ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » ئانا تىل ھەققىدە( 1-قىسىمى)

ئانا تىل ھەققىدە( 1-قىسىمى)

50 tilda anatilئانا تىل ھەققىدە (1)

ئەركىن سىدىق

كىرىش سۆز ئورنىدا

مەن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىلار ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىدىم: ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىل مائارىپ» تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېسىل ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچراتقان بولسىمۇ، نېمىشقا ئاشۇنداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئانچە چۈشىنىپ يېتەلمىگەن.  غەرپ ئەللىرىدە «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات كەم دەگەندە بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن باشلانغان. ھازىرغىچە قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن مىللەتلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىدۇ.  بۇ دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بىر ئورتاق مەسىلە كۆچمەن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، بۇ يېڭى دۆلەتلەرگە كېلىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغان بولسىمۇ، بۇ كۆچمەن خەلقنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يەنىلا ئۆي تازىلاش، كوچا سۈپۈرۈش، ئوت ئۇرۇش، زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشتەك تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان.  شۇڭلاشقا يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، باشقا دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا بىر ئىلمىي ئاساسقا ئېرىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان.  مەن 2009-يىلىدىن باشلاپ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولغان، ياكى توغرا يوسۇندىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ، بىر قاتار ماقالىلارنى يېزىپ، توردا ئېلان قىلدىم.  ئۇ ماقالىلار ھەجىم جەھەتتە بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ، تورلاردىمۇ سەل چېچىلىپ كەتتى.  ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بۇرۇن يازغان مەزمۇنلارغا ئانا تىل ھەققىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئۇقۇملارنى قوشۇپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.  تۆۋەندە مەن ئانا تىل ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» توغرىسىدىكى بۇرۇنقى ۋە يېڭى مەزمۇنلارنى قىسقا ماقالە شەكلىدە كۆپ قىسىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىمەن.  ئۈمىدىم ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ھەقتە بىر قاتار مۇكەممەل ئىلمىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش.  

قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدىكى خەلقارالىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى

1)بالىلارنىڭ يات تىل (ياكى ئىككىنچى تىل) ئىقتىدارى ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. يەنە بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. بالىلارنىڭ سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بالىلار سۆزلىشىش جەھەتتە يەرلىك بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئىنتايىن تېزلا يېتىشۋالالايدۇ. لېكىن، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىدە يەرلىك بالىلارغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

2) بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەردىكى بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئوخشاش.

3) بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.  بالىلارغا بىر يات تىل ئۆگەتكەندە، ئۇنى بىر ئايرىم چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگەتمەي، ئۇ يات تىلنىڭ ئانا تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئۆگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.

4) ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىلنى ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ.  بۇنداق بالىلار ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق بالىلار»  دەپ ئاتىلىدۇ.

5) خەلقارادا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپنى ئىككىنچى تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار بولىدۇ. «بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ ئانا تىلى كۆپىنچە ئەھۋالدا يا مەكتەپتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، يا پەقەت بىر ئانچە مۇھىم ئەمەس تىل دەرسى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلگەن.» (بۇ سوز «سكۇتنابب-كاڭاسTove Skutnabb-Kangas» خانىم 1979-ئېلان قىلغان، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان بىر 22 بەتلىك دوكلاتتىن ئېلىندى).   

باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇنداق ئىككى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ. بىرسى، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنە بىرسى مەكتەپتە ئۆتۈلگەن تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش. بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپىي دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىشى ئىنتايىن تەسكە چۈشىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىلمەيدىكەن، ۋە بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئىزچىل تۈردە ئۆستۈرۈلمەيدىكەن، ھەمدە بالىلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن كەسپىي دەرسلەر بىر يات تىلدا ئۆتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى تىل ئىقتىدارى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېسىل ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدۇر. گرېتسىيىدە مۇنداق بىر ئەھۋال بايقالغان: گرېتسىيىدە تۇغۇلۇپ ياكى گرېتسىيىگە كىچىكىدىنلا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ گرېتسىيىدە ئوقۇغان چەت ئەللىك بالىلارنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىكى ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز دۆلىتىدە تۇغۇلۇپ ۋە ئۆز دۆلىتىدە بىر مەزگىل ئوقۇپ، گرېتسىيىگە كېيىنراق كۆچمەن بولۇپ كەلگەن چەت ئەللىك بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى كۆپ ياخشى بولغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال گېرمانىيىدىمۇ بايقالغان.

  

6) ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.

  

7) بالىلارغا ئىككىنچى تىل باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن 6-سىنىپقىچە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى ئۇلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن، مەسىلەن، باشلانغۇچ 4-سىنىپقا كۆچكەندە، باشلىسا، ئۇلار ئاشۇ يات تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت بالىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ساۋاتلىق بولالايدۇ. بالىلارنىڭ بىر يات تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولۇشى ئۈچۈن 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

  

8) بالىلارغا بىلىمنى ئۈنۈملۈك بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇنداق بىر مۇناسىۋەت بۆلىشى كېرەك: ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تولۇق يول قويۇش، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆزلۈكىنىمۇ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھېس قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

(بۇ بىر كۆپ قىسىملىق ماقالىنىڭ 1-قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋامى بار. بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ)

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Tove Skutnabb-Kangas, “Language in the process of cultural assimilation and structural incorporation of linguistic minorities”, http://www.neiu.edu/%7Eduo/skutnabb.htm 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش