ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئىجازەت بېرىلدى

ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئىجازەت بېرىلدى

206025_545482868798311_1566993091_n[1]بەلكىم ئىزدىنىشتىكى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ خەۋىرى بولۇشى مۇمكىن. 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى باغداش مۇنبىرىدە “ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا” ناملىق بىر يازما ئېلان قىلىندى. بۇ يازما تور نامى “قانۇنىي يول” بولغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ تۆت ياشقا كىرىپ قالغان قىزىنى يەسلىگە بەرمەكچى بولۇپ، بىرمۇ قوش تىللىق بولمىغان يەسلى تاپالماي، ئاخىرى شۇنداق بىر يەسلىنى ئۆزۈملا قۇرمايمەنمۇ دەپ يولغا چىققانلىقى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۈگۈنگە قەدەر زىيارەت قېتىم سانى 700 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ (300 مىڭدىن ئاشقاندا باغداش مۇنبىرىنىڭ سانىغۇچىسى بىر قېتىم چېكىلسە ئۈچنى سانايدىغان بولۇپ قېلىپ، 500 مىڭغا بارغاندا ئوڭشالدى. ئارىلىقتىكى 200 مىڭنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ 500 مىڭدىن ئاشىدۇ)، ئۇيغۇر تور تارىخىدا رېكورت يارىتىلدى. مېنىڭچە كىشىلەرنىڭ بۇ يازمىغا بولغان قىزىقىشى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يازما ئىگىسى ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا باسقان ھەر بىر قەدىمىنى نەق مەيدان خاتىرىسى سۈپىتىدە يوللاپ تۇردى. ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بېرىپ ئىش بىجىرىش داۋامىدا ئىزچىل ئادەمنى تېرىكتۈرىدىغان، زېرىكتۈرىدىغان، ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغان، ھەتتا ھاقارەت ھېس قىلدۇرىدىغان كەچۈرمىشلەرگە يولۇقۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما تەمكىنلىك بىلەن تېمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 2013- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى باغداش مۇنبىرىدىكىلەر بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، تېمىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان قىلىپ قۇلۇپلاپ قويدى. يازما ئىگىسىنىڭ رەسمىيەت ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولماي، ئېغىر توسالغۇغا دۇچ كەلگەن ئىدى. كېيىن بۇ گەپلەر “بالىلارنى دەپ يول ئالدۇق (ئانا تىل يەسلىسىنىڭ داۋامى)” ناملىق باشقا بىر تېمىدا داۋاملاشتى. بەخىتكە يارىشا، 2- ئاينىڭ 8- كۈنى (كېيىنكى تېمىنىڭ 58- بېتىدىن باشلاپ) ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. بىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر “قانۇنىي يول” ئەپەندىنى چاقىرتىپ، يىغىن ئېچىپ، ئۇ ئىلتىماس قىلغان ئانا تىل يەسلىسىنى، ھەتتا ئۇلار قۇرماقچى بولغان ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىمۇ تەستىقلاشقا ماسلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن “قانۇنىي يول” ئەپەندىنىڭ بەش ئايغا سوزۇلغان ئانا تىل يەسلىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى قۇرۇش پىلانى دەسلەپكى قەدەمدە ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولدى. بۇ “قانۇنىي يول” ئەپەندى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىنى يوللىدىم. “مائارىپ بەكلا مۇھىم بولغانلىقتىن، ئۇنى مائارىپچىلارغىلا تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ” غانلىقى ئۈچۈن، قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشلارغا ئاز تولا دىققەت ئېتىبارىنى ئاغدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش