• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » بىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر ئالىم – ئەسقەر ھىمىت

بىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر ئالىم – ئەسقەر ھىمىت

image

ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئالىمىلارنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بىئولوگىيە ساھەسىدە نەتىجىسى زور بولغان ئەسقەر ھىمىت ئاكىمىزنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئەسقەر ھىمىت 1968-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى قۇمۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1991-يىلى شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كىيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەت قىلغان. بىلىمگە ئىنتىلىشچان روھى ئۇنى بۇنىڭ بىلەن قانائەت ھاسىل تاپقۇزمىغان، ئۇ 1995-يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈپ، شۇ يىلى شاڭخەيگە كېلپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 1998-يىلى ماگىسىتىرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ خالمۇرات غۇپۇرنىڭ تەتقىقات گورۇپپىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىللە «غەيرى تەبئىي ساۋدانىڭ مولىكۇلا بىئولوگىيە تەتقىقاتى» قاتارلىق دۆلەت تەبىئىي پەنلەر فوندى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تېمىلىرىنى ئېلىپ ئىشلىگەن. بۇ جەريانىدا ئۇ جۇڭگونىڭ ھۈجەيرە ۋە مولىكۇلا بىئولوگىيە ساھەسىدىكى نوپوزلۇق ژورناللاردا 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقات جەريانىدا ئۇ چەتئەللەر بىلەن بولغان پەرقنىڭ زورلىقىنى ھىس قىلغان ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىسىتىكى تۇغۇلغان. ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، 2003-يىلى ئۇ كانادانىڭ (Queen’s University) خانىش ئۇنىۋېرسىتىتىغا بىر يىللىق زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2005-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ توختاپ قالماي، شۇ يىلى (University of Toronto) تورونتو ئۇنىۋېرسىتىتىغا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ كىرگەن. تورونتو ئۇنىۋېرسىتىتى نەچچە يىللاردىن بۇيان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ زورلىقى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى  20 ئۇنىۋېرسىتىت ئىچىدە سانىلپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ سانى شىمالىي ئامېرىكىدا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىن قالسا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرغىچە 9 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى چىققان. دىيابىت كېسىلىنىڭ دورىسى – كالا ئىنسولىن (胰岛素) دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مۇشۇ تەتقىقات ئورنىدا ياسالغان. ئەسقەر ھىمىتنىڭ بۇ ئۇنىۋېرستىتقا كىرىپ دوكتۇر ئاشتى تەتىقىقاتىچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى  ئۇنىڭ بىلىم سەۋىيىسنىڭ بىئولوگىيە ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ 2012-يىلى DNA ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى Nature Cell Biology ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھازىر شۆھرەت مۇتەللىپتىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ نوپوزلۇق بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ قالدى. Nature Cell Biology تەبىئەت ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ژورنىلى دۇنيادىكى ھۆجەيرە ساھەسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىمىتىيازغا ئېگە ژورنال بولۇپ، تەسىرچانلىق ئامىلى 19.488. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.


Dissecting DNA damage response pathways by analysing proteinlocalization and abundance changes during DNA replication stress,Nature Cell Biology 14: 966-976

http://biochemistry.utoronto.ca/brown/people.html
بىز ئالىمىمىز ئەسقەر ھىمىتنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.ئاللا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
مەنبە: باغراش تورى http://bbs.bagdax.cn/thread-18498-1-1.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (1)

  • bilgejan

    ئۇ ھازىر شۆھرەت مۇتەللىپتىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ نوپوزلۇق بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ قالدى.
    =====================
    ماۋۇ سۆزگە تېمىدا تىلغا ئېلىنغۇچىنىڭ يۈزى قىزارمىغانمىدۇ؟! بۇ ماقالىنى يازغان كىشى ئۇيغۇرنىڭ بىئولوگىيە ئالىملىرىدىن قانچىنى تونۇيدىكىن؟ بىر پارچە قوشۇمچە ئاپتۇرلۇقتىكى ماقالە بىلەن بۇنداق نامغا لايىقلىشىمەن، دەپ ئويلىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى ھەددىن زېيادە قالاق، ئەجرىلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقانلار يوق دەپ ئويلىسا كىرەك. رىشات ئابباس، ئەلقەم تۇرسۇن، سۇبات تۇردى….ساناپ كەلسەم خېلى بار پابمەد (http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed) كە ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسلا كىمنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئەمگەك ياراتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىدۇ. بولمىدى دىگەندە 20-30 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ مەلۇم ساھەدە خەق ئىسمىنى ئاڭلىسا ھە ماۋۇ پالانچىدى دىگۈدەك بولغاندا ئاندىن مۇنداق باھالارنى بەرسەكمۇ كېچىكمەيمىز.

    ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش، ئەمما مەيلى كىم بولسۇن، شەخىسلەرنى تونۇشتۇرغاندا ئادىل، توغرا، لىللا باھا بىرىش كىرەك. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بىر يەرگە تىزغۇدەك كىشىلىرىمىز تېخى چىقىپ باقمىدى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىتى ئاللىقاچان ئۇ «تەبىئەت»، «ھۆجەيرە» قاتارلىق ئەڭ زور ئېمتىيازدىكى ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلىرىنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى چۈنكى ئۇ ھاياتلىق پېنىدىكى مۇمكىن بولمايدۇ دىگەن ئىشلارنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى ۋە «تەبىئەت» ژورنىلىدەك ژورناللار تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. ئۇنىمۇ قويۇپ تۇرايلى، ئاددىيغىنىسى شۆھرەتكامنىڭ تەجىربىخانىسىدىكى ئالىمجان پولات مۇ «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان غول ھۆجەيرىنىڭ كلونلىنىشى ئۈستىدىكى ماقالىدا قوشۇمچە ئاپتۇر (ئوتتۇرا ئاپتۇر)، ھۆجەيرە ژورنىلىنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈزى 31.8. يۇقىرىدىكى ژورنالدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇنداق قاملاشمىغان لوگىكا بىلەن نېمىلا دىسەم بولىۋىرىدۇ دەپ يېزىلغان ماقالىلەر قامچىلاشقا تىگىشلىك.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top