڭ شىرىنئەۋلەر رايونىدىكى ئىنجىرلى مەترو بېكىتى يېنىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئايلىق چىقىملار (ئىجارە ۋە باشقا چىقىملار) نى ئاكادېمىيە قۇرغۇچىلىرى، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى، ئەزالار ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلار ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىر ئىلمىي جەمىئىيىتىدۇر. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

قوشۇمچە: ئاكادېمىيە لوگولىرى

1. ئاكادېمىيە لوگوسى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبىلەرنىڭ ۋىكتور نۇسخىسى (Corel Draw) – ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسىدا (ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز.)

2. ئاستى سۈزۈك PNG رەسىم نۇسخىسى

                     

                                       

                                

                               

                         


3. Jpeg رەسىم نۇسخىسى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top