You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئامېرىكىنى ياسىغان بىناكار

ئامېرىكىنى ياسىغان بىناكار

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

(بۇ ھېكايە ئەزىز نەسىننىڭ «زامانىمىزنىڭ ئۆسمۈرلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈلدى)

سۆيۈملىك قېرىندىشىم زەينەپ:

سالام خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. ساڭا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. مەن تېخى سېنى ئەنقەرەگە كىتىپلا، بىزنى ئۇنتۇپ قالامدىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

خېتىڭنى سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردىم. ساۋاقداشلار سېنىڭدىن خوش بولدى. ساڭا ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۇرۇپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى.

مەنمۇ ساڭا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرۇپ، بۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەن مۇھىم ئىشلاردىن سېنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن. سەن ئىستانبۇلغا كىتىپ، ئىككى كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا ھېچ ئۇنتۇلغۇسىز ئاجايىپ ئىشلار يۈز بەردى. بۇ ئىشلارنى ساڭا سۆزلەپ ئۆتەي.

مۇئەللىمىمىز ئەتىگەندىلا، مەكتىۋىمىزنى تەكشۇرۇش ئۈچۈن مۇپەتتىش كېلىدىغانلىغىنى ئۇختۇردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا مۇئەللىمىمىز بەكمۇ جىددىلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا بىزمۇ شۇنداق جىددىلىشىشكە باشلىدۇق.

ئۇ كۈنى مۇپەتتىش ئۇدۇل بىزنىڭ مەكتەپكە كەلمەي، بەلكى يىقىنىمىزدىكى يەنە بىر مەكتەپكە كەتكەنلىگىدىن خەۋەر تاپتۇق. ھەمدە بىز ئۇ مەكتەپتىكى تونۇش-بىلىشلەردىن، مۇپەتتىشنىڭ نېمە سوئاللارنى سورىغانلىغىنى سورىدۇق. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، مۇپەتتىش ھەر بىر كىرگەن سىنىپتىكى مۇئەللىمگە «ئوقۇغۇچىلارغا ھېساپتىن بىر مەسىلىنى يازدۇرۇڭ، ئوقۇغۇچىلار بۇ مەسىلىنى يېشىپ باقسۇن» دەيدىكەن، ئاندىن كىيىن يەنە مۇئەللىمگە» بىر شېئىرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئڭلاپ يازدۇرۇڭ» دەيدىكەن. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزى بىر قوللۇق بىرمۇ بىر تەكشۈرىدىكەن. ئاندىن كىيىن بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن دائىم ئوخشاشلا تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورايدىكەن:

ئامېرىكا قۇرۇقلىقى قاچان تىپىلغان؟

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭلار كىم؟

ئىستانبۇلنى كىم فەتىھ قىلغان؟

سۇلايمانىيە جامەسىنى كىم ياسىغان؟

بىز ۋە مۇئەللىم ئەنە ئاشۇ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كىيىن، مۇئەللىم ھەممىمىزگە يېڭى بىر دەپتەر تۇتقۇزدى. ئاندىن كىيىن دوسكىغا ھېساپتىن ناھايىتىمۇ قىيىن بىر مەسىلىنىڭ يېشىلمىنى بىرمۇ-بىر قىلىپ يازدى. بىز بۇ مەسىلىنى دەپتىرىمىزگە ناھايىتىمۇ رەتلىك قىلىپ كۆچۈرۋالدۇق ۋە يەنە بىر شېئىرنى دەپتىرىمىزگە چىرايلىق قىلىپ يازدۇردى. ئاندىن مۇئەللىم ھەممىمىزنىڭ دەپتەرلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتى. ئەگەر خاتا يازغان ساۋاقداشلار بولسا ئۇلارنىڭكىنى تۈزەتتى. بۇ ئىشلار تۈگكەندىن كىيىن مۇئەللىم بىزگە:- ساۋاقداشلار! مۇپەتتىش سىنىپىمىزغا كىرگەندە، مەن سىلەرگە مۇشۇ ھېساپنى ئىشلەشنى بۇيرۇيمەن ۋە دەپتىرىڭلارغا كۆچۇرۋالغان شېئىرنى .ئاڭلاپ يازغۇزىمەن ،- دېدى.

مانا شۇنداق قىلىپ، مۇئەللىمىمىز ھەممە ئىشلارنى تولۇق تاپىلىغاندىن كىيىن، بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشىمىزنىڭ لازىملىغىنى جىكىلىدى. ئەگەر مۇپەتتىش قايسى ئوقۇغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئاشۇ سوئاللارنى سورىسا، دەرھال ھەم تىز ھەم توغرا ھەمدە قىسقا جاۋاب بېرىشىمىزنىڭ كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن بىزمۇ ئۇ سوئاللار بىلەن جاۋابلىرىنى يادلاشقا كىرىشىپ كەتتۇق.

مۇئەللىم بىزدىن:

-ئامېرىكا قۇرۇقلىقى قاچان تىپىلغان؟ -دەپ سورىسا، ھەممىمىز بىردەك،- 1492،- دەپ ۋاقىرايتتۇق.

بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭلار كىم؟

بۇ سوئالغا ھەر كىم ئۆزى ياخشى كۆرىغان ئادىمىنىڭ ئىسمىنى ئاتىغانلىغى ئۈچۈن، سىنىپنىڭ ئىچىنى ھەر بىر ئېغىزدىن چىققان ھەرخىل جاۋاپلارنىڭ ئاۋازى لەرزىگە سالاتتى. بەزىلەر «ئاتا تۈرك» دىسە، بەزىلە «ئانام» دەيتتى، يەنە بەزىلىرىمىز «دادام» دەپ كۈچىمىزنىڭ بېرىشىچە ۋاقىرايتتۇق.

ئاندىن كىيىن مۇئەللىم بىزدىن مۇنداق سوئال سورايتتى:

-ئىستانبۇلنى كىم فەتىھ قىلغان؟

ھەممىمىز دەرھال شاققىدە قىلىپ مۇنداق جاۋاب بېرەتتۇق:

-فاتىھ سۇلتان مەھمەد.

-سۇلايمانىيە جامەسىنى كىم ياسىغان؟- دەپ، مۇئەللىمىمىز سوئالنى سورىشى بىلەن تەڭلا، ھەممىمىز بىردەك:-سىنان بىناكار،- دەپ كانىيىمىز يىرتىلىپ كەتكىچە ۋاقىرايتتۇق.

مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدۇق. مۇئەللىمىز ئەنە ئاشۇنداق مەشىق قىلىشنىڭ ئارلىقلىرىدا:-سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار!- دەپ، بىزگە قايتا-قايتا تاپىلاپ كاللىمىزغا قۇيىۋەتتى. مەنمۇ دائىم ئارقا-ئارقىدىن سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى يادقا ئېلىپ، ئىچىمدە يادقا دەپ يۈردۇم.

«1492، دادام، فاتىھ سۇلتان مەھمەد، سىنان بىناكار. 1492……»

بۇ جاۋابلارنى يادىلاشقا شۇنچىلىك كۆندۇمكى، قەيەردە بولسام شۇ يەردە، ئۆزلىگىمدىن بۇ جاۋابلارنى ئىچىمدە پىچىرلايتتىم. ئەتىگەندە ئاپام:-بالام ئاغرىپ قالدىڭمۇ قانداق؟-دەپ سورىغاندا، مەن:-ياقەي،- دېدىم.

ئاپام ماڭا مەيۇسلىك بىلەن قاراپ:- ۋاي جىنىم قوزام، تاڭ ئاتقىچە 1492، دادام، فاتىھ سۇلتان مەھمەد، سىنان بىناكار، دەپ جۆلۇپلا چىقتىڭ. بۇ بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانمۇ قانداق؟ دەپ پىشەنەڭنى ئاستا تۇتۇپ باقسام ئۇنچىلىك قىززىقمۇ ئەمەس،- دېدى.

مانا شۇ كۈنى مۇپەتتىش مەكتىۋىمىزگە ئەتىگەندىلا يىتىپ كەلگەن ئىدى. سەن ئۆزەڭ بىلىسەن مەن ئانچە ھاياجانلىنىپ كىتىدىغانلاردىن ئەمەس. ئەمما، نېمە بولدىكىن تاڭ، ئۇ كۈنى ھاياجانلانغېنىمدىن شۇنچىلىك جىددىلىشىپ كەتتىم، ھەتتا جىددىلەشكەنلىكىمدىن پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باستى. بەلكى مۇئەللىمنىڭ جىددىيلىشىشى ماڭا يۇقتىمىكىن بىلمەيمەن. مۇئەللىمنىڭ قوللىرىنىڭ جىددىلىكتىن دىر-دىر تىترەۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.

مۇپەتتىش مۇئەللىمگە قاراپ:- ئوقۇغۇچىلارغا بىر شېئىرنى ئاڭلاپ يازدۇرۇڭ،-دېدى.

بۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم بىزگە قاراپ تۇرۇپ:-ساۋاقداشلار قېنى ئەمسە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، توغرا يېزىڭلار،-دېدى – دە، ئاللا بۇرۇن دەپتەرلىرىمىزگە يازدۇرۇپ بولغان شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ شېئىرنى ھەممىمىز دەپتىرىمىزگە يېزىپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يالغاندىن يازغان قىياپەتكە كىرىۋالدۇق. ئاخىرى مۇئەللىم شېئىرنى ئوقۇپ بولدى.

مۇپەتتىش دەپتەرلىرىمىزنى قايتا-قايتا تەكشۈرىشكە باشلىدى. ھېچبىرىمىزنىڭ بىرمۇ ئىملا خاتالىقى سادىر قىلمىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ، مۇئەللىمگە بۇرۇلۇپ:-رەھمەت سىزگە مۇئەللىم! ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەۋېتىپسىز،- دەپ، يەنە ئارقا رەتتىكى ئولتۇرغان بالىلار تەرەپكە ماڭدى. ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى پارتىدا ئولتۇرغان چىنگىز ئىسىملىك بالىنىڭ دەپتىرىنى كۆرمەكچى بولۇپ،-قىنى دەپتىرىڭنى كۆرۈپ باقاي:-دېدى.

چىنگىز دەپتىرىنى سۇندى.

مۇپەتتىش :- ھە! بۇ نېمە؟-دېدى

-شېئىر ، ئەپەندىم.

مۇپەتتىش:- بۇ قانداقمۇ شېئىر بولسۇن؟ – دەپ ۋاقىراپ كەتتى—دە، بېشىنى سوزۇپ، كۆزىنىڭ قىرىدا يەنە قارىدى.

ئەسلىدە چىنگىز خاتالېشىپ شېئىر بار بەتنى كۆرسىتىمەن دەپ، ھېساپ ئىشلىگەن بەتنى ئىچىپ كۆرسەتكە ئىكەن.

تېخى مۇشۇ چاغدا «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۇم ئاشكارە» دېگەندەك، چىنگىز مانا ئەپەندىم دەپ ھىلىقى ئالدىن يازدۇرۇپ قويغان شېئىر بار بەتنى ئىچىپ كۆرسىتەي دىگىچە، مۇئەللىم دەرھال چاققانلىق قىلىپ يىتىپ كەلدى—دە، چىنگىزگە قول ۋە كۆز ئىشارىتى قىلىپ، كۆرسەتمەسلىكنى بىلدۇردى. چىنگىزمۇ بۇ ئىشارەتنى تۇيۇپ، ئۆزىنى ئوڭشاپلا:

-شېئىرنى يازالمىدىم ئەپەندىم،-دەپ جاۋاب بەردى.

مۇئەللىم ھودۇققىنىدىن تېخىچە ئىشارەت قىلىشنى توختاتمىغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا مۇپەتتىش ئىتتىك ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ:- قىنى ئەمدى، بالىلارغا ھېساپتىن بىر مەسىلىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ،-دېدى.

مۇئەللىمنىڭ يۈزى خىجالەتچىلىكتىن قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدە مۇپەتتىش باشتا ھېساپ ئىشلىتىشنى بۇيرۇپ، ئاندىن شېئىر يازغۇزىدۇ دەپ تەييارلىق قىلغان ئىدۇق. مۇپەتتىش ئۇنىڭ تەتۈرىسىنى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھەممە ئىش بىردىنلا ئاستى-ئۈستىن بولۇپ كەتكەن ئىدى. چىنگىزمۇ ئاڭقىرالماي بارلىق پىلانىمىزنى بىتچىت قىلىۋەتتى. چىنگىز دەپتىرىنى شۇ پىتى تۇتۇپلا قالغان ئىدى. شۇڭا مۇئەللىم ئامالسىزلىقتىن بىزگە باشقا بىر مەسىلىنى دوسكىغا يېزىپ، يېشىشىمىزنى ئېيتتى.

مەن ماتىماتىكىدا دائىم ياخشى نومۇر ئالاتتىم. بۇ قېتىم شۇنچىلىك تەس بىر مەسىلىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن جېنىمدىمۇ بۇ ھېساپنى يېشىپ چىقىرالمىدىم.

دەپتەرلىرىمىزنى كۆرگەن مۇپەتتىشنىڭ چىرايى شۇنچىلىك سەت ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مۇئەللىممۇ ناھايىتى ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي دوسكىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قىتىپلا قالغان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئىچىمدە:-ھەي! مۇپەتتىش ھېلىقى سوئاللارنى مەندىن بىر سورىغان بولسا، شاق، شاق قىلىپلا جاۋاب بېرىۋېتىپ، مۇئەللىمنى مۇشۇ قىيىن ئەھۋالدىن بىر قۇتقۇزغان بولسام» دەپ ئويلىدىم. ئۆزۈمچە ئىچىمدە 1492″، دادام، فاتىھ سۇلتان مەھمەد، سىنان بىناكار، 1492…. » دەپ پىچىرلىشىمغا، خۇددى كاللامدىكى ئوينى مۇپەتتىش تۇيىۋالغاندەكلا مېنىڭ ئالدىمغا كىلىپ:- ئورنىڭدىن تۇر،- دېدى.

مەن خوشاللىقىمدىن دەرھال ئورنىمدىن تۇردۇم.

مۇپەتتىش:-قانچە ياشقا كىردىڭ؟

مەن ھاياجانلانغانلىغىمدىن «ئامېرىكا قۇرۇقلىغى قاچان تىپىلغان؟ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپلا.

-1492، ئەپەندىم،- دەپ، ۋاقىردىم.

ھەيرانلىقتىن مۇپەتتىش كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ:-نېمە؟ قانچە ياشقا كىردىڭ؟ دەپ سوراۋاتىمەن.

مەن يەنىلا جاۋابىمنىڭ توغرىلىغىغا ئىشىنىپ :-1492 ئەپەندىم- دەپ تېخىمۇ يۇقۇرى ئاۋازدا ۋاقىرىدىم.

مۇپەتتىش: ئىستانبۇلنى كىم فەتىھ قىلغان؟

مەن رەت تەرتىۋى بويىچە يادلىۋالغان جاۋاب بويىچىلا:-دادام، ئەپەندىم.-دەپ، كەسكىن جاۋاب بەردىم.

مۇپەتتىش سوئاللارنىڭ رەت تەرتىۋىنى ئۇنداق ئالماشتۇرۋېتىدىغانلىغىنى نەدىنمۇ بىلەي دەيسىز.

مۇپەتتىش تىرىككىنىدىن پۇتلىرىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ تۇرۇپ:

-ئىستانبۇلنى كىم فەتىھ قىلغان؟-دەپ سوراۋاتىمەن.

-دادام!- دەپ، دەرھال جاۋاب بەردىم.

مۇپەتتىش:-سېنىڭ داداڭ كىم؟-مەن:-سىنان بىناكار.

مۇپەتتىش تازا تىرىككەنلىكىنى ئۆزىچە يوشۇرۇپ تۇرۇپ:-دىگەنلىرىڭنى بىلىۋاتامسەن ئوغلۇم. داداڭنى سورىسام، سىنان بىناكار دەيسەڭغۇ،-دېدى.

ئەمدىلەكتە، پۈتۈن ئىشنى بۇزىۋەتكەنلىكمنى بىلدىم، ئەمما يەنىلا ھودۇقۇشنىڭ ئەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇپەتتىشنىڭ ۋاقىراشلىرىدىن ئېسىمنى يىغىپ بولالماي، ئەس-ھوشۇمنى تېخىمۇ يوقاتقان ئىدىم.

مۇپەتتىش:-ئەمىسە، سىنان بىناكار زادى نېمىنى ياسىغان؟

ئەمدى مېنىڭ زىھنىم پۈتۈنلەي چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئاغزىمدىن نېمە چىقىۋاتقانلىغىنىمۇ ئۆزۈم بىلمەي قالغان ئىدىم. شۇڭا مەن :-ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلغان، ئەپەندىم،-دەپ جاۋاپ بەردىم.

«كىم؟» دەپ سورىسا،دېگەنلىرىمنى ئۆزۈمچە تۈزۈتىمەن دەپ ئويلاپ:- سۇلايمان بىناكار- دەپتىمەن.

-ئۇنداقتا سۈلايمانىيە جامەسىنى كىم ياسىغان؟

-سۇلتان سىنان فاتىھ…

مانا ئەمدى پۈتۈن سۆزلەرنىمۇ بىربىرىگە ئارلاشتۇرۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرساممۇ. ئەمما، ھېچ بىرىنى تۇزۇتۇشكە ئامالسىز قالغان ئىدىم. مۇپەتتىش شۇنچىلىك تىرىكىپ كەتكەن ئىدىكى، تىرىككىنىدىن ئۇمۇ قايمىقىپ كەتكەن بولۇپ:- ئوغلۇم،ئامېرىكىنى ياسىغان بىناكار سۇلتان مەھمەت، سۈلايمان جامەسىنى تاپقان فاتىھ سىنان،-دەپ جۆيلىدى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان سىنىپتىكى بارلىق بالىلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ، ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قىلىشتى. مۇپەتتىش بولسا ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغانلىغىنى بىلىپ، خاتالىغىنى يەنە تۈزىتىمەن دەپ :- سىنان جامەسىنى بىناكار سۈلايمان ياسىغان، فاتىھنى بىناكار سۇلتان مەھمەد فەتىھ قىلغان. دىمەكچى ئىدىم، كەچۈرۇڭلار،-دېدى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بالىلار بىقىنلىرىنى تۇتۇپ تىخىمۇ كۈلۈشكە باشلىدى.

مۇپەتتىش، بۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۆزىنىڭ يەنە خاتالاشقانلىغىنى كۆرۈپ،-ھەي! بۇ بالىلار ، مېنىڭمۇ ئىچىمنى ئېلەشتۇرۋەتتىغۇ،- دەپ تىرىككىنىدىن ئىشىكنى بار كۈچى بىلەن جالاققىدە قىلىپ يىپىپ، ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي، چىقىپ كەتتى.

بىر ھازا كۈلۈشتىن كىيىن ئاستا-ئاستا سىنىپنىڭ ئىچىنى گۆرىستان جىمجىتلىقى ئەسىر ئالدى. ئاندىن مۇئەللىم:

– ۋادىرىخا!- دېدى.

بۇ سۆزنى ماڭا دېدىمۇ، مۇپەتتىشكىمۇ، ياكى ئۆزىگە قارىتىپ دېدىمۇ، بۇنى ھېچ بىلەلمىدىم.

دېمەك بۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئەپسۇسلانغانلىغىنى ساڭا ئىزھار قىلىشقا قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ھەر قېتىم ئېسىمگە بۇ ۋەقە كەلگەندە، ناھايىتى خىجىل بولىمەن. ئەسلىدە ئىتتىك جاۋاب بېرىپ مۇئەللىمنى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مىڭ ئەپسۇس…

ئەمدى مەن بۇ خەتنى يېزىش ئارقىلىق ۋەدەمدە تۇردۇم. سەنمۇ ۋەدەڭدە تۇرۇپ ئۇ يەرلەردىكى ئىشلاردىن خەت ئارقىلىق بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغىن. جاۋاپ خەتلىرىڭنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن.

ساڭا ئۇتۇقلار تىلەپ، ساۋاقدىشىڭ ئەھمەد تارباي.

15-نۇيابىر، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top