You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى باسقۇچتا، مەزكۈر داۋانى تېخىمۇ پۇختا ئىلمىي ۋە نەزىرىيەۋىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھەم ئانتولوگىيەلىك ھەم ئېپىستومولوگىيەلىك جەھەتتىن كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

ھازىرقى دۇنيا سىياسىي تىل سېستىمىسىدا، دېمۇگراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئېكولوگىيە ۋە ھايۋان ھەقلىرى دىگەندەك قىممەت يۈكلەنگەن ئۇقۇم ۋە تەلەپپۇزلار ئىناۋەتلىك بولىۋاتىدۇ. بۇ ئۇقۇم ۋە تەلەپپۇزلارنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن سەمىمىي ۋە دۇرۇست بولۇش كېرەك.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشى ھەقلىق بىر كۆرەشتۇر. بۇ ھەققانىي كۆرەشنى ھاياجان ۋە ھېسياتچانلىق بىلەن يۈزەكى ۋە خاتا مەلۇماتلار ئارقىلىق خۈنۈكلەشتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ زېھنىنى قايمۇقتۇرۇش، گۇمان ۋە ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشى ۋە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا چىققان ئۇشبۇ ئەسەر بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ ئەسەردە، «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇلىرىنىڭ خەلقئارادا ئىنگلىزچە ئۆلچەملىك يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر لاتىن كومپىيوتېر يېزىقىدا ئۆلچەملىك يېزىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ ئۆلچەملىك رەڭ كودى ۋە مەنىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلچەملىك دۆلەت گىرىبى ۋە مەنىسى، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قاتارلىق بەزى ئاساسلىق مەسىلىلەردە كۆرۈلىۋاتقان خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كەمچىللىكلەرنى تولۇقلاش جەھەتتە كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ۋاقتىدا تۈزىتىش پىكىر بىرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

ئاخىرىدا، بۇ ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلغان ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى بارلىق تەتقىقاتچى-زىيالىيلارنى، تېرىشچانلىقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى يولىدا سىڭدۈرگەن ئىلمىي ئەمگىكى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن:

– پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سابىق رەئىسى، تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى)

ئەسەرنىڭ تەپسىلى يازما PDF نۇسخىسى:  شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار

ئەسەرنىڭ دوكىلات PDF نۇسخىسى: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار

ئەسەرنىڭ رەسىم نۇسخىسى تۆۋەندىكىدەك:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top