ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەلگۈسى تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، مەخسۇس ئالتە ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 2019–يىلى 4–ئاينىڭ 13– ۋە 14-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ماگېستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى)
2019-يىلى 27–مارت، ئىستانبۇل

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2019-يىلى 4–ئاينىڭ 5–كۈنىگىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uyghurakademy@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئالاقە تېلىفۇنى: 05306677851

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:
1) ئۇيغۇرچە ئىسىم–فامىلىسى
2) ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى
3) ئوقۇغان كەسپى
4) ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئاكادېمىك ئۇنۋانى
5) تۇرىۋاتقان دۆلىتى ۋە شەھىرى
6) ئالاقە تېلىفۇنى
7) ئالاقە ئېلخېتى

ئەسكەرتىش: تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئوقۇش ياردىمى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىستانبۇلدىكى ئاكتىپ ياشلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى كۈنلۈك چۈشلۈك تاماق ۋە يىغىندا كىرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەيدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش