ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 4-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

4-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

2019- يىلى 5-ماي يەكشەنبە سائەت 11:15 تە ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى يىغىن زالىدا 4-قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمى، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

ئېچىلىش نوتىقىدا ئاكادىمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ۋە بۇ قېتىمقى يىغىن مەخسۇس خىتاينىڭ جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان ئۇيغۇر ئەدىب، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىغا بېغىشلانغانلىقىنى دېدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم «دوتسېنت ئىلھام توختى، پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت ۋە يالقۇن رۇزى» قاتارلىق خىتاي تۈرمىسى ۋە جازا لاگىرلىرىدىكى مىللىي ئاقارتىش جەڭچىلىرىنى يېقىندىن تونۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئويغۇتۇش يولىدىكى پىداكارانە ئىش – ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېچىلىش نوتۇقىدا يەنە ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى رەئىسى دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدە تونۇتۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركىيە تونۇتۇشنىڭ بەك مۇھىملىقى، بۇ تۈر خىزمەتلەردە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، بۇ خىزمەتتە تۈرك ئۇچاغىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى دېدى.

مۇھاكىمە يىغىندا تۇنجى بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقىرى خانىم، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئۇستاز – پىروفېسسور راھىلە داۋۇت» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا، پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت ھەققىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقاتلاردا بولغان ۋە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. راھىلە داۋۇت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە ئىشلىتىشى كىرەكلىكى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىلان قىلغان ۋە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت خانىم 2002-يىلى ماگېستىر ئاسپىرانت يىتەكچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ 2002-2003-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ پىنسىۋانىيە ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئامېرىكادا ئۇيغۇر فولكلور ھەققىدە ئامېرىكىلىك تەتقىقاتچىلارغا كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلاتلارنى بەرگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرى ئۈستىدە ئىشلىگەن. بولۇپمۇ، راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر مازار تەتقىقاتى ھەققىدە ئالاھىدە تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ مازار تەتقىقاتىدا «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي تۇپرىقى ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋاستىلىك قىلىپ ئىلمىي ماقالىلارنى يازغان. ئۇ ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەسىرى كۈچلۈك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، راھىلە داۋۇت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئىلىم ئادىمىدۇر.

ئىككىنجى بولۇپ، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى: ئىلھام توختى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

دوتسېنت دوكتور ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى خەتەرگە قارىماي دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر بىز تورى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى خىتاي خەلقىگە ۋە خىتاي زىيالىيلىرىغا تونۇتقان ۋە ئوچۇق ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كەڭ تەرغىپ قىلغان. دوتسېنت دوكتور ئىلھام توختى خىتاي قانۇنى دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى دوتسېنت دوكتور ئىلھام توختىغا قارا چاپلاپ ناھەق تۈرمىگە تاشلىغان.

ئۈچىنجى بولۇپ، ياپۇنىيەدىن يېقىندا چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، «ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىجادىيىتى ۋە مەنىۋىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئابدۇقادىر جالالىدىن يالغۇز بىر ئەدىب بولۇپلا قالماي، بەلكى تەپەككۇرى كۈچلۈك ۋە پىكىرى كەسكىن بولغان مۇتەپەككۇردۇر. ئابدۇقادىر جالالىدىن ياپۇنىيە ۋە ئەنگىلىيەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، غەرب پەلسەپەسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يەتكۈزۈشكە تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن يەنە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇققان ئەخلاق كىرىزىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن.

تۆتىنجى بولۇپ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، «يالقۇن رۇزى ۋە مىللىي ئاڭ» تېمىسىدا دوكلات سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا ئالدى بىلەن يالقۇن رۇزى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى ئۆتكۈر پىكىرلىك بىر ئۇيغۇر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ قارىشىدا، يالقۇن رۇزى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى ئىجابى ۋە سەلبى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزۈتۈش ۋە بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشتا ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان.

يالقۇن رۇزى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقىنى تونۇپ يېتىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇ، ئۆز مىللىتىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا چۈمدۈرۈپ، بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاشقا تەشۋىق قىلغان.

يالقۇن رۇزى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق ھەق – ناھەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنى تەكىتلەپ، مىللەتنى غورۇرلۇق ۋە ھەقنى قوغداش يولىدا دادىل بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

ئاخىرىدا، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرى» تېمىسىدا دوكلات سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا، ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ مىللەتپەرۋەر بىر سەنئەتچى ئىكەنلىكىنى، ئورۇنلىغان بارلىق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىنىڭ مەناسى تولىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى ئويلاندۇرۇپ مىللەتنى ئويغۇتۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھەر زامان مىللىيچە كېيىنىپ سەھنىگە چىقىپ، يۈرەكنى تىترىتىدىغان دەرىجىدە چالغان دۇتارى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن يەر ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورۇنلىغان ھەر ئىجادى ئەسىرى مىللىي ئۇيغۇرلارنى ئويغۇنۇشقا يىتەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ كۆپىنچە ھاللارداھ ئويچان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ۋە چۇڭقۇر تەپەككۇر بىلەن مەسىلىلەرنى ئىنچىكە ئويلاپ قىلىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يىغىن ئاخىردا، ئاكادىمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يېپىلىش سۆز قىلىدى. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى نوتىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ: خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردە ئېغىر رۇھى ۋە جىسمانىي قېيىن قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقان «دوتسېنت ئىلھام توختى، پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت ۋە يالقۇن رۇزى» قاتارلىق مىڭلارچە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق تەتقىقاتچى زىيالىيلار، بىلىم ئىگىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار، داڭلىق تىجارەتچىلەر ۋە مۆتىۋەر دىنى زاتلارنى شەرتسىز قويىۋىتىشكە تەنبىھلىدى. بۇ خىل شارائىتتا ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ خىتايدىن مۇستەسنا ھۆر ياشىماقتىن باشقا چارەسىنىڭ قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، يېغىندا قىممەتلىك مەلۇماتلارنى سۇنۇپ كۆپچىلىكنى مول بىلىمگە ئىگە قىلغان 4 ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى نامىدىن تەشەككۈر ئېيىتتى.

يىغىندىن كىيىن يېغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ يىغىنغا ئىجابىي پىكىر بەردى ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ يەنە مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش