ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » بېن يەھۇدا ۋە ئىبراي تىلى

بېن يەھۇدا ۋە ئىبراي تىلى

دوكتور ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ يەردىكى ھەربىر يەر نامىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تارىخى بار. ياكى ئىسرائىلىيەلىكلەر يەر ناملىرىنى بېكىتكەندە خالىغانچە ئىسىم قويمايدۇ،ھەربىر ئىسىم ئەستايىدىل ئويلىنىشلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەن خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىن تۇنجى دىققەت قىلغان ئىشىم يەر ۋە كوچا ناملىرى بولدى. تېل ئاۋىۋ شەھرىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە باش ۋەكىلى يىتزاك رابىننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مەيداننى سەيلە قىلدىم. خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مېنىڭ ئىشخانام جايلاشقان ئېشكول مۇنارى دەپ ئاتالغان ئېگىز بىنانىڭ نامى ئېشكولمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ 3-باش ۋەكىلى، 1969-يىلى ۋاپات بولغان لېۋى ئىشكولنىڭ نامىغا بېغىشلانغان بولۇپ، لېۋى ئېشكول ئىسرائىلىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىشخانىسىدا خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان باش ۋەكىلدۇر.

خايفا ئۇنىۋېرسىتېتى خايفا شەھرىدىكى ئەڭ ئېگىز بىر تۆپىلىككە، كارمېل تېغىنىڭ بىر چوققىسىغا جايلاشقان بولۇپ دائىم ئاپتوبۇس بىلەن سىرتقا چىققاندا ئاپتوبۇس رادىيوسىدىن كېيىنكى بېكەت ئابا خۇشى يولىدىكى ئېينىشتىيىن كوچىسى دېگەن ئاۋاز تەكرار قويۇلۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىۋېرسىتېتقا تۇتىشىدىغان بۇ يولنىڭ نامى 1963-يىلى خايفا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ياكى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ئەينى چاغدىكى خايفا شەھرىنىڭ باشلىقى ئابا خۇشىنىڭ نامىغا بېغىشلانغان. ئالبېرت ئېينىشتىيىن كوچىسىنىڭ نامىنىڭ 20-ئەسىردىكى داڭلىق فىزىكا ئالىمى، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئالبىرت ئېينىشتىيىننىڭ نامىدىن كەلگەنلىكىمۇ ھېچكىمگە سىر ئەمەس.

مەن تۇنجى قېتىم گولان ئېگىزلىكىگە بارغاندا، تېل ئاۋىۋ ۋە قۇددۇسنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە بىر نەچچە يەردە بېن يەھۇدا يولى، كوچىسى دېگەن بىر نام تەكرار قۇلىقىمنى غىدىقلىدى. مەن نەچچە يىل ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ داڭلىق شائىرى يەھۇدا ئامىخاينىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ <<بېن يېھۇدا» دېگەن نامدىكى بىر پارچە شېئىرىنى ئۇچراتقان ئىدىم. شۇ چاغدا بۇ كىم بولغىيدى دەپ گوگۇل ئارقىلىق بېن يەھۇدانىڭ كىملىكىنى ئىزدەپ باققان ئىدىم. ئۇ كىشى ھەققىدە جوڭگۇدىكى چاغدا ئازراق چۈشەنچىگە ئېگە بولغان ئىدىم.

ئىسرائىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن بېن يەھۇدا دېگەن نامنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ نەچچە داڭلىق باش ۋەكىلىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش كۆپ ئۇچرايدىغان، كۆپ يەرگە نام قىلىپ قويۇلغان بىر ئىسىم ئىكەنلىكىنى سەزدىم. يەھۇدىلار بېن يەھۇدا دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسا بىردىن جانلىنىپ كېتەتتى. ئۇنى پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالاتتى. ھەتتا بىر سورۇندا بېن يەھۇدانىڭ گېپى چىقىپ، ئۇنى بىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەندە سورۇندىكى 15 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز تاشقى پىلانېت ئادىمى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندەك ھەيران قالغان ۋە خوش بولغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە تارىخىدا بېن يەھۇدانىڭ ئورنىنى تۈركى مىللەتلەر تارىخىدىكى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئورنى بىلەن ئوخشايدىغان بولۇپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا تا ھازىرغا قەدەر بىرەر كوچا ياكى يەرنىڭ نامى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.

ئىلىزار بېن يەھۇدا ھازىرقى زامان ئىبراي تىلىنىڭ ئاتىسى ياكى ئىبراي تىلىنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر. مەن ئىبراي تىلى دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە بۇ يەردە قىسقىچە ئىزاھ بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپىمەن. ئىبراي تىلى دېگەن ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تىلىغا كىم تەرىپىدىن ئەكىرىلگەن ماڭا مەلۇم ئەمەس. يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تىلى ئىنگلىز تىلىدا خېبرېۋ (Hebrew) دەپ ئاتالسا، يەھۇدىلار بۇ تىلنى ئۆزىنىڭ خېبرېۋ تىلىدا ياكى بىز ئىبراي تىلى دەپ ئاتىلىدىغان تىلدا ئىۋرىت دەپ ئاتايدۇ. بۈگۈنكى خېبرېۋ دېگەن سۆز ئىبرى دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ تارىختىكى بىر نەچچە ئاتىلىشىنىڭ بىرسىدۇر.

يەھۇدىيلارنىڭ نامى ئۇيغۇرلارغا يەھۇدىي ۋە جوھۇت دېگەن ئىككى نامدا ئۆزلەشكەن بولۇپ، تىلىمىزدىكى يەھۇدىي دېگەن نام يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز تىلىدا ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى ئاتىشىغا ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. جوھۇت دېگەن نام يەھۇدىنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشىنىڭ سەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرىلىشىدۇر ياكى يەھۇد دېگەن ئاتالمىدىن كېلىپ چىققاندۇر. ئىنگلىزچە يەھۇدىلار جېۋش (jews) دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئىبراھىم دېگەن ئۇرايىم، ئىبرايىم دەپمۇ ئاتاپ قويىدىغان ئادەت بار. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىبراي تىلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولسا كېرەك. گەرچە مەن ئىبراي تىلى دېگەن ئاتالغۇنى ھېبرېۋ دېگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇش خاھىشىدا بولساممۇ لېكىن كونىلارنىڭ تۇتقان يولىغان ئەمەل قىلىپ كونىلارنىڭ ئادىتى بويىچە بۇ تىلنى ئىبراي تىل دەپ ئاتاپ تۇرىمەن.

ئىبراي تىلى غەربىي سىمىت تىللىرىغا تەۋە بىر تىل بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى تىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ تىل مىلادى 1-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېغىز تىلى بولۇشتىن قېلىپ، ئىبادەت ۋە دىنى ئەسەرلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىلغا ئايلىنىپ قالغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن سۆزلەشكىلى بولىدىغان قىلىپ قايتا تىرىلدۈرۈلگەن.

ئېلىزار بېن يەھۇدا 1858-يىلى 7-يانۋاردا ئەينى چاغدىكى رۇسىيە ئىمپېرىيەسىگە (ھازىر بېلورىسىيەگە تەۋە) تەۋە لۇجكى دېگەن بىر جايدا دۇنياغا كەلگەن. بۈگۈن بلوروسىيەدە بۇ يەرنىڭ نامى ۋىتېبسك ئوبلاستى دەپ ئاتىلىدۇ. 3 يېشىدىن باشلاپ يەھۇدىي دىنى ۋە قەدىمكى ئىبراي تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ 20 يېشىغا قەدەر يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر دىنى خادىمى ياكى رابى بولۇشنى نىيەت قىلغان. كېيىن فىرانسۇز، گېرمان ۋە رۇس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. يەھۇدىي تىلىدىكى گېزىت «ھاشائار» (بۇ قەدىمكى يەھۇدىي تىلىدا چىقىدىغان گېزىت) نى ئوقۇپ دەسلەپكى قەدەمدە زىئونىزىمچى ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچراشقان. ئىسرائىلىيە زېمىنىدا يەھۇدىي تىلىنى تىرىلدۈرۈش دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىش يولى دېگەن ئىدىيەگە كەلگەن.

ئېلىزار بېن يەھۇدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پارىژغا كېلىپ، سوربۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تارىخى ۋە سىياسىي ھالىتى ھەققىدىكى بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەنگەن. پارىژدا تۇرۇۋاتقان چاغدا قۇددۇستىن كەلگەن بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇچراشقان. قۇددۇستىن كەلگەن يەھۇدىي ئۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي تىلىدا پاراڭلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدىي تىلىنى تىرىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنچ قىلغان. ئۇ پارىژدا تۆت يىل تۇرغاندىن كېيىن 1881-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ بىر ۋىلايىتى بولغان پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن. قۇددۇستا ئولتۇراقلىشىپ، بىر يەھۇدىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئەينى چاغدا پەلەستىنگە كۆچۈۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ سۆزلىشىدىغان تىلى خىلمۇ خىل بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي ياۋروپا ۋە گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن، يەھۇدىيلارنىڭ خاس تىلى بولغان يىدىش تىلىنىڭ تەسىرى ھەممىدىن يۇقىرى ئىدى.

ئېلىزار بېن يەھۇدا بىر مىللەت بولغان يەھۇدىيلارنىڭ نەچچە خىل تىلدا سۆزلىشىشى يەھۇدىيلارنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن پىلانى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ ئويلايتتى. ھازىر يەھۇدىلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تۇرغان نەرسە ئۇنىڭ دىنى، پۈتكۈل يەھۇدىلار مۇشۇ بىر ئامىلغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىدىن ئىبارەت بىنانى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر تۈۋرۈك بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇ بولسىمۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق تىلى. ھەممە يەھۇدىي بىر ئورتاق تىلدا سۆزلەشكەندىلا قەلب ۋە تىلدىكى بىرلىك ئەمەلگە ئاشىدۇ. زىئونىزىم ياكى يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى پەلەستىندە قايتا قۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ دەپ ئويلايدۇ ئۇ يەنە. ئۇندىن باشقا ئۇ قەدىمكى ئىبراي تىرىلدۈرگەندىلا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، مېڭىشقا بولىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك يول شۇ دەپ جەزم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارماي-تالماي ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، گىرامماتىكىسى ۋە سۆزلەرنىڭ يىلتىزى سىمىت تىلى ياكى ئارامى ۋە ئەرەب تىلىدىن ئېلىشنى ئەڭ توغرا ئۇسۇل دەپ قاراپ ئىبراي تىلىنى تىرىلدۈرۈش يولىغا قاراپ ماڭدى.

لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى بەكمۇ ئېغىر قىيىنچىلىق توسۇپ تۇراتتى. پەلەستىن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش غايىسى ئۈچۈن پەلەستىنگە كۆچمەن بولغان ۋە ئەسلىدىنلا مۇشۇ يەردە بار يەھۇدىيلارنىڭ ئانا تىلى ئىبراي تىلى ئەمەس ئىدى. ئۇلار ھەر خىل تىللارنى ئانا تىلى دەپ ھېسابلايتتى ياكى ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق كۆچمەنلىك جەريانىدا باشقا تىللارنى ئانا تىل ئورنىدا قوبۇل قىلغان ئىدى. پايدىلىق پۇرسەت نۇرغۇن يەھۇدىي قەدىمكى ئىبراي تىلىدا يېزىلغان دىنى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەتتى. دۇئانى ئىبراي تىلىدا قىلاتتى. ئىلىزار بېن يەھۇدىي ئوخشاش ئوي ۋە ئوخشاش مەقسەتتىكى مەسلەكداشلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ ئىبراي تىلىدا سۆزلىشىشنى ئادەت قىلدى. توسالغۇمۇ يوق ئەمەس ئىدى. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان قان بىلەن گۆشتەك بولۇپ كەتكەن، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تەپەككۇر يولىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئانا تىلدىن ۋاز كېچىش تەس بولۇش بىلەن بىرگە بىر قىسىم يەھۇدىي دىنى زاتلىرى قەدىمكى ئىبراي تىلى دىنى تىل، ئۇنى جانلىق تىل قىلىپ سۆزلىشىشكە بولمايدۇ دەپمۇ قارايتتى.

ئىلىزار بېن يەھۇدانىڭ ئەتراپىدا ئىبراي تىلىدا سۆزلەيدىغانلار كۈنسېرى ئاۋۇش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق ھالدا يېڭى سۆز ياساش، ئىبراي تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش نۇرغۇن يەھۇدىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئېلىزار بېن يەھۇدانىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر ئىشى ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغلى بېن زىئون بېن يەھۇدا (بېن زىئون دېگەن سۆز زىئوننىڭ ئوغلى دېگەنلىك بولىدۇ) نى ئىبراي تىلىدا تەربىيەلىدى. ئۇنىڭغا كىچىك ۋاقتىدا باشقا تىللارنى ئۈگۈتىشتىن ساقلاندى. بىر قېتىم ئۇ ئايالىنىڭ بېن زىئونغا بىر رۇس بالىلار ناخشىسىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئايالىنى توستى ۋە ئايالىغا كايىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بېن زىئون ھازىرقى زامان ئىبراي تىلى تارىخىدىكى ئىبراي تىلىنى ئانا تىل قىلغان تۇنجى ئادەم بولۇپ قالدى. بۇ يەردە بىز ئانا تىل دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز. ئانا تىل ئانىمىزدىن ئۆگەنگەن تىل بولۇپ قالماي بەلكى بىز تۇنجى بولۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان، بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان تىلدۇر. سىز ئەڭ ئاۋۋال بىر تىلنى پۈتۈنلەي ئۆگىنىپ بولۇپ، ئاندىن شۇ تىل ئارقىلىق ئىككىنچى تىلنى ئۆگەنسىڭىز، سىزنىڭ تىل ئۆگۈنۈشىڭىزدە ئاساس بولغان تىل دەل ئانا تىلدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە يەرشارى بارغانسېرى كىچىك بىر كەنتكە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ يەرشارى بويلاپ كۆچۈشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئىنگلىزچىدە ئانا تىل دېگەننى (mother tongue ) دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئانا تىل دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشى يەنە (native speaker (دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىنسان بولۇپ يارىلىپلا سۆزلەشكە باشلىغان ياكى ئىنسان بولۇپ تۇنجى قېتىم ئۆگەنگەن تىل دېگەن مەنىگە يېقىن. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىنسان تەپەككۇر قىلغاندا تەپەككۇر ئاساسىي قىلىنىدىغان، ئادەم ئەڭ ياخشى ۋە بىمالال ئىشلىتىدىغان تىل دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە. يەر شارىنىڭ بىر كىچىك كەنتكە ئايلىنىپ قېلىشى نەتىجىسىدە تۇغۇلۇپلا ئاتا-ئانىسىدىن بىر خىل تىل ئۆگۈنىدىغان، مەكتەپتە يەنە بىر خىل تىل بىلەن سۆزلىشىش ۋە تەربىيە ئېلىش نۇرغۇن ئادەم دۇچ كەلگەن بىر يېڭى ھادىسىگە ئايلاندى.

مەن چەتئەلدە نۇرغۇن قوش تىللىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. ئانا تىلى ئىككى دەپ قارىلىدىغان كىشىلەر بىلەنمۇ ئۇچراشتىم. لېكىن چەتئەلدە كىشىلەر ئانا تىل دېگەن سىز ئەڭ ياخشى سۆزلەيدىغان ۋە ئەڭ ياخشى ئىپادىلەيدىغان تىلنى كۆرسىتەتتى. بەزى كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلى، مىللىتىنىڭ تىلى ياكى ئۆزى تۇغۇلۇپ مەكتەپكە كىرىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگەنگەن تىلى باشقا بىر خىل تىل بولسىمۇ لېكىن مەكتەپ ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپتە قوللانغان تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمى ئاتا-ئانىسى ئۆگەتكەن تىلدىن ئېشىپ كېتىپ ئادەمنىڭ بىرىنچى تىلى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتىم.

ئېلىزار بېن يەھۇدا يەھۇدىي تىلىنى تىرىلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، يەھۇدىي تىلىنى ئوغلى بېن زىئوننىڭ ئانا تىلىغا ئايلاندۇردى. ئوغلى بۇ تىلنى ئىنتايىن پىششىق ئىگىلەپ، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىپادىلەشتە مۇشۇ تىلغا بولغان تۇغما مايىللىقنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە باشلىغاندا ئاندىن ئوغلىنىڭ باشقا تىللار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويدى. شۇنداق قىلىپ زىئونىزىم ياكى يەھۇدىي تىرىلمىچىلىك تارىخىدا ئېلىزار بېن يەھۇدا سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئەڭ بۇرۇن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان زىيالىغا ئايلاندى ۋە باشقا يەھۇدىي تىرىلمىچىللىرىگە ئۈلگە بولدى.

بېن يەھۇدا ھاياتىدا بىر نەچچە پارچە ئىبراي تىلىدا چىقىدىغان گېزىتكە باش مۇھەررىر بولدى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يەھۇدىي تىلىنى تىرىلدۈرۈپ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئۇ 1922-يىلى 16-دېكابىردا ۋاپات بولغاندا دەپنە مۇراسىمىغا 30 مىڭ ئادەم قاتناشتى.
پۈتۈن ھاياتىنى ئىبراي تىلىنى تىرىلدۈرۈشكە ئاتىغان تىلشۇناس ۋە ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر بېن يەھۇدا ھاياتىدا ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ 6 پەرزەنت كۆرگەن. 4 پەرزەنتى كىچىك ۋاقتىدىلا كېسەل سەۋەبىدىن چاچراپ كەتكەن. ئوغلى بېن زىئون بېن يېھۇدا بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى ئىبراي تىلى ئۆلگەن مىڭ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىبراي تىلىنى ئانا تىل قىلغان يەھۇدىي بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، ئىبراي تىلىنى ئانا تىلى قىلغان بىرىنچى ئادەمنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىبراي تىلىنىڭ تىرىلىشىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

ئەڭ دەسلەپتە بېن زىئون بېن يەھۇدا ئىبراي تىلىنى ئانا تىل قىلغان بولسا كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسىمۇ بۇ تىلنى ئانا تىل قىلىپ چوڭ بولدى. يەھۇدىيلارنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان، ئۆزىنى لېكىن قولىدىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ دەپ قارايدىغانلا ئادەملەرمۇ ھېچكىمنىڭ دۈشمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان، ناھايىتى بىخەتەر كۈرەش يولى بولغان، يەھۇدىي تىلىنى تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق يەھۇدىي دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش غايىسى ئۈچۈن بالىلىرىنى يەھۇدىي تىللىق يەسلىلەرگە بەردى. يەھۇدىي تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتتى. بېن يەھۇدا مۇشۇ جەرياندا قانچىلىق جاپا تارتتى، كىملەردىن دەككىسىنى يېدى ئېنىق ئەمەس. غايىگە يېتىشنىڭ تۈز يولى بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەت.

بېن يەھۇدا قاتارلىق زىئونىزىمچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشى يەھۇدىيلارنىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە زىئونىزىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى، زىئونىزىم ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى تارقىتىدىغان، ئۆز ئارا ئالاقە قىلىدىغان، بىرلىشىدىغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى بولغان ئورتاق تىل ئىبراي تىلىغا ئىگە بولدى.

1948-يىلى يەھۇدىي دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. زىئونىزىم ياكى ئىسرائىلىيە تارىخىنى تەتقىق قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ پەلەستىندە قۇرۇلۇشى بىر سۇيىقەست، ئۇ جاھانگىرلارنىڭ ئويۇنىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلا نۇرغۇن ئادەم بار. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايىدا بۇ خىل كۆز قاراشقا قېتىلىدىغان ئادەملەرمۇ كۈرمىڭ. بۇنداق ئادەملەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۆلگەن بىر تىلنى تىرىلدۈرۈپ، ئۇنى بىر مىللەتنىڭ ئورتاق ئانا تىلىغا ئايلاندۇرۇش جاھانگىرلارنىڭ ئويۇنى ۋە سۈيقەستنىڭ نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن.

بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە 8 مىليوندىن ئوشۇق نوپۇسقا ئىگە بىر كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. پۈتۈن دۇنيادا ئىبراي تىلىنى ئانا تىلى قىلغان ئادەمنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئاشتى. 1881-يىلى بېن زىئون بېن يېھۇدا تۇغۇلغاندا پۈتۈن دۇنيادا ئىبراي تىلىنى ئانا تىلى قىلغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئادەم يەھۇدىي تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ. مەن ئىسرائىلىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئەرەب تىلى بىلەن يەھۇدىي تىلى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەقىقەتەن ئىككىسى سىمىت تىلىدىن ئىبارەت ئانا شاختىن ئايرىلىپ چىققان بالا شاخلار ئىدى.

بېن يېھۇدا ۋە ئىبراي تىلىنىڭ تىرىلىش ھېكايىسى دۇنيانىڭ تىلشۇناسلىق تارىخىدىكى ئەڭ يارقىن مىساللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يەر شارىدىكى نۇرغۇن تىللار خىرىسقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە ئىبراي تىلىنىڭ بۇ ھېكايىسى بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. بۇ ھېكايە ئارقىلىق يەھۇدىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن.

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى شەنبە ئىسرائىلىيە، خايفا شەھرى، خايفا ئۇنىۋېرسىتېتى، تالىيا بىناسى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش