ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكادا غەلبىلىك ئېچىلدى

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكادا غەلبىلىك ئېچىلدى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

2017 – يىلى 8 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرىستېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھەر ساھەلەردىكى ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك زىيالىيلار كېلىپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى. پائالىيەت يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ پائالىيەت كۈنتەرتىپى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشى بىلەن باشلاندى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرىستېتى دوتسېنت دوكتور رىبەككا كلوزى خانىم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندىلەر ئېچىلىشى سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا رەسمىي قانۇنلۇق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ تىلىدىن چەكلەنگەنلىكىدەك سەزگۈر ۋە جىددى ۋەزىيەتتە ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن كۆپۈيۈپ بارغان بىر مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە مېھمانلارغا سالاملىرىنى يوللىدى.

يىغىننىڭ 1- مۇھاكىمەسى بولغان «ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر» قىسمىغا ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرىستېتى دوتسېنت دوكتور رىبەككا كلوزى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇھاكىمەنىڭ 1- بۆلىكىدە تۇنجى بولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىرىسلار، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە چەتئەلدىكى مەۋجۈت پۇرسەتلەر ھەققىدە لېكسىيە بەردى. دوكتور مەتتۇرسۇن ئەپەندى زو زۇڭتاڭ ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، مىنگونىڭ دەسلەپكى دەۋرى، شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى دەۋرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى ۋە كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى دەۋرىگىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى توقاي مۇساپىسى، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مائارىپ سىياسىتى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەسىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى.

مۇھاكىمەنىڭ 1- بۆلىكىدە ئىككىنجى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، مەقسىتى، تەشكىلىي تۈزۈلمىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان توققۇز ئۇيغۇر زىيالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان، ھەم شۇنداقلا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ يۈزلەرچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان پىداكار ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئاساسلىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قانۇنلۇق بىر ئىلمىي ئۇيغۇر تەتقىقات جەمىئىيىتى ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى ۋە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكادېمىيەنىڭ ئاساسلىق 9 تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە 8 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىخچام ۋە تەسىرلىك شەكىلدە يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇھاكىمەنىڭ 1- بۆلىكىدە ئۈچىنجى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇرلارغا ياردەم ھەرىكىتى» دىن روشەن ئابباس خانىم خانىم «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزچىللىقى ساقلاپ قېلىش»  ناملىق لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختىكى ۋە ھازىرقى دەۋردىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسىدىكى زور پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەتتى. لېكسىيەدە روشەن ئابباس خانىم بىرقانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىدىكى تەدرىجىي چېكىنىشلەر، ھازىرقى يۈزلىنىشلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىن ۋە يىراق كەلگۈسىدىكى تەقدىرى، شۇنداقلا ئېلىنىشقا تېگىشلىك جىددىي تەدبىرلەر ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى.

ئۇيغۇر تىلىدا تۈرلۈك ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى كۆپەيتىش، تور دەرسلىرىنى تەسىس قىلىش، «ئۇيغۇر تىلى ئىنستىتۇتى»نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئانا تىلدا تېلىۋىزىيە پروگرامملىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش قاتارلىقلارنى بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن مۇھاكىمەنىڭ 2- بۆلىكى «ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئەۋلاتلار ئارا داۋاملىشىشى» گە دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇھاكىمەنىڭ 2- بۆلىكىدە تۇنجى بولۇپ، ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل مائارىپى ۋە ئەۋلادلار ئارىسىدىكى بوشلۇق» ناملىق تېمىدىكى لېكسىيەسى بىلەن باشلاندى. لېكسىيەدە دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىغا كۆچۈپ چىققان تۈرلۈك ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئافغانىستان، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە مۇھاجىرەتكە چىققان ئۇيغۇرلار ئانا تىلنى ئىشلىتىش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئوقۇتۇشتا دۇچ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى جانلىق شەكىلدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شۇنداقلا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلنى ساقلاش ۋە قوللىنىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئۈلگىلىك مىساللارمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈلدى.

مۇھاكىمەنىڭ 2- بۆلىكىدە ئىككىنجى بولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاھىر ئىمىن ئەپەندى «سىياسىيلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىي مائارىپ بىلەن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئانا تىل مىللىي مائارىپى ۋە ئائىلە تەربىيەسى ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقان يېڭى ئەۋلادلارنىڭ كىملىك كىرىزىسى» ناملىق تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئۇ لېكسىيەسىدە كۆپ قىسىم چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ سۈپەتسىز مائارىپنىڭ سەۋەبىنى مائارىپنىڭ سىياسىي تەشۋىقات قورالى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىدىن ئىزدىمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە سىياسىيلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىي مائارىپ ئاستىدا قېلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدىكى ستاتېستىكىلىق مەلۇماتلار، مائارىپ ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشى، «ئىدىلوگىيە ساھەسىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىپادىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىللىي كىملىكىگە بولغان ھەر تەرەپلىمە سەلبىي تەسىرلىرىنى كونكېرت مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇھاكىمەنىڭ 2- بۆلىكىدە ئۈچىنجى بولۇپ، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل ئالاقىسىدىكى قىيىنچىلىقلار» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىن تەتقىقاتچى زۈبەيرە شەمسىدىن خانىم ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەردىكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەبلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى تەبىئىي ئەۋزەللىكلىرى، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، مەنبەئە كەمچىللىكى، تىل ۋە مەدەنىيەت شارائىتىنىڭ تەسىرىدىكى قايمۇقۇش ۋە يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەسلىك قاتارلىق رېئال مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاكىمەنىڭ 2- بۆلىكىدە تۆتىنجى بولۇپ، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شىتاتىغا جايلاشقان «ئانا كەير مائارىپى» نىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىرادە قەشقەرى «ئامېرىكىدا ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش ۋە تەجرىبە ساۋاقلار» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىدە، ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى، ئامېرىكا، جۈملىدىن ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا بېسىپ ئۆتكەن جەريانلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشى ۋە تەجرىبىلىرىگە باغلاپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

«ئانا كەير مائارىپى» نىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇش مېتودى، ئۇيۇشتۇرىۋاتقان دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر، ئوقۇتۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئېلىپبەنى تۈگىتىشتىن تارتىپ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنى تونۇشقىچە بولغان ئىجابىي نەتىجىلەر قاتارلىقلارنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. مەزكۇر تىل مەكتىپىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات پىلانلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

مۇھاكىمەنىڭ 3- بۆلىكى «مەدەنىيەت مۇھىتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى» دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى.

مۇھاكىمەنىڭ 3- بۆلىكىدە تۇنجى بولۇپ، ئارخېئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى «ئامېرىكا ئۇنىۋېرىستېتلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىغا بىر نەزەر» ناملىق لېكسىيەسىدە ئاڭلىغۇچىلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرىدىن ئېدۋارد ئولۋورس، موررىس روسساببى، تېد رىككاردىي، جورج سالىبا، روبېرت خايمىس ۋە رىچارد فراي قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇشتۇردى.

خارۋارد، كولۇمبىيە، پېنسىلۋانىيە،جورج ۋاشىڭتون ۋە ئىندىيانا ئۇنىۋېرىستېتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت تەتقىقاتلارنىڭ يۆنىلىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدىكى ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ئەسلىمىلەر ۋە  ئۆز ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىمۇ يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى.

مۇھاكىمەنىڭ 3- بۆلىكىنىڭ ئاخىرىسىدا ئىندىيانا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا خانىم «ئىندىيانا ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشى» ھەققىدىكى لېكسىيىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

لېكسىيەدە مەزكۇر ئۇنىۋېرىستېتنىڭ مەركىزىي ياۋروئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرتىلى پروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ھازىرقى ئەھۋالى، ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەر، ئىشلىتىلىۋاتقان دەرسلىكلەر، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر پروگراممىغا قىزىقىشتىكى سەۋەبلىرى، پروگراممىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە ئوقۇتۇش شەكلى ۋە ھەقىقىي، بىرىنچى قول ماتېرىياللارنىڭ ئوقۇتۇشتا كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق ئۆزگىچىلىكلىرى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتنىڭ مۇھاكىمە قىسىمىنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدىكى لېكسىيەلەر ئوقۇلغاندىن كېيىن سوئال-جاۋاب ۋە قىزغىن بەس مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى. يىغىن ئەھلى دوكلات بەرگۈچىلەر بىلەن ھەربىر لېكسىيەگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

مۇھاكىمە قىسىمى تاماملانغاندىن كېيىن، يىغىندا دوكلات بەرگۈچى تەتقىقاتچىلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە جۈرەكسىل ئۇنىۋېرىستىتى تەرىپىدىن تەشەككۈرنامە ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى تارقىتىلدى.

يىغىننى ئويۇشتۇرۇشتا زور كۈچ چىقارغان جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور رىبەككا كىلوزى خانىمغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەس شارپا ۋە دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەس گالاستۇك ھەدىيە قىلىندى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى بىرلىكتە سۈرەتلىك خاتېرىلەر قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى ئىلمىي پائالىيىتى تولىمۇ جۇشقۇن ۋە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 7

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش