ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » ئانا تىل، ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق، چەت ئەل تىلى

ئانا تىل، ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق، چەت ئەل تىلى

شەرىف ئورۇچ

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «ئانا تىل، ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق، چەت ئەل تىلى» ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسى ۋە بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تىلىمىزدىكى ۋە غەرب تىللىرىدىكى ماس ئىزاھاتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بولۇپمۇ «ئانا تىل»ئاتالغۇسىنى ئەتراپلىق شەرھلەش ئارقىلىق يېڭى بىر ئۇقۇم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز. مەزكۇر ماقالىدە ئانا تىل ئۇقۇمىنى نوقۇل بىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشنىڭ يۈزەكى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بىر كىشىنىڭ ئانا تىلىنى، ماقالىمىزدە بايان قىلىنغان بارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن باھالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بۇندىن باشقا، « ئىككىنچى تىل» ۋە «چەت ئەل تىلى» ئاتالغۇلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدۇق. چۈنكى بۇ ئىككى ئۇقۇممۇ بەزىدە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، بىرسى بىرسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلمەكتە.

كۆپ تىللىق مۇھىتتا چوڭ بولغان بىر كىشىگە نىسبەتەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تىللىرى قايسىلار؟ ياكى قايسىسى بىرىنچى تىلى قايسىسى ئىككىنچى تىلى ھېسابلىنىدۇ؟ ئىككى تىللىق دېگەن نېمە ؟ كىملەرگە ئىككى تىللىق دېيىلىدۇ ؟ ئانا تىلىدىن باشقا ئۆگەنگەن تىللارنىڭ ھەممىسى چەت ئەل تىلى ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش ۋە شەرھلەش ئارقىلىق جاۋاب بېرىمىز. بۇ ئۇقۇملارنى ئۆزگە دۆلەتلەرگە بىلىم، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تېخنىكا تارقىتىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غول ئەزالىرى ( گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق) ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مىساللار ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشىمىز. بۈيۈك بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ پارچىسى بولغان تۈركىيەمۇ كۆپ تىللىق بىر گەۋدە بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇقۇملار ھەققىدە مول مىساللار ئۇچرايدۇ. ئاخىرقى بۆلۈمىدە ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتى ۋە توغرا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن بەزى تەكلىپلەر بېرىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدىمۇ غەرب دۆلەتلىرىدىكىدەك، بولۇپمۇ ئەزا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكىدەك ئىشلىتىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۆپ تىللىق بىر گەۋدە ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەدىمۇ كىشىلەرنىڭ كىملىك كارتىسىنىڭ يېنىدا، ئانا تىلى بىلەن بىرلىكتە بىلىدىغان بارلىق تىللىرىنى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدىغان بىر «تىل ئارخىپى» كارتىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەكلىپ قىلىمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئانا تىل، ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق، چەت ئەل تىلى

كىرىش سۆز

21-ئەسىردە دۇنيا مىقياسىدا بىلىم، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تېخنىكا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن غايەت زور تەرەققىياتلار تىل، تىلشۇناسلىق، تىل ئەدەبىيات ساھەسىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. تېمىدا تىلغا ئالغان ئاتالغۇلارنى بىلىم ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئۇۋىسى ھېسابلىنىدىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئەتراپلىق ئىزاھلاپ بولغان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دېموكراتىك بولمىغان ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمدىن دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتكەن دۆلەتلەر ۋە بېرلىن سېپىلىنىڭ يېقىلىپ ئىككى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى بىلەن دۇنيادا تىنچلىق شامىلى چىقىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى، ئەسلىدىلا كۆپ تىل، كۆپ مەدەنىيەتكە ئىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ كېڭىيىپ تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت، تېخىمۇ كۆپ تىلنى ئۆز قوينىغا ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. تۈركىيە گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولمىسىمۇ، ئەزا بولۇش باسقۇچىدىكى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى مائارىپ بۆلۈمىگە ئەزا بولۇپ، باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا بۇ شارائىتتىن پايدىلانماقتا. بۇ ئەزالىقنىڭ تۈرتكىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مائارىپ ساھەسىدە، بارلىق كەسىپ تۈرلىرى بويىچە ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ئەھۋاللارنى كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمىزكى: يەرشارىلىشىش مۇساپىسى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، نۇرغۇنلىغان دۆلەتنىڭ چېگراسى يوق بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق جۇغراپىيەدە، دۆلەتلەر ئارا ساياھەت ۋە تىجارەت، بىلىم ۋە تېخنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئېشىشى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنسانلار ئارىسىدىمۇ ئالاقىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق ۋە چەت ئەل تىلى ئۇقۇملىرى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتۇشقا باشلىدى. دۆلىتىمىزدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلانغان بۇ ئۇقۇملارنىڭ ھەم مەنىسى ھەم توغرا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى كۆزلەپ بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق. ئەمدى تەرتىپ بىلەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ھەم دۆلىتىمىزدىكى ھەم غەرب دۆلەتلىرىدىكى، بولۇپمۇ نېمىسچىدىكى مەنىسىنى بېرىش ئارقىلىق بىر بىر ئىزاھلاشقا تىرىشىمىز.

1. ئانا تىل

«ئانا تىل» ئاتالغۇسىدىكى «ئانا» سۆزىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى « ئاساس، ئەسلى، مەنبە»بولماستىن «ئانا» دۇر.شۇڭلاشقا «ئانا تىل» ئاتالغۇسىدىكى «ئانا» كەلىمىسى غەرب تىللىرىدىمۇ «ئانا، ئاپا» كەلىمىلىرى بىلەن ئوخشاش تەرىقىدە ئىشلىتىلمەكتە. ئاتالغۇغا «تىل» كەلىمىسى قوشۇلغاندىن كېيىن نېمىسچىدە“ Muttersprache“، فىرانسۇزچىدا ”langue maternelle“، ئىنگلىزچىدە ”mother tongue، mother language“ شەكلىدە ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك «ئانا تىل» ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكى ئىزاھاتلاردا بېرىلگىنىدەك “ ئانا ۋە ئائىلە“ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۈرك تىلى ئىدارىسى يېڭى تۈركچە لۇغىتىدە (http://www.tdk.gov.tr) «ئانا تىل»ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى «بىر بالىنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە ياشىغان جەمئىيەتتىن ئالغان تىلى» دەپ ئېلىنغان بولسا، بىلىم ۋە سەنئەت ئاساسى لۇغىتىدە (http://www.tdk.gov.tr) “ بىراۋنىڭ ئائىلىسىدە سۆزلىنىدىغان، ئۆزىگە ئەڭ دەسلەپ ئۆگىتىلگەن تىل“ دەپ كۆرسىتىلگەن.

«ئانا تىل» ئاتالغۇسىنى زەينەپ قورقماز «گىرامماتىكا ئاتالغۇلىرى» لۇغىتىدە ( 1992:8) : « بىر ئىنسان تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئائىلە ۋە نەسەبى ئائىت بولغان جامائەت مۇھىتىدىن ئۆگەنگەن، يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭگەن ۋە كىشىلەر بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئەڭ كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتىشقا ئىشلىتىدىغان تىل»دەپ ئېنىقلىما بەرگەن بولسا، ۋاردار «ئىزاھلىق تىلشۇناسلىق ئاتالغۇلىرى» لۇغىتىدە (1988:20) : «بىر كىشىنىڭ ئائىلىدە ۋە ئىچىدە چوڭ بولغان جەمئىيەتتە ئۆگەنگەن تۇنجى تىلى»دەپ، توپالئوغلى «تىلشۇناسلىق ئاتالغۇلىرى» لۇغىتىدە (1989:24) : « بىر كىشىنىڭ ئاۋۋال ئانىسىدىن ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىدىن، كېيىن ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئالغان، جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىشلىتىدىغان تىلى» دەپ ئىزاھلىغان. ئاكسان (1990:81) بولسا «ئانا تىل» ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسىنى « دەسلەپتە ئانىدىن ۋە باشقا يېقىن ئائىلە ئەزالىرىدىن، كېيىن ئۆزى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىتتىن ئۆگىنىلگەن، ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭگەن ۋە جەمئىيەت بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتىشقا ئىشلىتىدىغان تىلدۇر. ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك، بۇ تىلنىڭ ئانا بىلەن مۇناسىۋىتى سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈكتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى دانالار، ئانا تىلى ئاتالغۇسىدا ئانا ئاساس ئورۇنغا قويۇلماسلىقى كېرەك دەيدىغان پىكىردە. لېكىن بۇ دانالارنىڭ ئانا تىلى ئىزاھاتىدا يېقىن مۇھىتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئەلۋەتتە ئانا بۇ مۇھىتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.» دەپ ئىزاھلايدۇ. دەمىرجان (1990:14) «ئانا تىل» ئاتالغۇسى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بولغان ئالاقىسىدە قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ھاياتىنىڭ دەسلەپكى بىرقانچە يىلىدا ئۆگەنگەن تىلى، يەنى بىرىنچى تىلى، دەيدۇ. كوچ (1992:28) ئانا تىلنى، دەسلەپتە ئانىدىن ۋە يېقىن ئائىلە مۇھىتىدىن، كېيىن كەڭ جەمئىيەت ۋە دۆلەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىلگەن تىل دەپ، قارايدۇ. بۇ ئىپادە قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان سەۋەبلەرگە ئاساسەن پۈتۈنلەي توغرا دەپ، كەتكىلى بولمايدۇ. «ئانا تىل» ئاتالغۇسىنىڭ نېمىسچىدىكى تەرجىمىسى « Muttersprache» بولغان سۆزىنىڭ مەنىسى نېمىسچە Wahrig ناملىق لۇغەتتە (1980:2613) : «بالىلىقتىن باشلاپ ئۆگىنىلگەن تىل» دەپ، يەنە نېمىسچە Duden ناملىق لۇغەتتە (1985:453) : « بالىلىقتىن باشلاپ ئۆگىنىلگەن تىل، تۇنجى ئىشلىتىلگەن تىل، بىرىنچى تىل»دەپ بېرىلىدۇ.Wiki لۇغىتىدە «ئانا تىل»، مەخسۇس ئۆگىتىلمەي تۇرۇپ بالىلىقتا ئۆگىنىلگەن تىل دەپ ئىزاھلىنىدۇ. (http://de.wikipedia.org/wiki/Muttersprache) Ingelore (2007:578) Bausch/Christ/Krumm ئۈچىنىڭ «چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش قوللانمىسى» (Handbuch Fremdsprachenunterricht) غا كىرگۈزۈلگەن «ئانا تىل ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش» (Muttersprachen und Fremdsprachenunterricht) تېمىسىدىكى ماقالىدە، «ئانا تىل» ئاتالغۇسى «بىر كىشىنىڭ بىرىنچى تىلى، يەنى سۆزلەشنى ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەنگەن تىلى، تەبىئىي ھالدا ئۆگەنگەن ۋە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تىلى» دېگەن تەرىقىدە شەرھىيلىنىدۇ.

ھازىرغىچە بېرىلگەن ئىزاھاتلارنى خۇلاسىلىسەك: «ئانا تىل» ئانىدىن، ئائىلىدىن، يېقىن ئىجتىمائىي مۇھىتتىن، ئائىت بولغان جەمئىيەتتىن، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا، بالىلىق مەزگىلدە، تۇنجى ئالاقە، سۆزلەش ۋە تەپەككۇر ئېلىپ بېرىلغان، ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ئۆزىنى ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلالايدىغان، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ تۇنجى بولۇپ ئىگىلىگەن تىلدۇر. بۇ ئىزاھاتتا «ئۆگىنىش» ۋە «ئىگىلەش» ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشىنى تەكىتلەيمىز. چۈنكى يۇقىرىدا بېرىلگەن سۆزلۈك ۋە شەخس ئىزاھاتلىرىدا «ئانا تىل» ئاتالغۇسى ئۈچۈن بەزىلەر «ئۆگىنىلگەن تىل»، بەزىلەر « ئىگىلەنگەن تىل» ئىپادىلىرىنى ئىشلەتمەكتە. بۇ ئەھۋال ھەرىكەتلىك ئۆگىنىش نەزەرىيەسى بىلەن مەقسەتلىك ئۆگىنىش نەزەرىيەسى ئارىسىدىكى پەرقتىن كېلىپ چىققان. ھەرىكەت نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرىغا نىسبەتەن ئۆگىنىش غىدىقلىغۇچى، ئىنكاس، مۇكاپات، پىششىقلاش ۋە تەكرارلاش باسقۇچلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئانا تىلنىڭمۇ مۇشۇ يوللار بىلەن ئۆگىنىلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. مەقسەتلىك ئۆگىنىشنى ياقلىغۇچىلار بولسا ئۆگىنىشنىڭ مەقسەتلىك بولۇشى كېرەكلىكى، يېڭى ئۆگىنىلگەنلەرنىڭ بۇرۇندىن بىلىدىغان بىلىملەر ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ (Özden,2000:21-27). يېڭى تۇغۇلغان بىرىنىڭ بۇرۇندىن بىر بىلىمىنىڭ يوقلىقى ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن مەقسىتىنىڭ يوقلىقىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، ئانا تىلنىڭ مەقسەتلىك بىر ئۆگىنىش جەريانىغا ئېھتىياجى بولمىغان ئىگىلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. «ئانا تىل» ھەرىكەت نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىلىرىغا نىسبەتەن ئۆگىنىلىدىغان نەرسە بولسا، مەقسەتلىك ئۆگىنىش تەتقىقاتچىلىرىغا نىسبەتەن ئىگىلىنىدىغان (Demircan, 1990:16) نەرسىدۇر. بىزمۇ بۇ تەتقىقاتىمىزدا، مەقسەتلىك ئۆگىنىش تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «ئانا تىل ئىگىلىنىدۇ» دەيدىغان پىكرىنى مۇۋاپىق ھېس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىپادىلىرىمىزدە «ئىگىلەش »كەلىمىسىنى ئىشلىتىمىز.

«ئانا تىل» ئۈچۈن بېرىلگەن ئىزاھاتلارنى پەرقلىق كۆزقاراش، ئەمەلىي ۋەزىيەتنى ئويلىشىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز.

«ئانا تىل» نىڭ ئېنىقلىمىسىدا، ئانىنى ۋە ئائىلىنى يەنى مىللىي كىملىكنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدا كىشىنىڭ بىيولوگىيەلىك جەھەتتىن ئانىسى، ئائىلىسىنىڭ تىلى قايسى بولسا ئانا تىلىمۇ شۇ بولىدۇ. ئوخشاش مىللىي كىملىكتىكى ئانا -دادا، ئائىلە ۋە مۇھىتتا ئىگە بولغان ۋە شۇ مۇھىتتا چوڭ بولغانلاغا نىسبەتەن بۇ ئېنىقلىما توغرا بولغان بولىدۇ. ئەمما تۈرك دادا ۋە كورد ئانىدىن بولغان بالا، دادىسى ۋە ئانىسى تۈركچە سۆزلىشىدىغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئانا تىلى ئانىسىنىڭ تىلى بولغان كوردچە بولماستىن دادىسىنىڭ تىلى بولغان تۈركچە بولىدۇ. گېرمانىيەدە دادا نېمىس، ئانا تۈرك بولسا ۋە تۇغۇلغان بالا نېمىسچە سۆزلەپ تۇرۇپ بېقىلسا، بالىنىڭ ئانا تىلى ھەرگىزمۇ ھېچ ئىشلىتىپ باقمىغان ۋە بىلمەيدىغان ئانىسىنىڭ تىلى بولغان تۈركچە بولۇپ قالمايدۇ، ئەكسىچە دادىسىنىڭ تىلى بولغان نېمىسچە بولىدۇ. تېخىمۇ غەلىتە ئەمما كۈنىمىزدە جىق كۆرۈلۈۋاتقان يەنە بىر مىسال، ئامېرىكىدا ياشايدىغان، ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغان نېمىس ئانا ۋە فىرانسۇز دادىنىڭ بالىسى تەبىئىي ھالدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغان بىر مۇھىتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلى يا ئانىسىنىڭ تىلى نېمىسچە يا دادىسىنىڭ تىلى فىرانسۇزچە بولمايدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئانا تىلى بىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان بىردىنبىر تىل ئىنگلىزچە بولىدۇ. خۇلاسىلىسەك، «ئانا تىل» ئۈچۈن دائىم مىللىي كىملىك ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.
«ئانا تىل» نىڭ ئېنىقلىمىسىدا، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئىچىدە ياشاۋاتقان جامائەتنىڭ تىلىنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدا، بىر كىشىنىڭ ئانا تىلى ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە جامائەتنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا 1-ماددىدا بەرگەن نېمىسچە ۋە ئىنگلىزچە مىساللىرىنى كۆرسىتەلەيمىز. ئەمما گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك ئائىلىسىنىڭ بالىسىنى تۈركچە ئىشلىتىپ تۇرۇپ چوڭ قىلىشى، تۈركىيەدىكى كورد ئائىلىنىڭ بالىسىنى كوردچە سۆزلەپ تۇرۇپ چوڭ قىلىشى ئېنىقلىقىغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئانا تىلغا نىسبەتەن، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئىچىدە ياشاۋاتقان جامائەتنىڭ تىلىمۇ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرالمايدۇ.
«ئانا تىل» نىڭ ئېنىقلىمىسىدا، بىر كىشى ئەڭ ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان، ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلالايدىغان تىل ئانا تىلى، دەپ قارىلىدۇ. بۇنى ئاساس ئالغان ۋاقتىمىزدا، تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۈركنىڭ ئانا تىلى تۈركچە، گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر نېمىسنىڭ ئانا تىلى نېمىسچە ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بۇ يەردىكى ئېنىقلىما كۆپرەك بىردىن كۆپ تىلنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. يەنى ئىككى ياكى تېخىمۇ كۆپ تىل بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئانا تىلى قايسىسى دېگەن سوئالغا، ئەڭ ياخشى ئشلىتەلەيدىغان ۋە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تىل قايسىسى بولسا ئانا تىلىمۇ شۇ، دېيىلمەكتە. ئەمما تۈركىيەدە مەكتەپ يېشىغىچە ئانا تىلى كوردچە بولغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا 300-500 سۆز ئىشلىتىپ كېتىۋاتقان بىر كىشى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۆگىنىشكە باشلىغان تۈركچىنى كېيىنكى يىللاردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ پايدىسى بىلەن كوردچىدىنمۇ ياخشى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. شۇڭلاشقا بۇرۇن ئانا تىلى كوردچە بولغان بىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋە گىراژدانى بولغان دۆلەتنىڭ تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. دېمەك، «ئانا تىل» نىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئشلىتەلەيدىغان ۋە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تىل دېگەن ئىپادىمۇ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
«ئانا تىل» نىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈچۈن، <تۇنجى بولۇپ ئىگىلىگەن> دېگەن سۆز قوللىنىلىدۇ. بۇ ئېنىقلىمىنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدىمۇ نورمال شارائىتتا بىر كىشىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىگىلەيدىغان تىلى ئانىسى ۋە ئائىلىسى سۆزلەيدىغان تىل بولۇشى كېرەك. پەقەت يۇقىرىدا بەرگەن بەزى مىساللاردىكىدەك بىر كىشىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىگىلىگەن بىرىنچى تىلى ئانا تىلى بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىسال يەنىلا گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۈرك بالىلارنىڭ دەسلەپتە تۈركچە بىلەن ئۇچرىشىپ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن يەسلى ۋە مەھەللىدىكى دوستلىرى ئارقىلىق نېمىسچە بىلەن ئۇچرىشىشىدۇر. كېيىنكى مەزگىللەردە مەكتەپتىكى تەلىم تەربىيە ئارقىلىق بۇ بالىلارنىڭ نېمىسچىلىرى تۈركچىدىن تېخىمۇ ياخشى ھالغا كېلىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى مىللىي كىملىكى كورد ۋە ئەرەب بولغان بالىلارغا ئوخشاش. شۇڭلاشقا بۇ بالىلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىگىلىگەن بىرىنچى تىلى ھەرقانچە تۈركچە، كوردچە، ئەرەبچە بولسىمۇ «ئانا تىلى» دەپ ئىپادىلەيدىغان تىلى نېمىسچە، تۈركچىدۇر. بىرىنچى تىلى بىلەن ئانا تىلى ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن (http://de.wikipedia.org/wiki/Muttersprache). بىرىنچى تىل بىلەن ئانا تىلنىڭ دائىم ئوخشاش تىل بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنداقتا «ئانا تىل» ئېنىقلىمىسى ئۈچۈن «تۇنجى بولۇپ ئىگىلىگەن تىل ئىپادىسىمۇ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئىككىسىمۇ ماسلاشماسلىقى مۇمكىن.
پۈتۈن بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا «ئانا تىل» ئاتالغۇسىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىشتىن بەكرەك، بۇ ئېنىقلىمىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېتەرلىك بولالمايدىغانلىقىنى ھەم ئېنىقلىمىدا بېرىلگەن ئۆلچەملەرنىڭمۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، «ئانا تىل» ئاتالغۇسى ئۈچۈن يۇقىرىدا بېرىلگەن تۆت ئۆلچەم تەڭ باھالىنىشى كېرەك. كۆپ تىللىق ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتلەردە ۋە دۆلەتلەردە بىر كىشىنىڭ ئانا تىلى قايسىسى، دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا، بېرىلگەن ئۆلچەملەر بىرمۇ بىر باھالانغاندىن كېيىن ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن تىل شۇ كىشىنىڭ ئانا تىلىدۇر، دېيەلەيمىز.

2. ئىككىنچى تىل

«ئىككىنى تىل»ئاتالغۇسى پەقەتلا كۆپ تىللىق جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەردە تىلغا ئېلىنىشى مۇمكىن. گەرچە دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسىدە كۆپ تىللىق ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر مۇھىت مەۋجۇت. تۈركىيەدە «ئىككىنچى تىل»ئاتالغۇسى كۆپ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ۋە تىلشۇناسلار تەرىپىدىنمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچە ۋاقىتتا ئورنىغا «ئانا تىل» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما بۇ كۆپ چاغلاردا «ئانا تىلى» ئاتالغۇسى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەتتى. بۇ خىل بولۇمسىز ئەھۋال ھەققىدە « تۈركچىدە ئانا تىل ۋە ئانا تىلى» تېمىسىدىكى باشقا بىر ماقالىمىزدە تەپسىلىي توختالغانىدۇق (Oruç,2016:311-322). ئۇ ماقالىمىزدە كۆپ تىللىق بىر گەۋدە بولغان تۈركىيەدە تۈركچىنىڭ ئانا تىل ئىكەنلىكىنى، مىللىي كىملىكى تۈرك بولغان ۋە مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى تىللىرىمۇ پەرقلىق بولغان پۈتۈن تۈركىيە گىراژدانلىرىنىڭ ئورتاق تىلى ئىكەنلىكىنى يەنى ئىككىنچى تىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. تۈركىيەدە ۋە مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغان تۈركىيە گىراژدانلىرى ئۈچۈن تۈركچە ئىككىنچى تىل ئورنىدا ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيەدىكى مىللىي كىملىكى تۈرك ياكى يۇنان، سېرب، ئىتالىيان ۋە باشقىلارنىڭ ئىككىنچى تىلى نېمىسچە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە پۇقراسىدۇر.

ئىككىنچى تىل ھەققىدە تۈركچە لۇغەت ۋە باشقا مەنبەلەرنى ئاختۇرۇپ ئىشىمىزغا يارىغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. «ئىككىنچى تىل» ئۇقۇمى چەت ئەل تىلى ياكى ئىككىنچى چەت ئەل تىلى تەرىقىسىدە ئىپادىلىنىپ كەلدى. شۇڭلاشقا «ئىككىنچى تىل» ئۇقۇمى بەزىدە چەت ئەل تىلى بولالايدىغانلىقىنى بەزىدە پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆردۇق.

بۇ يەردە « ئىككىنچى تىل» ئاتالغۇسى ئۈچۈن تۈرك تىلى ئىدارىسى يېڭى تۈركچە لۇغىتىدە، تۈرك تىلى ئىدارىسى بىلىم ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى ئاساسى لۇغىتىدە، زەينەپ قورقمازنىڭ «گىرامماتىكا ئاتالغۇلىرى» لۇغىتىدە، ۋاردارنىڭ «ئىزاھلىق تىلشۇناسلىق ئاتالغۇلىرى» لۇغىتىدە، توپالئوغلۇنىڭ «تىلشۇناسلىق ئاتالغۇلىرى» لۇغىتىدە قىسقىچە «ئورتاق تىل، مەنبە (ئاساسلىنىدىغان) تىل» مەنىسىدە بېرىلگەن ئىزاھاتلارنى بىرمۇ بىر يېزىشنى خالىمىدۇق. بۇندىن باشقا تىل ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكسان، ئەرگىن، گەنجان، خەنگىرمەن ۋە تىل ئۆگىتىش جەھەتتە ئەسەرلەر يازغان دەمىرجان، دەمىرەل قاتارلىقلار بۇ تېما توغرىسىدا ھېچ توختالمىغان، ھەتتا ماقالىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىدە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ ئۈزۈندىلەر ئالدۇق. بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ تېمىنى خېلى يىللار بۇرۇنلا تەتقىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇڭا «ئىككىنچى تىل» ئاتالغۇسىنى چەت ئەل مەنبەلىرى ئارقىلىق ئىزاھلاشقا تىرىشىمىز.

«مەنبە (ئاساسلىنىدىغان) تىل» ئاتالغۇسىنىڭ نېمىسچىدىكى تەرجىمىسى بولغان ”Ursprache“ سۆزلۈكى، نېمىسچە Wahrig (1980:3917) لۇغىتىدە: «بىر قانچە تىلنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن قەدىمى تىل» دەپ ئىزاھلانغان. «ئانا تىل» ئاتالغۇسىنىڭ نېمىسچىدىكى تەرجىمىسى بولغان «Hauptsprache» سۆزلۈكىنىڭ Wikiلۇغىتىدىكى (http://de.wiktionary.org/wiki/ Hauptsprache) ئېنىقلىمىسى بولسا: ”1) قەدىمى تىل چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، ئۆزىدىن يېڭى تىللار كېلىپ چىققان، تۈرلەنگەن مۇھىم تىللاردىن بىرى. 2) كۆپ تىللىق بىر مۇھىتتا ئالاھىدە مۇھىم بولغان، ئالدىنقى ئورۇندىكى تىل. 3) كۆپ تىللىق بىر كىشى ئويلىرىنى، ئۆزىنى ئىپادە قىلىدىغان تىل. بۇ يەردىكى 2. ۋە 3. ماددىلاردا بېرىلگەن ئېنىقلىمىلار بىز تىلغا ئېلىۋاتقان «ئىككىنچى تىل» ئاتالغۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنە Wiki لۇغىتىدە Muttersprache) (http://de.wiktionary.org/wiki/، ئىككىنچى تىل بىر كىشى ئانا تىلىنىڭ يېنىدا ئانا تىلى بىلەن بىللە ئىشلىتەلەيدىغان تىلىدۇر. ئىككىنچى تىل چەت ئەل تىلى ئۇقۇمىدىن پەرقلىقتۇر. ئىككىنچى تىل كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بىر تىل بولسا، ئىككىنچى تىلى ئىشلىتىۋاتقان كىشى دۆلىتىنىڭ تىلىنىمۇ ئىشلەتسە، ۋە ئائىلە ئەزالىرىدىن بەزىلىرى بۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان بولسا ئاندىن ئىككىنچى تىل شەرتىگە توشقان بولىدۇ. بولمىسا بۇ بىر چەت ئەل تىلى بولۇپ قالىدۇ، دېيىلىدۇ. Klein (1984:31) ئىككىنچى تىلنى، بىرىنچى تىلدىن كېيىن ياكى بىرىنچى تىلنىڭ يېنىدا ئالاقە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان، ياشىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئىگىلىگەن ۋە بۇ مۇھىتتا ھەقىقەتەن سۆزلىشىدىغان تىل دەپ ئىزاھلىغان. İleri (2007:578)، (2007) Bausch/Christ/Krumm ئۈچىنىڭ «چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش قوللانمىسى» غا (Handbuch Fremdsprachenunterricht) كىرگۈزۈلگەن تۈركچە (Türkisch) تېمىلىق ماقالىسىدە، گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈرك جامائىتىنىڭ بىرىنچى تىلى يەنى ئانا تىلىنىڭ تۈركچە، ئىككىنچى تىلىنىڭ نېمىسچە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يەردە ئىككىنچى تىل بىلەن چەت ئەل تىلى ئارىسىدا ئىنتايىن ئىنچىكە بىر پەرق بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىم. ئىنسانلار ئىككى خىل تىل ئىشلىتىدىغان بىر رايوندا، ھەر ئىككى تىل كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاكتىپ رەۋىشتە ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ ئىشلىتىلسە، ئۇ رايون ئۈچۈن بىرىنچى، ئىككىنچى تىل ئاتالغۇسى ئىشلىتىلىدۇ، بىرىنچى تىل ئانا تىلى بولسا، ئىككىنچى تىل دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا چەت ئەل تىلى دېيىلمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۈچۈن تۈركچە بىلەن ئەرەبچە بىللە ئىشلىتىلىدىغان ئادانا، خاتاي، غازىئانتەپ، شانلىئۇرفا، ماردىن ۋە سىئىرت ۋىلايەتلىرىنى مىسال ئالالايمىز. كوردچە ۋە تۈركچە تەڭ ئىشلىتىلىدىغان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى رايونلاردىكى كۆپلىگەن ۋىلايەتلەرمۇ مىسال بولالايدۇ. يەنە گىرېتسىيە، بۇلغارىيە ۋە گېرمانىيەدە ياشايدىغان، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ گىراژدانى بولۇپ كەتكەن تۈركلەرمۇ ھەم تۈركچە ھەم شۇ دۆلەت تىلىنى تەڭ ئىشلىتىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلى بولغان ئىككىنچى تىللىرى بار. بۇ مىساللارنىڭ ئارىسىدا كوردچىنىڭ ئەھۋالى يەنى كورد نەسەبلىك تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى باشقىلىرىدىن سەل پەرقلىق. بۇ بىر سىياسىي پەرق ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا ياكى رايونىمىزدا كوردچە ئىشلىتىلىدىغان ئايرىم بىر دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردە بۇ تىلنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلمىغان. كوردلار تۈركىيە، ئىران، ئىراق ۋە سۇرىيە چېگراسى كېسىشكەن رايونلاردا ياشايدىغان ( مۇشۇنداق دېيىلسىمۇ، تۈركىيەدە ئەھۋالى باشقىلىرىدىن پەرقلىق، چۈنكى تۈركىيەنىڭ باشقا رايون ۋە شەھەرلىرىدىمۇ راھەت ياشىيالايدۇ.)، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ۋە گىراژدانى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى ئىشلىتىدىغان بىر مىللەتتۇر. بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب، كوردچىنىڭ دۇنياۋى بىر تىل بولماستىن ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىنى دەپ ئۆتۈش لازىم، بىرىنچى تىلى يەنى ئانا تىلى كوردچە ياكى ئانا تىلى ئەرەبچە بولغان تۈركىيە گىراژدانلىرى ئارىسىدا ئەرەبچە بىلىش تېخىمۇ پايدىلىقتۇر، ئەرەبچە دۇنياۋى تىل ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدە چەت ئەل تىلى ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا كورد نەسەبلىك بىر گىراژداننىڭ چەت ئەل تىلى بىلىدۇ دەپ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر تىل ئۆگىنىشى لازىم. بۇ تېما ئۈستىدە ئىككى تىللىق ۋە چەت ئەل تىلى ئاتالغۇلىرىنى ئىزاھلىغۇچە تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىمىز.

ئىككى تىللىق بولۇش

ئاتالغۇنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك بۇ يەردە ئىككى تىل مەۋجۇت. بۇ ئاتالغۇنىڭ غەرب تىللىرىدىكى تەرجىمىسى بولسا، ئىنگلىزچىدە «Bilingualism»، فىرانسۇزچىدا «Bilinguisme»، نېمىسچىدە ”Zweisprachigkeit (Bilingualitat) (Bilingualismus) “ دەپ ئېلىنغان. تۈرك تىلى ئىدارىسىدىن نەشر قىلىنغان بىلىم ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى ئاساسى لۇغىتىدىكى (http://www.tdk.gov.tr) ئېنىقلىمىسى بولسا، «ئوخشاش دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بىردىن كۆپ تىلدا سۆزلىشىش ئەھۋالى.» بۇ ئېنىقلىمىدا «بىردىن كۆپ تىلدا» ئىپادىسىنىڭ ئورنىغا «ئىككى تىلدا» ئىپادىسى ئىشلىتىلگەن بولسا بەكرەك توغرا بولاتتى. چۈنكى «كۆپ تىللىق» دەپ باشقا بىر ئاتالغۇمۇ مەۋجۇت، تۈرك تىلى ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى كۆپ تىللىق ئاتالغۇسى ئۈچۈن بەكرەك مۇۋاپىق. نېمىسچە Duden لۇغىتىدە (1990:113) ئىككى تىللىق بولۇش ئاتالغۇسىغا «ئىككى تىلنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن راۋان ئىشلىتىلىشى» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. دەمىرجان (1990:20) «ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسى ئۈچۈن، بىر كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەرقانداق بىر مەزگىلىدە ئانا تىلىدىن باشقا ئىككىنچى بىر تىلنى بەلگىلىك مىقداردا ئىشلىتىشى «ئىككى تىللىق بولۇش دېيىلىدۇ » دېيىش بىلەن بىللە، ئاتالغۇنىڭ تېخى ئېنىق بېكىتىلگەن ئېنىقلىمىسىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. Wiki لۇغىتىدە (http://de.wiktionary.org/wiki) “ ئىككى تىللىق بولۇش ئاتالغۇسى كەڭ مەنىدە، ئىككى تىلدا تىلشۇناسلىق ۋە ئالاقە قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش، تار مەنىدە بولسا ئىككى تىلنى ئانا تىلىدەك ياكى ئانا تىلىغا يېقىن بىر سەۋىيەدە ئىشلىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش دەپ ئىزاھلانغان. Lewandowski (1984:184) ئىككى تىللىق بولۇش ئېنىقلىمىسىنى، ئىككى تىلدا ئوخشاش سەۋىيەگە ئىگە بولۇش، ئىككىنچى تىلدا ئۆزىنى بىرىنچى تىلدىكىدەك ياكى ئانا تىلدىكىدەك ياخشى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇش، باشقىلار بىلەن چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدىغان بولۇش دەپ بەرگەن. (1998:11) Kielhöfer ۋە Jonekeit ئىككى تىللىق بولۇش ئاتالغۇسى ئۈچۈن، ئالاقىدە ئىككى تىلنى تەرتىپ بىلەن ئىشلىتىش دېگەن ۋە بۇ خىل ئالاقىنى ئېلىپ بارالايدىغان كىشىلەرنىمۇ «ئىككى تىللىق» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «تەرتىپ بىلەن ئىشلىتىش» ئىپادىسى بولسا، ھەر ئىككى تىلنى تىز ۋە توغرا ئۇسۇلدا تەرتىپ بىلەن ياكى بىر – بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش دەپ چۈشەندۈرگەن. باشقىچە ئىپادىلىسەك، ئىككى تىللىق بولۇش مەلۇم تېما، مەقسەت ۋە كىشىلەر ئۈچۈن دائىم توغرا تىلنى ئىشلىتىش، توغرا تىلدا ئويلاش، توغرا تىلدا ئالاقە ئورنىتىش قابىلىيىتى دېيىلمەكتە. ئىككى تىللىق بولۇشتا تىللارنى تەرتىپ بىلەن ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن (1998:43) Kielhöfer ۋە Jonekeit تىلنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تىز ۋە راۋان ئالمىشىشى كېرەكلىكى، ھەتتا پەقەتلا تىلنىڭ ئەمەس سۆزلەش سۈرئىتى، رىتىمى، گەپ قىلىۋاتقان چاغدىكى يۈز ئىپادىلىرىنىڭمۇ ئالمىشىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى تىللىق بىر كىشى بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۆزىمۇ شۇ تىلنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇجەسسەملىگەن باشقا بىر كىشىگە ئايلىنىشى لازىم، بۇ ئەھۋالغا توغرا كېلىدىغان تىپىك مىساللاردىن بىرى بەلكىم گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد تۈركلەر بولۇشى مۇمكىن. «….ئۆيدە تۈرك مەدەنىيىتى داۋام قىلىۋاتقان، دائىم تۈركچە گەپ قىلىنىۋاتقان بولغاچقا بۇ كىشىلەر ھەم تۈركچە ھەم نېمىسچە ئۆگەنگەن ۋە ھەر ئىككى مەدەنىيەتنى پۇختا ئىگىلىگەن.» (Kırmızı,2015:17)

«ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىغا بېرىلگەن ئېنىقلىمىلاردا ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتقان نۇقتا بولسا « ئىككى تىلنى ئانا تىلىدەك ياكى ئانا تىلىغا يېقىن بىر سەۋىيەدە ئىشلىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش»تۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، «ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىدىن، بىر كىشىنىڭ بىرىنچى تىلىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى بىر تىلنى ئۇنىڭغا يېقىن ياكى ئوخشاش سەۋىيەدە ئىشلىتىش قابىلىيىتى، دېگەن مەنە چىقىدۇ. ئوخشاشلا، كىشىنىڭ ئۆزىنى ھەر ئىككى تىلدا تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئوخشاش دەرىجىدە ئىپادە قىلىش قابىلىيىتى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مەلۇمكى، تىل ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش جەريانىدا جىق ئۇچرايدىغان تۆت تىل قابىلىيىتى مەۋجۇت، بۇلار « ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش» دەپ ئاتىلىدۇ. تىل ئۆگىنىدىغان ياكى ئۆگىتىدىغانلارنىڭ نىشانى بۇ تۆت قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش ياكى ئىگە قىلىش. بىر كىشىنىڭ تىل بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقى، قانچىلىك بىلىدىغانلىقى، قانچىلىك ئاكتىپ، توغرا ۋە راۋان ئىشلىتەلەيدىغانلىقى، قارشى تەرەپنى چۈشەنگەن چۈشەنمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قۇرالىغان قۇرالمىغانلىقىنى بۇ تۆت قابىلىيەت ئارقىلىق بىلەلەيمىز. تىل ئىگىلەش جەريانىدا بۇ تۆت قابىلىيەتنىڭ نورمال تەرتىپى بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغاندىن باشلاپ تىل ئىگىلەش جەريانى بىلەن ئوخشاش تەرتىپتە بولىدۇ. كىشى تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانىسىدىن، ئائىلىسىدىن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن تىل تاۋۇشلىرى ئاڭلاشقا باشلايدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ تاۋۇشلارنى چۈشىنىشكە ۋە ئوخشاش شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ، يەنى سۆزلەيدۇ. بىر كىشى ئانا تىلى ياكى بىرىنچى تىلىنى ئىگىلەش جەريانىدا ھېسابلىنىدىغان مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى مەزگىل يەنى 6 ياشتىن بۇرۇن «ئاڭلاش ۋە سۆزلەش» قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. مەكتەپكە باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن تىلنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. شۇڭلاشقا «ئوقۇش ۋە يېزىش»قابىلىيىتىنى مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن، يەنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىگىلەيدۇ. يۇقىرىدا «ئانا تىل» بۆلۈمىدە مەقسەتلىك ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا،

ئانا تىلنىڭ ئىگىلەنگەن تىل ئىكەنلىكىنى ۋە بىزنىڭمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئاز ئەۋۋەل تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئانا تىلنى ياكى بىرىنچى تىلنى ئىگىلەش ياكى ئۆگىنىش جەريانىدا تۆت ئاساسى قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن ۋە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن دەپ ئىككى مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدۇق. بۇرۇن «ئاڭلاش ۋە سۆزلەش» قابىلىيىتىگە مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن، «ئوقۇش ۋە يېزىش» قابىلىيىتىگە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدۇق. يەنى بىر كىشى ئانا تىلى ياكى بىرىنچى تىلىنى ئاڭلاش ۋە سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدىغان مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى مەزگىلدە ئىگىلەيدۇ. ئوقۇش ۋە يېزىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدىغان مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى مەزگىلدە بولسا ئۆگىنىدۇ. يۇقىرىدا «ئانا تىل» ئۈچۈن بىكىتكەن ئېنىقلىمىزدىمۇ «ئىگىلەش ۋە ئۆگىنىش» ئىبارىلىرىنى بىللە ئىشلەتكەنىدۇق. شۇنداق قىلىپ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرگەن بولدۇق. بۇلارنى چۈشەندۈرۈشىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا، «ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن كېيىن، تېمىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ئاتالغۇنى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىر كىشىنىڭ ئانا تىلى ۋە ئىككىنچى تىلىنىڭ ئورنى ۋە ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىش، بىر كىشى قانداق ئەھۋالدا ئىككى تىللىق بولىدىغانلىقى ياكى كىملەرنى ئىككى تىللىق دەيدىغانلىقىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ جەرياندا «ئىككى تىللىق بولۇش »ئاتالغۇسىنىڭ تۈرلىرىنىمۇ تىلغا ئالىمىز ۋە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ھەم ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزدىن مىساللار كۆرسىتىمىز.

«ھاياتىنىڭ ھەرقانداق بىر مەزگىلىدە ئانا تىلىدىن باشقا ئىككىنچى بىر تىلنى بەلگىلىك مىقداردا ئىشلەتكەن كىشىنى ئىككى تىللىق دېيىلىدۇ» دەپ ئىزاھات بەرگەن دەمىرجان، Weinreich, Haugen, Diebold Stern قاتارلىق تىلشۇناسلارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن، ئاتالغۇنىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ تېخى ئېنىق بىكىتىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان (دەمىرجان، 1990:20). Macnamaraغا نىسبەتەن، بىر كىشى بىرىنچى تىلى يېنىدا ئىككىنچى تىلدىكى «ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش» قابىلىيەتلىرىنىڭ مەلۇم بىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولسىمۇ ئىشلىتەلىسە «ئىككى تىللىق» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. Östreicher ئىككى تىللىق كىشىنى، ئىككى ئايرىم تىلنى ئارىلاشتۇرماي ئىشلەتكەن كىشى؛ Bloomfield  بولسا، ئىككى تىلنى ئانا تىلى سەۋىيەسىدە ئىشلەتكەن كىشى دەپ ئىزاھلىغان (دەمىرجان، 1990:20). ئىككى تىللىق كىشى ئىككى تىلنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. Kielhöfer ۋە Jonekeit (1998:11) ئىككى تىللىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، ھەر ئىككى تىلدا كىشىنىڭ ئۆزىنى «ئۆز ئۆيىدىكىدەك، ئۆي ئىگىسىدەك» ھېس قىلىشىنىڭ ئىككى تىللىق بولۇش ئاتالغۇسىدا ھەل قىلغۇچ نۇقتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە دېيىلمەكچى بولغىنى، كىشىنىڭ ئىككىنچى تىلىنىمۇ ئانا تىلىدەك قىينالماي، ئارىلاشتۇرماي، ناتونۇش ھېس قىلماي تۇرۇپ ئىشلىتىشىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككى تىلنىڭ پۈتۈن تەرەپلىرىدە (تىل، يېزىق، ئاڭلاش، ئوقۇش) –بىز دەۋاتقان تۆت تىل قابىلىيىتى- ئوخشاش سەۋىيەدە، ئوخشاش قابىلىيەتتە بولۇپ بولالمايدىغانلىقى، كۆپرەك ئىككى تىل ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭسىزلىق ۋە يۇقىرى تۆۋەنلىك بولىدىغانلىقى، بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن كۈچلۈكرەك بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان (Kielhöfer ۋە  Jonekeit1998:11).

«ئىككى تىللىق» ئاتالغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ۋە ئوخشاش پەيتتە ئىگىلىگەن ئىككى تىلغا «ئوخشاش پەيتلىك ئىككى تىللىق» دەپ ئاتالغان بولسا، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تىلغا ئوخشاش سەۋىيەدە ئىگە بولالماسلىققا «قىممىتى تەڭپۇڭ بولمىغان ئىككى تىللىق» دېيىلگەن. قىممىتى تەڭپۇڭ بولغان ئىككى تىللىق ئىبارىسى ئۈچۈن بولسا ئوخشاش مەنىدىكى «ماس قەدەملىك ئىككى تىللىق»، قىممىتى تەڭپۇڭ بولمىغان ئىككى تىللىق ئىبارىسى ئۈچۈن «ماس بولمىغان ئىككى تىللىق» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز. ئىككى تىللىق بولۇشتا ھەر ئىككى تىلنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىغا قاراپ، ئەگەر ئوخشاش دەرىجىدە ئىشلىتىلسە «تەڭپۇڭ ئىشلىتىلىشچان ئىككى تىللىق»، ئوخشاش دەرىجىدە ئىشلىتىلمىسە، يەنى بىر تىل يەنە بىرىدىن بەكرەك ئىشلىتىلسە « تەڭپۇڭسىز ئىشلىتىلىشچان ئىككى تىللىق» دەپ ئاتالغان (دەمىرجان، 1990:20). « ئىككى تىللىق بولۇش» تىللارنى ئىگىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن «تەبىئىي ئىككى تىللىق بولۇش»، تىلغا قانچىلىك پۇختا بولۇشىغا قاراپ «سۈنئىي ئىككى تىللىق بولۇش» دەپ ئايرىلىدۇ (Kielhöfer ۋە  Jonekeit1998: 14). ئىككى تىللىق بولۇشنىڭ بىر باشقا تۈرى بولسا، ئوقۇش ياكى مەكتەپ ۋە كۇرسلار ئارقىلىق ئېرىشىلگەن «كونتروللۇق ئىككى تىللىق» ۋە تەربىيەلەنمەي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن ئىگىلەنگەن «كونترولسىز ئىككى تىللىق» شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان (Klein 1998:14). ئاخىرىدا، ياخشى بىر بىرىنچى تىل يېنىدا ئىگىلەنگەن، يەنى ياخشى بىر بىرىنچى تىل ۋە بىرىنچى تىلغا زىيانلىق بولمىغان ئىككىنچى تىل ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدە ئىشلىتىلىشىگە «پايدىلىق ئىككى تىللىق»، بىرىنچى تىل يېنىدا ئىگىلەنگەن ئىككىنچى تىل بىر مەزگىلدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ بىرىنچى تىلنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلىسا، بۇ «زىيانلىق ئىككى تىللىق» دەپ ئاتالغان (دەمىرجان، 1990:21).

«ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە يۇقىرىدا بېرىلگەن گۇرۇپپىلاشنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئويلىدۇق. چۈنكى ئوخشىمىغان ئالىملار ئىككى تىللىق بولۇش ئاتالغۇسىنىڭ تۈرلىرى ئۈچۈن تاپقان ۋە ئوتتۇرىغا قويغان ئىسىملار بىر – بىرىگە يېقىن ھەتتا ئوخشاش مەنىدىكى ئىسىملاردۇر. مەسىلەن «تەڭ قىممەتلىك ئىككى تىللىق، تەڭپۇڭ ئىشلىتىلىشچان ئىككى تىللىق، پايدىلىق ئىككى تىللىق» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئاساسەن ئوخشاش مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئىككى تىللىق بولۇشنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى ئاتالغۇلارنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلارغا ئايرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

1.ئىگىلەش ۋە ئۆگىنىش ۋاقتىغا ئاساسەن: «تەڭ پەيتلىك ئىككى تىللىق» بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىككى تىلدا يېتىشتۈرۈلۈشى، ئائىلىدىن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئىككى تىلنى ئاڭلاپ ۋە ئىشلىتىپ چوڭ بولۇشى نەتىجىسىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى تىلنى ئىگىلەشكە قارىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بالا مەكتەپكە باشلىغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش باسقۇچىمۇ تاماملىنىدۇ. مەسىلەن: گېرمانىيەدە نېمىس ئانا ۋە تۈرك دادىدىن بولغان بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانىسىدىن نېمىسچە، دادىسىدىن تۈركچە ئاڭلاش ئارقىلىق ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم نېمىسچە ھەم تۈركچە ئىگىلىگەن بولىدۇ، مەكتەپ مەزگىلىمۇ گېرمانىيەدە بولىدىغان بولغاچقا نېمىسچە مائارىپ تەربىيەسى، تۈركچە تاللانما دەرس ئېلىش ئارقىلىق ھەر ئىككى تىلنىڭ ئۆگىنىش باسقۇچىنى تاماملىغان بولىدۇ. شۇ بالا ئەگەر ئوقۇشىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرسا تۈركچە مائارىپ تەربىيەسى، نېمىسچە تاللانما دەرس ئېلىش ئارقىلىق تىلنىڭ ئۆگىنىش باسقۇچىنى ئوخشاش شەكىلدە تاماملىغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بالا مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن ھەر ئىككى تىلغا ئوخشاش سەۋىيەدە ئىگە بولسىمۇ، مەكتەپكە باشلاش بىلەن تەڭ، تۇرۇۋاتقان ياكى مەكتەپكە بارغان دۆلەتنىڭ تىلى بەكرەك ئىلگىرىلەپ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ. بۇ مىسالغا ئوخشايدىغان باشقا مىساللارنى دۆلىتىمىزدىنمۇ تاپالايمىز. ھەم تۈركچە ھەم كوردچە مۇھىتتا چوڭ بولغان تۈرك دادا ۋە كورد ئانىنىڭ بالىسى، تۈركچە ھەم ئەرەبچە مۇھىتتا چوڭ بولغان تۈرك ئانا ۋە ئەرەب دادىنىڭ بالىسى مەكتەپ يېشىغىچە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقىدە ھەر ئىككى تىلدا ئوخشاش سەۋىيەدە ئاڭلاپ سۆزلىيەلىسىمۇ، مەكتەپكە باشلىغاندىن كېيىن ئىككى تىلدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ تۈركچە ئېغىر بېسىپ كېتىدۇ.

2. ئىگىلەش ۋە ئۆگىنىش شەكلىگە ئاساسەن: بۇ گۇرۇپپىغا «تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئىككى تىللىق»، «كونتروللۇق ۋە كونترولسىز ئىككى تىللىق» بولۇش ئاتالغۇلىرىنى كىرگۈزەلەيمىز. تەبىئىي يول بىلەن تىل ئىگىلەش تېمىسىنى ئالدىدا تىلغا ئالغان ئىدۇق. بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانا تىلىنى، بىرىنچى تىلىنى ئىگىلەش جەريانى ۋە شەكلى دەپ ئىپادىلىگەنتۇق. «كونترولسىز ئىككى تىللىق» ئاتالغۇسىدىكى «كونترولسىز» سۆزلۈكىمۇ بىزگە نىسبەتەن «تەبىئىي» سۆزلۈكى بىلەن ئوخشاش مەنىدە كەلگەن. «كونترولسىز» سۆزلۈكى كونترول ئاستىدا تۇتۇۋالماي، ئارىلىشىۋالماي، ئۆزلۈكىدىن بولغان، يەنى تەبىئىي يوسۇندا دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن. يەنە «سۈنئىي ۋە كونتروللۇق» سۆزلۈكلىرىمۇ بۇ يەردىكى ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن بىر – بىرىگە ماس كېلىدۇ. «سۈنئىي ۋە كونتروللۇق ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇلىرى ئوقۇ- ئوقۇتۇش، مەكتەپ ۋە كۇرسلار ئارقىلىق ئۆگىنىلگەن ئىككىنچى تىل بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىككى تىللىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مىسال ئالىدىغان بولساق، ئىككى تىللىق بولۇشنىڭ بۇ تۈرىگە ئاساسەن ھەر يەردە، ھەر دۆلەتتە مىساللار ئۇچرايدۇ. مەكتەپ يېشىغا قەدەر يالغۇز بىر تىلى بولغان، يەنى پەقەت ئانا تىلىنى بىلىدىغان بىر كىشى مەكتەپكە باشلىغاندىن كېيىن تىل دەرسلىرى ياكى كۇرسلار ئارقىلىق ئىككىنچى تىلنى (بۇ تىل چەت ئەل تىلى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ) ياخشى ئۆگەنسە ئىككى تىللىق بولغان بولىدۇ. دەل بۇ تەرىقىدە شەكىللەنگەن ئىككى تىللىق بولۇشقا «سۈنئىي ۋە كونتروللۇق ئىككى تىللىق بولۇش» دەيمىز. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئەھۋال سەل باشقىچە. مەكتەپ يېشىغىچە تۈركچە ۋە كوردچە ياكى تۈركچە ۋە ئەرەبچە مۇھىتتا چوڭ بولغان بىر بالا ئەسلىدىنلا ئىككى تىللىق بولۇپ، ئەگەر مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن تۈركچە بىلەن بىللە كوردچە ياكى ئەرەبچىسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش ئارقىلىق ھەر ئىككى تىلنىڭ ئۆگىنىش باسقۇچىنى تاماملىسا، ياخشى بىر ئىككى تىللىق كىملىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بالا ئوقۇش جەريانىدا بىر غەرب تىلى، مەسىلەن نېمىسچە ئۆگىنىپ تەرەققىي قىلدۇرسا، ئۈچىنچى بىر تىل ئۆگەنگەن بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ «ئىككى تىللىق» تىن «كۆپ تىللىق» قا ئۆتكەن بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا مىللىي كىملىكى ئەرەب بولغان، ئۈچ تىل بىلىدىغان تۈركىيە پۇقراسى بىر كىشى تۈركىيەدە ئانا تىلى تۈركچە، چەت ئەل تىلى ئەرەبچە ۋە نېمىسچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئانا تىلى ئەرەبچە بولسىمۇ، تۈركىيەدە چەت ئەل تىلى ئورنىدا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما مىللىي كىملىكى كورد بولغان تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن ئەھۋال ئوخشاش ئەمەس، چۈنكى كوردچە دۇنياۋى بىر تىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىشى پەقەت تۈركچە ۋە نېمىسچە بىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركچە ئۇنىڭ ئانا تىلى، نېمىسچە بولسا ئىككىنچى تىلى يەنى چەت ئەل تىلى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئەھۋال تۈركىيەدىكى مىللىي كىملىكى پەرقلىق تۈركىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا پەقەت كوردلارغا خاس بىر ئەھۋال ئەمەس، باشقا تىللىرى دۇنياۋى تىل ھېسابلانمايدىغان ئاز سانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش.

3.ئىشلىتىش ۋە پۇختا بىلىش بىلمەسلىكىگە ئاساسەن: بۇ گۇرۇپپىغا «قىممىتى تەڭ (ماس قەدەملىك) ئىككى تىللىق»، «قىممىتى تەڭپۇڭ بولمىغان (ماس بولمىغان) ئىككى تىللىق»، «تەڭپۇڭ ئىشلىتىلىشچان ۋە تەڭپۇڭسىز ئىشلىتىلىشچان ئىككى تىللىق»، «پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىككى تىللىق» ئاتالغۇلىرى كىرىدۇ. «قىممىتى تەڭ، تەڭپۇڭ ئىشلىتىلىشچان ۋە پايدىلىق ئىككى تىللىق» ئاتالغۇلىرىنى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تىلنى ئوخشاش قىممەتتە، ئوخشاش سەۋىيەدە، ئوخشاش ئىشلىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. «قىممىتى تەڭپۇڭ بولمىغان تەڭپۇڭسىز ئىشلىتىلىشچان ئىككى تىللىق» ئاتالغۇلىرى ئۈچۈن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تىلنى ئوخشاش قىممەتتە، ئوخشاش سەۋىيەدە بىلمەسلىك، ئىشلىتىش قابىلىيىتى پەرقلىق بولۇش، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. دەمىرجان (1990:21) ئانا تىل ياكى بىرىنچى تىلدىن كېيىن ئىگىلەنگەن ۋە ئۆگىنىلگەن ئىككىنچى تىل بىر مەزگىلدىن كېيىن بەكرەك تەرەققىي قىلىپ كەتسە، يەنى ئانا تىلدىن بەكرەك يۇقىرى سەۋىيەگە چىقسا ۋە بۇ جەرياندا ئانا تىلدا چېكىنىش كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋالغا «زىيانلىق ئىككى تىللىق بولۇش»دېگەن. بىز بۇ قاراشقا قوشۇلۇش بىلەن بىرگە كەم قالغان تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. چۈنكى «يوقىتىش ياكى چېكىنىش» «قىممىتى تەڭپۇڭ بولمىغان، تەڭپۇڭسىز ئىشلىتىلىشچان ئىككى تىللىق» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەر ئىككى تىلغا ماس كېلىدۇ. شۇڭلاشقا «زىيانلىق ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى نوقۇل ھالدا ئىككىنچى تىلنى ئانا تىلغا يەنى بىرىنچى تىلغا زىيان كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ دەپ بېكىتىۋېتىش توغرا بولمايدۇ، چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز. «زىيانلىق ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىنىڭ ئېنىقلىمىسى، تىللارنىڭ ھەر قانداق بىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يوقىلىش ياكى چېكىنىش «زىيانلىق ئىككى تىللىق بولۇش» بولىدۇ دېگەن تەرىقىدە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. بۇ گۇرۇپپىغا مىسال كەلتۈرسەك، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى «تەڭ پەيتلىك ئىككى تىللىق بولۇش» ئۈچۈن بەرگەن مىساللىرىمىز بۇ گۇرۇپپا ئۈچۈنمۇ مىسال بولالايدۇ. يەنى مەكتەپ يېشىغىچە تەڭ قىممەتلىك ۋە پايدىلىق ئىككى تىللىق مەۋجۇت بولسىمۇ، مەكتەپكە باشلاش بىلەن تەڭ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ. ئىشلىتىلىشچانلىق ۋە تىلغا پۇختا بولۇش بولماسلىق جەھەتتە بىر تىل يەنە بىر تىلدىن ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىدۇ. بۇ گۇرۇپپا ئۈچۈن يەنە ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى «سۈنئىي ۋە كونتروللۇق ئىككى تىللىق بولۇش» ئۈچۈن تىلغا ئالغان» مەكتەپ يېشىغىچە بىر تىلى بولغان، يەنى پەقەتلا ئانا تىلى بولغان بىر كىشى مەكتەپكە باشلىغاندىن كېيىن تىل دەرسلىرى ياكى كۇرسلار ئارقىلىق ئىككىنچى تىلنى (بۇ تىل چەت ئەل تىلى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ) ياخشى ئۆگەنسە ئىككى تىللىق بولغان بولىدۇ» ئىپادىسىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئوقۇشىنى ئانا تىلىدا ياكى بىرىنچى تىلىدا تۈگەتكەن بىر كىشى ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلى بىلەن ئىككى تىللىق بولىدۇ ئەمما ئىككىنچى تىلنىڭ سەۋىيەسىنى ياكى پۇختىلىق دەرىجىسىنى تىرىشىش ئارقىلىق ۋە شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان دۆلەتتە بىر مەزگىل ياشاش ئارقىلىق بىرىنچى تىل سەۋىيەسىگە ياكى تەڭپۇڭ قىممەتكە كۆتۈرەلىشى مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ چۈشەنچىمىزگە ۋە ئۇزۇن يىللىق تىل ئوقۇتۇش تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا ئىككىنچى تىل بىرىنچى تىلنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ، بىرىنچى تىلغا قارشى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلمايدۇ، (لېكىن 3. گۇرۇپپىدىكى ئىككى تىللىق بولۇشنىڭ تۈرلىرىگە ئاساسەن دېيىلگەن بىر ئىپادىدۇر). ھەتتا دەسلەپ تەڭپۇڭ قىممەتكە يېتەلىسىمۇ بىرىنچى تىلدەك كۆپ ئىشلىتىلمىسە ئىككىنچى تىلدا ئاستا ئاستا چېكىنىش بولۇپ «زىيانلىق ياكى تەڭپۇڭ بولمىغان ئىككى تىللىق» كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئانا تىلدىكى چېكىنىش تولاراق كىشىنىڭ خاھىشى ۋە سەل قارىشى بىلەن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، بىر كىشى قالغان ئۆمرىنى يات بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۆزى يول قويمىسا، يەنى ئانا تىلىدا كىتاب ئوقۇش ۋە ماقالىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسىلا ئانا تىلىدا چېكىنىش بولمايدۇ. قوشۇمچە ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇ، بۇ دېيىلگەنلەر بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان مىللىي كىملىكى پەرقلىق ئاز سانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغانلارنى ئايرىم باھالىغان ۋاقتىمىزدا، ئانا تىللىرى ياكى بىرىنچى تىللىرى مىللىي كىملىكىگە ئاساسەن ئەرەبچە، كوردچە، ئەرمەنچە، رىمچە ۋە باشقا تىللاردا بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركچىلىرى يەنى ئىككىنچى تىللىرى مەكتەپ تەربىيەسى ئارقىلىق بىرىنچى تىللىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمەكتە.

4. چەت ئەل تىلى

ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئالىدىغىنىمىز «چەت ئەل تىلى» ئاتالغۇسىدۇر. بىرىنچى تىل ياكى ئانا تىلدىن كېيىن ۋە ياكى ئانا تىلدىن باشقا ئىگىلەنگەن ۋە ئۆگىنىلگەن تىل ئادەتتە ئىككىنچى تىل دېيىلىدۇ. پەقەت ئىككىنچى تىللارنىڭ ھەممىسى چەت ئەل تىلى دەپ قارالمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنچىكە بىر پەرقنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. تۆۋەندە بېرىلىدىغان ئېنىقلىمىلارنىڭ ياردىمىدە تېمىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.

«چەت ئەل تىلى» ئاتالغۇسى ئۈچۈن تۈرك تىلى ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلغان بىلىم ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى ئاساسى لۇغىتىدە (http://tdk.gov.tr/index) «ئوقۇغۇچىلارغا، ئاكادېمىك، جامائەت خاراكتېرلىك ياكى كەسپى تەرەققىياتىغا ياردەمچى بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئانا تىلىدىن باشقا ئۆگىتىلگەن تىلدۇر» دېيىلگەن. Wiki لۇغىتىدە چەت ئەل تىلى ئۈچۈن «چەت ئەل تىلى بىر كىشىنىڭ ئانا تىلى بولمىغان تىلدۇر» ئىپادىسى ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ پەقەت مەقسەتلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەكتەپ ۋە كۇرسلارنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. (Klein) غا نىسبەتەن، «چەت ئەل تىلى» ئاتالغۇسى دېيىلگەندە، ئىشلىتىدىغان دۆلەتتىن باشقا يەردە دەرستە ئۆگىنىلگەن ۋە كېيىن كۈندىلىك ئالاقىدە بىرىنچى تىل يەنى ئانا تىلىنىڭ يېنىدا ئىشلىتىلمەيدىغان بىر تىل كۆز ئالدىغا كەلمەكتە.Henrici ۋە Riemer «چەت ئەل تىلى»ئاتالغۇسىغا، بىر تىللىق مۇھىتتا بېسىم بىلەن، دەرس ئارقىلىق كونترول ئاستىدا ئۆگىتىلگەندە چەت ئەل تىلى بولىدۇ دېيىش ئارقىلىق كلېننىڭ ئېنىقلىمىسىغا يېقىن بىر ئېنىقلىما ئوتتۇرىغا قويغان. Henrici ۋە Riemer بىر تىللىق ئەمەس كۆپ تىللىق بىر مۇھىتتا كونتروللۇق ياكى كونترولسىز ھالدا ئىگىلەنگەن ياكى ئۆگىنىلگەن بىر تىلنىڭ چەت ئەل تىلى بولمايدىغانلىقىنى بەلكى ئىككىنچى تىل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىككى ئاتالغۇنى بىر بىرىدىن ئايرىغان. دەمىرجان (1990:8) ئانا تىلى ياكى بىرىنچى تىلدىن كېيىن ئۆگىنىلگەن تىللارغا چەت ئەل تىلى دېيىلىدىغانلىقىنى، چەت ئەل تىلىنىڭ مەقسەتلىك ئۆگىنىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇندىن باشقا دەمىرجان ئىككى ۋە ياكى كۆپ تىللىق بىر مۇھىتتا ئانا تىلىدىن كېيىن ياكى ئانا تىلى بىلەن بىللە ئىگىلەنگەن تىلغا ئىككىنچى تىل دېيىلىدۇ دېيىش ئارقىلىق چەت ئەل تىلى ئاتالغۇسى بىلەن ئىككىنچى تىل ئاتالغۇسىنى ئايرىغان. ئۇنداقتا دەمىرجاننىڭ چەت ئەل تىلى ئېنىقلىمىسىنىڭ بىر تىللىق مۇھىتقىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم.

يۇقىرىدىكى بارلىق ئېنىقلىمىلاردىن «چەت ئەل تىلى» ۋە «ئىككىنچى تىل» ئاتالغۇلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ناھايىتى يېقىن مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز. بۇلار بەزىدە بىر – بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، بەزىدە بىر – بىرىدىن ئېنىق چەك چېگرا بىلەن ئايرىلىدىغان، بەزىدە بولسا بىر – بىرىدىن ناھايىتى ئىنچىكە بىر پەرق بىلەن ئايرىلىدىغان ئاتالغۇلاردۇر. ئىككى ئاتالغۇ ئارىسىدىكى پەرق تىلنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىغا ۋە ئۆگەنگەن كىشىنىڭ ئوخشاش مەدەنىيەتتە بولۇش بولماسلىقىغا باغلىق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆگىنىلگەن تىل ياشاۋاتقان دۆلەتتە ۋە ئوخشاش مەدەنىيەتكە ئىگە مۇھىتتا ياكى جامائەتتە كۈندىلىك ھاياتتا ئالاقىدە ئاكتىپ ئىشلىتىلسە، چەت ئەل تىلى ئەمەس ئىككىنچى تىل ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئاتالغۇ ئارىسىدىكى يەنە بىر پەرق، چەت ئەل تىلى ئۆگىنىلىدۇ دېگەن ئىپادىدۇر، يەنى چەت ئەل تىلى مەكتەپ ۋە تىل كۇرسلىرى ئارقىلىق ئۆگىنىلىدۇ، دېگەن گەپ. كۆپ تىللىق جەمئىيەتلەردە ياكى دۆلەتلەردە ئىككىنچى تىل چەت ئەل تىلىغا قارىغاندا بەكرەك ئانا تىلغا يېقىن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

1.چەت ئەل تىلى ئۆگىنىلىدۇ، ئىككىنچى تىل ئىگىلىنىدۇ. بىزگە نىسبەتەن بۇ پەرق ئاتالغۇلارنى ئايرىشقا يېتەرلىك ئالاھىدىلىك ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلنىڭ مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن يوشۇرۇن ئاڭ تەرىپىدىن يەنى ئىگىلەش يولى بىلەن، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بولسا مەقسەتلىك ئۆگىنىش يولى بىلەن ئېرىشىلىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. يېقىنقى يىللاردا ئوخشاش ئۇسۇلدا 2-3ياشلاردىكى بالىلارغا چەت ئەل تىلى سىڭدۈرۈلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭلاشقا چەت ئەل تىلىنىڭمۇ يوشۇرۇن ئاڭ تەرىپىدىن يەنى ئىگىلەش يولى ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغانلىقىنى تەرغىب قىلىدىغانلار بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردا بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ بارماقتا. مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار تەربىيە مەركەزلىرى ۋە يەسلىلەردە چەت ئەل تىلىغا يەر ئايرىلماقتا، بولۇپمۇ شەخسلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر بەسلىشىپ چەت ئەل تىلى تەربىيەسىنى تەشۋىقات تېمىسى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پايدا تېپىش ئۈچۈن ئاتا ئانىلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا.

2.ئىككىنچى تىل ئىگىلەنگەن ۋە ئۆگىنىلگەن مۇھىتتا كۈدىلىك ئالاقىدە ئىشلىتىلىدۇ. چەت ئەل تىلى كۈندىلىك ئالاقىدە ئىشلىتىلمەيدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەرەب، كورد، ئەرمەنى. رۇم ۋە باشقا مىللىي كىملىككە ئىگە تۈرك پۇقرالىرى ئۆز تىللىرىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى تىلى بولغان تۈركچىنى ھەم تۈرك نەسەبلىكلەر بىلەن ھەم ئۆز ئىچىدە كۈندىلىك ئالاقىدە ئىشلىتىدۇ. يەنە گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر، يۇنانلار، ئىتاليانلار، ئەرەبلەر ۋە باشقىلار ئۆز تىللىرىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى تىلى نېمىسچىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ پەرقلىق مىللىي كىملىككە ئىگە جامائەتلەر نېمىسچە ئارقىلىق ھەم نېمىسلار بىلەن ھەم باشقا ئاز سانلىقلار بىلەن ئالاقە قۇرىدۇ. كۆپ تىللىق ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈركىيە بولسۇن ياكى گېرمانىيە بولسۇن، كۈندىلىك ئالاقىدە دۆلەت تىلى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ تىلىدىن باشقا ئۈچىنچى بىر تىل يەنى چەت ئەل تىلى ئىشلىتىلمەيدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدە چەت ئەل تىلى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان نېمىسچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە قاتارلىق تىللارنى ھېچبىر تۈركىيە پۇقراسى كۈندىلىك ئالاقىدە ئىشلەتمەيدۇ.

3.بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تىل ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى جامائەت بىلەن ئالاقە قۇرۇش ئۈچۈن ئىگىلىنىدۇ ۋە ئۆگىنىلىدۇ. چەت ئەل تىلى بولسا يات بىر دۆلەتتىكى ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قۇرۇش، ئۇ دۆلەتلەردە ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، ئىقتىسادى، تېخنولوگىيە، سودا، بىلىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدۇ. مەسىلەن بىز تۈرك خەلقى، چەت ئەل تىلى دەپ ئىنگلىزچە، نېمىسچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە ۋە باشقا تىللارنى يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن سەۋەبلەر ئۈچۈن ئۆگىنىمىز. ھەتتا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتساق، بىزدەك ئاكادېمىكلار چەت ئەل تىلىنى ئۆز ساھەمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلاردىن خەۋەردار بولۇش، ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ باشقا دۆلەتتىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن بىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىنسانلىرىغا ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز.

خۇلاسە ۋە تەكلىپلەر

ئانا تىل، ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق بولۇش ۋە چەت ئەل تىلى ئاتالغۇلىرىنىڭ ئېنىقلىمىلىرى، بىر – بىرىگە ئوخشاشلىقلىقى، يېقىنلىقلىقى، پەرقلىرىنى تۈركچە ۋە چەت ئەل تىلىدىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق. «ئانا تىل» ئاتالغۇسى ئۈچۈن، تىلنى پەقەتلا ئانا بىلەن باغلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىككى تىللىق ۋە كۆپ تىللىق دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئانا تىلىنىڭ قايسىسى بولىدىغانلىقىغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلغان تۆت ئاساسى ئۆلچەمنى بىرلىكتە باھالاش كېرەكلىكىنى، بۇ باھالاش نەتىجىسىدە ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسەن كىشىنىڭ ئانا تىلىنى بېكىتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈردۇق. «ئىككىنچى تىل»نىڭ بىر تىللىق جەمئىيەتتە چەت ئەل تىلى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما كۆپ تىللىق جەمئىيەتتە بولسا مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغان پۇقرالار ئارىسىدا، ھەم شەخسى ھەم كوللېكتىپ مۇناسىۋەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئالاقە ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ماقالىمىزدە «ئىككى تىللىق بولۇش» ئاتالغۇسىنى ئىزاھلىغاندىن كېيىن ئىككى تىللىق بولۇشنىڭ چەك چېگراسىنى ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان تىلدا چۈشىنىشلىك ھالغا ئەكەلدۇق. «ئىككى تىللىق بۇلۇش» ئاتالغۇسىدا، بىر كىشى ئىگە بولغان ھەر ئىككى تىل ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە ئالاقە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى لازىم. ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە ئالاقە ئۈچۈن پەقەتلا دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدىغان ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر تىللىق كىشىلەر ئىككىنچى تىلنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، ئەگەر بۇ تىل ئۇ كىشى ياشاۋاتقان يەردە ئالاقە ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسە، بۇ ئىككىنچى تىلغا «چەت ئەل تىلى» دېيىلىدۇ.

تۈركىيەدە مىللىي كىملىكى پەرقلىق بولغان توپلۇقلار ئانا تىللىرى بىلەن بىللە تۈركچىنىمۇ ئىشلىتىدىغان ئىككى تىللىق دېگىنىمىز جامائەتنى شەكىللەندۈرمەكتە. پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كورد نەسەپلىكلەردىن باشقىلىرى، يەنى ئەرەب، ئەرمەنى، رۇم ۋە باشقا گۇرۇپپىلاردىن ئانا تىللىرى دۇنياۋى تىل بولغان ۋە «ئىككى تىللىق بولۇش» ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن.بۇ جامائەتنىڭ بىرىنچى تىللىرى يەنى ئانا تىلى تۈركىيەدە چەت ئەل تىلى ھېسابلانماقتا. يەنە گېرمانىيەدە، فىرانسىيەدە، ئەنگلىيەدە ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىككى تىللىق تۈركلەر، قوشنا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان گىرېتسىيەلىك، سۈرىيەلىك، ئىراقلىق ۋە ئىرانلىق تۈركلەر دۆلىتىمىزگە كېلىپ گىراژدانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىللىرى تۈركىيەدە چەت ئەل تىلى ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردا دۆلىتىمىز جايلاشقان جۇغراپىيەلىك رايوندا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، مىللىي توقۇنۇشلار پەيدا قىلغان كۆچ سەۋەبى بىلەن، دۆلىتىمىزگىمۇ قوشنا دۆلەتلەردىن تۈرك ۋە ئەرەب نەسەبلىك نۇرغۇن كىشى كەلدى ۋە داۋاملىق كېلىۋاتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە ئەگەر بۇ كىشىلەر دۆلىتىگە قايتالمىسا كۆپىنچىسى تۈرك گىراژدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەگە ماكانلىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا يېقىن كەلگۈسىدە نۇرغۇنلىغان ئىككى تىللىق يېڭى پۇقرالىرىمىز بولىدۇ. بۇ ئىككى تىللىرىنىڭ بىرى چەت ئەل تىلى ھېسابلىنىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ۋە نۇرغۇنلىغان پۇل خەجلىگەن كىشىلەرگە ۋە تىلى دۇنياۋى تىل ھېسابلانمايدىغان كورد نەسەبلىك پۇقرالىرىمىزغا ناھەقچىلىك بولماسلىقى ئۈچۈن بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەك.

ئاخىرىدا، يەرشارىلىشىش قەدىمى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان دۇنيادا ۋە ئەزا سانى تېزلىك بىلەن كۆپىيىۋاتقان، چېگراسى كېڭىيىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىككى تىللىقتىن كۆپ تىللىققا ئۆتۈلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرى ئارىسىدا «تىل تەرەققىياتى ئارخىپى» تۈرى ئاستىدا «تىل پاسپورتى» خىزمىتى ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتۇق. بۇ تىل پاسپورتىدا كىشىنىڭ ئانا تىلى، دۆلەت تىلى ۋە بىلىدىغان چەت ئەل تىللىرى ۋە سەۋىيەسى ئورۇن ئالماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تۈركىيەنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىزمەتنى باشلىشى ھەم پۇقرالار ئارىسىدا تىلغا مۇناسىۋەتلىك ئادىللىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەم ئەزا بولۇش يولىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىقتۇر.

ماقالىنىڭ يازغۇچىسى: شەرىف ئورۇچ ياردەمچى دوتسېنت، دوكتور غازى ئۇنىۋېرسىتېتى پېداگوگىكا فاكۇلتېتى گېرمان تىلى بۆلۈمى

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش