ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » قوش تىللىق ئوقۇتۇش توغرىسىدا قاراشلىرىم

قوش تىللىق ئوقۇتۇش توغرىسىدا قاراشلىرىم

hb7b69p4h9-FID4[1]ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم

مائارىپ – ھەممە ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ، تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولغاچقا ، مائارىپقا تورداشلار بەكمۇ جىددى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش بولسا مىللى مائارىپنىڭ سۈپەت ۋە تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسى تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى، شۇڭا تورداشلار «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش توغرىسىدا بەس مۇنازىرلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. مەن بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان تورداشلارنىڭ مەزكور توردا ئوتتۇرغا قويغان «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى ھەر خىل كۆز قاراشلىرىنى ئاساسەن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ «ئاتۇشتا مايسا تارتىپ ئۆستۈرۈلمەكتە»، «بالىڭىزنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىسىز!!!» قاتارلىق يازمىلارنى ئىنكاسلار بىلەن قوشۇپ ئەستايىدىل ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن؛ تولۇق بولمىسىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشدىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار بولىۋاتىمەن؛ پۇرسەت بولسىلا مۇناسىۋەتلىك خادىملار (رەھبەرلەر)غا، قاتناشقان يىغىن-سۆھبەتلەردە پىكىر، تەكلىپلىرىمنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن.
تۆۋەندە، نۆۋەتتىكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئۈچ نوقتا بويىچە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىرىنچىدىن، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىم بولمىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، يوقۇرىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنىڭ روھىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغانلىقىم سەۋەپلىك كۆز قاراشلىرىمنىڭ تامامەن توغرا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى ناتايىن، تورداشلاركۆرۈپ باقسا ، “ئانچە-مەنچە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە” – دەپ قارىسا، پايدىلانسا بولىدۇ، مانا بۇ مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلاش ۋە تورغا يوللاىشتىكى ئاساسى مەقسىتىم.
بۇ يازمىنىڭ مەزمونىنى توغرا چۈشىشىنىش ئۈچۈن تورداشلارنىڭ ئالدى بىلەن «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەن بۇ يەردە دەۋاتقان «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ھەرگىزمۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى («قوش تىل» ئوقۇتۇشى) ئەمەس. «”قوش تىللىق”ئوقۇتۇش» دىگىنىمىز- بىرخىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ- ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە نىسپەتەن ئېيىتقاندا ئەسلى ئاناتىلدا ئوقۇتۇلىۋاتقان دەرسلەرنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە خىلىنى (ھەرگىزمۇ ھەممىسىنى ئەمەس) خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش، قالغانلىرىنى ئاناتىلدا ئوقۇتۇشقا قارتىلغان. «قوش تىل» ئوقۇتۇشى بولسا ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت. ھازىر «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش» نى «”قوش تىل” ئوقۇتۇش» ھەتتا «”قوش تىللىق” ئوقۇتۇش» دەپ ئاتاپ، «”قوش تىللىق” ئوقۇتۇش» چۈشەنچىسىى بەكلا قالايماقانلاشۇرۇۋىتىلدى. شۇڭا بۇ توغرىسىدا سۈز بولغاندا ئالدى بىلەن «”قوش تىللىق” ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «خەنزۇ تىل ئوقۇتۇشى»مۇ دىگەننى ئېنىق ئايرىۋېلىش كېرەك،

1. نۆۋەتتىكى«قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ

جاۋەپ: «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش تەدرىجى ھالدا ئىزغا چۈشىدۇ.
ئىنچىكىلەپ ئەسلەپ، كۈزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، موشۇ 10 يىلنىڭ بۇياقىدىكى، بولۇپمۇ 2010- يىلى كۈزدىن بۇيانىدىكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت،بەلگۇلىمە، تەلەپلىرى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن قارىغاندا، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش تەدرىجى ھالدا جەزمەن ئاساسى جەھەتتىن ئىزغا چۈشىدۇ. مېنىڭ بۇنداق خۇلاسە قىلىشىمدا تۆۋەندىكىدەك ئاساسلىرىم بار:

1). ئاپتونوم رايوننىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگۇلىمىسىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. يەنى ئاپتونوم رايۇن 2003- يىلى 3- ئايدا 2- نومۇرلۇق ھۆججەتنى («‹ قوش تىللىق› ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش توغرىسىدا قارار») نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىڭ«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ھۆججەتتە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ئۈرۈمچى، قۇمۇل قاتارلىق شەھەرلەردە 2005- يىلى كۈزدىن باشلاپ، قالغان ۋىلايەت، شەھەرلەردە 2007- يىلى كۈزدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 3- يىللىقىدىن ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، 2011 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايۇن بويىچە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىردە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى؛ 2010- يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايۇن بويىچە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىردە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، 2020- يىلى قىلىپ بېكىتتى؛ ۋاھالەنلى، 2010- يىلى كۈزدىن بۇيان« قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ كونكىرىت تەلەپلىرىدە يوقىرىقى ۋاقىت تەلىپىگە مۇناسىپ بولمىغان ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ، لېيكىن ۋاقىت توغرىسىدا يېڭى ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلمىدى، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ؛

2). « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قارىتا تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى. يەنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوججەتلىرىدە ۋە رەھبەرلىرى ئىزچىل تۈردە « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ۋە ئۇنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىلا تەلەپلەرنى ئورتىغا قويۇپ كەلگەن، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈستىدە بولسا ئېغىز ئاچماي كەلگەن ئىدى، لېيكىن 2010- يىلى كۈزدىن باشلاپ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قارىتا تەلەپنى ئورتىغا قويدى، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكىرتارى جاڭ چۇنشەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىلەر مۇناسىۋەتلىك يىغىن ، قوبۇل قىلىش،ئۇچرىشىشلاردا « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ” پائال، پۇختا، ئۈنۈملۇك قانات يايدۇرۇش” (积极,稳妥,有效开展) تەلىپىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى (بەزىدە “جايلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن” دىگەن سۆزنىمۇ قوتتى )، جايلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش پىلانلىرىغا بۇ سۈپەت تەلىپىنى ئېنىق قىلىپ كىرگۈزدى (مەسىلەن، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى). بۇ تەلەپتىن، « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىسا « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويمىسىمۇ بولىدۇ (ھېچ بولمىغاندا، ۋاقىتلىق)، دىگەن مەنا كېلىپ چىقىدۇ؛

3). ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات مەزمونلىرىدا چوڭ پەرىق بار ،2003- يىلىدىن 2010- يىلىنىڭ ئورتىسىغىچە بولغان ئالتە- يەتتە يىل جەريانىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا (تېلۋىزىيە، رادېئو، گېزىت- ژۆرنال قاتارلىقلاردا)، مائارىپ يىغىنلىرىدا « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان (ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتقان دەرسلىرىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلىپ) ۋە « قوش تىللىق» ئوقۇتۇش دائىرىسىنى مەجبورى كېڭەيىتكەن تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. لېيكىن، 2010- يىلى كۈزدىن بۇيان « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئەمەس بەلكى « قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى (خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى)، بولۇپمۇ بالىلار باقچىسى ۋە تەييارلىق سىنىپلارنىڭ « قوش تىل» تەربىيىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئەمەس بەلكى « قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى كۆپلەپ كۆزدىن كەچۈرىۋاتىدۇ؛ بۇ تۈرگە دۆلەت، ئاپتونوم رايون ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، يىلمۇ-يىل نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەۋاتىدۇ؛……

4). « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ(باشقا جايلاردا قانداق بولىۋاتىدۇ، بىلمىدىم، لېيكىن قۇمۇلدا شۇنداق)، يەنى، 2010- يىلى يازدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جايلار 9- ئايدىن باشلاپ بارلىق دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇپ، تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئاناتىلدا قوشۇمچە دەرس قاتارىدا 3-2 سائەت ئوقۇتۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى، بۇنى « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ “3- خىل ئەندىزىسى” (第三模式) دەپ ئاتىدى ( ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئەمەس،بەلكى بىر خىل تىلدا ئوقۇتۇش _ يەنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ ئىككىنچى بىرخىل شەكلى بولىدۇ)، لېكىن 9- ئايدا بۇ خىل ئورۇنلاشتۈرۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پەقەت ماتېماتىكا، ئىلىم پەن، ئىدىيە- ئەخلاق دەرسلىرىنىلا خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش تەلەپ قىلىندى، 2011- يىلى 9- ئايدا پەقەت ماتېماتىكا دەرسىنىلا خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش تەلەپ قىلىندى، ئىلىم پەن، ئىدىيە ئەخلاق دەرسلىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش تەلەپ قىلىنمىدى ۋە شۇ بويىچە ئەمەلىلىشىۋاتىدۇ؛

2 . «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى قانداق يولغا قويسا بولىدۇ

1992- يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويغىلى 20 يىل بولدى، ئالدىنقى 10يىلدا سىناق قىلدۇق، كېيىنكى 10يىلدا دائىرىنى كېڭەيىتتۇق ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا ئىزدەندۇق، تىرىشتۇق ، لېكىن ئىزدىنىش، تىرىشىشلىرىمىز قايتا قايتا ئىشقا ئاشمىدى، شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بۇ جەرياندا خېلا ئۇبدانلا بەدەل تۆلىدۇق، يەنى- « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ شەرت- شارائىتى ھازىرلانمايلا مەجبورى يولغا قويغان جايلاردا ئوقۇغۇچىلار نورمال ئوقۇتۇش شارائىتىدا ئۈگىنىشكە تىگشلىك بولغان بىلىملەرنى تولۇق ئۈگىنەلمىدى، بۇ- جەزمەن ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ….. ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىنىڭ روھى تولۇق ئەمەلىلەشمەي كەلدى،ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى20 يىلچىلاپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈش- باھالاش ئەندىزىسىنىمۇ تۇرغۇزالمىدى، بۇ- ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاساسى مەسئوللىرىنىڭ ئوبرازىغا جىددى تەسىر يەتكۈزدى ،…. شۇڭا 20 يىللىق تەجرىبە- ساۋاقلارنى (ساۋاقنى جەزمەن ئېتىراپ قىلىش كېرەك!!!) ئەستايىدىل يەكۈنلەش، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى قانداق يولغا قويغاندا ئىلمى بولىدىغانلىقى، مائارىپ قانونىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ رىيالنى ئەمەلى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولىدىغانلىقى، مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى، خەلق رازى بولغان مائارىپ (人们满意的教育) ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە جىددى ئويلىنىش ۋاقتى بولدى، بۇ مەسىلىنى يەنە كەينىگە سۈرۈۋىرىشكە بولمايدۇ،- دەپ قارايمەن.
سىناق باسقۇچىدىكى ئالدىنقى 10يىلدا «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ياخشى باشقۇرۇلدى، ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتى يوقىرى بولدى (بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق، 1984- يىلىدىن باشلاپ ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتېھانىنىڭ تەبىئىي پەنلەر سۇئاللىرى خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىلگەندىن كىيىن، 2000- يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان 20 يىلغا يىققىن ۋاقىت ئىچىدە قۇمۇلدىن ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا نەتىجىسى 60 تىن ئاشقان بىرمۇ مىللى ئوقۇغۇچى چىقمىغان ئىدى، ھازىر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا نەتىجىسى 90 دىن ئاشىدىغانلارمۇ خېلى كۆپۈيۈپ قالدى). شۇڭا ئۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا، قىزغىن قوللىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ، نىشانىغا ئايلانغان ئىدى (قۇمۇلدا ئۇدا 10-9 يىل بىر«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپغا 50 ئەتىراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغاندا 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ باردى ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغانلار سانى يىلمۇ-يىل كۆپىيىپ باردى)……
بۇ دەۋىردە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش نىمە ئۈچۈن كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ماختىشىغا، قوللىشىغا سازاۋەر بولدى، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى؟ مېنىڭ قارىشىمدا بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: (1)، ئىختىيارلىق پىرىنسىپى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش سىنىپىدا ئوقۇش ياكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىدا ئوقۇش تامامەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىختىيارىدا بولدى، ھېچكىمنى ھېچكىم مەجبورلىمىدى؛ (2)، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىدا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئېمتىھان ئارقىلىق خەنزۇ تىلىدا سۆزلەنگەن دەرسنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، چۈشەنچىسىنى خەنزۇ تىلىدا ئاددى قىلىپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان دەرىجىدە خەنزۇ تىل ئاساسىنى ھازىرلىغانلار تاللىنىپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى قىلىنغان ئىدى، شۇنى كېسىپ ئەيتىش كېرەككى، بۇ نوقتا «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشتىكى ھەم مۇھىم ھەم زۆرۈر شەرت، بۇ شەرت- شارائىت ھازىرلانماستىن تۇرۇپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىلسا، بۇ ئوقۇتۇش جەزمەن باشقا چىقمايدۇ؛ (3)، ئوقۇغۇچىلار ئاناتىلىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى تولۇق پۈتتۈرگەچكە ئانا تىل ۋە يىزىقىدا پۇختا ئاساس سېلىۋالغان ھەم ئۇلاردا مۇناسىپ ھالدا ئانا تىلدا تەپەككۈر ئىقتىدارى يىتىلگەن ئىدى؛ (4)، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئاز ھەم سىناق مەزگىلى بولغاچقا جايلارمۇ، مەكتەپلەرمۇ ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قارىغان، شەرت- شارائىتنى ياخشىلىغان، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى…..

كېڭەيتىش باسقۇچىدىكى كېيىنكى 10 يىلدا (2002-يىلىدىن 2012- يىلىغىچە) ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چالا ساۋات قېلىشى، ئوقۇشتىن بىزار بولۇشى، كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقى يىلمۇ- يىل كۈچىيىپ باردى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يوقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە داۋاملاشتۇرۇش مۈمكىن بولماي قالدى ۋە باشقىلار…… بۇنداق بولىشىنىڭ سەۋەبى نەدە؟
مىنىڭ قارىشىمدا بۇنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: (1)، زور كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىل ئاساسى سەۋىيىسى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىدا ئوقۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ ياكى قەتئى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەپلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىگەن دەرسىنى ئوقۇغۇچى چۈشەنمەيدىلا ئەمەس، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمىدى-دە، شۇ سەۋەپلىك ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن زېرىكتى، بىزار بولدى، نەتىجىدە ئوقۇتقۇچىمۇ دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالدى (2005- يىلى قۇمۇل شەھرىدە شەھەر ۋە شەھەر ئەتىراپىدىكى تۆرت مەكتەپتە شۇنداق بولدى)، يىغىپ ئېيتقاندا «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قۇيۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى تولۇق ھازىرلانمىغان؛ (2)، ھازىرقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپىدا ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ماسلىشىپ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۈگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۈگىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى، لېيكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۈگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمىدى ھەم چىقالمايدۇ؛ (3)، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ يىتەرلىك ساندىكى لاياقەتلىك بولغان «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىرلانمىدى؛ (4)، ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ خېلى كۆپ ساندىكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى باشقۇرغۇچى خادىملار، ھەتتا بىرقىسىم سىياسەت بېكىتكۇچى رەھبىرى خادىملار «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ۋە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ ” ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش” (بىر پۈتۈن مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش) تىن ئىبارەت تۈپ مەقسىدىنى توغرا چۈشەنمىدى، يەنى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى “خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى”، دەپ قارىدى(ھازىرمۇ شۇنداق دەپ قاراۋاتقانلار ئاز ئەمەس)؛ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ مەقسىدىنى بولسا “ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنى تېز ئۆستۈرۈش”، يەنى ئوقۇغۇچىلارنى «ئانا تىلدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» (民汉兼通) قىلىش، دەپ چۈشەندى ۋە ” بۇ تىل ئۈگىنىش مەسىلىسى، شۇڭا دەرسخانىدا خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشنىڭ مۇھىتىنى ياراتساق ھەم تىل ئۈگىنىشكە بېسىم يۈرگۈزسەكلا، بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ”- دەپ قارىدى( ئەمەلىيەتتىمۇ پەقەت خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشلا مەقسەت قىلىنسا،ئازراقمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان بىر ئادەمنى ساپ خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئارسىدا مەجبورى بىر يىللا تۇرغۇزسا، ئۇ ئادەم خەنزۇ تىلىنى پۇختا ئۈگىنىپ بولالايدۇ )؛ (5)، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىنمىدى (بولۇپمۇ ئاساسى قاتلامدا)، تەكشۇرۇپ- تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىلمىدى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئۈستىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا سەل قارالدى، 20 يىلچىلاپ ئۇنى تەكشۈرۈپ- باھالاشنىڭ ئەندىزىسىمۇ تۇرغۇزۇلمىدى؛……
يوقىرقى نوقتىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنىڭ تۇپ سەۋەبى- «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقى؛ كونكىرىتنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىلمىي بولمىغانلىقى؛ مائارىپ قانونىيىتىگە ئەمەل قىلىنمىغانلىقى؛ شىنجاڭنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى، شەرت- شارائىتى تولۇق نەزەردە تۇتۇلمىغانلىقىدىن- دەپ، قاراشقا بولىدۇ.
ئۇنداقتا «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى قانداق يولغا قويغاندا مىللى مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى، خەلق ھەقىقى رازى بولغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ مەن 1994- يىلىدىن 2006- يىلى 10- ئايغىچە پۇتۇن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشىنى باشقۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا كونكىرىتنى يىتەكچىلىك قىدىم، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىدىن كەسپى خەنزۇ تىلى دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ بەردىم، بۇ دەرسلىكلەر 10 يىلدىن ئارتۇق قوللىنىلدى؛ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان بارلىق مەكتەپلەردە ، بارلىق «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى دەرسلىرىنى، كەسپى خەنزۇ تىلى دەرسلىرىنى ئاز دىگەندە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ 2-1 سائەت، كۆپ بولغاندا نەچچە 10 سائەت دەرسىنى ئەستايىدىل، خاتىرىلىك ئاڭلىدىم ( ئاڭلىغان دەرس يىلدا نەچچە 10 سائەت، بەزى يىللىرى 100 سائاتتىن ئاشىدۇ)، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ مەسئوللىرى بىلەن مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ باردىم، ئۇلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ھەل قىلشغا ، توسالغۇلىرىنى يىڭىپ بېرىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ باردىم؛ ماتېماتىكا قاتارلىق كەسپى پەنلەردىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئېمتىھانلىرىنى ئېلىپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى، ئادەتتىكى سىنىپ ، خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ نەتىجە ئانالىزلىرىنى ئىشلىدىم، … «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش توغرىسىدا يۇزە بولسىمۇ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردىم. شۇڭا مېنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش توغرىسىدا پىكىر قىلىشقا ئازراق بولسىمۇ سالاھىتىم بار- دەپ، قارايمەن. مېنىڭچە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشتا جەزمەن ئالدىنقى 20 يىللىق ئەمەلىيەتكە، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، سۈپەتنى ئۆلچەم قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك. شۇندىلا «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش- خەلق رازى بولغان ئوقۇتۇش بولىدۇ.

گەپنى يىغىنچاقلىساق، مېنىڭچە«قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ يولغا قويسا ۋە تەبىئي پەنلەر خەنزۇ تىلىدا، ئىجتىمائىي پەنلەر ئانا تىلدا ئوقۇتۇلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ كۈلىمى جەھەتتە، خەنزۇ تىل دەرسىنىڭ سۈپىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ كۈلەم داۋاملىق كېڭىيىپ بارسا بولىدۇ، مەكتەپلەردە يەنە ئانا تىلدا ئوقۇتۇلدىغان سىنىپلار ساقلىنىپ قىلىشى، ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بىلەن «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تەڭ مەۋجۇت بولىشىغا يول قويۇش كېرەك. قايسى سىنىپتا ئوقۇش مەسىلىسىنى ئوقۇغۇچىنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيىسى، ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئوقۇغۇچى ئاتا ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ، بۇ نوقتىدا ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى مەجبورلىماسلىق كېرەك.

باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. لىيكىن، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنى قوللىمايمەن. بۇنىڭ سەۋەبى: (1)، نەچچە قارار دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىزچىل تۈردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئۈگىنىش يۈكىنى يىنىكلىتىش مەسىلىسىنى تەكىتلەپ كەلدى، ئانا تىلىنى ئەندىلا ئۈگىنىۋاتقان بىر 7-6 ياشلىق بالا ئانا تىل – يېزىقىنىڭ ھەرىپلىرىنى، ھەرىپلىرىنى قوشۇپ ئوقۇش، يېزىشنى ئۈگىنىشى كېرەك، يەنە خەنزۇ تىلىنى ئۈگىنىشى، خەنزۇ تىلىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن پىنيىننى ئوقۇش ، يېزىشنى ئۈگىنىشى كېرەك، بۇنىڭغا ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا ئۈگىنىش قوشۇلسا ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش يۇكى ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىرلاپ، چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ-دە، ئۈگىنىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ ، قۇمۇلدا شۇنداق بولغان ئىدى. يەنى، 2001- يىلى ۋىلايەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن قۇمۇل شەھرىدىكى شەرت – شارائىيى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان ئىككى مەكتەپتە خەنزۇ تىل ئاساسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ، ھەر بىر مەكتەپتە بىردىن «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىلىپ، ماتېماتىكا دەرسى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلدى، ئۈگىنىش يۇكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىككىنچى يىلنىڭ ئاخىرىغا، بولۇپمۇ ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە ئەسلىدىكى شوخ، جانلىق، تېتىك، جۇرئەتچان بالىلارنىڭ خارەكتىرى ئۆزگىرىپ، جىمغۇر، جۇرئەتسىز، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قىزىقمايدىغان، ئوقۇشتىن باشقا ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان، ئىچ مىجەز خارەكتىر شەكىللەندى.. يەنى، ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا جىددى تەسىر يەتتى؛ (2)، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا خەنزۇ يولداشلاردا ئېنگىلىز تىلى قىزغىنلىقى يوقىرلاپ ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ياكى ئەندىلا تۇشقان باللىرىنى بىۋاستە ساپ ئېنگىلىز تىلى يەسلىلىرىگە (ياكى كورسلىرىغا)، «ئىسىلزادىلەر» مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. موشۇنداق ئەھۋالدا خەنزۇ ئالىم ۋە مائارىپ شۇناسلار « جۇڭگۇ مائارىپى گېزىتى»، « جۇڭگۇ مائارىپى» ژۈرنىلى قاتارلىقلاردا يوقۇرى سەۋىيىلىك تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، بەس- مۇنازىرىنى قانات يايدۇردى. ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاخىرقى خۇلاسىسى – بالا ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىل- يىزىقىنى پوختا ئىگىلىشى، ئانا تىلى بويىچە بەلگۈلىك تەپەككور ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۈگىنىشىگە، ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ، دىگەندىن ئىبارەت بولدى. مەن كۆرگەن ماتىرىياللارغا قارىغاندا، بۇ خۇلاسە- خەلقئارادىمۇ بىرلىككە كېلىنگەن خۇلاسە ئىكەن. مېنىڭچە، بۇ خۇلاسە جۇڭگودىمۇ بارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ماس كېلىدۇ.

3. باللىرىمىزنى قانداق ئوقۇتساق ياخشى بولىدۇ

باللىرىمىزنى قانداق تەربىيەلىسەك، قايسى مەكتەپتە ئوقۇتساق ياخشى بولىدۇ؟ قانداق ئوقۇتساق ياخشى بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ئۈگىنىشى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشى ئورتىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلساق ياخشى بولىدۇ؟… قاتارلىق مەسىلىلەر بولسا، نۆۋەتتە ياش ئاتا ئانىلارنىڭ (بوۋاي- مومايلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئالدىغا قويولغان، ئەستايىدل ئويلىنىشقا، ياخشى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە. بەزى ئاتا ئانىلار باللىرىنى ئاناتىلىدا ئوقۇتۇدىغان مەكتەپلەردا ياكى شۇ مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاتا ئانىلار باللىرىنى خەنزۇ تىلىدا(خەنزۇ مەكتەپلىرىدە) ئوقۇتۇۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى، مەن ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن( لېيكىن، يەنە شۇنىمۇ دىمەي بولمايدۇ، قىزلار كەلگۇسىدىكى ئانىلار، پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ يىتىلىشىدە ئانىلارنىڭ ساپاسى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدۇ، يەنى پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئانىلارنىڭ ساپاسى بىلەن زىج مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . شۇڭا قىزلارنى ئاناتىلىدا ئوقۇتۇدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش، ئۇلارغا مىللەتنىڭ ئۆرپە – ئادەتلىرى ، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆلچەملىرى، ئىسىل مىللى ئەنئەنىلرىنى تولۇق سىڭدۈرۈش ،….. لازىم، موشۇنداق قىلىش قىزلارنىڭ شۇ مىللەت ئىچىدىكى لاياقەتلىق ئانا بولۇپ يىتىلىشىگىلا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، كىيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىشىغىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ مېنىڭ ئۇزۇن مەزگىل، كۆپ تەرەپلىمە كۈزىتىش، ئىنچىكە ئويلىنىش، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشتىن كىلىپ چىققان كۆزقارىشىم، توغرىمۇ-يوق، ئاتا ئانىلار ئۆزلىرى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ). لېيكىن يەنە نۇرغۇن ئاتا ئانىلار باللىرىنى قايسى مەكتەپكە بىرىش، قانداق ئوقۇتۇش مەسىلىسىدە تىڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ، مەزكۆر تۇردا بىرىلگەن «بالىڭىزنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىسىز!!!» قاتارلىق تېمىلاردىكى يازمىلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئىنكاسلاردا بۇ مەسىلە ئورتىغا قويۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا مەندىن بىۋاستە مەسلىھەت سورايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ مەسىلىگە قارىتا تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ شەخسى قارىشىمنى قىسقىچە ئورتىغا قويماقچىمەن، توغرا بولىشى ناتايىن، يولداشلار ئويلىنىپ كۆرسە، مۇۋاپىق دەپ قارىسا، پايدىلانسا بولىدۇ.
مېنىڭچە، مەن يوقىرىدا ئورتىغا قويغان: «بالا ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىل- يىزىقىنى پوختا ئىگىلىشى، ئانا تىلى بويىچە بەلگۈلىك تەپەككور ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۈگىنىشىگە، ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ»-، دىگەن خۇلاسە بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەشنىڭ باشتىن ئاخىرقى يۆنىلىشى بولىشى كېرەك. ھازىر مائارىپتا باللىرىمىزنى موشۇ يۆنىلىش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ پايدىلىق ئامىل ۋە شەرت – شارائىتلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇيەردىكى مەسىلە بىزنىڭ، ئاتا ئانىلارنىڭ ئۇنى بايقاش – بايقىيالماسلىقىمىز ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش – پايدىلنىيالماسلىقىمىزدا . كۆنكىرىتنى قىلىپ ئېيىتقاندا، بالىلارنى يەسلىدە شارائىيىتقا قاراپ ئانا تىلنى ئاساس قىلىپ خەنزۇ تىلىنى ئۈگەتسە بولىدۇ(بۇ توغرىدا ئايرىم توختۇلىمەن). باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاناتىلدا ئوقۇتۇش كېرەك، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بالىنىڭ قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى، خەنزۇ تىلىدىكى سەۋىيىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ ياكى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا، ۋە ياكى «قوشتىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا ئوقۇتسا بولىدۇ، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلار تاللاشتا بىر قارارغا كېلەلمىگەندە، بالىنى ياخشىراق چۈشىنىدىغان، بالىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئوقۇتقۇچىنى مەسلىھەتكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.يەنى، ئەگەر بالىنىڭ ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەردە بەلگۈلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئالى مەكتەپكە ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئىمتېھان بېرىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولسا ياكى خەنزۇ تىلىدىكى سەۋىيىسى چەكلىك بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى بىۋاستە ئاڭلاشنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇ ھالدا ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا ئوقۇتسا ياخشى بولىدۇ(كەلگۈسىدە يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، ئالىم، … قاتارلىقلارنىڭ موشۇ بالىلار ئارسىدىن يىتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ )؛ ئەگەر بالىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى سەۋىيىسى ياخشى بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسنى بىۋاستە ئاڭلاشنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالىسا (بۇ ئالدىنقى شەرت)، ھەمدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئالى مەكتەپكە تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئىمتېھان بېرىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئۇ ھالدا «قوشتىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا ئوقۇتسا ياخشى بولىدۇ.
ئانا تىلى ئۈگىنىش بىلەن خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، يوقىرىدا ئېيىتقاندەك، جەزمەن بالىنىڭ ئانا تىلى ئۈگىنىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش لازىم، بالا مەيلى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇسۇن ياكى «قوشتىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا ئوقۇسۇن ۋە ياكى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا ئوقۇسۇن، ئۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر ئائىلىدە، جەمئىيەتتە جەزمەن ئانا تىلدا سۆزلىشى، ئاتا ئانىلار بۇ تەلەپنى بوشاشماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. بالىنىڭ خەنزۇ تىلىدا چىرايلىق سۆزلىگەنلىكىگە خۇش (مازۇز) بولۇپ، تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا ئانىلار ۋە چوڭلار جەزمەن ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ مىللەتنىڭ ئۆرپە – ئادەتلىرى ، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆلچەملىرى، ئىسىل مىللى ئەنئەنىلرىنى پەرزەنىتلىرىگە تەدرىجى سىڭدۈرۈپ بېرىشى كېرەك؛ يەنە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىلارنى مىللى تىل- يىزىقتىكى بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى، مۇناسىپ بولغان ئەدەبى، تارىخى ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلاردا كېچىكىدىن باشلاپلا كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكىمۇ يىتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
خەنزۇ تىل يىزىقىنى ئۈگىنىش_ «قوش تىللىق» بولۇش، ئىمكان قەدەر «كۆپ تىللىق» بولۇش بولسا دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى. «كۆپ تىللىق» بولغاندىلا ئاندىن كۆپ تەرەپلىمە ئۈچۈر قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى، ئىلغار پەن تېخنىكىسى، …. لىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرالايمىز، كۈچەيتالايمىز، باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايمىز.
ھازىر دۆلىتىمىزدە ئازسانلىق مىللەتلەرگە نىسپەتەن ئېيىتقاندا خەنزۇ تىل- يىزىقىنى ئۈگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكىنى ھەممە ئاتا ئانىلار تەلتۆكۈس ھىس قىلىپ بولدى، بۇ ھەقتە يەنە ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. شۇڭا خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشنىڭ ھەرقانداق پۇرسىتىنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. بالا يەسلى تۇرمۇشىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئۈگەنسە،يەنى ئاڭلاش- سۆزلەشنى مەشىق قىلسا بولىدۇ، بۇ مەزگىل بالىلارنىڭ تىل ئۈگىنىشتىكى ئەڭ ئەلا مەزگىلى (بالىنىڭ ئانا تىلى ئۈگىنىشىگە تەسىر يىتىپ قالارمىكىن- دەپ، ئەنسىرەشنىڭ زۆرۈريىتى يوق، ئەمەلىيەت بۇنى ئىسپاتلىغان)، بۇمەزگىلدە يەنە بالىنىڭ خەنزۇ تىل تەلەپپۇزىنىڭ (发音) توغرا بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى ئامالى بولسا تەلەپپۇزى توغرا ئوقۇتقۇچىنى تاللىسا بولىدۇ(يەسلى ياكى تەييارلىق سىنىپلىرىدا بولسا ئاتا ئانىلار بىرلىشىپ تەلەپ قىلسا بولىدۇ). ھازىر دۆلەت يېزا باللىرىنىڭ شەھەر باللىرىغا ئوخشاش مائارىپتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر پەرزەنىتلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشى(«قوشتىللىق» بولۇشى) ئۈچۈن ناھايىتى كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ(ھەر بىر بالىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپتا نەچچە مىڭ يۈەندىن 10مىڭ يۈەنگىچە)، يېزىلاردا كەينى- كەينىدىن «قوشتىل» تەربىيىسى بالىلار باقچىلىرىنى سېلىۋاتىدۇ؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەسلىدە بىر يىللىق تۈزۈمدىكى تەييارلىق سىنىپلارنى ئىككى يىللىققا ئۆزگەرتىپ،بىر نەپەر ئانا تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىر نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ 6-5 ياشلىق بالىلارنى «قوشتىل» بويىچە تەربىيەلەۋاتىدۇ، بۇ ئاساسەن ئومۇملاشتى. شۇ ئارقىلىق بالىلار بىر يىل بالدۇر مۇنتىزىم تەربىيە قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشىگە ياخشى ئاساس سېلىنىۋاتىدۇ. بۇ تۈر دۆلەتنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە غەمخورلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاتا ئانىلار بۇنى توغرا چۈشىنىشى ۋە بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك، ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. ئاتا ئانىلار دىققەت قىلىپ ياخشى يىتەكلىيالىسلا، بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى بېرىلىپ ئۈگىنىشىنىڭ ئانا تىلى ئۈگىنىشىگە تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ.

ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم – ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، 1946- يىلى 10- ئايدا قۇمۇل شەھرىدە تۇغۇلغان. 1970- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ماتېماتىكا پاكولتېتىنى پۇتتۇرگەن، 1972- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك دارىل مۇئەللىمىن ۋە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقى، مۇۋەققەت مەكتەپ مۇدىرى ؛ 1993- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە ۋىلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا مائارىپ تەتقىقاتچىسى، ئىشخانە مەسئولى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن؛ 2006-يىلى 10- ئايدا پىنسىيەگە چىققان؛ بۇ جەرياندا «شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق كەسپى گېزىت- ژۈرناللاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان؛ ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايون دائىرسىدا 50 مەيداندىن ئارتۇق لىكسىيە سۆزلىگەن؛ «مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق كىتابى (ماقالىلار توپلىمى) نەشىر قىلىنىپ ئوچۇق تارقىتىلغان؛ ئۇ، جۇڭگو ماتېماتىكا ئىلمى جەمئىيىتىىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپنى باھالاش كەسپى كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئىلمى جەمئىيەتنىڭ دائىمى مۇدىرىيەت ئەزاسى؛ قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇدىرىيەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپى؛ ئوتتۇرا مەكتەپلەر ماتېماتىكا ئىلمى جەمئىيىتىىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باشلىقى؛ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر خەنزۇ تىلى ئىلمى جەمئىيىتىىنىڭ پەخىرى باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان؛ ئاپتونۇم رايون بويىچە ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر مائارىپ تەتقىقاتچىسى»، بىرقېتىم « مۇنەۋۋەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان؛ ئۇنىڭ نامى ۋە قىسقىچە ئىش ئىزلىرى«جۇڭگو مۇتەخسسىس ۋە ئالىملىرى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق لوغەت، قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن؛
ئۇ، 1988- يىلى« ئوتتۇرا مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ 2004- يىلى «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» شەرپىگە ئېرىشتى.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=9846&fpage=0&page=1

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش