ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىغا دائىر زۆرۈر مەسىلىلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىغا دائىر زۆرۈر مەسىلىلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn2Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ
ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تارىخي ئۇزۇن، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئاساسەن فامىلىسىز ھالەتتە تۇرماقتا. گەرچە ھازىرقى چۈشەنچىدىكى فامىلە قوللىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، بۇنىڭغا دائىر مىسال ۋە يازما پاكىتلار تولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ھازىرقى ئەمەلىي پاكىت شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا فامىلىسىز ھالدا بولۇپ، ئۆز ئىسمى ۋە ئاتا ئىسمىدىن قۇرۇلغان نامنى «ئىسىم-فامىلە» ئورنىدا ئىشلەتمەكتە ھەمدە بۇ ھال نەچچە ئون يىلدىن بېرى تىلشۇناس ئالىملارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىگە ئىلىنىپ، ئىزچىل ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ، بۇنىڭغا قىزىققۇچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلمەكتە.
فامىلە قوللىنىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، «چۈنكى، فامىلە ئىشلەتكەن بىر ئادەمنىڭ ئىسمى، ئۇرۇقى، شان-شۆھرىتى مىڭ يىللارچە ئۇنتۇلمايدۇ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېتىدۇكى، قىممەتلىك بىر يادىكار، جەمەتنىڭ ئۆزگەرمەس ئورتاق ئىسمى بولۇپ قالىدۇ. جەمەت ئىسمى يەنى فامىلەنىڭ قوللىنىلىشى، بىر ئۇرۇقنىڭ بىرلىكى، ئۆملۈكى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەسلىدە بىزدە بار بولغان كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ‹يەتتە ئەجدادىنى بىلىش› ئەنئەنىمىزنى تىرىلدۈرۈلگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ھەر بىر ئۇرۇق ئۆزىنىڭ شەجەرىسىدىن ئاسانلا خەۋەردار بولالايدۇ ياكى يازالايدۇ. ئۆگۈنىنى ھەتتا ئۇنىڭ بۇرۇنىنى بىلەلىگەن، بۇ بىلگەنلىرىدىن مۇسبەت نەتىجە چىقىرالىغان بىر ئەۋلاد، ئەۋلادىغا قانداق ئەجدات بولۇش كىرەكلىكى ھەققىدە مۇئەييەن مۇقىم ئەقىدىگە كەلگەن بولىدۇكى، بۇنداق ئەجداتنىڭ ئەۋلادى جەمەتىگە، جەمئىيىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولالايدۇ. چۈنكى جەمەتىنىڭ غېمىنى قىلغان بىر ئەۋلاد، ئوخشاشلا جەمئىيىتىنىڭ غېمىنى قىلغان بولىدۇ. مەلۇمكى جەمەت شەخسلەردىن (ئەزالىرىدىن)، جەمئىيەت جەمەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.» (ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق: «تۈركلەر ۋە كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 2006-يىللىق 2-سانى).
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى فامىلىسىزلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر بىر جەمەتنى شۇ جەمەتنىڭ نىشانى بولمىش فامىلىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە، تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ؟
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا بىر قىسىم پېشقەدەم تىلشۇناسلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ فامىلىسىز قېلىشىغا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنى دەۋرلا ئەمەس، ئەقىلمۇ تەلەپ قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەمدە بولۇشى بىلەن فامىلە قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەقتە تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، كۆزقاراشلار ۋە تەكلىپلەر ئۈزۈلمەي ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى خەلقىمىز ئارىسىدىكى زىيالىيلارنىڭ، ئېڭى ئويغاق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ساداسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى ۋە مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىشقا، ئىنتىرنېت تورىدا بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق ئەمگىكىدە «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى»، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەنۋەر سەمەد قورغاننىڭ «ئۇيغۇرلاردا فامىلە» قاتارلىق ئەتراپلىق تەتقىقات ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇلارغا ئۇلىشىپلا ۋەلى كېرىم كۆكئالپنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىسىم، فامىلە ئۆرنەكلىرى، ئۇرۇق-قەبىلە ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزاھى بېرىلگەن «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى» ناملىق قوللانما كىتابى نەشىر قىلىنىپ، فامىلە قوللىنىش ئويىدا بولسىمۇ، ئەمما قانداق نامنى فامىلە ئۆرنىكى قىلىش كويىدا قىينىلىۋاتقان كىشىلەرنى مول ۋە رەڭگارەڭ فامىلە ئۆرنەكلىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن فامىلە ئۆرنەكلىرىنى ئاساس قىلغان يەنە «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلە قوللانمىسى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى فامىلىگە ئىگە قىلىش يولىدىكى تەكشۈرۈش، تەتقىقات ۋە فامىلە ئۆرنىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىلار بىر-بىرلەپ ئورۇندالغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن فامىلىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قانداق قوللىنىش، قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە كونكرېت تەدبىرلەر يېتەرسىز بولغاچقا، فامىلىنى خەلق ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى يەنىلا بىر ئىزدا توختاپ قالدى. ھالبۇكى، دەۋر ۋە تەرەققىيات خەلقىمىزدىن چوقۇم فامىلىلىك مىللەت بولۇشنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت يەر شارىلىشىۋاتقان مۇشۇنداق چوڭ ۋەزىيەتكە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا، زىيالىيلار، فامىلە قوللىنىشقا تەشنا كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سادالىرىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
مەن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە ئىزدىنىش، نۇرغۇن قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم ئۆرنەكلىرىنى يىغىش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بىزنىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزدا خاتىرىلەنگەن ئادەم ئىسىملىرى، ئىسىم قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۆزلەرنىڭ تولىمۇ نۇرغۇنلۇقىنى، بۇلارنى فامىلە ئۆرنىكى قىلىپ ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدىغانلىقىنى، بۇ فامىلە ئۆرنەكلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىپ ئېشىپ قالىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن مۇشۇ ھېس قىلغانلىرىم ئاساسىدا، خەلقىمىزنىڭ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى، فامىلە قوللىنىش تارىخى، فامىلە قوللىنىشنىڭ ئىلمىي ۋە تارىخي ئاساسى، فامىلىنىڭ ئۆلچىمى، قانداق ناملارنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر مۇلاھىزە قىلىپ چىقىشنى لايىق تاپتىم. ئىسىم بىلەن فامىلە بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ھەم بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېمىلاردىن بولغاچقا، بۇ ھەقتە كەڭرەك توختىلىشنى لايىق تاپتىم.

«ھەممىگە مەلۇمكى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ فامىلىلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى قەدىمكى تۇتېم ناملىرىدىن كەلگەن. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ھازىرقى ئىپتىدائىي مىللەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادىكى زامانىۋى مىللەتلەرنىڭمۇ خېلى كۆپ ساندىكى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قەدىمكى توتېم ناملىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكى ئېنىقلانماقتا.» («ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» 53-بەت). شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ئۆتمۈشكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار قوللانغان جەمەت ۋە ئۇرۇق ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ تۇتېم ناملىرىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. قەدىمدە دىڭلىڭلار، قاڭقىللار، تۇرالار دېگەن ناملاردا ئاتالغان ئەجدادلىرىمىز كۈچلۈك قەبىلە ئىتتىپاقى تەشكىل قىلغان بولۇپ، تاكى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى ھۇنلار دەۋرىدىن كۆكتۈركلەر سەلتەنەتىگىچە چۆللۈكنىڭ شىمالى، بايقال كۆلى ئەتراپى، تەڭرىتاغ رايونلىرىدا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلار ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىدا جەمئىيەت تەشكىل قىلغان ۋە تۈرلۈك قەبىلىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى تىكلىگەن بولغاچقا، ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇق ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئۇرۇق ۋە قەبىلە شۇنچىلىك مۇھىم رول ئوينايتتى. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىدىنمۇ كۆرە ئۇرۇق-قەبىلىلىرىنىڭ توتېملىرىنى ئۆزلىرىگە بەلگە قىلاتتى. مەسىلەن: بىر قەبىلە ئەزاسى بىرەر ئىش بىلەن باشقا يۇرتقا بارغاندا، ئۇ يۇرتتىكىلەر ئۇنىڭدىن تۇنجى بولۇپ ئىسمىنى ئەمەس، بەلكى «سەن قايسى ئۇرۇقتىن؟» دەپ سورايدۇ. بۇ كىشى بولسا «كۆك بۆرە ئۇرۇقىدىن» ياكى «توغرۇل ئۇرۇقىدىن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇ بۇ يەرگە كېلىش مەقسىتىنى ئېيتىدۇ، ئىشلىرى شۇ تەرتىپتە بېجىرىلىدۇ. دېمەك، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان دەۋرلەردە ئۇرۇق-قەبىلە نامى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى، شۇنداقلا بۇ نام توتېمدىن ياكى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «شۇ ئۇرۇقنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بوۋىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن» ئىدى.
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىن «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»، «سۈينامە»، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە» قاتارلىقلاردا بىزنىڭ بىۋاسىتە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھېسابلانغان دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تۇرالار ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بېرىلگەن، شۇنداقلا شۇ دەۋرلەردىكى چوڭ-كىچىك تارىخي ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىشى ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان. بۇلار كونا خەنزۇچە خەتتە يېزىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەسلى تەلەپپۇزىغا قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئەسلىي تەللەپپۇزىغا سادىق ھالدا خاتىرىلەنگەن بىرمۇنچە كىشى ئىسىملىرىمۇ ئۇچرايدۇ. قۇغۇرسۇ ئالتۇن، ئېلبەگ، بەگچى، چابىش، ئېلتېكىن، تارلان، بايان، ئېركىن قاتارلىق ئۇرۇق نامى ۋە ئادەم ئىسىملىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر كونا خەنزۇچە ھۆججەتلەردە خاتىرىلەنگەن كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولغان بولسىدى، بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇ چاغدىكى ئىسىم قويۇش ئادىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان بولاتتۇق. «دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىلىدا شۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئۇرۇقلارنىڭ توتېم ناملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قانداشلىق پەرقىنى ۋە نەسىل-نەسەبىنى ئايرىيدىغان، ئۇرۇق ئىچىدىن نىكاھلىنىشنى چەكلەيدىغان ‹فامىلە› رولىدىكى ئالاھىدە بەلگە، خاس نام سۈپىتىدە قوللانغان ھەمدە بۇ خىل ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان. بولۇپمۇ بارس (يولۋاس)، ئارسلان، بۇغا، بۆرە، بۇقا، توغرۇل، شۇڭقار قاتارلىق ئۇرۇق توتېمىلرىنىڭ ناملىرىنى ئىسىم-فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىش ئادىتى خېلىلا ئومۇملاشقان.» («ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» 56-57-بەتلەر).
توتېم ناملىرىنىڭ كىشى ئىسمى ۋە فامىلە ئورنىدا قوللىنىلىشى كۆكتۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئادەت بولغان بولسا، بۇ ئادەت ئۇيغۇرلار كېيىن قۇرغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت يادىكارلىقلاردا بۆرى بارس، بۆرى سانغۇن، قۇتلۇق ئارسلان دېگەندەك ئىسىملار ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار «بۆرە»، «ئارسلان» ئۇرۇقىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا ۋە مانى دىنى تەسىرىدە بەزى ئىسىملار دىنىي تۈس ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كىشى ئىسىملىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا ساپ ئۇيغۇرچە، مەنىسى نىسبەتەن چوڭقۇر ئىسىملارغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ، ئادەم ئىسىملىرى ۋە فامىلە رولىنى ئوينايدىغان جەمەت ناملىرى بۇ دەۋردە كەڭ قوللىنىلغان. مەسىلەن، ئارسلان، ئادىغ (ئېيىق)، بۆرە، قاپلان، توغرۇل، بۇغا، توشقان، كىرپە قاتارلىق ناملار ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى توتېم ناملىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ دەۋرگە كەلگەندە فامىلە سۈپىتىدە كەڭ-كۆلەمدە قوللىنىلغان. يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر كۆپىنچە ئارسلان نامىنى فامىلە ياكى جەمەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەرتىۋىلىك ئائىلىلەر بولسا بۇقا، بارس (يولۋاس)، توغرۇل، شۇڭقار قاتارلىق ناملارنى ئۆزلىرىگە خاس ئىسىم ياكى جەمەت نامى (فامىلىسى) سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋام خەلق ئارىسىدا «قارا» سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسىملارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەلۇمكى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قارا» سۆزى ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك، كۈچلۈكلۈك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قارا» سۆزى روشەنكى جەمەت نامى (فامىلە) سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: مىڭ قارا، ئالتمىش قارا، ئەسەن (ئېسەن) قارا، ئالتۇن قارا، قۇلۇن قارا، بۇيان قارا دېگەن ئىسىملارغا قارايدىغان بولساق، «قارا» سۆزىنىڭ فامىلە رولىنى ئوينىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋردە يەنە «تەمۇر» (تۆمۈر) سۆزى بىلەن ياسالغان ئىسىملارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ يەردىكى «تەمۇر»مۇ جەمەت نامى ياكى فامىلە رولىنى ئويناپ كەلگەن. مەسىلەن: مەڭگۈ تەمۇر، ئەل تەمۇر، توق تەمۇر، قۇتلۇق تەمۇر قاتارلىقلار.
قاراخانىيلار خانلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئىسىملار ئەرەبچىلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما قەدىمكى توتېم ناملىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. خانلار ئۆزلىرىنى «بۇغراخان» نامى بىلەن ئاتىغان، بۇ يەردىكى «بۇغرا» شەك-شۈبھىسىز توتېم نامىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا تۇڭا تېكىن، توغانخان، ئارسلانخان، توغرۇلخان قاتارلىق ناملارنىڭ داۋاملىق ساقلىنىشى بۇ سۆزىمىزنى كۈچلۈك دەلىللەپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېپوس خاراكتېرلىق ئەسىرى «ئوغۇزنامە»گە ئاساسلانغاندا، ئوغۇزخان خانلىق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشىغا ياردەمدە بولغان ئۆز قوۋمىغا «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى بېرىدۇ؛ لەشكىرىي يۈرۈش جەريانىدا ھارۋا ئىجاد قىلغان كىشىگە «قانغالىق» (قاڭلى، قاڭقىل) دېگەن نامنى بېرىدۇ؛ قېچىپ كەتكەن ئېتىنى قارلىق تاغنىڭ ئىچىدىن تېپىپ كەلگەن باھادىرغا «قارلۇق» نامىنى بېرىدۇ؛ بىرنەچچە كۈن ئاچ قالغان بولسىمۇ، كەينىدىن يېتىشىپ كەلگەن يىگىتكە «قالاچ» نامىنى بېرىدۇ؛ دەرەخ كاۋىكىدا تۇغۇلغان ئوغۇلغا «قىپچاق» دەپ نام بېرىدۇ. مانا بۇلار قەدىمكى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەلۇماتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەبۇلغازى باھادىرخان «شەجەرەئى تەراكىمە» ناملىق ئەسىرىدە ئوغۇزخاننىڭ 24 نەۋرىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسىنى ۋە قۇت نىشانىنى تىلغا ئېلىپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن قەبىلىگە ئاساس بولغانلىقىنى يازىدۇ. خەنزۇچە تارىخىي ئەسەرلەردە، مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق-قەبىلىلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارمۇ قەدىمدە چوڭ جەھەتتىن جەمەت نامى (فامىلە) رولىنى ئوينىغا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ناملار بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە ئۆرنىكى سۈپىتىدە قوللىنىشىغا تامامەن ماس كېلىدۇ. بارغۇت كۈن، ياغلاقار ئىنال، باسمىل سارىغ، قارلۇق ئەۋرۇز دېگەندەك ناملار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىمۇ مىللەت ۋە قەبىلە ناملىرى بىلەن باغلانغان ئىسىملار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تاتار تۇڭا، ئۇيغۇر تاپمىش، قىپچاق يۈرۈك، ياغلاقار قۇتادمىش دېگەندەك. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ قەبىلە ۋە ئۇرۇق ناملىرى يەنىلا كىشىلەرنىڭ جەمەت نامىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگە، يەنى فامىلە رولىنى ئوينىغان. قارلۇق ئىسھاق، ھۈسەين ئوغۇز، ئەمىر تۈركمەن، شاھقۇلى ئۇيغۇر، بايان سۇلدۇز، مۇراد بارلاس، ئاللاقۇلى كۆكەلداش، ئادىلشاھ جالايىر، ئابدۇللا بارلاس، مۇزەپپەر ئارلات قاتارلىقلار. مانا بۇنداق ناملار يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدە تاكى 18-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇنداق ناملارنى قۇمۇل ۋە باشقا يۇرتلارنىڭ يېزىلىرىدىن ئانچە-مۇنچە تاپالايمىز. بۇ ناملار بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە ئۆرنىكى سۈپىتىدە قوللىنىشىغا تامامەن ماس كېلىدۇ.
ئاتا-بوۋىلىرىمىز يەنە ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئۇرۇقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلامچىسىنىڭ نامىنى فامىلە ئورنىدىمۇ ئىشلەتكەن. ئالتۇن ئارغۇ، ئالپ بىلگە، ئەدگۈ ئوغلى تېكىن، ئەلىك قايا، چاغرى تېكىن، تېمۇر بۇقا قاتارلىق ئىسىم-فامىلىلەر تەركىبىدىكى «بىلگە» (دانىشمەن، بىلىملىك)، تېكىن (شاھزادە)، قايا (قىيا)، چاغرى (بۈركۈتنىڭ بىر خىلى)، تېمۇر (تۆمۈر) قاتارلىق ناملار ئېنىقكى بىز ئېيتىۋاتقان فامىلىنى كۆرسىتىدۇ.
قەدىمكى ئۇنۋان ۋە ئەمەل-مەنسەپ ناملىرىمۇ فامىلە رولىنى ئوينىغان مۇھىم تەركىپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ھۇن ئېمپېراتورلۇقىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «تەڭرىقۇت» نامىدا ئاتالغانلىقىنى، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «قاغان» دەپ ئاتالغانلىقىنى، كېيىن بۇ نامنىڭ «خاقان»غا ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئالىي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «ئىدىقۇت» دەپ ئاتالغانلىقىنى، قاراخانىيلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ «بۇغراخان»، «تامغاچ بۇغراخان» دېگەن ناملاردا ئاتالغانلىقىنى تارىخىي خاتىرىلەر ئارقىلىق ئوبدان بىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۇن ئېمپېراتورلۇقى دەۋرىدە تەڭرىقۇتتىن باشقا يەنە 24 خىل ئەمەل-مەنسەپ تۈزۈمى ئورنىتىلغان. ئوڭ قول قان، سول قول قان، باتىسقان، شاد، تۇتۇق قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغان ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى چىڭگىزخان دەۋرىدە كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىپ قوللىنىلغان. چۈنكى، چىڭگىزخان ئۇيغۇر ئەسىللىك ئوردا ئۇستازى تاتاتۇڭانىڭ ياردىمىدە دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ تۈرلۈك بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە قىزىنى بېرىپ ئۇنى «بەشىنچى ئوغلۇم» دەپ ئاتىغان، شۇنداقلا قوچو ۋە بېشبالىق، كۈسەنلەردىن نۇرغۇن زىيالىي، قوماندان ۋە باشقا ئىختىساسلىقلارنى دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخاننىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان پىشىپ ۋايىغا يەتكەن دۆلەت باشقۇرۇش مەپكۇرىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. تۈرلۈك ئۇنۋان، ئەمەل-مەنسەپ ناملىرىمۇ ئۆز ئەسلى بويىچە قوبۇل قىلىنغان. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئەمەل-مەنسەپ ناملىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىسلام ئەقىدىسىگە ئانچە-مۇنچە ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاساسەن ئەسلىي ماھىيىتىنى ساقلاپ قالغان. بىز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق شاھانە ئەسەرلەردىن شۇ دەۋردىكى ئالىي ئەمەل-مەنسەپ ناملىرىدىن يۇغرۇش (باش ۋەزىر)، خاس ھاجىپ، بەگ، تارخان قاتارلىق ناملارنى ئۇچرىتالايمىز ۋە بۇ ئەمەللەرنىڭ قانداق شەكىل ۋە قانداق مەنىدە قوللىنىلىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولالايمىز. چاغاتاي خانلىقىدىن تاكى سەئىدىيە خانلىقىغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا چىڭگىزخان دەۋرىدە قوللىنىلغان ئەمەل-مەنسەپ ۋە ئۇنۋانلاردىن باشقا، يەنە ئىسلام مۇھىتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنۋان، ئەمەل-مەنسەپ ئاتالغۇلىرىدا بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەمەل-مەنسەپ ناملىرىدا تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن. مانا مۇشۇ ئەمەل-مەنسەپ، ئۇنۋانلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ فامىلە قوللىنىشتا تايىنىدىغان مەنبەلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
جەمەت لەقەملىرى − ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆچمەنچىلىك ئىگىلىكىدىن مۇقىم ئولتۇراق ھاياتقا كۆچكەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت شارائىتىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. ئولتۇراق ھاياتتا كىشىلەر ئادەتتە يۇرت-مەھەللىلەرگە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئادەتتىن تاشقىرى قويۇقلىشىدىغان، قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلەر كۆپىيىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈچىيىدىغان ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى راۋاجلىنىپ، بازار قاينايدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئارىسىدا ئوخشاش ئىسىملىكلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ. كىشىلەر تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا ئوخشاش ئىسىملىكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجىدىن بەزى لەقەملەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى، تەن ئالاھىدىلىكى، خۇلق-مىجەزى، ئىش-بېجىرىشى، ئەمەل-مەنسىپى، ئاتاق-ئابرۇيىمۇ بىرمۇنچە لەقەملەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ لەقەملەر كىشىلەر تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئاتاش-چاقىرىش، ئادەملەرنى ناملاشتىكى ئالاھىدە بىر خىل ھادىسىگە ئايلانغان. ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرقى لەقەم ھادىسىسىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا توتېم ئىزنالىرىنىمۇ، ئېتنىك تەركىپ ناملىرىنىمۇ، ھۈنەر-كەسپ ئاتالغۇلىرىنىمۇ، بەدەنلىك ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ، كىشىلىك خاراكتېرگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىمۇ تاپالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاددىي خەلقنىڭ لەقەملىرى بىلەن ئاتاق-ئابرۇيى بار، ئىگىلىكى راۋاجلانغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنىڭ لەقەملىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق زور. ئاددىي كىشىلەرنىڭ لەقەملىرى ئاساسەن ھۈنەر-كەسىپ ئاتالغۇلىرى بىلەن بەدەنلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلغان لەقەملەر بولسا، جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ لەقەملىرى كۆپىنچە ئەمەل-مەنسەپ، ئۇنۋان، ۋە مەلۇم ئەتىۋارلىق كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاددىي كىشىلەرنىڭ لەقەملىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە كەمسىتىش، ھاقارەت قىلىش تۈسى قويۇق بولسا، مەرتىۋىلىك كىشىلەرنىڭ لەقەملىرىدە بۇنداق تەركىپ ناھايىتى ئاز ياكى يوق بولىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلاردىكى لەقەملەر بىزنىڭ فامىلە قوللىنىشىمىزدا پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بىباھا بايلىق بولۇپ، مۇۋاپىق ئۆلچەمدە پايدىلانساق تامامەن بولىدۇ.
ھۈنەر-كەسپ ناملىرى كىشىلەرنىڭ ئاتا كەسپىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقى، ئېيتىلىشقا ئەپلىك، مەنىسى ئېنىق، ھېچقانداق كەمسىتىش، ھاقارەت مەنىسى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ كىشىلىرىمىزنىڭ جەمەت فامىلىسى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىن بىز بۇ دەۋردە ھۈنەر-كەسپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ تۈردە قوللىنىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بەدىزچى (نەققاش، بېزەكچى)، قورۇمچى، ئىنانچى، بىتىگچى (پۈتۈكچى، كاتىپ)، ئەلچى، يارلىغچى، ئىغاچچى (ياغاچچى)، ئەشگەكچى (ئېشەكچى، ئۇلاغچى)، تەمۈرچى (تۆمۈرچى) قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چاغاتاي خانلىقى، تۆمۈرىيلەر خانلىقى، موڭغۇلىستان خانلىقى ۋە سەئىدىيە خانلىقىدىمۇ ھۈنەر-كەسىپكە دائىر جەمەت لەقەملىرىنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا ئۇلىنىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسىل-نەسەبىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. «بۇبۇرنامە»، «تارىخىي رەشىدىي» قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇنىڭغا دائىر مىساللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئەلى قۇشچى، سەييىد ھەسەن ئوغلاقچى، خۇدابەردى ئاختىچى، مىرئەلى مىراخور، شاھقۇلى غىجەكچى، قۇلمۇھەممەد ئۇدى قاتارلىقلار. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان چوڭ شەھەرلەردىن قەشقەر، يەركەنت، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچار، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلار تاكى يېقىنقى يىللارغىچىلا تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ ئىنتايىن راۋاجلانغان يۇرتلار بولۇپ، بۇ يۇرتلاردىن ھۈنەر-كەسىپكە ئائىت جەمەت لەقەملىرىنى ئىزدىسەك ناھايىتى كۆپ تېپىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن فامىلە قوللانغاندا، مانا مۇشۇ تۈرلۈك ھۈنەر-كەسپ ئاتالغۇلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىمىزگە فامىلە قىلىپ قوللانساق تامامەن بولىدۇ. «ئۇيغۇرلاردا، ‹لەقەمنى خىزىر ئەلەيھىسسالام قويىدۇ› دەيدىغان بىر گەپ بار. بۇ سۆزدىن بىر ئادەمگە قويۇلغان لەقەم ئاشۇ لەقەملەنگۈچىنىڭ تەققى-تۇرقى، مىجەز-خۇلقى، تىپىك ئالاھىدىلىكىنى ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق ئىپادىلەپ بېرەلىسە، ئاندىن سىڭىدۇ ۋە ئومۇملىشالايدۇ، دېگەن مەنە چىقىدۇ… قىسقىسى، ئۇيغۇرلاردا لەقەم قويۇش ۋە لەقەم ئىشلىتىش ئادىتى فامىلە قويۇش ۋە ئىشلىتىشكە قارىغاندا ئىستېمال دائىرىسى كەڭ، ئاممىۋى ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە، ئۆز ئەجدادىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىغا ۋارىسلىق قىلغانلار يوق دېيەرلىك. بىراق، ئاتا-بوۋىسىنىڭ لەقەملىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەۋلادلار مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ تېپىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاشۇنداق خەلق ئىچىدە كەڭ دائىرىگە ئىگە بولۇپ كەتكەن لەقەملەرنى ‹ئەل ئىچىدىكى فامىلە› دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.» (ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2011-يىل نەشرى، 308-309-بەتلەر).
يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلىنغىنىدەك، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدا ئەينى دەۋرنىڭ تەلىپى، ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكى، مىللىي خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان، نىسبىي تۇراقلىق بولغان فامىلىلەرنى قوللانغانلىقى مەلۇم. «قەدىمكى ئۇرۇقچىلىق ئەنئەنىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بۇ فامىلىلەردىن قارىغاندا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئىستېخىيلىك ھالدا فامىلىنىڭ مىللىي خاسلىقىغا، مەنىلىك بولۇشىغا، قىسقا ۋە ئاممىباب بولۇشىغا، رەڭدار ۋە جانلىق بولۇشىغا، مىللىي ئەنئەنىگە ئۇيغۇن ھەم روشەن دەۋر پۇرىقىغا ئىگە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.» («ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى، 88-بەت). ھالبۇكى، بۇنداق فامىلە قوللىنىش پۈتۈن جەمئىيەت خاراكتېرىنى ۋە پۈتۈن مىللەت خاراكتېرىنى ئېلىپ كېتەلمىگەن، ئاۋام خەلق يەنىلا فامىلىسىز ھالەتتە ياشىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز يۇقىرىدا ئېيتقان بىرنەچچە خىل شەكىلدىكى فامىلە شەكىل جەھەتتىن بىرلىككە كەلمىگەن، تۇراقلىق بولمىغاچقا، كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە (يەنى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئازىيىپ، ئاۋام پۇقرالارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ) بۇنداق فامىلە شەكىللىرى بارا-بارا قوللىنىلمايدىغان بولغان. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب شۇكى، بىر تەرەپتىن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۆتمۈشتە قوللانغان فامىلىلەر ئالدى بىلەن تۇراقلىق شەكىلگە ئىگە بولمىغان (بىرلىككە كەلمىگەن)، نىسبەتەن چېچىلاڭغۇ بولغاچقا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ چەكلىك بولغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، فامىلە ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا يىلتىز تارتالمىغان، كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان، پەقەت ھۆكۈمران گۇرۇھلار كۈچىيىپ، جەمئىيەت گۈللىنىپ، يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى كۆپەيگەندە، مەرتىۋىلىكلەر ئاۋۇپ، ئەمەل-مەنسەپ، ئۇنۋان تۈزۈملىرى مۇكەممەللەشكەندە، ھۈنەر-كەسىپلەر راۋاجلىنىپ، بازار ئاۋاتلاشقاندىلا، يۇقىرىدا بىز ئېيتىۋاتقان فامىلىلەر كۆپەيگەن، ھۆكۈمران گۇرۇھلار گۇمران بولۇپ، جەمئىيەت قالايماقانلاشقاندا بولسا، بۇنداق فامىلىلەر بارا-بارا ئازىيىپ كەتكەن ياكى جەمەت لەقەملىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىسمەن ھالدا قوللانغان فامىلىلەر ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ قويغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت گەۋدىسىدىن فامىلىسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئەنە شۇ سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدىن بارلىققا كەلگەن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە فامىلە قوللىنىش دەۋرنىڭ ۋە ھەربىر فامىلىسىز ئۇيغۇرنىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ فامىلىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە تەربىيەلەپ، بۇ خىزمەتنى ئەتراپلىق، پۇختا، قەدەم باسقۇچلۇق قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مەدرىسە مائارىپى باسقۇچىدا، ھۆكۈمدارلار، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە زىيالىيلارنىڭلا جەمەت فامىلىسى بار ئىدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەبچە شەكىلدىكى ئىسىم ۋە فامىلە شەكلى بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئادەتتە تەلەپپۇز قىلىشقا بەكمۇ قولايسىز، پەقەت كىتاب، رىسالە پۈتكەندە، ھۆججەتلەشكەندىلا تولۇق يېزىلىپ ئىشلىتىلەتتى، ئەمما، ئادەتتىكى چاغلاردا بۇ ئىسىم-فامىلىنىڭ قىسقارغان شەكلىلا قولىنىلاتتى.
چىڭگىزخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران ۋە دەشتى قىپچاققا ھۆكۈمران قىلىپ تىكلىگەن ئوغۇللىرىنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاملىشىشى ۋە تۈركلىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ دەۋردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسىم ۋە فامىلىلەر ھەم ئىسلامچە تۈس ئالغان ھەم قەدىمكى ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا راۋاجلىنىشقا باشلىدى. زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ «بابۇرنامە»، مىرزا ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخي رەشىدىي»، مەھمۇد جۇراسنىڭ «تارىخي رەشىدىي زەيلى»، ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تۈرك»، موللا مۇسا سايرامىينىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى بۇ پىكرىمىزنى جانلىق دەلىللەپ بېرىدۇ. مەسىلەن: قاراقۇلاق مىرزا، مىرزا ئەلى تاغاي، مەلىكئەلى باھادىر، مۇھەممەد ئەلى تۈمەن، شەيخ نەزەر ياساۋۇل، شاھ مىرەك قەلەندەر، مۇھەممەد ئېلچى بۇغا، ئەلى دوست بەگ، خۇدابەردى تۇغچى، مۇھەممەد مەزىد تارخان، مىرزا قۇلى كۆكەلداش، ئابدۇلقۇددۇس سەيدى قارا، ئەھمەد قۇشچى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا «ئوغلى»، «قىزى» شەكلىدە كەلگەن ئىسىملارمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىدىكى ئىسىملارنى بىر قۇر تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭدا ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى، ھۈنەر-كەسىپ ناملىرى، مەرتىۋە ناملىرى، شۇنداقلا بەزى لەقەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. دېمەك، مانا بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاتا-بوىلىرىمىز قوللانغان ئىسىم ۋە فامىلىنىڭ جانلىق شەكلىدىن ئىبارەت. ئۆز ئىسمى، ئاتا ئىسمى، مەنسەپ ياكى لەقىمىدىن كېيىن «ئوغلى» ياكى «قىزى» دېگەن ئۇلانمىنى قوشۇپ قوللىنىشمۇ ئازادلىققىچە قوللىنىلغان ئىسىم ۋە فامىلە شەكلىدىن ئىبارەت.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، يەنى 20-30-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىلىرى ئاساسەن، ئەھمەد پازىل ئوغلى، ھەكىمە قۇربان قىزى دېگەن شەكىلدە ئىدى. رايونىمىزدا يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىمۇ ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە شۇ زاماننىڭ تەلىپى بويىچە قىسمەن زىيالىيلار ئارىسىدا ئەرەبچە تۈس ئالغان فامىلە شەكىللىرىدىن ئاتا ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ىي» ياكى «ى» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئاتاش بىرقەدەر ئومۇملاشقان ئىدى. مەسىلەن: ئەخمەتجان قاسىمىي، سەيپىدىن ئەزىزىي، قۇربان سەئىدىي دېگەندەك. بۇ ئەمەلىيەتتە، روسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىلىم-پېنى نىسبەتەن راۋاج تاپقان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تاتارىستاندىكى زىيالىيلار قوللانغان ئىسىم ۋە فامىلە (نەسلى-نەسەپ ياكى ئىسىم-شەرپ) شەكلى بولۇپ، شۇ چاغدىكى مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىقتا بىرقەدەر ئومۇملاشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزىدە قوشۇمچىلارسىزمۇ شۇ شەخس ئىسمىغا ئاتا ئىسمىنى قوشۇش ئارقىلىقلا ئىسىم-فامىلە ياسالغان. مەسىلەن: پەرىدە تۇرسۇن، سۇلتان قۇربان، سەلىم كەرىم، مەجىد ئوسمان، ئىلياس رەھىم دېگەندەك. دەل ئاتا ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ىي» ياكى «ى» قىلىپ يېزىش (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىسىم-شەرپنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىدى) تۈپەيلىدىن، فامىلە مەنىسىنى بېرىدىغان سۆزلىرىمىز بىراقلا قىسقىراپ، كېيىنكى كۈنلەردە بىزنىڭ ئىسىم-فامىلىمىز شەخس ئىسمى ۋە ئاتا ئىسمى بىلەنلا چەكلىنىدىغان، ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. بۇ مەسىلىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ كۆرسەك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەدرىس مائارىپى ئەينى دەۋردىكى زىيالىيلىرىمىز، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى تامامەن ئەرەبچە شەكىلگە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى. دەرۋەقە، موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ نازىمى، ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى قۇسۇرى، ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈف خوتەنى دېگەندەك ئىسىملارنى زامانىۋى مەتبۇئاتلاردا قوللىنىش، ئاتاش، كېنىشكىلارغا يېزىش، جەۋەل توشقۇزۇش قاتارلىقلاردا ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىكلەر ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئاتاش-چاقىرىش ئادىتى، تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە بويسۇنمىغان بۇنداق ئۇزۇن ئىسىم ئەلۋەتتە زامانغا ماسلاشماي قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىراقلا شەخس ئىسمىغا ئاتا ئىسمىنى قوشۇپ «ئىسىم-فامىلە» دەپ ئاتايدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالدى. بۇمۇ دەۋرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ئىدى. ئەمەلىيەتتە، زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىلا فامىلە قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ۋە بىرمۇنچە فامىلىلەر بارلىققا كەلگەن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. لېكىن، بۇنداق قىزغىنلىقنىڭمۇ زىيالىيلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى بولماسلىقى، فامىلە ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن لايىھەنىڭ بولماسلىقى، بىرمۇنچە سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇ ئىشمۇ پەقەت زىيالىيلار ئارىسىدىلا قانات يايغان ئىدى.
30-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە 40-يىللارغا كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر رەسمىي رەۋىشتە رۇسچە شەكىلدىكى فامىلە ۋە ئاتا ئىسىملىرىغا كۆچتى. نەتىجىدە كېيىنكى دەۋرلەردە ئاتا ياكى بوۋا ئىسمىدىن ئوۋ (ئوۋا) قوشۇمچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھاسىل قىلىنغان فامىلىلەر مۇئەييەن ئادەت تۈسىگە كىردى. ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە ياكى ئاتا ئىسمى ياساشنىڭ باشقا بارچە مىللىي-مەھەللىۋىي شەكىللىرىنى رەسمىي رەۋىشتە يېزىش مەنئى قىلىندى. بۇ قائىدىگە پۇقرالىق ھالەتلىرىنى قائىدىلاش ئىدارىلىرى، پاسپورت بۆلۈملىرىدە قەتئىي ئەمەل قىلىندى. نەتىجىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ رەسمىي ناملىرى تېز ئارىدىلا ئۈچ قىسىم (ئىسىم، فامىلە ۋە ئاتا ئىسمى) دىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. مانا بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە رۇسچە شەكىلدىكى ئىسىم-فامىلىلەر غۇلجا، چۆچەك، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە كۆپلەپ بارلىققا كەلدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئىسىم-فامىلىلەر ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەيلى «ىي» ياكى «ى» قوشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئەرەبچە شەكىلدىكى ئىسىم-فامىلە شەكلى بولسۇن ۋە مەيلى «وۋ» (-وۋا) قوشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئىسىم-فامىلە شەكلى بولسۇن، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئومۇملىشالمىدى. دېمەك، بۇنداق فامىلە شەكىللىرى ئۇزاق سىناقتىن ئۆتەلمىدى، دېگەن گەپ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاممىۋىيلاشقان ھەرقانداق نەرسە ئالدى بىلەن تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى، ئومۇمىي مىللىي تۈس ئېلىشى، ئاتاشقا، خاتىرىلەشكە، تۇرمۇشتا قوللىنىشقا ئەپچىل بولۇشى كېرەك، ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى بولىدۇ.
«ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قەدىمدىن تارتىپ ‹ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىي مىللەتلىرىدىن› دەپ تونۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ مۇشۇنداق فامىلىسىز كېتىۋېرىشى، بىر تەرەپتىن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىگە خىلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئىسىم-نەشەبلىك بىر مەدەنىي مىللەت بولۇشىمىزغىمۇ نۇقسان يېتىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۆزىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان بىر فامىلە بەلگىلەپ ئېلىشى تولىمۇ زۆرۈر بىر ئىش بولۇپ قالماقتا. مۇنداق فامىلە ئۈچۈن، بۇرۇنقىدەك قەبىلە ياكى ئۇرۇغ ناملىرىنى ياكى مەشھۇر بوۋىلىرىمىزنىڭ نامىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ، ياكى بەزى تۈركىي تىلدىكى مىللەتلەر قوللانغاندەك، ئۆزىمىز مۇۋاپىق كۆرگەن بىرەر نامنى فامىلە قىلىپ ئېلىپ شۇنى جەمەتىمىزنىڭ تۇراقلىق فامىلىسى قىلساقمۇ بولىدۇ.
فامىلىنىڭ ئاخىرىغا ‹ئوغلى› ياكى ‹قىزى› دېگەن سۆزنى قوشۇپ ئىشلىتىشمۇ بەزى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە رەسمىيلەشكەن (مەسىلەن، ئازەرلەردە) بولۇپ، بۇ پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر خىل فامىلە شەكلى. ھېچقانداق قوشۇمچە ئىشلەتمەي ئۆزىمىز لايىق كۆرگەن بىر نامنىڭ ئۆزىنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشمۇ بىرقەدەر ئىخچام فامىلە شەكلى بولالايدۇ.» («ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى، 653-654-بەتلەر).
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئەجداد روھىغا چۆككەن، بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، تىل ئادىتىمىز ۋە ئەنئەنىمىزگە ماس كېلىدىغان، ئاتاش-چاقىرىشقا غەيرىي ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان ناملاردىن تاللاپ فامىلە قوللىنىش، خاسلىقنى يارىتىش، قېرىنداش تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياخشى ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، فامىلىنىڭ قىسقا، ئىخچام بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاتا-بوۋىلىرىمىزدا «ئادەم يەتتە ئەۋلادىنى بىلىشى كېرەك» دېگەن گەپ بار. شۇنداق ئىكەن، فامىلە جەمەتنى ئىپادىلەش، ئەۋلادنى بىلىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت دۇنياغا كېلىپ، نوپۇسقا ئېلىنىدىغان مەزگىلدە، شۇ ئائىلىدىكىلەر ئورتاق مەسلىھەت بىلەن بىرلىككە كەلگەن فامىلىنى قوشۇپ ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پەرزەنت ئىسمى، ئاتا ئىسمى ۋە فامىلە بىرىككەن ھالدا يېزىلسا تولۇق يېزىلغان بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق يېزىش بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىدىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى پەرزەنت ئىسمى بىلەن فامىلىنى ئالدۇرۇش كېرەك. چۈنكى، ھازىرقى تەلەپ بويىچە بولغاندا، كىملىك ئىشلەش، نوپۇسقا ئېلىش ئىشلىرىدا ئىسىمنىڭ خەنزۇچىسىنىمۇ بىرلىكتە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىسىم، ئاتا ئىسمى ۋە فامىلىنى بىرلەشتۈرۈپ يازغاندا ئۇنىڭ خەنزۇچىسى بەكمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغىمۇ سىغماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىسىم ۋە فامىلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تۇغۇلغانلىق گۇۋاھنامىلىرىدە، پاسپورتلار ۋە باشقا خىل رەسمىي ھۆججەتلەردە ئەنئەنىۋىي شەكىللەردە رەسمىيلەشكەن ياكى خاتا يېزىلغان ئىسىم-شەرىپلەر خېلى بار. بۇنداق ھۆججەتلەرنىڭ ئىگىلىرى ئىچىدە ھازىر بۇ نۇقسانلارنى تۈزىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنلەرمۇ خېلى بار. پۇقرالارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى خاھىشلىرىنى (ئەگەر ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسا) بەجا كەلتۈرۈش زۆرۈر. لېكىن بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئىلگىرى ئەنئەنەۋىي شەكىللەردە ياسالغان ۋە يېزىلىپ قالغان فامىلە ۋە ئاتا ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىش شەكلىنى تامامەن ئۆزگەرتىش ياكى باشقا شەكىللەردە قايتىدىن ياساش مەسىلىسى رەسمىي ھوقۇقىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەر ۋە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەر بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، خەلقىمىز ئارىسىدا فامىلە شەكلىدە ياسىلىپ تۇراقلاشقان ۋە يېزىلىپ قالغان فامىلە ۋە ئاتا ئىسىملىرى ھۆججەتلەردە ئۆز شەكلىدە قېلىۋەرگىنى ياخشى. فامىلە ۋە ئاتا ئىسىملىرىنى يېڭى شەكىللەردە يېزىش ئىشىنى ئەمدى تۇغۇلۇۋاتقان ياش ئەۋلادلارنىڭ ناملىرىدىن باشلاش مەقسەتكە مۇۋاپىق.
ئىسىم-شەرىپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى كۆپ جەھەتتىن نوپۇس ئورۇنلىرى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى ۋە پاسپورت بۆلۈملىرىدە ناملارنى رەسمىي ھۆججەتلەردە قەيت قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىك خىزمىتى ۋە ئىملاۋىي سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار پۇقرالارنىڭ ئىسىم-شەرىپلىرىنى قەيت قىلىش ۋە توغرا يېزىشتا ئاقىلانە ئىش قىلىشى، ئۆز شەخسىي مۇلاھىزىلىرىگە ياكى خاتا مەلۇماتلارغا يېپىشىۋالماسلىقى لازىم. پۇقرالارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىستەكلىرى، ئىلتىماس ۋە تەلەپلىرىگە ئېتىبارلىق بولۇش ۋە تىل ھوقۇقى جەھەتتىن توغرا ئىش تۇتۇش كېرەك.

ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياراتقان ئانا تىلىمىز ھەر بىر دەۋردە ئۆزىگە خاس يادىكارلىقلارنى، بۈيۈك ئەسەرلەنى قالدۇرۇپ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ كەلمەكتە. بىز كۆكتۈركلەر ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تىكلەنگەن مەڭگۈتاش يارىكارلىقلىرىغا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يارىتىلغان تۈرلۈك مول ۋە رەڭگا-رەڭ يادىكارلىقلارغا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قامۇسىي ئەسىرى بولغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»كە، بۈيۈك دىداكتىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»كە، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىگە ۋە كېيىنكى چاغاتاي ئەدەبىياتى دەۋرىگە ئائىت تۈرلۈك-تۈمەن يادىكارلىقلارغا، «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»گە، «بابۇرنامە»گە، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»كە قارايدىغان بولساق، تىلىمىزنىڭ شۇنچە پاساھەتلىك، ئەۋرىشىم، يېقىملىق، كۆپ مەنىلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق، باشقا تىللاردا تېپىلمايدىغان بىرمۇنچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. مەھمۇد كاشغەرىي تىلىمىزنى ئۆز ئەسىرىدە ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىگە چۈشكەن ئاتتەك» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، ئەلىشىر نەۋايى بۇ تىلنى پارس تىلىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، «ھۈنەر تىلى» (پاساھەتتە تەڭداشسىز، تىل سەنئىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان) دەپ ئاتىغان. بۇ بۈيۈكلىرىمىز ئانا تىلىدىن ئەنە شۇنداق سۆيۈنگەن، ئانا تىلىنى ئەنە شۇنداق سۆيگەن، قەدىرلىگەن، ئانا تىلى ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشتىن باش تارتمىغان.
چىڭ سۇلالىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خېلى بىر مەزگىلگىچە نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، مانا بۇ دەۋردە بىر تۈركۈم زىيالىيلار ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىلىمدە كامالەت تاپقان، ئۆزلىرىگە خاس ئۇسۇل بىلەن دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە «مىڭ بىر كېچە»، «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «قابۇسنامە»گە ئوخشاش ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئانا تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقىنى زور دەرىجىدە جارىي قىلدۇرغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئىجتىھاتلىق زىيالىيلار خاننىڭ پەرمانى بويىچە بېيجىڭغا بېرىپ، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»نى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئەنە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ساقلاپ قالغان.
دېمەك، ئانا تىلىمىز يىراق ئۆتمۈشتىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ھەم يېزىقتا ھەم ئاۋام تىلىدا داۋاملىشىپ كەلدى. مەيلى ھۈنەر-كەسىپ، پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى بولسۇن ۋە مەيلى باشقا ساھەدىكى تىل ئىمكانىيەتلىرىدە بولسۇن، تىلىمىز بۇنىڭغا تولۇق شەرت ۋە ئىقتىدار ھازىرلىغان، دەپ ئېيتساق ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
بىز يۇقىرىدا ئېيتىۋاتقان فامىلە نەسىل-نەسەب بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ، بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئارىدىن قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىسۇن، بىزنىڭ بۇ بەلگىمىز ۋە نامىمىز ھەرگىز ئۆچۈپ قالمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز فامىلە تاللىغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم ئەجداد روھىغا چۆككەن، يىلتىزىمىزنى ئېچىپ بېرەلەيدىغان، بىزگىلا خاس بولغان، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ساپ ئۇيغۇرچە ئۆرنەكلەرنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك. «مەشھۇر تۈركولوگ گابائىن خانىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئىجابىي تەكلىپلەرنى بەرگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر گېرمانىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا ئۇنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇ يازغۇچىدىن: ‹سىلەر فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟› دەپ سورىغان. زوردۇن سابىر: ‹بەزىلەر بۇ ھەقتە ھازىر ئىزدىنىۋاتىدۇ› دېگەندە، خانىم بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولغان ھەمدە: ‹بۇ بەك ياخشى بوپتۇ، سىز ئۇلارغا مېنىڭ تەكلىپىمنى يەتكۈزۈڭ، ئەڭ ياخشىسى سىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئۆزۈڭلارغا ئىسىم ياكى فامىلە قىلىپ قوللىنىڭلار. بۇ ئىسىملارنى قەدىمكى يادىكارلىقلاردىن ھەرقانداق چاغدا تاپالايسىلەر، ئۇ قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك تاپالايسىلەر› دېگەن» (مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى: «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1998-يىل نەشرى، 82-بەت). گابائىن خانىمنىڭ بىزنى ئىسىم ۋە فامىلە قوللانغاندا قەدىمكى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئېيتىشى، بىر جەھەتتىن، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر قىزىقىپ تەتقىقات قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىققا بولغان مۇھەببىتىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، قەدىمكى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ ھەقىقەتەن موللۇقىدىن، ئۇنىڭدىن قانچىلىك پايدىلانساقمۇ ئەرزىيدىغانلىقىدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ. بىز يۇقىرىدا نامىنى تىلغا ئالغان تىل يادىكارلىقلىرىمىزغا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق، ئۇلاردا خاتىرىلەنگەن تىل بايلىقىنىڭ ھەقىقەتەن ھەددى-ھېسابسىزلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ فامىلە تاللاشتا بىرىنچى بولۇپ تاللىشىمىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ياكى ھازىرمۇ كەڭ-كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتقان ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر بولۇشى كېرەك.
ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئۆرنەك قىلىپ فامىلە قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايتىى زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇنچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
بىرىنچى، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ فامىلە قوللانغاندا، ئۆزىمىزگە بولغان خاسلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر پەقەت بىزگىلا تەۋە، بىزگە ئەڭ چۈشىنىشلىك ۋە بىزنىڭ تىل ئادىتىمىز، خاراكتېرىمىز، روھىيىتىمىزنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىلگىرى بەزى زىيالىيلار قوللانغان رۇسچە «-وۋ، -وۋا» ياكى ئەرەبچە «ئي» قوشۇلغان فامىلە شەكىللىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇنداق فامىلىلەردىن بىز ئۇيغۇرغا خاس پۇراقنى ھېس قىلالمايمىز. بۇ شەكىلدىكى فامىلىنىڭ قوللىنىلغىنىغا يۈز يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خەلقىزگە ئومۇملىشالماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ ئەنە شۇ بولسا كېرەك. لېكىن ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن فامىلە قوللانساق، مەيلى تىل نۇقتىسىدىن بولسۇن ۋە مەيلى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئەنئەنە نۇقتىسىدىن ۋە مەيلى مىللىي پىسىخىكا نۇقتىسىدىن بولسۇن، خەلقىمىز بۇنداق فامىلىلەرنى تېز ئارىدىلا قوبۇل قىلىپ كېتەلەيدۇ.
ئىككىنچى، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن فامىلە قوللانغاندا، ئەجداد روھىغا چۆككىلى، بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىگە ئوڭۇشلۇق ۋارىسلىق قىلغىلى، ئەۋلادلارنى ئەجداد روھىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بىز ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ فامىلە قوللانساق، تىلىمىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرغىلى، تارىختا نام قالدۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نامىنى ھەرۋاقىت يادلاپ تۇرغىلى، ئۇلار قوللانغان دەرىجە-ئەمەل ۋە ئۇنۋانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى، كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى، ئۆزىمىزگە خاس مىللىي روھنى جەۋلان قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىز قەدىمدە ۋە ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن قانچە كۆپ پايدىلانساق، ئەجدادلارنىڭ روھىغا شۇنچە كۆپ ۋارىسلىق قىلغان، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچىمىزنى ئاشۇرغان ۋە ئۆزىمىزگە ناھايىتى كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى ياراتقان بولىمىز.
ئۈچىنچى، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ فامىلە قوللانساق، كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ، فامىلىمىزنىڭ تەلەپپۇزى ھەرگىز ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بەزى ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارنىڭ ئاتاش-چاقىرىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كېتىشى، بەزىلىرىنىڭ ئەسلىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىشى، بۇ ئىسىملارنىڭ ئەسلىدە تىلىمىزنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، شۇڭا ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تىلىمىزنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۆز باغرىمىزدىن كۆكلەپ چىققان، تىلىىمزنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بولغاچقا، ئۇنىڭدا بۇنداق ئەھۋال ھەرگىز كۆرۈلمەيدۇ. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ياسالغان فامىلە قوللىنىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۆتىنچى، تىلىمىز بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىمىز بولغانىكەن، بۇ تىلدا ياسالغان فامىلىمۇ ئەنە شۇنداق بەلگىمىز بولۇپ قالىدۇ. بىز ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن فامىلە قوللانساق، ئەسلىمىزنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپمۇ، ئىسىم-فامىلىمىز ئارقىلىقلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، فامىلىسى باشقا تىللارغا (ئەرەبچە ياكى پارسچىغا) مەنسۇپ بولغان كىشىلەر بۇنداق بەلگىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەرەبچە ئىسىملار پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئورتاقتۇر، پارسچە ئىسىملار بولسا پۈتۈن تۈركىي تىللىق خەلقلەر، پارس-تاجىك، ئافغان ۋە ئوردۇ تىللىق خەلقلەرگە ئورتاقتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئالاقە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ قالماقتا. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن فامىلە قوللىنىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
بەشىنچى، پەقەت ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرلا فامىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. فامىلە دېگەن نېمە؟ ئۇ نەسلى-نەسەب بەلگىسى، يەنى يىلتىز دېگەنلىكتۇر. بىز يىلتىزىمىزنى ئەلۋەتتە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قوللانغان، بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن، ئۆزىمىزگىلا خاس بولغان تىل ئۆرنەكلىرىدىن تاپالايمىز. باشقا تىللارغا خاس بولغان سۆزلەر قانداقمۇ بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىسۇن؟
گەپنىڭ قىسقىسى، بىز چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن فامىلە قوللىنىشىمىز، بۇنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزنى، كىشىلىرىمىزنى مانا مۇشۇ روھتا، كۆزقاراشتا تەربىيەلىشىمىز، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ياسالغان فامىلىنىڭ خەلقىىمز ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ھەر بىرىمىز بىر كىشىلىكتىن ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك. ئەنە شۇنداق بولغاندىلا، نەسەپ بەگىسى بولغان فامىلە خەلقىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا بۇ بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگىمىز بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مۇتەخەسسىس، تىلشۇناسلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز ئاز كەم 20 يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ھېلىھەم بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار كۈنسېرى كۆپىيىپ، فامىلە قوللىنىش خەلقىمىزنىڭ كۈچلۈك ساداسىغا، تەلىپىگە ئايلىنىپ كەتتى. فامىلە ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ بارغانچە كونكرېتلىشىپ، كىشىلىرىمىز ئاساسەن قوبۇل قىلالايدىغان لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە فامىلە قوللىنىشنىڭ بارلىق تاشقى ئامىللىرى ھازىرلاندى، ئەمدى پەقەت فامىلىنى خەلقىمىزگە ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىلا قالدى.
ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتىغا باشتىن-ئاخىر قاتناشقان تىلشۇناسىمىز پەرھات جىلان ئەپەندى 2001-يىلى مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئەينى چاغدا فامىلە ئۆلچىمى ھەققىدە پىكىردە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ فامىلە تاللاشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك مەنبە كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1. كىشى ئىسىملىرى. ئاتىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ، ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ياكى ئۆز جەمەتى ئىچىدىكى ئۆزى خالىغان بىر زاتنىڭ ئىسمىنى فامىىلە قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرت شۇكى، فامىلە قىلىپ تاللانغان ئىسىم ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۆزگەرمەي داۋاملىشىشى كېرەك.
2. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىسىملار ۋە ئەمەل ناملىرى. مەسىلەن، ئىلتەمۈر، قۇتادمىش، بارمان، تارخان، سانغۇن، قاراخان، ئىلىكخان، ئىدىقۇت دىگەندەكلەرنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ.
3. ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۇرگەن قەدىمكى ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى. مەسىلەن، قارلۇق، ياغما، ياغلاقار، چارۇق، ئادىز، باسىمىل، ئوغۇز دېگەندەكلەرنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ.
4. قەدىمكى ۋە ھازىرقى جۇغراپىيەلىك ناملارنى، يەرناملىرى، مەسىلەن، دەريا، كۆل، تاغ، تەڭرىتاغ، خانتەڭرى، تارىم، تەكلىماكان، ئۇدۇن، كۈسەن، چانبالىق دىگەندەكلەرنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ.
5. دەل-دەرەخ ۋە تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناملىرى. مەسىلەن، چىنار، سۇۋادان، قارىغاي، ئارچا، توغراق، يۇلغۇن دىگەندەكلەرنى فامىلە قىللىشقا بولىدۇ.
6. لەقەم. ئۇيغۇرچە نام-ئاتاق سىستىمىسى ئىچىدە لەقەملەر خېلى كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ خوتەن، قۇمۇل قاتارلىق يۇرتلاردا جەمەت لەقىمى ئوموملاشقان بولۇپ، مۇئەييەن جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق لەقىمى بىلەن ئاتىلىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان تۇراقلىق فامىلىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا، مۇۋاپىق لەقەمنى تەگئات قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
7. تەخەللۇسلار. تەخەللۇس قوللانغانلار ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئاتا بوۋىلىرىنىڭ تەخەللۇسىنى فامىلە قىلىپ بىكىتىشكە بولىدۇ.
8. يېڭىچە ياسالما فامىلىلەر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدىكى سۆزلەردىن پايدىلىنىپ يىڭىچە تەگئات ( فامىلە ) ياساپ قوللىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەلقۇت، قۇتيار، بۆرەيار، ئەركال (ئەرك+ئال)، پاكزات…
9. سۈپەت سۆزلەرنى تەگئات ( فامىلە ) قىلىسقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكۈر، سۈزۈك، يارقىن، تاسقىن، ئاقىل، قابىل… (پەرھات مەمتىلى جىلان: «ئۇيغۇرلاردىكى فامىلە مەسىلىسى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانى).
مانا بۇ لايىھە ئاساسىي جەھەتتىن ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان، ئەنئەنىمىز ۋە مىللىي روھىمىزغا ماس كەلگەن، كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ تۈزۈلگەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر. لېكىن، شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، بۇ لايىھەنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدىكى «ئاتىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ، ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ياكى ئۆز جەمەتى ئىچىدىكى ئۆزى خالىغان بىر زاتنىڭ ئىسمىنى فامىىلە قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرت شۇكى، فامىلە قىلىپ تاللانغان ئىسىم ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۆزگەرمەي داۋاملىشىشى كېرەك» دېگەن ئۆلچەمنى مېنىڭچە كىشىلەرگە كەڭرەك چۈشەندۈرۈش لازىم. بۇ ئۆلچەم بويىچە بولغاندا كىشىلەر فامىلە دېسە، دەرھال ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئىسمى يادىغا كەلتۈرىدۇ-دە. شۇنى فامىلە قىلىشقا ئالدىرايدۇ. چۈنكى، بىزدە يەتتە جەمەتىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقىمىز ئارىسىدا بوۋىسىنىڭ نامىنىڭ يادلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمىنى نەۋرىسىگە قويىدىغان ئەھۋال ناھايىتى قويۇق ساقلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، «ئاتىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قويۇشقا بولىدۇ» دېگەن سۆز ئاددىي خەلق ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان، ئەمما بۇ خىل شەكىل بىز ئېيتىۋاتقان فامىلىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى ھەرگىز ئېچىپ بېرەلمەيدىغان ئېغىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەد تۇرسۇن ئەھمەد، ئەھمەد تۇرسۇن مۇھەممەد… دېگەندەك، بالا بىلەن ئاتا ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتالمىش «فامىلە» دەپ ئاتالغان يەنە بىر ئىسىم قوشۇلىدىغان بولسا، جەمئىيەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان «ئۈچ ئىسىملىكلەر مەسىلىسى»نى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئۇزۇن ئىسىمنى ئاتاشمۇ، يېزىشمۇ ئىنتايىن قولايسىز. ھازىر گېزىت-ژۇرنال، رادىئيو-تېلېۋىزورلاردا بەزى ئۈچ ئىسىملىكلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ قېلىشىمۇ، «بوۋىسىنىڭ نامىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى» ياكى «بوۋىسىنى دائىم يادلاپ تۇرۇش» ئېھتىياجىدىن قويۇلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇ ئىش كۆپىيىپ كەتسە ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قوللىنىش ھەرگىز فامىلە تۈسىنى ئالمىغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە ناھايىتى زور ئەكسىچە ئۈنۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، ئەينى چاغدىكى مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسى يەنە كىشىلەرنى «فامىلە مەنبەسى توغرىسىدا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش، ئەمما بۇنى قائىدىلەشتۈرۈپ بىكىتمەسلىك، فامىلە تاللاشنى ھەربىر شەخىسنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇش»نى ئوتتۇرىغا قويغان.
پەرھات جىلان يەنە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «فامىلە شەكلى توغرىسىدا شۇنى ئىيتىش كىرەككى ، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆز فامىلىسىدە ئەرەپچە ياكى رۇسچە گىرامماتىكىلىق شەكىللەرنى قوللانغان. مەسىلەن، بىرىنچىسى، فامىلىگە ئەرەبچە (ى) قوشۇمچىسىنى ئۇلاش، يەنى‹ئەزىزى،ئەھمەدى› دېگەندەك؛ ئىككىنچىسى، رۇسچە ‹-وف،-ېف-ىن› قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاش. يەنى، «ئابباسوف، ئېلىيىف، ئابدۇللىن› دىگەندەك. بىز بۇ مەسىلىدە ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالغا ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن فامىلىگە ھىچقانداق قوشۇمچە قوشماسلىق پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلدۇق.
2001-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر نەسىردىن مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرستېتىدا دۆلەت مىللىي ئىشلار كومتىتى، مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى، مەركىزىي تەرجىمانلار ئىدارىسى، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنللىنىدىغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىس-ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىردەك مۇنداق تونۇشقا كەلدى: ئۇيغۇر كشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق فامىلە قوللىنىش ئىنتايىن مۇھىم. فامىلە قوللىنىشتا نەچچە مىڭ يىللىق ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش كىرەك. كىشى ئىسمى ئالدىدا، فامىلە كەينىدە بولۇش، بىر جەمەتتە بىرلا تۇراقلىق فامىلە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، «شەخىسنىڭ ئىسمى + ئاتىسىنىڭ ئىسمى + فامىلە» شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، فامىلىنىڭ تەكرارلىنىش ھادىسىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تەكلىپ بېرىپ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى ھۆكۈمەت چىڭ تۇتۇشى، قانۇن تۈزۈپ، شۇ قانۇن بويىچە ئەمەلىلەشتۈرۈشى كېرەك. 2002 -يىلى 3-، 4-ئايلاردا ‹يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى›نىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈنۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى. شۇ جەرياندا يېتەكچىلىك قىلىش گورۇپپىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر مەخسۇس تىلىۋىزىيە پروگىراممىسىدا فامىلە ھەققىدە ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
……
بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، بىزدىكى فامىلە تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم نوقتىسى كىشلەرگە فامىلە مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز تۈزگەن لاھىيەدە كۆرسىتىلگەن فامىلە مەنبەلىرى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىردىكى كىتابىدا كۆرسىتىلگەن مەنبەلەر مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ. ھەرقايسى ئىلمىي سورۇنلاردىكى مۇھاكىمىلەردە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوقتىدا بىر قەدەر كۆپرەك مۇنازىرە بولدى:
1. بىر قىسم مۇتەخەسىسىسلەر ئىسىم- فامىلىنىڭ ئىخچام بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەخسنىڭ ئىسىمدىن كېيىنلا فامىلە كېلىش قۇرۇلمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاھالەنكى، بۇنداق بولغاندا، ئاتا ئىسمى قاتاردىن چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق قۇرۇلمىنى كۆپچىلىك قوبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس. بىزنىڭ ئىسىم-فامىلە قوللىنىش ئەنئەنىمىزدە ئاتا ئىسمى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر تەركىب ھېسابلىندۇ. شۇڭا، «شەخسىنىڭ ئىسمى+ئاتا ئىسمى+فامىلە» قۇرۇلمىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدۇر. زۆرۈر بولغاندا بۇ خىل تولۇق شەكىلنى قىسقارتىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسلەن، «غەيرەت ئابدۇللا كالدىر» دېگەن ئۈچ تەركىبلىك شەكىلنى «غەيرەت كالدىر» ياكى«غ.ئا. كالدىر» دەپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.
2. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسىسىسلەر ئايال كىشى ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىش كېرەك، دېگەن پىكىرنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ تولىسى بولۇپمۇ ئايال مۇتەخەسىسىسلەر بۇ تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمىدى. ئاخىرى، فامىلە قوللىنىشتا ئەر-ئايال باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى قوبۇل قىلىندى. يىگىت-قىز توي قىلىپ بىر ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز جەمەتىنىڭ فامىلىسىگە ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن ئايال ئەر تەرەپنىڭ، ئەر ئايال تەرەپنىڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا ياكى ئانا تەرەپنىڭ فامىلىسىنى تاللاپ قوللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
3. بەزىلەر فامىلە چوقۇم ئۆزىگە خاس شەكىلگە ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى ۋە پارىسچە-ئەرەبچە فامىلە قوشۇمچىسى «ى» نى قوللىنىشنى (ئەزىزى، ئەھمەدى دېگەندەك) تەۋسىيە قىلدى. بىز فامىلىگە ھېچقانداق قوشۇمچە قوشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولساقمۇ، يەنىلا بۇنى فامىلە ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قالدۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.» (پەرھات مەمتىلى جىلان: «ئۇيغۇرلاردىكى فامىلە مەسىلىسى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانى).
يۇقىرىدا خەلقىمىزنىڭ فامىلىلىك مىللەت بولۇش ھەققىدە مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. قىسقىسى، بىز قوللانغان فامىلە ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە بولۇشى، يەنى، ئۇ ھەر بىر جەمەتنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان جەمەت بەلگىسى بولۇشى، يىلتىزىنى ئېچىپ بېرەلىشى كېرەك، ئەنە شۇنداق بولغاندىلا، ئۆز ئەنئەنىمىزگە ماس ھالدا فامىلە قوللانغان ۋە ئۇنى ھەقىقىي يوسۇندا داۋاملاشتۇرغان بولىمىز. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان فامىلە شەكلى بويىچە بولغاندا، بىزنىڭ ئىسىم-فامىلىمىز «ئۆز ئىسمى + ئاتا ئىسمى + فامىلە» شەكلىدە بولۇشى كېرەك. بۇنداق ئۈچ نامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسىم-فامىلىنى ئاتاش ۋە خاتىرىلەش بەزىدە يەنە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە ئۆز ئىسمىغا فامىلىنى قوشۇپ ئاتاش يولىنىمۇ تۇتماي بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش ئاتاش-چاقىرىشقا ۋە خاتىرىلەشكە، جەدۋەل تولدۇرۇشقا نۇرغۇن ئوڭايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا «ئۆز ئىسمى + ئاتا ئىسمى + فامىلە» شەكلىنى قوللانسا، يەنىلا مەقسەتكە مۇۋاپىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلىرىمىز فامىلىنى بەك زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرگىز «بوۋا» ئىسمىدىن ئىزدىمەسلىكى، بەلكى ئالدى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە ناملار، لەقەملەر (ئىجابىي مەنىدىكى لەقەملەر)، ھۈنەر-كەسىپ ناملىرى، ئۇرۇق-قەبىلە ناملىرى، ھەر خىل سۈپەت سۆزلىرىدىن ئىزدىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، بىز دەۋاتقان ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتقان فامىلە قوللىنىشقا لايىقلاشقان ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولىمىز.
مەلۇمكى، ھازىر كىشىلەرنىڭ فامىلىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى ھەر خىل، شۇڭا فامىلە تاللاشتا، قانداق نامنى فامىلە قىلىپ بېكىتىشتە كىشىلەر يولۇقىدىغان مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن زىيالىيلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، فامىلە جەھەتتە چۈشەنچىسى چوڭقۇر كىشىلەر باشقىلارغا بۇ جەھەتتە خالىس ياردەمدە بولۇشى، فامىلە قوللىنىشقا ھېرىسمەن، قىزغىنلىقى يۇقىرى كىشىلەر بىلىملىك كىشىلەردىن كۆپرەك مەسلىھەت سورىشى ۋە شۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان فامىلە تاللاپ قوللىنىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
نۇرغۇن پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق بىر مەملىكەتتە فامىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانداقتۇر ئاۋام خەلقنىڭ رايى، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ئەمەس، بەلكى شۇ خەلق، شۇ دۆلەتكە ماس كېلىدىغان فامىلە ئەنئەنىسى ئاساس قىلىنىپ، ئەپچىل بىر لايىھە ھازىرلانغان، خەلق ئارىسىغا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان، خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ئاندىن ھۆكۈمدارلار مەمۇرىي بۇيرۇق ۋاسىتىسى بىلەن بىرقانچە يىل سەرپ قىلىپ فامىلىنى ئومۇملاشتۇرغان. يېقىنقى زامانغىچە پەقەت يۇقىرى قاتلاملىرىدىلا فامىلە مەۋجۇت بولغان، ئەمما ئاۋامدا فامىلە بولمىغان ياپونىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ فامىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن فامىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى جەم قىلىپ، ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان فامىلە لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، قايتا-قايتا تۈزىتىش ئارقىلىق بۇ لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ئاخىردا مەمۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق فامىلىنى تېز سۈئەتتىلا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن. «دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ فامىلە قوللىنىشنى يولغا قويۇش تەجرىبىسى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، بىر مىللەتتە ئومۇميۈزلۈك فامىلە قوللىنىش مۇئەييەن مەمۇرىي پەرمانسىز ئىشقا ئاشمايدۇ. ھالبۇكى، ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت گۈللىنىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك فامىلە قوللىنىشتىن ئىبارەت بۇ زور ئىشى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىزنىڭ ئېنىق بېكىتمە چىقىرىشى بىلەن پات پۇرسەتتە ئەمەلگە ئاشقۇسى.» (ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2011-يىل نەشرى 309-310-بەتلەر).
فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەر، تالاش-تارتىشلارمۇ كۆپەيمەكتە، ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا ئىزدىنىشلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، فامىلىنىڭ دائىرىسى، شەكلى، فامىلە قىلىپ قوللىنىلغان نامنىڭ ئىسىمنىڭ ئالدىغا ياكى ئارقىغا كېلىش مەسىلىلىرىدە تالاش-تارتىش يەنىلا مەۋجۇت. بۇ تالاش-تارتىشلاردا بەزىلەر بىر نۇقتىغىلا ئېسىلىۋېلىپ ئوبيىكتىپ ئەمەلىيەتكە نەزەر سالمىغانلىقى، بىرتەرەپلىمىلكتىن خالىي بولالماي، بەزى ئىش ۋە ئادەملەرگە نىسبەتەن ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن خاتالىقلارغا يول قويدى، بۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ساھەگە قىزىقىۋاتقان، فامىلىگە نىسبەتەن قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان نۇرغۇن كىشىمۇ قايمۇقۇپ كېتىپ، بۇنىڭدىن بىزار بولىدىغان، ئىچى پۇشىدىغان ھالغا يېتىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز خەلقىمىزنى فامىلىسىزلىك ئاسارىتىدىن تېزرەك قۇتۇلدۇرىمىز، بۇ ئىشنى تېز تاماملايمىز دەيدىكەنمىز، ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىپ، ئۈنۈملۈك، ئەلگە نەپ بېرىدىغان ئىشلارغا زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ تىلچىلىرىمىز، مۇتەخەسسىسلىرىمىز فامىلىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئاللىقاچان خېلى مۇكەممەل، خەلقىمىز قوبۇل قىلالىغۇدەك، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولدى، شۇنداق ئىكەن، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە توختىلىشنىڭ، يەنە فامىلىنىڭ قۇرۇلمىسى، مەزمۇنى مۇنداق-مۇنداق… بولۇشى كېرەك، فامىلە قىلىنغان نام ئىسىمنىڭ ئالدىغا كېلىشى كېرەك، ئوتتۇرىغا كېلىشى كېرەك، دەپ بىلجىرلاشنىڭ پايدىسى يوق، بۇنداق قىلىش كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش، فامىلىگە بولغان قىزغىنلىقىدىن رايىنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە خەلقىمىزنى تېزرەك فامىلىگە ئىگە قىلىش بولغانىكەن، بىز ئەمدى مانا مۇشۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىمكانىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز، باش قاتۇرۇشىمىز، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن، قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىشتىن ساقلىنىشىمىز، فامىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىر ئامال قىلىپ ھەممە كىشىگە ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز، فامىلە قوللىنىشنى ھەقىقىي تۈردە ئومۇم خەلقنىڭ ساداسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز، مۇشۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىنى ۋە ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەنبە: «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق كىتاب

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn2Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش