NASA: ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟ يوللىغۇچى: ئاكادېمىيە ۋاقتى: ئاۋغۇست 24, 2013 ئورنى: ئومۇمى Tweet Share Comments (1) Erkin Sidiq 2013- يىل 24- ئاۋغۇست سائەت 06:01 مەن ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ بىر يېڭى تەتقىقات تۈرىگە كىردىم. ئۇنىڭدىن باشقا كېلەر ھەپتە بارىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىقىمۇ بەك قول تۇتتى. ئالدىراشچىلىقتا مەن يۇقىرىقى تېمىنىڭ بىر يېرىنى خاتا قىلىپ قويۇپتىمەن. يەنى، ئاي يەر شارىنى كۈندە بىر قېتىم ئايلانمايدۇ. 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئەمما يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتىراپىدا كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا يەر يۈزىدە تۇرۇپ ئايغا قارىسىڭىز، ئاي خۇددى يەر شارىنى كۈندە بىر قېتىم ئايلانغاندەك كۆرىنىدۇ. يەر شارىنىڭ مەركىزى بىلەن ئاينىڭ مەركىزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 384،403 كىلومېتىر. يەر شارىنىڭ رادىئوسى 6،378 كىلومېتىر. ئاينىڭ رادىئوسى 1،738 كىلومېتىر. شۇڭا يەر يۈزى بىلەن ئاي يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 376،287 كىلومېتىر. خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 415 كىلومېتىر. 376،287 كىلومېتىر نى 415 كىلومېتىرغا بولسەك، 906.7 بولىدۇ. ئاي يەر شارىنى ھەر 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئۇ ئۆز ئوقىدىمۇ ھەر 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىز يەر يۈزىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ پەقەت بىر يۈزىنىلا كۆرىمىز. كۈن ھەر كۈنى ئوز ئوقى ئەتىراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىز ئايدا تۇرۇپ، يەر شارى يۈزىنى سىنغا ئالساق، يەر يۈزىنىڭ كۆرىنىشلىرىنى بىر كۈندە بىر قېتىم تولۇق ئالالايمىز. ئەگەر بىز ISS ئۈستىدە تۇرۇپ يەر يۈزىنى سىنغا ئالساق، يەر يۈزىنىڭ كۆرىنىشىنى بىر كۈندە 16 قېتىم ئالالايمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى ناسا نىڭ ئاپوللو 16 ئالەم ئۇشقۇچىلىرى تارتقان ئاينىڭ بىز كۆرمەيدىغان يۈزىنىڭ رەسىمى. http://www.universetoday.com/19699/does-the-moon-rotate/
Erkin Sidiq
مەن ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ بىر يېڭى تەتقىقات تۈرىگە كىردىم. ئۇنىڭدىن باشقا كېلەر ھەپتە بارىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىقىمۇ بەك قول تۇتتى. ئالدىراشچىلىقتا مەن يۇقىرىقى تېمىنىڭ بىر يېرىنى خاتا قىلىپ قويۇپتىمەن. يەنى، ئاي يەر شارىنى كۈندە بىر قېتىم ئايلانمايدۇ. 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئەمما يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتىراپىدا كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا يەر يۈزىدە تۇرۇپ ئايغا قارىسىڭىز، ئاي خۇددى يەر شارىنى كۈندە بىر قېتىم ئايلانغاندەك كۆرىنىدۇ.
يەر شارىنىڭ مەركىزى بىلەن ئاينىڭ مەركىزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 384،403 كىلومېتىر.
يەر شارىنىڭ رادىئوسى 6،378 كىلومېتىر.
ئاينىڭ رادىئوسى 1،738 كىلومېتىر.
شۇڭا يەر يۈزى بىلەن ئاي يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 376،287 كىلومېتىر.
خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 415 كىلومېتىر.
376،287 كىلومېتىر نى 415 كىلومېتىرغا بولسەك، 906.7 بولىدۇ.
ئاي يەر شارىنى ھەر 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئۇ ئۆز ئوقىدىمۇ ھەر 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىز يەر يۈزىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ پەقەت بىر يۈزىنىلا كۆرىمىز.
كۈن ھەر كۈنى ئوز ئوقى ئەتىراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىز ئايدا تۇرۇپ، يەر شارى يۈزىنى سىنغا ئالساق، يەر يۈزىنىڭ كۆرىنىشلىرىنى بىر كۈندە بىر قېتىم تولۇق ئالالايمىز. ئەگەر بىز ISS ئۈستىدە تۇرۇپ يەر يۈزىنى سىنغا ئالساق، يەر يۈزىنىڭ كۆرىنىشىنى بىر كۈندە 16 قېتىم ئالالايمىز.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى ناسا نىڭ ئاپوللو 16 ئالەم ئۇشقۇچىلىرى تارتقان ئاينىڭ بىز كۆرمەيدىغان يۈزىنىڭ رەسىمى.
http://www.universetoday.com/19699/does-the-moon-rotate/