ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » تۇرپانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىگى

تۇرپانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىگى

مىزاجى: قۇرۇق سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، ھۆل ئىسسىق دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىش مۇمكىن.
خىلىتى: خىلىت ئېتىبارىدىن تۇرپان كىشىلىرىنى سەۋدا، سەپرا، بەلغەم، قان دىگەن تەرتىپ بۇيىچە تىزىشقا بولىدۇ.

چىراي شەكلى: سېرىق، ئاق پىشماق، بەستلىك كىلىدۇ، ساقال-بۇرۇتلىرى شالاڭ، بۇرۇن تۆشۈكى چوڭ بولىدۇ، ئومۇمەن كۆپىنچىسى ئەينى دەۋىردىكى تۇرپان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىراي-شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان.

مېڭىش-تۇرۇشى: ئۇستىخىنى تەرەققى قىلغان، ئالدىراپ ماڭىدۇ، بىر قەدەر جىددى كىلىدۇ.

كىيىنىشى: ئاددى-ساددا كىيىنىدۇ، كىيىم ئارقىلىق ئىناۋەت -ئابرۇي قازىنىشنى ۋە كىيىمنى بەك پوزۇر كىيىشنى ياقتۇرمايدۇ.

يېمەك-ئىچمىكى: زىرائەتلەردىن كېۋەز، بۇغداي، قوناق، تېرىق يېتىشتۈرىلىدۇ، كۆكتاتلاردىن سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، يېسىۋىلەك، ياڭيۇ قاتارلىقلار چىقىدۇ، مىۋىلەردىن ئۈزۈم(جۈجەم) ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، قوغۇن، تاۋۇز، جىگدە ، ئۆرۈك قاتارلىق مىۋىلەر چىقىدۇ، تۇرپاندا ھازىرمۇ قەدىمكى تاماقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، كىشىلىرى ئەنئەنىۋى كۆكتات، مىۋە-چىۋىلەرنى ئاساس قىلىپ ئاساسەن بۇغداي، ئاق قوناق نېنى، سۈت چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، كۆپىنچە قۇرۇق يىمەكلىكلەرنى قورۇلغان سەي بىلەن يىيىش ئادىتى بار، ئاساسلىق تاماقلاردىن قوتۇرماچ، پۆرە، ئوماچ، شاھى پەتتا، لەغمەن، مانتا، پۇرچاق ئېشى قاتارلىقلار، قىشلىقى يىشىل ئۈزۈم، جۈجەم ۋە قوغۇننىڭ قۇرۇتۇلغا قېقىنى نان بىلەن يەيدۇ، جۇتاڭ(زاڭ)دىگەن تاماقمۇ كۆپ ئېتىلىدۇ.

قىممەت قارىشى: ئۇلار كيىىم كىچەكنى ئېھتىياج ئۈچۈن دەپ تونۇيدۇ، ميىمەك ئىچمەكنى بەك ئىشلەپ نەپىس تىزىپ ھەر خىل خۇرۇچ ۋە رەڭلەرنى سېلىپ تەييارلاشنى ئاۋارىچىلىق دەپ تونۇيدۇ.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ساددا، تۈز كىلىدۇ، ئارتۇقچە پايدا ئىلىش ۋە ئۆز ئارا بوزەك قىلىش قارىشى يوق دىيەرلىك، ھەشەمەتچىلىك، كىيىم ۋە قورۇ جاي ئارقىلىق سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈش چۈشەنچىسى يوق، ئۇلار ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتلىرى ئارا قاتتىق ھايا ساقلىنىدۇ، كونا شىۋىدە سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ ھەمدە نەگىلا بارسا بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ھەق-ناھەق ئىشىغا سەزگۈر كېلىدۇ، تەبىئى پەن ۋە ھەربى ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ، سودا -سېتىق، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى تازا قاملاشتۇرۇپ كېتەلمەيدۇ.

كۈندىلىك موھىم پائالىيىتى: دېھقانچىلىق، قول-ھۈنەر، ئۈزۈمچىلىك ، سودا-سىتىق، خىزمەت قاتارلىقلار.

ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى: جىسمانى كېسەللەردىن سۆڭەك، تېرە، چاچ، ئۈپكە، ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆپرەك، روھى ۋە پىسخىك توسالغۇدىن بولىدىغان كىسەللىكلەرمۇ ئاز ئۇچرايدۇ.

تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: تۇرپان شېۋىسىدە كونا تۈركي ئاتالغۇلار كۆپرەك، ئادەتتە «ر»تاۋۇشى ئىلىنىدۇ، بەزى سۈزلەردىكى «ۋ»تاۋۇشى «گ»غا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، بوغوملار ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ، مەسىلەن: باردۇ(بارىدۇ)، يېت باغان(يېتىپ بارغان) قاتارلىقلار، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن نەۋارىسەن(نەگە بارىسەن)، دۇرۇس، كىلىش، كېپىش، ئاتا، ئايلا، داباي(ئاپاي)، دايەر(ئاۋۇ يەر)، دەنە(ئەنە)، مايناق(مۇشۇنداق)، قارىنا(قارىغىنە) قاتارلىقلار، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بىرەر ئىش-ۋەقەلەرنى بايان قىلغانداناھايىتى ئىخچاملاپ سۆزلەيدۇ، شۇڭا جۈملىنى ئىخچاملاش، سۆز يىغىش توغرا كەلسە، تۇرپان شىۋىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن.
مەنبە: ئەينەك

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش