ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » مەشھۇر تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانغا تەزىيە

مەشھۇر تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانغا تەزىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

مەشھۇر تىلشۇناس، نەۋايىشۇناس، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «چاھار دىۋان»، «دىۋانى گومىنام»، «قۇتادغۇ بىلىگ» (پەرغانە نۇسخىسى) قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە نەشرگە تەييارلىغۇچىسى، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكىتى»، «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يېڭىدىن بايقالغان غەزەللىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ھەققىدە» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ بىرلەشمە مۇئەللىپى، خەلقئاراغا تونۇلغان داڭلىق تىلشۇناسىمىز مىرسۇلتان ئوسمان 1- دىكابىر 89 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈرگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ۋاپاتىغا بولغان تەزىيەلىرىنى تۇشمۇ-تۇشتىن بىلدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتچىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاشتى.

پېشقەدەم تىلشۇناش مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرى تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلىشىش-ئۆلچەملىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلار نامىدىن پېشقەدەم تىلشۇناش مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنى ھۆرمەت بىلەن چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىگە جەننەت تىلەش بىلەن بىرگە، قالدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىكە ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى كىم؟

مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇ 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە قاراشلىق ئاقكەنت يېزىسىدا تۇغۇلغان . 1932-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە غۇلجا ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەلگەن، 1935-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك «ئايدىڭ» باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1943-يىلى غۇلجا گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەن. 1945-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە نابۇرچىك ۋە كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە، سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇغان. بىر يىلدىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىپ، تىل فاكۇلتېتىدىكى ئىككى قارار خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئومۇمىي تىلشۇناسلىقى بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش، ئانا تىلىنى يېڭىۋاشتىن سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىستىكى قوزغالغان. مىرسۇلتان ئوسمان مۇشۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت ئۆمىكىنىڭ 6-ئەترىتىگە قاتنىشىپ، 1955-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە، 1956-يىلى كۈز ھەم قىش خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرىنى تەكشۈرگەن.

مىرسۇلتان ئوسمان 1957-يىلى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كېلىپ، 1965-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئومۇمىي تىلشۇناسلىق دەرسلىرىنى ئۆتكەن. ئۇ بۇ جەرياندىمۇ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى جانلىق تىلنى تەكشۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 1960-يىلى يازدا لوپنۇرنىڭ مىرسالى، چارا، كۆزلەك، تىكەنلىك ۋە مىرەن يېزىلىرىدا، 1962-يىلى تۇرپان ھەم ئۈرۈمچىلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرىنى تەكشۈرگەن. مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى 1964-يىلى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىنغان.

مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1965-يىلىدىن تاكى 1978-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ مەزگىلدە، 1965-يىلى يازدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، قەشقەر ھەم خوتەندە نەخ مەيدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1967-يىلى ياز ۋە كۈزدە، قازاق تىلى بويىچە ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن رايونىدا، ئالتاي، كۈنەسنىڭ يايلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان دالا تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىپ، بىر مۇنچە تىل ماتېرىيالى يىغقان.

1978-يىلى 10-ئايدا تيەنجىندە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك تارىخشۇناسلىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھەم خەن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش، سسىتېمىلىق بىر «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابىنى يېزىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەملىكەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات پىلانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. بۇ تېما تەبىئىي ھالدا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان. 1979-يىلى، مىرسۇلتان ئوسماننىڭ خىزمىتى مۇشۇ ئاكادىمىيىنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. بۇ ئورۇن ئانا تىلغا ئاشىق ھەر بىر خادىم ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك مەرىپەت سورۇنى ئىدى. مىرسۇلتان ئوسمان شۇنىڭدىن باشلاپ ئېنسىكلوپېدىيىلىك نادىر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلاش تېما گۇرۇپپىسىدا باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ توملۇق بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ 2- ۋە 3-توملىرىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىش-نەشىرگە تەييارلاش جەريانى، ئەمەلىيەتتە، ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىش ھەم جانلىق تىلنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش جەريانى بولدى. مىرسۇلتان ئوسمان ئۇستاز ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن 1980-يىلى يازدا ئاتۇش ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە «دىۋان» غا ئائىت لېكسىكا مەسىلىلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، 1982-يىلى قەشقەردە «دىۋان» نى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. بىزدە «تىرىشقان ئوزار، تىرىشمىغان توزار» دېگەن ماقال بار. تۆھپىكار ئۇستاز، نەتىجىلىك تىلشۇناش مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىزدىنىش مۇساپىسى مۇشۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ جانلىق دەلىلى بولالايدۇ.

مىرسۇلتان ئوسمان ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان تەتقىقاتچىدۇر. ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ئىلمى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن تۆككەن تەرى دائىرە نۇقتىسىدىن تىلشۇناسلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە، زامان نۇقتىسىدىن ھازىرقى زاماندىن قەدىمكى زامانغىچە تۇتىشىپ كېتىدۇ.

مىرسۇلتان ئوسمان 1989-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات باشقارمىسىغا يۆتكەلگەن. ئۇ بۇ ئورگاندىمۇ بىر قولدا تەتقىقاتنى، يەنە بىر قولدا تىل تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتقان. ئۇ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تىلشۇناس ئامىنە غاپپار بىلەن بىرلىكتە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا نەق مەيدان تىل تەكشۈرۈشى قىلىپ، «قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ شېۋىسى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلغان. 1996-يىلى يازدا، شەرقىي ئۇيغۇر رايۇنىدىكى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تۆمۈرتى، ئاقتاش يېزىلىرىدا تىل تەكشۈرگەن. ئۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ھەم ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا»، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، «‹قۇتادغۇ بىلىك›تە ئىپادە قىلىنغان ئەدەبىي تىل توغرىسىدا» قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلمىي ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. «ئۇيغۇرچە-خەنچە لۇغەت»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى»، «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تاۋۇشلىرىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنى ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغان. بۇ ئەسەرلەردىن بىر قانچىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئالاھىدە دەرىجىلىك، 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە «جاھاننامە»، «ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. 1985-ۋە 1999-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان چاغاتاي تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا چاغاتاي تىلى گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن، يەتتە قارارلىق 10 نەچچە ئاسپىرانتقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ۋە چاغاتاي تىلى دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى بويىچە ماگىستىر تەربىيىلەش خىزمىتىگىمۇ تېگىشلىك ھەسسە قوشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلىرىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنلىرىدا باھالىغۇچى بولغان.

مىرسۇلتان ئوسمان يەنە چەتئەللەردە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇپ ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، چەتئەلدىكى كەسىپداشلارغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدە ھەققىدە بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن. 1999-يىلى ياپونىيىنىڭ كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئالاھىدىكى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا، 2000- يىلى تۈركىيىدە خوتەن دىئالېكتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان.

ئۇ يەنە 2015 – يىلى 18-دىكابىردا تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20-يىلى ۋە مىرسۇلتان ئوسمان تەۋەللۇتىنىڭ 85-يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتنىشىپ، ئۆزنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

مىرسۇلتان ئوسمان 1960-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا لېكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا، 1983-ۋە 1987-يىللىرى كاندىدات تەتقىقاتچى ۋە تەتقىقاتچى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1983-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. 1991-يىلى مەملىكەت بويىچە تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس دەپ باھالانغان. ئۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى رەتلەش، نەشر قىلىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن نۇرغۇن شەرەپلەرگە نائىل بولدى. 2005-يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن باشقا توققۇز ئالىمغا «دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىكار» شەرەپنامىسى بېرىلدى. 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن تون كەيدۈرۈلدى.

ئانا تىل مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ يىلتىزى. ئانا تىلنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، بۇرچى ۋە ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى. بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى، بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر». 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان، مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مىننەتسىز تەتقىق قىلىۋاتقان، تەر تۆكۈۋاتقان، ھېرىش-چارچاشنى بىلمەيدىغان ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى، سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيۋاتقانلىقىغا قارىماي، تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولسا، ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، تۇرمۇشتىكى ئاددىي-ساددىلىقى، ئەل-جامائەتكە تۇتقان دوستانە-خۇشچاقچاقلىقى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۈلگىسىدۇر. ئاخىرىدا مىرسۇلتان ئاكىغا ئاللاھتىن مەغپىرەت، ياتقان يېرىگە جەننەت، ئائىلىسىگە سەۋىر ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش