ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
مۇقەددىمە
ئىنسان-ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي ھايۋان. ئۇ، ئوزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس، يەنە زامان، ماكان خاراكتېرلىك تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە.
كىتاب–يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا، قورچاق ياكى تاش–سۆڭەك، برونزا بۇيۇملىرىغا، كاھىش قاچىلارغا ھەر خىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم، تامغا-بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن، ماقال-تەمسىل، ئەپسانە-رىۋايەت، مەسەل-چۆچەك، ناخشا-قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى ئۈزۈشكەن. مانا بۇلار كىتاب شەكلىگە كىرمىگەن «كىتاب»تىن ئىبارەت.
ھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب–ئىككى دەريا-دەجلە ۋە فرات ئارىلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى لايدىن بىنا ۋە قەسىرلەر ياسىغاندا لاي تاختىلارغا يېزىلغان «پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش» داستانىدىن ئىبارەت. بۇ تۇنجى ئۇچلۇق تاياقچە-قەلەم بىلەن لاي تاختىلارغا يېزىلغان «كىتاب»تىن باشقا، يەنە مىلادىدىن 18 ئەسىر ئىلگىرى مىخ يېزىق بىلەن يېزىلغان «كىتاب» بابىل شاھى ھاممۇرابىنىڭ 282 ماددىلىق قانۇن دەستۇرى ھېسابلىنىدۇ.
قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغىچە، تېرە ۋە مەخسۇس تەييارلانغان تاختا-تارىشىلار كىتابچىلىقنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى بولغان. قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى كىتابچىلىق تارىخىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇندىن باشلاپ خانلىق سارايلاردا مەخسۇس مىرزاخانىلار قۇرۇلۇپ، ئەسەرلەر قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلىدىغان بولدى. كېيىنچە، ياغاچقا خەت ئويۇش ئارقىلىق كىتاب-رىسالىلەرنىڭ نۇسخىسىنى كۆپەيتىش، ئارقىدىنلا تاش مەتبەئە كەشىپ قىلىندى. مىخ مەتبەئە ھازىرقى زامان كىتابچىلىقىنى رەسمىي نەشرىيات كىتابچىلىقىغا ئايلاندۇردى. كېيىنچە مىخ مەتبەئەچىلىك قوغۇشۇن تاياقچىلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكترونلۇق مەتبەئە تېخنىكىسى مەيدانغا كېلىپ كەڭ ئومۇملاشماقتا. مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشى خۇددى كىنو ۋە تېلېۋىزوردەك جەمئىيەت نەشرىياتچىلىقى بىلەن ئائىلە نەشرىياتچىلىقى بىللە ساقلانغان يېڭى تۈزۈلمىنىڭ يېقىندىلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ، ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ دولقۇنسىمان تەسىر دائىرىسىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرگۈسى.

كىتاب-ئۇلۇغ روھىيەت خەزىنىسى
كىتاب-كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت. كىتاب ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات. ياخشى كۇتۇپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بولۇپ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋىي ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ.
ئىنسان كىتاب ئارقىلىقلا پۈتكۈل تارىخنى قىياسىي ھالەتتە باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەنگلىيەلىك مۇتەپەككۇر بېكون ئېيتقاندەك «كىتاب قىممەت باھالىق يۈكنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە.» كىتاب بىزنى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى، ۋارىسى قىلىدۇ.
پۈتۈن ماددىي روزىغارلار، بىنالار، بانكىلار، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، پەقەت كىتاب يوقالمايدۇ. بىز كىتاب شاراپىتىدىن قەدىمكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى، خانىدانلىقلار قىسسىلىرىنى، پەلسەپە جەۋھەرلىرىنى، ئەدەبىيات-سەنئەت دۇردانىلىرىنى بىلەلەيمىز. ئىنسان ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتابتۇر. كىتاب ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى، ئۇلۇغ تارىخىي سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىدا مەڭگۈ يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق. ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى! مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پۈتكۈل ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىرلا خەزىنىگە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغ روھىيەت قەسىرى بولغان كىتابتىن ئىبارەت.
كىتاب-ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى. قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون «كىتابسىز ئۆي–جانسىز تەن» دەپ توغرا ئېيتقان. كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي، مىراسخور ياكى ئالتۇن خەزىنە ئىگىسى بولسۇن، ئۇ بەختسىز ۋە بەختسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر، ئۇ 100 يىل ياشىسىمۇ، مەدەنىيەت تارىخىدىن ساۋاتسىز ئۆمرىكۆتە بەندە ھېسابلىنىدۇ.
كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ. ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ. كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ، ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلىغان نۇر-نۇسرىتىنى ھەر قانداق زىننەت بۇيۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ، كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك نۇرى ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئاشنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا، نادانلىق ئىجىللىرى بەئەينى گۆشىيىپ تۇرغان قارا تاشقا ئوخشايدۇ.
كىتاب-مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى. لابولبى توغرا ئېيتىدۇ: «تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەر بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پۇل تېجەش ئەمەس، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر. «ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام» دېگەن ئەقىدىگە چاپلىشىۋالغان مىللەت گادايلىققا ۋە ئۇنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان نادانلىققا چىن ئەقىدە باغلىغان مىللەتتۇر. نادانلىققا قارشى ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا بەخت يولى ئېچىلىدۇ، بۇ، ئەپسانە ئەمەس، پولاتتەك ھەقىقەتتۇر. پۇل تاپقاندا ئۆيىنى كۆزنى چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلىنىڭ قىممىتى پەرقلىقتۇر. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار روناق تاپقانسېرى كىتاب سېتىۋالىدۇ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كىتاب مۇھىتىدا ئۆسىدۇ، ئۆرلەيدۇ. قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئۆيىنى ئەينەك تام، رەڭدار گىلەم ۋە ئىشرەت جاھازىلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۈك بولىدۇ، ئۇلار مەغرۇر، تەنتەك، پۇلپەرەس، سۆلەتۋاز بولۇپ، ئۆزلىرى ۋە پەرزەنتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ!
كىتاب-لوقمان ھېكىم، كىتاب-رۇستەم پالۋان، كىتاب-بەخت قۇشى ئەنقا. بۇ ئاددىي تەسۋىر ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت!
ئاڭ، قاراش، ئىستىل، پوزىتسىيە، مۇھاكىمە، ئەدەب-ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە چارە-تەدبىر جەھەتلەردە بىر قاتار نورمالسىزلىق، ھەتتا بۇزۇلۇش، چىرىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. بەزىدە ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتىكى تەكشىسىزلىك، مەسىلەن، نوقۇل ماددىي تاپاۋەتنى ياكى نوقۇل قانۇنىي جازالاشنى مىقدارى جەھەتتە ئۇتۇق-نەتىجە دەپ قاراش ۋە ئەكس ھالدا بۇ جەھەتتە ئۈمىدسىزلىككە بېرىلىدىغان ئەھۋاللار خېلى كەڭتاشا ھاۋاغا ئايلىنىدۇ.
رېئال تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بەزى بىنورمال ئاھۋاللار بىزنى پاكىتقا ئىگە قىلىدۇ، مەسىلەن، ياشلاردىكى يۇقىرى ئىستېمال قىزغىنلىقى، ھۆرمەتسىزلىك، ئوقۇغۇچىلاردىكى ياسانچۇقلۇق، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ كېتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇماسلىق، ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات سىرتىدىكى كىرىم بېسىمى، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىشلەر، نەشرىياتچىلىق قىيىنچىلىقى، نەشر ئەپكارلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىپ سەلبىي خاھىشتىكى باسما بۇيۇملىرىنىڭ يامراپ كېتىشى، دوست تارتىشىشلار، داۋالىنىش قىيىنچىلىقى، «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» دورىلارنىڭ كۆپلۈكى، سەھىيە ئەخلاقىدىكى نورمالسىزلىق، ئائىلىلەردىكى ماددىي پاراۋانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ قايتا تەشكىللىنىش خاھىشى، كۆپ قىرلىق سىرتقا بېرىلىش ھادىسىلىرى، كىرىم-چىقىم ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىش روھىيىتى، ۋەھاكازالار بۇ خىل ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى بۇزۇلۇشنىڭ بىر قىسمى.
قارىغاندا، ماددىي پاراۋانلىق قوغلىشىش، مەنىۋى تۇرمۇشنى تولۇقلاشقا سەل قاراش، ماددىي مەدەنىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز-ئۆزىنى نەزەردە تۇتالماسلىق، ماددىي مەدەنىيەت رىقابىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش، ئۇنىڭ نېگىزى بولغان مائارىپ رىقابىتىگە ئاخىرقى ساھە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش، رېئاللىقنى كۆرۈپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسىلىرىنى بىر ۋارقىراپلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ، ۋاقىتلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە بولۇپ، بىر مەزگىل ئەۋجىرەپ كەتسىمۇ، لېكىن بەرىبىر تۈزۈلۈشكە يۈزلىنىدىغان ھادىسە. تارىخ–ئىككى خىل مەدەنىيەتنى ئارقاق ۋە ئۆرۈش قىلىپ توقۇلىدىغان ئۇزۇن ھېكايە. ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئەبەدىيلىك ئابىدىلىرى بولۇشى ناتايىن.

ئىككى مەدەنىيەت مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائىي بەخت
تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي گۈللىنىش باشلىنىشى بىلەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كۆپ بولغان، مەسىلەن، گۈللەنگەن چۈنچيۇ (ئەمىنىيە) دەۋرىدىكى ئەدەب-ئەخلاق چۈشكۈنلۈكى كوڭ فۇزىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاراشلىرىنى، چۈ يۈەننىڭ نەزمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قەدىمكى گرېتسىيەدىكى ئەخلاقىي كۆڭۈلسىزلىكلەر سوقرات ۋە پلاتوننىڭ ئېتىكا ۋە مائارىپ قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇش «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان داستان «قۇتادغۇبىلىك»تە زاماننىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەسرەتلىك مىسرالار بىلەن بايان قىلىنغان. ياۋروپا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولغان مونتېسكيۇ ئۆزى غايىۋى جەمئىيەت سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغان بۇرژۇئا جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن مەنىۋى چۈشكۈنلۈكتىن پەرياد چەككەن. بۇ نۇقتىنى ماۋ زېدۇڭ «مانا بۇ شۇنداق جاھان» دېگەن مىسراغا يىغىنچاقلىغان.

كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى
دەۋرىمىزدىكى كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى. ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن. دەرۋەقە، «كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ»، ئەمما كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش، بۇ مۇھىم ماھارەت.
كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ئەسلى مەنبە، ئاساسىي نەزەرىيە، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن، بەلكى تارماقلاتما، يەشمە، ۋەقە بايان، ئىچ پۇشۇقى، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى. بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن، ھەقىقىي ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. بۇ بىزگە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۆكۈشى ياكى لەيلىشى ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى، يەنى كىتابلار بىر قانچە سىزىق ۋە قاتلام، تۈر ۋە قىممەتكە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن، ئومۇمەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە ئائىت كىتاب-ماتېرىياللاردىن تاشقىرى، ئۈچ خىل كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى. بۇ خىل كىتابلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، يەنى چوقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت-بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بويىچە ئىزدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب-ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتقۇچى كىتابلار. بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت-كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبيېكتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بولۇپ، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار. بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئائىت ئەسەر ياكى ئويۇن-كۆرگەزمىلەر، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك، قوللانما، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ.
مېنىڭچە، كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۆرۈش، قاتلام، نۇقتا، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۆرۈش بىلەن خالىغانچە كۆرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بېرىدىغان تەسىرى، بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ.
كىتاب كۆرۈش ئېغىر زېھنىي ئەمگەك، شۇنىڭدەك يەنە كۆڭۈللۈك ساياھەت. ھەر خىل كىتابلارغا بولغان كىتاب كۆرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ. بىر قۇر كۆرۈپ قويىدىغان، مەلۇم باب ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۆرىدىغان، تەپسىلىي كۆرىدىغان، تەكرار كۆرىدىغان كىتابلار بولىدۇ. بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ قويۇلىدۇ. ئومۇمەن تەپسىلىي ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت، قەلەم-خاتىرە ھازىرلىنىدۇ. ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ، سىستېمىلىق كۆرگەن ياخشى. شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت، بەلگە، سىزىق قويۇپ بويىۋېتىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن بىلىم، ئىلھام ۋە كۆچمە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمەن، بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ، مۇھاكىمە ۋە تەبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بۇ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يېڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا لۇغەت-قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش لازىم. سەن ھەمىشە ئاممىباب، گېزىت سەۋىيەسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن. مېنىڭچە، تۈگمەنگەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قېلىش ياخشى ئەھۋال ئەمەس، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان!
مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئالدىدا «ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قاراشتا بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەكسى ھالدا ئوقۇغاندا ئۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى، ھەتتا «بۇ ئەرزىمەس ئەسەر ئىكەن» دېگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۇمكىن.

كىتاب مەدەنىيىتى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى
كىتاب ئوقۇش مەقسەت ئەمەس، ۋاسىتە. بارلىق تەلىم-تەربىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىگە ئوخشاشلا، كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسەتمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت. تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئومۇمىيۈزلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاساسلىق بىر ھالقىسى.
شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت نوقۇل ئالىم بولۇش ئەمەس. مۇھىمى ھەقىقىي ئادەم بولۇش بولۇپ، بۇنى ئومۇمىي خەلققە كۆتۈرۈپ ئېيتقاندا، پۈتۈن مىللەتنىڭ بىلىملىك، روھىي دۇنياسى باي يېڭى ئەۋلادلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ، شەخسنىڭ كىتاب ئوقۇشى، ئائىلىلەرنىڭ كىتاب زاپىسىغا ئىگە بولۇشى، مەكتەپلەرنىڭ كىتاب تەربىيەسى ۋە نەشرىياتلارنىڭ كىتاب چىقىرىشى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسەت ۋە غايىدە پائال ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىز «يېڭى يىپەك يولى» ئېچىلىش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئۆسمۈرلەر، ياشلار، ياشانغانلار، ئەرلەر، ئاياللار كىتاب ئوقۇشى، كىتاب ئۈستىدە پاراڭلىشىشى، ھەممە ئائىلىلەردە كىتاب ئىشكاپلىرى، كىتاب ئۆيلىرى بەرپا قىلىنىشى، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ياخشى كىتاب مۇھىتى يارىتىلىشى ۋە بۇ خىل زۆرۈرىيەت چوڭقۇر ھېس قىلىنىشى لازىم. ئۆيگە كىتابنىڭ كىرىشى زىبۇ-زىننەت ۋە پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىدىن ئاۋۋال ۋە ئەۋزەل ئورۇنغا قويۇلىدىكەن، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى بەخت بىزگە تەبەسسۇم قىلىشقا باشلايدۇ. بىزدە نادان ھالەتتىكى باياشادلىق بىلەن ئەمەس، مەدەنىي ھالەتتىكى باياشادلىق بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان كەيپىيات تۇرغۇزۇلغىنى ياخشى. بىلىش كېرەككى، مەدەنىيەتسىز ئائىلىلەرگە چۈشكەن ئەنقا (بەخت قۇشى)نىڭ سايىسى بىردەملىكلا!
نەشرىياتچىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ۋە كامالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە غايەت مۇھىم «مەنىۋى رىزىق دەرگاھى!» گېزىت-ژۇرنال، نەشرىيات مۇھەررىرلىرى مىللىي مەدەنىيەت بىناكارلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ئۆتەيدىغان ئىنژېنېرلىرى. ئۇلار خۇددى دىن قىسسىلىرىدە سۆزلەنگەن مالائىكىلەردەك يىراقنى كۆرەرلىككە، تەخىرسىز ۋاقىت قارىشىغا ۋە مۇقەددەس پاكلىققا، دانىشمەنلەردەك خەلققە، ئەقىلگە، بىلىمگە، ھەقىقەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتكە، بىناكارلاردەك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تاللاش، ئورۇنلاشتۇرۇش، نۇرلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا، گېئولوگلاردەك جاپا چېكىپ بايلىق ئىزدەپ تېپىش روھىغا ئىگە بولىدىكەن، خەلقىمىزنىڭ «مەنىۋى رىزىق دەرگاھى» پىداكار تۆھپىكارلار سارىيىغا ئايلىنىدۇ.
نەشرىياتچىلىق خەلق تارىخىدا مىڭ يىللار مەدھىيىلىنىدىغان ياكى ھەسرەتلىنىدىغان ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى فېرما ياكى سودا شىركىتى ئەمەس، خەلقىمىز تارىخىدا خەتتاتلار بىر قانچە ئابىدە ۋە تۇرپان تېكىستلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغان بولسا، يۈزلىگەن دىۋانلارنى كۆچۈرۈپ قالدۇرمىغان بولسا بىز قايسى يۇلتۇزلار بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزنى يورۇتقان بولاتتۇق! ؟
نەشر ئەپكار–ئىستراتېگىيەلىك بىناكارلىق. ئۇ ئۇل ئاساس، نۇقتا، دائىرە، ئىچكى-سىرتقى چەمبەرنى پەرقلىق ھەم ئەتراپلىق پىلانلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەشر ئەپكار–مىللىي مەدەنىيەتكە تارىخىي خاراكتېرلىك قان ئىشلەپچىقارغۇچى ئورگان.

خاتىمە
بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش مەدەنىيەت، مائارىپ، كىتاب ئوقۇش ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئەرزىمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر، بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە، ئىقتىسادىي ۋە كىتابىي بايلىقتا زامانىۋىي سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. باھار ئۆزى شامال ئەمەس، ئەمما باھار شامال بىلەن كېلىدۇ. يېڭى شەيئىلەر تولا ھاللاردا ئۆزىنىڭ دەبدەبىسى ۋە چاڭ-توزانلىرى تەرىپىدىن روشەن كۆرۈنمەيدۇ. ھازىرقى بىر مەزگىللىك ھودۇقۇشمۇ شۇنداق.
كىتاب–ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام. ئۇ ھەممىنى، پۈتكۈل ماھىيەت ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان. كىتابقا تەڭ كېلىدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنچى بىر خەزىنە مەۋجۇت ئەمەس! بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىك كىشىلىك دۇنياسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

بۇ يازما 96 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش