ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » دوپپا بايرىمى-ئۇيغۇرلۇق بايرىمىدۇر!

دوپپا بايرىمى-ئۇيغۇرلۇق بايرىمىدۇر!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇريان

ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى مەدەنىيەتتۇر! 

مەڭگۈلۈك تېمىسى: ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تەرەققىيات

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى – «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنيەت بايرىمى» نىڭ قسقارتىلىپ ئاتىلىشى

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى» بولسا «ئۇيغۇرلۇق كۈنى» دىن ئىبارەتتۇر.

مەدەنىيەت بايرىمى – خاسلىقنى قوغدايدىغان ئەڭ كۇچلۇك ئىجتىمائىي قالقان

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» بويىچە قسقارتىلىشى دوپپىنىڭ ئۇيغۇر ئومۇمىي مىللىي مەدەنىيىتىگە نسبەتەن سمىۋوللۇق رولىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى، باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلىق بولۇشى، ئۆزگە مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقىدە كۆزگە ئاسان چىلىقىشى، ئىلىپ ۋە كىيىپ يۈرۈشكە ئەپچىل بولغانلىقى، بارلىق مىللەت ئەزالىرىغا ئورتاق بولۇشى، شۇنداقلا چىرايلىق ۋە ئۆزگىچە نۇسخىلىق بولۇشى – دوپپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمىغا ۋاكالىتەن ئومۇملىششىدىن ئىبارەت كونكېرت ئامىل بىلەن تەمىن ئەتكەن. «ئۇيغۇرلۇق كۈنى» بولغان دوپپا بايرىمى كۈنىدە تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەر ئىمكان دائىرىسدە تەشەببۇس قىلىنغان:

1) پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈن بولسمۇ دوپپا كېيىپ (مۇمكىن بولسا بارلىق مىللىي كىيملەرنى تولۇق كېيىش تېخىمۇ ئەۋزەل) ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئورتاق بىر مەدەنىيەتكە تەۋە بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا  بىلىشى، ئورتاق مەدەنىيەت ئاستىغا ئۇيۇشۇشى ۋە بۇنى باشقا مەدەنىيەت ئەھلىگە بىلدۇرۇشى دوپپا بايرىمىدا قىلىدىغان ئەقەللىي مەدەنىيەت تەبرىكىدۇر.

2) مىللىي مەدەنىيەت مۇھاكىمە يېغىنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە نەتىجىلەرنى كەسپ ئەھلى ئارا ئورتاقلىشىش ۋە ئاممىغا ئىلان قىلىش (بۇلار ئاساسلىقى مەدەنىيەت تارماقلىرى، مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرى، مېدىيا-ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەۋسيە)

3) «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئارقىلىق ئومۇمىي ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ھەر بىر قسمى ۋە مەزمۇنى ئۈچۈن ئورۇن بىرىش، ئۇيغۇر قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق ئىدىيسى، ئۇيغۇر سەنئىتى، يىمەك-ئىچمەكلىرى، كىيم-كىچەكلىرى، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيسى، ئۇيغۇر مىللىي سانائىتى ۋە تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن  يەرمەنكە، سۆھبەت، مۇسابىقە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» نى تەبرىكلەش. (بۇ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بايرىمى) خىزمەت گۇرۇپپسىغا تەۋسيە بولۇپ، كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.)

4) ھەر بىر ئۇيغۇر «ئۇيغۇرلۇق كۈنى» بولغان ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىدا ئاتا-ئانسىغا، ئۇستازلىرىغا، ياخشى كۆرىدىغان ئنسانلىرىغا، يېقىن دوستلىرىغا سالام يەتكۇزۇش ۋە ئەھۋال سوراش ۋە يوقلاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

5) بۇ كۇنى چوقۇم ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئېقتساد، ئىجتىمائىي مۇناسۋەت تەرەققىياتى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ۋە تەجرىبە يەكۇنلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

6) بۇ كۈنى ھەر بىر ئۇيغۇر كەم بولغاندا ئۆزى ۋە باشقا مەدەنىيەت خەلقى ئۈچۈن بىر قېتىم ياخشى ئىش قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسلەن: ئاجىزلارغا ياردەم بىرىش، بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىش ۋە يول كۆرستىش…

7) ھەر بىر ئۇيغۇر بىر كۈن بولسمۇ ئۆزى ۋە باشقا ئنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئوغىرلىققا ئوخشاش ھەر قانداق قانۇنسز ۋە جىنايى قىلمىشتىن، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش، تۆھمەت قىلىش، غەيۋەت قىلىش، ئۇرۇش-جىدەل قىلىش ۋە سەمىمىيەتسزلىك قىلىش قاتارلىق بارلىق قىلمشتىن چەكلىنىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

8) ھەر قايسى يۇرتلاردا مەدەنىيەت مەشرەپلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۇزۇلۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، باشقىلارغا تۇرمۇشنىڭ گۇزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئېسل روھى بىلدۇرۇلىدۇ. (بۇ مەدەنيەت تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشپ ئۆتكۇزىدىغان پائالىيەتتۇر.)

دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى – مىللىي كىملىكنى تىرىلدۇرۇش ھەرىكىتىدۇر!

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى – قانۇنى ۋە زامانىۋىي بولغان مەدەنىيەت ھادىسسى. شۇڭا ئۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، چۈشۇنۇش ۋە ئۆز-ئارا ھۇرمەتتە ياشاشقا پايدىلىق.

2009-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە تاھىر ئىمىن ئەپەندى تەشەببۇسىدا ھەر ساھە زىيالىيلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئىلغار ياشلارنىڭ كۇچلۇك ئاۋاز قوشۇشى بىلەن دوپپا بايرىمى خىزمىتى ئشلىنىپ، تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئىلىپ بىرىلدى. ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە تەشۋىقات خىزمىتى ئشلەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئەسردىكى مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىگە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈرتكە بولدى.

مەرھۇم ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، تۈرمىدىكى ئۇستازلاردىن ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇرىھىم ھىيىت، ئابدۇبەسر شۇكۇرى، دوپپا پىدائىيلىردىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن، مەھبۇس نۇرمۇھەممەدجان قاتارلىقلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئىلىم ئەھلى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى روياپقا چىققان ئىدى. يېڭى بىر كۇچ ئىزدەۋاتقان ياشلارغا قايتا ھاياتى كۈچ، ئشەنچ ، قىزغىنلىق ۋە كۇچلۇك كەيپىيات بەخش ئەتتى.

2010-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەندى. دوپپا بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاتالمىش «ئىچكىرى ئۆلكىلەر] دە ياشاۋاتقان يۇز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىلغار ۋە مەدەنىيەتسۆيەر ئۇيغۇرلار ئارسىدا تۇرلۇك شەكىلدە مەدەنىيەت-سەنئەت تەبرىكلەش پائاليەتلىرى ئۆتكۇزۇلۇپ كۇچلۇك قىزغىنلىق ئاساسدىكى يۇرت، ئىجتىمائى ئارقا كۆرۇنۇش، جىنس، ياش، بايلىق ئايرىماستىن بىردەك ھالدا كىملىك ۋە بىرلىكىنى كۇچەيتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. شۇنداقلا ئۆزىنى باشقا مەدەنىيەت ئىگىلىرىگە تونۇتۇش ھەرىكىتى قوزغالدى. دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدا دوپپا بايرىمىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا كۆرستىدىغان تەسرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلدى.

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى – ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى مەنبە قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى نشان قىلغان، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەبرىكلىنىدىغان تولۇق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بايرامدۇر.

ئۇيغۇرلاردا قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن، غۇلجا، تۇرپان ۋە قۇمۇل شەھەرلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر دوپپىچىلىقى قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنداقلا دوپپا ھۇنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەچچە ئون مىڭ ئائىلە كىشلىرىنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن بازارنى جانلاندۇرۇشتا قايناق مۇھىت ياراتتى. ئۇيغۇر مىللىي ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن ئاساسى سوۋغات بويۇمى قاتارىدا رايون ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىك ساياھەت ئىدارىلىرى ۋە مەدەنىيەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ تاشقى كىملىكى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋغىتى سۈپىتىدە چەتئەللىك ئەزىز مىھمانلارغا دوسلۇقى ۋە ھۇرمىتىنى بىلدۇرىدىغان ئالاھىدە تارتۇق رولىنى مۇستەھكەملىدى.

ۋەتىنىمىزدە دوپپا بايرىمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئاتالمىش «دۆلەت قانۇنى » ئېتىراپ قىلغان ۋە نورمال ئنسانىيلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قسمى بولغان ئۇيغۇرلۇقتىن، ئۇيغۇر مەدەنيتىدىن ۋاز كەچكەن، چۈشەنمەيدىغان، ئۇيغۇرنى كەمستىدىغان ۋە ئۆچ كۆرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ساندا ئىدى، بۇنىڭ ئارقا كۆرۇنۇشلىرى ئۇيغۇرلۇق تەربىيسىنىڭ يتەرسزلىكىدىن ئىدى.

پۈتۈن ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ دوپپا كەيمەيدىغانلار بار. «دوپپا» ۋە باشقا مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى بىلمەيدىغان ئەۋلاتلارمۇ كۆپ.

شۇنداق ئىكەن مەدەنىيەت ئارقىلىق تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يولىنى ئېچىش، ياشلارغا ۋە كىينكى ئەۋلاتلارغا ئېسل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەتكۈزۈش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر.

دوپپا-ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، ئەمما كىچىكلىتىلگەن جەۋھىرىدۇر.

دوپپا كەيمىگەنلەر ئۇيغۇر ئەمەس دىيەلمەيمىز، ئەمما دوپپا ئارقىلىق مىللىي كىملىكىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۇچەيتەلەيمىز. چۇنكى ئۇ بىزنىڭ تاشقىي كىملىكىمىز ۋە مەدەنىيەت ئەلچىمىزدۇر.

دوپپا بايرىمى-ۋەتەندە ئۇيغۇر مىللى روھىنىڭ ئىشپ بېرىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسرى ۋە رولى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەندىشگە سالدى. 2013-يىلدىن باشلاپ، بارا-بارا تۈرلۈك ئۇسۇلدا دوپپا بايرىمىغا قارشى چاقىرىق ۋە ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. چوڭ تىپتىكى دوپپا بايرىمى پائالىيتىنى چەكلىدى. ئۇنىۋېرستېتلاردا چەكلىدى، ئەمما رەسمى شەكىلدە 2017-يىلدىن باشلاپ چەكلىدى. 2018-يىلى بولسا، دوپپا كىيىپ مېڭىش، ئۆزىنى ئۇيغۇر دېيش ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى.

ئەمما بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش ئارقىلىق، چەتئەللەردە كىملىكىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن بىرلىكتە تېرىشىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاگىنتىلىقى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش