You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم دۈنياسى ھەققىدە

يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم دۈنياسى ھەققىدە

دوكتور مەغپىرەت كامال

ئىدراك قىلىش ۋە بىلىش تارىخى ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭ ياشتا بولسا كېرەك. بۇ نوقتىدىن ئالساق بىلىم تارىخىنىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى بىلەن تەڭتۇش دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار تەپەككۈر قىلىشقا باشلىغان تۇنجى مىنۇتلاردىن باشلاپلا ئۆز ئۆزىنى تونۇش، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان تەبىئەتنى بىلىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسۈز ئالغا باستى ۋە بۈگۈنكىدەك ئىلغار تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئەلۋەتتە ئنسانىيەت دۇنيانى تونۇش، بىلىش ۋە چۈشىنىشنى ھېچبىر زامان توختىتىپ قويمايدۇ، ئۈزلۈكسىز تېرىشىدۇ، يېڭى-يېڭى تونۇشلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە جۇغلانغان يېڭى ئىلىملەرمۇ ئۈزلۈكسىز  ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، قۇتادغۇ بىلىگ 1069-1070 -يىللىرىدا يېزىلىپ خاقان تابغاچ بۇغرا خانغا سۇنۇلغان. بۇ چاغدا قاراخانىيلار دۆلىتى قۇرۇلۇپ ھۈكۈم سۈرگىنىگە ئاللىقاچان 200 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. دۆلەت مۇقىملىق ئىچىدە گۈللىنىپ  سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن زور تەرەققىيات ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تىنچ، ياقشى ۋەزىيەت بەرپا قىلىنىپ، خەلق خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن، دۆلەت بولسا قۇدرەت تاپقان ئىدى. ئورتا ئاسىيا بىرلىككە كەلگەن بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ھىمايەسىدە، ئالتۇن چاغىنى ياشاۋاتقان مەزگىل ئىدى. بۇ گۈللەنگەن دەۋىردە تۈركى تىللار دىۋانى ۋە قۇتادغۇ بىلىگكە ئوخشاش نادىر كىتاپلار مەيدانغا كېلەلىگەنىدى. يۇسۇپ خاس ھاجىپ كىتابىغا قۇتادغۇ بىلىگ (قۇتلۇق قىلغۇچى بىلىم) دەپ ئىسىم قويغان. ئەسەرنى ناھايىتى ياقتۇرغان تابغاچ بۇغرا خان ئۇنىڭغا خاس ھاجىبلىك ئۇنۋانىنى بەرگەن.

پۈتۈن تۈرك خەلقلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە بىلىم تارىخىدە ناھايىتى مۇھىم بىر ئەڭگۈشتەر ھېساپلىنىدىغان قۇتادغۇ بىلىگ دۈنياغا كەلگەندىن بۇيانقى مىڭ يىلغا يېقىن ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇنى ئوقىغان ھەر بىركىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، چوڭقۇر تەپەككۈرگە غەرق قىلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە پۈتۈن دۈنيادا ھەر خىل تىللاردا يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ شاھ  ئەسەرى قۇتادغۇ بىلىك تېما قىلىنغان نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلىپ، ماقالىلار ئېلان قىلىندى.ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتلار يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغاچىقاردى.  بۇلارنىڭ ئىچىدە،قانۇن، ئاسترونۇمىيە، ماتېماتىكا،گىيومېتىرىيە، سىياسەت، ئىقتىسات، ئەدەبىيات،  تىلشۇناسلىق، دىن، ئائىلە ئىلمىي، تەبىئەت ئىلمى، پىسخولوگىيە، پەلسەپە، ئۇرۇش ۋە ھەربى ئىلىملىرىگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى كۆرگىلىبولىدۇ.مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم ئۇچۇرلىرىنى بىر ئەسەرگە مۇجەسسەملەش ئەلبەتتە يازغۇچىدىن كەڭ دائىرىدىكى چوڭقۇر بىلىم جۇغلانمىسى تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا  بۇ ئەسەر يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتىگە باغلىق ھالدابىلىم يولىدا كەچە-كۈندۈز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋايىغا يەتكۈزەلىگەن، يېتۈك بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىملىك بىلىدۇ. كىتاپنىڭ ئىسمىنىڭ «قۇتلۇق قىلغۇچى بىلىم»دەپ قويۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا ئەسلىدە مۇئەللىپىنىڭ بىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. ئەسەر باشتىن ئاخىر كىشىلىك ھاياتتا ۋە ئاخىرەت دۇنياسىدا بەخت ۋە سائادەت كەلتۈرىدىغان بىردىن بىر يول كۆرسەتكۈچنىڭ بىلىم ئىكەنلىكىنى، مەيلى بۇ دۈنيادىكى بولسۇن ياكى ئۇ دۈنيادىكى بولسۇنپۈتۈن ياخشى ۋە گۈزەل ئىشلەرنىڭ بىلىم بولماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بىلىم يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ نەزىرىدە `تۈندىكى چىراق، ئەبەدى چۈرۈمەيدىغان بىباھا گۆھەر، گۈزەل يار، ۋاپادار دوستتۇرۋەبىلىم ئىنسان ھاياتىدا قاراڭغۇ زۈلمەتنى يورۇتىدىغان قۇياشقا ئوخشايدۇ؛ گۈزەللىك ۋە خوشاللىق ئېلىپ كەلگۈچى پۈتۈن ئىشلار بىلىم بىلەن بولىدۇ، بىلىملا بولسا ھەممگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بىلىم بىلەن يېتىلدۇرۇشكە تىرىشىشى يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتقا ۋە ياشاۋاتقان دەۋىرگە نىسپەتەن جاۋاپكارلىق تۇيغۇسىنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئەسەرىدە بىلىمنىڭ قىممىتىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «ئالىملەرنىڭ بىلىمى خەلقنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى نۇردۇر. بىلىم بىر مەشئەلگە ئوخشايدۇ، ئو كېچىسىمۇ يېنىپ ئىنسانلارنىڭ يولىنى يورۇتىدۇ.» بۇ كۆز قارىشى ئالىمنىڭ بىزيۇقىرىدا ئىپادىلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى  بىلەن بىلىم ئىگەللەشتىكى مەقسىدىنىڭ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا بولۇپ قالماي، بەلكى ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتى ۋە بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۈرۈش ئىكەنلىك ئىدىيەسىنىمۇ ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كىتاپتىكى ئايتولدىنىڭ بىلىمدە ۋايىغا يەتكەن، ئەتراپىدا تونۇلغان بىر بىلىم ئىگىسى بولۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، `بىلىمىمنى دۆلىتىم ئۈچۈن، خەلقىم ئۈچۈن ئىشلەتمىسەم بىلىم ئالغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى` دەپ ئويلاپ، خاقان كۈنتوغدىنىڭ ھۇزۇرىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى بىلەنمۇ ئپادىلىنىدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپقا كۆرە بىلىملىك كىشى ياخشىلىق قىلغىچىدۇر. ئۇ بۇ ئىدىيسىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:

(151) خۇدا كىمگە ئەقىل پاراسەت ۋە بىلىم بەرگەن بولسا،

ئۇنىڭ قولىدىن كۆپ ياقشىلىقلار كەلدى.

ئەسەردە يەنە، بىلىم ئىگىلىرى كۆپەيگەن بىر جەمىئەتتە  ئەقىل بىلەن ئىش تۇتۇلىدىغان بولغاچقا خاتالىقلار ئازىيىپ، دۆلەتنىڭ  ۋە خەلقنىڭ سالامەت روناق تېپىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن كۆز-قاراشمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىلىم ۋە بىلىم ئىگىلىرى  مەدھىلىنىپ بىلىمسىزلىك قاتتىق تەنقىت قىلىنىدۇ. قۇتادغۇ بىلىگنىڭ ئالتىنجى بۆلۈمىدە «ئىنسان بالىسىنىڭ قەدرى بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ شۇ بېيىتلەرنى يازىدۇ:

(156) بىلىمنىڭ مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ،
بىلىم ئۇ كېسەل ئەرنى ساقايتىدۇ.

(157 ) بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچەسى كېسەلچان كېلىدۇ،

كېسەلنى داۋالىمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈپ كېتىدۇ

(158) يۈر، ئەي بىلىمسىز، كېسىلىڭنى داۋالا،

ئەي ئالىم ، بىلىمسىزلىكنىڭ داۋاسىنى سەن ئېيتىپ بەر.

بۇ مىسرالاردا يازغۇچى، بىلىمسىزلىكنى نورمال ئەھۋال ئەمەس، ئۇ بىر كېسەللىك ئەھۋالى دەپ قارىماقتا. چۈنكى يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم  نۇقتىئى نەزىرىدە ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى شۇ ئىككى تەرەپتىن ئپادىلىنىدۇ. بىرى ئىنسانلارنىڭ تىلىنىڭ بولىشى،تىل ئارقىلىق چۈشەنچىسىنى ئىپادىلىشى، ئىككىنجىسى ئەقلىنىڭ بولۇشى ۋە ئەقلىنى ئىشلىتەلىشىدۇر.[1] ئەقىل ساھىبى بولغۇچىنىڭ بىلىم ئىگەللەشكە تىرىشىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئشلىرىدىن بىرى بولىشى كېرەك. بىلىم ئىگەللەش، بىلىملىك بولۇش ئىنساننىڭ ئۆزىدە يېتىلدۇرۇشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر شەرتتۇر. شۇڭا، ئىنسانلار تەبىئى ھالدا بىلىم ئىگەللەشكە تىرىشىشى كېرەك. بىلىمسىز ئىنسان ئۇنىڭ نەزىرىدە  كېسەل ئىنساندۇر. كېسەل كىشى باشقىلارغا پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىنسانلار بىجىرىم، سالامەت ياشىغاندىلا بەخىتلىك بولالايدۇ. شۇڭا بىر ئامال قىلىپ كېسەللىكتەن قۇرتۇلۇشى كېرەك. كېسەلدىن قۇرتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى داۋالىنىش. يۇسۇپ خاس ھاجىپ شىپالىق دورىنىڭ بىلىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە، بىلىملىكلەرنىڭ بىلىمسىزلەرنىڭ كېسەلدىن قۇرتۇلۇشىدا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەردە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتىپ بەرگەن.

يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم ھەققىدە  ئويلىغانلىرى ۋە يازغانلىرى بۈگۈن ئۈچۈنمۇ ئۆز كۈچىنى يوقىتىپ قويمايدىغان توغرا ھۈكۈملەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بىزلەر،21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. پەن-تېخنىكىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى دۇنيا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ۋە شۇ تېخنىكىنىڭ نېمەتلىرىدىن بىۋاستە پايدىلىنىۋاتىمىز، شۇڭا بىلىمنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتۇق. بىلىمگە ئشەنگەن، بىلىمدىن ئايرىلمىغان ۋە بىلىمگە ھۆرمەت قىلغان خەلقلەرنىڭ ھەقىقەتەن دۇنياغا ›خان‹ بولغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ۋە كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھەقىقەتنى يۇسۇپ خاس ھاجىپ مىڭ يىل بۇرۇنلا مۇنداق ئىپادىلەپ بولغان ئىدى:

(154) قەيەردە ئدراك بولسا، ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىدۇ،

بىلىم كىمدە بولسا، ئۇ بۈيۈكلۈككە ئىگە بولىدۇ.

(301) ئەقىل كىمدە بولسا، ئۇ ئېسىل بولىدۇ ،
بىلىم كىمدە بولسا بىلگىنكى،شۇ خانبولىدۇ.

بىلىم، بىلىملىك بولۇش ۋە بىلىمنىڭ قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۇنيا قارىشى ئۇيغۇر خەلقىدىمۇ ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان. بۇنى ئەڭ بۇرۇنقى يازما يادىكارلىقىمىز ئورخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئجدادىمىزنىڭ كۆك تەڭرى ئىتىقادىدىمۇ بىلىمنىڭ ئىلاھىي كۈچ تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار يوق ئەمەس. شۇڭا كۆك تەڭرى تەرىپىدىن تاللانغان قاغان ۋە قاتۇننىڭ (خانىشنىڭ)  ئالپ (باتۇر) بولۇپلا قالماي بەلكى بىلگە (بىلىملىك)  بولىشىمۇ تەلەپ قىلىناتتى. بۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەزىرلەرنىڭ، گېنېراللارنىڭ ۋە ھەرقايسى بەگلەرنىڭمۇ… باتۇر ۋە بىلگە (بىلىملىك)  بولىشى شەرت ئىدى. بىلگە قاغان ۋە كۆلتېگىن مەڭگۈ تاشلارىدىكى »باتۇر خاقان ئىكەن…بىلگە خاقان ئىكەن، ئىل بىلگە قاتۇن (خانىش)، بىلگە خاقان»  دىگەنگە ئوخشاش ئىپادىلەر  ۋە مۇنقەرز بولۇشنىڭ سەۋەبىنى »بىلىمسىز خاقان تەخىتتە ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇغۇللىرى، ئاكا-ئىنىلىرى… بەگلىرىمۇ بىلىمسىز  بولغانلىقى ئۈچۈن»[2] دەپ چۈشەندۇرىشى بىلىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنقان ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى دەۋىرلەردە مەيدانغا كەلگەن يازما مىراسلىرىمىزدا بىلىم توغرىلىق يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەدەبىيات ۋە تىل بايلىغىمىز خېلىلا سالماقنى ئگەللەيدۇ. تۆۋەندە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىغى دەۋرىگە ئائىت بىر شېىر مىسال قىلىندى.[3]

bilig biling ya bégim,                          بىلىم بىلىڭ، ئەي بېگىم

bilig sanga esh bolur.                         بىلىم ساڭا دوست بولۇر

bilig bilgen ol erke,                             بىلىم بىلگەن ئىنسانغا،

bir kün devlet tüsh bolur.                   بىر كۈن دۆلەت يار بولۇر

biliglig er bilinge                                 بىلىملىك كىشى بېلىگە

taşķursansa ķas bolur.                       تاش بېزىسە قاش بولۇر

biligsizning yanınga,                          بىلىمسىزنىڭ يانىغا

altun ķoysa taş bolur.                         ئالتۇن قويسا تاش بولۇر

ئەزەلدىن بىلىم بىلەن ئىش تۇتقان، بىلىم بىلەن قۇدرەت تاپقان ئەجدادىمىز قاچانكى بىلىمدىن ئايرىلدى، شۇ كۈندىن تارتىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. تارىختا بۇنىڭ مىساللىرى خېلى كۆپ. موڭغول ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن تارىخىي ۋەقەلەر خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، 17-ئەسىردىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ بېشىقا كەلگەن بالايى-ئاپەتلەرنىڭ مەنبەسىنى پەن-بىلىمدىن ئايرىلىپ، بىلىمسىزلىك، نادانلىق، پاتقىقىغا پېتىش بىلەن ماڭقۇرتلۇق، خۇراپاتلىق، قورقۇنچاقلىق، تەسلىمىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، خائىنلىق، نامەرتلىك، ۋاپاسىزلىق، ئۆچمەنلىك، تەكەببۇرلۇققا ئوخشاش يامان ئىللەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ بازار تېپىشى دەپ قاراشقا بولىدى. 19-20-ئەسىرلەردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئىلىم–پەن قىزغىنلىقى ۋە يېڭىچە مائارىپنىڭ گۈللىنىشى خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللار ئۇخلاپ ياتقان تەپەككۇرىنى ئويغىتىشقا باشلىدى.

بۇ ئويغىنىش بىلەن، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، ماھمۇد كاشىغەرى، شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ، ئاخمەت يۈكنەكىنى، ئاخمەت يەسەۋى، ئالىشىر نەۋايى، لۇتڧى،  سەككاكىنى، بابۇر شاھ، ئەمىر تۆمۈر ئۇلۇغ بەگنى، سەئدخان، ئابدۈرەشىتخان ، ئاماننىساخاننى ۋە بۇلارغا ئوخشاش يۈزلىگەن ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنى قايتا  ئەسكە ئېلىش، ئەسلىدە يۈتتۈرۈپ قويغانلىرىمىزنى قايتا تېپىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. يىلتىزىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تۇتاشقان زېمىنىنىڭ كەڭرىلىكى بىزگە مەنىۋى كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، روھىمىزنى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى مۇتەپەككۈرلەر،ئەدەبىياتچىلار، شائىرلەر،تىلشۇناسلار، تارىخچىلەر، سىياسەتچى، مائارىپچىلار،جامائەت ئەرباپلىرى، سەنئەتچىلەر… يېتىشىپ چىقتى. لېكىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى 21-ئەسىردە يېڭى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان جەمىيىتىمىز نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيانلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىگىنى يوق. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىللەتلەر يوقالغىنى يوق. بۇلاردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلىمىز دەيدىكەنمىز ئەجدادىمىزغا ئوخشاش بىلىمنى  دوست تۇتىشىمىز كېرەك،  ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە تىرىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ مىڭ يىل بۇرۇن تونۇپ يەتكەن شۇ ھەقىقەتنى بىزمۇ ئاللىقاچان تونۇپ يەتتۇق: «سائادەتنىڭ بەلگىسى، گۈللىنىشنىڭ ئاساسى، تىرىكلىكنىڭ چىرىقى—ئىلىم -پەندۇر»!

ئىلاۋە: بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 2016-يىلى 15- ماي كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مۈتەپەككۈرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» دا سۇنۇلغان.

[1]: بىلگە خاقان مەڭگۈ تاشى شەرق يۈزى

[2]: رېشىت راخمەتى ئارات،  ئەسكى تۈرك شېىئىرى، ئەنقەرە 1991، 259-بەت

[3]: قۇتادغۇ بىلىگ، 148-149- ۋە 150–  بېيىتلەر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top