ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » تارىخنىڭ پايدىسى ۋە قىممىتى

تارىخنىڭ پايدىسى ۋە قىممىتى

د. ئارنولد تويىنبى

تەرجىماننىڭ ئىلاۋىسى: بۇ يازما 1963 – يىلى 15 – نويابىردا تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا سۆزلەنگەن بىر لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىدىن ئىبارەت بولۇپ، دوتسېنت دوكتور ئاھمەت ئە. ئۇيسال تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. يازما قۇرۇلما جەھەتتىن بىر قەدەر ئاددىيدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، تارىخنىڭ ئىنسانغا يەتكۈزىدىغان پايدىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نېمىشقا تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىمىز؟ تارىخ تەتقىقاتلىرىنىڭ قىممىتى بارمۇ؟ بۇ يولدا مۇشەققەت چېكىشكە ئەرزىمدۇ؟

بۇ سوئاللارغا دەرھاللا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىش مۇمكىن ئەمەس.

نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى قىسقا بىر ھېكايە ئارقىلىق ئىزاھلىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر.

كۆپ ئوقۇمىغان، پىكرىي مەسىلىلەرگە دېگەندەك كۆڭۈلشىپ كەتمەيدىغان ياش بىر ئايال بىر كۈنى ئىلىم ئەھلىلىرى ئېچىۋاتقان بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ قاپتۇ. مەزكۇر ئايالدىن باشقا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەممىسى تارىخقا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى روما ئىمپېراتورلىرىنىڭ ھاياتلىرى، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئاجىز نۇقتىلىرى، پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا يىپتىن يىڭنىسىغىچە بەس – مۇنازىرە قىلىشىپتۇ. بۇ سۆزلەر ئايالنى زېرىكتۈرۈشكە باشلاپتۇ. چۈنكى، يىراق ئۆتمۈشتە ياشاپ ئۆتكەن بۇ ئادەملەرنىڭ يۇچۇن ئىسىملىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق مەنە ئىپادىلىمەيدىكەن. بىردەم قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي ئىنتايىن ساددا شەكىلدە «بۇلار ناچار كىشىلەر ئىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. تارىخچىلار «شۇنداق، توغرا» دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ. «ھازىر بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ بولدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دەپ سوراپتۇ ئايال. تارىخچىلار بۇ سوئالغىمۇ سىلىق – سىپايىلىك بىلەن «شۇنداق، ئۆلۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولدى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال «ئۇنداقتا نېمە دەپ ئۇلار بىلەن مېڭىمىزنى مەشغۇل قىلىمىز؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ سوئال تارىخچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ ۋە بەس – مۇنازىرە تويۇقسىزلا توختاپ قاپتۇ، ئايالمۇ دەل مۇشۇنداق بولۇشىنى خالايدىكەن. بۇ ئارقىلىق تارىخچىلارنىڭ بۇ زېرىكىشلىك سۆزلىرىگە خاتىمە بېرىشكە مۇۋەپپەق بوپتۇ . بىراق ئۇ ئايال شۇ قىلىقى بىلەن، بەلكى تارىخچىلارنىڭ ئىلگىرى ئەقىللىرىگە كېلىپ باقمىغان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولدى. دەرھەقىقەت، بۇ ئۇنداق ئاسان جاۋاب بەرگىلى بولىدىغان بىر سوئال ئەمەس. بۇ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇنداقتا تارىخنىڭ پايدىسى نېمە؟ بەزىلەر بۇ سوئالغا ئاددىيلا قىلىپ، ئۆتمۈشنى بىلىش بىزگە كېلەچەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بېرىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىشتى. تېما ئىنسان تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بولسا ئىدى، بۇ (جاۋاب) توغرا بولغان بولاتتى. مەسىلەن، بىر ئاسترونوم يۇلتۇزلارنىڭ يېقىنقى 1000 يىل ئىچىدىكى ئورۇنلىرىنى بىلسە، بۇ مەلۇماتىغا تايىنىپ ئالدىمىزدىكى 1000 يىلدا بۇ يۇلتۇزلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە ماتېماتىكا ئۇنىڭغا ھەمدەم بولىدۇ.

ماتېماتىكا بىر ئىلىم بولغاچقا، ئاسترونومنىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئارقىلىق چىقارغان تەخمىنلىرىمۇ ئىلمىي بولىدۇ. مەسىلەن، دەۋرىمىزدە قۇياش تۇتۇلىشىغا ئالاقىدار ماتېماتىكىلىق مۆلچەرلەر ناھايىتى توغرا چىقماقتا. ھەتتا يەرشارىمىزنىڭ ئاتموسفېراسىدا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىمۇ مۇئەييەن دەرىجىگىچە توغرا مۆلچەرلەش مۇمكىن؛ بۇلۇتلار ۋە شاماللارنىڭ ھەرىكەتلىرى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش تەرتىپلىك بولمىغاچقا، ھاۋا رايى تەخمىنلىرىدە قۇياش تۇتۇلۇشىغا دائىر تەخمىنلەرگە قارىغاندا خاتالىقلار كۆپرەك كۆرۈلمەكتە. شۇنداقتىمۇ ھاۋا رايى مۆلچەرلىرى كېمىچىلەر، ئاۋىياتسىيەچىلەر ۋە دېھقانلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر.

بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مۆلچەرلىيەلىشى بىر ھەشەمەتخورلۇقتۇر. ھاۋا رايى مۆلچەرلىرىنى ھەشەمەتچىلىك ھېسابلاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. بىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغىنى، ھەتتا ھايات – ماماتلىق دەرىجىسىدە مۇھىم بولغىنى، ئۆز تۈرىمىزدىن بولغان مەخلۇقلارنىڭ، يەنى باشقا ئىنسانلارنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالايدىغان بولۇشتۇر. بىز بۇ يولدا ئوتتۇرىغا قويغان تەخمىنلەرنىڭ ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىدە بىزگە نىسبەتەن قىممىتى ناھايىتى زور بولىدۇ. بىزگە بۇ ساھەدىكى بۇ كاتتا ياردەمنى تارىخ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تارىخ ئۆتمۈشتىكى ئىنسان پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. شۇنداق ئۆز – ئۆزىمىزدىن «ئاسترونومىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن پايدىسىنى تارىخ ئىنسان مۇناسىۋەتلىرى ساھەسىدە يەتكۈزەلەمدۇ؟» دەپ سورىساق بولىدۇ.

ئەگەر تارىخ ئىنسانغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ كېلەچەكتە تۇتۇپ ماڭىدىغان يولنى بىلىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بولسا، تارىخنىڭ قانچىلىك پايدىسى بار؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئۆزلۈكىدىنلا بېرىلگەن بولىدۇ. ئىنسان پائالىيەتلىرى بىزگە نىسبەتەن باشقا مەسىلىلەردىنمۇ مۇھىم بولغاچقا، ئەگەر تارىخ بىر مۇسبەت ئىلىم بولسا ئىدى، ئەمەلىي مەقسەتلەر نۇقتىسىدىن ئىلىملەرنىڭ شاھى بولغان بولاتتى.

ئىنسان پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا ئەلۋەتتە كېلەچەككە قاراشقا تىرىشىڭلار، كېلەچەككە قاراپ قىلغان تەخمىنلىرىڭلارنى چۆرىدەپ ھەرىكەت پىلانىڭلار تۈزۈڭلار.

كېلەچەككە قاراش قابىلىيىتى ۋە كېلەچەكنىڭ تىزگىنىنى قولدا تۇتۇش تەشەببۇسى ئىنساننىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلار بىزنى، بىز بۇ يەرشارىنى ئورتاقلىشىۋاتقان ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكتۇر. كېلەچەكنى كۆرۈش ۋە پىلان تۈزۈش مەدەنىيەتنىڭ شۇنچىلىك مۇھىم ئامىللىرىدۇركى، ئىنسان بۇ سۆزلەرنى مەدەنىيەت سۆزىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

كېلەچەككە قاراش ۋە پىلان تۈزۈشكە تىرىشىش مۇساپىسىدىكى يولىمىزنى يورۇتىدىغان يېگانە چىراغ ئۆتمۈشتە ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىمىز بولىدۇ. ئۆتمۈشتە ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىمىز تارىختىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخ دېگىنىمىزدە پۈتكۈل ئىنسان ئىرقى باشتىن كەچۈرگەن كوللېكتىپ تەجرىبە – كەچمىش دەپ چۈشىنىمىز. ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئۆمرى بويىچە قايتا – قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە قىلغان تەجرىبىسىمۇ ھەقىقىي تارىختۇر. ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدا بولسۇن، كوللېكتىپ ھاياتىدا بولسۇن، تەجرىبىنىڭ ئورنى يۈكسەكتۇر ۋە ئۇنىڭ تېگىشلىك رەۋىشتە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چۈنكى تەجرىبىگە تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى يەكۈنلەرنى، تېخىمۇ ئاقىلانە قارارلارنى چىقىرالايمىز. مۇئەييەن ھەرىكەت يوللىرىنى تاللىغان ۋە قارارلارنى چىقارغاندا، ئاسترونوملارنىڭ يۇلتۇزلار ھەققىدىكى كەسكىن ھېسابلىرىدىن ئەمەس، يۈزەكى تەخمىنلەردىن پايدىلىنىلىدۇ.

كۈندىلىك ھاياتىمىز ئەقلى – ھوشى جايىدا بىرى ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىسىگە تايىنىپ كەلگۈسى ھەققىدە ماتېماتىكىلىق كەسكىنلىككە ئىگە مۆلچەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئورۇنمايدۇ. ئىنساننى ھاسىل قىلغان خۇسۇسىي تەجرىبىسى ئۇنىڭ پەقەت تەخمىن قىلىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئومۇمەن بىز تارىخ دەپ ئاتاۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانلار تەجرىبىسىنىڭ يىغىندىسىمۇ بىزگە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ.

جانسىز ئالەم توغرىسىدا ماتېماتىكىلىق كەسكىنلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەرلىرىمىزنى ئىنسان پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئىنسان مۇناسىۋەتلىرى ساھەسىدىكى بىز بىلەلمەيدىغان ئامىل ئىنساندىكى تاللاش قابىلىيىتىدۇر. ھېچكىم قوشنىسىنىڭ قانداق ھەرىكەت شەكلىنى تاللايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر ئەھۋالدا قوشنىسىمۇ قەتئىي قارارغا كېلىپ بولغۇچە قايسى يولنى تاللايدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. مۇھىم بىر ئىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئىنساننىڭ قانداق ھاياجانلىق لەھزىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ.

مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئالدىن جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشى تېئولوگىيەلىك پەلسەپە تېمىسى بولغان ئەركىن ئىرادە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئەگەر خاتالاشمىسام كالىرنىزمدا ۋە ئىسلام دىنىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا قەتئىي يەكۈن چىقىرىلغان ۋە ئەمەلىيەتتە ئىنساندا بۇنداق بىر ئىرادە ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقى، بۇنىڭ بىر تەسەۋۋۇر يەنى ئالدىنىش باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ تېئولوگىيەلىك مەسىلە توغرىسىدا بۇ يەردە بەس – مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايمەن.

ئاللاھنىڭ ھەر ئىنساننىڭ تاللايدىغان ھەرىكەت شەكلىنى ئالدىنئالا تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بىلىشنىڭ بىر ئاسترونومنىڭ يۇلتۇزلارنىڭ كېلەچەكتىكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى مۆلچەرلىرىدىنمۇ كەسكىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلايلى. بۇ يەردە ئەسكەرتمەكچى بولغان نەرسەم، ئىنسانلارنىڭ كېلەچەكتە تاللايدىغان ھەرىكەت شەكىللىرى ھەققىدىكى ئاللاھ ئىگە بولغان مەلۇماتقا بىز ئىنسانلارنىڭ ئىگە بولماسلىقىمىزدۇر. مانا بۇ نۇقسان تۈپەيلى ئىنسان ئەقلى ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ كېلەچەكىنى جەزملەشتۈرەلمەيۋاتماقتا.

بىز تارىخقا تايىنىپ كەسكىن تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىمىز. يەنى تارىخنىڭ بۇنداق بىر ئەمەلىي غايىگە نىسبەتەن پايدىسى يوق. ئۇنداقتا تارىخنىڭ بىر پايدىسى بولسا، ئۇنى باشقا بىر ساھەدىن ئىزدەش كېرەك.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بولۇپمۇ يېقىنقى چاغلاردا تارىخ ئىنسان پائالىيەتلىرىگە كۈچلۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئەمەلىي بىر ساھە مەۋجۇت. تارىخ ئۇخلاۋاتقان مىللىي تۇيغۇنى جانلاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولدى. يېقىنقى چاغلاردىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئۇنتۇلغان مىللىي تۇيغۇلاردا كۆرۈلگەن ئويغىنىش بولدى.

بۇ ھەرىكەت 19 – ئەسىردە ياۋروپادا گېرمان ۋە ئىتالىيە مىللىي تۇيغۇسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن باشلىدى. ئۇ چاغدىن تارتىپ بۇ ھەرىكەت پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيدى. بىر قانچە ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇلدى ۋە نۇرغۇن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىنقىلاب، شۇنداقلا پايدىلىق بىر ئىنقىلاب ئىدى. مىللىي تۇيغۇلار ئۇنتۇلغان جايلاردا قايتىدىن جانلانغان بىر ئىنقىلابنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت مەنبەسىنى تەشكىل قىلغانىدى. بۇ ئىنقىلاب مېنىڭ يېشىمدىكىلەرنىڭ ئۆمرى ئىچىدە دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىنى تونۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى.

دەسلىپىدە تەتقىقات تېمىسى ماھىيىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇ چاغلاردا بۇنىڭ شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارلىقى ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە كېلەتتى. نەتىجىدە پىكىر ئەربابلىرى غەلىبە قىلدى. تارىخ ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار تەلىم – تەربىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن خەلقنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. مىللىي ئەركىنلىك پىكرىنى ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈردى؛ بۇ ھەرىكەت شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر پۇرسەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

شەرقىي ياۋروپادا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ پەقەتلا بىرىدۇر. شەرقىي ياۋروپادىكىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تارىخ ۋە ئاكادېمىك تارىخچىلارنىڭ خىياللىرىنىڭ خەلقكە كۆچۈشى، مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشىدىكى نۇقتىلىق كۈچ بولدى. دېمەككى، سىياسەت تارىخنىڭ ئەمەلىي تەسىرىنى يارىتىش ساھەسىدۇر. لېكىن، بۇ تەسىرلەر ئومۇمەن ياخشى بولدىمۇ؟ بۇ سوئالغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكلىرىگە ئېرىشىشى ئەلۋەتتە ياخشى بىر ئىش بولدى. بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تارىخلىرىغا ئىنتىلىشلىرىمۇ ياخشى بولدى. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭ سايىسىدا ئەركىنلىك كۈرىشىگە ئاتلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخنى بۇنداق بىر سىياسىي غەرەز بىلەن تەتقىق قىلىش بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا خاتا پىكىرلەرگە ئىگە بولۇشقا ئېلىپ بېرىشى، مىللەتچى بىر تارىخنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ غەلىبىلىرىگە ئاشقۇن دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل مۇبالىغىلەرنىڭ ئەلۋەتتە قامچىلىغۇچى (قوزغاتقۇچى) تەسىرى بولىدۇ. لېكىن، ھەقىقەتنى قىسمەن بۇرمىلاش ئارقىلىق پەيدا قىلىنىدىغان تەسىرلەر توغرا ئەمەس، زىيانلىقتۇر. بۇلار كۆپىنچە ھاللاردا قوزغاتقۇچى تەسىر پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا تۇرغۇنلاشتۇرغۇچى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى شان – شەرىپى توغرىسىدا مۇبالىغىلەشتۈرگەن ھالدا توختالغىنىمىزدا، بۇلارنىڭ ھېلىھەم شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئويلاشتەك بىر خىل خاتالىق سادىر قىلىپ قويىمىز.

بۇ ئۆز مەپتۇنلۇقتۇر. ئۆز مەپتۇنلۇق ھەرىكەتسىزلىك ۋە تۇرغۇنلۇقنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئىزچىل شۇنداقلا جانلىق ھەرىكەت قىلىش ئامانسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ۋە ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتقان بۇ رىقابەت دۇنياسىدا مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى شەرتى ھېسابلىنىدۇ.

تارىخنى سىياسىي مۇددىئالارغا تايىنىپ تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ پەقەت بۇ ساھەدىكى ئەمەلىي تەسىرلىرىنىلا ئارقا كۆرۈنۈش قىلمايدۇ. سىياسىي تەسىرلەر ياخشى بولۇشىمۇ، يامان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇلار كۈچىنى ھەقىقەتلەرنىڭ قىسمەن بولسىمۇ بۇرمىلىنىشىدىن ئالماقتا. ھەقىقەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇرۇپ بىگۇناھ ھېسابلىنىش مۇمكىن ئەمەس، ھەقىقەتنى بۇرمىلاش پىكىر ئىنسانلىرىغا ياراشمايدىغان خاتالىق بولۇش بىلەن بىرگە، سىياسىي ئەخلاقسىزلىقتۇر.

ھەقىقەت ئەمەلىي پايدىلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆز قىممىتى ئۈچۈن ئىزدىلىشى لازىم. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتنى تېپىش يولىدىكى ئىزدىنىش ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر مۇددىئانى كۆزلىمەسلىكى لازىم. پۈتۈنلەي بىتەرەپ بولۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى مۇشۇنداق تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ «ماھىيىتىنى بىلىش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس… يىراقنى كۆرۈش ۋە پىلان تۈزۈشكە ئوخشاش ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشمۇ ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرىدۇر. يىراقنى كۆرەرلىك ۋە پىلان تۈزۈش مەدەنىيەتنىڭ قانداق نامايەندىلىرىدىن بولسا، ئىچكىرىلەپ، چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشمۇ مەدەنىيەت باشتىن كەچۈرگەن سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.

ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئىنسانلارغا نىسبەتەن تۇيغۇنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلىدۇر. بىز ياشاۋاتقان مۇھىت يۇچۇن ۋە خاتىرجەمسىزدۇر. ھەربىرىمىز بىزگە نىسبەتەن سىرلارغا تولغان بىر ئالەمگە تۇغۇلماقتىمىز. بۇ سىرلىق ئالەم ھەققىدە ماتېماتىكىلىق كەسكىنلىكتە جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان سوئاللارنى سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز.

كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ھەققىدە ئوخشاش قەتئىيلىك، ئوخشاش كەسكىنلىكنى تەلەپ قىلىمىز. ئىچىمىزدىكى بۇ ئارزۇ قاندۇرۇلالمىدى ۋە بۈگۈنگىچە بولغان كەچۈرمىشلىرىمىزگە قارالغىنىدا ھېچقاچان قاندۇرۇلالمايدۇ. كائىناتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدە توغرىسىدا كەسكىن ۋە روشەن جاۋابلارغا ئىگە بولۇشقا قادىر بولالماسلىقىمىز، بىزنى ئىنسانلار ھەققىدە سوئاللارنى سوراشتىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى.

بۇ سوئاللارنى سورىماسلىق قولىمىزدىن كەلمەيدۇ؛ چۈنكى بۇلار ناھايىتى مۇھىم سوئاللاردۇر، چۈنكى بۇلار ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى توغرىسىدا سورالغان سوئاللاردۇر.

ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس سوئاللىرى بولىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر سوئاللار پەلسەپە ۋە تېئولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا تارىخ تولىمۇ تېيىز ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ تارىخمۇ ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئورتاقلاشماقتا. تارىخمۇ بىز جاۋاب تېپىلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. چۈنكى، ئەگەر بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىسەك، پەقەت بولمىغاندىمۇ سىر پەردىسى بىر ئاز بولسىمۇ چۈشىدۇ ۋە كەسكىنلىك ساھەسى كېڭىيىدۇ.

مېنىڭ پىكىرىمچە بولغاندا، تارىخ تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇشەققىتىنى تارتىشقا ئەرزىيدىغان تەرىپى بۇدۇر. ھەقىقەتەن تارىخنىڭ پايدىسى پەلسەپە ۋە تېئولوگىيەنىڭ پايدىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تېيىز بولسىمۇ، بۇ تېيىزلىكتە تېخىمۇ چوڭ كەسكىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن، يۇقىرىدىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك، تارىخىي مەلۇماتلىرىمىزنىڭ جانسىز ئالەم ھەققىدە ھاسىل قىلغان ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلاردەك كەسكىن ۋە مۇئەييەن ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

ئىنسانىيەت تارىخى بىز ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ سىرلىق كائىناتنىڭ سىرلارغا تولغان بىر فىرونتىدۇر. ھەر بىرىمىز تارىخىي ۋەقەلەر ئېقىنىنىڭ مۇئەييەن بىر نۇقتىسىدا دۇنياغا كەلدۇق. مۆلچەرلىشىمىزچە، بۇ تارىخ دەرياسى يەنە 2 مىليارد يىل ئاقىدۇ، ئەلۋەتتە ئەگەر بىر ئاتوم ئۇرۇشى بۇنى ۋاقىتسىز توختىتىپ قويمىسلا.

ئاسترونوملار، ئەگەر ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بولسا، دۇنيانىڭ يەنە 2 مىليارد يىل ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە ئۇيغۇن بىر يەر بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار تارىخچىلار قەتئىي ئېرىشەلمەيدىغان دەرىجىدە كەسكىن مۆلچەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئۆمرى توغرىسىدىكى بۇ مۆلچەرى، ئىنسان ئىرقىنىڭ باشلانغۇچ تارىخى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ كەسكىندۇر. مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ قەدىمىي ئىنسان سۆڭەكلىرى ۋە سايمانلىرىنىڭ يېشى توغرىسىدا دەتالاش قىلىش بىلەن مەشغۇلدۇر.

ئىنسان ئىرقىنىڭ ئۆمرى توغرىسىدىكى مۆلچەرلەر – بىلىشىمچە – 900 مىڭ يىل بىلەن 1 مىليون يىل ئارىسىدا. تېئولوگلارنىڭ يەرشارىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى مەلۇماتى، پالېئونتولوگلار (قەدىمكى جانلىقلار تەتقىقاچىلىرى) نىڭ تۇنجى ئىنساننىڭ قانداق شەرت – شارائىتتا ياشىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا تولۇق ۋە كەسكىندۇر. شۇنىڭ بىلەن، تۇمانلار ئىچىدە باشلانغان ئىنسان تارىخى بىر سوئال بەلگىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مانا ئەزەلدىن بېرى ئېقىۋاتقان تارىخ دەرياسى ئىچىدە يۆنىلىشىمىزنى بەلگىلەشنىڭ قىيىنلىقى بۇ يەردە ياتىدۇ. بۇ جەزمەنكى تۇراقسىز ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلار تارىخى ئىنسان ئىرقىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى بىر مىقدار بولسىمۇ يورۇتۇپ بەرمەكتە. بۈگۈننىڭ ئۆتمۈشنىڭ چىرىغى بىلەن يورۇتۇلۇشى ۋەقەسىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالىنى، ئىنسانىيەتنىڭ بىرلا جەمئىيەت بولۇپ بىرلىشىشكە قاراپ تاشلىغان قەدەملىرىدە كۆرۈۋاتىمىز. بۇ دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەسىدۇر. بۇنىڭدىن 500 يىلچە ئىلگىرى باشلانغان بۇ ھەرىكەت، ياۋروپانىڭ ئاتلانتىك ساھىللىرىدا يېيىلغان بەزى جۇغراپىيەلىك بايقاشلار بىلەن باشلاندى. پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈزى ناھايىتى ياخشى تونۇلدى ۋە زامانىمىزدا ئېھتىمال بىر ئاتوم بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر ساھەگە ئايلاندى. ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئۇرۇش چىقىپ قالسا، بۇ جەڭدە ئىنسان ئىرقى بىرلا جەمئىيەت ھالىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇ ھالدا ئورتاق ھەرىكىتىمىز كوللېكتىپ ھالەتتە بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىنى ئالىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي پۈتۈنلۈكىمىزنىڭ بەلكى قارام شەكىلدىكى ئىپادىلىنىشى بولىدۇ.

ئاددىي شەكىلدە بولسىمۇ، بىر دۇنيا ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئارقىلىق ئىنشائاللاھ بۇ ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇپ قالارمىز. ئاتوم ئېنېرگىيەسىنى بىرلىكتە كونترول قىلىپ تۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلىپ تۇرايلى. بۇ، ئىنسانلارنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىجابىي قۇۋۋەتلەرنىڭ مۇددىئالىرىغا يېقىنلىشىشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدۇ. دۇنيادىكى يېمەكلىك ماددىلىرىنىڭ ھاسىلاتى ۋە تارقىتىلىشىنى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار بەلكى بىر دۇنيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە باشلامچى بولىدۇ. ئوخشاش يۆنىلىشتە بىر كۈلتۈر بىرلىكى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە. مەسىلەن، مېنىڭ ھازىر بۇ يەردە سىلەرگە بۇ لېكسىيەنى سۆزلىشىممۇ بۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىرلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

بۇ دۆلەتتە مەن قولىدا پاسپورتى بار بىر چەت ئەللىك ھېسابلىنىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ مېنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشىڭلار، مېنىمۇ ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئادەم ھېسابلىغانلىقىڭلاردىندۇر. بۇ ئىنسان ئىرقىنىڭ بىرلا ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىر دەلىلىدۇر.

ئاتوم دەۋرىدە ئىنسان ئىرقىنىڭ ئاقىۋىتى مەجھۇلدۇر. ئىنساننىڭ مىكروپلاردىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنى تىزگىنلىشىدىن بۇيان، يەنى 20 مىڭ يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئىنساننىڭ كېلەچىكى شۈبھە پەيدا قىلماقتا. ئىنسان ئىرقىنىڭ پۈتۈنلۈكى تۇيغۇسى جانلىنىشقا باشلىدى، بۇ يېڭى تۇيغۇنىڭ بىر ئىنسانغا قارىتا بىر بېقىندىلىق تۇيغۇ ھالىتىدە ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى، كۈچىيىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىنسان سۆيگۈسىنىڭ نۆۋىتى كېلىپ مىللىي تۇيغۇلارنىڭ ئورنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۆزلىرىم سىلەرگە بەكلا خىيالىي دەپ قارىشىڭلار مۇمكىن. بىراق، تارىختا بىر قانچە قېتىم دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە يېرىدە مىللىي رىشتە ۋە چېگرالارنى ھالقىغان بىر دۇنيا بىرلىكى قۇرۇلغانىدى. بۇ بىرلىك ھېچقاچان تولۇق مەنىدە دۇنيا مىقياسىدا بولمىغانىدى. ئەمما، تارىختىكى ئۈلگىلەر، زامانىمىزنىڭ زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى سايىسىدا پۈتكۈل دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر بىرلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يەنە تارىختىكى بۇ بىرلىكلەر مۇددىتى نۇقتىسىدىنمۇ كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلىغۇچى رول ئوينىغان. بۇ – ئاخىرقىسى – مۇھىم نۇقتىدۇر. چۈنكى، بۇ شۇنى دېمەكتۇركى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاتوم دەۋرىدە ياشايمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان چاغ، دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتىنىڭ نىھايىتى بولىدۇ.

تارىختىكى بىرلىشىشلەر، تەبىئىي جەھەتتىن ئالەمشۇمۇل دىنلار ۋە ئىمپېرىيەلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىرلىشىشلەردۇر. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپمۇ ئۈچى مۇھىم ئىدى. خىرىستىيانلىق، ئىسلام ۋە بۇددىزم. بۇ دىنلارنىڭ ئۈچىلىسى پۈتكۈل دۇنيانى نىشان قىلاتتى. دۇنياۋى ئىمپېرىيەلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ ئىدى. ئوسمانلى، رىم ۋە خىتاي ئىمپېرىيەلىرىنى مىسال كەلتۈرىمەن. بۇلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقىنى خىتاي ئىمپېرىيەسى بولدى. مىسسىيونېرلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان دىنلارنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ پەتھى قىلىش ھەرىكەتلىرى سايىسىدا قۇرۇلغان ئىمپېرىيەلەر شەكىللەندۈرگەن بىرلىك، زامانىمىزدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىلماستىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇ دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ قولىدا بۈگۈنكى ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قاتنىشى ۋاسىتىلىرى، مەتبەئە، تېلېفون، تېلېگراف، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەگە ئوخشاش ۋاسىتىلەر يوق ئىدى. پۈتكۈل ئۇتۇقلار ئىنسان ۋە ھايۋان مۇسكۇللىرى ۋە شامالدىن ھاسىل قىلىنغان كۈچكە تايىناتتى. بۇ ئىپتىدائىي ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ كەڭ زېمىنلاردىكى مىليونلارچە ئىنساننى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرىغا قاراپ، بىز نۆۋەتتە ئىگە بولغان ناھايىتى كەڭ ئىمكانىيەتلەر سايىسىدا دۇنيا بىرلىكىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قورۇپ چىقالايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەلەيمىز.

تارىختىكى دۇنياۋى ئىمپېرىيەلەر ئىزچىل تۈردە ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق قۇرۇلغان ۋە ھەردائىم كۈچكە تايىنىپ داۋاملاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئاستا – ئاستا بۇ تاشقى بېسىم ئاخىرلىشىپ، كەڭ دائىرىدە ئۆزلۈكىدىن بىرلىشىش ھاسىل بولغانىدى.

باشتا ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىپ مەجبۇرىي قۇرۇلغان تۈزۈملەر، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بويسۇندۇرۇلغۇچىلار ئاستا – ئاستا پۇقرالارغا ئايلانغانىدى.

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۈچ چوڭ دىنمۇ، باشتا كۈچ سايىسىدا تارقالغانىدى. مەسىلەن، بۈگۈن ئىسپانىيەنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئورنىغا خىرىستىيان ۋە تۈركىيەنىڭ خىرىستىيان بولۇشنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمان بولۇشلىرىغا سەۋەب بولغان ئامىل كۈچتۇر. مۇشۇنداق ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىپ كېڭىيىش بۇ دىنلارنىڭ پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىدى. ئۇلار ئىنسانلارنى سۆز ئارقىلىق قايىل قىلىپ تارقىلاتتى ۋە مەسىلەن، راھىبلارنىڭ رولى ئەھلى سەلپ يۈرۈشلىرىدىنمۇ زور بولدى. دىن، كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق نىشانىغا يېتىشكە ئۇرۇنسا، نىشاننىڭ ئۆزىنى خەۋپكە ئىتتىرگەن بولىدۇ. چوڭ دىنلارنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول كۈچ ئىشلەتمەستىن ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىش يولى بولدى.

زوراۋانلىق قىلماستىن ئۇتۇققا ئېرىشكەن دىنلار، ئاتوم دەۋرىدىمۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر مەنىگە ئىگىدۇر. چۈنكى، ئاتوم دەۋرىدە زوراۋانلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى دېگەنلىكتۇر.

ئاتوم قوراللىرى ئىشلىتىلىدىغان بىر توقۇنۇشتا غالىب ياكى مەغلۇپ دەيدىغان بىر تەرەپ قالمايدۇ. بۇ دەۋردە سۈلھىچى ۋاسىتىلەردىن باشقا ھېچبىر ۋاسىتىگە تايىنىپ بىر نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مۆلچەردە خاتالاشمىسام، ئاتوم دەۋرى بىر ھىند دەۋرى بولىدۇ. چۈنكى، زوراۋانلىقنى تايانچ قىلمايدىغان ھاياتلىق قارىشى تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تەتبىقلانغانىدى. ئەلۋەتتە ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، بىز ئىنسان ھېچبىر ۋاقىت روھ ۋە ئاللاھ نۇقتىسىدىن مۇكەممەل ئەمەسمىز، شۇڭا غايىلىرىمىزگە ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزچىل سادىق بولالمايمىز. ئالىي نىشانلارنى ناھايىتى نادىر ئەھۋاللاردا پۈتۈن قەلبىمىز بىلەن ئىجرا قىلىمىز. بۇ پەقەت نادىر شۇنداق كاتتا بىر لىدىرنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى چوڭ ھىندىستانلىقنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى خالايمەن: ئىمپېراتور ئاشوكا ۋە ماھاتما گاندى.

گاندى، ئاتوم دەۋرىدىن ئىلگىرى، پاسسىپىزم دېيىشكە بولىدىغان بىر ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇتۇققا ئېرىشتۈرگەنىدى. گاندىنىڭ، بىر ئاتوم ئۇرۇشى دۇنيانى يوقىتىپ تاشلايدۇ، دەپ ئويلىغان دەپ قارىمايمەن. ئۇ زوراۋانلىقنى كۈندىلىك مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق رەت قىلغانىدى. ئۇ زوراۋانلىقنى يامان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلغانىدى. بۇ تۇيغۇ ئۇنىڭ ئۆز سەزگۈسىدىن چىققانىدى. لېكىن بۇنىڭ يىلتىزى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى ئەسىرگە، يەنى ئىمپېراتور ئاشوكانىڭ دەۋرىگىچە سوزۇلىدىغان ئەنئەنىلەردە ئىدى.

زوراۋانلىقتىن بىر سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى رەت قىلىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشوكا ئىمپېراتورلار ۋە ھۆكۈمدارلار ئارىسىدا تەڭداشسىز بىرى ئىدى. ئاشوكانىڭ ئىمپېراتورلۇقى، ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ بۈيۈك بىر بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پەقەت يېرىم ئارالنىڭ جەنۇب تەرىپى ئۇنىڭ چېگرالىرىنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئاشوكا بۇ يەرنىمۇ كونتروللۇقىغا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، ئىمپېرىيەنىڭ چېگرالىرى يېرىم ئارالنىڭ قىرغاقلىرى شەكىللەندۈرگەن تەبىئىي چېگرالارغىچە سوزۇلغان بولاتتى. تارىختا كۆپلىگەن ھۆكۈمدارلار بۇنداق «تەبىئىي چېگرالار» غا يېتىشنى ئارزۇ قىلغانىدى. ئاشوكا بۇنداق ھەرىكەت قىلمىدى. جەنۇبىي ھىندىستاندا ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دۆلەت بولغان كولىنگاغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىلكىگە كىرگۈزدى. بىراق، ئۇرۇشنىڭ پالاكىتىنى ئۇنى ئۈركۈتتى، ئۆزى سەۋەب بولغان ئۇرۇشنىڭ پاجىئەلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ئەندىكىپ كەتتى. ئەنە شۇ چاغدىن كېيىن، ئاشوكا بىر ئۇرۇش دۈشمىنىگە ئايلاندى، ئەمما ئۇ ئىستېلا قىلىشقا قارشى ئەمەس ئىدى. بۇددىزمنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇددىزمنى تارقىتىش ئارقىلىق زېمىنلىرىنى ئۆز ئۆمرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بويىچە داۋاملىشىدىغان شەكىلدە ھىندىستاندىن ناھايىتى ئۇزاق جايلارغىچە يەتكۈزدى. ئاشوكا، ئىمپېرىيەنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى بۇددىزمنى تارقىتىشقا سەرپ قىلدى ۋە بۇ ئىشنى بۇددىزم پۈتكۈل شەرقىي ئاسىياغا تارقالغۇچە داۋاملاشتۇردى.

ئاشوكا ۋە گاندى، ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى زور بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ پۈتۈنلەي سۈلھى يولى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ بۈگۈن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ناھايىتى چوڭدۇر. ئۆزگىرىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىجادىدۇر ۋە داۋاملىشىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىمىز ھىندىستاندا بىر ئەنئەنە ھالىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن مۇشۇ خىلدىكى زوراۋانلىقنى چىقىش قىلمايدىغان ئۆزگىرىش يولىنى تاللىشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق بىر ئاتوم ئۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بۇ دەۋردە زوراۋانلىقتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

مەيلى يوقىلىش، مەيلى ياشاش ئۈچۈن بولسۇن، ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەرىكىتىدۇر. يەنە بىر مۇھىم ھەرىكەت بولسا، باي ئاز سانلىقنىڭ نامرات كۆپ سانلىقنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن چىقىرىۋاتقان كۈچتۇر. بۇ ئىنسانىيەتنى ئىجتىمائىي سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان دۇنيا مىقياسىدىكى بىر ھەرىكەتتۇر. بۇ ھەرىكەت، ئىسلام ئەللىرىدە، كوممۇنىست بولمىغان دۆلەتلەردە، كونا قۇرۇلغان دۆلەتلەردە ۋە يېڭىدىن مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەن دۆلەتلەردە كۆرۈلمەكتە. بۇمۇ زامانىمىزنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئىنسان نەسلىنى يوقىتىپ تاشلاشتىن ۋاز كەچسەك، بەلكى دەۋرىمىز ۋەيران قىلغۇچ ئاتوم قوراللىرى كېڭىيىپ كەتكەن بىر ئەسىر ئەمەس، بەلكى باي كۆپ سانلىقلار ئىجتىمائىي تۇيغۇغا ئىگە بولۇشقا باشلىغان بىر دەۋر سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىش ئېھتىماللىقى بار. بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا مەدەنىيەتنىڭ بارلىق نېمەتلىرىدىن كىچىك بىرى ئاز سانلىق پايدىلىنىپ كەلدى. كۆپ سانلىق مۇشەققىتىنى چەككەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمىدى.

بۈگۈن زامانىۋى پەن ۋە ئۇنىڭ تېخنولوگىيەگە تەتبىقلىنىشى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ھەممىنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئىمكانىيەت دائىرىسىگە كىردى. ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك نۆۋەتتە چىدىغۇسىز بىر نەرسىگە ئايلاندى. پەقەت ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇ ئادالەتسىزلىكتىن پايدىلىنىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ بۇ بىر چىدىغۇسىز ئىشقا ئايلاندى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئاساسەن ھەممىلا يېرىدىكى بايلار پېقىرلار بىلەن ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا. بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىختا بولۇپ باققانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن.

ئۆتمۈشتە دىننىڭ پايدىلىرىنى بارلىق ئادەملەرگە يەتكۈزۈش، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش ھەرىكەتلىرى بولغان. دېموكراتىيە ئۈچۈنمۇ سىياسىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن، قارىشىمچە، ئىقتىسادىي دېموكراتىيە يېڭى بىر ئېقىم ۋە يېڭى بىر ئىدېئالدۇر. ئىنسان ئىزدەنسە بۇنىڭ تارىخىي سەۋەبىنى تاپالايدۇ. ئىقتىساد دېموكراتىيەسىنى يوقلۇق دەۋرىدە تەتبىقلىغىلى بولمايتتى. بۇ مولچىلىق دەۋرىدىلا ئىمكانىيەت دائىرىسىگە كىرەتتى. موللۇق دەۋرى بولسا، زامانىمىزدا باشلانغان ناھايىتى يېڭى بىر دەۋردۇر.

ئىجتىمائىي ئادالەت ئېقىمى ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ بىرلىشىشىنى نىشان قىلغان بىر ھەرىكەتتۇر. پۈتكۈل دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئىنسانىيەتنى كۈچەيتىدۇ. بۇ، بىر ئاتوم ئۇرۇشىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئائىلە ئىچىدە توپلىنىش ۋاقتىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا تارىخنىڭ بىر قىممىتى بارمۇ؟ دەپ سوراشقا بولىدۇ. زامانىمىزنىڭ ياشاۋاتقان يېرىمى تەرىپىدىن بۈگۈن ياسىلىۋاتقان تارىخنىڭمۇ بىر رولى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

19 – ئەسىردە ئومۇمەن تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرى پارچىلىغۇچى ۋە ئايرىغۇچى بولدى. بۇ دەۋرنىڭ تارىخچىلىرىنىڭ تارىخنى مىللىي بۆلەكلەر ھالىتىدە تەتقىق قىلىش ئادىتى بار ئىدى؛ مەن بۇنىڭ سىياسىي ساھەدە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم. مىللەتچى تارىخچىلارنىڭ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيەسىنى قانداق پارچىلىغانلىقىنى بايان قىلدىم. ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرۈش تەسەۋۋۇرىغا ئىگە تارىخچىلارمۇ بولدى. بۇ دائىرىدە ئىككى تارىخچى ئەقلىمگە كەلدى:

بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى شىمالىي ئافرىقىلىق؛ بىرى ئىبنى خەلدۇن، يەنە بىرى ئاگۇستىندۇر. ئىبنى خەلدۇننىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن ئاگۇستىن ھەققىدە پىكىرگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. مۇھەققەق بولغان بىر نەرسە بولسا، ئۇ ئاگۇستىننىڭ ئىبنى خەلدۇننىڭ پەلسەپە پىكىرلىرىدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىدۇر. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككى ئادەمنىڭ پىكىرلىرى ۋە دۇنيا قاراشلىرى ئارىسىدا يېقىنلىق بار؛ بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنسانىيەت تارىخىغا بىر پۈتۈن ھالەتتە قارايدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا تېخىمۇ كەڭ دىنىي رامكا ئىچىدە قاراشلىرىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان تارىخ قاراشلىرى زامان ۋە ماكان چېگرالىرىنى ھالقىماقتا. بۇ ئىككى قېرىنداش دىنغا نىسبەتەن تارىخ ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ يەردە، تارىخنىڭ چېگرالىرى تېئولوگىيە بىلەن بىرلىشىدۇ.

بۇ كەڭ تارىخ چۈشەنچىسىنىڭ ئەلۋەتتە بۈگۈن بىز ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بىر مەنە ۋە پايدا بولۇشى مۇمكىن. زامانىمىزدا مىڭلارچە يىلدىن بېرى ئايرىم ياشىغاندىن كېيىن پۈتۈن ئىنسانىيەت تويۇقسىزلا يېقىنلىشىپ، قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان ھالەت شەكىللەندى. نۆۋەتتە ھەم بىر – بىرىمىزگە يېقىن تۇرماقتىمىز، ھەم بىر – بىرىمىزگە ياتمىز.

ئەقلىمىزدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىر – بىرىمىزدىن قورقۇۋاتىمىز. بىلىدىغان بىردىنبىر نەرسىمىز قوشنىلىرىمىنىڭ بىر قاتار ئۆلتۈرگۈچى قوراللار بىلەن جابدۇنغان بولۇشىدۇر. نۆۋەتتە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ تەخىرسىز ئىش، بىر – بىرىمىزنى تونۇشتۇر. بۇ بىر – بىرىمىزگە ئىشىنىشنىڭ ۋە بىر – بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئىنساننى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھالىتىگە قاراپ تونۇيالمايمىز. ئۇنى تونۇيالىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ قانداق بولۇپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شەخسلەر توغرىسىدا دېگەن بۇ سۆزلىرىمنى مىللەتلەر، مەدەنىيەتلەر ۋە دىنلار ئۈچۈنمۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنى تونۇش ئۈچۈنمۇ، ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن بىرلىكتە تارىخلىرىنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك.

زامانىمىزدا تارىخ ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم سەۋەبلەر بار. بۈگۈن تارىخنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئىنسان ئىرقى، نەسلى ئارىسىدا ياراشتۇرغۇچى رول ئويناشتۇر. تارىخچى ھەر خىل ئىرقلارنى، ئۇلارنىڭ تارىخلىرىنى بىر – بىرلىرىگە ئۆگىتىش ئارقىلىق يېقىنلاشتۇرالايدۇ.

كۆپلىگەن مىللەتلەر، مەدەنىيەتلەر ۋە دىنلار نۆۋەتتە بىرلا توپلۇق بولۇپ بىرلەشمەكتە. بۇ توپنىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەر بىر مىللەت ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خەزىنىسىنى بېيىتماقتا. ھەر بىرى ئۆز تارىخىنى ئېلىپ كەلمەكتە يەنى ھەر بىرى ئۆز تەجرىبىسىنى ۋە ئۇتۇقىنى ئېلىپ كەلمەكتە. بىر – بىرىمىزنىڭ بۇ ئورتاق خەزىنىگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىمىزنى تونۇشىمىز، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، تارىخچىلار بۇنىڭغا ياردەم قىلالايدۇ.

بەزىدە ئىنسان بىر ئائىلە ھالىتىدە ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ قىيىنلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بۇنداق ئۈمىدسىزلىك پەيتلىرىدە تارىخنىڭ كونا سەھىپىلىرىنى ئەسلەش ئارقىلىق جاسارىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز. مەسىلەن، كونا دۇنيانىڭ غەربىدە ئولتۇرىدىغان مىللەتلەر، بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىيالىدى. ئۇلار رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا پەتھى سايىسىدا يەنى مەجبۇرىي كىرگەنىدى. دەسلەپتە مەجبۇرىي كىرگەن بۇ ئىمپېرىيەنىڭ كېيىنچە سادىق پۇقرالىرىغا ئايلانغانىدى. ئەگەر ئىنساننىڭ ئۇ دەۋردە ئەنگلىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئىمپېرىيەنىڭ چېگرالىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان تامنى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بولسا ئىدى، ئۇ يەردە چوقۇم ئاناتولىيەدىن بارغان ئەسكەرلەرنى كۆرگەن بولاتتى. دۆلەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ئارىسىدىمۇ ئاناتولىيەلىكلەر بار ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئوخشاشلا ئەنگلىيەلىكلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. ئاناتولىيەدىن بارغان پىروفېسسورلارنىڭ بىرىتانىيەدە، بىرىتانىيەلىك پىروفېسسورلارنىڭ 4 – ئەسىردە ئاناتولىيەدە لېكسىيە سۆزلىگەنلىكىنى تەخمىن قىلىمەن. ئۇ دەۋردە تۇنىسلىق پىروفېسسور ئاگۇستىنغا ئىتالىيەدە – مىلانودا بىر پىروفېسسورلۇق كۇرسى تەكلىپ قىلىنغانىدى ۋە ئۇمۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانىدى. بۇ، ئۇ دەۋردە پۈتكۈل رىم ئىمپېرىيەسى خەلقىنىڭ بىرلا ئائىلە ھالىتىدە بىرلەشكەنلىكىنىڭ پاكىتىدۇر. ئىنسانلىق تارىخىمىزنىڭ بۇ سەھىپىلىرى بۈگۈن بىزگە بىر ئىلھام مەنبەسى بولۇشى كېرەك.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش