ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» سەنئەت پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

«ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» سەنئەت پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

تىل – بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

2017-يىلى 1-سىنتەبىردىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي قانۇنلۇق تىل بولغان ئۇيغۇر تىلى يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مائارىپ تىلى بولۇشتىن چەكلەندى ۋە پۈتۈن دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى يەسلى يېشىدىن باشلاپ خىتايچە تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا مەجبۇرلانماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولسا ئېغىر تىل كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئىتىقادى چەكلىنىپ ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا. يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى ئىتىقاد ۋە مىللىي ھېيىت – بايراملار رەزىل بىر شەكىلدە سېستىمىلىق يوقۇتۇلماقتا. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قورقونۇچلۇق ئاسمىلاتسىيە ۋە يوق بولۇش تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر مۇسىبەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ ۋە مول مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت. ياۋنىڭ ئۇيغۇرنى يوق قىلىش پىلانى بولسا، ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى مۇستەھكەم ئىرادىسى بار. ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇدىيىتى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەقلىق كۆرەشىنى ھەرگىزمۇ توختاتمايدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەۋپ ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 2010-يىلىدىن بۇيان «21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرلەش نامىدا، 9 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ تۈر ئەمەلىي خىزمەتلەرنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ھەر يىلى ئۆزلۈكسىز ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

2019-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە كەچ سائەت 6:45 تە ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسى كازلىچەشمە نىكاھ دائىرىسى ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دوست – دۈشمەنگە يەنە بىر قېتىم نايامان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى، ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر ئۇچرىشىشى قاتارلىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان ئاساسلىق رولى تۆۋەنىكىدەك:

1) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە تارىيۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ھازىر ئىنتايىن خەۋپ ئاستىدا قالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى خاتىرلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ ئانا تىل يولىدا جان بېرىپ قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2) خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز بىر ئېغىز تىلى ئىكەنلىكى ۋە ئەدەبىي يېزىق تىلى بولالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ كېرەكسىز بىر تىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تونۇلغان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە ئىلىم – پەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى، سۆزدە ۋە ئىپادىلەشتە كەمبەغەل بىر تىل دەپ قارىلىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈلۈك يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ توققۇز يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارغان مۇھاكىمە يىغىنىلىرىدا، ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت ھەرخىل تېمىلاردا بەرگەن ئىلمىي دوكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى زىيالىيلار ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلى بىلەن تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە:

1) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار چۇقۇم ھەر كۈنى ئۇيغۇرچە خەۋەر، ماقالە ۋە كىتاب ئوقۇشقا ئاز بولسىمۇ ۋاقتىنى ئالاھىدە سەرپ قىلىشى كىرەك. شۇندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز تىلىنىڭ راۋان ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

2) ئۇيغۇرلار ئائىلىدە ئۆز ئارا چوقۇم ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بالىلار چۈشىنەلمەي قالارمىكى دەپ يات تىلنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرماسلىقى كىرەك. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ساۋادىنىڭ چىقىشىنى ئاتا – ئانا ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا بىلىپ پەرزەنتلىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەك. شۇندىلا كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ – يازالىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

3) ھەر كەسىپتىكى ماگېستىر ۋە دوكتورلارنىڭ ئۆز كەسپىگە ئائىت بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كەسپىي ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشى كېرەك. ھەركىم ئۆز ساھەسىدە كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، قىسقا كەسپىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىدا بولمىغان يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ياسالغان سۆز ئۇيغۇرچىنىڭ تىل قائىدىسىگە ۋە كەسپىي مەنالارغا چۈشۈپلا قالسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تېزلا ئۆزلىشىدۇ- دە، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلىشى مۇمكىن. شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە پەن – تېخنىكىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ياتلارغا ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەكرار ئۇيغۇر مائارىپىدا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ كەسپىي كىتابلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قايتا كۆرگىلى بولىدۇ.

گەرچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىلمىي خىزمىتى ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس رۇھىدا ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلارغا بېرىپ كەلگەن رۇھى ئۇزۇقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىدۇر.

مانا شۇنداق بىر كۈندە، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى چىن يۈرەكتىن  ئۈمىت قىلىمىز.

پائالىيەت كۈنتەرتىپى:

7:20 – 6:45: ئېچىلىش مۇراسىمى

7:30 – 7:20: ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى، بۈگۈنكى قىسمىتى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ موھىملىقى ھەققىدە

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى (بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

8:00 – 7:30: مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە

سەلىمە كامال (ئاۋىستىرالىيە)، مۇيەسسەر خەندان (تۈركىيە)، گۈلنار ئىمام (نۇرۋىگىيە)، سۈرىيە قەشقىرى (ئامېرىكا)، دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا (قازاقىستان)

8:40 – 8:00: دۇتار ئۇستىسى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ۋە مۇقام سەنئەتچىلىرى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى ۋە دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى قاتارلىق سەنئەتچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇر كىلاسسىك سەنئەت نومۇرلىرى

9:30 – 8:40: ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا ئانا تىل سەنئەت نومۇرلىرى

09:40 – 9:30: يېپىلىش مۇراسىمى

جىددى چاقىرىق

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە كەچ سائەت 6:45 تە ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسى كازلىچەشمە نىكاھ دائىرىسى ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» سەنئەت پائالىيىتى پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە تەسىرلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ بېرىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

1) تۈركىيەدىكى ئاتا – ئانىلار ئۇيغۇرچە ناخشا، شېئىر ۋە نەسىر ئوقۇيالايدىغان «ئالاھىدە تالانتلىق» بالىلىرىنى ئانا تىل پائالىيىتىدە سەھنىدە نومۇر ئورۇنلشىغا ئاكتىپ قاتناشتۇرۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. نومۇر ئورۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئويۇنچۇق ۋە باشقا تۈرلۈك ھەدىيەلەر بېرىلىدۇ.

بالىلىرىنىڭ سەھنىدە نومۇر كۆرسىتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا – ئانىلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋوتىسئاپ (ئالاقە نومۇرى: 05306677851) ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

2) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالايدىغان ۋە ساز چالالايدىغان «تالانتلىق» ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئانا تىل پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە قىزغىن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئورۇنلىماقچى بولغان نومۇرلىرىنى ۋوتىسئاپ (ئالاقە نومۇرى: 05306677851) ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3) ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئانا تىل پائالىيىتىگە كېلىش ئىمكانى يار بەرگەن، ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىشقىدا يۈرىكى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا مىللىي كېيىملىرىنى كىيىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىشلىرىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى

ئالاقە تېلفۇنى: 05306677851

ئورنى: ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسى كازلىچەشمە نىكاھ دائىرىسى ئاق دېڭىز يىغىن زالى

ئادرىسى: ئاباي كوچىسى، 165 – نومۇر، زەيتىنبۇرنۇ، ئىستانبۇل

Adres: Kazlıçeşme Mh., Abay Cd. No:165, 34020 Zeytinburnu / İstanbul

ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسى كازلىچەشمە نىكاھ دائىرىسى ئاق دېڭىز يىغىن زالىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش