ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات

پىسخولوگىيە ۋە ئەدەبىيات


كارل گۇستاف يۇڭ
ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى

«غەرب ئەدەبىيات- سەنئەتكە دائىر مەشھۇر نەزەرىيىۋى ماقالىلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
پىسخولوگىيىنى پىسخىك جەرياننى تەتقىق قىلىش سۈپىتىدە ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىشتىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئادەمنىڭ پىسخىك مىجەزى بارلىق پەن ۋە سەنئەتنى تەۋەللۇت قىلىدىغان ئانا گەۋدە. بىز بىر تەرەپتىن، بەدىئىي ئەسەرنىڭ شەكلىنى پىسخىك تەتقىقات ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەمنى بەدىئىي ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل ئامىلنى مۇشۇ ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. شۇڭا پىسخولوگىيە مۇستەقىل، ئۆزئارا پەرق قىلىدىغان بۇ ئىككى ۋەزىپە بىلەن روبرو بولۇشى ھەمدە ئۇلارنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلغا تايىنىپ كۆزىتىشى لازىم.
بەدىئىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز كۆزەتمەكچى بولغان نەرسە بىر خىل مۇرەككەپ پائالىيەتنىڭ مەھسۇلى، بۇ خىل مەھسۇلاتتا روشەن مۇددىئا ۋە ئاڭلىق شەكىل بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، سەنئەتكار ئۈچۈن ئالغاندا بىزنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىمىز پىسخىك قورۇلمىنىڭ ئۆزى. ئالدىنقى ئەھۋالدا بىز مەلۇم ئېنىق بەلگىلەنگەن كونكرېت بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتنى پىسخولوگىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىشنى سىناپ بېقىشىمىز كېرەك. كېيىنكى ئەھۋالدا بولسا جانلىق، ئىجادچانلىققا باي ئىنساننى بىر خىل پەۋقۇلئاددە ئىندىۋىدۇئاللىق تەرىقىسىدە بەكرەك تەتقىق قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇ ئىككىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا بىر-بىرىگە تايىنىدىغان تۇرۇقلۇق ھېچكىممۇ بىزنى ئۇلار ئۈستىدە ئىزدەۋاتقان چۈشەنچە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. بەدىئىي ئەسەر ئارقىلىق سەنئەتكار ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ياكى ئەكسىچە سەنئەتكار ئارقىلىق بەدىئىي ئەسەر ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، مۇنداق خۇلاسىنىڭ مۇتلەق بولالىشى ناتايىن. ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئارانلا ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى پەرەز ياكى ئۇدۇل كېلىپ قالغان تەسەۋۋۇر خالاس. گىيۇتى بىلەن ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىش فائۇستنىڭ: «ئانىلار، ئانىلار! بۇ ئاڭلىماققا نەقەدەر غەلىتىلىك- ھە!» دەپ توۋلاپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەم بېرەلەيدۇ. لېكىن، گەرچە بىز گىيۇتىنىڭ جىسمىدىن بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى خاتاسىز ھالدا ھېس قىلالىساقمۇ، ئۇ بىزنى گىيۇتىنىڭ ئانىسىغا بولغان تىۋىنىشقا كۆرە قانداقلارچە فائۇستتىكى دىرامماتىك گەۋدىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە يېتەرلىك ئۇقۇمغا ئىگە قىلالمايدۇ. ئوخشاشلا، ئۇنى ئەكس تەرەپتىن پەرەز قىلىپمۇ ئۇنچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيمىز. نىبورونگىن ياشىغان قەھرىمانانە شىجائەتكە تولغان ئەرلىك دۇنياسى بىلەن ۋاگىنېرنىڭ جىسمىدىكى مەلۇم زەيپانە ئاياللىق مىجەز ئارىسىدا ھەقىقەتەن بەزى يوشۇرۇن باغلىنىش مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لىېكىن «نىبورونگىننىڭ ئۈزۈكى» دىگەن ئەسەردىكى ھېچقانداق نەرسە بىزنىڭ ۋاگىنېر تاساددىپىي يوسۇندا ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ پاكىتنى جەزملەشتۈرۈشىمىزگە ۋە پەرەز قىلىشىمىزغا ھەمدەم بولالمايدۇ.
پىسخولوگىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى تېخى بىزنىڭ بىرەر پەن چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك دەپ ئارزۇ قىلغان مۇنتىزىم سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزالىشىمىزغا يول قويمايدۇ. بىز پەقەت پىسخىكىلىق- فىزىئولوگىيەلىك ئىنكاستىن ئىبارەت مۇشۇ ساھەدىلا سەۋەب- نەتىجە كۆز قارىشىدىن ئىشەنچىلىك رەۋشتە پايدىلىنالايمىز. پىسخولوگىيە ئالىمى يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى روھىيەت تۇرمۇشىنى قاندۇرالايدىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، تېخىمۇ مۇرەككەپلىككە ئىگە قاتلامدا تۇرۇپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەتراپلىق بايان قىلىشى، چىگىش يوللارنى جانلىق تەسۋىرلىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ھەر قانداق بىر پىسخىك جەرياننى يەككە ھالدا ئابىستىراكىت ئورۇنغا قۇيۇشتىن، ئۇنى بىر خىل «مۇقەررەر» جەريان دەپ سېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئەمەلىي ئەھۋال مۇنداق بولمىسا، ئەگەر پىسخولوگ راستىنلا بەدىئىي ئەسەرنىڭ ئىچكى قىسىمى بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەت جەريانىدىكى سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى تاپقان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇ بەدىئىي تەتقىقاتنى ئۆزىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسىدىن مەھرۇم قىلغان بولىدۇ. ئۇنى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەندىكى مەخسۇس بىر تارماق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئەلۋەتتە، پىسخولوگىيە ئالىمى مۇرەككەپ پىسخىك ھادىسىلەر ئىچىدىن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىغان تەشەببۇستىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى مۇنداق ۋاز كېچىش پىسخولوگىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ، لىكىن ئۇ بۇ تەشەببۇسنى ئەڭ مۇكەممەل مەنا يېقىدىن ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھاياتىنىڭ (سەنئەت قوينىدا ئۆز ئىپادىسىنى ئەڭ تولۇق نامايان قىلغان) ئىجادكارلىق تەرىپى ئىدراكىي فورمۇلا تىكلىمەكچى بولغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنى مەغلۇپ قىلىدۇ. غىدىقلاشتىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىنكاسنى سەۋەب-نەتىجە تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولسىمۇ، بىراق ئىجادكىرانە پائالىيەت بىلەن نوقۇل ئىنكاس قايتۇرۇش پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇنى ئىنسانلار ئەبەدىلئەبەد چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىلىنىلا، يەنى ئۇنىڭ گۇڭگا ھالدا ھېس قىلىنىش مۇمكىنلىكىنى، ئەمما تولۇق ئىگەللەش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنىلا بايان قىلالايمىز. شۇڭا پىسخولوگىيە بىلەن بەدىئىي تەتقىقات مەڭگۈلۈك رەۋىشتە بىر-بىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ئاجىزلىتالمايدۇ. پىسخىك ھادىسىلەرنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقى __ پىسخولوگىيىدىكى مۇھىم ئاساسى قائىدە. پىسخىك مەھسۇلات بەدىئىي ئەسەر ياكى سەنئەتكارنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ مەلۇم ئەركىن نەرسە. بۇمۇ بەدىئىي تەتقىقاتتىكى مۇھىم ئاساسىي قائىدە. بۇ ئىككىسى ئۆزئارا نىسپىي بولغىنىغا قارىماي پۈتۈنلەي نىسپىي ئەھۋال.
1.بەدىئىي ئەسەر
پىسخولوگىيە ئالىمى بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچى بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرنى كۆزەتكەندە، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا تەتقىقات قىلىش جەھەتتىن تۈپتىن پەرق بولىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ قارىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ۋە قىممەتكە ئىگە نەرسىنىڭ پىسخولوگىيە ئالىمى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار يۈكسەك غۇۋالىققا ئىگە ئەدەبىي ئەسەر كۆپ ھاللاردا پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىنتايىن زور قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئالايلۇق، ئەدىبلەر ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىغا ئاساسەن « پىسخىك ھادىسە» دەپ ئاتىلىدىغان ھېكايىلەر پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئۈچۈن ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىش ئەمەس. مۇكەممەللىك يېقىدىن ئالغاندا، مۇنداق بىر پارچە ھېكايىنى چۈشەندۈرىدىغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆزى. مۇنداق ھېكايىلەر پىسخولوگىيە يېقىدىن ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئاللىقاچان ئورۇنداپ بولغان بولىدۇ. پىسخولوگىيە ئالىمى ناھايىتى كەلسە پەقەت مۇشۇ ئاساستا ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تەنقىدنى قانات يايدۇرىدۇ ياكى ئۇنى تولۇقلايدۇ. مۇئەييەن بىر يازغۇچىنىڭ مۇئەييەن بىر ھېكايىنى يېزىشىنى قانداقلارچە باشلىغانلىقىغا كەلسەك، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە جاۋاب چىقمايدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئادەتتىكى مەسىلىنى ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكىگە قالدۇرۇپ مۇھاكىمە قىلساق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
پىسخولوگىيە ئالىمىنى كۆپ ھوسۇلغا ئىگە قىلىدىغىنى مۇنداق خىلدىكى ھېكايىلەر، يەنى مۇنداق ھېكايىلەردە يازغۇچى ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلىرىنى پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئىزاھلىمىغان بولىدۇ، ئۇلار مۇشۇ تۈپەيلى بۇ ھېكايىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە شەرھىلەشكە ئىمكانىيەت قالدۇرىدۇ. ھەتتا، بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى پىسخولوگىيە ئالىملىرىنى ئۆزلىرى ئۈستىدىن تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا ۋە چۈشەنچە بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. باننۇئارتنىڭ ھېكايىسى بىلەن لىدىل ھايگىتنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئەنگلىيە ھېكايىلىرى ھەمدە كىناندويىل باشلاپ بەرگەن ۋە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان تۈركۈم-تۈركۈم ھېكايىلەرنى روياپقا چىقارغان شۇ ئۇسلۇبتىكى رازۋېدكا تېمىلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى. مىلۋېر يازغان «ئاق كىت» (مېنىڭچە، بۇ ئامېرىكا ھىېكايىلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى چىققان ئەسەر) مۇ مۇشۇ خىلدىكى ئىجادىيەتكە ياتىدۇ. روشەنكى، پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تازا قىزىقىدىغىنى دەل پىسخىك مونولوگ كەمچىل بولغان مۇشۇ خىلدىكى گۈزەل تەسۋىر. بۇنداق ھېكايىلەر ھەر خىل ئىنچكە پىسخىك پەرەزلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇلار يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا نوقۇل ۋە بىۋاستە ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە ھەمدە ئۆزىنى تەنقىد ئوپراتسىيىسىگە تاشلاپ بېرىدۇ. ئەكسىچە، پىسخىك ھېكايىلەردە يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ خام ماتېرىيالىنى قايتىدىن پىششىقلاشقا، ئۇلارنى ئىپتىدائىي تەبىئىيلىكنىڭ سەۋىيىسىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە، ئۇلارنى پىسخولوگىيە يۈكسەكلىكىدىن چۈشەندۈرىدىغان ۋە ئىزاھلايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە ئەسەرنىڭ پىسخىك ئەھمىيىتى يېپىلىپ قالىدۇ ياكى ئۇ ئەسەر ئىگەللەش تەسكە چۈشىدىغان بىر نەرسە بولۇپ چىقىدۇ. نائۇستا ئادەملەر دەل مۇشۇ خىل ھېكايىلەردىن ئاتالمىش پىسخولوگىيەنى تاپماقچى بولىدۇ. ھالبۇكى، پىسخولوگىيە ئالىملىرىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغىنى باشقا بىر خىل ھېكايىلەر، چۈنكى پەقەت پىسخولوگىيە ئالىملىرىلا بۇنداق ھېكايىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە قىلالايدۇ.
مەن ھېكايە توغرۇلۇقلا سۆزلەۋاتىمەن، لېكىن مەن تىلغا ئېلىۋاتقان پىسخولوگىيە پاكىتى يالغۇز مۇشۇ پەۋقۇلئاددە ئەدەبىي شەكىل بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز بۇنداق پاكىتقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئوخشاشلا يولۇقىمىز. «فائۇست» دراممىسىنىڭ بىرىنچى قىسىمى بىلەن ئىككىنچى قىسىمىنى سېلىشتۇرغان چېغىمىزدا بۇ پاكىتنى يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتىمىز. گالىچىننىڭ مۇھەببەت تىراگېدىيەسى ئۆزىنى ئۆزىگە چۈشەندۈرگەچكە، پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا باشقا ھەر قانداق نەرسىنى قوشۇشنىڭ ئامالى يوق. چۈنكى شائىر ھەممىنى ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن دەپ بولغان. ئەكسىچە، دراممىنىڭ ئىككىنچى قىسىمى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىكى تەسەۋۋۇرغا باي خام ماتېرىيالنىڭ ئۆزىلا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە مول، ئۇ شائىرنىڭ ماتېرىيالىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ ئۆتكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئۆزىنى ئۆزى شەرھىلەيدىغان ئىش يوق. ھەر بىر مىسىرا شېئىر ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىنىڭلا چۈشەنچە بېرىشىگە مۇھتاج. «فائۇست» دراممىسىنىڭ مۇشۇ قىسىمى بۇ ئىككى خىل ئەدەبىي ئەسەردىكى پىسخىك پەرقنى چېكىدىن ئاشقان شەكىل بىلەن ئىزاھلاپ بولغان. مەن بۇ خىل پەرقنى يەنىمۇ تەكىتلەش ئۈچۈن بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ بىر خىل شەكلىنى «پىسخىكىلىق»، يەنە بىر شەكلىنى «خىيالىي تۇيغۇلۇق» دەپ ئايرىش قارارىغا كەلدىم. پىسخىكىلىق شەكىلدە پىششىقلانغان خام ماتېرىيال ئادەملەنىڭ ئاڭ دائىرىسىدىن، ئالايلۇق، ھاياتلىقتىكى ساۋاقتىن، ھېسسىياتتىكى ھەيرانلىقتىن، ھاياجاندىكى تەجىرىبىدىن، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىدىكى بوھراندىن كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ھېسسىي تۇرمۇش ئادەمدىكى ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. شائىر بۇنداق خام ماتىرىيالنى پىسخىك جەھەتتە ئاسسىملاتسىيە قىلىپ، ئۇنى ئادەتتىكى ئورۇندىن شېئىرىي تەجىرىبە سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە ئۇ ئۆزى ئادەتتە ئۆزىنى قاچۇرۇپ سەل قارىغان نەرسىنى، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان پاسسىپ شەكىلگە تايىنىپلا ھېس قىلالايدىغان ۋەقەنى تولۇقى بىلەن تونۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنى ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىدىغان قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شائىرنىڭ بۇ يەردىكى خىزمىتى ئاڭنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاش، ئىنسان تۇرمۇشىدىكى مۇقەررەر تەجىرىبىلەرنى ھەمدە ئەبەدىلئەبەد دائىرىلىك ئايلىنىپ تەكرارلىنىدىغان پاجىئە بىلەن خۇشاللىقنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئۇ پىسخولوگىيە ئالىملىرىغا بىز ئۇلاردىن فائۇستنىڭ گالىچىننى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ياكى ئۇنىڭ گالىچىننى ئۆز پەرزەنتىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئالدىراتقانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى تەپسىلىي شەرھىلەپ بەرسە دەپ سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلغان ئارزۇلىرىمىزدىن بۆلەك ھىچقانداق نەرسىنى قالدۇرمايدۇ. بۇنداق تېمىلار ئىنساننىڭ تەقدىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولغاچقا، ئۇ مىڭ قېتىم، ئونمىڭ قېتىم تەكرارلىنىش تۈپەيلى ساقچى ئورگانلىرى بىلەن جىنايى جازا قانۇن دەستۇرلىرىنى بىر كاتاڭدىن چىققاندەك ئوخشاشلىققا ئىگە قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھىچقانداق گۇڭگا، خىرە-شىرە نەرسە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى چالا قويماي چۈشەندۈرۈپ بولغان بولىدۇ.
مۇنداق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، ئالايلۇق بىر تالاي مۇھەببەت ھېكايىلىرى، مۇھىت ھېكايىلىرى، ئائىلە ھېكايىلىرى، جىنايەت ھېكايىلىرى، ئىجتىمائىي ھېكايىلەر، ۋەز-نەسىھەت شېئىرلىرى جۈملىدىن، زور تۈركۈمدىكى لىرىك شېئىرلار، دراما (تىراگېدىيە بىلەن كومېدىيە) قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەيلى ئۇلار قايسى خىلدىكى پەۋقۇلئاددە ئىپادىلەش شەكلىنى قوللانغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، پىسخىكىلىق بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى ھامان ئىنساننىڭ ئاڭ تەجىرىبىسىدىكى پايانسىزلىقتىن، جانلىق ھاياتىي مەنزىلدىن كەلگەن بولىدۇ. بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى مەن بايا يۇقىرىدا ئېيتقاندەك پىسخىكىلىق شەكىلگە ياتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز جىسمىدىكى پائالىيەتتىن باشتىن-ئاياغ دېگۈدەك پىسخولوگىيە چۈشىنەلەيدىغان دائىرىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھەممە تەجىرىبىنى ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلىنى ئادەملەر بىر قاراپلا بىلىۋالىدۇ، ئۇ ھەتتا ئاساسىي تەجىرىبىنىڭ ئۆزى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ غەيرىي ئىدىراكى شەكىلدە بولغىنىغا قارىماي ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئۆزگىچە بىر نەرسە بولمايدۇ. دەل ئەكسىچە، ئۇلار ھاياجان ۋە ئەسەرنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن نەتىجىدىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، ئۇلار ئادەمنىڭ تەقدىرگە تەن بېرىشى، مەڭگۈلۈك تەبىئەت ۋە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك، ۋەھىمىلەرگە كۆرە باشلىنىشى بىلەن تەڭلا ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇملۇق نەرسە بولۇپ چىقىدۇ.
«فائۇست» نىڭ بىرىنچى قىسىمى بىلەن ئىككىنچى قىسىمى ئارىسىدىكى چوڭقۇر پەرق بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى پىسخىك جەريان بىلەن خىيالىي تۇيغۇلۇق شەكىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئۆلچىمى بولالايدۇ. كېيىنكىسىدىكى ئەھۋال ئالدىنقىسىدىكى ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسى، ئۇنىڭدىكى بەدىئىي ئىپادىلەشنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن تەجرىبە ئادەملەرگە ناتونۇش، ئۇلار ئىنساننىڭ روھىيەت چوڭقۇرلۇقىدىن ئاپېرىدە بولغان مەلۇم يات نەرسە. ئۇ بەجايىكى ئىنسانىيەتنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تۈپسىز ھاڭلىرىدىن كەلگەنگە، يەنە خۇددى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق دەرقەمتە بولغان كامىلى ئىنسان دۇنياسىدىن چىققانغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ھالقىغان ئىپتىدائىي تەجرىبە. ئىنسان ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز جىسىمىدىكى ئاجىزلىققا كۆرە ئوڭايلا قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولىدۇ. بۇ خىل تەجىرىبىنىڭ قىممىتى ۋە كۈچى ئۇنىڭدىكى چەكسىز قۇدرەتتىن كېلىدۇ. ئۇ ئەبەدىيلىك تۈپسىز ھاڭدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىدىكى ناتونۇشلۇقنى، ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان تىمتاسلىقنى، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى، كامىلى ئىنسانلىقنى، ئاجايىباتلىقنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ئەلمىساقتىن ئىلگىرى لەيلەپ يۈرگەن مانان قوينىدىكى غايىبانە ئەۋرىشكە، نىتىزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئاسىيلىق. ئۇ بىزدىكى ئىنسانىي قىممەت ئۆلچىمى بىلەن ئىستېتىكا شەكلىدىكى ئۆلچەمنى ئۈزۈل-كېسىل بىت- چىت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى تىل بىلەن ئىزھار قىلغىلى بولمايدىغان غەلىتىلىككە كۆرە بارلىققا كېلىدىغان ۋەسۋەسىلىك خىيالىي ھادىسىلەر ھەر قايسى جەھەتتىن ئالغاندا ئادەمدىكى ھېسسىيات بىلەن چۈشەنچە ئىگىلەپ تۇرغان دائىرىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئۇ سەنئەتكارنىڭ ئىقتىدارىغا قارىتا ھەر خىل تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ تەجرىبە كۆلبىسىدىن يولغا چىقىشىنى ئەڭ ھاجەتسىز ئىش چاغلايدۇ. چۈنكى كۈندىلىك تۇرمۇش كۆلبىسىدە جۇغلانما قىلغان تەجىرىبىلەر ئالەم تەرتىپىنىڭ پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇ ئىنسانىيەتتىكى مۇمكىنچىلىك چېگرىسىدىن نېرى كېتەلمەيدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى، ئۇنىڭ شەخسكە نىسبەتەن قانچىلىك ھەيرانلىق ئېلىپ كېلىش مۈمكىنچىلىكى بارلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا سەنئەتنىڭ تەلىپىگە لايىق پېتى قېلىۋېرىدۇ. ھالبۇكى، ئىپتىدائىي تەجرىبە بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز چېكىسىگە تەرتىپ كۆرۈنۈشلىرى سىزىلغان ئالەم پەردىسىنى بېشىدىن ئايىغىغىچە يىرتىپ، بىزگە ھازىرغا قەدەر شەكىللەنمىگەن نەرسىلەرنىڭ تۈپسىز چوڭقۇرلۇقىغا نەزەر سېلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. بۇ زادى باشقا بىر دۇنيادىكى خىيالىي تۇيغۇمۇ ياكى قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن روھنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇۋاتقان ئالۋاستىمۇ ۋە ياكى ئىنسان روھىيىتىنىڭ بالقىۋاتقان ھۆسن-جامالىمۇ؟ بۇلارنى بىز ھەم مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمىز شۇنداقلا ئىنكارمۇ قىلالمايمىز.
بىز «ھىلماسنىڭ پادىچىسى»، دانتىنىڭ ئەسەرلىرى، «فائۇست» نىڭ ئىككىنچى قىسىمى، نىتىزى يازغان «شىجائەتلىك دىئونسۇس»، ۋاگنېرنىڭ «نىبورونىگنىڭ ئۈزۈكى»، سىپتىلى يازغان « ئولمپىكتىكى ئەتىياز»، ۋىليام بۇلاكنىڭ شېئىرلىرى،«مۇناخ فرانسىسكو كولىنا»، ياكوب پومنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرىدىكى جۆيلۈش قاتارلىقلاردىن ھېلىقىدەك خىيالىي ھادىسىلەرنى كۆرەلەيمىز. ئىپتىدائىي تەجىرىبە ھېكايە دائىرىسىدە لىدىل ھايگىت تېخىمۇ مۇنتىزىم، تېخىمۇ پەۋقۇلئاددە شەكىل بىلەن «ئايال» لارغا يۈزلىنىشنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى. ئوخشاشلا بانۇئارتنى (ئاساسلىقى «ئاتلانتىك ئوكيا» دا)، كوبىننى («يەنە بىر تەرەپ» تە)، مىرىنكىنى («يېشىل رەڭلىك خىيال» دا)، گوئەيتسىنى («ئىمپېرىيەنىڭ چىگرىسى يوق» دا)، باراكنى («ئۆلگۈچىنىڭ كۈنلىرى» دە) خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ تىزىملىكنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ يېزىشقا بولىدۇ.
بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ پىسخىكىلىق شەكلى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئەھۋالدا بۇ خام ماتېرىياللارنىڭ نېمە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ھالبۇكى، بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ خىيالىي تۇيغۇلۇق شەكلى بىلەن ئۇچراشقان چېغىمىزدا بولسا بۇ مەسىلىگە ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل تىكىلىشكە مەجبۇر بولىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تەئەججەپلىنىمىز، گۇمانلىنىمز، قايمۇقىمىز، چۆچۈيمىز، ھەتتا سەسكىنىمىز؛ ئۇنىڭغا باھا بېرىشنى، چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىمىز. چۈنكى ئۇ بىزنى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئەسلەشكە زورلىمايدۇ، بەلكى بىزنى چۈشىنىشكە، كېچىدىكى ۋەھىمىنى ۋە قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقنى ئەسلەشكە زورلايدۇ. ئۇلار بىز بەزى چاغلاردا گاھ ئىشىنپ، گاھ ئىشەنمەي يۈرگەن نەرسىلەرنىڭ دەل ئۆزى. دەرۋەقە، ئۇلار ئەگەر بىز تۇيۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە قوپال ئىپادىلەنگەن بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرنى قارشى ئالمايدۇ، ھەتتا ئەدەبىي تەنقىدچىلەرمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تەڭلىكتە قالىدۇ. دانتى بىلەن ۋاگنېر بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ خىيالىي تۇيغۇلۇق شەكلى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلەر. دانتىنىڭ ئەسەرلىرىدە تارىخىي پاكىتلار تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەپسانىلەر بايان قىلىنىپ، خىيالىي تۇيغۇ تەجىرىبىلەر يېپىلىپ قالغان بولغاچقا، ئادەملەر كۆپ ھاللاردا تارىخ بىلەن ئەپسانە مۇشۇ شائىرلار يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتا تايىنىدىغان خام ماتېرىيال دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن چوڭقۇر مەنە ياكى تارىخنىڭ ئىچىدە ياكى ئەپسانىنىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئەكسىچە خىيالىي تۇيغۇدىكى تەجىرىبىلەرنىڭ قوينىدا بىرلا ۋاقىتتا ھازىر بولىدۇ. مۇشۇلارغا كۆرە، لىدىل ھايگىتنى ھەممەيلەننىڭ نوقۇل رەۋىشتە ھېكايە ئىختىرا قىلغۇچى دېگەنلىرىگە ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ. لىكىن، ھېكايە ئۇنىڭ قولىدا يەنىلا مەلۇم مەنەنى ئىپادىلەيدىغان خام ماتېرىيالنىڭ ۋاستىسى، خالاس. يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا، ھېكايىدىكى ۋەقەلىك قايسى يول ئارقىلىق ئۆز مەزمۇنىدىن ھالقىپ كەتكەن بولمىسۇن، مۇھىملىق جەھەتتە مەزمۇن ھامان ھېكايە ۋەقەلىكىنى بېسىپ چۈشكەن بولىدۇ.
خىيالىي تۇيغۇ شەكلىدىكى ئىجادىيەت ماتېرىيالىنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن سۆزلىگەندە، ئۇنىڭدىكى غۇۋا چۈچىمەللىك ئادەمنى راستىنلا ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بىر ئىجادىيەتنىڭ پىسخىكىلىق شەكىلدە يولۇققان ھېلىقى نەرسىلەرگە قىلچە ئوخشىمايدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى بىز بۇ غۇۋا چۈچىمەللىك قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانمۇ قانداق دەپ گۇمانلانماي قالمايمىز. بىز تولىمۇ تەبىئىي يوسۇندا پەرەزگە__ فىروئىدنىڭ پىسخولوگىيىسىمۇ بىزنى مۇشۇنداق پەرەز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن__ مايىل بولىمىز. چۈنكى بۇ خىل ئەقىلگە سىغمايدىغان قاراڭغۇلۇقتا يۈكسەك دەرىجىدە شەخسلەشتۈرۈلگەن تەجىرىبىلەن يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىز ئەلمىساقتىن بۇرۇنقى مانانغا بولغان غەلىتە كۆزىتىشنى مۇنداق شەرھىلىمەكچى بولىمىز، يەنى نېمىشقا شائىرنىڭ ئۆزىدىكى ئاساسلىق تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنى قارىماققا بەزىدە بىزدىن قەستەن يوشۇرغاندەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنىمىز. مەسىلىگە مۇنداق قاراش ئۇسۇلى بىلەن بىزنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىرىمىز پاتولوگىيە ئىلىمى ۋە نېرۋا كېسەللىك ئىلىمىدىن ئىبارەت سەنئەت دىگەنلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ئازلا پەرق بولغان بولىدۇ. ئەمدى خىيالىي تۇيغۇ شەكلىدىكى ئىجادىيەتنىڭ خام ماتېرىيالى بىز روھىي كېسەللەرنىڭ خىيالىدا ئۇچراتقان بەزى ئالامەتلەرنىڭ زاھىر بولۇشى دېگەنگە كەلسەك، يۇقىرىدىكى ھېلىقى ئازغىنە پەرق يوللۇق بولۇپ چىقىدۇ. ئەكسىچە بولغاندىمۇ يەنىلا ئوخشاش. چۈنكى بىز كۆپىنچە روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ روھىي مەھسۇلاتىدا ئەسلىدە تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىنلا تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئۈمىد قىلغان مول ئىچكى مەزمۇنغا يولۇقۇپ قالىمىز. فىروئىدغا ئەگەشكەن پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئەلۋەتتە ئۆزى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئەسەرنى پاتالوگىيە تەرىقىسىدە مۇشۇنداق تەتقىق قىلىشقا ئامراق. ئۇلار بىز دەۋاتقان «ئىپتىدائىي خىيالىي تۇيغۇ» نىڭ يەنى ئاڭ ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ۋە قۇبۇل قىلالمايدىغان تەجىرىبىنىڭ تېگىدە ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان شەخسىي تەجىرىبىلەر يوشۇرۇنغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىپتىدائىي خىيالىي تۇيغۇنى يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان ئوبراز دېيىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا قەستەن يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئاساسىي تەجىرىبىنى پەرەز قىلىشقا ۋە شۇنىڭغا كۆرە بۇ غەلىتە خىيالىي ئىماگنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە شەرھىلەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە مۇھەببەت ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور بولغان بۇ تەجىرىبىلەر ئەخلاقىي ياكى ئىستىتىك زوق جەھەتتە پۈتكۈل ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەن ياكى ھېچبولمىغاندا ئاڭلىق ئاڭدىكى بەزى ئوي-خىياللار بىلەن چىقىشالمايدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى ئۇلار شائىرلارنى ئۆزىدىكى «ئۆزلۈك» ئارقىلىق بۇ تەجىرىبىلەرنى باسۇرۇققا ئالىدىغان، تونۇغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدىغان، يەنى ئاڭسىزلىققا ئايلاندۇرىدىغان قىلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالەتتىكى بارلىق پاتولوگىيەلىك خىيالنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ باقىدۇ. مەۋھۇملۇقنى رېئاللىقنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان بۇ خىل سىناق تاكى بېشىدىن ئاخىرىغا قەدەر ئادەملەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ بىر تالاي ئىجادىي ئىپادىلەش جەريانىدا تەكرارلىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ. دېمەك، دەل مۇشۇ ئەھۋال پۈتكۈل قورقۇنچلۇق، غەلىتە، بىنورمال تەسەۋۋۇر شەكلىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ. ئۇلار بىر ياقتىن قوبۇل قىلىش تەسكە چۈشىدىغان تەجىرىبىلەرنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان بۇيۇم بولۇپ قالىدۇ؛ يەنە بىر ياقتىن ئۇلار بۇ تەجىرىبىلەرنىڭ پىنھان ھالەتتە تۇرۇۋېرىشىگە يار- يۆلەك بولغان بولىدۇ.
گەرچە مەن شائىرنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەن پىسخىك ساپاسىنى مۇشۇ ماقالەمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكىگە كەلگەندىرەك مۇزاكىرە قىلىشنى جىددىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويغان بولساممۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىدە فرۇئىدنىڭ خىيالىي تۇيغۇ شەكلىدىكى بەدىئىي ئەسەر ھەققىدە ئېيتقان قاراشلىرىنى تىلغا ئالمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن ئۇ خېلى كۆپ ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىككىنچىدىن، بۇ __ ئۇلار ئومۇميۈزلۈك بىلىدىغان بىردىنبىر ئۇرۇنۇش بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى خىيالىي تۇيغۇدىكى خام ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىگە نىسبەتەن «ئىلمىي» چۈشەنچە بېرىش ياكى بۇ ھەقتە مەلۇم نەزەرىيە شەكىللەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۇ خىل غەلىتە بەدىئىي ئىجادىيەت شەكلى ئاستىغا يوشۇرۇنغان پىسخىك جەرياننى ئىزاھلاش بولۇپ قالدى. بۇ نۇقتىدىكى نۇقتىنەزىرىم باشقىلارغا تېخى تونۇش ياكى ئۇلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ كېتىلمىگەن بولغاچقا، بىر نەچچە جۈملە باشلىنىش سۆزىدىن كىيىن ئۇنى قىسقىچە بايان قىلماقچى بولدۇم. بىز ناۋادا «خىيالىي تۇيغۇ شەخسنىڭ تەجىرىبىسىدىن كېلىدۇ» دېگەندە چىڭ تۇرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ خىيالىي تۇيغۇغا چوقۇم ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەلۇم نەرسە ئورنىدا مۇئامىلە قىلىشىمىزغا، ئۇنى پەقەتكىنە ئالماشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدىغان بىر خىل ئەمەلىي بۇيۇم دەپ قارىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. نەتىجىدە بىز خىيالىي تۇيغۇنىڭ ئىپتىدائىي خاراكتىرىنى يوقىتىپ، ئۇنى ئارانلا بىر خىل كېسەللىك ئالامىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولىمىز. بۇ ئەھۋالدا، ئەلمىساقتىن بۇرۇنقى مانان پىسخىك ۋەسۋەسىسىنىڭ قوينىغا چىكىنىدۇ. ھالبۇكى، بىز مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى قايتا تىندۇرۇپ، قىل ئۇيان-قىل بۇيان بولمايدىغان رەتلىك ئالەم كۆرۈنۈشىگە قايتىپ كېتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بىز ئەمەلىي بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، غەرەز ئۇقىدىغان ھەمدە ئالەمنىڭ توققۇزى تەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلاردىن بولغاچقا، خالىي بولغىلى بولمايدىغان بۇ يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى ئېتراپ قىلىمىز؛ ئۇنى بىنورماللىق ۋە ئالجىغانلىق دەپ ئاتاپ، ھاياتلىقنىڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھەقلىق ئىش دەپ تونۇيمىز. دوزاقتىن كەلگەن ھەمدە ئادەمنى ۋەھىمىگە قويىدىغان بىشارەت، ئادەملەرنىڭ تېگى- تەكتىگە يىتەلمىگەنلىكىگە كۆرە خىيالىي تۇيغۇ سانىلىپ بىر ياققا قايرىپ قويۇلىدۇ. شائىرمۇ زىيانلانغۇچى ۋە ئالدامچى قاتارىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەتتا شائىر ئۆزىمۇ ئۆزىدىكى تەجىرىبىلەرنى «ھاياتلىقنىڭ، سېپى ئۆزىدىن ھاياتلىقنىڭ» نەرسىلىرى دەيدىغان بولىدۇ. بۇ تەجىرىبىلەرنىڭ ئىچكى مەنىسى ئادەمنىڭ تىكىلىپ قارىشى مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ، بۇ ئەھۋالدا بۇ تەجىرىبىلەر ئۆزىنى دالدىغا ئالماقتىن باشقا ئامال قىلالمايدۇ.
مېنىڭچە، ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ يەنىلا بەدىئىي ئىجادىيەت ھەققىدىكى بۇ خىل شەرھىلەشنىڭ (ئۇنى شەخسىي ئامىل ھالىتىگە قايتۇرۇشنىڭ) بارلىق تاشقىي مەنەسى ئۈزۈل-كېسىل ئايدىڭلاشتۇرغىنىمىز تۈزۈك. بىز ئۇنىڭ بىزنى زادى نەگە باشلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. پاكىت شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ بىزنى بەدىئىي ئەسەرگە بولغان تەتقىقاتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، بىزنى شائىرنىڭ ئۆزىدىكى پىسخىك مايىللىق بىلەن بىۋاستە روبرو بولىدىغان قىلىپ قويىدۇ. كېيىنكىسى ئەلۋەتتە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە. لىكىن بەدىئىي ئەسەرنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بار، بۇ نۇقتىنىمۇ بىز كۆرمەسكە سېلىۋالساق بولمايدۇ. «شائىرنىڭ ئەسىرى شائىر ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ بۇ ئەسەرنى ئۇششاق-چۈششەك نەرسە، تەكچىگە ئېلىپ قويىدىغان بۇيۇم، ئازاب مەنبىيى دەپ قارامدۇ ياكى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مېۋىسى دەپ بىلەمدۇ؟» بۇ مەسىلە ۋاقتىنچە بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز __ بەدىئىي ئەسەرنى پىسخولوگىيە جەھەتتىن شەرھىلەش. بۇ خىزمەتتىكى ھالقىلىق نەرسە بەدىئىي ئەسەرنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئاساسىي تەجىرىبىگە، يەنى بىز دەۋاتقان خىيالىي تۇيغۇغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت. ھېچبولمىغاندا بىز ئۇنىڭغا بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى پىسخىكىلىق شەكىل ئاستىغا يوشۇرۇنغان ھەرخىل تەجىرىبىگە (بۇ تەجىرىبىنىڭ چىنلىقى ۋە جىددىيلىكىدىن ھازىرغا قەدەر ھىچكىم گۇمانلانغان ئەمەس) قىلغاندەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئىپادىلىنىش يېقىدىن قارىغاندا، خىيالىي تۇيغۇدىكى تەجىرىبە ھەقىقەتەنمۇ ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى تەقدىرىدىن بەك يىراقتا تۇرىدۇ. مۇشۇنىڭغا كۆرە، بىزمۇ ئۇنىڭ چىنلىقىغا ناھايىتى تەستە چىنپۈتىمىز. چۈنكى ئۇ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان دەرىجىدە چۈچىمەل مىستىكا ۋە مىستىتىزملىق تۈس ئالغان بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئەتراپلىق ئويلىنىشتىن كەلگەن ئىدىراكىي پوزىتسىيە بىلەن ئارىلىشىش مەسئۇلىيىتىمىز بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بىز شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، مۇنداق بىر ئىشقا مۇئامىلە قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇنچىۋالا ئەستايىدىل بولۇپ كەتمىگەن تۈزۈك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ دۇنيا يېڭىۋاشتىن جاھىلىيەت ۋە خۇراپىيلىققا قايتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز سىرلىق نەرسىلەرنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ياخشى كۆرسەك بولىدۇ. لېكىن، ئادەتتە بىز خىيالىي تۇيغۇدىكى تەجىرىبىنى خام ماتېرىيال ياكى بولمىسا شېئىرىي ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلى، يەنى پىسخولوگىيە يېقىدىن چۈشەنگىلى بولىدىغان شېئىرىي ھېسسىياتنىڭ تۆكۈلۈشى دەپ تونۇپ، ئۇنى خالىغانچە بىر ياقىلىق قىلىۋېتىمىز. بەزى شائىرلار ئۆزى بىلەن ئەسىرى ئارىسىدا پايدىلىق ئارىلىق قالدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى شەرھىنى قوللاپ- قۇۋەتلەيدۇ. ئالايلۇق، سىپتىل شائىرنىڭ « ئولمپىكتىكى ئەتىياز» دىگەن ناخشىنى توۋلىشى بىلەن «باھاردا مۇشۇنداق جايدا» دىگىنى بىر ئىش دىگەن قاراشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدۇ. بىراق، پاكىت ئۇنداق بولمايدۇ. شائىرمۇ ئادەتتىكى ئادەم، ئۇنىڭ ئۆز ئەسىرى ھەققىدە دەيدىغانلىرى كۆپ ھاللاردا تېمىدىن يىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزىگە تايىنىپلا ئۆز مۇددىئاسىنى ئۇقتۇرالمايدۇ، شۇڭا بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى خىيالىي تۇيغۇدىكى تەجىرىبىلەرنى قوغداش، ئۇنى شائىر قىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلاش بولىدۇ.
بىز «ھىلماسنىڭ پادىچىسى»،«ئىلاھىيەت كومېدىيەسى»،«فائۇست» قاتارلىقلاردىن ئەڭ دەسلەپكى مۇھەببەت تەجىرىبىسىنىڭ ئەكس ساداسىنى تۇتۇۋالغىنىمىزنى، بۇ تەجىرىبىنىڭ خىيالىي تۇيغۇ قوينىدىن چىقىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكى ۋە ئۆزىنى تاماملىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. بەزىلەر «فائۇست» نىڭ ئىككىنچى قىسىمى ئۇنىڭ بىرىنچى قىسىمىدىكى نورمال ئىنسانىي تەجىرىبىنى رەت قىلغان ۋە باسۇرۇپ قويغان دەيدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇنداق پەرەزنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. ئوخشاشلا بىزمۇ ئاساسسىز ھالدا گىيۇتى ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسىمىنى يېزىۋاتقاندا روھىيەت جەھەتتىن ناھايىتى نورمال ئىدى؛ ئىككىنچى قىسىمىغا كەلگەندە ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن دەپ قىياس قىلالمايمىز. ھىلماس، دانتى، گىيۇتى ئۈچەيلەننى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن تەرەققىياتىدىكى بۇرۇنقى بىلەن كىيىنكىسىنى ئۇلىغان ئۈچ باسقۇچ دەپ قاراش كېرەك. بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىدىن ئۇلاردىكى شەخسىي مۇھەببەت ۋەقەلىرىنىڭ يالغۇز ئىنتايىن تەسىرلىك خىيالىي تۇيغۇ تەجىرىبىلىرى بىلەنلا باغلىنىشلىق بولۇپ قالماي، بەلكى بۇ تەجىرىبىلەرنىڭ بىۋاستە يوسۇندا خىيالىي تۇيغۇدىكى تەجىرىبىلەردىن كەلگەنلىكىنى بايقىيالايمىز. بەدىئىي ئەسەرنىڭ ئۆزى بىزنى بۇ دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەچكە ھەمدە بۇ دەلىل- ئىسپات شائىردىكى پەۋقۇلئاددە پىسخىك مىجەزنى رەت قىلغان بولغاچقا، بىز بۇ خىيالىي تۇيغۇنى ئادەمدىكى ھاۋايى- ھەۋەسكە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەستىن چىقمايدىغان تەجىرىبىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ خىل خاراكتېردىكى بەدىئىي ئەسەرنى شەخس ھېسابىدىكى سەنئەتكار بىلەن قەتئىي رەۋشتە ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىمىز لازىم. بۇ خىل خاراكتېردىكى بەدىئىي ئەسەردە، مەيلى ئىدراكىزمچىلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز بۇ خىيالىي تۇيغۇنىڭ ھەقىقىي ئىپتىدائىي تەجىرىبە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايمىز. خىيالىي تۇيغۇ سىرىتتىن كەلگەن، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، باشقا شەيئىلەردىكى كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئەمەس؛ ئۇ ھەقىقىي سىمۋول، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ مۇئەييەن رەۋشتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن، ئادەملەر تەرىپىدىن تولۇق بىلىپ يېتىلمىگەن نەرسىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئەگەر مۇھەببەت ۋەقەلىرى ھەقىقىي يوسۇندا باشتىن ئۆتكەن ئەمەلىي كەچۈرمىشلەرنىڭ تەجىربىسى دېيىلسە، ئۇنداقتا خىيالىي تۇيغۇمۇ ھەقىقىي يوسۇندا باشتىن ئۆتكەن ئەمەلىي تەجىرىبە. خىيالىي تۇيغۇنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى زادى فىزىكىلىقمۇ، پىسخىكىلىقمۇ ياكى مىتافىزىكىلىقمۇ؟ ئۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى خىيالىي تۇيغۇنىڭ ئۆزىدە پىسخىكىلىق چىنلىق بولىدۇ، بۇ خىل چىنلىقنىڭ فىزىكىلىق چىنلىقتىن چېنىپ قالىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. ئادەمنىڭ ھېسسىياتى ئاڭ تەجىرىبە كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ. خىيالىي تۇيغۇنىڭ ئوبيېكتى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا. بىز سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا تايىنىپ ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن شەيئىلەرنىلا تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزىمىز. لېكىن، بىزدىكى بىۋاستە تۇيغۇ تېخىچە بىلىپ يەتمىگەن ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان شەيئىلەرگە تەلپۈنىدۇ. بۇ شەيئىلەر ماھىيەت جەھەتتە يوشۇرۇن بولىدۇ، ئۇلار تونۇپ يېتىلگەن ھامان قەستەن ئارقىسىغا داجىيدۇ، ئۆزىنى پىنھانغا ئالىدۇ. دەل مۇشۇلارغا كۆرە، ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپلا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سىرلىق، ئەقىلگە سىغمايدىغان ھەمدە ئالداش خاراكتېرىدىكى نەرسىلەر بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى يوشۇرۇپ، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئېنىق كۆرسەتمەيدۇ. ھالبۇكى، كىشىلەر ۋەھىمە تۈپەيلى ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرىدۇ، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا ئىدىراك ساۋۇتلىرى ۋە ئىلىم-پەن قالقانلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ ئويغۇنۇشى مۇشۇ تەرىقە ۋەھىمىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى ئالەمنىڭ قىل ئۇيان-قىل بۇيان بولمايدىغان رېتىمىگە ئىشىنىدۇ. كېچىلىرى بولسا ئۆزلىرىنى قورشىۋالغان بۇ قالايمىقانچىلىقتىكى ۋەھىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھېلىقى ئىشەنچىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ كۈندۈزلۈك تۇرمۇشىمىزنىڭ سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر قۇدرەت بارمۇ- يوق؟ خەۋپ- خەتەر بىلەن لىق تولغان ھەمدە ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئادەملەر زادى ئېھتىياجلىقمۇ- يوق؟ ئېلېكترونغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك، تېخىمۇ مەقسەتلىك بىر نەرسە ھەقىقىي يوسۇندا مەۋجۇتمۇ قانداق؟ بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ، ئۆزىمىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىمىزنى ئىگىلىدۇق ۋە كونتىرول قىلدۇق دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟ پەن تەرىپىدىن « روھىيەت» دەپ ئاتالغان نەرسە كاللىمىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان سۇئال ياكى سۇئال بۇلۇپلا قالماي بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى باشقا بىر دۇنيادىن ئىنسانلار دۇنياسىغا قاراپ ئېچىلغان دەرۋازىمۇ؟ ئۇنىڭدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان، تېگى- تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر كۈچ ئادەمگە بەئەينى كېچە زۇلمىتىنىڭ قارا قانىتىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ ئۇ ئادەمنى ئادەتتىكى ئادەملىك ھالەتتىن، ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكىدىن ھالقىغان كامىلي ئىنسان دەرىجىسىگە كۆتۈرەلەمدۇ؟ بىز بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ خىيالىي تۇيغۇلۇق شەكلىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، مۇھەببەت ۋەقەلىرى قارىماققا خۇددى بىر خىل قۇتۇلۇشنىڭ ئۆزىدەك، شەخسنىڭ تەجىرىبىلىرى خۇددى «ئىلاھىيەت كومېدىيە»سىنىڭ ئەھمىيەتلىك كىرىش سۆزىدك كۆرۈنىدۇ.
ھاياتلىقتىكى زۇلمەتلىك كېچە بىلەن روبرو بولىدىغانلار يالغۇز خىيالىي تۇيغۇ سەنئىتىنى ھازىرلىغان ئىجادىيەتچىلەرلا ئەمەس. پەيغەمبەرلەر، ئالدىن كۆرگۈچىلەر، داھىيلار ۋە ئويغاتقۇچىلارمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش. بۇ خىل كېچىلىك دۇنيا قانچىلىك قاراڭغۇ بولغىنىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئىنسانلار ئۈچۈن پۈتۈنلەر ناتونۇش نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئىنسانلار ئۇنى تولىمۇ بالدۇر تونۇغان، چۈنكى ئۇ ھەممە جايدا مەۋجۇت. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئېسىنى تاپمىغان ئىپتىدائىي ئادەملەر ئۈچۈن ئالغاندا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيا ئۇلارنىڭ ئالەم كارتىنىسىنىڭ شۈبھە قىلىشقا بولمايدىغان بىر تەركىبى قىسىمى. پەقەت بىزلا ئۇنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىمىز. چۈنكى بىز خۇراپىيلىقتىن قورقىمىز، چۈنكى بىز تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئوڭاي ئىگىلىگىلى بولىدىغان ئاڭ دۇنياسىنى قۇرۇشقا تىرىشىمىز. دۇنيادىكى تەبىئەت قانۇنى مەدەنىي ئەللەردە يېزىق بولۇپ شەكىللەنگەن قانۇنلار نېمىدىن بەھرىمان بولغان بولسا شۇنىڭدىن بەھرىمان بولسۇن دەيمىز. لېكىن، ئارىمىزدىكى شائىرلار ھېلىھەم قاراڭغۇلۇق دۇنياسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەرخىل شەكىلدىكى سايىلەرنى __ جىنلارنى، ئالۋاستىلارنى ۋە ئىلاھلارنى ھەدېگەندىلا تۇتۇپ ئالالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىنساننىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىشتىكى مەقسەتچانلىقنىڭ ئۆز ھاياتلىقىنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ۋەقەلەرگە قارىتا ئادەمنى دەككە- دۈككىگە سالىدىغان ئالدىن سېزەرلىك بولىدۇ. ئومۇمەن، ئۇلار ياۋايى ئادەملەرگە ۋە ئىپتىدائىي ئادەملەرگە قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان روھىيەت دۇنياسى ئىچىدىن مۇئەييەن بىر نەرسىنى ئالدىنئالا كۆرەلەيدۇ.
ئىنسانلار جەمئىيىتى بارلىققا كېلىشىنىڭ دەسلىبىدىلا، ئادەملەر ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرگە گۇڭگالىققا بىر خىل ئېنىق شەكىل بېرىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشتى، بىز بۇ تىرىشچانلىقتىن قالغان ئىزنالارنى قەدەمدە بىر كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەقەللىيسى رۇسىيە كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت ئۆڭكۈر رەسىملىرىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان، خۇددى جېنى باردەك سىزىلغان ھايۋانات رەسىملىرىنىڭ يېنىدىمۇ ئابىستىراكىت شەكىل، يەنى يۇمۇلاق دائىرە ئىچىدىكى قوش كرىست كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ شەكىل ھەر قايسى مەدەنىيەت رايونلىرىدىمۇ ئازدۇر- كۆپتۇر ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز خىرىستىيان دىنىنىڭ چېركاۋلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا شىزاڭدىكى بۇدخانىلاردىمۇ بۇ شەكىلنى كۆرەلەيمىز. ئۇ ئاتالمىش «قۇياش چاقى»، ئۇ تېخى ھېچقانداق بىر ئادەم چاقنى بىر خىل مېخانىكىلىق قۇرۇلما قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان چاغدا بارلىققا كەلگەن بولسا، دېمەك ئۇنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىرەر تەجىرىبە مەنبەسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ بىر خىل سىموۋۇل، بىر خىل پىسخىك ۋەقەنىڭ، ئىچكى دۇنيادىكى بىر خىل تەجىرىبىنىڭ ۋەكىلى. شۇنداقلا ئۇ كەركىدان بىلەن پىتخۇمار قۇشنىڭ رەسىمىگە ئوخشاش جانلىق بىر كۆرۈنۈشنىڭ قايتا ئىپادىلىنىشى. ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتتە ئەزەلدىن تارتىپ ئۆز ھۈنىرىنى باشقىلارغا مەخپىي يوسۇندا تارقىتىدىغان بىر يۈرۈش سىستېما بولماي قالغان ئەمەس. بىر تالاي مەدەنىيەتتە بۇ خىل سىستېما ھەتتا يۈكسەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكەن. ئىنسانىي گۇرۇھلاردا ۋە تۇتېمغا چوقۇنغان جەمەتلەردە ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئايرىلغان بۇ خىل يوشۇرۇن شەيئىلەر ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەقىدىلەر ساقلانغان. شۇلارغا كۆرە، بۇ خىل يوشۇرۇن شەيئىلەر ئىپتىدائىي دەۋردىن باشلاپلا ئىزچىل رەۋىشتە ئادەملەردىكى ئەڭ مۇھىم تەجىرىبىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ شەيئىلەرگە چېتىشلىق بىلىم ھەر خىل ئىنسانىي گۇرۇھلارغا ئەزا بولۇش مۇراسىملىرىدا كەلگۈسى ياش ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان. گرېتسىيە، رىم دۇنياسىدىكى مەخپىي دىنىي مۇراسىملارمۇ ئاشۇنداق رولنى ئوينىغان. دېمەك، قەدىمكى دەۋردىكى مول، رەڭدار رىۋايەتلەر دەل ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مۇشۇ خىل تەجىرىبىلەرنىڭ ئىنكاسى. مۇشۇلارغا كۆرە، بىز ھامان شائىرغا سېغىنىمىز، ئۇنىڭ رىۋايەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئۆز تەجىربىسىنى ئەڭ مۇۋاپىق يول بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ناۋادا بىز ئۇنى ئىككىنچى قول ماتېرىيالدىن پايدىلانغان دەپ پەرەز قىلىدىغان بولساق بەكمۇ خاتالاشقان بولىمىز. شائىرنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ئۇلاردىكى ئىپتىدائىي تەجىرىبىدىن كېلىدۇ. بۇ خىل تەجىرىبىنىڭ ئۇجۈر-بۈجۈرىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا رىۋايەت، تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ تۇرۇپ شەكىل ئاتا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئىپتىدائىي تەجىرىبىنىڭ ئۆزى ھېچكىمنى سۆز-ئىبارە ياكى ئىماگ بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ « قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە ئەينەك» تىلا كۆرۈنىدىغان مەۋھۇم ھادىسىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ نىھايەت ئۆزىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جانپىدالىق كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر بىشارەت. ئۇ ئۆز ئىلىكىگە ئېلىشقا بولىدىغان جىمى نەرسىنى ئالقىنىدا تۇتۇپ، ئۇلارنى ئېگىزلىككە ئېلىپ چىقىش جەريانىدا كۆرگىلى بولىدىغان مەلۇم شەكىلگە كىرگۈزىدىغان شىددەتلىك قۇيۇن. پەۋقۇلئاددە ئىپادىلەش بۇ خىيالىي تۇيغۇدىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈشكە چارىسىز قالغان، شۇنداقلا مەزمۇننىڭ مول بولۇشى جەھەتتە بىر تالاي يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ئەھۋالدا، شائىر ئۆز مۇددىئاسىنى ئازراق ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ زور تۈركۈم خام ماتېرىيالغا ئىگە بولمىسا بولمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ خىيالىي تۇيغۇدىكى بىمەنە ۋە تازا قاملىشىپ كەتمىگەن نەرسىلەرنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ئىگىلەش تەسكە چۈشىدىغان ۋە زىدىيەت تولۇپ-تاشقان تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمىسە بولمايدۇ. ئالايلۇق، دانتىنىڭ بىشارەتلىك كىيىم-كىچىكى جەننەت بىلەن دوزاختىكى رەڭگارەڭ بارلىق ئىماگنى ئۆزىدىن ساقىت قىلمىدى؛ گىيۇتى ئۆز ئەسەرلىرىگە بولاۋكىسبورگ بىلەن گرېتسىيە خارابىلىرىدىكى ۋەھىمىلىك رايونلارنى چوقۇم كىرگۈزۈش كېرەك دەپ قارىدى؛ نىتىزى مۇقەددەس ئۇسلۇبقا قايتىپ تارىختىن بۇرۇنقى ئەپسانىۋى ئالدىن كۆرەرلىكنى يېڭىباشتىن ئىجاد قىلدى؛ بۇلايىك ئۆزى ئۈچۈن تەسۋىرلەش تەسكە توختايدىغان ئوبرازلارنى ياراتتى؛ سىپتىل ئۆز تەسەۋۋۇرىدا روياپقا چىقارماقچى بولغان يېڭى ھاياتلىققا قەدىمكى ئىسىملارنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتتى. تەسۋىرلەش مۇمكىن بولمايدىغان يۈكسەكلىكتىن تارتىپ بىنورمال باشباشتاقلىققا قەدەر پۈتكۈل غەلىتىلىك ئىچىدە ھەر قانداق ئارىلىق چۈشۈپ قالمىدى.
پىسخولوگىيىنىڭ بۇ خىل رەڭدار تەسەۋۋۇرغا بىز سېلىشتۇرۇشتا پايدىلانماقچى بولغان ماتېرىياللارنى توپلاپ بەرگەنلىكى ۋە مۇھاكىمىگە لازىملىق سۆز-ئاتالغۇلارنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكىدىن بۆلەك ھەر قانداق بىرەر ئىزاھاتنى بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. پىسخولوگىيەگە ئاساسەن كەلگەن بۇ كەسپىي سۆزلەر ۋە خىيالىي تۇيغۇ ئىچىدە ئۆزىنى نامايان قىلىۋاتقان نەرسىلەر كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقنىڭ ئۆزى خالاس. ھالبۇكى بىز دەۋاتقان كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق __ ھەر خىل ئېرسىيەت كۈچلىرىدىن شەكىللەنگەن مۇئەييەن پىسخىك خاھىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاڭ دەل مۇشۇنداق پىسخىك خاھىش ئىچىدىن تەرەققىي قىلىدۇ. بىز ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمسىدىن دەسلەپكى ئىۋولۇتىسىيە باسقۇچىدا شەكىللەنگەن ئىزلارنى ئۇچرىتىمىز، ئادەمنىڭ پىسخىكىسى قۇرۇلما جەھەتتىن ئورۇقداشلىق سىستېمىسىدا پەيدا بولغان قانۇنىيەتلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە ھەم ئاڭ سىدام ھالەتتە تۇرغان چاغدا، ئالايلۇق چۈش كۆرگەندە، ھۇشسىزلانغاندا ۋە ئېلىشىپ قالغاندا ئۇنىڭدىكى مەلۇم پىسخىك مەھسۇل ۋە پىسخىك مەزمۇن سىرتقا لەيلەپ چىقىدۇ ھەمدە پىسخىك تەرەققىياتنىڭ ئىپتىدائىي سەۋىيىدە تۇرۇۋاتقان ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ خىل ئىماگنىڭ ئۆزى كۆپ ھاللاردا مەلۇم ئىپتىدائىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان بولىدۇ؛ ھەتتا بىز ئۇلارنىڭ قەدىمكى مەخپىي دىنىي ئەقىدىلەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ پەرەز قىلىپ يېتەلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، زامانىۋى كىيىم كىيگەن ئەپسانە تېمىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بولىدۇ. كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقنىڭ بارلىق ئىپادىلىنىش شەكلىدە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى، ئۇلار ئاڭنىڭ ئۆزلۈك خاھىشىنى تولۇقلايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار روشەن مەقسەتلىك شەكىل ئارقىلىق ئاڭدا مۇجەسسەم بولۇپ تۇرغان بىر تەرەپلىمىلىكنى، ئالجىشنى ۋە خەتەرلىك ھالەتنى مەلۇم تەكشىلىككە يېتەكلىيەلەيدۇ. بۇ نۇقتىنى بىز چۈشىمىزدە پائال تەرەپتىن كۆرەلەيمىز. ئېلىشىپ قالغاندا بۇ خىل تولۇقلاش جەريانى كۆپىنچە ناھايىتى ئوچۇق زاھىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىر خىل پاسسىپ شەكىل نامايان بولغان بولىدۇ. مەسىلەن، مۇنداق بەزى ئادەملەر بار، ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مەخپىيەتلىكنى كەلگۈسىدىكى مەلۇم كۈندە باشقىلار بىلسۇن ۋە غولغۇلا قىلسۇن ئۈچۈن ئۆزىنى رېئال دۇنيادىن چەتتە قالدۇرۇشقا ئالدىرايدۇ.
ناۋادا بىزنىڭ تەكشۈرۈۋاتقىنىمىز گيۇتى يازغان «فائۇست» بولغان بولسا، شۇنداقلا گىيۇتىنىڭ ئۇنىڭدا ئۆز ئاڭدىكى خاھىشىنى تولۇقلىغان ياكى تولۇقلىمىغانلىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان بولساق، ئۇنداقتا مۇنداق بىر مەسىلىگە يەنى «فائۇست» بىلەن گيۇتى دەۋىرىدىكى ئۆزلۈك كۆزقارىشى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەتنىڭ بولغانلىقىغا چوقۇم جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغۋار شېئىر ھامان ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالىدۇ. ئەگەر بىز ئۇ شەخسىي ئامىلنىلا مەنبە قىلىدۇ دېسەك، بىز ئۇنىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي چۈشەنمىگەن بولىمىز. كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق ھەر نۆۋەت مەلۇم جانلىق تەجىرىبىە ئايلانغاندا ھەمدە بىر دەۋرنىڭ ئۆزلۈك كۆزقارىشىغا تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۇ شۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ناھايىتى زور مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بىر پارچە بەدىئىي ئەسەر دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن، دەۋرمۇ-دەۋىر تارقىلالايدىغان ئۇچۇرنى ئۆزىگە جەملىگەن بولۇشى كېرەك. مۇشۇنىڭغا كۆرە، «فائۇست» گېرمانىيەلىك ھەربىر ئادەمنىڭ روھىيەت چوڭقۇرلۇقىدىكى مۇئەييەن بىر نەرسىگە تېگىپ ئۆتكەن بولىدۇ. ئوخشاشلا، دانتىمۇ مۇشۇ تۈپەيلى ئەبەدىلئەبەدلىك شان-شۆھرەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ھەر قانداق دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس خاھىشچانلىقى، پەۋقۇلئاددە بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە روھىي كېسىلى بولىدۇ. چۈنكى دەۋرمۇ ئادەمگە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا مەلۇم تولۇقلاش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇ خىل تولۇقلاش ۋە تەڭشەش پەقەت كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاڭسىزلىقتا شائىرلار ۋە داھىيلار ئۆزلىرى ھايات كەچۈرگەن دەۋردە ئىپادىلەپ بولالمىغان ئارزۇ-ئارماننىڭ باشلاپ مېڭىشىغا لام-جىم دىمەي ئۇنايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق قارىغۇلارچە تەلەپكار بولغان ۋە ئىنتىزارلىق ئىچىدە تىت-تىت بولۇۋاتقانلارغا ئۇلار قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، بۇ خىل قانائەتنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى ئاپەت ياكى بەخت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىر دەۋرنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقى ياكى ھالاكەتكە باشلايدىغانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر توغرىسىدا سۆزلەۋېتىپ مۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشى تولىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەقىقەتەن بەك چوڭ، چۈشەنمەكمۇ بەك قىيىن بولغان مەسىلىلەردۇر. شۇڭا ئۇ ھەقتە ئاز-پاز بىشارەت بېرىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولىدۇ، ئالايلۇق، فىرانىسكو كولىنا ئۆز ئەسەرلىرىدە چۈش شەكلىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى تەبىئىي مۇھەببەتنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشتە پايدىلاندى؛ ئۇ سەزگۈ ئەزالاردىكى ھوزۇر- ھالاۋەتلەرنى تەشەببۇس قىلمىدى؛ شۇنداقتىمۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ نىكاھتىكى مۇقەددەسلىكىنى بىر ياققا چۆرۈۋەتتى. بۇ كىتاب 1453- يىلى يېزىلغاندى. لىدىر ھايگىتنىڭ تۇرمۇشى ۋىكتورىيە خاندانلىقىدىكى ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن دەۋر بىلەن ماسلاشتى. لېكىن، ئۇ بۇ ئەسەرگە چۈش شەكلىنى بەرمىگەن بولسىمۇ، بىزگە يەنىلا ئەخلاقىي توقۇنۇشتىكى جىددىيلىكنى ھېس قىلدۇردى. گىيۇتى گانلىچىن، ئېلىنا، مارتىل، گروليۇشيالارنىڭ باش تېمىسىنى «فائۇست» تىن ئىبارەت كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار گىلەمنىڭ ئىچىگە بىر تال قىزىل يىپقا ئوخشاش توقۇپ كىرگۈزۈۋەتتى. بۇ شائىرلارنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مىڭلىغان- مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ، ئۆز دەۋردىكى ئۆزلۈك كۆز قارىشىدا سادىر بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىشارەت بېرەلىدى.

2. شائىر
ئىرادىدىكى ئەركىنلىككە ئوخشاش ئىجادىيەتنىڭمۇ مەلۇم سىرى بولىدۇ. پىسخولوگىيە ئالىملىرى بۇ ئىككى خىل ئىپادىلەشنىڭ جەريانىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپىۋى مەسىلىگە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. ئىجادچانلىققا باي ئادەمنىڭ ئۆزىلا بىر تېپىشماق. بىز ئۇنىڭغا جاۋاپ ئىزدەشكە شۇنچە ئۇرۇنساقمۇ، ئاخىرىغا بېرىپ يەنىلا لېۋىمىزنى چىشلەپ قالىمىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ پاكىت ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەسىنىڭ سەنئەتكار بىلەن سەنئەتكە يۈزلىنىش يولىنى توسۇپ قالالمايدۇ. فىرۇئىد سەنئەتكارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىگە كۆرە بەدىئىي ئەسەرنىڭ جەريانىنى پەرەز قىلىپ، يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان ھېلىقى سىرنى تاپتىم دەپ قارايدۇ. دۇرۇس، بۇ تەرەپتە بەزى ئېھتىماللىقمۇ مەۋجۇت. چۈنكى بەدىئىي ئەسەرنىمۇ نېرۋا كېسىلىگە ئوخشاش روھىي تۇرمۇش ئىچىدە بىز مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھالەت دەپ ئاتىغان تۈنۈگۈنگە قەدەر سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. روھىيەت دۇنياسىدا نېرۋا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە بار. ئۇلار خىلمۇخىل روھىي كەيپىيات ۋە ھەقىقىي ياكى تەسەۋۋۇردىكى بالىلىق كەچۈرمىشلەردىن كېلىدۇ. بۇ فىرۇئىددىكى ئۇلۇغ بايقاش. ئۇنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى، ئالايلۇق، لانك بىلەن سىتىكىرمۇ مۇشۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى زىممىسىگە ئالغان ھەمدە مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، شائىرنىڭ روھىيەت كۈچى ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىگە سىڭىپ كىرىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ناۋادا شەخسىي ئامىل شائىرنىڭ خام ماتېرىيالىنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ دېيىلسە، بۇ گەپتە ھېچقانداق يېڭىلىق بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ فىرۇئىد ئېقىمىدىكىلەر بۇ خىل تەسىرنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى، ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ نەقەدەر ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، بۇ يەنىلا ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئەمگەك قاتارىغا كىرىدۇ.
فرۇئىد نېرۋا كېسىلىنى بىر خىل ۋاستە، قانائەت ھاسىل قىلىش شەكلىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولىدىغان نەرسە دەپ قارايدۇ. مۇشۇلارغا كۆرە، ئۇ بۇ كېسەلنى يەنە مەلۇم بىنورمال ئىش، بىر خىل خاتالىق، تەپ تارتىش، باھانە ياكى ئۆزى رازىلىق بېرەلەيدىغان كورلۇق دەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە نېرۋا كېسىلى ماھىيەت جەھەتتىن يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر خىل نۇقسان. ئۇ روھىيەتنىڭ روشەن ھالدىكى بۇزۇلۇشى بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق نەرسە ئىكەنلىكى تۈپەيلى ئۇ توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلىشقا پېتىنالايدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز. لېكىن، بەدىئىي ئەسەر شائىرنىڭ روھىيىتىدىكى بېسىم يېقىدىن تەھلىل قىلىشقا بولىدىغان مۇئەييەن بىر ئىش دەپ قارالغان چاغدا، ئۇ روھىي كېسەللىك بىلەن ئادەمنى دەرگۇمان قىلىدىغان دەرىجىدە ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، مەلۇم مەنا تەرىپىدىن ئالغاندا، ئۇ ئۆزىگە ياخشى ھەمراھ تېپىۋالغان بولىدۇ. چۈنكى فرۇئىدنىڭ پىسخولوگىيىسى دىن بىلەن پەلسەپەنىمۇ ئوخشاش نەرسە دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت بىر پارچە بەدىئىي ئەسەرنىڭ ۋاز كەچكەنلىرى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان شەخسىي ئامىل ئىكەنلىكىنىلا چۈشەندۈرىدۇ دېسەك، ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە پىكىر قىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. ئەگەر مۇنداق تەھلىل بەدىئىي ئەسەرنىڭ ئۆزىنىلا چۈشەندۈرىدۇ دېسەك، بۇ قەتئىي رەۋىشتە ئىنكار قىلىدىغان ئىش بولىدۇ. چۈنكى بەدىئىي ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن شەخسىي خۇي- مىجەز سەنئەتنىڭ ماھىيىتىنى ئىزاھلاپ بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەسەردە شەخسكە تەئەللۇق نەرسە قانچىكى كۆپ بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت خاراكتېرىنى شۇنچىكى يوقۇتىدۇ. بەدىئىي ئەسەرنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇش زېمىنىدىن ھالقىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ سەنئەتكارنىڭ قەلبى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قەلبى بىلەن سۆزلىشەلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. شەخسىي ئالامەت سەنئەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ، ھەتتا بىر خىل جىنايەت. پەقەت شەخسكە ياكى ئاساسلىقى شەخسكىلا تەئەللۇق «سەنئەت» نى راستىنى ئېيتقاندا روھىي كېسەللىك دەپ مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. فرۇئىد ئېقىمىدىكىلەر: «سەنئەتكارلار بىرسىمۇ سىرتتا قالمىغان ھالدا ئۆزىگە مەيلى چۈشۈپ قالغانلار، يەنى ئۆزىنى سۆيەر خاھىشى بولغانلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار تولۇق يېتىلمىگەنلەر، بالىلىق خۇيى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ياقتۇرۇپ قېلىش خۇيى بولغانلار» دەيدۇ. بۇ نۇقتىنەزەرنىڭ ھېچبولمىغاندا ئاز- پاز ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ سۆز پەقەت شەخس ھېسابىدىكى سەنئەتكارغا قارىتىپ ئېيتىلغاندىلا ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. سەنئەتكار بولغان شەخسنىڭ بۇ گەپ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. مۇنداق كىشىلەر سەنئەتكارلىق ئىقتىدارى ئىچىدە ھەم ئۆزىگە مەيلى چۈشۈپ قالغانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ ھەم ئۇنىڭ باشقىلارغىمۇ مەيلى چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇلاردا ھەر قانداق مەنە يېقىدىكى ھاۋايى- ھەۋەس بولمايدۇ. ئۇلار ئوبيېكتىپ بولىدۇ. ئىندىۋىدۇئالسىز بولىدۇ (ھەتتا غەيرىي تەقلىددىكى ئادەملەردىن بولىدۇ). چۈنكى بۇ يەردە سەنئەتكار دېيىلىۋاتقىنى دەل ئۇنىڭ ئەسىرى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئەمەس.
ئىجادكارلىق روھىغا باي ئادەم __ ئىككى خىل ياكى كۆپ خىل زىدىيەتلىك خاھىشنىڭ بىرلىكى. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان ئەزالىرىنىڭ بىرى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئىندىۋىدۇئاللىقى بولمىغان ئىجادىيەتنىڭ جەريانى. ئۇ ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەلكىم ساغلام ياكى كېسەلچان ئادەم، شۇڭا ئۇنىڭدىكى ئادىمىيلىكىنى ھەل قىلىدىغان ئامىلنى بىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلىمىز. لېكىن، مەن يەنە پەقەت ئۇنىڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقىيىتىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۇنىڭدىكى سەنئەت قابىلىيىتىنى بىلەلەيمىز. ناۋادا بىز شەخسىي ئامىلغا تايىنىپ بىرەر ئەنگلىيىلىك جانابنى، پرۇسىيەلىك ئەمەلدارنى ياكى كاردىنالنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى بىلىشكە ئۇرۇنساق، مۇقەررەر يوسۇندا ئېچىنارلىق خاتالىققا يول قويىمىز. بۇ يەردە جاناب، ئەمەلدار، كاردىنال دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئىندىۋىدۇئاللىقى يوق ئەھۋالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەۋقۇلئاددە ئوبيېكتىپلىق بولىدۇ. بىز سەنئەتكارلارنىڭمۇ ئەمەلدارلىق فۇنكىسىيەسىنى يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇ خىل چېكىدىن ئاشقان قارىمۇقارشىلىقنى مىسال كەلتۈرۈش ھەقىقەتنى شەرھىلەشكە تېخىمۇ قولايلىق. چۈنكى مەلۇم پەۋقۇلئاددە سەنئەت شىجائىتى شەخسكە ۋە كوللېكتىپ روھىي تۇرمۇشقا بېقىنمىغان ھالدا ئېغىر بىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان بولىدۇ. سەنئەت تالانتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغاچقا، ئادەمنى ئۆزىنىڭ قۇرالىغا ئايلاندۇرالايدۇ. سەنئەتكارلار سەنئەتنىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بەدىئىي مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىر شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن شادلىقى، ئاچچىقى، ھەسرەت- نادامىتى، شەخسىي ئىرادىسى ۋە ئۆز ئالدىغا ئويلىغانلىرى بار ئادەملەردىن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ يۈكسەك مەنىدىكى ئادەم، يەنى «كوللېكتىپنىڭ ئادىمى»، ئىنسانلارنىڭ ئاڭسىز روھىيەت تۇرمۇشىنى يۈدۈپ ماڭغان ۋە شۇنداق تۇرمۇشنى ياراتماقچى بولغان ئادەم. ئۇلار مۇشۇ قىيىن بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەزىدە شەخسىي بەخىتنى قۇربان قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر تۇرمۇش دېگەننى ئەرزىگۈدەك ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ قارىغان ئىشلارنى پاكپاكىز قۇربان قىلىۋېتىشتىن يانمايدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سەنئەتكارنىڭ پىسخولوگىيە ئالىملىرى تەھلىلى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدىغان قىزىقارلىق ئوبيېكىت بولۇپ قالغانلىقىدىن ھەيران بولمىسىمۇ بولىدۇ. سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇشى زىددىيەتلىك توقۇنۇش بىلەن تولغان. چۈنكى ئۇنىڭ جىسمىدا مۇنداق ئىككى خىل كۈچ تىنىمسىز ھالدا ئۆزئارا ئېلىشىپ تۇرىدۇ: ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئاددىي ئادەملەردىكى بەخت، قانائەت ۋە خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزۈشكە بولغان تەقەززالىق؛ يەنە بىر تەرىپى شەپقەتسىزلىك، ھەتتا بارلىق شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئاياغ- ئاستى قىلىۋەتكۈدەك تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىجادىي ھاياجان. شۇڭا سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇشىنى پاجىئەلىك دېيىشكە بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھېچبولمىغاندا يۈكسەك دەرىجىدىكى بەخىتسىزلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بەخىتسىز تەقدىرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ تاكاممۇللاشمىغانلىقىدىن بولۇۋاتقان ئەھۋال. ھەر قانداق ئادەم ئىجادىي ھېسسىياتتىكى تۇغما قابىلىيەت ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەش كېرەك. قىسقىسى، بۇ قانۇنىيەتتىن چەتتە قالىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. بۇ خۇددى ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭلا مۇئەييەن بىر پىسخىك قابىلىيەتنى زىممىسىگە ئالغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىمىزدىكى ئەڭ زور كۈچ- قۇدرەت بۇ خىل قابىلىيەتنى تارتىۋالالايدۇ، ھەتتا ئۇنى مونوپول قىلالايدۇ. ئۇنى ھەر قانداق بىرەر قىممەتكە ئىگە نەرسىنى قايتا ئىشلەپچىقىرالمايدىغان قىلىپ قويالايدۇ. دېمەك، ئىجادىيەت كۈچى بىر ئادەمدىكى پۈتكۈل ھاياجاننى مۇشۇ تەرىقىدە دەم تارتىدۇ ۋە ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىدە ھاياتلىق ئۇچقۇنىنىڭ تەلتۆكۈس زايە بولۇپ كېتىشىگە بەرھەم بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ناچار ئىللەتلەرنى، ئالايلۇق، ۋەھشىيلىكنى، شەخسىيەتچىلىكنى ۋە شۆھرەتپەرەسلىكنى، يەنى ئاتالمىش «ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش» نى، ھەتتا ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارنى شەكىللەندۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. سەنئەتكارنىڭ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ مەيلى چۈشۈپ قېلىشى، يەنى ئۆزمەپتۇنلۇقى تالادىن بولغان ۋە يېتەرلىك كۆيۈنۈشكە داخىل بولالمىغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلار گۆدەك ۋە ئەركە-نايناق چېغىدىن باشلاپلا ئۆزىنى ھىمايە قىلىشقا، ئۆزىگە قىلچە مېھرىبانلىقى بولمىغان ئادەملەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن ساقلىنىشقا ئىنتىلىدۇ. مۇشۇلارغا كۆرە، ئۇلار ھەرخىل ناچار قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە يەڭگىلى بولمايدىغان ئۆز مەركەزچىلىكىنى ياكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان گۆدەكلىك، ئىقتىدارسىزلىقنى ياكى ئەخلاقى ئۆلچەم بىلەن قانۇن-نىزاملارغا مۇتتەھەملەرچە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئىللەتنى ساقلاپ قالىدۇ. بىز سەنئەتكارنى چۈشەندۈرىدىغان ۋە ئىزاھلايدىغان نەرسە ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى توقۇنۇش بىلەن نۇقسان ئەمەس، بەلكى پەقەتلا ئۇنىڭدىكى سەنئەت ئىكەنلىكىدىن نېمىشقا گۇمانلىنىمىز؟ شەخسنىڭ تۇرمۇشىدىكى نۇقسان بىلەن توقۇنۇش ناھايىتى كەلسە ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئاقىۋتتىنلا ئىبارەت،خالاس. پاكىت ئۇنىڭ سەنئەتكار ئىكەنلىكىدە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىن ئېتىبارەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇلۇغ بىر بۇرچنى تاماملاش توغرىسىدا چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىدا. شۇڭا پەۋقۇلئاددە قابىلىيەت، پەۋقۇلئاددە نىشان ئۈچۈن غايەت زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلىشى لازىم. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھاياتلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى مۇناسىپ يوسۇندا خورىتىپ تاشلاش بىلەن تاماملىنىدۇ.
شائىر ئۆز ئەسىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى، چوڭ بولىدىغانلىقىنى ۋە پىشىپ- يىتىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلامدۇ- يوق؟ ئۇ ئۆز ئەسىرىنى يوقلۇق ئىچىدىن قوراشتۇرۇپ ئىجاد قىلدىم دەپ تونامدۇ- يوق؟ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى مۇنداق بىر پاكىتنى، يەنى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ خۇددى پەرزەنت ئانىسىدىن ھالقىپ كەتكەنگە ئوخشاش ئۆزىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئىجادىيەت جەريانى ئانىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. ئىجادچانلىققا باي ئەسەر ئاڭسىزلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن كېلىدۇ ياكى ئۇنى ئانىلىق پادىشاھلىقىدىن كېلىدۇ دىگەن تۈزۈك. ئىجادىيەت كۈچى ھەر نۆۋەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە، ئادەمنىڭ ھاياتى ئاڭسىزلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسىرى تۈپەيلى سۇبيېكتىپ ئارزۇغا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئادەم ئۆزى تۇيۇپ يەتكەن ئۆزلۈك ئۆز قەلبىدىكى يوشۇرۇن ئېقىمنىڭ ئىلىكىگە ئۆتۈپ يۈز بېرىۋاتقان پىسخىك ۋەقەگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدىغان گۇۋاھچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. «فائۇست»نى گىيۇتى ئىجاد قىلمىغان، بەلكى «فائۇست» گىيۇتىنى ئىجاد قىلغان بولىدۇ. «فائۇست» بىر خىل سىمۋول بولغاندىن باشقا، ئۇنى يەنە نېمە دېگىلى بولاتتى؟ مەن بۇ يەردە تىلغان ئالغان نەرسە مەسەل ئەمەس. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى ئادەملەرگە بۇرۇنلا تونۇشلۇق بولغان نەرسە. شۇنداقلا ئۇ بىر خىل ئىنتىلىش. ئۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان نەرسىنى ئېنىق تونۇپ يەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ چوڭقۇر قاتلامدا يىلتىز تارتىپ تۇرىدىغان مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى. ئۇنىڭدىكى مۇئەييەن بىر نەرسە گېرمانىيەلىك ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ھايات نەرسە، گىيۇتى پەقەتلا ئۇنىڭ تەۋەللۇت بولۇشىنى تېزلەتكەن خالاس. بىز ئۇ ئادەملەرنى «فائۇست» بىلەن «زارا ئاستېر شۇنداق دەيدۇ» نى يازغان گېرمانىيەلىكلەردىن باشقا، يەنە نېمە دەپ ئويلىساق بولاتتى؟ بۇ ئىككى پارچە ئەسەر گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەلبىدە ئەكس سادا پەيدا قىلغان مەلۇم بىر نەرسىگە چېقىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ياكوپ بورگىنخارت تەرىپىدىن بىمەھەل «باشلانغۇچ ئىماگ» دەپ ئاتالغان ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازلىرى ۋە دوختۇرلىرىنىڭ ئوبرازى. ئىنسانلار مەدەنىيىتى باشلانغاندىن بۇيان ئاقىللار، قۇتقازغۇچىلار ۋە ئالەم ئىگىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ئوبرازى ئادەملەرنىڭ ئاڭسىزلىقى ئىچىگە يوشۇرۇنغان ياكى ئۇ يەردە قىشلىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان. ئۇلار دەۋر قالايمىغانچىلىقى يۈز بەرگەن ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتى ئېغىر قايمۇقۇشلارغا دۇچار بولغاندا يېڭىباشتىن ئويغانغان. ئادەملەر ھەر نۆۋەت ئۆز سەۋەنلىكىگە كۆرە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندا، بىرەر يول باشلىغۇچىغا، ئۇستازغا ياكى دوختۇرغا مۇھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق باشلانغۇچ ئىماگنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئومۇمىيلىققا ئىگە كۆزقاراشتىكى داۋالغۇش سادىر بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ قايتا ئويغىنىشى، ئادەملەرنىڭ چۈشى بىلەن بەدىئىي ئەسەرلىرىدە زاھىر بولىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئاڭدىكى تۇرمۇش ھەر نۆۋەت ئېنىق بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە مەلۇم ساختا خاھىشقا يولۇققاندا، بىز يوقىرىدا دېگەن باشلانغۇچ ئىماگ ئاندىن تىرىلىدۇ، ھەتتا ئۇ «تۇغما ھالەت»تە تىرىلىدۇ ھەمدە ئادەملەرنىڭ چۈشىدىكى مەنزىرىدە ۋە سەنئەتكارلارنىڭ خىيالىي تۇيغۇسىدا نامايان بولىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە مۇشۇ دەۋرنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقى ئەسلىگە قايتىدۇ.
شائىرنىڭ ئەسىرى مۇشۇنداق شەكىلگە تايىنىپ ئۇ ئۆزى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان جەمئىيەتنىڭ روھىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ. دەل مۇشۇلارغا كۆرە، ئۇنىڭ ئەسىرى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئاڭلىق تونۇغان ياكى تونۇمىغانلىقىغا قارىماي، شائىرنىڭ تەقدىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. شائىر ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز ئەسىرىنىڭ سايمىنى بولغانىكەن، دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە تەئەللۇق بولمايدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشىنى ساقلاپ تۇرۇش ئاساسىمىز بولمايدۇ. شائىر ئۆز ئەسىرىگە مەلۇم شەكىل بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەكلىمە ئىچىدە جارى قىلدۇرىدۇ؛ شەرھىلەشنى باشقىلارغا، كەلگۈسىگە قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ بەدىئىي ئەسەر بەئەينى چۈشكە ئوخشايدۇ؛ كۆرۈنۈشتە ئۇجۈر-بۈجۈرىگىچە چۈشەنگىلى بولىدىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەسلا ئۆزىنى شەرھىلەپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇ ئەزەلدىن ئەزەل خىرە-شىرە ۋە گۇڭگا بولىدۇ. چۈش بىزگە ھەرگىزمۇ «سەن مۇنداق قىلىشىڭ كېرەك» ياكى «ھەقىقەت دېگەن مانا شۇ» دەپ سۆزلەپ يۈرمەيدۇ. ئۇ بەجايىكى چەكسىز تەبىئەت ئۆسۈملۈكلەرگە ھايات بەخىش ئەتكەندەك، ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ئىماگدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۇنىڭغا پەقەت ئۆزىمىزدىنلا يەكۈن چىقىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم قاباھەتلىك چۈش كۆرگەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ بىرەر ئۇستازنىڭ يېتەكلىشىگە ھاجەتمەن ئىكەنلىكىنى ياكى ئۇنىڭ باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشقا بەكمۇ ھېرىس ئىكەنلىكىنى ئىزاھلايدۇ. بۇ ئىككى خىل تەبىر مۇئەييەن نازۇك شەكىل ئارقىلىق خۇددى بىز بىر پارچە بەدىئىي ئەسەردىن ھوزۇرلانغان ھەمدە سەنئەتكارنىڭ ئۆز تەسىراتىنى ھەقىقىي يوسۇندا چۈشەنگەن چېغىمىزدىكىگە ئوخشاش بىرلا شەيئىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بەدىئىي ئەسەرنىڭ مەنىسىنى ئىگىلەشتە، ئۇ بىزنىمۇ خۇددى سەنئەتكارنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەندەك تەسىرلەندۈرەلىگەن بولۇشى لازىم. شۇ چاغدىلا بىز سەنئەتكارنىڭ جىسمىدىن ئۆتكەن تەجىرىبىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنەلەيمىز. سەنئەتكارنىڭ كوللېكتىپ روھىيەت قوينىدىن بىزنى داۋالىيالايدىغان ۋە قۇتقۇزالايدىغان بىر قۇدرەتنى چاقىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل كوللېكتىپ روھىيەتنىڭ يىتىمسىرىغان ۋە ئازابلىنىۋاتقان يېڭىلىشىشنىڭ ئىچىدىكى ئاڭغا يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنە بىز سەنئەتكارنىڭ ھەممە ئادەم ئۆزىنى پىدا قىلغان ھاياتلىق قېلىپى ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەنلىكىنى، بۇ خىل ھاياتلىق قېلىپىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئورتاق رېتىم ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە شەخىسنىڭ ئۆزىدىكى ھېسىسياتنى ۋە تىرىشچانلىقنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن بەدىئىي ئۈنۈمنىڭ سىرىنى پەقەت «مەخپىيەتلىكتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش» ھالىتىگە قايتۇرغاندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنى تەجىرىبىنىڭ مۇنداق بىر يۈكسەكلىكىگە قايتۇرۇش كېرەككى، بۇ خىل يۈكسەكلىكتە ئادەم شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ سۈپىتىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولىدۇ. شەخسنىڭ بېشىدىكى بالا- قازا بىلەن بەخت- سائادەتنىڭ كارايىتى چاغلىق بولىدۇ. پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىلا ئەھمىيەتلىك بولغان بولىدۇ. دەل مۇشۇلارغا كۆرە، ھەر بىر ئۇلۇغ بەدىئىي ئەسەر ئوبيېكتىپ ۋە غەيرىي شەخش خاراكتېرىدە بولىدۇ. لېكىن، ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئۇ ھەر بىر ئادەمنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈشكە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يەنە دەل مۇشۇلارغا كۆرە، شائىرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئۇنىڭ سەنئىتى ئۈچۈن غەيرىي ماھىيەتلىك بولىدۇ. ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۇنىڭ سەنئەت بۇرچىغا ياردەم بېرىدۇ ياكى توسالغۇ بولىدۇ، خالاس! سەنئەتكار ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا مىشچان، ئەمىر- مەرۇپتىن چەتنىمەيدىغان ئاددىي پۇقرا، روھىي كېسەل، كالۋا ياكى جىنايەتچى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى بەتتام ياكى تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، شائىر دەپ ئاتالغان بۇ ئادەمنى ئۇنىڭلىق بىلەنلا شەرھىلىگىلى بولمايدۇ.
تۈگىدى
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 1- سان

مەنبە: ۋەتېنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 120

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش