ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » تاشكەنت قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىكى رولى

تاشكەنت قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىكى رولى

ئەدانۇر كۆسە

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: م. ئۇيغۇرئوغلى

قىسقىچە مەزمۇنى:

تاشكەنت قۇرۇلتىيى- ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زامان تارىخدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى ھىساپلىنىدىغان ئىنتايىن موھىم يىغىنلارنىڭ بىرىدۇر. لىكىن، يالغۇز يىغىننىلا ئىتىبارغا ئالغىنىمىزدا بۇ يىغىننىڭ نىمىشقا بۇنچىۋالا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تولۇق ئايدىڭلاشمايدۇ. شۇڭا بۇ ماقالىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئۈستىدە توختالدۇق. 840-يىلدا باشلىغان كۆچ بىلەن تەڭ تارقاقلاشقان ئۇيغۇرلار، ئالدى بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرىدە، ئۇندىن كىيىن موڭغۇل،جۇڭغار، رۇس ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى چاغلاردا پەرقلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. 19 – ئەسىردە پۈتۈن دۇنياغا يىيىلغان مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ بىر ئەسىردىن كىيىن شەرقى تۈركىستانلىق خەلىقلەرگە يىتىپ كىلىشى بىلەن تەڭ مىللي ئويغىنىش پەيدا بولۇپ ئۇيغۇرلاردا مىللي كىملىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى باشلاندى. ھېچ شۈبھىسىزكى، بۇ چاغلاردا غەرىپ دۇنياسىنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىمۇ ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان ۋە نۇرغۇنلىغان تارىخلار ئىلمى ئۇسۇلدا تەتقىق قىلنىشقا باشلىغان ئىدى. ماقالىدە ئۇيغۇر تارىخنىڭ بايان قىلىنىشى تاشكەنت قۇرۇلتىينىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنىشىمىزدە بىر پۈتۈنلۈكنى ھاسىل قىلغاندىن باشقا قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان قارارلار ۋە قۇرۇلتايدىن كىيىنكى تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يىڭىدىن شەكىللەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:
ئۇيغۇرلار، تارانچىلار، تاشكەنت قۇرۇلتىيى، قەشقەرىيەلىكلەر، سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي

كىرىش

1921– يىلى 3– ئىيۇندىن 6- ئىيۇنغىچە ئېچىلغان تاشكەنت قۇرۇلتىيى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ يىڭىدىن شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلشىغا تەسىر كۆرسەتكەن موھىم ئامىل بولسا 19- ئەسىردە پۈتۈن دۇنياغا يىيىلغان مىللەتچىلىك ئېقىمىدۇر. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەكتەپتىكى رۇس ياشلىرى ئۆزلىرىنى مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا باشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشايدىغان تۈركي خەلىقلەرمۇ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. ئىنتايىن ئاز بولغان پەرقلىقلەردىن چىقىش قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركي مىللەتلەرنى بۆلۈپ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ بۇ قۇرۇلتاينى قوللىغان. بولۇپمۇ قازاقلار بىلەن قىرغىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى ناملىرىنى قوغداپ قالغانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېتنىك ئايرىمچىلىقىغا يول ئاچقان. لىكىن بۇ باسقۇچ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ چىگىش بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا تارىخى دەۋىرلەردە « ئۇيغۇر » ئىسمىنىڭ يوقاپ كىتىشى ۋە بۇ كۆكتىن كەلگەن خەلىقلەرنىڭ پەرقلىق دەۋىرلەردە پەرقلىق ئاتىلىپ كەلگەنلىكى ئىدى. بۇ پەرقلىق ناملاردىن ئوتتۇرىغا چىققان پەرقلىق كىملىكلەر قۇرۇلتايدىمۇ پەرقلىق پىكىر ۋە كۆز – قاراشلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە سەۋەپ بولدى. نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئاۋۋال مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن، ئۇنىڭدىن قالسا جۇغراپىيۋى ئورۇن كىملىكى بىلەن ئۆزىنى ئاتاپ كەلگەن خەلقنىڭ ئالدىغا يالغۇز بىرلا كىملىك قويۇلغاندى. تەبئىكى ئەڭ باشتا ياتسىراش ۋە تالاش- تارتىشلار بولدى. ئەمما، نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇرۇلتاي مەقسىتىگە يىتىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى شەكىللەندۈردى. بولۇپمۇ يازغۇچى – شائىرلارنىڭ «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى كۆپلەپ قوللىنىشى ۋە خەلىقنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغان «ئۇيغۇر» نامىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزىلىشى، قۇرۇلتايدىن كىينكى 15 يىل ئىچىدە خەلقنىڭ «ئۇيغۇر» كىملىكىنى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

تارىخى ئارقا كۆرنىشى

8- ۋە 9- ئەسىرلەردە ئۆتۈكەندە بىر ئۇيغۇر دۆلىتى ھۆكۈم سۈردى. لىكىن، دۆلەت ئىسمىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيتى. چۈنكى بۇ دۆلەت توققۇز ئوغۇزلار بىلەن بىرلكتە قۇرغان، خەلقى ئارلاش بويلاردىن تەشكىل تەركىپ تاپقان دۆلەت ئىدى. يەنى بۇ يەردىكى «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى ئېتنىك بىر كىملىكنى ئەمەس بەلكى سىياسى كىملىكنى كۆرسىتەتتى . خەلق ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. خىتاي مەنبەلىرىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خەلقىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغىنى بولسا بولسا ئۇيغۇر دۆلىتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەندى. ئەرەپ تارىخ مەنبەلىرىدە بولسا توققۇز ئوغۇزلار دەپ ئىلىنغاندى. ئىسملارنىڭ ئوخشىمىغان مەنبەلەردە بۇنداق پەرقلىق ئاتىلىشى بولسا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىككى بويدىن تەشكىل تاپقان بىر سىياسى ھاكىميەت بولغانلىقىدا ئىدى.
840- يىلى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىقىلىشى بىلەن خەلق كۆچ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئارسىدىكى كەڭسۇ (بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسى) رايونىغا كۆچتى ۋە بۇ يەردە ئۇرۇشتىن قىچىپ بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە سىرىق ئۇيغۇرلار نامى بىلەن ئاتىلىپ ياشاپ كەلمەكتە. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا ۋە بۈگۈنكى تۇرپان شەھرىنىڭ ئەتىراپىغا يەرلىشىپ، بۇ يەردە يىڭىدىن بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنى ئۇيغۇرلاشتۇردى. 11- ئەسىردە ئۇيغۇر سىياسى كىملىكى داۋام قىلماقتا ئىدى. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇر كەلىمىسنىڭ ئۇچىرىشى 11- ئەسىردە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.
تۈركىستاننى ئىېستلا قىلغان موڭغۇللار 13– ئەسىردە تۇرپاندىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىمۇ ئۆز سىياسى تەسىر دائىرسىگە ئالغاندى. چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن بۇ تۇپراقلارغا ئوغلى چاغاتاي ھۆكۈم سۈردى. 14-ئەسىرگە كەلگەندە بىر تەرەپتە ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتدىكى جەنۇبى روسىيە ۋادىلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۆز مەۋجۈدىيىتىنى قوغداپ قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇل ئەسكەرلىرى بىلەن ئانادولۇغىچە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئانادولۇدا ئەرەتنا ئۇيغۇر بەگلىكىنى قۇردى. بۇلاردىن باشقا سەلچۇق ھاكىميىتى ئاستىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى.
11- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئىسلام يىيىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا سىياسى كىملىكىنى ئۇنتۇشقا باشلىدى. چۈنكى ئىسلام يىيىلغانسىرى خەلق ئارسىىدا مۇسۇلمانلىق كىملىكى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئىسلامنىڭ بۇ رايوندا تېز يىيىلىشىدا سوپى – موللىلارنىڭ رولى چوڭ بولدى ۋە «خوجىلار» تۇرپان ۋە ئەتىراپىدىكى رايونلاردا سىياسى كۈچ بولۇپ شەككىلىنىشكە باشلىدى. «خوجىلار» بولسا ئانادولۇدا سەئىد نامى بىلەن ئاتالغا تەرىقەت پىشىۋالىرىنىڭ تۈركىستاندىكى نامى ئىدى. بۇ دىن تارقاتقۇچى خوجىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان پەرقلىق تەرىقەتلەر ئارسىدا سىياسى ھوقۇق كۆرىشى يۈز بەردى. 15 – ئەسىردىن 17- ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلغان «ئاق تاغلىقلار» بىلەن يەركەننى مەركەز قىلغان «قارا تاغلىقلار» ئارسىدىكى تۈگىمەس جەڭگى-جېدەللەر دۆلەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تاشقى كۈچنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 1678- يىلى قەشقەرىيەنىڭ قالماقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى بىلەن تەڭ قەشقەرىيەنىڭ بىر پۈتۈنلىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن ۋە ئاقسۇ دەپ بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىچكى نىزالار بىسسققان بولسىمۇ لىكىن تاشقى دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى قارشلىق ھەرىكەتلىرى كۆپۈيىشكە باشلىدى. قالماقلاردىن كىيىن 17 – ئەسىرگە كەلگەندە ئالتاي تېغى بىلەن ئىلى ۋادىسى ئارسىغا جايلاشقان جۇڭغارلار شەرقى تۈركىستان خەلقىنى سىياسى تەسىر دائىرسىگە ئالدى. جۇڭغارلار دەۋرىدە بۈگۈنكى تارىم ۋادىسى «ئالتە شەھەر» نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىدى. جۇڭغار ھاكىمىيتىدە ياشىغان خەلقلەر ئېتنىڭ كىملىكى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بىلەن ئاتىلاتتى. بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەر تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن موڭغۇلچىدىكى « تېرىقچى » مەنىسنى بىلدۈردىغان تارانچى نامى بىلەن ئاتالدى. بۇ چاغلاردا تارانچىلار بىلەن جۇڭغارلار ئوتتۇرسىدا تالايلىغان قانلىق ۋەقەلەر يۈز بىرىپ تارانچىلار بۇ يەردىن كۆچ قىلشقا مەجبۇر بولدى. لىكىن تارانچىلار باشقا يەرگە كۆچ قىلغان ۋە كەسپىنى ئۆزگەرتكەن ھالەتتىمۇ يەنىلا تارانچىلار دىگەن نامىنى ساقلاپ كەلدى شۇنداقلا نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ ھېچ ئۇنۇتمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن نوپۇسىمۇ كۆپۈيۈشكە قاراپ يۈزلەندى. شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلق ئىچىدە ئېتنىك كىملىكىنى ئەڭ بالدۇر تونۇغانلار بولۇش بىلەن بىرگە كىملىكىنى « ئۇيغۇر » كىملىكىگە ئۆزگەرتىشنى تاللىغانلار يەنىلا شۇ تارانچىلار ئىدى.
1756- يىلى خىتاينىڭ بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى بىلەن جۇڭغار ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بىرىلدى. خىتايلار رايوننى جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيەدىن ئىبارەت ئىككى رايونغا ئايرىۋەتتى. 1863- يىلى قۇرۇلغان قەشقەر خانلىقى 15 يىل ختايغا قارشى مۇستەقىللىق ئۇرىشى ئىلىپ باردى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى. لىكىن 1878- يىلى ياقۇپبەگنڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ قەشقەرىيە خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى.(شەرقى تۈركىستاننىڭ «شىنجاڭ» ئاتىلىشى مۇشۇ دەۋىردىن باشلىنىدۇ) بۇ يەردە قەشقەرىيەلىك دىگەن بىر كىملىكىنىڭ مەۋجۈتلىقى ھەققىدە توختىلىش لازىم. 15- ئەسىردە ئاق تاغلىقلارنىڭ كۈچلۈك چاغلىرىدا قەشقەرىيەلىك دىگەن كىملىك شەكىللىنىشكە باشلىغاندى. ھەتتا تاشكەنت قۇرۇلتىيدىمۇ قەشقەرىيەلىك كىملىكىنى قوللىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندى. چۈنكى «قەشقەرىيە» يالغۇز قەشقەردىكى يەرلەنىلا كۆرسەتمەستىن پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننى كۆرىسىتەتتى.
19- ئەسىردە شەرقى تۈركىستاندىكى مالمانچىلىقتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار رۇس تۇپراقلىرىغا ئۆتۈپ كەتتى. بولۇپمۇ يەتتە سۇ ۋە پەراغانە ۋادىسىدىكى تەرەققى قىلىۋاتقان رۇس سانائەت رايونى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. تارانچىلارنى بولسا ھەم جۇڭغارلار ھەم چىڭ سۇلالسى كۆچ قىلىشقا مەجبۇرلىغاندى. تارانچى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىجتىمائى – ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ بۇ تۇپراقتىكى ئومۇمىي ئاتىلىشىغا ئايلىنىپ كەتكەندى.
شۇنىڭ بىلەن 20– ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا قالغىنى، كۆچلەر، باشقا مىللەتنىڭ ئاتىغان ناملىرى ۋە دىن سەۋەپلىك بىر–بىرىدىن ئايرىم ئاتالغان ناملار بولدى. ئارسىدا تۈرك، مۇسۇلمان، سارت، چەنتۇغا ئوخشاش ناملارنى قوللانسىمۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى قوللانمايتى. كىم ئىكەنلىكى سورالغاندا، باشتا مۇسۇلمان دەپ ئۇندىن كىيىن تۇغۇلغان شەھرىنىڭ ئىسمىنى دەيتى. 19- ئەسىرگە كەلگەندە پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى ئۆزلىرىگە ئۆز تارىخىنى ئاساس قىلغان ئېتنىك مەنبەدىكى مىللەت نامىنى قوللىنىشقا باشلىغاندا، شەرقى تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلىق ۋە جۇغراپىيۋى ناملار دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئېقىمغا ماس كەلمىدى. «ئۇيغۇر» كىملىكىنى كۆمۈلۈپ قالغان ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ چىقىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئورىيانتالىزىم تەتقىقاتلىرى بىلەن بولدى. بولۇپمۇ رۇسلار باشچىلىغىدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى، پەرقلىق جۇغراپىيەلەردە پەرقلىق ئاتىلىپ كەلگەن لىكىن ئوخشاش بىر تىلنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويدى. تاشكەنتتە، يەتتەسۇدا، رۇسىيەدە ئوقۇغان تارانچى ياشلىرى بولسا ئاستا – ئاستا بۇلارنى بىلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ئىسمى ئەڭ باشتا رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئەمەس بەلكى ئورىيانتالىزىم تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تۇنجى بولۇپ تارانچىلار ئارسىغا سىڭىپ كىرگەن. يەنى تارانچىلار مىللى كىملىك بەرپا قىلىشقا تىرىشقان. لىكىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ باسقۇچنى « كومىنىزىملىق قىممەت قاراش» ئىچىدە قوللىغان.

تاشكەنت قۇرۇلتىيى

1917-يىلدىكى بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كىيىن تارانچىلارمۇ مۇستەقىللىق يولىدا ئىزدەنگەن. تارانچى دېھقانلىرى دىنى يىتەكچىلىرىنىڭ باشچىلىقىدا يەتتۇسۇ ۋادىسىدا بولشىۋىكلارنىڭ يىڭى رىجىمىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. غازات ئېڭى بىلەن باشلانغان بۇ قوزغىلاڭلار كومىنىزىم رىجىمى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تەھتىت ئىدى. رۇس ئەسكەرلىرى بۇ قوزغىلاڭلارنى قانلىق باستۇردى. ئۇيغۇر تارىجىدا «تارانچى پاجىئەسى» دەپ بىلىنگەن بۇ باستۇرۇشتىن كىيىن تارانچى دېھقانلىرىنىڭ ئورنىنى رۇسپەرەس زىيالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىلىشقا باشلىدى. بۇ زىيالىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولسا رۇس مەكتىۋىدە ئوقۇغان تارانچى ياشلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيىۋدۇر. «ئۇيغۇر» ئىسمىنىڭ كۈلتۈرەل مەنادا تۇنجى قېتىملىق قوللىنىلىشى، روزىباقىيىۋنىڭ ئالمۇتادا بىر ئۇيغۇر كۇلۇبى قۇرىشى بىلەن باشلانغان. نۇتۇقلىرىدا ۋە مەتبۇئاتتىكى ماقاللىرىدە تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ رايوندا ياشىغان بۈگۈنكى خەلقلەر بىلەن بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تاشكەنت قۇرۇلتىيى – 1921-يىلى 13-ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن « ئالتە شەھەر-جۇڭغار ئىشچىلىرى ئىنقىلابى تەشكىلاتى» نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى يىغىندۇر. تەشكىلات نامىنىڭ جۇغىراپىيۋى ناملار بىلەن قۇرۇلىشى ۋە قەشقەرىيەلىك ياكى تارانچى دەپ ئاتالماسلىقى بولسا، كىملىك پەرىقىنىڭ ئوتتۇىغا چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغۇچى ھەيئەتنىڭ مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرىدىن ئىبارەت بىرلا مىللى كىملىكنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغانلار ئىچىدە قىرغىزلار، قازاقلار ۋە تۇڭگانلارمۇ بار ئىدى. بۇ سەۋەپلەردىن تۈپەيلى جۇغراپىيۋى بىر ئىسىم قوللىنىلغاندى. ۋەكىللەر «مىللى مەسىلە» نى تالىشىشىغا باشلىغاندا، تەشكىلات ئىسمىنى «ئالتەشەھەر – جۇڭغار ئىشچىلىرى ئۇيغۇر ئىنقىلابى تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىش قارا قىلىندى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر نامى بىر قانچىلىغان پەرقلىق مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قويۇلغان ئىدى. ئېتنىك مەنادىكى ئۇيغۇر نامى ئەمەس ئىدى. ئالتە شەھەرگە تەۋە ئېتنىك گورۇپلار كۆپ بولۇپ بۇلاردىن ئاساسلىقى: ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغان چاغاتاي تۈركلىرى بىلەن بىرگە تۇڭگان، قىرغىز، قازاق، قىپچاق، دولان، قالماق ۋە خىتايلاردىن ئىبارەت ئىدى.
قۇرۇلتايدا خىتاي پۇخرالىرى ئۈچۈن ئىچىلغان ۋە قەشقەرىيەلىكلەردىن كۆپ ساندا ۋەكىل قاتناشقانلىقىغا قارىماي، قۇرۇلتاينىڭ كونتروللىقى سوۋېت زېمىنىدا ياشىغان تارانچىلار ئىدى. قۇرۇلتايدا تاشكەنتتە ئوقۇغان بىر تارانچى ياشنىڭ مەكتۇپى ئوقۇلدى. مەكتۇپتا شۇ مەزمۇنلار بار ئىدى:« بىزنى تارانچى دەپ ئاتىسىمۇ بىز ھەممىمىز بىر دادىنىڭ بىر ئاننىڭ ئەۋلاتلىرىمىز؛ ئۇيغۇر!». بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر كىملىكىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە تارانچى كىملىكىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتايدا كومنىست پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاز ئىدى. تالاش – تارتىش تۈپەيلى بۇ قۇرۇلتايدىن ئېنىق بىر قارار ئىلىنمىدى. قەشقەرىيەلىك ۋەكىللەر بىلەن تارانچى ۋەكىللىرى ئارسىدا ئۆز ئارا چۈشەنمەسلىك، تالا – تارتىش، ھەتتا جېدەل بولدى. قەشقەرىيە ۋەكىللىرى تارانچى ۋەكىللىرىنى تارانچىلارنى ئالدىغا چىقىرۋالغانلىقى ۋە مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى. قۇرۇلتايدىكى قەشقەرىيە ۋەكىللىرىنىڭ باشلىقى بولغان قادىر ھاجى، قەشقەرىيەلىكلەر بىلەن تارانچىلارنىڭ ئايرىم مىللەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىبارەت بىر كىملىكنى ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مەسىلىنى كومىنىزىمغا باغلاپ چۈشەنگەن ئىدى. قەشقەرىيەلىكلەر بولشىۋىكلارنى كومىنىست، ئىمانسىز دەپ ئۆز زېمىنىدا بولۇشىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىر بولۇشنى خالىمايتى. تەشكىلاتنىڭ قەشقەرىيەلىكلەر باشلامچىلىقىدىكىلەرنىڭ كومىنىزىنغا، بولشىۋىكلارغا قارشى تۇرىشى بىلەن، ئابدۇللار روزىباقىيىۋنىڭ رەئىسلىك قىلغان يەتتەسۇدىكى «ئۇيغۇر ئىنقىلابى تەشكىلاتى» دىن باشقا پۈتۈن تاماقلىرى تاقىلىپ كەتتى.

قۇرۇلتايدىن كىيىن

تاشكەنت قۇرۇلتىيى گەرچە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولالماي پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىر يىڭىلىق ئىلىپ كەلگەندى. بۇ پارچىلىنىش ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە كىلىشىنى توسۇيالمىدى. قەشقەرىيەلىكلەر بىلەن تارانچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىكمۇ چوڭ توسالغۇ پەيدا قىلالمىدى. تارانچىلارنىڭ باشلامچىلىقىدىكى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تىكلىنىشى 1910- يىلدىن 1934- يىلغىچە داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا ئورتاق قىممەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلەندى. بۇدەۋىرلەردىكى گىزىت – ژورناللاردا ئۇيغۇر تارىخى يېزىلدى. يازغۇچى – شائىرلار ئۇيغۇر تەخەللۇسىنى قوللاندى. تارانچىلارنىڭ، قەشقەرلىكلەرنىڭ ۋە پۈتۈن ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ تارىختىن بىرى ئوخشاش بىر ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغانلىقى ، پەقەت زامان ۋە ماكان تۈپەيلى دېئالىكىتلارغا ئايرىلىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ھەم ئۆزىنىڭ بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم خىتايغا قارشى كوزىر سۈپتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىنى قوللىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرتۈرلۈك ياردەم – قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلمىدى. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاغا قويغان «چەنتۇ» كىملىكىدىن «ئۇيغۇر» غا ئۆزگەركەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خۇلاسە

21- ئەسىزدە تاشكەنت قۇرۇلتىيىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىش ئىنتايىن قىيىن. «ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر نامىنى قاچان يوقتىپ قويدى؟»،«تارانچىلار كىم؟»، «ئالتە شەھەر قەيەر؟» قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاپ تىپىش لازىم. چۈنكى بۇ ئاتالغۇلار ئېستىمالدىن قالغاندى.بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تىپىش ئۈچۈن 9- ئەسىردىكى ئۆتۈكەن ئۇيغۇر دۆلىتىدىن 20- ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى دىققەت بىلەن ئوقۇش كىرەك. تاشكەنت قۇرۇلتىيى، بۇ تارىخى جەرياننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ سەھىپىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى. ئۇيغۇرلار، غەرىپ سەيياھلىرى ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېتنىك بىر كىملىكىنىڭ لازىملىقىنى بىلگەن ۋە بۇنى قايتا شەكىللەندۈرگەن. گەرچە تاشكەنت قۇرۇلتىيى تالاش- تارتىش ۋە چۈشىنىشمەسلىك بىلەن خاتىمىلەنگەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركي قەۋىملەرنىڭ مىللى كىملىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدە تارىخى بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالغان. تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتەشەھەر قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ بۈگۈن ئېستىمالدىن قىلىشى، «ئۇيغۇر» كىملىكىنىڭ تولۇق شەكىللەنگەنلىك مۇۋەپىقىيىتىدىن دېرەك بىرىدۇ. 9- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخىنى بىلمىگەنلەر، ئۆتۈكەن ئۇيغۇر دۆلتى بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا باغنى ئاسانلا قۇرىدۇ. لىكىن « ئۇيغۇر» نامىنىڭ سىياسى كىملىكتىن ئېتنىك كىملىككە ئۆتۈشۈش جەريانى تولىمۇ ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك بىر جەرياننى بىسىپ بۈگۈنكى ئېتنىك مەنادىكى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان.
مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش