You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 39)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 223

تۆھمەتكە قالغان ئادەم

بۇخارا دېگەن شەھەردە سەدرى جىھاننىڭ بىر خىزمەتكارى تۆھمەتكە ئۇچراپ، ئۇ شەھەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ ئون يىل ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ ياشاپتۇ. ئاخىرى سەۋر قاچىسى تېشىپ ، بۇ سەرگەردانلىق ھاياتتىن جاق تويۇپ، دەپتۇ: "بۇ سەرسانلىققا چىدىغىدەك ھېچ ھالىم قالمىدى. بۇ دەردلىك كۆڭۈلنىڭ سەۋر تاقىتى تۈگىدى. بۇ ھىجراندىن تۇپراقلار شورلاشتى. ئاققان سۇلار توختىدى. جانغا جان قوشقان شاماللار قورقۇنچلۇق ۋابا بو ...

Read more ›

كۈپتىكى بوياققا چۈشۈپ كەتكەن چىلبۆرە

كۈپتىكى بوياققا  چۈشۈپ كەتكەن چىلبۆرە توپتىن ئايرىلىپ قالغان بىر چىلبۆرە كۈپتىكى بوياققا چۈشۈپ كېتىپتۇ ۋە ئىچىدىن مىڭ بالالىقتا ئاران چىقىپتۇ. ئەمما، ئۈستى-بېشى بويىلىپ كېتىپتۇ. بۇ ھالىنى كۆرگەن چىلبۆرە ئۆز-ئۆزىگە: "مەن كۆكلەردە لەرزان پەرۋاز قىلىدىغان توز بولدۇم"دەپتۇ. ئۇنىڭ بويالغان تۈكلىرى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈكلىرىنىڭ يېشىل، قىزىل، سېرىق ۋە شاپتۇل چېچىكىدەك رەڭلەردە بولۇپ كەت ...

Read more ›

دوستۇڭنى تونۇ

بۇرۇن بىر مەملىكەتتە، بىر شەھەرلىك بىلەن بىر سەھرالىق ئادەم تونۇشىدىكەن. سەھرالىق شەھەرگە كەلگەن ۋاقىتلىرىدا، شەھەرلىك دوستىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدىكەن. ھەر قېتىم كەلگەندە، ئۇ دوستنىڭ ئۆيىدە ئىككى ئۈچ ئاي قېلىپ، مېھمان بولۇپ كېتىدىكەن. شەھەرلىك دوستى بولسا غودۇراپ قالماي شۇنداق ئوچۇق-چىراي بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ياخشى مېھمان قىلىپ يولغا سېلىپ قويىدىكەن. بىر كۈنى سەھرالىق ئادەم شەھەرلىككە مۇنداق دەپتۇ: "دوستۇم! سەن بىرەر ...

Read more ›

ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى

بىر زامانلاردا ھىندىستان دېگەن مەملىكەتتە مۇنداق بىر پاجىئەلىك ۋەقە بوپتۇ. بۇ ۋەقە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن، تا بۈگۈنگىچە ھېكايە قىلىنىپ كەلمەكتە. ھىندىستاندا بىر دانىشمەن، بىر كۈنى بىرقانچە كىشىنىڭ ئاچ- يالىڭاچ ئۇزاق بىر سەپەردىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. بۇ ئىلىم ئىگىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئاچھالى يامان ئىشلارنى قىلىشىغا سەۋەپ بوپ قالمىسۇن دەپ مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىپتۇ  ...

Read more ›

تۆھمەتكە قالغان دەرۋىش

ھەبىبۇللا ئابلىمىت بىر كېمىگە بىر ئاق كۆڭۈل دەرۋىش چىقىپتۇ. دەرۋىش باشقىلار بىلەن ھېچ كارى بولماي، ئۆز خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، كېيىن ئۇيقۇغا غەرق بوپتۇ. مانا مۇشۇ چاغدا كېمىدىكى بىرسېنىڭ بىر كېسەك ئالتۇنى يۈتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكى پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ يانلىرىنى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئاختۇرۇپتۇ. ئالتۇننى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشى، بۇ ئىشلاردىن ھېچ خەۋەرسىز بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتقان دەرۋىشنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە دەرۋى ...

Read more ›

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top