ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» ۋە «4-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە ئومۇمىي سايلىمى» ئۇقتۇرۇشى

«2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» ۋە «4-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە ئومۇمىي سايلىمى» ئۇقتۇرۇشى

«2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» ۋە «4-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە ئومۇمىي سايلىمى» ئۇقتۇرۇشى

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش ۋە ئادەم يېتىشتۈرۈش جەھەتتە قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇپ، مىللىي ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياپۇنىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا زەنجىرسىمان تارماقلىرىنى قۇرۇپ، تەشكىلىك ھالدا بىر تۇتاش پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

2016-يىلى 15-سىنتەبىردىن 17-سىنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزالىرى يىغىلىپ 3 كۈنلۈك مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق، «تۇنجى نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» نى ئېلىپ بېرىپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئىچكى نىزامنامىسىنى تۈزگەن ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىپ بەكمۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى مەۋجۇتلۇقىنى ئانالىز قىلىش، نىزامنامە ۋە كەلگۈسى يول خەرىتىسىنى تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈشكە جىددى ئېھتىياج تۇغۇلماقتا.

بۇ سەۋەپتىن، 23- ۋە 24 – ئاۋغۇست پەيشەنبە ۋە جۈمە ئىككى كۈن سىرىتقا يېپىق شەكىلدە ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى، ئاكادېمىيە ئەزالىرى ۋە مۇھاجىرەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بىلەن «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە ئومۇمىي سايلىمى» ئېلىپ بېرىلىدۇ. «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» دە ئاكادېمىيەنىڭ 9 يىللىق خىزمەت مۇساپىسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلار خۇلاسىلىنىش بىلەن بىرگە، ئاكادېمىيە نىزامنامىسى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ ئاكادېمىيەنىڭ كەلگۈسى يول خەرىتىسى قايتىدىن بېكىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سايلام قائىدە – پىرىنسىپلىرى: 

1) سايلام شەكلى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بارلىق ئەزالىرى «ئاكادېمىيە رەئىسلىك سايلىمى» غا نەخ مەيداندا ياكى تور ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

2) سايلام تەييارلىق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى [1]: ئاكادېمىيە سايلىمى ۋاقتىدىن بىر ئاي بۇرۇن «ئاكادېمىيە مەركىزى تەييارلىق كومىتېتى» تەرىپىدىن «سايلام تەييارلىق كومىتېتى» تەشكىللىنىدۇ. سايلام تەييارلىق كومىتېتى سايلامنىڭ ئادىل ۋە دېمۇگراتىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە سايلام تەييارلىق كومىتېتى ئەزالىرى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر سايلامدا ئادالەتسىزلىك ۋە دېمۇگراتىك بولمىغان ئەھۋال بايقالغاندا، مەۋجۇت سايلام ئەمەلدىن قېلىپ، قايتا سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3) رەئىس نامىزاتىنىڭ بېكىتىلىش ئۇسۇلى: رەئىس نامىزاتى بولۇشنى خالايدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى سايلامدىن ئەڭ ئاز 10 كۈن بۇرۇن ئۆزىنى ۋە تەشكىللىمەكچى بولغان دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى ئەزالىرىنى «سايلام تەييارلىق كومىتېتى» غا بىلدۈرۈشى ۋە كەلگۈسى 3 يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئاكادېمىيە «سايلام تەييارلىق كومىتېتى» رەئىس نامىزاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرىنى سايلامدىن ئەڭ ئاز 7 كۈن بۇرۇن ئاكادېمىيە ئەزالىرىغا يەتكۈزىشى كېرەك. رەئىس نامىزاتلىق سالاھىيەت مەسىلىسىدە، ئاكادېمىيەگە رەسمى ئەزا بولغان ۋاقتى ئەڭ ئاز بىر يىلغا توشقان ۋە ئوقۇش تارىخى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ماگېستىر دەرىجىسىدە بولغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى رەئىس نامىزاتلىقىغا ئۆزىنى كۆرسەتسە ۋە سايلامغا قاتناشسا بولىدۇ.

4) رەئىسنىڭ سايلىنىش پىرىنسىپى: دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا يۇشۇرۇن ئاۋاز بىلەن ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن كىشى ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ.  سايلامدا دېمۇگراتىك پىرىنسپلار ئاساسىدا سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدىكى ئاكادېمىيە تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنى يەرلىك ئاكادېمىيە تارماقلىرىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن كېڭەشكەن ئاساستا تەشكىللەش ھوقۇقلۇقىغا ئىگە.

5) رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە سايلىنىش قېتىم سان چەكلىمىسى: سايلانغان رەئىس ھەر بىر نۆۋەتتە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. رەئىس ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت رەئىس نامىزاتى بولۇپ سايلامغا قاتنىشالايدۇ. ئەگەر 3-قېتىم ئۆزىنى رەئىس نامىزاتى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولسا، بىر نۆۋەت يەنى 3 يىل كۈتىدۇ، 4-نۆۋەتتە ئاندىن رەئىس نامىزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلىپ سايلامغا تەكرار قاتناشسا بولىدۇ.

6) دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىش پىرىنسىپى: ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى ئۆزى بىلەن بىرگە 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتنى ئەزالار ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما ئاكادېمىيە رەئىسى نەخ مەيداندا ئۆزىدىن باشقا 6 كىشىنى سايلامغا قاتناشقۇچىلارغا بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇشى ۋە ئەڭ ئاز 51% ئەزانىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان بولۇشى كېرەك.

7) پەخىرى رەئىسنىڭ بېكىتىلىش ئۇسۇلى: يېڭى نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى ئەزالىرى بىرلىكتە مەسلىھەت ۋە كېڭەش قىلىش ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن پەن-تەتقىقات نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجابى تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر شەخىسنى ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. پەخىرى رەئىسنىڭ ئاكادېمىيە رەئىسى ۋە دائىمىي ھەيئەتلەرگە مۇھىم مەسىلىلەردە مەسلىھەت بېرىش ۋە ئاكادېمىيە يولۇققان قېيىنچىلىقلارغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار بولۇپ، ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ۋە دائىمىي ھەيئەتنىڭ چىقارغان قارارىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

8) پەخىرى رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە قېتىم سان چەكلىمىسى: تەكلىپ قىلىنغان پەخىرى رەئىس ھەر بىر نۆۋەتتە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. پەخىرى رەئىس ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئالسا بولىدۇ. ئەگەر 3-قېتىم تەكلىپ قىلىنماقچى بولسا، بىر نۆۋەت يەنى 3 يىل كۈتىدۇ. 4-نۆۋەتتە ئاندىن پەخىرى رەئىس بولۇپ تەكرار ۋەزىپە ئالسا بولىدۇ.

9) ئاكادېمىيە مەركىزى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىش پىرىنسىپى: «2-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى» جەريانىدا، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياپۇنىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق 6 دۆلەت ۋە رايۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا تارماق قۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق «ئاكادېمىيە مەركىزى تەييارلىق كومىتېتى» تەشكىللىنىدۇ. تارماق قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلىدىغان ھەر بىر دۆلەت ياكى رايۇندىن پەقەت 3 كىشى (ئاساسلىق تارماقلارنىڭ رەئسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىب) لا «ئاكادېمىيە مەركىزى تەييارلىق كومىتېتى» غا ئەزا بولۇپ كىرەلەيدۇ.

يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق «ئاكادېمىيە مەركىزى تەييارلىق كومىتېتى»، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياپۇنىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلار بىلەن ئۇيغۇر دوكتور ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، يەرلىك ئاكادېمىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. قۇرۇلغان ئاكادېمىيە تارماقلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلىمى تەييارلىق كومىتېتى

ئىستانبۇل، 23.07.2018

ئىزاھات:

[1] يىللاردىن بېرى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيە ئۈچۈن ئاكتىپ خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان 19 ئاكادېمىيە ئەزاسىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلىمى تەييارلىق كومىتېتى» تەشكىللەندى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش