You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەھمۇد دەرۋىش شىئېرلىرىدىن

مەھمۇد دەرۋىش شىئېرلىرىدىن

ئەمەت يولداش تەرجىمىسى

شائىر مەھمۇد دەرۋىش 1941-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى بېرۋا كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلى 19 يېشىدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «قاناتسىز قۇش» نەشىر قىلىنغان. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى شائىرنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇ 40 يىلغا يېقىن ئەدەبىي ھاياتىدا 24 پارچە شېئىرلار توپلىمى، 9 پارچە نەسىرلەر توپلىمى ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «زەيتۇن يۇپۇرماقلىرى» (1964-يىلى)، «پەلەستىنلىك ئاشىق» (1966-يىلى)، «سۆيىمەن سېنى ياكى سۆيمەيمەن» (1972-يىلى)، «يۈكسەك كۆلەڭگىگە مەدھىيە» (1983-يىلى)، «بەك ئاز ئەتىرگۈل» (1986-يىلى)، «ئونبىر يۇلتۇز» (1992-يىلى)، «نىمىشقا ئاتلارنى تاشلىدىڭ يالغۇز» (1995-يىلى)، «قاپسىلىپ قېلىش» (2002-يىلى)، «ئۆرۈك چىچىگىدەك يىراقتۇر بەلكىم» (2005-يىلى)، «كېپىنەكنىڭ يارىسى» (2008-يىلى) قاتارلىقلار بار. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىن تېنچلىق مۇكاپاتى، ئاسىيا-ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ نېلۇپەر مۇكاپاتى، ئامىرىكا لەن نەن فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئەركىن مەدەنىيەت مۇكاپاتى، فىرانسىيەنىڭ سەنئەت ۋە ئەدەبىيات چەۋەنداز ئوردىنى، گوللاندىيە كىلائۇس شاھزادە مۇكاپاتى، ماكېدونىيە ئالتۇن تاج مۇكاپاتى قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن، ئەسەرلىرى 20 دىن ئارتۇق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ پەلەستىننىڭ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر شائىرى بولۇپ، ئەدىنۇس، سادى يۈسۈف قاتارلىق بىلەن بىللە بۈگۈنكى زامان ئەرەپ شائىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

قەتئىيلىك ھەققىدە
1
زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئېسىدە بولسا تىككۈچى،
زەيتۇن يېغى چوقۇمكى ئايلىنىدۇ كۆز ياشقا!
ئاھ، ئىجدادلار پاراسىتى
لېكىن، بارلىقىمىزنى دۇبۇلغا ئورنىدا ئاتاشنى خالايمىز ساڭا!
يېمىرىلگەن تۈزلەڭلىك
ئازغىنە زىرائەت بەرمەس شامال قۇللىرىغا!
كىرپىكلىرىمىز بىلەن
تىكەن ۋە ھىجراننىڭ يىلتىزلىرىنى قۇمۇرايلى!
ئاھانەت ۋە كىرسىت ئاپىرار بىزنى قەيەرگە ؟
ئالەم ئالدىرماقتا…
بىز زەيتۇندەك ئۆزگىرىپ يېشىل رەڭگە
ئايلىنىمىز زىمىنىمىزنىڭ دۇبۇلغىسىغا!
2
ئەتىرگۈلنى ياقتۇرىمىز
ئەمما، بۇغداينى ئۇنىڭدىن بەكرەك
ئەتىرگۈل ھىدلىرىنى ياقتۇرىمىز
ئەمما، ساپ بۇغداي باشقىنى ئۇنىڭدىن بەكرەك.
مىخ بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلغان باغرىمىز
بورانغا ئورالغان بۇغداي باشىقىنى قوغدار
باغرىمىزدىن تاپشۇرۇلغان چىتلاق تام
نە سەۋەپتىن بولدى ۋەيران؟
تېز تۇتىۋال بۇغداي باشىقىنىڭ زەنجىرىنى
چىڭ قۇچاقلىغاندەك شەمشەرنى!
زىمىن، دېھقان، چىڭ تۇرۇش ئېيتىپ بەر ماڭا
سېنىڭ قانداق بوي سۇندۇرۇلغانلىقىڭنى…
ئۈچ ئىكونانىڭ
قانداق تېز پۈككۈزگەنلىكىنى؟

سەرگەرداننىڭ يۆنىلىشى

سەرگەردان ئايلاندى ھەممە تەرەپلەرنى
سۆز،ئەسلىمىلەر قېچىپ قۇتۇلدى ئۇنىڭدىن
ئالدى ئەمەس ئۇنىڭ ئالدى
ئارقىسى ئەمەس ئۇنىڭ ئارقىسى
ئوڭ تەرىپىدە سىگنال چىرىقى
سول تەرىپىدە باشقا بىر چىراق
شۇڭا ئۇ ئۆزىدىن سورىدى:
ھايات قەيەردىن باشلىنىدىغاندۇر؟
مەن بىر نەركەسگۈل بولۇپ
سايەمنى يورىتالايدىغان غوجىدار بولالىسام!
ئۇ دېدى: ئەركىن كىشىلەر سەرگەردانلىقنى تاللايدۇ
مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا
مەن بىر ئەركىن ئادەم
ماڭماقتىمەن…يۆنىشىلىم ئۆزگەرمەكتە شۇنچىلىك سۈزۈك.

ئىككىنچى تۈپ زەيتۇن دەرىخى

زەيتۇن دەرىخىي يىغلىمايدۇ، كۈلمەيدۇ
ئۇ بىر نۇمۇسچان تاغ قىزى
سايىسى بىلەن ياپار پۇتلىرىنى
بەڭباش شامال تۆكەلمەس ياپراقلىرىنى.
ئۇ ئولتۇرغاندەك تۇرار، تۇرغاندەك ئولتۇرار
مەڭگۈلۈكتۇر قېرىندىشى
ۋاقىت بىلەن بولغاندۇر خوشنا،
پارقىراق زەيتۇن مېيىنى ساقلىشىغا ھەمدەم بولۇپ
تاجاۋۇزچىنىڭ ئىسمىنى قالغان ئۇنتۇلۇپ.
لېكىن، ئۇنتۇيالمايدۇ دەۋرداش رىملىقلارنى،
ئۇلار ئۇنىڭ تاللىرىنى ئارىيەت ئېلىپ تاج توقۇغان
ئۇنى ئەسىر كۆرمەي ئەجداتلىرى ئورنىدا قىلغان ھۆرمەت
شەمشەرلىرى ئۇنىڭ ئېسىل سۆلىتى ئالدىدا سۇنغان.
ئۇنىڭ ساددا ھەم ئاپئاق يېشىل رەڭلىرىدە
چەكسىز داۋراڭ جىلۋېلەر قورۇنۇپ قالغان
تۇرقىنىڭ دۈمبىسىدىكى كۈچىنى سەزگەن.
بۇ ساپ يېشىللىق ھەم كۆمۈشرەڭ ئەمەس،
بۇ تېنچلىق رېڭى
ئەگەر تېنچلىقنى رەڭ بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولسىلا.
ھېچكىم ئۇنىڭغا دەپ باقمىغان سەن گۈزەل دەپ،
لېكىن بەزىلەر دەپ باققان ئېسىل دەپ سېنى.
ئۇ چېنىقتۇرغان ئەسكەرلەرنى قەيسىرانە
يېتەكلىگەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ھەم مۇلايىملىققا:
« ئۆيۈڭلەرگە بارغاندا يېغىمنى چىراق قىلىپ يېقىڭلار دېگەن ».
بىراق، ئاشۇ ئەسكەرلەر يېڭى كەلگەنلەر ئىدى
تۇپا ئىتتۇرۇش ماشىنىسى قورشىۋالدى ئۇنى
يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىماقچى بولۇشتى
ئۇلار مەغلۇپ قىلدى ئەجداتلىرىمىزنى
ئۆرىۋەتتى ئۇنى بىردىنلا
ئۇنىڭ شاخلىرىنى قىسىلىپ قالدى زىمىنغا
يىلتىزلىرى ياتتى ئاسمانغا قاراپ.
ئۇ يىغلىمىدى، ۋارقىرمىدى
بىراق ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى كۆردى بارلىق جىنايەت جەريانىنى،
ئۇ ئەسكەرلەرگە قارىتىپ تاش ئېتىپ بىرلىكتە بولدى قۇربان.
ئەسكەرلەر زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېتىشتى
بىز ئۇنى كۆمۈپ قويدۇق
كۆمۈپ قويدۇق چوڭقۇر قەبرە ئىچىگە،
ئەجداتلارنىڭ بۆشىكىگە.
رەقىبىمىزنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىگىنى بىلەلمىدۇق
شۇنىڭغا ئىشىنىمىز شەكسىز:
ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر تۈپ زەيتۇن دەرىخىگە ئايلىنىدۇ…
شوخىسى بار ياپيېشىل زەيتۇن دەرىخىگە!

كۆرگىلى بولىدىغان مۇزىكا

مۇزىكا تىڭشاۋاتسام بىر باغچا ماڭا قاراپ ئېچىلدى،
ئاھاڭلىرى ئايلىنىپ غۇنچىگە تىڭشىدىم كۆزلىرىم بىلەن،
ئاۋازلاردا كۆرىنىش، كۆرىنىشلەر ئۆزگەرمەكتە ساداغا
ئەدەبىياتنىڭ ئىستىئارەسىگە ئايلىنىش بەكمۇ يىراقتا.
سېرىنگۈلنىڭ گۈل تەكچىسىدىن ئېسىل تاماق شىرەسىگە چىقىشى
يۇچۇنلارنىڭ ئويلىمىغان زېيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈندۇر،
مەشىقلىنىپ ساقلىغۇچىنىڭ كەلگۈسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر،
سۇ پەرىسى سۇنىڭ شادىيانە كۈيلىرىنى ئاڭلىغىلى نىكەم،
ئاشۇ كۈينىڭ ئۆزىگە بولغان مەدھىيە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى ھەم،
شۇڭلاشقا ئۇ ئۇچراپ باقمىغان ھېچقانداق كەمسىنىشلەرگە.
مېھمانخانا تولسا پىيازگۈلىگە بىردىنلا
قۇيۇق ھىدلىرى ئۇرۇلار دىماقلارنى غىدىقلاپ شۇنچە
ئۇنىڭ كەيبلىرى كەيىبلىگىمنى مۇردەتلەر.
رۇخسارگۈل ئوخشىمىغاچ
ئىككى گىرەلەشمە ئاۋازنى تولۇق بېرەر ئايرىپ،
ئاۋازلار سىڭەر توي ۋە ماتەم مۇراسىمىغا كۆز ياشتەك…
ئاق باش ئوتمۇ ئوخشىماس
ئۇ تاغ ئىتىكىدىكى فىرمىسىدا
چەكسىز دالانى مەدھىيەلەپ كۆڭلى تاپار قانائەت…
مۇشۇلارنى تىلغا ئېلىپ دېمەكچىمەنكى:
قىزىل ئەتىرگۈل ـــــ كۆرگىلى بولىدىغان مۇزىكا،
يەسىمەن گۈلى ـــــ سېغىنىش خېتى،
لېكىن
كىملەرنىڭ ئىبەرتىپ كىمنىڭ تاپشۇرۋالدىغانلىقىنى بىلمەيمەن

سۇمۇرغنىڭ ئۆلىمى

كۈيلەۋاتقان قوشاقلىرىمىزدا
بىر ئۇزۇن نەي بار
كۆڭلىمىزگە بۇيرۇق قىلىۋاتقان نەي ئاۋازىدا
بىر پارچە يالقۇن بار
بىز يېقىۋاتقان يالقۇن ئىچىدە
بىر دانە يېشىل سۇمۇرغ بار
سۇمۇرغقا تۇتىلىۋاتقان ماتەم
مېنىڭ ئېنىقسىز كۈلۈم ۋە سېنىڭ چېڭىڭدۇر

سۆسۈن سېرىن بۇلۇت ئوۋچىنىڭ چېدىرىدا پەۋەس
نەزىرىمىزدىن كىچىككەنلەر كېتىڭلار!
ئۇ خۇجايىندەك سۇ يۈزىدە ماڭغاچ دېدى ماڭا:
ھازىردىن باشلاپ سەن ھەققىدىكى ئەسلىمەمدە قۇم بولمايدۇ،
ئائىلەڭ خارابىلىكىنىڭ ئەتىرگۈلىدە
دۈشمەن بولمايدۇ.

سۈزۈك سۇ ئۈزۈكتەك ئايلىنار ئىگىز تاغلارنى
تەبىرىيە كۆلى ئىدى جەننەتنىڭ ئارقا ھويلىسى
دېدىم: دۇنيانىڭ قىياپىتى
يېشىل رەڭلىك كۆزلەردە ئۆزگىرەر مۇكەممەللىككە.
ئۇ دېدى: شاھزادەم، ئەسىرىم
شاراپىڭنى چاپسان قۇي سۇدىنىڭغا!

بەدىنىمدە كۆيمەكتە ئىككى ناتونۇش كىشى
ئۇلار
يېقىندىلا مېنى ئۆلتۈرمەكنى ئويلىغان
ئۇلار
ھايال ئۆتمەي قايتۇرۋالدى شەمشىرىنى
ئۇلار
ماڭا دېدى: ئىككىڭلار كىم؟
ـــــــ بىز ئىلگىرى مۇشۇ يەردە قالغان سايە
جەڭ بولكىسىدىن ئۆسۈپ چىققان بۇغداي دېگەن خەت.

ھازىر مېنىڭ قايتىپ كېلىشكە مەيلىم يوق
ئەھل سەلىپ بۇ يەردىن قايتىپ كەتكەندەك
مەن ئىككى بارىگاھ ئارىسىدىكى تىنچلىق:
بىرى رىۋايەت
يەنە بىرى ئۆز ئىسمىنى ئىجاد قىلىۋاتقان كىشىلەر توپى
مەن سۇ ئۈستىدە مېڭىۋاتقان سايە
شاھىددۇر مەنزىرە
بەيئەتچىدۇ ئىبادەتخانا
قاپسېلىپ قالدىم سەن قاپسالغان تۇپراقتا

ئايالىم بولغىن!
ئەينەككە ئۇدۇل پارتىلىغان ئىككى مەيدان جەڭ ئارىسىدا
ئۇ دېدى: ھازىر قايتىشقا رايىم يوق
دادامنىڭ قەلئەسى… مېنى بېغىڭغا ئاپار
ئاناڭ بىلەن كۆرۈشتىرگىن!
يالپۇزنىڭ سۈيى بىلەن پۇراق چاچاي،
كۆمۈش ئەسۋابلارغا چېچىلاي
ئۆزۈمنى تاراش ئۈچۈن قامىلاي نامىڭدىكى تۈرمىگە
ئىشقىڭ ئۈچۈن ئۆلتىرگىن مېنى،
ئەمرىڭگە ئال! ياتلىق بولاي يېزا ئادىتىگە
ئۆگىتىپ قوي نەي چېلىشنى
ئوت ياققىن ماڭا!
سۇمۇرغدەك قايتا تېرىلەي ئىككىمىزنىڭ يالقۇنىدا!

ئىلگىرى بىر نەرسە بولغان
سۇمۇرغدەك ئىچى زەرداپقا تولغان
كىيىن چۈشۈپ كېتىپ سۇغا
يېقىنلاۋېتىپتۇ ئوۋچىنىڭ چېدىرلىق غەۋۋاسىغا….

بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز

بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز
ياشىغىدەك چارە بولسا ناۋادا
ئىككى قەھرىماننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇسسۇلدىن
ئۆلگۈچىگە سىرىن گۈلدىن قۇببە ياسايتۇق
ياكى بىر تۈپ خورما تىكەتتۇق

بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز
ياشىغىدەك چارە بولسا ناۋادا
يىپەك ئوغۇرلاپ ئاسمان توقۇپ ئۆزىمىزگە
مۇساپىرلىقىمىزنى چىتلاپ
باغچا دەرۋازىسىنى ئېچىپ
يەسىمەننى يەتكۈزۈپ ھەرياق
بىر كۈنىمىزنى ئايلاندۇراتتۇق ئوچۇق ھاۋاغا.

بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز
ياشىغىدەك چارە بولسا ناۋادا
ياشىغان يېرىمىزدە تېز ئۆسەر زىرائەتلەرنى تېرىيتۇق
ھەمدە شۇ يەردە يىغىپ ئۆلەتتۇق
نەي بىلەن يىراقتىكى تېمبىرنى ئورۇنلاپ
كارىدورنىڭ تېمىغا تۇلپارنىڭ كىشنىشىنى سىزاتتۇق
ئىسمىمىزنى يېزىپ تاشقا
ئاھ، چاقماق چاقتىراتتۇق
بىزنى پارلىتىۋاتقان كېچە
پارلار ئىدى يەنىمۇ نۇرلۇق

بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز
ياشىغىدەك چارە بولسا ناۋادا

يەنە بىر قېتىم

يەنە بىر قېتىم
قاتىللار
پوستلاق قەۋىتىمدە ئۇخلىدى
دار
ئايلاندى بايراققا
ياكى
بىر تال باشاققا
ئوت كەتكەن ئورمانزار ئاسمىنىدا
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

يەنە بىر قېتىم
ئاپشاركا
پوستلاق قەۋىتىمدىن ئۆتتى
يەنە بىر قېتىم
ئۇ مېنىڭ لەۋلىرىمنى
دۆلەت شېئىرىنىڭ قورۇقلىرى ئارىسىغا كۆمدى!
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

يەنە بىر قېتىم
قەھرىمانلار
شائىرنىڭ مەدھىيەسىدىن قالدى چەتتە
يەنە بىر قېتىم
ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىرسىتىنى چۈشۈردۇق
زىمىننى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق
كۆزىمىزگە چېلىقمىدى ئاسمان ھەم
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

يەنە بىر قېتىم
بىر گەۋدە بولدۇق
مەن، قاتىل ۋە رازى بولغان ئۆلۈم
ئەركىنلىگىم
ئايلاندى يۈرىگىمنى باسىدىغان ئېغىر يۈككە
ئۇنىڭ جۈپ كۆزلىرى ئايلاندى سەرگەردان زىمىن ۋە دۆلەتكە
يەنە بىر قېتىم
سۇلار بۇلۇت ئىچىدە يۈتتى
تەييارلاندۇق چىقماققا جەڭگە….!
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

ئۇلار چىڭقى چۈشتە ئۆلتۈردى ئۇنى
لېكىن، مەن ئۆلتۈرۈلمىدىم
ئۇلار مېنى ئىككىنچىلەپ
قويمىدى قاماپ
چۈنكى، قاتىللار
مېنىڭ پوستلاق قەۋىتىمدە

يەنە بىر قېتىم

يەنە بىر قېتىم
قاتىللار
پوستلاق قەۋىتىمدە ئۇخلىدى
دار
ئايلاندى بايراققا
ياكى
بىر تال باشاققا
ئوت كەتكەن ئورمانزار ئاسمىنىدا
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

يەنە بىر قېتىم
ئاپشاركا
پوستلاق قەۋىتىمدىن ئۆتتى
يەنە بىر قېتىم
ئۇ مېنىڭ لەۋلىرىمنى
دۆلەت شېئىرىنىڭ قورۇقلىرى ئارىسىغا كۆمدى!
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

يەنە بىر قېتىم
قەھرىمانلار
شائىرنىڭ مەدھىيەسىدىن قالدى چەتتە
يەنە بىر قېتىم
ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىرسىتىنى چۈشۈردۇق
زىمىننى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق
كۆزىمىزگە چېلىقمىدى ئاسمان ھەم
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

يەنە بىر قېتىم
بىر گەۋدە بولدۇق
مەن، قاتىل ۋە رازى بولغان ئۆلۈم
ئەركىنلىگىم
ئايلاندى يۈرىگىمنى باسىدىغان ئېغىر يۈككە
ئۇنىڭ جۈپ كۆزلىرى ئايلاندى سەرگەردان زىمىن ۋە دۆلەتكە
يەنە بىر قېتىم
سۇلار بۇلۇت ئىچىدە يۈتتى
تەييارلاندۇق چىقماققا جەڭگە….!
كۆلەڭگە پىشانەمدىن تارتىۋالدى ئۇنىڭ جۈپ قولىنى
يوشۇرنىۋالدۇق چىڭقى چۈشكە

ئۇلار چىڭقى چۈشتە ئۆلتۈردى ئۇنى
لېكىن، مەن ئۆلتۈرۈلمىدىم
ئۇلار مېنى ئىككىنچىلەپ
قويمىدى قاماپ
چۈنكى، قاتىللار
مېنىڭ پوستلاق قەۋىتىمدە
بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز

بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز
ياشىغىدەك چارە بولسا ناۋادا
ئىككى قەھرىماننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇسسۇلدىن
ئۆلگۈچىگە سىرىن گۈلدىن قۇببە ياسايتۇق
ياكى بىر تۈپ خورما تىكەتتۇق

پاسپورت

ئۇلار مېنى تونىيالمىدى
پاسپورت سۈمۈرگەن رەڭگىمنىڭ ئاجىز نۇرىغا قاراپ
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئازاپلىرىم يەرمەنكە كەبى
سۈرەت يىغىشقا ئامراق ساياھەتچىلەرگە ئېچىلار

ئۇلار مېنى تونىيالمىدى، ئاھ،… ئۇنداق قىلما!
قۇياش نۇرىنى ئالقىنىمدىن ئايرىما!
چۈنكى، دەرەخ
تونۇيدۇ مېنى…
يامغۇردىكى قوشاقلار تونۇيدۇ مېنى
ۋاز كەچمە مەندىن
سارغايتما مېنى بەئەينى ئايدەك!

يىراقتىكى ئايروپورت دەرۋازىسى
ئەگىشەر ئالقىنىمدىكى قۇشقا
بۇغداي ئېتىزلىرى
تۈرمىلەر
ئاق رەڭلىك قەبرىلەر
چىگرالار

لەپىلدىگەن ياغلىقلار
كۆزلەر
ھەممىسى مەن بىلەن بىللە ئىدى،
بىراق ئۇلار
ئۇنى پاسپورتىمدىن چىقرىۋەتتى!

ئىسمى،تەۋەلىگى يوق
ئۆز قولۇڭ بىلەن پەرۋىشلىگەن تۇپراقنىڭ
ئەيۇبنىڭ ۋەھىيەسى ياڭرار ئاسماندا:

مېنى يەنە بىر قېتىم جازالىماڭلار !
غوجىدارلىرىم! دانىشمەنلىرىم!
دەرەخنىڭ ئىسمىنى سۈرۈشتۈرمەڭلار!
ئانىسىنى سورىماڭلار جىلغىلاردىن!
پىشانەمدىن سەكرەپ چىقتى نۇرلۇق شەمشەرلەر
ئالقىنىمدىن ئېتىلىپ چىقتى دەريا ۋە سۇلار
بارچە ئادەملەرنىڭ قەلبى…. مېنىڭ ۋەتىنىم
بىراق، سېلەر تارتىۋالدىڭلار مېنىڭ پاسپورتىمنى!

رېتا ۋە قورال

مەن بىلەن رېتانىڭ كۆزى ئارىسىدا… بىر قورال بار
رېتانى تونۇيدىغان ئادەم باش ئىگەر
بەيئەت قىلار
شىرىن نەزەر ئىچىدىكى ئىلاھقا
رېتانى سۆيدۈم
ئۇنىڭ كىچىك چېغىدا
ماڭا قانداق يېقىنلاشقانلىقى ئېسىمدە ئېنىق
گۈزەل ئۆرىمە چاچلىرىنىڭ بىلىكىمگە چۈشۈپ تۇرغىنى
يادىمدا رېتا
كىچىك قۇشلارنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك جىرا ئېقىنى
ئاھ….رېتا
ئارىمىزدا بار مىليۇن كىچىك قۇش ۋە سانسىز كارتىنا
يەنە نۇرغۇن ۋەدىلەر
بىر قورال….ئوت ئاچتى ئۇنىڭغا
رېتانىڭ ئىسمى ئەسلى بايرام ئىدى ئېغىزىمدا
رېتانىڭ ۋۇجۇدى ئىدى قېنىمنىڭ توي مۇراسىمى
رېتانى يۈتتۈرگىلى بولدى ئىككى يىل
ئۇ بىلىگىمدە ئۇخلىغىلى بولدى ئىككى يىل
بىز ئەڭ شىرىن جام بىلەن پۈتۈشكەن
لەۋلىرىمىز ئۈزۈم شارىپىدا كۆيۈپ
قايتا تۇغۇلغان!
ئاھ،… رېتا
ئىككى قېتىملىق چۈشلۈك ئۇيقىدىن باشقا
شىرىن بۇلۇتتىن باشقا
ھېچنىمە ئايرىيالماس كۆزلىرىمنى كۆزۈڭدىن
ئاشۇ قورالدىن بۇرۇن.
ھەممىسى ۋاپات بولدى
ئاھ، زاۋالدىكى جىملىقتا
ئايىم سەھەردە كۆچمەكتە يىراق
ئاشۇ شىرىن رەڭلىك كۆزلەر تەرەپكە
بىراق، شەھەر
سۇپۇرۇپ تاشلىدى ناخشىچى ۋە رېتانى
مەن بىلەن رېتانىڭ كۆزى ئارىسىدا… بىر قورال بار.

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top