ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (4)

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (4)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئاپتورى پېتېر فلېمىڭ Peter Fleming *
ئېنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان

6-باب: چۆل يولى

3- بۆلۈم

رۇس ئالدامچىلىرى

رۇسلارنىڭ سىنكاڭدا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرى مەقسەتلىرى قاراڭغۇ ئىدى ھەم ئۇلار مېنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھازىر ساختىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەقسىتى بولسا بۇ ئۆلكە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق بېرتانىيەنىڭ بۇ يەردىكى مەنپىئەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىدى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق بېرتانىيەنىڭ ھىندىستان پۇقرالىرى ياشايتتى. ئەسىرلەردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر 18 مىڭ فۇت (تەخمىنەن 5000 مېتىر)  ئېگىزلىكتىكى تاغ داۋانلىرىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە كېسىپ ئۆتۈپ سودا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. سودا ئالاقىلىرى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە روناق تېپىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر يىللىق سودا سوممىسى 10 مىليون رۇپىيىدىن كۆپرەك بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما روسىيە ئىنقىلابى يۈزبەرگەندىن باشلاپ بۇ خىلدىكى تىجارەت رىقابەت مۇناسىۋەتلەرىمىز پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 1935- يىلىغا كەلگەندە بىزنىڭ بۇ ئۆلكە بىلەن بولغان سودا تىجارىتىمىز بۇرۇنقىدىن %25 كېمىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇ تەبىئىيكى 1933-34 – يىللىرى ئۆلكىدە يۈزبەرگەن قالايمىقانچىلىقلار سەۋەپلىك بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ رۇسلارنىڭ سىنكاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىشىدىندۇر. 1931- يىلىدىن باشلاپ تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن داۋام قىلدۇرۇلغان بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بۇ ئۆلكىنىڭ چېگرىسىدىن بىر قانچە ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا ئىدى. تەبىئىيكى تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ سىنكاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالاھىدە ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ھازىرقى ئەھۋالدا ئارىلىقتىكى مۇساپە ۋە يول ئىمكانىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا قەشقەردىن موسكۋاغا تاش يول ۋە پويىز بىلەن 15 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىتىپ بارغىلى بولاتتى. ئەمما بۇ يەردىن ھىندىستانغا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يەردىكى تۆمۈر يولغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 5 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتەتتى. ئەگەر ھىمالايا تېغىدىن ئۆتۈپ بېرىش توغرا كەلسە ئادەتتە كەم بولغاندا يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى. جۇڭگونىڭ پېكىندىن ئۈرۈمچىگە كارۋانلار ئادەتتە 3 ئايدا ۋاقىت ئىچىدە بېرىپ بولالايتتى. (256-بەت) …..

بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرە ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئەمەسكى بىز بۈگۈنگىچە كۆرگەن ھەر بىر بازارغا رۇسىيىنىڭ ئەرزان ماللىرى تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتقان بولۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ يەرلەردە چوڭ تىپتىكى بىر قانچە سودا- تىجارەت شىركەتلىرنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودا  ئىشلىرى بولۇپمۇ موڭغۇلىيە ۋە كەنسۇ ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان سودىسى بىر خىل ھالەتتە ئالدىغا ئىلگىرىلىمەي توختاپ قالغان، ماللىرىنىڭ سېتىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ رايونغا سىياسىي ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ھىندىستان بىلەن بولغان سودىنى ناھايىتى تىز كېمەيتىۋەتكەن ئىدى. گەرچە رۇسلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ناچار بولسىمۇ ئەمما بۇ يەرلەردە رەخت ماتېرىياللىرى، بولۇپمۇ پاختا رەختلەر، كىيىم -كېچەك قاتارلىق ئېسىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج كۆپ ئىدى. بۇ بازار ئېھتىياجىنى رۇسسىيە قامدىيالماي قالغان، ئەمما مۇشۇ ئۆلكىدىكى بازارلارنى ئۆزى مونوپول قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە 1935- يىلى موسكۋا ۋە تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەر ئارقىلىق بېرتانىيىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ كىرگۈزگەن ئىدى.

ئۇلار ھىندىستاندىن بۇ يەرگە كېلىدىغان ماللارنى كېمەيتىش ئۈچۈن قانۇنسىز تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھىندىستاندىن كەلگەن سودا كارۋانلىرىنىڭ قەشقەر شەھرى چېگرىسىدىن شەھەرگە كىرىپ كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا 3 قېتىم باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان. بېرتانىيەلىك سودىگەرلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىشى تامۇژنا ۋە ساقچىلارنىڭ سان- ساناقسىز ئاۋارىگەرچىلىكلىرىگە ئۇچۇرغان. بۇ ئاۋارىگەرچىلىكلەر تۆۋەندىكىدەك بولغان، مەسىلەن، ئەگەر بىر سودىگەر قەشقەردىن سودا كارۋىنىنى تەشكىللەپ ئېلىپ مېڭىشى ئۈچۈن ئۆزىگە رۇخسەت ۋە كارۋان بىلەن بىللە ماڭىدىغان ئىشلەمچىلەرگە پاسپورت ئىلتىماس قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن (بۇرۇن مۇنداق ئىشلار يوق ئىدى). بۇ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۇزاق كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ ئىشلارنى تىزرەك ھەل قىلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى باش ئەلچىخانىمىز ھۆكۈمەت بىلەن قايتا-قايتا ئالاقىلىشىپ، ئاخىرى ئىشنى بېجىرىپ، پاسپورتنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئۇچاغدا كۈتۈپ تۇرۇش بىلەن ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، سودىگەرلەر ئىشلەمچىلەرنى بېقىش ئۈچۈن شۇ قېتىملىق سودىسىدىن ئېرىشىدىغان پايدىسىنىڭ يېرىمىنى ئالىممۇ بۇرۇن خىراجەت قىلىپ بولىدىكەن. ئاۋارىگەرچىلىكلەر بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەستىن يەنە قەشقەردىن ئايرىلىپ ھىندىستان چېگرىسىغا بارغۇچە ئەڭ ئاز بولغاندا سودىگەرلەر يولدا بىر قانچە قېتىم خالىغانچە تەكشۈرۈشكە ئۇچرايدىكەن، بەزى ئەھۋاللاردا قولغا ئېلىنىدىكەن ياكى ئېتىراز بىلدۈرۈش پۇرسىتىمۇ بەرمەي ئۇلارنى مۇددەتسىز قولغا ئالىدىكەن. ئەينى شۇ ۋاقىتتا سودا كارۋانلىرى قەشقەردىن سوۋېت تېررىتورىيىسىگە باج تۆلىمەي، ھىچ بىر ئاۋارىگەرچىلىكلەرگە ئۇچۇرماي بىمالال بارالايدىكەن.

بېرتانىيە بىلەن سىنكاڭنىڭ سودا-تىجارەت مىقدارى بۇرۇندىن تارتىپ كۆپ بولمىغان ئەمما ئۆز – ئارا سودا ئالاقىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىمكانىيەتلەر ئىزچىل يارىتىلىپ، بۇ تىجارىي مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلدۇرۇلمەي داۋام قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئايال پادىشا ۋىكتوريە (Victoria) دوگۇلاس فورسايس (Dogulas Forsyth) ئەپەندىنى قەشقەردىكى ياقۇپ بەگكە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەندىن تارتىپ، بېرتانىيە ھۆكۈمىتى سودا قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئاز-تولا ئوڭايسىزلىقلارغا ئۇچراپ كەلگەن. (257-بەت)

1935- يىلى كۈزدە يەنى بىز سىنكاڭدىن كەتكەندىن كېيىن بېرتانىيە ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىگە بىر سودا ۋاكالەتچىسىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ قېتىمقى ئەلچىلەر سىنكاڭدا بېرتانىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سودا ئالاقىللىرىدىكى ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرنى تۈگىتىش ۋە سودا كېلىشملىرى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. سېنتەبىردە پېكىندىكى بېرتانىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلۇماتى ئېرىك تېيچمەن (Eric Teichman) ئەپەندى، ئىككى يۈك ئاپتوموبىلدا 6-7 خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن موڭغۇلىيە ئارقىلىق تەۋەككۈلەرچە سەپەر قىلىپ، خېيىم-خەتەرسىز ئۈرۈمچىگە يىتىپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە قەشقەردىكى ئەلچىخانىنىڭ باش كونسۇلى پولكوۋنىك تومسون گلوۋېر (Colonel Thomson – Glover) بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۈرۈمچىدە بېرتانىيە ئەلچىلىرى شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن داغ-دۇغلۇق كۈتۈۋېلىنىدۇ، ھەم بېرتانىيەگە سودىدا قىلىنغان ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرنى تۈگىتىش ھەققىدە بىر قانچىلىغان ۋەدىلەر بېرىلىدۇ. ئەگەر بۇ ۋەدىلەر ئىجرا قىلىنسا ھازىر بولۇۋاتقان سودىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر پۈتۈنلەي تۈگەيتتى. كېيىن بۇ ئەلچىلەر قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردىكى ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئېرىك ئەپەندى ھىندىستانغا يورۇپ كېتىدۇ.

مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا گەرچە ئېرىك ئەپەندى ناھايىتى جاسارەت بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇۋاپىقىيەتسىز بولۇپ بولغان ئىدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھىچ بىرىدە تۇرمىغان. ھەم بۇنىڭغا قارىتا بېرتانىيەنىڭ بىلدۈرگەن ئېتىرازلىرى جاۋابسىز قالغان. بۇ سەۋەپتىن بېرتانىيەنىڭ بۇ ئۆلكە بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا مۇناسىۋىتى پالەچ ھالاتكە كېلىپ قالغان ئىدى ياكى ۋەدە بېرىلگەن ۋاقىتتىنمۇ كۆپ ناچارلىشىشقا يۈز تۇتقان. بولۇپمۇ بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ قەشقەردىكى ئەلچىخانىسىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىملار ناھايىتى ھىيلىگەرلىك بىلەن ئېشىۋاتاتتى گەرچە رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ھالدا مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى روشەنكى بىزنى ھەر تەرەپتىن سىقىپ يورۇپ سىنكاڭدىن چىقىرىۋېتىش ئىدى. (258-بەت)

4- بۆلۈم

يېڭى ئىمپېرىئالىستلار

ھازىرقى ۋەزىيەتنى تەخمىن ئانالىز قىلساق، سوۋېتلەرنىڭ سىنكاڭدىكى كۆزلىگەن مەقسىتنى بىلىش ئۇ قەدەر ئاسان ئەمەس. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ھازىر بۇ يەردە يۈزبېرىۋاتقان ئىشلارنى دەلىل قىلساق، سوۋېتلەر بۇ يەردە ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى سېلىۋاتامدۇ يوق، ئېنىقكى بۇ مەسىلە بىزنى گۇمانلاندۇرماي قالمايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسى سەھنىنىڭ ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. سوۋېتلەر بۇ يەردە پىلانلىرىنى يوشۇرۇن ئىجىرا قىلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئۇلارنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن گۇمانلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما موسكىۋا ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئوچۇق -ئاشكارە ھالدا ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتاتتى. سوۋېتلەرنىڭ يوشۇرۇن ھەركەتلىرى سەۋەپلىك كىشىلەر ئۇنىڭ كۈچىنى كۆپتۇرۇپ تەسسەۋۇر قىلىشى، ئۆزىگە زىيىنى تېگىپ قېلىشىدىن قورقۇشى ئادەتتە بولۇپ تۇردىغان بىر تەبىي ئەھۋالدۇر. ئەمما شۇنى ئېنىق تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدىكى سوۋېتلەر ھازرقى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا قانداقتۇر ئېرىشمەكچى بولغان مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن نورمالسىز بىر ھالەتتە چوڭقۇر پلانلارنى تۇزۇپ، سەھنە ئارقىسىدا مەخپىي ھەركەتلەر ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقتىمۇ مەن بىر نوقتىنى قىياس قىلالايمەنكى ھازىر رۇسلار جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا زادى نېمە قىلماقچى ۋە كەلگۇسىدە نېمىگە ئېرىشمەكچى بۇنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغاندەك تۇرۇدۇ. ئېھتىمالىم ئۇلار پۇرسەتپەرسلىك قىلىپ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ياپونلارنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە موڭغۇلىيىگىچە ئېلىپ بارغان كەڭيىمىچىلىكىدىنىمۇ ھەسىلەپ ئاشۇرۋېتشنى پىلانلاۋاتقاندۇ.

سوۋېتلەر ھازىر زىمىن كۆلىمى فرانسىيەدىنمۇ كۆپ، تەبئىي بايلىقى ناھايىتى مول بولغان بۇ تېررىتورىيەدە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادي ئۈستۈنلىكىنى تۇرغۇزۇپ بولدى. شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى بولسا سوۋېتلەرنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى. سوۋېتلەر ئۆزىنىڭ ۋە شىڭ شىسەينىڭ جاسۇسلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئۆلكىنىڭ %80 دىن ئارتۇق سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ بولغان ئىدى. ئۇنداقتا سوۋېتلەر بۇ ھەركەتلىرى ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ھازىر بۇ يەردىكى ۋەزىيەت كۆرۇنۇشتە شۇنداق بولۇۋاتقاندەك تۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېتلەرنىڭ بۇ رايوندىن ئېرىشىدىغىنى ئانچە كۆپمۇ ئەمەس ئىدى. (259-بەت)

گەرچە سوۋېت – سىنكاڭ سودا – تىجارىتى، ئۆز -ئارا مال ئالماشتۇرۇشلىرى كۆپ ساھادە كۆپ مىقداردا داۋم قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما سودا ئابروتىنىڭ پۇل سانى بۇ يەردىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئېنىق چۇشەنچىلەرنى بېرەلمەيتتى چۈنكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پۇلىنىڭ قىممىتى يوق ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، تۆۋەندىكى رەسمىي ستاستىكىلار بىزنى قىزىقتۇرىدۇ، ئەلبەتتە. 1933- يىلى سوۋېت ۋە سىنكاڭ ئوتتۇرسىدىكى سودا -تىجارەت ئالاقىسى ئەڭ يورۇقى پەللىگە كۆتۇرۇلگەن يىل بولۇپ، ئوممۇمىي سادا قىممىتى 30 مىلىيۇن ئالتۇن رۇبلى بولغان. 1934- يىلىغا كەلگەندە بۇ سان كۆپ ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 20 مىللىيۇن ئاز بولغان ۋە مۇنداق بولىشى بەلكىم ئۆلكىدە يۈزبەرگەن ئىچكى ئۇرۇشلار سەۋەپلىكدۇر. شۇنداقتىمۇ ئەگەر بىز 1933- يىلىدىكى ئەڭ يۇرقۇرى ساننى ئاساس قىلساقمۇ بۇ سان رۇسىيەنىڭ سىنكاڭ بىلەن ئېلىپ بارغان تىجارىتى ئۇنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا تىجارىتىنىڭ %3.5 نى تەشكىل قىلىدۇ.

سىنكاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەمىللىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كېرەكلىك بولسىمۇ ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلاتلاردىن ئەمەس ئىدى. ئەمما بۇ تىجارىي ئالاقىلەر بۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۇشەندۇرۇپ بېرەلمەيتتى. روسلار بۇ يەرگە كۆزگە كۆرۇنمەيدىغان ناھايىتى زور مىقدادىكى مەھسۇلاتلىرىنىمۇ تەڭلا ئېكىسپورت قىلىۋاتاتتى. ئۇ بولسىمۇ بىرقانچە چوڭ تىپتىكى سودا شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلار ھانايىتى كۆپ خىزمەتچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ھەركەتلىرىگە سەرىپ قىلىۋاتقان چىقىملىرى ئىدى. بۇ چىقىملار “جاسۇسلۇق ئورگانلىرى” تەرپىدىن بىۋاستە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەركەتلەرگە، يەنى جاسۇسلىرىنىڭ ئىش ھەققى، قاتلاممۇ قاتلام ئىشپىيۇنلارنى ياللاش، ئەمەلدارلارغا پارا بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرىپ قىلىناتتى. دېمەك 1935 – يىلى رۇسلارنىڭ سىنكاڭدا ئېرىشكەن مەنپىئەتلىرىدىن كۆرە ئۇلارنىڭ سەرىپ قىلغان چىقىملىرىنىڭ ئارتۇق بولغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس ئەمەس ئىدى.

يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھىچ قانداق يېرىدە ئەمەس پەقەت ياپونىيەدىلا سوۋېتلەرنىڭ ئانچە ئۇزاق بولمىغان كەلگۇسىدە سىنكاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ بىر ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۆز مەنپىئەتىگە يارىشا قاتتىق باشقۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر كۆپلەپ ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مۇنازىرە ئەۋىج ئېلىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئويۇننى قارىماققا ئوينىماق ئاساندەك تۇرغىنى بىلەن ئۇنىڭ ھازىر نەتىجلىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۇشمۇ قىيىن بىر ئىش ئىدى. سوۋېتنىڭ سىنكاڭدا پلانلىق ھالدا تارقىتىۋاتقان كوممۇنىست تەلىماتى ئانچە نەتىجىلىك بولمايۋاتاقاندەك كۆرۇنەتتى. گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى موسكىۋانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن جۇڭگۇدىكى كوممۇنىست ھەركەتلىرىنى جاللاندۇرۇش ۋە باشقۇرىش ئىشلىرىمۇ ئۇلارنىڭ كۇتكىنىدەك بولمايۋاتاتتى. بۇ ئۆلكىدە سوۋېتنىڭ بىر قانچە ساھەلەردىكى سوۋېتلەشتۇرۇش ھەركەتلىرى نەتىجىلىك بولغاندە كۆرۇنسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئانچە كۈچلۇك قانات يايمىغان ئىدى.

بولۇپمۇ سوۋېت دىپلوماتىيە ئۆمىگىنىڭ جەنۋەدە كاستۇم – بۇرۇلىكىللىرىنى قاتۇرشۇپ كىيىشىپ، غادىيىشىپ يۇرۇشلىرى، ناھايىتى ئۇستىكارلىق بىلەن ئۆزلىرىنى شەخسىيەتسىز ھالدا باشقىلار ئۈچۈن باش پاناھچى قىلىپ كۆرسۇتۇپ كېلىۋاتقان ساختا قىياپەتلىرى، ئەمەلىيەتتە بولسا ھەممە ئىشنى خۇپىيانە پەردە ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىشى ۋە بۇ ئارقلىق دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا تەشۋىش، گۇمانلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئېنىقكى بۇ يەردە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىغىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ تۇراتتى. (260-بەت)

بولۇپمۇ ياپونىيە ئۆزىنىڭ موڭغۇلىيەنى ئىشغال قىلىش پلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇ يەرگە يېقىن بىر يەردە رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر ئويۇن  ئويناشنى باشلىشى، يەنى سوۋېتلەرنىڭ سىنكاڭغا تۇتقان مەۋقەسى تەبئىيكى ياپونىيەنىڭ چىداپ تۇرغۇسىز دەرىجىدە ئارامىنى بۇزۇپ، قۇتۇرشىغا يول ئېچىۋاتاتتى. ئەمما بۇ بولۇپمۇ 1935- يىلىدە سوۋېتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلىۋاتقان ئىشلىرنىڭ بىرى ئىدى.

1935- يىلى بۇ يەردىكى سىياسىي ۋەزىيەتلەر سوۋېتلەرنىڭ مەنپىئەتىگە ناھايىتى ياخشى ماس كېلىۋاتاتتى. ئەگەر سوۋېتلەر سىنكاڭنى ياخشى كۆرسە، ئۇلار نېمە ئىش قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلالايتتى. مانا مۇشۇ ۋەزىيەت تۇپەيلىدىن سوۋېت ھۆكۈمىتى نەنكىڭ (نەنجىڭ) دىكى ھۆكۈمەتنى ئىندەككە كەلتۇرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قالغان ئىدى چۈنكى شىڭ شىسەي بۇ ئۆلكىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان گەرچە ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلىرى قانۇسىز بولسىمۇ ئەمما نەنكىڭ مەركىزى ھۆكۈمەى تەرپىدىن پەقەت ىتېلېگرام ئەۋەتىپ تەنقىدلەشلەردىن باشقا ھىچ قانداق بىر قاتتىق جازا بېرىلمەي كەلگەن ئىدى. شىڭ شىسەي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلمايتتى. ئەمما ئېنىقكى ئەگەر پۇرسىتى يىتىپ كەلسە نەنكىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىنكڭغا بولغان ھۆكۈمدارلىغىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۇرۇشى مۇمكىن ئىدى. بىراق 1935- يىلى جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق كۈچى كوممۇنىست ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارىتىلغان بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيەنىڭ ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنى ناھايىتى تاكتىكىلىق بىلەن چىقىمى ئېغىر توختايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا چۆللىكىنى ئىشغال قىلىشتىن توسۇپ تۇراتتى ۋە مانا بۇ ۋەزىيەت رۇسىيەگە ئالاھىدە قولايلىق ئىمتىيازلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

چار رۇسىيە ۋاقتىدا قورقۇنۇشلۇق رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھىندىستاننى ئىشغال قىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى ھەققىدىكى مۆلچەرلىرىنى رومانتىك بېرىتانىيە دۆلەت ئەربابلىرى ئوتتۇرغا قۇيۇپ تۇراتتى. ئەمما ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىندىستاننى ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن ھىمالايا تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۇشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ئۇلارغا بىر قانچە ئادەملەرنىڭلا تاغدا قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلىپ يېتەلەيتى چۈنكى ھىندىستان بىلەن سىنكاڭنىڭ ئارلىقىدىكى ئىگىز، تاغ-چوقا يوللىرىنى كېسىپ ئۆتۇش كۆپ مۇشكۇل بىر ئىش ئىدى.  (261-بەت)

جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال ۋەزىيىتى سىنكاڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇسىيەگە قانچىلىك مۇھىملىقى بەلگىلەيتتى. مانا ئەمدى تۇڭگانلار بۇ ئويۇندا سەھنىگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى. مەن بۇرۇن دېگەندەك تۇڭگان ئارمىيەسى 1935-يىلى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقتا قۇرۇلغان بولۇپ، كونتروللۇقى چاقىلىقتىن قاغىلىققىچە بولغان ئۇزۇن بىر لىنيەگىچە كېڭەيگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەمەلي كۈچى ئۆز ئەتراپىدىكى ھەمە ئادەملىرىنى قوشقاندا تەخمىنەن 15 مىڭ ئەتراپىدىكى مىلتىقلىق ئەسكەرلەر ئىدى. ئەمما ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە ئۇلار يەنە ناھايىتى كۆپ ساندا قىلىچ بىلەن قۇراللانغان قوشۇمچە ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرالايتتى. بۇ ئارمىيەنىڭ %80 تىن كۆپىرەك مۇقىم ئەسكەرلىرى ئاتلىق ئەسكەرلەر بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ياخشى مەشىقلەندۇرۇلگەن. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قانچە پىلمۇت ۋە يىنىك تىپتىكى زەمبىرەكلىرى بار ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ بارلىق قوماندانلىرى تۇڭگانلار ئىدى ئەمما بەزى مۇھىم قوماندانلىق ئورۇنلىرىدا تۈركىلەرمۇ بار ئىدى. تۇڭگانلار ئۇرۇش ئۈچۈن توغۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئەسكەرلىرىنى دائىم قاتتىق مەشىق قىلدۇراتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شەك شۆھبىسىزكى تۇڭگانلار قوشۇنى بۇ ئۆلكىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كۈچ دەپ قارىلاتتى.

1935-يىلى 21 ياشلىق جاسارەتلىك ياش ماخوسەن بۇ ئىسىيانكار قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، خوتەننى ئۆزىنىڭ باش شىتابى قىلغان ئىدى ئەمما ئۇنىڭ دىپلوماتىك مەيدانى بولسا بىر ئاز غەيرى ئىدى. ئۇ ئۆز قوشۇنىنىڭ نەنكىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تارمىقىدا ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ نەنكىڭ بىلەن تېلېگرام ياكى پوچتا ئالاقىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىن 2000 مىل يىراقلىقتىكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ سادىقلىقىنى بىلدۇرۇش ۋە رۇسلارنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇش كۆرىشى ئۈچۈن ياردەمگە ئېرىشىشنى مەقسىت قىلىپ (ئۇ سورىغان ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ) بىر دىپلوماتىيە ئۆمىگىنى ئەۋەتىدۇ. تۇڭگانلارنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن يارشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى چۈنكى تۇڭگانلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەغلۇبىيىتى تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى ئوغىتاتتى. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا روس ئايروپىلانلىرى بومبا ۋە گاز بومبىللىرى بىلەن ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان ئىدى. (263-بەت)

بىراق ماخوسەن شۇ چاغدا شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ياردەم قىلىۋاتقان رۇسلاردىن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئۇرۇش ستىراتىگىيەسىنى تۇزۇپ چىققان ۋە ئۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلۋاتاتتى.

يۇقۇرقى سەۋەپلەرنى كۆرسەتكىمىدەك، ھازىرقى باسقۇچتا پۈتۈن تۇڭگان مەسىلىسىنىڭ تەقدىرى ئېنىقسىز ھالاتتە تۇراتتى. ماخوسەننىڭ ئۆگەي ئىنىسى، 25 ياش ۋاقتىدا تۇنجى بولۇپ تۇڭگان ئىشغالىيەتچى قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان ماجوڭيىڭ 1934-يىلى سوۋېتلەرنىڭ سۇلھى قىلىش ھەققىدە بەرگەن يۇمشاق ۋەدىللىرىگە قىزىقىپ سوۋېت چىگرىسى تەرەپكە ئۆتۇپ كېتىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جۇڭگو زېمىنىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ. ئۇ قىسقا بىر مەزگىل خوتەندىكى ئۆگەي ئىنىسى بىلەن موسكىۋادا تۇرۇپ ئالاقە قىلىشىدۇ. ما جوڭيىڭنىڭ ئۆز تامغىسىنى بېسىپ ئەۋەتكەن خېتى خوتەندىكى ئەسكەرلىرىگە ئوقۇپ بېرىلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر ئىشنىڭ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ئەلبەتتە. تەبئيكى ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شار-شەرەپكە سازاۋەر سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كېيىم كېيگەن ئاتلىق ئەسكەرلىرى تەرپىدىن تۇتۇپ تۇرلىۋاتاتتى. بىراق خوتەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتەتتى.

بەلكىم ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى ياكى مۇشۇ يوقىغىنىچە يوق بولۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. ماجوڭيىڭ ھازىر موسكىۋادا قانداقتۇر بىر سەۋەپ بىلەن گۆروگە ئېلىنىپ تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر سوۋېتلەرنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تۇڭگانلارغا ھىسداشلىق بىلدۇرمىگەن تەقدىردىمۇ ھىچ بولمىغاندا تۇڭگانلارنىڭ غەزىپىنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرىنى ئۈنۈملۇك تىزگىنلەپ تۇرالايتتى. ماجۇڭيىڭنىڭ قانداق بىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سوۋېتلەرنىڭ قوينىغا ئوزىنى ئاتقانلىغىنى ھىچ كىم بىلمەيتتى. ئەلۋتتە ئۇنىڭ مىجەز – خۇلقى تۇرمىگە قاملىپ گۆرەدە تۇرۇشتىن كۆرە باشقا مۇھىم ئىشلارنى قىلىشقا كۆپىرەك ماس كېلەتتى چۈنكى ئۇنىڭ نام -شارپى پۈتكۈل خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار تەرپىدىن ئۇلۇغلىناتتى. يەنە ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن بۇرۇن ئېيتقىنىمدەك ماخوسەن ۋە مابۇفاڭلار ماجوڭيىڭنىڭ ئۆگەي قېرىنداشلىرى بولۇپلا قالماي، ئۇلار كۆكنۇر (چىڭخەي) ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى بولۇپ، 1935-يىلى مابۇفاڭ ئۆزىنىڭ بىر ئەلچىسىنى مەخپىي خوتەنگە ئەۋەتكەن ئىدى. دېمەك نامى ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق بولغان ئۇچ ما فەمىلىلىك مۇسۇلمانلار گوروھىنى شەكىللەندۇرۇشنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

بۇ ۋاقىتتا شىڭ شىىسەي ئۈرۈمچىدە غوجىسىغا يارىغۇدەك بىر قورچاق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر رۇسلار مۇنداق بىر قورچاق مۇناسىۋەتتىن كۆرە يەنە قانداقتۇر بۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيەتلىك مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستىسە، بەلكىم ئۇ چاغدا ماجوڭيىڭنى چەتئەلدىن قايتۇرۇپ كېلىىشى مۇمكىن ئىدى. جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى تۇڭگانلار تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغۇلىڭلىرى ھەمىشە ناھايىتى قانلىق پاجىئەلەر بىلەن مۇشۇنداق نەتىنجىلەرنگەن. ئەگەر رۇسىيە مۇشۇنداق بىر قوزغىلاڭنى يەنە قوزغىيالىسا، ئەلبەتتە ئۇلار بۇ يەردىكى جاسۇسلۇق خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆلچەملىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىغى بىلەن ئۆز تۆھپىللىرىنى تەبرىكلىشەر ئىدى.  (265-بەت)

________________________________________

*Peter Fleming – “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق بۇ ساياھەت كىتابىنىڭ ئاپتورى پېتېر فلەمىڭ بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ 1930- يىللىرىدىكى ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ “بىرازىلىيەگە تەۋەككۈلچىلىك” (Brazilian Adventure) ناملىق ساياھەت كىتابى 1933- يىلى نەشر قىلىنىشى بىلەن كىتابخانلارغا تونۇلغان. “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر’ ناملىق بۇ كىتاب 1936- يىلى بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئالدەن نەشرىياتىدا (Oxford Alden Press) نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى پېتېر فلەمىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە يېقىن Wallingford يېزىسىدا 1907 – يىلى 31- ماي شوتلاندىيىلىك باي بانكىر Valentine Fleming (ۋىنستىن چېرچېلنىڭ يېقىن دوستى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېر فلەمىڭ نىڭ ئىنىسى ئىئان فلەمىڭ بېرتانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن “James Bond” ھېكايىسىنى 1953- يىلى يېزىپ نام قازانغان. پېتېر فلەمىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935- يىلى ئاتاقلىق ئارتىس Celia Johnson بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇچ پەرزەنتلىك بولغان. پېتېر فلەمىڭ 1971 – يىلى 18- ئاۋغۇست يۈرەك كېسىلى بىلەن شوتلاندىيىنىڭ Argyll شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

*Sinkiang – ئۇيغۇر رايونىدا 1955 – يىلى رەسمى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن غەرب سىياسى سەھنىللىرىدە، مەتبۇئاتلىرىدا بۇ كەڭ زېمىنلار  20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ “جۇڭگو تۈركىستانى” ياكى “سىنكاڭ” دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى.  – تەرجىماندىن.

*Kansu – يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كەڭ سۇ دېگەن يەر نامىنى بىلدۇرىدۇ. تارىختىكى بۇ «كەڭ سۇ» نامى بۈگۈنكى كۈندىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. كېيىنكى قىسمى پات يېقىندا سىزلەر بىلەن يۈزكۆرۈشىدۇ.

مەنبە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى

بۇ يازما 70 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش