You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 4)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 223

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (6)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت شۇ دەملەردە تەنھا ياتقانلىقىمنى بىلىمەن، قوسۇقۇمنىڭ ئاچ، كۆڭلۈمنىڭ سۇنۇق، ئوق تەككەن قۇشتەك قانسىراۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن، پۇتلىرىم ئىششىپ كەتكەنمىدۇ؟ ياكى سەمەرگەنمىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. سايەم يېرىدە، كاللام جايىدا، ئەتراپ جىمجىت، ھويلىدىن، كوچىدىن، مەسچىتتىن ھېچقانداق بىر شەپە ئاڭلانمايۋاتىدۇ. سىڭلىمنىڭ توخۇۋاز ئېرىنىڭ  تولا سوقۇشۇپ تاجىلىرى يارا بولۇپ كەتكەن غورۇزىنىڭ چىللىغان ئا ...

Read more ›

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (5)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت تۆت تامنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىپ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچەمنى تامامەن يوقاتتىم. زامان ۋە ماكان مەن ئۈچۈن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان. مېنىڭ دۇنيارىم مۇشۇ تۆت تامنىڭ ئىچى بولۇپ قالغىنىغا ئۇزۇن بىر زامان بولدى. بولۇپمۇ ئانام تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن بۇيان، تالا-تۈزگە چىقماس بولۇپ قالغانىدىم. دېمىسىمۇ مېنىڭدەك بىر كېسەلچان غېرىپنىڭ  زامان ۋە ماكان بىلەن نېمە ئى ...

Read more ›

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (4)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت بەدىنىمنى بار كۈچۈم بىلەن مېدىرلىتىپ، ئوڭ يېنىمدىكى سايەمگە قارىدىم، ئۇ سەل چايقالغاندەك قىلدىيۇ، يەنىلا ئورنىدىن مىدىرلىماي جىم تۇردى. مەن ئىككى قولۇم بىلەن ئاستىمدىكى كۆرپەمگە تىرەجەپ تۇرۇپ، ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم، لېكىن تۇرالمىدىم، ئەمما غەيرەت قىلىپ ئارقامغا ئازراق سۇرۇلدۇم لېكىن يەنە سۇرۇلۇشۇمگە كارۋاتنىڭ باش تەرىپى مېنى چەكلەپ قويدى. بۇ ھاياتتا مېنى چەكلىمىگەن مۇشۇ ياغاچ ...

Read more ›

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (3)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئاۋغۇست ئايى كىرىش بىلەن تەڭ كورونا ۋېروسى سەۋەبىدىن باشلانغان قامال ھەممە ئادەمنى ئۆيدىن چىقماسلىققا مەجبۇرلىدى. دەسلەپ سىڭلىم ئەتكەن تاماقلىرىدىن ئۆيۈمگە ئەكىرىپ بېرىۋاتاتتى، مانا ئىككى كۈن بولدى ئۆيگە سىڭلىممۇ ئاياغ باسمىدى، ئاياغ تېۋىشى ئىشىك تۈۋىگە يېقىنلاشمىدى، ئىز - قارىسى كۆرۈنمىدى. ئۆيۈمدىكى ئازغىنا قاتتىق قۇرۇق يەيدىغان نەرسىلەر پۈتۈنلەي تۇگىگەنىدى. كۆزۈمنى ئاچا - ئاچما ...

Read more ›

«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (2)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت بۇ شەھەر پۈتۈنلەي قامالدا قالغالىقى سەۋەبىدىن يالغۇز مەنلا ئەمەس، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى ئاچ قالغانىدى، ۋەھشى ئىتلار يېراقلاردا قاۋاۋاتاتتى. بىر زامانلاردا ئانام ئەتكەن تاماقنىڭ پۇرۇقى دەرۋازىنىڭ سىرتىغىچە تارقىلاتتى. بۇ پۇراقلاردا ئانامنىڭ سۆيگۈسى، مۇھەببىتى، ئانىلىق چەكسىز مېھرى بار ئىدى. زېھنىمدە خېمىر، تەڭنە، تاۋاق، قازان، چوكا قاتارلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىۋېتىپ، ئانامنىڭ خېمىر ي ...

Read more ›

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top