ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » چاچراتقۇ دېگەن نېمە؟

چاچراتقۇ دېگەن نېمە؟

زۇلھايات ئۆتكۈر

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە چاچراتقۇ 1) يۈزگە چىقىدىغان يارا، 2) بىر خىل ئۆسۈملۈك دەپ ئىزاھلانغان.ئەمما خەلق ئارىسىدا چاچراتقۇ سېلىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئەقىدە تۈسىنى ئالغان ئادەت بار.
گۇننار ياررىڭ تۈزگەن «ئۇيغۇرچە –ئېنگىلىزچە لۇغەت» نىڭ كېيىنكى نەشرىدە چاچراتقۇ سېلىش ھەققىدە مۇنداق ئىزاھات بەرگەن:

چاچراتقۇ سېلىش-بىر تۈرلۈك كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەتتە ئاياللار تەرىپىدىن ئورۇندىلىنىدۇ. پېرىخون ئايال خېمىر يۇغۇرۇپ، يۇمۇلاق زۇۋۇلا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئۈچ دانە زۇۋۇلا ياسايدۇ. بۇ زۇۋۇلىلارنىڭ بىرى خۇداغا، بىرى پەيغەمبەرلەرگە ۋە يەنە بىرى مازار ماشايىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئاندىن بۇ زۇۋۇلا قىلىنغان خېمىرلار كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىنىدۇ.قايسى زۇۋۇلا بېشىدا كۆيۈپ يالقۇنجاپ ئوت ئالسا، خەستىلىكنىڭ كېلىش سەۋەبى شۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش-ھەرىكەت يۈز بەرگەنلىكتىن دەپ قارىلىدۇ ۋە كېيىن سەۋەبىگە قاراپ چارەقىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ 9 سانىنى نى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنىڭ نۇرغۇن ئىپادىلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قۇمۇل رايونىدا ھېيت –ئايەملەردە ، قىزىتىلغان ياغقا توققۇز ياكى يەتتە چىتلاق قىلىپ چاچراتقۇ سېلىپ ئېتىلدۇرۇلىدۇ.توققۇز چەلپەك، توققۇز نان، توققۇز قۇر ساڭزا سېلىنىپ، توققۇز ئەركەك قوي قۇربانلىق قىلىنىدۇ.
ئۇندىن باشقا بالىلارنىڭ يۈزىگە ئارقا-ئارقىدىن چىققان يارا چاچراتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇنى جىن-شاياتۇنلاردىن كۆرۈپ، كۈل ،ئەخلەت ياكى قوغۇن شاپىقى قاتارلىق نەرسىلەرگە سىيىپ قويغانلىقتىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.ئەپسۇنچىلار بۇ خىل يەرلەرنى يامان روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارايدۇ. بۇنى داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق:
1.موللام، بۈۋۈملەر ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئايەت ئوقۇپ، چاچراتقۇ ئۈستىگە ئۈچ كېتىم سۈپكۆچلەپ قويىدۇ.
2. قۇرۇق قوغۇن شاپىقىنى سوقۇپ ، كېپەككە ئارىلاشتۇرۇپ چوغ ئېلىنغان بەلگۈرجەككە سېلىش بىلەن بالىنىڭ بېشى كۆزى ئىسرىقدىنىدۇ. بۇنى ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى قىلىش كېرەك.
3. پاق – پاق سېلىش: يەتتە ئۆيدىن بىر قوشۇقتىن ئۇن تىلەپ چىقىپ كەپتەر تۇخۇمى چوڭلۇقىدا ئۈچ پارچە خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ ئۈچ پارچە خېمىر بىرلەشتۈرۈلۈپ توقاچ زۇۋۇلىسى چوڭلۇقىدا زۇۋۇلا قىلىنىدۇ. موللام ياكى داخان ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئوقۇپ، ھۈرۈپ تۇرۇپ قوقاسقا كۆمىدۇ ۋە داۋاملىق ئوقۇپ قوقاسقا ھۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. خېمىرغا قىزىق ئۆتۈپ بىر ئازدىن كېيىن «پاق» قىلىپ ئېتىلىپ چېچىلىپ كېتىدۇ. موللام (داخان )مانا ئايەتنىڭ كۈچى، خېمىر يېرىلىپ چېچىلىپ كەتتى، ئەمدى چاچراتقۇمۇ كۆچىدۇ دەپ ئالىدىغىنىنى ئېلىپ يولىغا راۋان بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر: Kashgar Revisited

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش