You Are Here: Home » ئومۇمى » قانداق قىلغاندا بالىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگىلى بىلىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگىلى بىلىدۇ؟

image

تەيسىرىززايىد.

بىز، كۆپىنچە ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسزلىكىدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بالىسىغا: بالام، سەندە قاچانمۇ ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭى يېتىلىدىغاندۇ؟ ياتاق ئۆيىڭىنى قاچانمۇ رەتلىك تۇتارسەن؟ نېمە ئۈچۈن مەن دېمىسەممۇ ياكى ھەيدىمسەممۇ ناماز ئوقۇمايسەن؟ نېمە ئۈچۈن تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىمەيسەن؟ چىشىڭنى يۇيۇشنىمۇ ھەر كۈنى مىنىڭ ئەسلىتىشىم كېرەكمۇ؟ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق بالىلىرىدىن قاقشىۋاتقانلىقىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بالىلىرىمىزدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش  ۋاقىت ۋە مەشىق تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ماقالەمنى سىلەر  بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ھۆرمەتلىك ئاتا- ئانىلار، بالىلىرىمىزدا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش دېگەنلىك: بالىلار ئۆز ئىشلىرىدا ئۆزىنى كونترول قىلىشنى، ئۆزى قارار قىلغان ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى، ئۆز قارارى بىلەن كېلىپ چىققان مەلۇم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىلىش دېمەكتۇر.
ئەمما بەزى ئاتا – ئانىلاردىن سادىر بولىۋاتقان ئەڭ چوڭ خاتالىق بولسا، بالىلىرنىڭ پۈتۈن قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىپلا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقى ھەل بولدىغۇ دەپ قاراش، بالىلىرى ھېچقانداق تەر تۆكمەستىن، ھەتتا ئاتا – ئانىلىرى، تۆككەن تەرنىمۇ ھېس قىلماستىن ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بېرىشتۇر. 
ۋاھالەنكى، بالىلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئەگەردە بىز مەسئۇلىيەتچان، ھەقىقى پىشىپ يېتىلگەن ئەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولساق، بالىلىرىمىزدا كىچىكىدىن باشلاپلا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ھەر قانداق ئىشىمىزدا ئۇلارغا ئۆلچە بولىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىشىمىز كېرەك.
سىز، بالىلىرىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا، سىز ئۇلار بىلەن بىرگە شوتىغا چىقىۋاتقانلىقىڭىزنى تەخمىن قىلىڭ.
بۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، بالىلار جازادىن قورقۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىپ ئۆز ئېغىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈشنى بىلىشتۇر.
جۈملىدىن كىچىك بالىلار،  ئالتە ياشتىن باشلاپ قائىدە قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدىغان بولۇپ، ئاتا- ئانىسى ۋە  مۇئەللىملىرىدىن قانۇن – تۈزۈم پرىنسىپلارنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر باشقىلارغا تايانماستىن ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان ۋاقىتتا ئاندىن شوتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بالدىقىغا يەتكەن بولىدۇ.

مەسئۇلىيەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: ئۈز نەپسىگە قارىتا بولغان مەسئۇلىيەت: يەنى ئۆزىنىڭ بەخت سائادىتىگە پەقەت ئۆزى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، مەلۈم كېلىشمەسلىككە دۈچ كەلگەندە بىر قانچە تاللاشلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاشقىمۇ پەقەت ئۆزى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تاللاشنىڭ ئەمىلى ئىش ھەرىكەت ياكى ئۆزگىرىشنى ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلشتۇر.
ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىگە قارىتا مەسئۇلىيىتى بولسا، بىزنى قورشاپ تۇرغان دۇنيانى كونترول قىلىشقا قادىر بۇلالمايدىغانلىقىمىزنى، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارغا قارىتا بولغان ھېس-تۇيغۇمىز ۋە پىكىرىمىزنى كونترول قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىش بىلەن باشلىنىدۇ.
ئەمما بالىلارغا مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۈگىتىش ۋاقتىغا كەلسەك: بالىلارغا ئوخشاش بولغان كۆپ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق باشلاش مۇمكىن. چۈنكى بالىلار بۇ ۋاقىتتا ئۆز تۇيغۇلىرىنى تۇلۇق كونترول قىلىشنى، دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھىكمەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىشكە باشلايدۇ.
شۇڭا بىز، تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئادەتلەنگەن، بالىلارنىمۇ شۇ سوئاللار ئۈستىدە مەشىق قىلدۇرغان بولىشىمىز ۋە ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئىشقا قارىتا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.
بىرنچى سۇئال: مەن، بۇ مەسىلىگە قارىتا نېمە قىلالايمەن؟
ئىككىنچى سۇئال: ھازىرقى ئەھۋالدا ياكى ھازىر قى شارائىتتا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ھەسسە قۇشالايمەن؟
ئۈچىنچى سۇئال: بۇ ئشتىن نېمە تەجرىبىلەرنى ئۆگەندىم؟
يۇقىرىدىكى سوئاللار، پەقەتلا ئەقلى جاۋاپلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سوئاللار بولماستىن بەلكى، نەپسى جەھەتتىن ئىنسانغا راھەت بېغىشلايدىغان، مېھرى شەپقەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سوئاللار بولۇپ، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتنى مىنىڭ كونترول قىلىشىم، باشقىلارنىڭ بىر ئىش قىلىپ بېرىشىنى كۈتمەسلىكىم ۋە مەسئۇلىيەتنىمۇ باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويماسلىقىم كېرەك، دېگەن ئاڭ يېتىلگەندە ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئىنساننىڭ ئۆز جەمئىيىتى ۋە دىنىغا قارىتا بولغان مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ توغرا قارار قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز- ئۆزىمىزدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىشىمىز ۋە بالىلىرىمىزنىمۇ شۇ سوئاللار ئۈستىدە مەشىق قىلدۇرۇشىمىز  لازىم.
1- مىنىڭ قىلغان ئىشىمدىن رەببىم قانچىلىك رازى بولغاندۇ؟
2- قىلغان ئىشىمدىن ئۈزۈم قانچىلىك رازى بولدۇم؟
3- مىنىڭ قىلغان ئىشىم باشقىلارنى قانچىلىك رازى قىلالىدى؟
بىز قاچانىكى توغرا ۋە ساپ مۇھىتتا ئۈسۈپ يىتىلىدىكەنمىز، قەلبىمىزدە قىلغان ئىشىمىزنىڭ قانچىلىك سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش ياكى زۇلۇم قىلىشقا يارىتىلمىغانلىقىمىزنى، بەلكى، باشقىلارغا قارىتا تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلىگۈدەك ھېس تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئەمما بۇ، ھېس – تۇيغۇنىڭ بالىلاردا ئەمىلى تەسىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، شۇ تۇيغۇنى ئالدى بىلەن  ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىدە پەيدا قىلىشىمىز لازىم.
مۇھىم نۇقتىلار:
1- مەجبۇرلاش ياكى جازالاش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قىزغىنلىقى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يىتىش.
2- ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش، بالىلارنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا ۋە ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچىسىز ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بولسا، ئۇلارنى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلدۇرىدۇ.
3- زۆرۈر ئېھتىياجلارنى تەلەپ قىلىش مەنمەنچىلىك ياكى ئاچكۆزلۈكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەسىلەن: بوۋاقلارنىڭ سۈت تەلەپ قىلىپ يىغلىغىنى، ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى تەلەپ قىلىپ يىغلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار يىغلىغاندا ئۇلارنىڭ مۇئەييەن بىر نەرسىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.
4- ئىنساننىڭ ئەقلىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق بىر ۋەقە، ئىنساننىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش ھەرىكەتلىرى ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خىمىيىلىك قۇرۇلمىلارنى (نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى) پەيدا قىلىدۇ. بەخت – سائادەت ياكى غەم قايغۇ ھېس قىلىشمۇ نىرۋىدە خاس بىر ماددا پەيدا قىلىدۇ. بۇ ماددىلار، بىزنىڭ بىر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىمىزنى ياكى سالامەتلىكىمىزدە مەلۈم بىر نۇرمالسىزلىقنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. مەسىلەن: بىزنىڭ يالغۇزلۇق ھېس قىلىشىمىز باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتمىگەنلىكىمىزدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىچىمىز سىقىلىش ياكى بىئاراملىق ھېس قىلىشىمىز ئۆز ئەھۋالىمىزدىن بەكراق باشقا ئىنسانلارنىڭ ھال ئەھۋالى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتكەنلىكىمىزدىن كېلىپ چىقىدۇ. بىز ھېس قىلغان شۇ تۇيغۇلار، بىزنىڭ مېھرى – شەپقەتكە ئىھتىياجىمىزنىڭ بارلقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
5- كىچىك بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن بەزى ۋىتامىن ۋە تۇزلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجى بولغىنىدەك، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن مېھرى مۇھەببەتكىمۇ زۆرۈر ئېھتىياجى بار.

بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان زۆرۈر ئېھتىياجلار:

1- ئاتا – ئانىلارنىڭ مەدھىيە ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىش.
2- بالىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىشەنچ قىلىش.
3- بالىلارغا ئۆز يېشىغا مۇناسىپ ھالدا ئەركىنلىكى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش.
4- بالىلار مەلۈم بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلغاندا ماختاپ قۇيۇش ۋە مۇناسىپ ھالدا تەقدىرلەش.
5- بالىلارنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش.
6- بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە بەزى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىش.
7- بالىلارنى خاتىرجەملىك، مېھرى- مۇھەببەت، ياردەمدىن مەھرۇم قويماسلىق. بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش.
ئەگەردە بىز، يۇقىرىدىكى ھېس تۇيغۇلارنى خىمىيىلىك ماددا،  ئۇنىڭ مېڭىگە تەسىرى بار دەپ قارايدىغان بولساق، بۇنىڭغا قارىتا ئاتا- ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، شۇ ماددىنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارىتا، توغرا مۇئامىلە قىلىش يوللىرىنى بالىلارغا ئۆگىتىشتۇر. ئەگەر، ئاتا- ئانىلار بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلمىغان تەقدىردە، بالىلار ئىچىدىكى خىمىيىلىك ماددا ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغان كەمچىلىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، خىروئىن، تاماكا ۋە ھاراققا ئوخشاش تاشقى خىمىيىلىك ماددىلارغا  بېرىلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.  چۈنكى مۇتەخەسسىسلەر : كىچىك بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئۆزىدىكى مېھرى – شەپقەتكە بولغان ئېھتىياجنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئاپەتلەرگە قايتىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ ماددى نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئاپەتلەرگە قايتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى نۇرغۇن بايلارنىڭمۇ بۇ خىل ئاپەتلەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭمۇ بۇ خىل ئاپەتلەرگە دوستلىرى ياكى يېقىنلىرىغا ئەگەشكەنلىكتىن قايتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەر قانداق ماددى ئېھتىياجلىرىنى تولدۇرۇشقا قادىر بايلارنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ، بۇ خىل ئاپەتلەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن بالىلىرىمىزدا دىنى ئاڭ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا بالىلىرىمىزنى ھازىرقى ئەسىرنىڭ ھەرخىل ئاپەتلىرىدىن ساقلاپ قالالايمىز.

بالىلىرىمىزدا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرى:

1- بالىلارغا ھەر بىرىنىڭ ئۆز يېشىغا مۇناسىپ ھالدا بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماسلىق.
2- ئېنىقلىق ۋە قىلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەپ بېرىش، ۋەزىپە تاپشۇرغان ۋاقىتتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرىدۇر.
3- بىر قانچە ۋەزىپە ئىچىدىن تاللاش ھەققىنى بېرىش.
4- ۋەزىپە ئىجرا قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۈرگۈزۈلىدىغان جازالارنى بەلگىلەش.
5- ۋەزىپە ئورۇنداش جەريانىدا كۆڭۈل ئىچىشقىمۇ مەلۇم پۇرسەت يارىتىپ بېرىش.
6- ئەگەر بالىلارنىڭ ھەممىسى ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى رەت قىلسا، ئاتا- ئانىلار بۇ ۋەزىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دەرھال قول تىقىش.
7- بالىلار قىلىپ بولغان ئىشنى قايتا قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق. چۈنكى مۇھىم بولغىنى شۇ ئىشنىڭ ئىجرا قىلىنىش قىلىنماسلىقىدۇر.
8- بالىلارنىڭ ئىچىدىن ۋەزىپىنى ئۇرۇنداپ بولغانلىرىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاشقا سەل قارىماسلىق. چۈنكى تەقدىر ۋە مۇكاپات بالىلارنى ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنداشقا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
9- بالىلارغا، ئۇلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش.
10- كىچىك بالىلار: باشقىلارنى دوراشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ياخشى ئۆلگە بولىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ بالىلىرىنى ساغلام تەربىيىلەشنى ئۇستىگە ئالغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىمدۇر.

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.
مەنبە: كۇۋەيتتە چىقىدىغان ئەلمۇجتەمەئ ژورلىنىنىڭ  1810- سانى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Comments (3)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top