ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئالدى بىلەن ئاكادېمىيە نامىدىن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەزىز تەنلىرىنىڭ سالامەت ۋە خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش جەھەتتە قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ قېتىم ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2018-يىلى 25-ماي جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 كىچە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىڭگتوندىكى جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ.

يىغىندا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىنى كىرىزىسلەر ۋە جازا لاگىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن كىملىك كىرىزىسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ يىغىن ئاكادېمىيەنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان ئىككىنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي پائالىيىتى بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئاكادېمىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ۋاقتى يار بەرگەن ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامال بار يىغىنغا كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئامېرىكىدىكى بۇ يىغىنغا مەسئۇل ئاكادېمىيە ۋەكىلى مەمەتجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلسا بولىدۇ

مەمەتجان بۇغرانىڭ يانغۇن نۇمۇرى: 15712149208+   ئېلخەت: mbbugra@gmail.com

ھۆرمەت بىلەن: – ئاكادېمىيە نامىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە دوكتور رىشات ئابباس

«ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» كۈنتەرتىپى

9:40 – 9:00: تىزىملىتىش

10:00 – 9:40: ئېچىلىش مۇراسىمى

12:00 – 10:00:  مۇھاكىمە – 1: ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتى

رىياسەتچى: دوكتور رىشاد ئابباس، ئامېرىكا فايزىر دورا تەتقىقات شىركىتى

1 – مۇھاكىمەنىڭ تېمىلىرى ۋە دوكىلات بەرگۈچىلەر:

1) ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ مەبلەغ سىياسىتى، ئېتنىك ئايرىمچىلىق ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور رىبەككا كىلوزەي (جۈرەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا)

2) خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش نازارەت مەركىزى: خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى

نۇرى تۈركەل (ئادۋۇكات، ئامېرىكا)

3) شەھەرلىك ئۇيغۇرلاردا قوزغالغان مەدەنىيەت ئۇرۇشى

لاۋرىن خانسىن رېسچىرېپو (بىرىن مار ئېنىستىتوتى، ئامېرىكا)

4) خىتاي قاتتىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان پىسىخولوگىيەلىك تەسىرى

مەمەت ئېمىن (كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا)

13:30 – 12:15:  چۈشلۈك ئارام

15:45 – 13:45:  مۇھاكىمە – 2: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى

رىياسەتچى: ئېلشات ھەسەن كۆكبۆرە، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى

2 – مۇھاكىمەنىڭ تېمىلىرى ۋە دوكىلات بەرگۈچىلەر:

1) ئۇيغۇر دىيارىدا دىننى خىتايچەلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى

لوئىسا گىرەۋە (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئامېرىكا)

2) ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىدا ئانا تىل كىرىزىسى

ئابدۇلھەمىد قاراخان (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، تۈركىيە)

3) ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇچ كەلگەن خىرىسلار

نېكول مورگىرەت (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا)

4) …

16:00 – 15:45:  يېپىلىش مۇراسىمى

17:00 – 16:00: ئىختىيارى سۆھبەت

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش