ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھەقنى دوست تۇتقاي كىشى – ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئەزىزى

ھەقنى دوست تۇتقاي كىشى – ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئەزىزى

Abdulaziz_Mehsumئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئەزىزى(1894-1982)

ھەقنى دوست تۇتقاي جاھاندا ئەقلى بار ھەر بىر كىشى.
ھەق ئۈچۈن قىلماق كۆرەش چىن ئەھلى ۋىجداننىڭ ئىشى.

ھەق بىلەن ناھەقنى ئاجراتماققا دانالىق كېرەك،
كىم ئۇنى ئاجراتمىسا يوقتۇر ئۇنىڭ ئەقلى-ھۇشى.

بىر مىسال باركى «ھەقىقەت ئېگىلۇر، سۇنماس» دىگەن،
سۇندۇرۇشنى ئويلىماق ئەخمەقلىنىڭ ئۇخلاپ چۈشى.

كىم ھەقىقەتنى ئۆزىگە قىلمىسا گەر يان قورال،
كەتمىگەي ئۇنىڭ بېشىدىن ناھەقىقەتنىڭ مۇشى.

ئاقىبەت مۇنداق كىشى پۇشمان ئوتىدا ئۆرتىنىپ،
قورۇلار ئۆزىنىڭ يېغى بىرلە ھامان ئۆزىنىڭ گۆشى.

كىمكى ياشلىق ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە پۇشمانسىز ئەگەر،
جان چىقار ھالەتتىمۇ ھەمراھ بولۇر كۆڭۈل خۇشى.

«سۇ كېتىپ تاشلار قالۇر، ئوسما كېتىپ قاشلار قالۇر»
ئاھ، ئۆمۈر كەتكەندىمۇ تارىختا قالغاي ئۆتمۈشى.

چاچ كېتىپ باشلار قالۇر، چاللار كېتىپ ياشلار قالۇر،
ياشقىمۇ بار بىر ئۆلۈم، بىر كۈن توزۇيدۇ تۇرمۇشى.

شۇ سەۋەبلىك سەن ۋاقىتنى خۇددى گەۋھەردەك تونۇ،
سالمىسۇن غەپلەتكە يا «ئالتۇن بۆشۈك»نىڭ تەۋرىشى.

سەئى قىلماق، ئىجتىھاد قىلماققا تەڭرىم بۇيرۇدى،
«ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ياتسا بولمايدۇ كىشى.

ياشلىقىڭنى بىر مىنۇتمۇ مەنىسىز ئۆتكۈزمىگىن،
شۇنى چۇڭقۇر ئويلىغىن، مىڭ ياشقا كىرمەيدۇ كىشى.

سەن ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئال ياخشى نام،
بۇ جاھاندىن بىر كېتىپ، ئىككىنچى كەلمەيدۇ كىشى.

بۇ جاھان ياخشى-ياماننىڭ ئىمتىھان مەيدانىدۇر،
بەلگىلەيدۇ ئىككىدىن بىرنى ئۆزۈڭنىڭ قىلمىشى.

كىم ئۆمۈر تارىخىغا سالسا ئەگەر زەررىچە داغ،
قانچە پۇشمان قىلمىسۇن، كەينىگە يانمايدۇ يېشى.

بىر ماقال باركى «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دىگەن،
قايتا چىقمايدۇ چۈشۈپ كەتسە مىسالەن بىر چىشى.

ئاقىبەت مىنگەي ياغاچ ئاتقا تامام شاھۇ-گاداي،
بولمىدى ئالەمگە تۈۋرۈك، ئاھ، سۇلايماندەك كىشى.

بەش مىنۇتلۇق نەفسى شەيتان كەينىگە كىرمە شۇڭا،
سۈپسۈزۈك سۇدەك ئېقىپ ئۆت، بولمىغىن كۆلنىڭ لېشى.

«بىرنى بىر دەيمىز» دىگەن ئەھلى خوتەن ئەجدادلىرى،
چىن ھەقىقەتمۇ جاھاندا بىر بولۇر، يوق تەڭدىشى.

