You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-پسخىكىسى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم

ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-پسخىكىسى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم

مۇختەرجان توختى بۇغراخان

قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە شانلىق تارىخ ياراتقان، قەدىمىي يىپەك يولىنى تارىمغا تۇغقان ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتاغ باغرى، قاراقۇرۇم تاغ باغرىلىرىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ياشاۋاتقان، مەدەنىيەتكە باي بولغان، كۆز-قارىشى كەسكىن، ساپاسى يۇقىرى، تەپەككۇر مەدەنىيىتىگە بولغان پىسخېكىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، روھىيەت ھەققىدىكى خۇلاسىسى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر؛ پىسخېكا؛ مەدەنىيەت؛ يىپەك يولى

(ماقالىنىڭ ۋورد ۋە ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ: uyghur wa uyghur madaniyat pishikisi haqida oyliganlirimn PDF uyghur wa uyghur madaniyat pishikisi haqida oyliganlirim WORD)

يېڭى ئەسىر ھالقىغان مەدەنىيەت بوسوغىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تۇرىۋاتىمىز. كەينىمىزدە ئۇزاق تارىخنىڭ سىرلىق مۇساپىسى، ئاتلىق مەدەنىيىتىمىزدىكى كۆك تەڭرىقۇت روھى مۇجەسسەملەنگەن «ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى» ۋە «كۆك تۈرك ئۇيغۇر خانلىقى» دەۋرىدىكى نەۋقىران، جۇشقۇن سىماسى، كىگىز ئۆيىدە قالغان ئوغۇز سۈتىنىڭ پۇرىقى، كۆك بۆرىگە ھەمراھ بولغان ئاتنىڭ كىشنىشى، ئۇي ھارۋىسىنىڭ غىچىلدىغان سىرلىق ئاۋازى بىلەن تەكلىماكانغا دۈملەنگەن خامان لېيىنىڭ ئېغىر توپىسى، تىنىم تاپماي تارىم بويىدا ئىشلەۋاتقان سۇلغۇن چىراينىڭ سىماسى، ئالدىمىزدا يېڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى سىناقلىرى، ئالەم ئارا «پلانىتلار ئارا جەڭلەر»، «ئۇچۇر رىقابەت دەۋرىدىكى كومپيۇتېر تېخنىكىسى»، «ئالەم ئارا ياڭراپ كېتىۋاتقان ھەرخىل مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل تىللار قاچىلانغان تاشقى پلانىتلاردىن ھاياتلىق ئىزدەش ئۇچقۇ» لىرى بىزلەرنى ئېغىر بەدەل تۆلىتىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئەمدى ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆنگەن چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، خامان لېيىنىڭ ئېغىر توپىسى باسقان بۇ سۇلغۇن چىرايىمىز بىلەن ھازىرقى زامان ئېڭىمىزدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ۋە يايلاقلاردا قالغان توتېم دەۋرىدىكى، مىسكىنلىك باسقان، شامان دىنى ئەھكاملىقىدىكى «يامان بولىدۇ» دېگەن قاراشتىكى تەپەككۇر ئەندىزىمىز، شۇنداقلا روھىيەت جەھەتتىكى تىرىك ۋاقتىمىزدا قەبرە ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، روھىيەت قۇرۇلمىمىزنى قانداق قىلىپ ئوپىراتسىيە قىلىش زۆرۈرلىكى بىزنى بىر مەيدان كەسكىن دەۋىرنىڭ چاقىرىشىغا ۋە زاماننىڭ قاتتىق سىلكىشىگە دەۋەت قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ كېسىلىنى ئۆزىمىز ئوپىراتسىيە قىلىشتەك، قاتتىق چىرقىرىغان بالىدەك مۆلدۈرلەپ 21- ئەسىرنىڭ ئىلىم-ئېرپان رىقابىتىگە دۇچ كەلتۈرمەكتە…

1. يېقىندىن يىراققا نەزەر سالساق ۋە ياۋروپا

ئۇيغۇرلانىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق، 30- يىللاردىكى بوران-چاپقۇنلۇق مەدەنىيەت-ئاقارتىش ھەرىكىتىدىن بۇيانقى سوۋېت ئىتتىپاقىغىچە مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە يېقىنقى يىللاردىكى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغا ئېقىپ كىرگەن غەرب مەدەنىيەت ئېقىنلىرى، ھەر قايسى قىتئەلەردىكى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى «ئالەم ئۇچقۇلىرى»، «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر رىقابەت تېخنىكىسى»، ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇجەسسەملەنگەن ئۈچ قىتئە مەدەنىيەتلىرى قاتارلىق بىزنى سەگىتىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەتلەر ۋە تېخنىكىلار ئۇشتۇمتۇت باش كۆتۈرۈپ بىزلەرگە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇپ تۇرماقتا.

يېڭى ئەسىر ھالقىغان مەدەنىيەت بوسوغىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەمدۇق- يوق؟ ئېغىر يوقىتىشلار بەدىلىگە ئېرىشكەن ھازىرقى زامان ئېڭىمىزنى، بەدەن قۇرۇلۇش ساپايىمىزنى كۈنسايىن ئۆزگىرىش ياساۋاتقان 21- ئەسىردىكى ئۇچۇر رىقابەت، ئىلىم-پەن مۇجەسسەملەنگەن كومپيۇتېر، تىل، يېزىق ئىنسانىيەتنىڭ يېڭىچە تەپەككۇر ئەندىزىسىگە بىر كىشىلىك تۆھپە قېتىپ، زامانىۋىي، دەرىجىدىن تاشقىرى زامانىۋىي تەپەككۇر قېتىلىپ كەتمەكتە. بىز بۇ رىقابەتكە ماسلىشالامدۇق- يوق؟ ئىزدىنىش ۋە رىقابەتكە تولغان 21- ئەسىرنىڭ تۇنجى قەدەم باسقۇچىغا قانداق قەدەم قويىمىز؟ يەنە كونا خامان لايلىيىنى توۋلاپ، «زاماننىڭ ياشلىرى بىز»، «بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئۆتەمدۇق؟

بىز نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن تالاي يوقۇتۇشلار ئىچىدە ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى، روھىيەت قۇرۇلمىمىزنى ئوپىراتسىيە قىلىپ كۆرۈشنىڭ قانداق مۇھىملىقىنى ئەمدىلىكتە چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. چۈنكى بىزدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرق تېرىقچىلىقى بىلەن ئويغانغان، غەربىي ياۋروپادىكى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى بىزدە تامامەن كىيىن شەكىللەنگەن.

پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپانىڭ ئويغىنىشىدىن كىيىن ھەل قىلغۇچ تارىخى جەرياندا ھەر قايسى مىللەتلەر پار ماشىنىسىنىڭ گۈدۈكىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆز-ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرماقتا…

مىللىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى تارىخى روھىيەت چاڭقاقلىقىنى ئىنقىلاپ ئارقىلىق سۇغىرىدىغان بىر جەريان بولدى. ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ستالىنلاشتۇرۇش سىياسىتى، يېقىنغىچە چوقۇنىدىغان ئىجتىمائىي غايىسىدىن ھاسىل بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيەت زور ئىنىقىلابى تۈپەيلىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، 80- يىللاردىكى ئىسلاھات دولقۇنىدىن كىيىن تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغا چايقىلىپ كىرگەن غەرب مەدەنىيىتى مىللىتىمىزنىڭ سۇلغۇن روھىغا يەنە بىر قېتىم چوڭ زەربە بولدى. ئىسلاھات ئىشىكىنى سىرتقا ئېچىۋەتكەندىن كىيىن (11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىندىن كىيىن) يىپەك يولى راۋاجلاندى. بىز شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزىمىزنىڭ روھىيەت ئەندىزىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلىغۇدەك ئىمكانىيەتكە زادى ئىگە بولالمىدۇق. كۈن ساناپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى بىزلەرنى ئارتۇق بەدەل تۆلەشكە قىستاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھىيەت ئېنىرگىيىسىنڭ يېتەرسىزلىكى، ھەقىقىي مەنىدىكى ھازىرقى زامان مىللەتلىرىگە يېتىشىش ئۈچۈن بىز پۈتكۈل مىللەت سۈپىتى بىلەن ئۈزۈل–كېسىل تەپەككۇر ئىنقىلابىغا ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

يەر شارى ئۇچۇر تورى شەكىللەنگەندىن بۇيان بىر كىچىك كەنتنى ئايلاندۇرىۋاتقانلىقى بىز «ئۇيغۇر مىللىتى» گە، «ئۇيغۇر مەدەنىيتى» گە ۋە «كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكا» ساھەسىدىكى بىلىمسىزلىكىمىزگە بىر چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش بولدى دەيمىز. مىللەتنىڭ قانچىلىك تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئاڭ سەۋىيسى، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى سەۋىيسى ۋە پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۇنىڭ «كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكا» سىدىكى ئانا تىل يېزىقىنىڭ خەلقئارادىكى كومپيۇتېرلاردا ئورۇن ئېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللەتنىڭ روھى ۋە ئىرادىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

تارىخقا نەزەر سالساق، نەچچە ئەسىرلەردىن شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن غەربلىكلەر سۈت ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، بىر نەچچە قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئېنقىلابى ۋە بىر نەچچە قېتىمىلىق مەدەنىيەت ئويغىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇلار ياسىغان پار ماشىنىسى سانائەتلىشىش دەۋرىدە گۈدۈكىنى تارقىتىپ نۇرغۇن ئەل خەلقلىرىنىڭ ئېڭىدا مەدەنىيەت ئويغىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتتى.

ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تىراگىدىيسى بىلەن زەئىپلىشىپ كاردىن چىقاي دەپ قالغان، ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئانا تىلىنى يوقۇتۇش گىردابىغا بېرىپ يەتكەن راي پاچاق، لەڭپۇڭ خېمىرىدەك لەلەڭشىپ قالغان مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدىغان، ساقلايدىغان ۋە ھەزىم قىلىدىغان ئاشقازان ۋە مېڭە ئاللىقاچان كاردىن چىققان ئىدى. نەچچە ئەسىرلەر مابەينىدە بىرەر قېتىممۇ مەدەنىيەت ئويغىتىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىگەن مىللەت بۈگۈنكىدەك زامانىۋىي دۇنياغا نىسبەتەن نادان، بىغەملىك كەسپى بىلەن قۇلىقىنى يوپۇرىۋېلىپ بېكىنمە سىياسىتىنى قوللانغانلىقى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىق ئىدى. بىز بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟؟؟

2. روھىيەت ۋە ئاڭ

ئۇيغۇر مىللىتىنى روھىيەت جەھەتتىن تەكشۈرۈش قىلىدىغان بولساق، زامانغا تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقىدىغان، تىرىك ۋاقتىدا قەبرە ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، ئۆز رىسقىنى باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئىزدەيدىغان غىلجىڭ ئەرلەر بىلەن توشۇپ كەتتۇق.

ھوقۇق دەرىجىسىنىڭ ئاستىدىن يىگىلەپ تۈگۈلۈپ قالغان ئۈششۈك غورىلارنى ئىزدەپ جان باقىدىغان، شۆھرەت ئىگىلىرىنىڭ يېنىدىن مەدەت تىلەيدىغان بازاردىكى چىۋىنلىرى ھالال داستىخاندىكى تائاملارنىمۇ بۇلغاپ تاشلىدى. بۇنداق روھ ۋە ئەخلاق بىزدە قانداق، قاچانلاردىن بۇيان شەكىللەندى؟ كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر؟

روھىيەت ئاجىزلىق بارلىق مۇنقەرىزلىكنىڭ ئاستىدا، شۇڭا ئىنسان ئۆز تەقدىرى ھەققىدىكى بۈيۈك قۇرۇلۇشىنى خاراكتېر تەرىپىدىن باشلىشى كېرەك. بىر مىللەت ياكى دۆلەتمۇ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ خاراكتېر مۇكەممەللىكى ۋە ئەخلاقىي گۈزەللىك ئۈستىگە قۇرۇلسا ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تەڭداشسىز بولىدۇ. ئەگەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىش، ئىجاد قىلىش، تەپەككۇر قىلىش جەھەتتىكى نورمال خاسلىقىنى ھالاك قىلىپ تاشلىغان پادىشاھ ئەقلىي نامراتلىق ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ. بىزدە شۇنداق غورۇر سەلتەنىتى بارمۇ؟

بىزنىڭ تارىخىمىزدىن بۇيان شۇنداق بولۇپ قېلىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىزدە دەل پەلسەپىدىكى ۋە تېخنىكىدىكى نامراتلىق ئىكەن. بىزدە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» نىڭ تىكلىگەن دۆلەت ۋە ھوقۇق، قانۇن ۋە ئەخلاق، ئۇچۇر ۋە رىقابەت دەۋرىدىكى ئىلىم-پەن توغرىسىدىكى ئىلمىي تىلسىمات ئەندىزىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئورنىنى دەرۋىش كەمچىلىك شېئىرىيەت بىلەن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قەرت، مەرمەر، دۈمەك ئىگىلىگەن. ئاخىرقى شائىرىمىزنىڭ ساپاسىمۇ ۋە كىيىنكى ئەۋلادىمىزنىڭ قولىدىمۇ قەرت بىلەن مەرمەر ۋە بىلياردخانىدا ۋە تورخانىدا ئويۇن ئويناش بىلەن مانا بۈگۈنكى دەۋىردىكى لاي پاچاق مىللىتىمىزگە كەلگەنىدۇق.

بىر مىسكىننىڭ گۇمراھلىققا پاتقان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى مۇنبەتلىكتىن مەھرۇم بولغان مەدەنىيەتنى قانداق قۇتۇلدۇرىمىز؟ ھەر بىر شەخسنىڭ غورۇرىنى، ھەر بىر شەخسنىڭ دۇنياغا كېلىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان قەدىر–قىمىتىنى دەخلىسىز مۇھىتقا باشلىساق مەدەنىيىتىمىز ئۆلۈك سۇدەك بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرى، ئەلىشىر نەۋائى… قاتارلىق شەخىسلىرىمىز تارىختا ياشاپ ئۆتكەن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادا ئويغىنىش دەۋرىدە، جۈملىدىن «نەۋائى» دەۋرىدىن كىيىنكى ياۋروپادا پارتلىغان يېڭى پىكىر ئېنقىلابىنىڭ ئەكسىچە تەپەككۇر ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدە قەدەممۇ-قەدەم چېكىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.[1]

گەرچە كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۈزۈلۈش بولمىغان، يەنىلا نۇرغۇن ئەسەرلەر يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇللىرى، بەدىئىي ماھارىتى، تىل سېزىمى، ئىستېتىك قىممىتىنىڭ قىممىتى ئالدىنقى 9- ئەسىردە تىكلەپ بەرگەن ئىجادىيەت رامكىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى.

مۇشۇ ئۇزاق تارىخى جەريانلارنى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تاۋلىنىشى ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا، يەنە غەرب ئەللىرى يېڭى تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن ئاشۇ ئۇلۇغۋار دەۋىردە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم بوستانلىقلىرى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدى. يىپەك يولىنىڭ راۋاجلىنىشىدىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دۇنيا ئالاقىسىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىشىدەك، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك يېتىملىكى كۈنسىرى كۈچىيىپ باردى. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-پىسخېكا تەرەققىياتى ئارقىدا قالدى.

تارىخى كىتابلارنى ۋاراقلىغىنىمىزدا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى، تارىختا «ئات ئۈسىتىدە جەڭگە ماھىر» دەپ تەرىپلەنگەنلىكى، شۇڭا باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇر مىللىتىنى «ئات ئۈسىتىدىكى قەھىرىمان مىللەت » دەپ ئاتىغان ئىكەن.

ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كىيىن، موڭغۇللارنىڭ جۈملىدىن ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۆمۈرچىن قوشۇن تارتىپ تارىم دەريا ۋادىلىرى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىگىچە قوشۇن تارتىپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى موڭغۇل مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەنىكەن. شۇڭلاشقا تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتى ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىق ۋە دىن قاتارلىقلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، شامان دىنىدىن قالغان بىر قىسىم گەپلەر بار. ئاسىمانغا قاراپ تۈكۈرسە «يامان» بولىدۇ. يەنە ئۇيغۇرلاردىكى ئاق شاپاق دوپپىغا چېكىلگەن قۇياش رەسىمى، گۈل-گىياھ نەقىشلەر شامان دىنىدىن قالغان. تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

3. مائارىپ ھەققىدە

يېقىنقى يىللارغا نەزەر سالساق بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مائارىپ مەدەنىيىتى بىلىمسىزلىك، نادانلىقنىڭ، خارلىقنى، ئادالەتنى، ئەركىنلىكنى، ھۆرلۈك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نامراتلاشقان خەلقنى پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. سەزگۈر، ئويغاق، مىللىي روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، تاشقا ئاش تېرىپ، تاشتىن ئاش ئېلىپ، تاشقا دەسسەپ مەزمۇت قەدەم بىلەن جاھان چۆرۈپ، يۇرتتا نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى، مەرت ئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بۇ زىمىندا مەمەت سىدىق مەشھىدى، ھېكىم بەگ، مەمتېلى توختاجى (مەمتېلى تەۋپىق) ئاكا-ئۇكا مۇسابايوف، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەرقى، سەلەي داموللاجى، ئابدۇراخمان شائىرى، قاسىمجان قەمبىرى، ئىمام تۇردى، مۇھەممەد ناسىر، ھاجى راخمان… قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، شائىرلار، ئەدىپلەر، ئالىملار ۋە سەنئەتچىلەر چىققان.[2]

دەۋىرنىڭ توختىماي ئىلگىرىلىشى، بۇ تاشلىق زىمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەر، قىران، چاقماق دەريا بويلىرىدا ياشىغان چاقماقتەك قىران يىگىتلەرگە مەدەت بېرىپ كىلىۋاتقان بۇ زىمىندا شۇنداق بىر  ئاۋات يېزىدا گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ياقا يۇرتتىكى جايلارنى كېزىش، تىجارەت قىلىش ئىستىكى بىلەن ياۋروپادىكى گىرمانىيە، تۈركىيە… قاتارلىق يۇرتلارغا قەدەم باسقان ئاكا–ئۇكا مۇسابايلار ئىدى.

ئۇلار شۇنداق بىر زاماندا ياۋروپا تەرەپتە تىجارەت قىلىۋېتىپ، ياۋروپادىكى بىر ئەلدە بالىلارنىڭ سىنىپ ئىچىدە كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ–دە، ئۇلارغا قىزىقىپ قالىدۇ، ئۆز يۇرتىدىكى ياش بالىلارنىڭ دەردىنى ئويلاپ، يۇرتقا قايتىپ دەرھال مەكتەپ ئېچىشنى باشلايدۇ، دائىم ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بىر ناخشا جاراڭلايدۇ:

ئاتۇشنىڭ يولى تاشلىق،

تاشلىقتا بولۇر ئاشلىق.

ئېرىقتىكى لاي سۇدەك،

ئۆتۈپ كېتىدۇ ياشلىق.

شۇنداق قىلىپ مانا بۇ زىمىنغا تۇنجى «ئۇيغۇر مائارىپى» دىن مەكتەپ سېلىنىپ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غۇلغۇلا بولدى. مەكتەپتە  ئوقۇلىدىغان دەرسلىكلەر جۇغراپىيە، تارىخ، ماتېماتىكا، تىبابەت، ئاسترونومىيە، تۈرك تىلى، ئەرەپ تىلى… قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ جايغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتى، مەكتەپتە مۇنچا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇيۇنۇش، يېمەك–ئىچمەك، كىيىم–كېچەك، كىتاب-ماتىرىياللىرى مەكتەپنىڭ تەمىناتىدىن ئىدى. شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالتە ئايلىق، بىر يىللىق ئوقۇپ تۈركىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلەتتى.[3]

دېمەك، 1880- يىلىدىكى شىنجاڭدىكى تۇنجى «ئۇيغۇر مائارىپ» مەشئىلى يەنە ئېكساقتا ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە تارقاشقا باشلىدى. بۇ مەشئەل بىردم غۇۋا، بىردەم كۈچلۈك يېنىپ، مائارىپ قوينىغا بىر ھەسسە تۆھپە قوشتى.

«تەۋپىق» – بۇ زات ئاتۇش تەۋەسىدە 24 كەنتتە 24 مەكتەپ ئېچىپ، ئۆز باشلامچىلىقىدا «ئاتىلار ھەيئىتى»، «ئانىلار ھەيئىتى»، «ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى»… قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتنى تەشكىللەپ، ئۆزى دەرس بېرىپ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتقان «ئېكساق» مەرىپەت مەشئىلىگە يەنە بىر قېتىم ئوت ياقتى. بۇ ئوت شۇنداق تۇتاشتىكى، تۇتاشقان تەقدىردىمۇ ناھايىتى تېز تۇتاشتى ۋە  شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ–پۇچقاقلىرىغا ناھايىتى تېز تارقىدى، ئۇلغايدى، ھەممە جايدا مەرىپەت ناخشىسى ياڭرىدى:

بىز مۇئەللىم، يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،

خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار چاچىمىز.

تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،

ئىلىم–ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.

شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ جاي «مائارىپ بۆشۈكى»، «مەدەنىيەت بۆشۈكى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ ئەۋەتىپ، شۇ جايلاردا دەرس بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەكتەپ ئېچىپ ئۇيغۇر مائارىپىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

4. سەنئەت ھەققىدە

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا پارلاق سەنئەت مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى. «ئون ئىككى مۇقام» خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇ ئەسىرلەر مابەينىدىكى سەنئەت مەدەنىيەت تارىخىي، بەدىئىي دىن، تەپەككۇرلۇقى، ئىلمىي ۋە مۇزىكا تۇيغۇسى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىدىغان مۇزىكا قامۇسىدۇر. شۇنداقلا ئۇ مەلۇم بىر دەۋىرنىڭ بىردەملىك قىزىقىشى بولماستىن، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇل، كۈي جەھەتتىكى ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى.

قىزىل مىڭ ئۆي خاتىرىلىرىگە نەزەر سالسىڭىز، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەنئەت مەدەنىيەت تارىخى بۇرۇنلا شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە شۇ دەۋىردىمۇ سازچى، ئۇسۇلچى، مۇقامچى… قاتارلىقلارنى تام سۈرەت قىلىپ سىزىپ قالدۇرغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ «ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى»، «دولان مەشرىپى»… قاتارلىق يەرلىك مەشرەپلەر دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

«دولان مەشرىپى» بولسا ئەل نەغمە قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. «باراۋەت مەشرىپى» بولسا ئەھمىيتى ئىنتايىن زور بولغان كاتتا پائالىيەت، ئۇ – ئىجاتچان، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەل-ئارا مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ مەشرەپ بۈگۈنكى كۈندە پەقەت شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاتۇش رايونىدىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. «باراۋەت مەشرىپى» كىشىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى، سېخىي-مەرتلىكىنى، ساخاۋەتچىلىكىنى، ئىلىمگە تەشنالىقىنى، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان كاتتا سورۇندۇر.

«باراۋەت» بىز ھازىر دەپ كېلىۋاتقان كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەكلى بولۇپ، قوينىڭ تۆش، بويۇن، بۆرەك، ياغ، تېرە قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى كىم ئارتۇق سودىسى سورۇنىغا قويۇلىدۇ.[4] شۇڭا ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر سەنئەت مەدەنىيىتى ئۇزاق بىر تارىخى جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىزنىڭ سەنئەت تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىختىن باشلانغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ پارچىلىنىشى، چوڭ-كىچىك يېغىلىقلار، دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى، قۇملۇقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى يىراقلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىشى، چوڭ-كىچىك كەلكۈن ئاپەتلىرى، يەر تەۋرەش قاتارلىق خىلمۇ-خىل تارىخى ھادىسىلەر ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى تەسىرىدە مىللىتىمىزنىڭ سەنئىتى بەزىدە روناق تاپتى، بەزىدە ئاجىزلاپ كەتتى. بولۇپمۇ كىيىنكى يىللاردا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى ئېزىشى، خەلق تۇرمۇشىنى، ئەدەبىيات-سەنئەتنى ۋەيران قىلىشى، مۇسىتەبت دىنىي كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى ھەم قاتمۇ-قات مىللىي زۇلۇملار تۈپەيلىدىن مىللىتىمىزنىڭ «ئون ئىككى مۇقام» ى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

ئابدۇرىشىتخان، ئاماننىساخان… قاتارلىق كىشىلەر مۇقامنى رەتلىگەن. كىيىن يەنە شۇنداق تالاي يوقۇتۇشلار تۈپەيلىدىن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىمۇ يەنىلا شۇنداق بولغان. بىراق، «ئون ئىككى مۇقام» نى تۇداخۇن ئىسىملىك بىر زات پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاياتى كۈچكە ئېرىشتۈرگەن ئىدى ۋە پارلاق نۇر چاچماقتا.

5. مۇراجەت ۋە ياتلىشىش

ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىنى تونۇماي مودا قوغلاشتۇق! مىللىي سەنئىتىمىزدىكى «ساما» نىڭ ئورنىنى تانسا، ۋالىس، دېسكو… قاتارلىقلار ئىگەللىدى. تورلىشىش مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدۇق، ئىشىك ئالدىمىزدىكى خوشنىمىزنى تونۇمىدۇق، توردىن دوست ئىزدىدۇق،[5] ئۆز سەنىمىمىزگە ئۆزىمىز دەسسەپ يۈردۇق، ھاراق–تاماكىلاشتۇق، ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان مىراسنى «بوتۇلكىنىڭ قىممىتى» ئارقىلىق ئۆلچەشكە باشلىدۇق. يېزا-قىشلاقلاردا بەلنى تۇتۇپ چېلىشىدىغان ئەركەكلەر، بىر-بىرىنى يىقىتالمايدىغان ئەركەكلەر ئەمدىلىكتە «بوتۇلكا» ۋە «قاپاق» ئارقىلىق سىنايدىغان بولدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئەخلاق نەدىن كەلگەن؟

ئاخىرىدا مەن ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇق دەپ ناچار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلمايلى، ئۆزىمىزنىڭ سەنئەت تارىخىنى چۈشىنەيلى، تەرەققىي قىلدۇرايلى، قوغدايلى. تور تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېردا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى «ئەلكاتىپ 5.5»، «ئەلكاتىپ 5.0»، «ئەلكاتىپ 1.1»، «ئەلپىدا»، «خۇش قەلەم»، «خىيال 2.0»، «خىيال 1.0»، «ئۇيغۇرسوفت»… قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرى بار ئىكەن. ئەمما بىرمۇ يۇمشاق دېتالنى تورغا چىقىپ ئىزدىسەك، مەسىلەن، QQ پاراڭلىشىشى، www.baidu.com تورىدىن ماتىرىيال ئىزدەش ۋە ياكى بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە يېزىش جەريانىدا ئىشلەتمەكچى بولغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دېتالىنى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ ئېلىپ ئاندىن شۇ يېزىق بولغان ماتىرىيالىمىزنى ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دېتالىنى يەنە باشقا كومپيۇتېرغا قاچىلاپ باستۇرۇپ چىقىرىدىكەنىمىز. بىز ئىشلىتىۋاتقان «ئەلكاتىپ 5.5»، «ئەلكاتىپ 5.0»، «ئەلكاتىپ 1.1»، «ئەلپىدا»، «خۇشقەلەم»، «خىيال 2.0»، «خىيال 1.0»، «ئۇيغۇرسوفت»… قاتارلىقلارنىڭ بىرىدە، مەسىلەن، «ئەلكاتىپ 5.5» تە يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى «ئەلكاتىپ 5.0» نىڭ شەكلى تونۇماسلىق ۋە «ئەلكاتىپ 5.5»، «ئەلكاتىپ 5.0»، «ئەلكاتىپ 1.1» بىلەن «ئەلپىدا» نىڭ بىر–بىرى بىلەن چىقىشالماسلىقىدەك (يەنى يېزىلغان خەت شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىش قاتارلىقلار) ئاقىۋەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا دېمەكچىمەنكى، كومپيۇتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى «ئەلكاتىپ 5.5»، «ئەلكاتىپ 5.0»، «ئەلكاتىپ 1.1»، «ئەلپىدا»، «خۇشقەلەم»، «خىيال 2.0»، «خىيال 1.0»، «ئۇيغۇرسوفت»… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس بىر ئۆلچەملىك، يۈرۈشلەشكەن، باشقا كومپيۇتېرغىمۇ ئېلىپ بارمىغىدەك، خەلقئارادا، مەسىلەن بىر كومپيۇتېرنى ئاچساقلا QQ پاراڭلىشىشى، www.baidu.com تورىدىن ياكى تېلىفوندىكى «يېزىق تۈرى» دېگەن يىرىدىن تاللاپلا قويساق بىر مۇكەممەل ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى ياساپ لاھىيىلەپ چىقساق، كىيىن مەتبۇئاتلاردا ياكى QQ پاراڭلىشىشى، www.baidu.com تورىدا، ئېلخەت ئىشلىتىش جەھەتتە مۇكەممەل بولغان بىر كومپيۇتېر ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك ئۇيغۇر يېزىقى خەلقئارالىق كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىلىپتۇ دېگۈدەك ئورۇنغا ئىگە بولسا دېمەكچىمەن.

ئەمما، بۇ ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ياساش شېركەتلىرى پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا بىزنىڭ ئۇچۇر، رىقابەت دەۋرىدىكى كۈنىمىزدە يۇمشاق دېتال توشۇيدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالماقتىمىز. شۇڭا بۇنى چۆرۈپ تاشلاپ، مىللەتنىڭ كىيىنكى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئورنىنى تىكلىسە، ئويلىسا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىدۇ ئەلۋەتتە.

پايدىلانمىلار:

 

[1]، [5] شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 1999- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى.

[2] شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن «ئاتۇش سەيلىسى» ناملىق تىياتىردىكى ئۇستاز رولىدا چىققان رەجەپ تاجى سۆزىدىن ئېلىندى.

[3] ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئوچىرېكلاردىن ئېلىندى.

[4] ھاجى مۇختار بۇغرا. ئاتۇش «باراۋەت مەشرىپى»، جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى كىتابىنىڭ 171- بېتىدىن ئېلىندى.

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىم، ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن بۇ ماقالىنى 2007- يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ يازغانىدىم. كىيىنكى كۈنلەردە مەن ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، بۇ ماقالىنى نەشىرىياتقا سۇنالمىدىم. شۇڭا مەن بۇ ماقالىنى دەسلەپكى ئورگىنالدىن بىر ئاز ئۆزگەرتىپ، ئاندىن ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تەييارلىدىم ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىگە تەقدىم قىلدىم! بۇ ماقالىنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر بېرىشى ماڭا نامەلۇم. شۇڭا مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈم باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پەن-مەدەنىيەتكە بولغان پىسخېكىسى توغرىسىدا بىر ئاز ئويلىنىپ قويۇش بىلەن بىرگە بۇ ماقالىنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تورغا چىقىرىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:

– بۇغراخان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top