ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئويۇشتۇرۇلدى.

ئىستانبۇلدا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئويۇشتۇرۇلدى.

2019–يىلى 4–ئاينىڭ 13– كۈنى ئىستانبۇلدا سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەلگۈسى تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، مەخسۇس 9 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ماگېستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 21 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

كۇرسقا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىق قىلدى. كۇرس ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان باشچىلىق، تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا ۋەتىنى ۋە دىنى ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغان شەھىدلەرگە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە مىللىي مارشلىرى ئوقۇلدى.

كۇرسنىڭ 1-دەرسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ۋە تۈركىيە تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «رەسمىي سورۇنلاردىكى ئەدەب-قائىدىلەر (پروتوكول تەربىيەسى)» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ، رەسمىي سورۇنلاردىكى كىيىم – كىچەك، يۈرۈش-تۇرۇش، سالاملىشىپ كۆرۈشۈش، تونۇشۇش ۋە تونۇشتۇرۇش، رەسمىي ھۆججەتلەردىكى خەت-چەك قائىدىلىرى، ئىمزا، تېلىفون ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى، كۆرۈشمىگە پۈتۈشۈش ۋە زىيارەتكە بېرىش، قاتناش ۋاستىلىرىدىكى ئولتۇرۇش تەرتىپى ۋە زىياپەت قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلارنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئوتتى. بۇ دەرس ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تامامەن يېڭى بولغاچ، نۇرغۇن ئېنىقسىز مۇھىم نوقتىلار ھەققىدە بەس-بەستە سۇئاللار ئوتتۇرىغا چۈشتى ۋە لايىقىدا جاۋاب بېرىلدى.

كۇرسنىڭ 2-دەرسىدە، سىپروس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى، «تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئەھمىيىتى» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ، رادىئو-تېلىۋىزىيە، تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ھەققىدە كەڭ دائىرىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا تەشۋىقاتنىڭ ئالاھىدە مۇھىم بىر قۇرال ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

ئىس-تۈتەكسىز ئاخبارات ئۇرۇشىدا، ئۇستۇلۇق ۋە راسچىللىق بىلەن دۈشمەننىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، مەنبەسى ئېنىقسىز خەۋەر ۋە ساختا رەسىملەرنىڭ ئىشلىتىلىپ قېلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى كىرەكلىكىنى ۋە ياش داۋاگەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ بەزى مۇھىم نوقتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چۈشتىن كېيىن كۇرسنىڭ 3-دەرسىدە، sinoturknews.org قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى «خىتاينىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى تونۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئەھمىيىتى» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ، داۋايىمىزدا غەلبە قازىنىشتا دۈشمەن خىتاينى تونۇش، خىتايلارنىڭ 36 ھىلەسى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇرلار قارىتا پايدىلانغان قىسىملىرىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خۇلاسە شەكلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە دۈشمەن مۇستەملىكىچى خىتايلارنى تولۇق چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا كۆپ قېتىم خىتايلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشكەن ئاچچىق تارىخىنى ئەسلىتىىپ، ياشلارنىڭ ئۆتمۈش تارىختىكى ئاچچىق ساۋاقلاردىن دەرس ئېلىشى ۋە خىتاينىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىنى تارىخى ۋەقەلەر بىلەن بىرگە پىششىق ئۆگىنىشى ۋە ھەر يېڭى بىر ھادىسەدە ئۇنى ئەسلەپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش كىرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

كۇرسنىڭ 4-دەرسىدە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئەقىدە ۋە پىداكارلىق» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنى ئەقىدىسىنىڭ بىر – بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى دىنى ئىتىقاد ۋە ئەقىدىلەر ئارقىلىق ناھايىتى ئىخچام ۋە قايىل قىلارلىق شەرھىلىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كاپىرلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ھەم دىنى ھەم مىللىي بۇرچىمىز ئىكەنلىكىنى، بۇ يولدا جاپاغا چىداپ پىداكارلىق كۆرسەتمەسلىكنىڭ ئېغىر گۇناھ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئەجىر ۋە مۇكاپاتنى ئاللاھتىنلا كۈتۈپ، ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان ئەزىيەت ۋە توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي ئۆزلۈكسىز داۋا يولىدا خالىس نىيەتتە پىداكارلىق بىلەن كۆرەش قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1-كۈنىدىكى كۇرسنىڭ ئاخىرقى 5-دەرسىدە، ئىستانبۇل ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى «ئوقۇش ۋە خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يوللىرى» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سورۇندىكى بارلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ھاياتلىرىدا ئۆزلىرىنى ئۇتۇق قازانغۇچى ياكى مەغلۇپ بولغۇچى دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە قىسقا ۋە ئېنىق ئىپادە – پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ھەققىدىكى ئىپادىلىرى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرى ئاڭلاپ چىقىلدى. غەلبە قازانغۇچىمەن دىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىزچىل بوشاشماي تېرىشىش، ئېنىق بىر غايە تىكلەنگەن بولۇش ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن ئۆزەمنى غەلبە قىلغۇچى دەپ قارىمايمەن دىگۈچىلەردە، غايىسىنىڭ ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، پىلانسىزلىق، ئۆزلۈكسىز تىرىشالماسلىق ۋە پۇرسەتلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىق ۋە قارارسىزلىقتەك يىتەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلاندى. ئۇ خۇلاسە سۆزىدە، بىر كىشىنىڭ چەكلىك ئۆمرىدە خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ ئېنىق بىر غايە ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز بوشاشماي تېرىشىشتىن ۋە پۇرسەتلەرنى ۋاقتىدا چىڭ تۇتۇشتىن قولغا كېلىدىغانلىقىنى، تەقدىر، تەلەي ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇنجى كۈنكى پۈتۈن كۈنلۈك كۇرس تولىمۇ جىددى ۋە قىزغىن كەيپىياتتا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. داۋانىڭ ياش تايانچ كۈچلىرى زىممىسىگە ئېغىر يۈكنى يۈكلەپ، دەرسلەرنىڭ چىدامچانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە بەس-بەستە پىكىر يۈرگۈزدى ۋە سوئاللار سورىدى. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، بۇرسا، كونيا، كاستامونۇ ۋە قەھرىمان ماراش قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن 21 تەشكىلاتچى قابىل ياشلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي ھۆرلۈك ئۈچۈن تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

«مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىنىڭ 2-كۈنىدىكى داۋامى 14-ئاپرىل يەكشەنبە كۈنى سائەت 9:30 دا ئوخشاش يەردە باشلاندى.

بۇ كۇرسنىڭ 6-دەرسىدە، ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «تەشكىلاتچىلىق سەنئىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ، تەشكىلاتچىلىق ئاساسلىرى، تەشكىلاتچىلىقتا باشنىڭ سۈپەتلىرى، ئىقتىدارى ۋە مۇھىملىقى، تەشكىلاتچىلىقتا باش بولغۇچىنىڭ ساقلىنىشقا تېگىشلىك خاتالىقلىرى، ئەزا قوبۇل قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئەزالارنىڭ خاتا-ئىش ھەرىكەتلىرى ۋە تەشكىلاتچىلىقتا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قائىدە-پىرىنسىپلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ لىكسىيەسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا «شەرقىي تۈركىستان كۆرەشىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار» ئۇستىدە توختالدى. بۇ لىكسىيە ياش تەشكىلاتچىلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئىجابى تەسىرى بولدى.

كۇرسنىڭ 7-دەرسىدە، كومپىيوتېر مۇتەخەسىسى دىلمۇرات ئابدۇقېيۇم «ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ختاينىڭ ئىستىخبارات ئىشلەش مىخانىزىمى» ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى، پۈتۈنلۈكى ۋە قوللىنىشچانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بەردى. ئۇ يانفۇننىڭ كىشىلەرنى نازارەت قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ يانفۇن جاسۇسلۇق ئەپلىرىنى قاچىلىماسلىق ھەققىدە ئەسكەرتتى. ئۇ ئالما ۋە ئاندىروئىد سىستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ئالما تېلىفۇننىڭ ئەپ تەستىقلاش تۈزۈمى قاتتىق بولۇپ، ئالما تېلىفۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنى چۈشۈرۈشتە خىتاي تەرىپىدىن ياسالغان ۋىچەت، كىيۇ-كىيۇ قاتارلىق ئەپلەرنى چۈشۈرمەسلىك، چۈشۈرگەن بولسىمۇ ئۈچۈرۋىتىش پەقەت بولمىسا كامىرا، رەسىم، ئۇچۇر ۋە تېلىفۇن كىشىلەرگە ئېرىشىش رۇخسىتىنى ئىتىۋىتىش كىرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، قۇرغۇچىسى خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بىر خىتاي بولۇپ، خۇاۋېي تېلىفۇنىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار خۇاۋېي شىركىتى مۇلازىمىتىرغا يوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2015-يىلى ئامېرىكاFBI  ئاخباراتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 100 مىليارت دوللار مەبلەغ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. خىتاي ياسىغان ئەپ ۋە تور بەتلەردە ئۇچۇرلارنى ئالتە ئاي ساقلىنىش ۋە ھۆكۈمەت پۇخرالىرىنىڭ تېلىفۇنلىرىدىكى ئۇچۇر، تېلىفۇن ۋە كىشى تىزىملىكىنى ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ياسىغان جاسۇسلۇق ئەپلىرىنى مەجبۇرى قاچىلىتىش ئارقىلىق شەخسنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، چاتاق تېرىش ئىھتىماللىقى بار ئادەملەرنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ لىكسىيەسىنىڭ ئاخىرىدا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە، ھەر 3 ئايدا بىر مۇرەككەپ مەخپى نۇمۇر بېكىتىش، ناتۇنۇش ئۇلانمىلارنى چەكمەسلىك، تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا دىققەت قىلىش، مۇھىم ئۇچۇرلارنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرۇش، بارماق دىسكا ۋە قاتتىق دىسكىلارنى كومپىيوتېرغا چاتقاندا ۋىرۇس تازىلاش ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلىش، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئورتاقلاشماسلىق، ئالاقىدار ھىسابلارنى قەرەللىك باشقۇرۇشقا دىققەت قىلىش كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كۇرسنىڭ 8-دەرسىدە، ئاكادېمىيە رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى. ئۇ لىكسىيەسىدە، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشخال قىلغاندىن بېرى، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۆرەشىنى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلغانلىقىنى، زالىمنىڭ ئادالەتسىز زۇلۇم سىياسىتىگە بىتەرەپ تۇرغان كىشىنىڭ زالىمغا يان تاياق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۆۋەندىكى ئىدىئولوگىيەلىك پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەشىدە ئۇيغۇرلار مىللىي مەپكۇرەگە جىددى ئېھتىياجى بار. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەسلىدىنلا پان ئىسلامىزىم ۋە پان تۈركىزىم مەپكۇرەسى مەۋجۇت ئىدى. بۇ مەپكۇرەگە تايىنىپ 1933 ۋە 1944-يىللىرى 12-نويابىردا ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغان ئىدى.

مەپكۇرە – ئەرەپچە پىكىر، تەسەۋۋۇر ۋە غايە دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدىغان بولۇپ، مەپكۇرە بىر خىل مىللىي ئاڭ ۋە ئىدىئولوگىيەدۇر. مەپكۇرە مىللەتنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئەينى ۋاقىتتا ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي مەپكۇرەلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشىتۇر.

زىيا گۆكئالپنىڭ قارىشىدا، بىر جەمىئىيەت رەقىپ بىر جەمىئىيەتكە مەغلۇپ بولغاندا، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزگەرتىشى ۋە كۈچلەندۈرۈشى كىرەك. بولمىسا پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ. پالاكەتكە ئۇچرىغان جەمىئىيەت ئەزالىرى، ئۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى جەمىئىيىتىنى ئويلايدۇ. بۇ ئورتاق تۇيغۇ مەپكۇرەدۇر.

مەپكۇرە، مىللەتلەر مىللىي مەۋجۇتلۇق كىرىزىسكە يولۇققاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەپكۇرەسى بولغان مىللەتلەر يېڭىلسىمۇ قايتىدىن تىرىلىدۇ، مەپكۇرە ئىتىقادتىن كېلىپ چېقىدۇ.

يۇقارقى قاراشقا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەپكۇرەسىنى بەرپا قىلىشقا بولىدۇ. تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى خىتايغا جىددى قارشىلىق  ئىنكاسى بىرەلمەيۋاتىدۇ. بۇ خىل شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۆز كۈچىگە تاينىپ، مىللىي كۆرەشىنى داۋام قىلدۇرۇشقا مەجبۇر. ھەمدە، كونا مىللىي مەپكۇرەمىزنى يېڭىلاپ يېڭىدىن بىر مىللىي مەپكۇرە يارىتىشقا جىددى ئېھتىياجىمىز بار.

مەپكۇرە بىر خىل ھەرىكەت شەكلىدۇر. ئىمان ئەمەلنى بەلگىلەيدۇ دىگەن پىرىنسىپ بويىچە بۇ مىللىي مەپكۇرە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەنىۋىي ۋە ماددىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئىرق، تىل ۋە دىننى ئاساس قىلغان مىللىي مەپكۇرە مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بولۇپ، بۇ مىللەت ئەزالىرىنى ئويغۇتۇش، كۈچلەندۈرۈش ۋە بىرلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

يېڭى مىللىي مەپكۇرە – ئۇيغۇر تۈركچىلىكى ئىدىيەسى ئەسلىدە پان تۈركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەقسەد قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قۇتقۇزۇشى، ئاندىن تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا يۈزلىنىشنى كۆزلىشى كىرەك.

تۈركلۈك بىلەن ئىسلام بىرى مىللىي يەنە بىرى ئىتىقاتقا باغلىق بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ئۆزئارا زىت ئەمەستۇر.

مىللىي مەپكۇرە-ئۇيغۇرلارنى مىللىي بىرلىككە باشلاپ بارىدۇ. ياتلارنى ۋە يات مەدەنىيەتنى يەكلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق ساقلىنىپ قالىدۇ.

كۇرسنىڭ 9-دەرسىدە، ئىستانبۇلدىكى بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئاكادېمىيە مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم «تۈركلەر ۋە تۈركىيەنى تونۇش» تېمىسىدا لىكسىيە سۇندى. ئۇ لىكسىيەسىدە تۈركلەر ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتاينىڭ سەددىچىندىن ئادرىياتىك دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەدە ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق تارىخقا ئىگە بولغان تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تارىخىمىزدىكى مۇھىم شەخسىيەتلەر ۋە تارىخ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىگە ئورتاق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە، بىر پۈتۈن تۈرك تارىخنى تارىخى ۋەقەلەرگە باغلاپ شەرھىيەلەپ كېلىپ، ئەگەر ئۇيغۇرلارنى تۈرك ئەمەس دىسەك، ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىن، تارىخى شەخسلىرىمىزدىن ۋە تارىخى ئەسەرلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنى قەۋىم ئىسمى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە ئايرىش رۇس ۋە خىتايلارنىڭ «بۆل، پارچىلا ۋە باشقۇر» دىگەن ھىيلىسى بىلەن مەقسەتلىك ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تارىخى نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار مىللىي ئىرق جەھەتتە تۈرك ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دىنى ئىتىقاد جەھەتتىن ئېيىتقاندا مۇسۇلمان ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق ھىچبىر زامان ئۇيغۇرلۇققا زىت بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۇرسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 10-دەرسىدە، مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئاكادېمىيە باش نازارەتچىسى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا مىللىي مەدەنىيەتنى جانلىق تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى. ئۇ لىكسىيەسىدە بىر مىللەت ياكى دۆلەت باشقا بىر مىللەتنى ياكى دۆلەتنى ئىشخال قىلغاندا، بېسىۋېلىنغان مىللەت ياكى دۆلەت ھامىنى بىر كۈنى كۈچلىنىپ تەكرار ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە مەغلۇپ بولغان ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىنغان مىللەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تولىمۇ قېيىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ۋە جانلىق تۇتۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەت مەدەنىيەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئىلغار ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىدا چوڭقۇر ھىس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ياش تەشكىلاتچىلارنى مىللىي مەدەنىيەتنى جانلىق تۇتۇشنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق ھەققىدە سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۇرسنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يېپىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 21 پىداكار ئۇيغۇر ياشنىڭ پىداكارلىقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى دەپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيىتتى. ئۇ، ئىككى كۈنلۈك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ھەر بىر دەرسىدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىغان ئاساستا ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا غەلبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى يازلىق تەتىلدە بۇ كۇرسنىڭ 2-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئىلان قىلدى. ئۇ يەنە، بۇ كۇرسقا قاتناشقان ياش تەشكىلاتچىلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «تۇنجى نۆۋەتلىك مېدىيا ۋە تاراتقۇ تەربىيەلەش كۇرسى» نىڭمۇ بۇ يىل ياز تەتىلىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا، كۇرسقا قاتناشقان 21 ئۇيغۇر ياش تەشكىلاتچىلار شاھادەتنامىلىرىنى ئالدى ۋە ئوپچە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.  بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق 21 ئۇيغۇر ياش كەلگۈسىدىكى تەشكىلىي ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مەزمۇت ئۇل تاشلىرىنى قويدى.

2019-يىلى 15-ئاپرىل، ئىستانبۇل

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش