ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى

شۇ نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىزكى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان ھازىرقى ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ بولسا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ۋە ماقۇللۇقى بىلەن قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زورلاپ تېڭىلغان بىر سۈنئىي مەمۇرى ئورگاندىن ئىبارەت.

ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ نىڭ بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە مەمۇرى شەكلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدىكى ماددىلىرىغا، “خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“ غا ۋە ب د ت نىزامنامىسىدە ئاپتونومىيىلىك سالاھىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدە تەكىتلەنگەن پرىنسىپلىرىغا تامامەن زىت ۋە خىلاپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلغان. 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ھېچ بىر ۋاقىت ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1984 – يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېلان قىلىنغان “مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“ نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىلىپ، “مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە – ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى نامايان قىلىش “ دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ تەرىپىدىن 2005 – يىلى 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئىمزا قويۇلۇپ تارقىتىلغان ۋە 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان، “ مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى“ دىمۇ ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتىگە باققىنىمىزدا، يۇقىرىقى پرىنسىپنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي قارىمۇ – قارشى بىر سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

بۈگۈن دۇنيادىكى خىتايدىن باشقا ئەللەردە تەسىس قىلىنغان ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىچكى جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتلەر بىلەن فېۋرال مۇناسىۋىتى بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي سىستېما تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونومىيىلىك جايلار دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان مىللىي پارلامېنت ۋە مىللىي ھۆكۈمەتلەرگە ئىگە، شۇ جايلارنىڭ سىياسىي تۈزۈمى مەركىزى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ئارقىلىق بېكىتىلگەن، بۇ خىل سىستېما، ب د ت نىڭ نىزامنامىسىگە ۋە خەلقئارالىق قانۇن – پرىنسىپلارنىڭ روھىغىمۇ باب كېلىدۇ.

ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىدىن شۇ نوختىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، بۇ رايوندا ھېچ بىر زامان يۇقىرىقى پرىنسىپلاردا تەكىتلەنگەن ھەقىقىي ئاپتونومىيە مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيەت ئورگانلىرى تۆۋەندىكى 5 چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان :

1)    “خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى“ ( قىسقارتىلىپ “ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم “ دەپ ئاتىلىدۇ )
2)    “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى“
3)    “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى“
4)    “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“
5)    “شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى“

يۇقىرىقى 5 ئورگاننىڭ مەمۇرى جەھەتتىكى دەرىجىسى ئۆلكە ياكى مىنىستىر دەرىجىلىك بولۇپ، 1949 – يىلى 10 – ئايدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك پۈتۈن ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئەمىلى مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقى “ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم“ نىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلدى.

مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە مەھەللە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس پارتىيە كومىتېتلىرى، پارتىيە ياچېيكىلىرى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ ئورگانلارنىڭ ئەمىلى ھوقۇقى مۇشۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ۋە بۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ 95 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى خىتايلار تەشكىل قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن باشقا ھېچ بىر يەرلىك مەمۇرى ئورگاننىڭ ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ يەرلىك مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان ھېچ بىر مەسئۇلىنىڭ ئەمىلى باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق، ئۇلار پەقەتلا ئىسمى بار، جىسمى يوق قۇرۇق ھەيكەللەردىن ئىبارەت !

ھەتتا ، “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى“، “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى“ ۋە “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ قاتارلىق يەرلىك 3 چوڭ ئالىي ئورگاننىڭمۇ “ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم“ نىڭ رۇخسىتى ۋە تەستىقسىز ھېچ بىر قارار ئېلىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقى يوق، كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى“ گە رەھبەر بولۇش سالاھىيىتى يوق، “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ بىلەن “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ ۋەكىللىرىنىڭ 95 پىرسەنتى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ كومپارتىيە ئەزالىرىغا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ۋە “ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم“ نىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن، شۇڭا، بۇ يەرلىك ئورگانلار قارار ئېلىش ئورگىنى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىدىن ئىبارەت!

بۇ نورمالسىز سىستېما، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

يۇقىرىقىسى پەقەتلا ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ نىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ، شۇنداقلا بۇ رايوندا ھەقىقىي بىر ئاپتونومىيىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىڭ ئاددىي بىر مىسالدىنلا ئىبارەت.

بۇ رايوندا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ بېرىشىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ھەم قارشىلىقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا كۈچىيىپ بېرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا خۇددى دەسلىپىدە تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زورلاپ تېڭىشى بىلەن سۇنى ئۇسۇلدا مەجبۇرى تۇرغۇزۇلغانلىقىدىن ئىبارەت.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچ بىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي توقۇنۇش ۋە ئىسيانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشىنىڭ يەنە بىر ئوبيېكتىپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 – يىلى مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا “خىتاي جۇمھۇرىيىتى“ نى قۇردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى  ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

خۇددى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن ۋە بۇ ۋەدىلىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، 1949 – يىلى “خىتاي جۇمھۇرىيىتى“ نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، “ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى“ نى قۇرغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا ۋەدىسىدىن يېنىپ، 49 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان رايونىنى مەجبۇرى ئىشغال قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى  ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ دېگەن نامدا  ئىسمى بار، جىسمى يوق قورچاق بىر ئاپتونوم ھۆكۈمەتنى قۇردى  ۋە بۇ ئاتالمىش “ئاپتونوم رايون“ نىڭ ئىچىدە يەنە 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 6 ئاپتونوم ناھىيە ۋە 42 ئاپتونوم يېزا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى مەمۇرى شەكلى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان مەمۇرى شەكىلدىن ئىبارەت.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ، “ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى“ ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىبەت، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مىللىي رايونلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان  سىياسىتى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنى ئەمەس، بەلكى چوڭ خىتايچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيىسىنى ئاساسى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان.

ئۇنداقتا، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى نېمە ؟  ئۇنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيىسى – مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز  تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ئىبارەت، بۇ ئىككى پرىنسىپ، ماركسىزم ۋە لېنىنىزم پەلسەپىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ئىزاھات بەرگەندە، “ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى  – مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ تەل – تۆكۈس ئىپادىسى، بىزنىڭ ئەڭ  مۇھىم ئاساسىي يېتەكچى ئىدىيىمىز – ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى مىللەت بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى مىللەتلەرنى  بىر – بىرىدىن ئايرىشتىن ئىبارەت  “ دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى.

ئەينى چاغدا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى “خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى“ مۇ ئۆزىنىڭ پروگراممىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى “ مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەت “ دەپ بېكىتكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ تاكى 1945 – يىلى چاقىرىلغان “يالتا يىغىنى“ غا قەدەر “ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى “ نىڭ يۇقىرىقى پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان، ئۇلارنىڭ 1944 – يىلى ئىلىدە “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى“ نىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىمۇ، مۇشۇ پرىنسىپنىڭ ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ جانلىق بىر ئىسپاتى ئىدى.

نۆۋەتتىكى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسى، ئەينى چاغدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تاشقى موڭغۇلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن ئىبارەت، بۇ تېررىتورىيە، مانجۇلارنىڭ خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە شۇلارغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ دۆلىتىنى ۋە زېمىنىنى تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرقى خىتاي مىللىتىمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە ئوخشاشلا مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەت ھېسابلىناتتى، ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنى ماركسىزم، لېنىنىزىمچىلار دەپ قارىسا، 49 – يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ ئۇستازلىرى ماركىس، ئىنگلىز ۋە لېنىنلارنىڭ  مىللەتلەر ھەققىدىكى يۇقىرىقى نەزەرىيىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكە قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن تېررىتورىيىسىنى بىكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش  ۋە  ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم ئىدى.

ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرى  مىللەتلەر مەسىلىسىدە ماركسىزمنىڭ يولىنى ئەمەس، بەلكى  مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يولىنى تاللىدى  ۋە  ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئاسىيلىقىنى، “ ماركسىزم، لېنىنىزم ئىدىيىسىنى، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈش “ دېگەن چىرايلىق  سۆز بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىپ كەلدى.

ئەگەر بىز، 1921 – يىلى قۇرۇلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ  مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ  ئومۇمىي تەرەققىيات  ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 3 چوڭ ئۆزگىرىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا ئۆتكىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ، خاراكتېر جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر ھالغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، “خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى“ نىڭ يۇقىرىدا بىز تەكىتلەپ ئوتكەن پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىنغان ۋە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىسى ھېسابلىغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇلىيە رايونلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى پارتىيە پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

مەسىلەن، 1922- يىلى 7- ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 2- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ماددىلىرىدا، “موڭغۇلىيە ، شىزاڭ ، شىنجاڭ قاتارلىق 3 رايوندا ئاپتونومىيە ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە دېموكراتىك مىللىي فېدىرال جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلىدۇ؛ ئەركىن فېۋرال تۈزۈمى ئارقىلىق (ئەگەر موڭغۇلىيە، شىزاڭ ۋە شىنجاڭ خالىسا)‚ بۇ فېدىرال دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو بىرلەشتۈرۈلىدۇ، موڭغۇلىيە، شىزاڭ ۋە شىنجاڭلاردا جۇڭخۇا فېدىرال دۆلەتلىرى بەرپا قىلىنىدۇ” دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنى مەزكۇر خىتابنامىدە، خىتاي بىلەن موڭغۇلىيە، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تەڭ ئورۇنغا قۇيۇلغان، ھوقۇقتا تەڭ دەرىجىلىك بۇ 4 دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر سېسىتىمنى تۇرغۇزۇش تەشەببۇس قىلىنغان.

1928 – يىلى 7 – ئايدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا يەنە ، ”جۇڭگونى بىرلەشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش” دېگەن شوئار قايتا تەكىتلەنگەن.

1931 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان، ”خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇن پروگراممىسى“ دا ،”خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇ خىل ئېتىراپ قىلىشنى تاكى ھەرقايسى ئاجىز مىللەتلەر جۇڭگودىن ئايرىلىپ ئۆزلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ” دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

1935 – يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى ماۋزېدۇڭ، ”ئىچكى موڭغۇل خەلقىگە قارىتىلغان خىتابنامە ” نى ئېلان قېلىپ، “باشقا ئاجىز كىچىك مىللەتلەرنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىچكى موڭغۇل خەلقىنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، بىزنىڭچە، ئىچكى موڭغۇل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئىچكى مەسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، … ئۇلار باشقا مىللەتلەر بىلەن فېدېراتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ياكى پۈتۈنلەي بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقىغا ئىگە” دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ماھىيەت جەھەتتە بۇ، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە رايونلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۇپراق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغانلىقى ھېسابلىناتتى.

1936 -يىلى 8 – ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ” “خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى ۋە ئاجىز كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ۋە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ” دەپ يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان.
ئەمما، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە تەسىرى زورايغانسېرى، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى  پوزىتسىيىسىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان.

1947 – يىلى يەنئەندە چاقىرغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ئەمما يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى تۈسىنى ئالغان فېدېراتىپ سىستېمىدىن ۋاز كەچمىگەن.
1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى تەل – تۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، “ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى“ نى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا، يەنى، 49 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ يىغىنىدا، ئىلگىرى  ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن تامامەن يېنىۋېلىپ، فېۋرال تۈسنى ئالغان جۇمھۇرىيەت قۇرمايدىغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا پەقەتلا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىشقىلا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى مانا مۇشۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، بىلىنمىگەن سەۋەبلەردىن قازاغا ئۇچراپ ۋاپات بولغان ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، “خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى“ نى ئېلان قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەنى، 49 – يىلى 9 – ئاينىڭ  29 – كۈنى، خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى چاقىرىپ، بۇ يىغىندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇن تۈسىنى ئالغان، “خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈپ نىزامى“ نى ئېلان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېلان قىلىنغان نىزامنىڭ  51 – ماددىسىدا، “ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇشى كېرەك، مىللەتلەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە ياكى تېررىتورىيىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان  جايلار ۋە  مىللىي ئاپتونوم رايونلاردىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە ۋەكىلى بولۇشى كېرەك“ دەپ كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا، يۇقىرىقى نىزامنىڭ 52 – ماددىسىدا يەنە، “خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى  چېگراسى ئىچىدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ھەربىي تۈزۈمىگە ئاساسەن، ھەقلىق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىدۇ  ھەم يەرلىك ھەقلىق ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ“ دەپ كۆرسىتىلگەن.

گەرچە بۇ نىزامدا، كەلگۈسىدە تەسىس قىلىنىدىغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلارنىڭ خەلق ھەقلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، خىتاي كومپارتىيىسى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان “ئاپتونوم رايون“ دىن باشقا ھېچبىر تەكلىپ ياكى شەرتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇقچە ئىپادە قىلغان ئىدى.

گەرچە ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدا “مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىش“ ھەققىدىكى بۇ قارار، “مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى“ دا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ مەسلىھەتكە تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى قاتناشمىغان، خىتاي كومپارتىيىسىمۇ ئۇلاردىن ھېچبىر مەسلىھەت ياكى پىكىر ئالمىغان، ھەتتا “ئاپتونوم رايون“ دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەققىدە قىلچە ئىزاھاتمۇ بەرمىگەن ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى (ئۇيغۇر)، ئابدۇكېرىم ئابباسوف (ئۇيغۇر)، دەلىلقان (قازاق)، ئىسھاقبېك (قىرغىز) لەر  باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى  مۇشۇ قېتىمقى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى غۇلجىدىن ئايرىلغان ۋە شۇ ئاينىڭ 28 – كۈنى  سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر ئايروپىلان  ۋەقەسىدە قازا تاپقان ئىدى.

گەرچە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، يەنى 49 – يىلى 9 – ئاينىڭ 25 – ۋە 26 – كۈنلىرى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى تاسىيۆ ۋە گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدىلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى گومىنداڭ مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېقىقى  قانۇنلۇق ۋەكىللىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 3 ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىدى.

چۈنكى بۇ ھەيئەت، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ 1949 – يىلى 8 – ئايدا ماۋزېدۇڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا سەپەر قىلىشتىكى مەقسىتىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بولۇپ، ئەينى چاغدا ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا كەلگەن ئاخىرقى قارارىمۇ، مۇمكىن بولسا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا سوۋېت ئىتتىپاقى تۈسىنى ئالغان ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن فېۋرال مۇناسىۋەتتىكى ئۇيغۇرىستان رېسپوبلىكىسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنىڭ ئەمىلى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىلى ھۆكۈمىتى (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى، 1949 – يىلى 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 3 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن ئىلىدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ۋە “ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى“ غا ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان سەيپىدىن ئەزىزىنى، “ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى“ دەپ قاراپ، ئۇنۇڭ ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قانداقتۇر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق پىكرى ۋە ئارزۇسى دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تارىخىي ھۆججەتلىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندا “ئاپتونوم رايون“ قۇرۇش پىكرى ۋە تەلىپىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ “ئۇيغۇرىستان رېسپوبلىكىسىنى“ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ تەشەببۇسىنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقى تەكىتلەپ، بۇنى، “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ نىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئوز ئارزۇسى ۋە ئىستىكى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بۇ، پۈتۈنلەي تارىخىي رېئاللىق بۇرمىلانغان بىر قاراش بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە سەيپىدىن ئەزىزى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىستەكلىرى ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىگە پۈتۈنلەي ساتقۇنلۇق قىلغان بىر مىللىي مۇناپىق بولۇپ، ئۇنۇڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوق ئىدى.

دەل ئەكسىچە، سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇنۇڭ پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسى 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بېيجىڭدا ماۋزېدۇڭ تەرىپىدىن بىۋاسىتە تەستىقلانغان ئىدى.

دېمەك، سەيپىدىن ئەزىزى ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى يوقاتقان ئىدى.

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندا، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تېخى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىمىغان بولۇپ، تىبەت مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان بولسا يېرىم مۇستەملىكە ھالەتتە، يەنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسمى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا، يەنە بىر قىسمى گومىنداڭ ۋەكىللىكىدىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى.

ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىلگىرى ئازسانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئىلگىرى ئۆزلىرى جاكارلىغان “مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش“ دېگەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋارىسلىرى ھېسابلانغان گومىنداڭ قىسىملىرىنى بۇ رايوندىن چېكىندۈرۈپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى “شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى (3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى) گە تاپشۇرۇشى لازىم ئىدى.

ئەمما، خىتاي كوممۇنىستلىرى  ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپلا، شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئىشغال قىلىشقا ئالدىراپ كەتتى، خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئۆزلىرىگە تەسلىم بولغان بۇرھان شەھىدى بىلەن گېنېرال تاۋسىيۆنىڭ ئەسلى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 10 كۈن ئۆتمەي، يەنى 49 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى ۋە 50 – يىلى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن  ئىشغال قىلىپ بولدى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چېغىدا، ئەخمەتجان قاسىملارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىگە ئايلانغان سەيپىدىن ئەزىزىنى “دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش“ دېگەن باھانە بىلەن بېيجىڭغا ئاپىرىۋېلىپ، تېخى قايتۇرمىغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قورچاق ۋەكىلى بۇرھان شەھىدىنى يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، ۋە بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى  گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ  گېنېرالى تاۋسىيۆنى  ئىشغالىيەتچى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنىڭ  روشەن ئىپادىسى ئىدى.

1921 – يىلى قۇرۇلغىنىدىن تارتىپ تاكى 40 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنى خىتاي مىللىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىپ ئەزگەن ئىمپىرىيالىستىك كۈچ دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ  خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىنى قوللايدىغانلىقىنى  تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، 360 گرادۇس بۇرۇلۇش ياساپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پېشۋاسى ۋە كوممۇنىستىك خىتاي دۆلىتىنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى جۇئېنلەي، 1957 – يىلى 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى  خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە : “ئازسانلىق مىللەتلەر، خەنزۇلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن خەنزۇلارغا بولغان تەسىرىدە ياخشى تەرەپلىرىمۇ بولغان، مەسىلەن، مانجۇلار  پەقەتلا نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئەمما ئۇ قۇرغان چىڭ سۇلالىسى خىتايغا 200 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ، ئۇلارنىڭ بىڭسى بار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ خەرىتىسىنىڭ بۇنچىۋالا كەڭ بولۇشىمۇ، ئەنە شۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىراسىدىن ئىبارەت، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپۇسى كۆپ، ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنىڭدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆھپىسى بار، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭمۇ خەلقىمىزگە پايدىسى بار …“ دەپ كۆرسەتكەن.

49 – يىلى   خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئىچىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان رايون – تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بولۇپ، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە ئەخمەتجان قاسىم باشچىلىقىدىكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ ئىككى رايوندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تەز سۈرەتتە راۋان ئىجرا قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭلىق قىلىۋاتقان  ئاساسلىق ئامىللار ئىدى، چۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرى  شۇ رايون خەلقلىرىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇ ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ  “ئاپتونومىيە“ نى  قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇنداقلا  خىتاي كومپارتىيىسى كەلگۈسىدە بۇ ئىككى رايوندا قۇرۇلىدىغان  ئاتالمىش “ئاپتونوم رايون“ لارنىڭمۇ بۇ ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاساسىدا قۇرۇلۇشىنى خالىمايتتى، چۈنكى ئۇلارنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى  ھېس قىلغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىدە قۇرماقچى بولغان “ئاپتونوم رايون “ نى، ئاساسلىق رەھبەرلىرى  مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىگەن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان، ئارتۇقچە ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلمايدىغان ۋە سالاھىيىتى خىتاينىڭ ئادەتتىكى ئۆلكىلىرىدىن ھالقىپ كەتمىگەن بىر “ئاپتونوم رايون“ شەكلىدىن ئىبارەت ئىدى.

شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا دەرھال “ئاپتونوم رايون“ قۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئالدى بىلەن،  كۆزگە قادالغان مىخ دەپ قارالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى يوقىتىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكىنىدەك  ئىتائەتمەن بىر “ئاپتونوم رايون“ نىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىش ئېھتىمالنى بولغان مىللىي كۈچلەرنى تازىلاشقا  كىرىشتى.

شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەينى چاغدا، 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى  ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز “قازا“ قىلىشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشىنى زور دەرىجىدە قۇلايلاشتۇرغان  بولسىمۇ، ئەمما، 30 نەچچە مىڭ كىشىلىك 3 ۋىلايەت ئارمىيىسى  ۋە 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئەتراپىغا توپلانغان مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىدى. گەرچە خىتاي ھەقلىق ئازادلىق ئارمىيىسى  49 – يىلى 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىلى رايونىغا يېقىن يولىيالمىغان ئىدى، چۈنكى 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى  خىتاي قىسىملىرىنىڭ شىمالى رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ قويغان ئىدى.

كوممۇنىست خىتاينىڭ تۇنجى دۆلەت رەئىسى ماۋزېدۇڭ، 1949 – يىلى 12 – ئايدا،  غەربى شىمالدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدە  قول ئاستىدىكىلەرگە بەرگەن يوليورۇقىدا، “سىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭلار كېرەككى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل  ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىللىي ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى  تەل – تۆكۈس يېتىم قالدۇرۇش كېرەك، ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان زور بىر تۈركۈم پارتىيىلىك كادىر بولماي تۇرۇپ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس“ دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يەردە “مىللىي ئەكسىل ئىنقىلابچىلار“ دېگىنى، دەل 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ساھەلەردىكى مىللىي كۈچلەر ئىدى، ماۋزېدۇڭنىڭ، “مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش“ دېگىنى، تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈش  ۋە بۇ رايون خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق قارىشىنى تامامەن يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نورمال گىراجدانىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ماۋزېدۇڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن يەنە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئاساسلىق مىللىي كۈچ ھېسابلانغان 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن، “ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى“ دېگەن نامدا  يەرلىكلەردىن ئۆزلىرىگە سادىق يېڭى بىر كۈچ تەشكىللەپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى  ۋە كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان “ئاپتونوم رايون“ نى مانا شۇ  “ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان پارتىيىۋىلىك كادىرلار“ نى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغانلىقى  ئوچۇقچە كۆرۈلمەكتە.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 49 – يىلى 10 – ئايدىن، تاكى “ئاپتونوم رايون“ قورۇلغۇچە بولغان  55 – يىلى 10 – ئايغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە  شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن بىر قاتار سىياسەتلىرى، ئۇلارنىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ يۇقىرىقى يوليورۇقىغا پاراللېل ھالدا پىلانلىق ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جان دۈشمىنى ھېسابلانغان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، قايتىدىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا بېسىم ۋە تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، 50 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مىللىي ئارمىيىنى مەجبۇرى ھالدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 -–كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىۋالدى ۋە ئارىدىن 10 كۈن ئۆتمەي، يەنى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىردى، بۇنىڭ بىلەن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى تولۇق تاماملانغان بولدى.

1955- يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلغانغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي كۈچلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇپ يوقىتىلغان ياكى تۈرمىلەرگە يىغىۋېلىنغان ئىدى.

50- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ھادىسىلەرمۇ، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا قانداقتۇر بىر “ ئاپتونوم رايون “ نىڭ ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

مەسىلەن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1950-يىلى 30-يانۋار كۈنى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئارا تۆرۈك ناھىيىسىدە ناسىر ۋە ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر – قازاق ئىسيانچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ  ئالدىنى توسۇپ ھۇجۇم قىلغان، بۇ جەرياندا نۇرغۇن خىتاي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ مىللىي ئىسيانغا ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر كۈچلىرى كېلىپ قوشۇلغان، شۇ چاغدا ئىسيانچىلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئېشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە زور تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
بۇ مىللىي ئىسيان ئوسمان باتۇرنىڭ 1951-يىلى 5-ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىشى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە 1950-يىلى يانۋاردا 2000 دىن ئارتۇق ئاتلىق مىللىي ئىسيانچى قوشۇن  سىدىق زالىڭ، ئورازباي، ۋەلى رەھبەرلىكىدە قۇمۇلدىكى مىللىي ئىسيانچىلارغا ماسلىشىپ خىتاي ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل پروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن تىركەشكەن، كېيىن بۇلار خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان ئىدى.

يەنە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1951-يىلى غۇلجا شەھىرىگە توپلانغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 51 نەپەر زىيالىي،« 51 چىلەر » قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بايانات تاپشۇرغان ۋە ئوچۇق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغان، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىمۇ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى.

يەنە 1951-يىلى 12-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى چىققان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغان ئابدۇلئەزىز داموللام، قۇربان قۇداي، سېيىت ئەخمەت خوجا، ئابدۇللا سەمىدى، ھامۇت ھاجى، نۇربەك، پاشابەك، جانىمقان قاتارلىق 350 نەپەر جامائەت ئەربابىغا ئۇلۇم جازاسى بېرىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 2000 دىن ئارتۇق كىشى تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

ئوخشاش مەزگىللەردە غۇلجىدا مىللىي ئارمىيىگە قىسىملىرىدىكى پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيېۋ، پولكوۋنىك قۇربانجان، ئىلدىرىم مەسئۇد، ياقۇپ راخمانوۋ، سۈيدۈڭدە ئىدرىس، سېيىت ھاجى، قازىباي، بەكرى غازى، ھوشۇرمەت، شىخۇدىن نەسىردىن ھاكىم قاتارلىق ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى، “ۋەتەننى بۆلۈشكە ئۇرۇنغان“ دېگەن جىنايەت بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ نى قانداقتۇر “ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئىستىكى بىلەن قۇرۇلغان“ دېيىشىنىڭ ھېچ بىر تارىخىي ئاساسى يوقتۇر.
خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغاندا، بۇ “ئاپتونوم رايون“ بولسا ھېچ بىر قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان، ئۇنۇڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇنىي  ۋە مەمۇرى شەكلى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى.

قىسقىسى، بۇ “ئاپتونوم رايون“، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسى بېكىتىلمىگەن بىر “ئاپتونوم رايون“ دىن ئىبارەت ئىدى. 55 – يىلى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونومىيىلىك مەمۇرى رايوننىڭ نامى  “ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىلىقمۇ ھېچ بىر چۈشەنچە ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى.

شۇڭا، تاكى 80 – يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ ئاتالمىش “ئاپتونوم رايون“، خۇددى ئاساسى قانۇنى يوق دۆلەت ۋە نىزامنامىسى يوق تەشكىلاتتەك بىر ۋەزىيەت ئاستىدا قالايمىقان ئىدارە قىلىنىپ كېلىندى، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ كېلىنگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ سىياسەت ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئىجرا قىلىندى، مەسىلەن، ئاتالمىش “يەر ئىسلاھاتى“، “ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى“، “ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى“، “سولچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى“، “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ … دېگەندەك سان – ساناقسىز سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە قانداق ئىجرا قىلىنغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ پېتى ئىجرا قىلىندى.

ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلۇپ ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1984 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن “خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“ تۈزۈپ چىقىلدى ۋە بۇ قانۇن شۇ يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چاقىرىلغان خىتاينىڭ 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىپ، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.
ئەپسۇسكى، جەمئىي 67 ماددىدىن تەركىب تاپقان بۇ قانۇن پەقەت “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتايدا تەسىس قىلىنغان 155 ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغا، يەنى 5 ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست ۋە 120 ئاپتونوم ناھىيىگە قارىتا تۈزۈپ چىقىلغان ئابستراكت ۋە مۈجمەل بىر قانۇن ئىدى.

ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىيال ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئەڭ ئاددىيسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخى “ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون “ قۇرماي تۇرۇپلا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋۋال ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە قىلغانلىقى بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىدى.

مەسىلەن، “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، 1954 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا “ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى“، “بۆرىتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى“، “سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى“، “بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى“ ، “قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى“ قاتارلىق 5 “ئاپتونوم ئوبلاست“، يەنە “چاپچال شېۋە ئاپتونوم ناھىيىسى“، “تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى“ … قاتارلىق  6 “ئاپتونوم ناھىيە“ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1955 – يىلى “ئاپتونوم رايون“ قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن مەمۇرى رايون پەقەتلا قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 5 ۋىلايەت بىلەنلا چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەر كۆلىمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان.

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى  ئاللىبۇرۇن ئېنىق بېكىتىلگەن ئۆزگەرمەس تۈپ سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ھازىر قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىلا خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ پەيدىن – پەي ھوقۇقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى ئاساسەن خىتاي رەھبەرلەرنىڭ ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان رەھبىرى كادىرلارنىڭ 59.3 پىرسەنتى خىتاي، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 47.17 پىرسەنتى خىتاي، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 64.26 پىرسەنتى، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 71.54 پىرسەنتى خىتايلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر “ئازسانلىق مىللەت رەھبىرى كادىرلىرى“ دەپ ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدىكى تۇڭگان، مانجۇ، شېۋە .. قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنى چىقىرىۋەتسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ئىگىلىگەن ئەمىلى نىسبىتى 10 پىرسەنتكىمۇ بارمايدۇ.

ھازىر تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىسىڭىز، “ئاپتونوم رايون“ نىڭ رەئىسى، خېلى كۆپ ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى ۋە يېزا باشلىقلىرى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان، ئەمما بۇ 4 دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدىلا  مەخسۇس پارتكوملار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ پارتكوملارنىڭ سېكرېتارلىرى  تامامەن خىتاي، ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش ۋە قارار ئېلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا خىتاي پارتكوم سېكرېتارلىرىنىڭ ئېغىزىغا قارايدۇ ۋە شۇلارنىڭ بۇيرۇقى ۋە خاھىشى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا، “ئاپتونوم رايون“ دىن تارتىپ، تاكى ناھىيىلەرگىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردا بىرىنچى سېكرېتار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 200 مىڭ نەپەرگە يېقىنراق بولۇپ، نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، سان جەھەتتە خىتايدىكى پۈتۈن ئۆلكىلەر بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 12 – 13 پىرسەنتى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت.

2010-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 66 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدىكى سىياسىي ۋە مەمۇرى ھوقۇقلارمۇ پۈتۈنلەي كومپارتىيىنىڭ مۇتلەق مۇنۇپۇللىقى ئاستىدا تۇرماقتا.

بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئاپتونومىيىدىن، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىدىن سوز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

بۈگۈن “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تولۇق ئاتىلىشى، “خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى“ دىن ئىبارەت.

“ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ نىڭ تولۇق ئاتىلىشىمۇ، “مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى“ دىن ئىبارەت.

سۇنئى ئۇسۇلدا تۇرغۇزۇلغان بۇ ئىككى ئورگان ھېچ بىر زامان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش، ئۇلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە پۈتۈنلەي زىت ۋە قارىمۇ قارشى كېلىدىغان قانۇن – تۈزۈملەرنى زورلاپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ۋە نارازىلىقلىرىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بىرقانچە مىسالنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن :

1994 – يىلى 1 – ئايدا، “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى“ تەرىپىدىن مەخسۇسلا ئاتالمىش “مىللىي بۆلگۈنچىلەر“ گە زەربە بېرىش مەزمۇن قىلىنغان، “شىنجاڭدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى“ دېگەن يەرلىك قانۇن چىقىرىلدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا زورلاپ تېڭىلغان بۇ يەرلىك قانۇن، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ، شۇنداقلا ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى.

بۇ قانۇن ھازىرغا قەدەر مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى 1997 – يىلى ئېلىپ بارغان “قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى“ مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، “شىنجاڭدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى“ دېگەن بۇ نەرسىنىڭ ماددىلىرىنى كېڭەيتكەن ئىدى.
2010 – يىل 1 – ئايدا چاقىرىلغان “ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى“ دا، “ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى“ نىڭ يېڭىلانغان ۋە تولۇقلانغان نۇسخىسى ماقۇللاندى، مەخسۇس ئاتالمىش “3 خىل كۈچلەر“ گە زەربە بېرىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان بۇ قانۇن 2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

بۇ قېتىم ماقۇللانغان بۇ قانۇندا، ئاتالمىش “3 خىل كۈچلەر“ گە زەربە بېرىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى سەل – پەللا كۈچلۈك بولغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى زەربە بېرىش نىشانىدىن ئىبارەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، “مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قانۇنى“ دېگەن يەرلىك قانۇنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى 2010 – يىلى 1 – ئايدا “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى“ غا زورلاپ ماقۇللاتتى، بۇ قانۇنمۇ  2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.
بۇ يەرلىك قانۇن رەسمىي ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر “3 خىل كۈچلەر“ دېگەن نامدا قولغا ئېلىندى.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، 1996 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىروسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا چىقىرىلغان “7 – نومۇرلۇق ھۆججەت“ تە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش ۋە دىنى ساھەگە قارىتىلغان تازىلاش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى“ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 7 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئاساس قىلغان ھالدا، جەمئىي 23 ماددىدىن تەركىب تاپقان “قانۇنسىز دىنى ھەرىكەتنىڭ چەك – چېگراسىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارار“ نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ قارار، “شىنجاڭدا دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى“ دېگەن ئىسىم بىلەن رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلدى.

شۇندىن كېيىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا دىنى زاتلارنى ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش – قىيناش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق ھالدا كۈچەيتتى.

ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا 1988 – يىلى مەخسۇس يەرلىكلەرگە قارىتا چىقىرىلغان “پىلانلىق تۇغۇت“ قانۇنىدىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىلار يەر ئالغان، بۇ قانۇن تۈپەيلىدىن يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قانۇنى جەھەتتىن ئېغىر ئېغىر جازالاشقا ئۇچرىغان ئىدى.

قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان بۇنداق يەرلىك “قانۇن“ لارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.

دېمەك، يۇقىرىقى ئىككى ئورگان، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەت، توقۇنۇش، ئىختىلاپ ۋە مىللىي ئىسيانلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشىغا ۋە بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.

يەنە بىر جەھەتتىن، “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ بىلەن “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ مەۋجۇتلۇقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى جەھەتتىن ئىنتايىن ئېغىر بىر ئىقتىسادى يۈكتىن ئىبارەت.

مەسىلەن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 7 ۋىلايەت، 5 ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 3 شەھەر، 64 ناھىيە، 6 ئاپتونوم ناھىيە، 17 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 11 شەھەر رايونىدا تەسىس قىلىنغان ھەر دەرىجىلىك “خەلق قۇرۇلتىيى“ بىلەن “سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ ئومۇمى سانى 250 كە يېقىن بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سانى 25 مىڭ نەپەرگە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى 5000 نەپەرگە يېتىپ بارىدۇ، بۇ ۋەكىل ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ۋەكىل ۋە خىزمەتچى خادىملارنى تاللاش ھوقۇقى پۈتۈنلەي ھەر دەرىجىلىك كومپارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلىكىدە.

بۈگۈن دۇنيادىكى ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھېچ بىرىدە بۇنداق بيۇكراتىك، مۈجمەل ۋە غەيرىي دېموكراتىك سىستېما مەۋجۇت ئەمەس.

ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپتونومىيىلىك سالاھىيەتكە ئېرىشكەن خەلقلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى قانۇن – پرىنسىپلىرى ۋە 1949 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە ماقۇللانغان “خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈپ نىزامى“ نىڭ روھىغا ئەمەل قىلىنغان ئاساستا، شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا مىللىي پارلامېنت ۋە مىللىي ھۆكۈمەت تۇرغۇزۇلۇپ چىقىلىشى، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت  ئەزالىرىنىڭ سانى ۋە مىللىي تەركىبى، 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادىل بىر شەكىلدە بېكىتىپ چىقىلىشى لازىم ئىدى.

ئەگەر بىز تاشقى كۆرۈنۈشتە ئاۋام پالاتاسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ بىلەن، كېڭەش پالاتاسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان  “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ئىككى ئورگاننىڭ ھېچ بىر زامان يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا ۋە نازارەت قىلغۇچى ئورگان سۈپىتىدە يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ئېلىپ ئېيتساق، 1951 – يىلى 5 – ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى بىلەن ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىمۇ “شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ قۇرۇلغان ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا 1949 – يىلى 9 – ئايدا چاقىرىلغان خىتاينىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاندا ئاپتونومىيە تەسىس قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىنغان ۋە بۇ ئاپتونومىيىلىك ئورگاننىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھۆكۈمىتى (ئىلى ھۆكۈمىتى) ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان بىر مەزگىل ئىدى، بۇنداق بىر شارائىتتا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماستىنلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن “شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ تەسىس قىلىنىشى، يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئىدى.

1955 – يىلى 2 – ئايغا كەلگەندە ئاندىن “شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ئۇنۇڭ تەشكىلى ئاپپاراتلىرى تۇرغۇزۇلدى.

بۇ مەزگىلگە قەدەر “شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر مەمۇرى ۋە سىياسىي ئورگان سۈپىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندا، “يەر ئىسلاھاتى“، “ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى“، “دېموكراتىك ئىسلاھات“ ، “3 كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى“، “5 كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى“ … دېگەندەك ناملاردا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغان سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق ۋە نازارەتچىلىك قىلدى، بۇ جەرياندا تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك خەلق خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاندى.

1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلغاندىن كېيىن، “شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ بىر كېچىدىلا “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ گە ئۆزگەرتىلدى، ئەمما ئۇنۇڭ ئىلگىرىكى تەشكىلى قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكسىيىسىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنىلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىللىك ئورگىنى سۈپىتىدە ئەسلىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

1966- يىلى خىتاي بويىچە “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنۇڭ تەركىبىدىكى ئورگانلار ۋە خادىملار “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابى كومىتېتى“ غا قوشۇۋېتىلدى، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە يەنە “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى“ ۋە “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ مۇ بىكار قىلىنىپ، بۇ ئورگانلارمۇ “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابى كومىتېتى“ نىڭ تەركىبىگە مەجبۇرى قوشۇۋېتىلدى.

ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ، يەنى 1978 – يىلىغا كەلگەندە يۇقىرىقى 3 ئاپتونومىيىلىك ئورگاننىڭ بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى.

ئەمدى ئاتالمىش “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ غا كەلسەك، ئۇنۇڭ تەقدىرىمۇ خۇددى “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ دەكلا بولدى.

1951 – يىلى 4 – ئايدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەر ساھە خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى“ دېگەن نامدا يىغىن چاقىرىلدى، بۇمۇ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ماقۇللۇقىدا ئېلىپ بېرىلمىغان، كۆپ قىسىم ۋەكىللىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر قۇرۇلتاي ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى شۇ قېتىمقى يىغىننى، بۈگۈنكى “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ نىڭ بارلىققا كەلگەن كۈنى دەپ تەكىتلەپ كەلمەكتە.

1954 – يىلى 7 – ئايغا كەلگەندە “شىنجاڭ ئۆلكىلىك تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى“ چاقىرىلدى، بۇنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلى قۇرۇلمىسىمۇ يەنە 1954 – يىلى 4 – ئايدا چاقىرىلغان  ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەر ساھە خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى“ بىلەن ئوخشاش ئىدى.

1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاتالمىش “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى“ قۇرۇلغاندا، ھېچ بىر سايلامسىزلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن  “شىنجاڭ ئۆلكىلىك تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى“ مۇ “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ غا ئۆزگەرتىۋېتىلدى.

1966 – يىلىغا كەلگەندە بۇ ئورگانمۇ خۇددى “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى“ ۋە “ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى “ غا ئوخشاش “ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابى كومىتېتى“ نىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلدى، 1978 – يىلىغا كەلگەندە ھازىرقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

قىسقىسى، مەيلى ئاتالمىش “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى“ بولسۇن، مەيلى ئاتالمىش “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى“ بىلەن ئاتالمىش “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى“ بولسۇن، ھېچ بىر زامان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيىلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانمۇ ئەمەس. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى، بۇ 3 چوڭ ئورگاننىڭ ھازىرغا قەدەر ئالغان قارارلىرى، چىقارغان قانۇن – نىزاملىرى ۋە ئىجراسىنىڭ ھەممىسى “خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى“ نىڭ ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدىكى ماددىلىرىغا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان “خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“ نىڭ روھىغا تامامەن زىت ۋە خىلاپ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق يۇقىرىقى 3 چوڭ قورچاق ئورگاننى ھېچ بىر ۋاقىت ئاپتونومىيىلىك ئورگان دەپ ئېتىراپ قىلغىنى يوق.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى، 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش