“5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان” مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە ئېچىلىدۇ
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنىستىتوتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان “5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان” مۇھاكىمە يىغىنىمىزغا پۈتۈن تۈرك ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن :- يىغىن تەرتىپ كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم (د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى)
يىغىن كۈنتەرتىپى:
14:00 : ئېچىلىش مۇراسىمى
14:45 : «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى
يىغىن رىياسەتچىسى: پروفېسسور دوكتور ئورھان كاۋۇنجۇ (سابىق مىللەت ۋەكىلى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)
دوكىلات سۇنغۇچىلار ۋە تېمىلىرى:
دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم (ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى تەسىرى
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەپلىرى
دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ قاراڭغۇ پەردە ئارقىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان
دوكتور ئۆمەر قۇل (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسى
پروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن (غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى بۇرمىلاش سىياسىتى
ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە سائەت 2:00
ئورنى: تۈركىيە ئىشچىلار ئويۇشمىسى 1-قەۋەت يىغىن زالى (كامۇسەن)، ئەنقەرە
ئادرىسى: تەلەت پاشا بۇلۋارى 160-نۇمۇر، جەبەجى، ئەنقەرە