شۇ ھەقىقەتكە يېتىشنى ئارزۇ ۋە ئارمان قىلىپ،
ئۇچۇدۇ ئالەم ئارا پەرۋاز قىلىپ پىكرىم قۇشى.

ئاقىبەت چىققاي ۋۇجۇدقا كۆزلىگەن ھەققانىيەت،
قانچىلىك كاج بولسىمۇ بۇ شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى.

ھەق ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئۆتكەن ئىكەن سادىر بوۋام،
بولدى قۇربان ئۇشبۇ يولدا قانچە قاينام ئۆركىشى

ئاھ، بۇلاردەك مىڭلىغان، مىليونلىغانلار ئۆتتىغۇ!
بول شۇلارنىڭ تا ئەزەلدىن – تا ئەبەتلىك يولدىشى.

چىن ھەقىقەت دوستلىرى دائىم ئاڭا ۋارىس بولۇر،
بول ئۇلارنىڭ ئەڭ سۇباتلىق جەڭگىۋار مەسلەكدىشى.

بۇ ھەقىقەت، بۇ نەسىھەت بىر كىشىگە خاس ئەمەس،
چىن ئەمەل قىلسۇن ئەزىزى ئاڭا خاھ ئەر، خاھ چىشى.
★★★★★
1978-يىلى يېزىلغان
★★★★★
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/231625789.html
★★★★★

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئىنكاسلار (5)

  • ئەلنىدا

    ئويغان(ئەزىزى)
    ئەزىزى
    http://files.blogbus.com/alnidaislami.blogbus.com/files/s/12404176180.jpg
    كۆزۈڭ ئاچ، مىللىتىم ئويغان، كۆتۈر باش، ياتما، تۇر ئىرغان،

    جاسارەت بىرلە تۇر چاققان، ئاسارەتتىن قۇتۇل چاپسان.

    زامانلاردىن ئاسارەتتە كۈن ئۆتكۈزدىڭ ھاقارەتتە،

    كۆز ئاچماستىن جاھالەتتە ياتىپ كەلدىڭ ئۇزۇن دەۋران.

    ئاسارەت زەنجىرى بىرلە، ھاقارەت خەنجىرى بىرلە،

    سىياسەت نەشتىرى بىرلە ئېزىلدىڭ خارلىنىپ ھەر ئان.

    سېنى باسقۇنچى خۇنخارلار، زەھەر — بۇزغۇنچى بەدكارلار،

    يۇتۇشقا قۇردى مىكىرلار، خەتەرلىك تور – توزاق قاپقان.

    ئاسارەت زەنجىرىن ئۈزگىل، شەرەپ شانىڭنى تىرگۈزگىل،

    دىنىي ئەركىنلىكنى يۈرگۈزگىل سەن ئولساڭ ۋارىسى تۇران.

    سېنىڭدىن ئۆزگە مىللەتلەر، قىلىپ ھۆرلۈككە ھىممەتلەر،

    جاسارەت سەئىي غەيۋەتلەر بىلەن ھەرياقلى تاۋلانغان.

    شۇ مەقسەتكە يېتىپ ئەركىن ياشاشنىڭ يوللىرى كەسكىن،

    ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مۇمكىن دىبان مەيدانغا ئاتلانغان.

    سەن ئەي مىللەت جاھالەتتە ياتىۋەردىڭ رىزالەتتە،

    تۇرۇپ ئەركىن سائادەتتە ياشاشقا ئىزدىگىل دەرمان.

    شەرەپلىك تارىخىڭ شانلىق، بۈيۈك مىللەت ئىدىڭ جانلىق،

    قانىڭ ساپ ياكى ۋىجدانلىق، دىلىڭ ئاق نىيىتىڭ ئوبدان.

    نەدىندۇر ئەمدى ئەي مىللەت، ۋۇجۇدۇڭنى ئوراپ ئىللەت،

    سېنى قورشاپ پۈتۈن زەلەت بولۇپسەن جاھىلۇ نادان.

    نېچۈك ھالىڭگە زارلانماي، ھوقۇقسىزلىككە خارلانماي،

    بۇ شۇم تۇرمۇشقا ئارلانماي نە بولدۇڭ مىللىتىم ئويلان.

    ئەگەر سەن تېزدىن ئويغانساڭ، تېپىپ ھوشۇڭنى ئويلانساڭ،

    تۇرۇپ ۋىجداننى قوللانساڭ كېلۇر بەختىڭ يەنە ئاسان.

    كۆز ئاچماي باش كۆتۈرمەستىن، بۇ ھالىڭگە كۆيۈنمەستىن،

    ياتىۋەرسەڭ چۈشەنمەستىن بولۇرسەن يەر بىلەن يەكسان.

    چۈشەنسەڭ سەندىكى خارلىق، ھوقۇقسىز ھالدىكى زارلىق،

    ھاياتىڭ يوللىرى تارلىق پەقەتكىم سەندىلا قالغان.

    بۇڭا بائىس ئاسارەتتۇر، ئاسارەت زور ھاقارەتتۇر،

    بۇ شۇملۇقتىن ئىبارەتتۇر، قۇتۇل چاپسان تېپىپ ئىمكان.

    ئاسارەتلىك ھايات نومۇس، چۈشەنمەيسەن بۇنى ئەپسۇس،

    غۇبار باسقان قۇرۇق پانۇس تۈرلى نەھىس شەكلى شۇملانغان.

    ئاسارەت ئەڭ يامان شۇملۇق، ئېغىر مەھكۇمى مەزلۇملۇق،

    كۆڭۈلسىز دەردى مەئلۇملۇق يۈرەككە داغى ئورناتقان.

    بۇڭا ئىنسان نېچۈك كۆنسۈن، بولۇپ تەسلىم رىزا بولسۇن،\

    نېچۈك ۋىجدان قۇبۇل قىلسۇن ئەگەركىم بولمىسا ھايۋان.

    قاراپ ياتساڭ يوقالغايسەن، يوقاپ تارىختىن ئۆچكەيسەن،

    خەتەرلىك ھالدا بىتكەيسەن خەتەردىن ئىش قىلىپ ساقلان.

    يۈزۈڭنى مىللىتىم ئاقلاپ، شەرەپلىك تارىخىڭ ساقلاپ،

    بۇ شۇملۇق ئورنىدىن تاقلاپ چىقىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاتلان.

    ئۇيال مىللەت، خىجىل بولغىل، تۇرۇپ ئەتراپقا كۆز سالغىل،

    كۆرۈپ ئىبرەت – ساۋاق ئالغىل سېنىڭ ھالىڭ نېچۈك بولغان.

    سېنىڭدىن ئۆزگىلەر ئازاد، ياشارلار بەختىيار دىلشات،

    ئۇلار ھەم سەن كەبى ئەۋلاد ساڭا ئوخشاش ئۇرۇغ – تۇغقان.

    ئۇلار ھەم ساڭا ئوخشاش قان، ئۇرۇغ – ئايماققا ئايرىلغان،

    ساڭا ئوخشاش تىرىك بىر جان، ساڭا ئوخشاشلا بىر ئىنسان.

    دېمەككىم رەسمىي جىسمانىي، قىياپەت شەكلى، ئۇنۋانى،

    تۈرى سەندەكلا ئىنسانى، ساڭا ئوخشاشلا ئورۇنلاشقان.

    ئۇلار ئوخشاش ساڭا، چۈنكى باشى بىر، قول – ئاياغ ئىككى،

    ئەمەس ئونلاپ بىلەك ياكى ئەمەس جىن يا پەرى – شەيتان.

    دېمەك ئەركىن ياشاپ تۇرغان ھوقۇقنى ئىلكىگە ئالغان،

    پۈتۈنلەي سەن كەبى ئىنسان، سېنىڭدەك قان، ساڭا باققان.

    نېچۈك ئۇلار ئەزىز ئەركىن، نېچۈك سەن خارۇ – زار مىسكىن،

    ئۇلار دىلشات، سەن غەمكىن، ئۇلار ئاباد سەن ۋەيران.

    ئۇلار ئويغاندى غەپلەتتىن، قۇتۇلدى خارۇ زەللەتتىن،

    ئاسارەتدىن – جاھالەتتىن خالاس ئولغاچ ئۇلار ئوبدان.

    سەن ئويغانماي ياتىۋەرگەچ، كۆتۈرمەي باش تۇرىۋەرگەچ،

    جاھالەتكە پاتىۋەرگەچ پالاكەتلەر سېنى باسقان.

    سېنى ئەي مىللىتىم ئەسلەپ، بۇ ھالىڭنى خىيال ئەيلەپ،

    ئېچىنغاچ قان يۇتۇپ غەم يەپ تاپالماي چارە ۋە ئىمكان.

    يۈرەك باغرىم كۆيۈپ، پەرياد چېكىپ ۋاھ ھەسرىتا ۋاي داد،

    بولۇرمۇ مىللىتىم ئازاد دېگەن ھەسرەت بىلەن ئارمان.

    ۋۇجۇدۇمنى ئوراپ ئالغاچ، يۈرەك باغرىمغا داغ سالغاچ،

    ئىچىمگە قايغۇ – غەم تولغاچ يېشىم قانلارغا ئايلانغان.

    مۇقەددەس مىللىتىم ئويلان، ھوشۇڭنى تاپ، تۈزەل، ئوڭلان،

    زالالەتكە ئەسىر بولغان ئاسارەتتىن قۇتۇل چاپسان.

    ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا كەلدى بىر پۇرسەت،

    كۈرەشكە ئەيلىگىل ھىممەت سېنى كۈتكەي كۈرەش، مەيدان.

    ئۈمىد ئۈزمەي تۇرۇپ ھەرئان، كۈتۈپ ئەركىن گۈزەل دەۋران،

    دىلىڭگە تىنجىماس ئارمان مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان.

    ئاسارەتتىن قۇتۇلماققا، تولۇق ھۆرلۈكنى قۇرماققا،

    بۈيۈك مەقسەتنى تاپماققا قىلۇرسەن مىللىتىم جەۋلان.

    خۇدا يارۇ يۆلەك بولغاي، ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرغاي،

    تىلەك – ئارماننى تولدۇرغاي ھەقىقىي مېھرىبان رەھمان.

    ئەزىزى جان پىدا ئەيلەپ، ۋەزىپەڭنى ئادا ئەيلەپ،

    تۇرۇپ قايناپ نىدا ئەيلەپ دېگىل تۇر مىللىتىم ئويغان!

    بۇنىمۇ تەھرىرلەپ يوللاپ قويغان بولساڭلار .كۆمۈلۈپ قالمىسۇن .

    • ئەلنىدا

      يىل تارىخى قايسىسى توغرىدۇ ؟ ئىزدەنگەنلەر بولسا شۇنى ئىشلىتەيلى .

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەلنىدا قېرىندىشىم، شېئىرنى يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن مىڭ رەخمەت.
      خاپا بولماي ئۈزىڭىز بىر تەھرىرلىتىپ ئاندىن يوللاپ بىرەمسىز؟ بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ يۈكىمىزنى يىنىكلەتكەن بۇلاتتىڭىز.
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • كەتمەنباي

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بۇ شېئىرنى سىلەرگە يوللاپ بەرگەندە، تۆۋەندىكى ئىككى مىسرانىڭ تەھرىرلىكى چالا قاپتۇ. مۇنداق تۈزىتىپ قويغايسىلەر:
    «شۇنى چۇڭقۇر ئويلىغىنكى، مىڭ ياشقا كىرمەيدۇ كىشى.» دىگەن مىسرادىكى «ئويلىغىنكى» دىگەن سۆزنى «ئويلىغىن» دەپ، «بولدى قۇربان ئۇشبۇ يولدا شائىر قاينام ئۆركىشى» دىگەن مىسرادىكى «شائىر» دىگەن سۆزنى «قانچە» دەپ ئالغايسىلەر.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، كەتمەنباي، دىگىنىڭىزدەك تۈزۈتۈپ قويدۇم. ئاللاھ قوللىرىڭىزغىلا دەرت بەرمىسۇن!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش