You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۈژمە دەرىخى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە

ئۈژمە دەرىخى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە

ئۈژمە دەرىخى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە

زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋېتسىيە)

Abstract

The Uyghur people have had some different religious beliefs during the history . Such as some influences of Shamanism and worships still exists in Uyghur’s life , culture and literature. One elements in the center of life is tree cult which is as essential as water, air, soil from the occurrence of the universe. One of the trees that sanctity is attributed to in tree cult is mulberry tree. It has especially gained an important place on Uyghur culture. In this article, I will describe the tree cult of some Turkic people and the elements of sacred mulberry trees among Uyghur culture  from the primitive believes  to the modern society. I will use som mythical legends as a source in this paper

Keywords: Mulberry tree, beliefs, culture

دەرەخ _تەبىئەت شەكىللەنگەندىن بۇيان خۇددى سۇ، تۇپراق، ھاۋاغا ئوخشاش ئىنسانلار ۋە جانلىقلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەلتە. ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنىدىكى دەرەخلەرگە چوقۇنۇشى خېلى چوڭقۇر ئىدىيۋى ئاساسقا ئىگە ئېتىقادلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ خىل ئېتىقادنىڭ تەسىرىمۇ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىدا ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇتېم ئېتىقادى ئەجداد تۇتېمى، يەر-سۇ تۇتېمى ۋە كۆك(تەڭرى) تۇتېمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دەرەخ ئېتىقادى مۇشۇ خىل تۇتېملارغا تەۋە بولغان ئېتىقاد ھادىسىسى بولۇپ، تۈرك ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا تەڭرى توققۇز خىل ئىنسان ئىرقىنى توققۇز شاخلىق دەرەخنىڭ سايىسىدە ياراتقانمىش.[1]

يەنە بىر ئۇيغۇر رىۋايىتىدە كائىنات مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: كائىناتنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قېتىدا سۇ قېتى بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتە يەر يۈزى جايلاشقان. يەر يۈزىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۈۋرۈك شەكىللىك غوللىرى سەككىز بۈرجەكلىك شەكىل ئالغان غايەت زور بىر دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ يەتتە خىل جاۋاھىراتتىن تەركىپ تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سۇ ئۈستىدىكى يەر يۈزىنى كۆتۈرۈپ دەستەكلەپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.[2]

تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا دەرەخلەر ھەققىدىكى ئىدىيۋى چۈشەنچىلەر تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىپ بارغان. يەنى ئىپتىدائىي ئىنسانلار دەل ـ دەرەخلەرنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىنى سىرلىق چۈشەنچىلەرگە باغلاپ تەپەككۈر قىلىشقا باشلىغان. ئۇلار بۇ خىل قانۇنىيەتلىك تەبىئىي ھادىسلەرنى تەبىئەتىتىن تاشقىرى يەنە بىر خىل ھاياتلىق چۈشەنچىسىگە باغلاپ تەپەككۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئېڭىدا دەرەخلەردىمۇ روھ بولىدىكەن دەيدىغان ئىدىيۋى چۈشەنچە پەيدا بولغان. نەتىجىدە دەرەخلەرگە ئىلاھ سۈپىتىدە چوقۇنۇش ئېتىقادى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان، سىرلىقلاشقان. ئەڭ دەسلەپتە دەرەخلەرگە چوقۇنۇش دەرەخلەرنىڭ ماددى ھالىتىگە چوقۇنۇش بولغان بولسا، ئانىمىزم چۈشەنچىسى شەكىللەنگەن دەۋردىكى دەرەخلەر روھىغا چوقۇنۇشنى ئىدىيۋى مەزمۇن قىلغان.[3]

ئانىمىزم (رۇھچىلىق)چۈشەنچىسىدە ئنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ روھلىرى قەۋرە ئەتراپىدا، دەرەخلەردە ،ئۆسۈملۈكلەر ئارىسىدا پۈتكۈل تەبىئەت ۋە مۇھىتتا ياشايدۇ. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا ھاياتلىقتىكى ھادىسىلەرگە ئائىت بىر روھتىن ئىبارەت.[4]

تەڭرى بىلەن ئنسانلار ئوتتۇرىسىدا دەرەخ بىر خىل ۋاستىچى، خەۋەرچى ، ئەلچى رولىنى ئۆتىگەن . تەبىئەت ھادىسلىرىگە ئائىت مۇراسىملار مەسىلەن، يامغۇر تىلەش، كۈن ۋە ئاي تۇتۇلۇشىنى توساش، شامال چىقىرىش ۋە توختۇتۇش مۇراسىملىرىدا ، ئۇندىن باشقا توي ۋە دەپنە مۇراسىملىرى ، بەرىكەت تىلەش ئادەتلرى بولسۇن ھەممىسىدىلا دەرەختىن ئايرىلالمايدۇ:

ئۇيغۇرلاردىكى شامانلار ھەققىدىكى ماقالىگە ئاساسلانغاندا، شامانلارنىڭ شامان تەربىيىسى قېرى دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر بىر شاماننىڭ ئۆزىنىڭ مازار ماشايىقىلىرى ۋە قوغدىغۇچى دەرىخى بولىدۇ. قەرەللىك تۈردە ئۆزى تەربىيە ئالغان دەرەخ تۈۋىدە قان قىلىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۇ خىل دەرەخلەرگە تۇغ چىگىپ قويۇلىدۇ.[5]

شىۋېتسىيەدە ساقلانغان يۇرتىمىزغا ئائىت ماتېرىياللار نىڭ ئىچىدىكى بىر مىسسېئونىېر خاتىرىسىگە ئاساسەن، بىر قېتىملىق يامغۇر تىلەش مۇراسىمى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:

يامغۇر تىلەش جەريانىدا چوقۇم جامائەت ئىچىدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ كىشى باشتىن –ئاياق تۇرۇشى كېرەك بولۇپ، جەدىچى ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىن ياسالغان تاشنى يېڭى ئۆلتۈرۈلگەن تۆت پۇتلۇق ھايۋاننىڭ قېنىغا چىلاپ ، دەرەخ شېخى بىلەن ئىلەشتۈرىدۇ.ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ رىسالىسىنى ئوقۇيدۇ.[6]

ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئۆرپ -ئادەت ، يوسۇنلىرىدىنمۇ تارىختىن بۇيان دەرەخنى ئۇلۇغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بالا يۈزى كۆرمىگەن ئاياللار بالا تىلەش يۈزىسىدىن قەشقەر ئوپالدىكى مەھمۇت قەشقەرى مازارىنىڭ يېنىدىكى ھاي ھاي تېرەكنىڭ يېنىغا بېرىپ تىلەك تىلەيدۇ. ئۇلار تېرەكنىڭ شېخىغا لاتا پارچىلىرىنى ئېسىپ دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەيدۇ.[7]

بەزى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش ئادەتلىرىدىمۇ مېيىت بىلەن قوشۇپ ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملارنى (نوغۇچ، قاچا)بىرگە دەپنە قىلىش ئادەتلىرى بار.

جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان توغراق، سۆگەت، ئۈجمە، تېرەك، ئارچا ۋە ئالما دەرەخلىرىنى ئىلاھىي دەرەخلەر دەپ بىلىپ كەلگەن.

 

1.ئۈجمە دەرىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخ تۇتېمى ئېتىقادى

ئۈجمە دەرىخىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىلاھىي دەرەخ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈجمە دەرىخىنى تىكىشى دەرەخ تۇتېمى ۋە دەرەخ ئېتىقادىدىن كەلگەن . ئېتىقاد چۈشەنچىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈجمە دەرىخى ياخشى روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارىلىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھېلىمۇ”ئۈجمە دەرىخى قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ، يەنى ئۇ روھلارنىڭ تۇرالغۇسى، ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئۇششاق قۇشلار روھلىرى ماكانلاشقان دەپ قارايدۇ.ئەگەر ئۈجمە دەرىخى ئىشىىكنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، ئىشىكنى باشقا تەرەپتىن ئاچسا ئاچىدۇكى، ھەرگىز ئۈجمە دەرىخىنى كېسىۋەتمەيدۇ ياكى يۆتكىۋەتمەيدۇ“. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا كىشىلەر ھويلىسىغا ئۈجمە دەرىخى تىكىپ ئۆستۈردىغان ئادەتنى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلاپ قالغان. بۇ خىل ئادەت ئۈجمە دەرىخىنى ئۇلۇغلاش چۈشەنچىسىنى ئىدىيۋى مەنبە قىلغان.[8]

تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ بىرقانچە جايلاردا ئۈجمە تىلغا ئېلىنغان.[9]

«دەرەخ ئۈژمىلەندى»، «ئۈژۈملەنۈر»،»ئۈزۈملەنمەك»

2.ئۈجمە دەرىخى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئوينىغان رولى
ئۈجمە خاسىيەتلىك دەرەخ  دەپ قارىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈجمە دەرىخىنى ئىشىك ئالدىغا تىكىشىدە يەنە ساۋاپ تېپىش قارىشىمۇ بار. ئۈجمە پىشقاندا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن غېرىپ – غۇرۋالار، يولۇچىلار، بالىلار ئۈجمىنى ئېرغىتىپ يېسە ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرىدۇ، سايىسىدە سايىدايدۇ. ئۇيغۇرلاردا سىمۋول خاراكتېرلىك دەرەخ تىكىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ئەنئەنىۋى ئادەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۈجمە دەرىخى ئۇيغۇرلاردا ئۆينىڭ ھۇزۇرى، بەرىكىتى ۋە ئىستىقبالىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن.

يۇنان مېتولوجىسىدە ئۈجمە دەرىخىنىڭ يارىتىلىشىغا ئائىت مۇنداق بىر رىۋايەت بار :

بۇرۇنقى زاماندا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بولۇپ قىزنىڭ ئىسمى تىسپە، يىگىتنىڭ ئىسمى پىرەمۇس ئىدى.ئۇلار تام قوشنا بولۇپ، ئاتا ئانىلىرىنىڭ قوشۇلماسلىقىغا قارىماي بىر بىرىنى ناھايىتى سۆيەتتى. بىر كۈنى ئۇلار ئورمانلىقتىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە كۆرۈشمەكچى بولۇپ ۋەدىلىشىپتۇ. تىسپە يىگىتتىن بۇرۇنراق ۋەدىلەشكەن جايغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ يەردە يېڭىلا ئولجىسىنى يىگەن ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان چوڭ بىر يولۋاس بىلەن قارشىلىشىپ قاپتۇ ۋە قورققىنىدىن غارغا كىرىپ مۆكۈۋېلىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە قېچىپتۇ ۋە شۇ جەرياندا بېشىدىكى ياغلىقىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن يىگىت دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ يوغان بىر يولۋاسنىڭ ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ياغلىقىنى چىشلىرى بىلەن پارچىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۆيگۈنىنى يولۋاس يەۋەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ بۇ ھاياتتا ياشىيالمايدىغانلىقىدىن باشقا نەرسىنى كاللىسىغا كەلتۈرمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا يېنىدىن خەنجىرىنى چىقىرىپ ھىچ ئىككىلەنمەستىن يۈرىكىگە ئۇرىدۇ.

بۇ ئەسنادا، سۆيگىنى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىغان تىسپە ئۆڭكۈردىن چىقىدۇ ۋە كېلىپ دەرەخ تۈۋىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ، يىغلاشقا باشلايدۇ. بىرازدىن  كېيىن قارىسى ئۇزاقلاشقان يولۋاسنى ۋە ئۆزىنىڭ ياغلىقىنى كۆرۈپ بولغان ۋەقەنى چۈشۈنىدۇ ۋە ئۇمۇ سۆيگۈنىسىز بۇ ھاياتتا ياشىغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇ مۇ ئىككىلەنمەستىنلا سۆيگۈنىنىڭ يۈرىكىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا  ئۆز كۆكسىگە ئۇرۇپ سۆيگۈنىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ.

بۇنى كۆرگەن تەڭرى بۇ ئاشىق مەشۇقلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى مەڭگۈلۈك قىلماقچى بولۇپ شۇ دەرەخنى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە سىمۋول قىلىدۇ. يىگىتنىڭ قېىنى بىلەن دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىنى، قىزنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن دەرەخنىڭ مىۋىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. .شۇندىن ئېتىبارەن ، قارا ئۈجمىنىڭ قولغا يېپىشىپ قالغان دېغىنى(تىسپەنىڭ كۆز يېشى) پەقەتلا ئۈجمە دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى(پىرەمۇسنىڭ قېنى) بىلەنلا يۇيۇۋەتكىلى بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت شۇنىڭدىن كەلگەنمىش. تۈركىي خەلقلەردىمۇ مازارلىقلارغا ئۈجمە دەرىخى تىكىدىغان ئادەتلەر بار.

ئۈجمە دەرىخىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ھەققىدە تۈرك مەنبەلىرىدە مۇنداق قەيت قىلىنغان:

تەسەۋۋۇپچى ئۇستاز ئەخمەت يەسەۋى ئەۋلىيالار ياققان گۈلخاندىن ئۇچى يېنىپ تۇرىدىغان بىر ئۈجمە ياغىچىنى تۈركىستاندىن ئاتىدۇ ۋە ئۇ ياغاچ ئانادولۇ تەرەپكە چۈشۈدۇ. بۇ ياغاچ كېيىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن دەل ھازىرقى ھاجى بەكتاش ۋەلى مەقبەرەسىدىكى700 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈجمە دەرىخىگە ئايلانغان. بۇ دەرەخ خاسىيەتلىك بىر دەرەخ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ دەرەختىن ئۈجمىنىڭ چۈشۈشىنى ساقلاپ، دەرەختىن تىلەكلىرىنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى سوراپ دۇئا قىلىشىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دەرەخنىڭ ئۇچى ھازىرمۇ يېنىپ تۇرارمىش.

ئۈجمە دەرىخى   مىۋىسى ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان مەنپەتلىك دەرەخ بولۇپ ، مىۋىسىدىن تارتىپ يوپۇرماق ، شاخ شۇمبىلىرى، قوۋزىقى ۋە ياغىچىغىچە ھەممىسى داۋالاش، ئېستېتىك تۇيغۇ ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغان بىر ساخاۋەتلىك دەرەختۇر.ئۈجمە دەرىخىنىڭ مىۋىسى شىپالىق مىۋە بولۇپ، ئۈجمىنىڭ جىگەر، مېڭىنى قۈۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تەمرەتكىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىق روللىرى بار. ئاقىل ئەجدادلار ئۈجمە ئىككىنچى قېتىم پىشقاندا ئۇنىڭدىن «ئۈجمە شىرنىسى» ياساپ، قىش پەسلىدە ئەتتىگەنلىك غىزادا 1 ~ 2 قوشۇقتىن ئىچىشنى ئادەتلەندۈرگەن. ئۈجمىنى قۇرۇتۇپ «ۋاسالغۇ» قىلىپ، ئىستىمال قىلىشنىمۇ غىزالىنىش ئادىتى قىلغان. ۋاسالغۇمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈجمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈجمە يوپۇرمىقى بىلەن پىلە بېقىش ۋە پىلىدىن يىپەك چىقىرىپ «ئەتلەس» ، «شايى تاۋار» قاتارلىق نەپىس رەختلەرنى توقۇپ، ئۇنىڭدىن خاس كىيىملەرنى تىكىپ كىيىشكە ئاساس سالغان.[10]

خوتەن قەغىزى-  دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى  چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللي قول – ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. “خوتەن قەغىزى” ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ، ئەۋرىشىم بولغاچقا، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا – دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم – كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ھەر خىل گۈزەل – سەنئەت بويۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى <سامان قەغىزى> نىڭ خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاشمايدىغان ھالدا، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت.

فىنلاندىيىلىك ئېكسپىدىيسىيىچى ماننېرخېيىمنىڭ بايانىدا، ئۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ياسىلىش جەريانىنى ۋە خام ئەشياسىنىڭ ئۈجمە دەرىخىدىن كېلىدىغانلىقىنى  چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە،» ئۇ كۈنى بىز يولدا ئېشەككە يۈك ئارتىپ ماڭغان كارۋان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە140 نەپەر كارۋان  گۇمىدىن يەركەنتكە قەغەز، كىشمىش ئۈزۈم توشۇپ ماڭغانلار ۋە 20-30 نەپىرى خوتەندىن قەشقەرگە قاراپ يىپەك يىپ، قوي يۇڭى توشۇپ ماڭغانلار ئىدى.» دەپ خاتىرىلىگەن.[11]

بۇنىڭدىن خوتەن قەغىزىنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئوبورت ۋاستىسى بولۇپ، يىپەك يولى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

1970-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈشتە ، خارابىلەر ئىچىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللارغا تەۋە بىر ئايال جەسەتنىڭ كۆكسىگە ئۈجمە ياغىچى قوشۇپ كۆمۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادا يىپەكچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولىدۇ.[12]

ئۈجمە دەرىخى ياغىچى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ياغاچ. ئۇنىڭ ياغىچى چىڭ، چىداملىق، ئويۇش، يونۇشقا ئەپلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن تەڭنە، ئاياق، قوشۇق ، چۆمۈچ ، ھارۋا، ئورۇندۇق، سەندەل، ئاشاختا – نۇغۇچ، بۆشۈك، ئىشىك، كۈنگۈرە، شوتا، كاتەك،سېۋەت، زەمبىل قاتارلىقلار ئويۇلىدۇ ۋە ياسىلىدۇ. چالغۇ ئەسۋاپلاردىن خەلقىمىز تەمبۇر، ساتار،راۋاپ، دۇتتار، داپ چەمبىرىكى، سۇناي دەستىسى، ناغرا ، ساپايە قاتارلىقلارنى ياسايدۇ.

ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىمىزدىن بولغان ساتارنىڭ ئۈجمە دەرىخىدىن ياسالغانلىقى ھەققىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار:

ئۇ زاماندا ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىلىپ، يامغۇر شاارقىراپ يېغىپ كېتىپتۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىلدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي بۇلۇتقا مىنىپ، ئېگىز تاغ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. بۇ ۋاقىت سەككىزىنچى ئاي مەزگىلى بولۇپ، بۇ زات ئەكەلگەن ساتارنى بىر مەزگىل سەھەر ۋاقتىدا چېلىپتۇ. بۇ چاغدا پۈتكۈل مەخلۇقاتتىن تارتىپ دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈك، جان-جانىۋارغىچە، ھەتتا ئاسماندىكى مالائىكلەرمۇ بۇ يېقىملىق سازغا مەھلىيا بولۇپ تىڭشاپتۇ، سازنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ئېرىپ كېتىپ، ئادەم، ھايۋانات، قۇرت-قوڭغۇزلارغىچە ھوشىىدىن كېتىپ ئوزۇقلىنىشتىن توختاپ قاپتۇ، ساز چئېلىنغان شۇ ئەسنادا ئاسماندىكى مالائىكلەرمۇ خۇشاللىقىدىن يىغلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلار زېمىندىكى تاغلارغا، دەريا-دېڭىزلارغا چۈشۈپتۇ. شۇ ۋەجدىن تاغلاردىكى تاشلارنىڭ بىر قىسمى ئالتۇن-كۈمۈش، ئېسىل مەدەنلەرگە، دەريا-دېڭىزلارنىڭ ئاستىدىمۇ جانىۋارلارنىڭ بىر قىسمى ئېسىل نەرسىلەرگە ئايلىنىپتۇ. شۇ چاغدا مالائىكلەرنىڭ تۆككەن يېشى كۆيۈكتاغقا تېمىپ كەتكەنىكەن، تاشنىڭ بىر قىسمى لەئەل-ياقۇتقا ئايلىنىپتۇ ،ئىلگىرىكى كۆيۈكتاغ كېيىن لەئەلتاغ دەپ ئاتىلىپتۇ، شۇڭا بۇ لەئەلتاغ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان كىشىلەر قەدىمكىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئاڭلاپ، يەتتىنچى، سەككىزىنچى ئاي مەزگىلىدىكى يامغۇر ياغقان كۈنلەردە ئېگىز تاغقا، ئېگىز ئۆسكەن دەرەخلەرگە چىقىپ، ھېلىقى بوۋاينىڭ ساز چىېلىشىىنى كۈتىدىكەن، ساز چالغان بوۋاينى سېغىنىپ ساما سالىدىكەن، لېكىن ساز چېلىنماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئورمانلىقتىكى دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ، بوۋاي چالغان ساتارغا ئوخشىتىپ ياساپ چالسىمۇ، ئۇنداق يېقىملىق چىقماپتۇ. يەنە ياساشقا كىرىشىپ، پۈتكۈل ئورماننى كېسىپ ئلگىرى ئورمان بىلەن قاپلانغان لەئەلتاغ كېيىن ئورمانلار كېسىلىپ تۈگەپ يالىڭاچلىنىپ قاپتۇ پادىشاھ كىمدەكىم بوۋاي چالغان سازغا ئوخشىتىپ ياساپ، شۇنىڭغا ئوخشىىتىپ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرالىسا، نۇرغۇنلىغان ئالتۇن-كۈمۈش ئىنام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ ئوغلى ساز ياساش ئۈچۈن پالتا ئېلىپ ئورمانلىققا كېتىپ بارسا، ئالدىدىن بىر ئاقساقال بوۋاي چىقىپ:

ئوغلۇم، قەيەرگە بارىسەن؟ –دەپ سوراپتۇ. يىگىت

—ساز ياساش ئۈچۈن دەرەخ كەسكىلى ماڭدىم،-دەپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ

—ئوغلۇم، بۇ شەھەردىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئادەملەر ساتار ياسايمىز دەپ، جاڭگالدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ تۈگەتتى. ئوغلۇم، مەن ساڭا ئېيتايكى، ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى ساتار بولىدىغان دەرەخنى كېسىپ ياساپ باقساڭمۇ ھەرگىز چالغۇ بولماس. سەن ساز چېلىشقا ئىشتىياق باغلاپسەن، سازنى ئىشتىياق باغلىغاندا ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ساڭا ئېيتىپ بېرەي، ئوغلۇم، ھېلىقى بوۋاي چالغان سازنىڭ ئاۋازىنى ئاخىرغىچە ئاڭلاشقا مۇشەررەپ بولالىغان بىرلا ئۈجمە دەرىخى بار. ئۇ سازنى باشتىن-ئاخىر ئاڭلىغاچقا، ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئۈجمىنىڭ تېنىگە سىڭىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ساتارنى ئۈجمە دەرىخىدىن ياساش بەخشەندە قىلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاۋازى جەننەتتىكى ھۆر-غىىلمانلار، جانىۋارلارنىڭ ئاۋازلىرىنىڭ ئۇچقۇندىسىدۇر. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر. بۇ ئون ئىككى ئاي ئىچىدە چىقىدىغئان پۈتكۈل ئاۋاز ئون ئىككى خىلغا بۆلۈنۈپ چېلىنىدۇ. تەڭرى ئون ئىككى خىل ئاۋازدىن باشقا ئاۋازنى زېمىنغا چۈشۈرمەيدۇ. بىلىپ قويغۇنكى، ساتارنىڭ ئاۋازى جاھاندىكى ئەڭ قاتتىق نەرسىلەرنى ئېرىتەلەيدۇ، كىشئىلەرنى خۇش قىلالايدۇ ھەم يىغلىتالايدۇ. ساتار بولسا ئادەمنىڭ شەكلىدۇر. يۈرەكنىڭ چوڭ تومۇرى ئوتتۇز ئىككىدۇر. ئادەملەر ئۇنى چالسا، يۈرەكتىكى دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت، خۇشاللىق ئەنە شۇ ئوتتۇز ئىككى تومۇر ئارقىلىق ئېتىلىپ چىقىپ، ئوتتۇز ئىككى قۇلاققا مەركەزلىشىىدۇ. بۇ ئاۋاز دۇنيادا ئەڭ غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىممۇ توسۇيالماس، ئۇ ئوتتا كۆيمەس، سۇدا ئاقماس، بازغاندا ئۇرسىمۇ ئېزىلمەس ھەم ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ كۈچى يەتمەس. چۈنكى، ئۇنىڭغا يۈرەكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەجرى سىڭگەندۇر. ئادەملەر ھاۋالىق، باغۇبوستانلىقتا يايرىغانغا ئوخشاش، ئۇمۇ جاننىڭ راھەتلىنىدىغان باغۇبوستانىدۇر. ساتار چېلىنسا، تىلسىز، تىللىقلارنىڭ جېنى يايرايدۇ،-دەپتۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن يىگىت قايتىپ كېلىپ، ئۈجمە دەرىخىنى كېسىپ، ئادەم شەكلىدە ساتار ياساپ، ئوتتۇز قۇلاق ۋە يۈرەك تارىنى بېكىتىپ، پادىشئاھ ئالدىغا بېرىپ چالغانىكەن، خۇددى تاغ ئۈستىدە بوۋاي چالغان ساتارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش چىققاچقا، پادىشاھ بۇ يىگىتكە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن-كۈمۈش ئىنام قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سازەندىلەر ئۈجمە دەرىخىدىن ساتار ياساشنى ئۆگىنىۋالغانىكەن.[13]

ئۈجمە سەيلىسىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە سەيلە-ساياھەت ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۈجمە سەيلىسى ھەر يىلى ئۈجمە تازا مەي باغلاپ پىشقان چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە كىشىلەر قاتار ئۈجمىزارلارغا بېرىپ، يېڭى بىر يىلنىڭ ئەڭ بالدۇرقى شېرىن مېۋىسى بولغان ئۈجمىگە ئېغىز تېگىدۇ. قىش كېتىپ، باھار كېلىپ يازغا ئۇلاشقان ئۇچار قۇشلار، جان-جانىۋارلارمۇ ئۈجمىنىڭ مېۋىسىنى يەپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىدۇ. پائالىيەت داۋامىدا كىشىلەر نەغمە – ناۋا، بېيىت قوشاق ئېيتىشىپ ۋە مەشرەپ تۈزىدۇ،ئەجدادلىرىمىز ئۈجمىنى ئۇلۇغلاپ ئۆستۈرۈشنى ئۇدۇم قىلىپ كەلگەن.

تۈرك خەلقى ئارىسىدىمۇ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزىلىدىغان »دۇت دەدە(ئۈجمە بوۋا) سەيلىسى بولۇپ، رىۋايەت        قىلىنىشىچە ھاجى بايرامنىڭ ئەۋلاتلىرىدن بولغان  14-ئەسىردە ياشىغان بىر ئەۋلىيانىڭ ھاسىسىنى يەرگە ئۇرۇپ قويغانلىقى بىلەن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى پەيدا بولۇپ، پۈتۈن ئوردا ئۇنى يىسە يىسە تۈگىمەپتۇ.بۇ سەيلىدە ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۇلۇقلىقى ۋە خاسىيەتلىكلىكى خاتىرىلىنىپ، دەرەخقە لاتا-پۇرۇشلار ئېسىلىپ تەبرىكلىنىدۇ. بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ تۇتېم ئېتىقادىدىن قالغان يەنە بىر مىساللىرىدىن بىرىدۇر.

3.ئۈجمە دەرىخى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى ئىپادىلىرى

1) ماقال تەمسىللەر

ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش

ئۈجمە تۈگىگەندە سوپسوپىياڭ كەپتۇ.

ئۈجمە كۆڭۈل

ئۈجمە يەۋالغان بۇلبۇلدەك

ئۈژمە ئۆستۈرگەن كىشىنىڭ ئۈجمىسى پىشىپ مېۋىسى يەرگە تۆكۈلگەندە، ئۇنىڭ گۇناھى بولسا ئۈجمە بىلەن بىللە تۆكۈلىدۇ.

 

2) قوشاقلار

ئۈجمە پىشتى ھويلامدا،
ئۆزۈڭ كېلىپ تېرىپ كەت.
ماڭا كۆڭۈل بەرمىدىڭ،

ئەرگە تەگمەي قېرىپ كەت.

xxxxxxxxxx

ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭنىڭ ،

بىر شېخى راۋاپ بولدى.

سەن يارىمنىڭ ئوتىدا ،

يۈرەگىم كاۋاپ بولدى.

xxxxxxxxxx

ھەي بالىلار بالىلار،

ئۈجمە يەيلى كېلىڭلار.

سۇندۇرۋەتمەي شېىخىنى،

پىششىقىنى ئېلىڭلار.

xxxxxxxxx

ھويلاڭدىكى ئاق ئۈژمە،
پىشىپ قاپتۇ يىمەستە.
كۆڭلۈمدىكى سۆزۈمنى،
بىلىۋاپسەن دىمەستە.

 

3)چۈش تەبىرلىرى

ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .

قارا ئۈژمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالتۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ

ئۈجمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە باشقا مەنىسى بۇ سىزنىڭ باشقىلاردىن پۇل ئارىيەتكە ئالىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

چۈشىدە ئۈجمە دەرىخىنى كۆرسە، كۆڭۈل ئازادىلىكىدىن ۋە مول بەرىكەتتىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۈجمە توپلاپ چۈش كۆرسە خەيرلىك ئالامەتتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ، تۇتۇش قىلغان ئىشلىرىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

4) چۆچەكلەر

«ئۈجمە سايىسى «ناملىق ئۇيغۇر خەلق  چۆچىكى

5) شېئىرلار

كى جەننەت گۈلشىنىنىڭ كۆرىكى ھەم سۇلتانىدۇر ئۇژمە،
نەجەننەت،بەلكى ئالەم بېغىنىڭ خاقانىدۇر  ئۇژمە،
تېپىلماس ئاڭا تەڭداش دەل-دەرەخ ،يىگانىدۇر  ئۇژمە،
پەزىلەت ھەمدە بايلىقتا سېخى ،مەردانىدۇر  ئۇژمە،
ھۈنەر ،سەنئەت،سانائەتنىڭ بىساتى ،كانىدۇر  ئۇژمە.[14]

xxxxxxxxxxxxxx

كۈن قوزا چۈش بولغاندا
سايىلەر ئۇزاردى،
گۈل ئۆچتى.
كۈننىڭ يالقۇنى كۆك رەڭگە كۆچتى.
ئۈژمە پىشتى،
تۈۋىگە چۈشتى.
قارا قۇمچاق غېرىپ بالىلار
يەيدۇ ئۈژمە تېرىپ بالىلار[15]

ئۈجمە دەرىخى ھەققىدە مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت ساقلانغان بەلگىلەر ۋە ئىرملاردىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل تۈرك مەدەنىيىتىدىكى بىر قىسىم ئېتىقاد ۋە ئادەت-يوسۇنلىرىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خۇسۇسىيلىققا ئىگە بىر مەدەنىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە تا بۈگۈنگە قەدەر تۇرمۇشىمىز ۋە ھاياتىمىزدا داۋام قىپ كېلىۋاتقانلقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

پايدىلانمىلار:

 

[1] ESİN, Emel (2004) Orta Asya’dan Osmanlıya Türk Sanatında İkonografik Motifler, İstanbul:

Kabalcı Yayınevi

[2] ESİN, Emel (2001) Türk Kozmolojisine Giriş, İstanbul: Kabalcı Yayınevi

[3]راخمان ئابدۇرېھىم-شىنجاڭ ئىجتىمائي پەنلەر تەتقىقاتى

[4] Türklerde islamiyet öncesi inanç sistemleri – öğretiler-dinler,Prof. Dr. Erman Artun

[5] ئادەم ئۆگەر-ئۇيغۇرلارداامانلار ۋە ئۇلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى

[6] گۇستاف داۋېدسون-مىراس ژۇرنىلى

[7] Adem Öger-Uygur turklerinde törenler ve bayramlar 37-bet

[8] http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2009-07/21/content_92520.htm

[9] تۈركىي تىللار دىۋانى-مەھمۇت قەشقەرى 391-بەت

[10] «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر»

[11] https://uyghur.ittc.ku.edu/2013/texts/uig/uig1905_kg207-i1.xml

[12] Türk kültüründe ağaç kültü ve dut ağaci,Ülkü gürsoy, Türk kültürü ve haci bektaş velî araştirma dergisi / 2012 / 61

[13].2006 ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە رىۋايەتلىرى،شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى

[14] ئۈجمە ھەققىدە مۇخەممەس.مامۇت زايىت

[15] ئۈجمە پىشتى،ئادىل تۇنىياز

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top